بىلقۇت تورغا كەلگىنڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمىز!
     
ئورنىڭىز : ئۆگىنىش >> ئىقتىساد >> ئەمگەك ۋە ئەمگەك ئىقتىدارى

ئەمگەك ۋە ئەمگەك ئىقتىدارى

يوللانغان ۋاقتى : 2008-05-18 13:20:08    كۆرۈلۈش سانى : 21  
كىچىك | نورمال | چوڭ             
ئىنسانلار باشقا ھايۋانلارغا ئوخشىمايدۇ. ھايۋانلار پەقەتلا تەبىئىي بايلىقلاردىن پاسسىپ پايدىلىنىدۇ، مەسىلەن، شىر ھايۋانلارنى ئوۋلاپ يېيىشنى ئاساس قىلىدۇ، ئۇششاق ھايۋانلار ئوۋلىنىپ تۈگىسە، شىرمۇ ياشىيالمايدۇ. ئادەم ئوت - چۆپ، زىرائەتلەرنى تېرىيالايدۇ، ھايۋاناتلارنى باقالايدۇ، ئۆزلىرىنىڭ تېرە، يۇڭ، گۆش قاتارلىقلارغا بولغان ئېھتىياجىنى قامدىيالايدۇ. دېمەك، ئادەم ئەمگەك ئىقتىدارىغا ئىگە بولغاچقا، قورالنى ياسىيالايدۇ ۋە ئىشلىتەلەيدۇ، ئەمگەك ئارقىلىق تۈرلۈك مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپچىقىرالايدۇ ۋە ئۆز ئېھتىياجىنى قاندۇرالايدۇ. ئەمگەك ئادەمنى باشقا ھايۋانلاردىن پەرقلەندۈرۈپ تۇرىدۇ. ئىنسانلار ئەمگىكىنىڭ كونكرېت ئۇسۇلى، مەشغۇلات تېخنىكىسى، تەسىر كۆرسىتىش ئوبيېكتى كۆپ خىل بولىدۇ. ئاشلىق تېرىش ئەمگىكى بىلەن تېلېۋىزور ياساش ئەمگىكى كونكرېت شەكلىدىن قارىغاندا ئوخشىمايدۇ، بىراق ماددىي بايلىق يارىتىدىغان ئەمگەكنىڭ ھەممىسى ئادەمنىڭ ئەمگەك ئىقتىدارىنىڭ جارى قىلدۇرۇلۇشى ھېسابلىنىدۇ. ئىنسانلار ياشاۋاتقان تەبىئەت دۇنياسىدىكى تەبىئىي بايلىقلار چەكلىك، ئىنسانلارنىڭ ئەمگەك ئىقتىدارى بولسا چەكسىز بولىدۇ. شۇڭا، كىشىلەر ئەمگەك ئىقتىدارىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، ئىلگىرى كېرەكسىز دەپ قارالغان نەرسىلەرنى كېرەكلىك بۇيۇملارغا ئايلاندۇرالايدىغان، ئىلگىرى قېزىش ئارقىلىق ئېرىشكىلى بولىدىغان نەرسىلەرنى ھازىر سۈنئىي ئۇسۇلدا ھاسىل قىلالايدىغان بولدى؛ ئىنسانلار يەنە ئەمگىكىگە تايىنىپ يېڭى پائالىيەت بوشلۇقلىرىنى ئاچالايدىغان بولدى، مەسىلەن، ئاي شارىغا چىقىش، دېڭىز ئاستىنى ئېچىش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى غايەت زور يوشۇرۇن كۈچكە ئىگە. ئادەمنىڭ ئەمگەك ئىقتىدارى جىسمانىي ئەمگەك ۋە ئەقلىي ئەمگەكتىن ئىبارەت ئىككى قىسىمدىن تەركىب تاپىدۇ. ئادەمنىڭ جىسمانىي كۈچىنىڭ مۇئەييەن چېكى بولىدۇ، ئەقلىي كۈچىنىڭ بولسا تەرەققىيات چېكى بولمايدۇ. ئادەم جىسمانىي كۈچىگە تايىنىپ مىڭ جىڭ ئېغىرلىقتىكى نەرسىنى كۆتۈرەلمەيدۇ، بىراق ئەقلىي كۈچىگە تايىنىپ ياساپ چىققان راكېتا نەچچە توننا ئېغىرلىقتىكى سۈنئىي ھەمراھنى ۋە ئالەم كېمىسىنى ئالەم بوشلۇقىغا ئېلىپ چىقالايدۇ. بۇنىڭدىن ئەقىلنىڭ ئەمگەك ئىقتىدارىنى تەشكىل قىلىشتا ھەل قىلغۇچ رول ئوينايدىغانلىقىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ. ئادەمنىڭ ئەقلى بىلىم ۋە ماھارەتنىڭ ئورگانىك بىرىكىشىدىن ھاسىل بولىدۇ. بىلىم ئادەمنىڭ تەبىئەت ھادىسىلىرى، ئىجتىمائىي ھادىسىلەر ۋە ئادەمنىڭ ئۆزىگە بولغان تونۇشى، ماھارەت بولسا، ئۆزى ئىگىلىگەن بىلىمنى ئەمەلىيەتتە ئىشلىتىشتە ئىپادىلىنىدىغان تېخنىكا مەشغۇلات ئىقتىدارى. ئىشلەپچىقىرىشنىڭ تەرەققىياتى بارغانسېرى ئەقىل ۋە پەن - تېخنىكىنىڭ تەرەققىياتىغا تايانغانلىقتىن، پەن - تېخنىكا بىرىنچى ئىشلەپچىقىرىش كۈچى ھېسابلىنىدۇ. كىشىلەر ئەمگەك ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرىمەن دەيدىكەن، ئەقىل بۇلىقىنى ئېچىش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئەڭ مۇھىم ئورۇنغا قويۇشى كېرەك. شۇڭا، ئەمگەككە ھۆرمەت قىلىدىغان ئادەم چوقۇم بىلىمگە ھۆرمەت قىلىشى، ئەمگەكنى قىزغىن سۆيىدىغان كىشى چوقۇم مەدەنىيەت بىلىملىرىنى ئۆگىنىشى، پەن - تېخنىكىنى قېتىرقىنىپ تەتقىق قىلىشى كېرەك.


 

ئەڭ يېڭى مەزمۇن

يەنەبار

●  ئېلان
●  تاشقى پېرېۋوت ۋە تا...
●  ئەتكەسچىلىك
●  باج
●  ۋاسىتىچى
●  تاموژنا ۋە تامو ژنا...
●  تاۋار ماركىسى ۋە تا...
●  خەلقئارا كىرىم - چى...
●  ۋەيران بولۇش
●  كىمئارتۇق سودىسى
●  خېرىدار چاقىرىش ۋە ...
●  سۇغۇرتا
●  پۇل ئامانىتى
●  پۇل چېكى
●  كرېدىت كارتىسى
●  كرېدىت
●  [ئىقتىسادىي بىلىمل...
●  ئەمگەك ۋە ئەمگەك ئى...
●  ئەمگەك − بايلىقنىڭ ...
●  زايوم

تەۋسىيە ئەسەر

يەنە بار

●  ئېلان
●  تاشقى پېرېۋوت ۋە تاشقى پ...
●  ئەتكەسچىلىك
●  باج
●  ۋاسىتىچى
●  تاموژنا ۋە تامو ژنا بېجى
●  تاۋار ماركىسى ۋە تاۋار م...
●  خەلقئارا كىرىم - چىقىم
●  ۋەيران بولۇش
●  كىمئارتۇق سودىسى

ھەمكارلىشىڭ بېكەت ھەققىدە ئېلان بېرىڭ مۇلازىمتىمىز شىركەت ھەققىدە پىكىر بېرىڭ ئالاقىلىشىش
بىلقۇت ئۇنىۋېرسال تور بېكىتى
ئادىرسى : ئۈرۈمچى غالىبيەت يولى 183- نومۇر ، تېلېفون : 09912555222
شىنجاڭ << بىلقۇت >> ئېلېكتىرون پەن -تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى تور ئىشخانسى ئىشلىدى
© 2007-2008 Bilqut Uyghur Website 新ICP备10002904
مۇلازىمېتىر تەمىنلىگەن ئورۇن كۆك ئاسمان تور مۇلازىمىتى چەكلىك شېركىتى