بىلقۇت تورغا كەلگىنڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمىز!
     
ئورنىڭىز : ئۆگىنىش >> ئىقتىساد >> تاموژنا ۋە تامو ژنا بېجى

تاموژنا ۋە تامو ژنا بېجى

يوللانغان ۋاقتى : 2008-08-21 11:44:10    كۆرۈلۈش سانى : 36  
كىچىك | نورمال | چوڭ             
تاموژنا − بىر دۆلەتنىڭ دېڭىز بويى، چېگرا ياكى ئىچكى قۇرۇقلۇق پورتلىرىدا تەسىس قىلغان، ئىمپورت - ئېكسپورت ئىشلىرىنى نازارەت قىلىدىغان ۋە باشقۇرىدىغان دۆلەت مەمۇرىي ئاپپاراتى. تاموژنا دۆلەتنىڭ ئەمىر - پەرمانلىرىغا ئاساسەن، ئىمپورت - ئېكسپورت قىلىنغان مال، پوچتا بۇيۇملىرى، ساياھەتچىلەرنىڭ يۈك - تاقلىرى، پۇل، ئالتۇن - كۈمۈش، ئاكسىيە ۋە قاتناش قوراللىرىنى تەكشۈرىدۇ، نازارەت قىلىدۇ، باج يىغىدۇ ھەمدە ئەتكەسچىلىكنى تەقىپ قىلىش ۋەزىپىسىنى ئۆتەيدۇ. تاموژنا ئادەتتە دېڭىز بويلىرىغا تەسىس قىلىنىدۇ، ئىچكى قۇرۇقلۇق دۆلەتلىرىنىڭ تاموژنىسى قۇرۇقلۇق چېگرا لىنىيىسىگە تەسىس قىلىنىدۇ. ئادەتتە ھەرقايسى دۆلەتلەر ئىچكى جايلار، بولۇپمۇ پايتەخت ۋە چوڭ شەھەرلەردە تاموژنا تەسىس قىلىدۇ. تاموژنىنىڭ باشقۇرۇشىدىكى رايون تاموژنا رايونى، ئۇنىڭ چېگرىسى تاموژنا چېگرىسى دېيىلىدۇ. تاموژنا چېگرىسى شۇ دۆلەتنىڭ تاموژنا ئەمىر - پەرمانلىرى ۋە مۇناسىۋەتلىك نىزاملارنى قوللىنىدىغان زېمىنى بولۇپ، تاموژنىنىڭ باشقۇرۇش دائىرىسىدىكى ۋە تاموژنا ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىدىغان رايون ھېسابلىنىدۇ. ئادەتتە تاموژنا چېگرىسى بىلەن دۆلەت چېگرىسى بىردەك بولىدۇ، لېكىن تاموژنا چېگرىسى دۆلەت چېگرىسىدىن كىچىك ياكى چوڭ بولىدىغان دۆلەتلەرمۇ بار. ئالدىنقىسى، ئەركىن پورت، ئەركىن سودا رايونى، باجدىن خالىي ئىسكىلات ياكى ئېكسپورت پىششىقلاپ ئىشلەش رايونى تەسىس قىلغان دۆلەتلەرنى كۆرسىتىدۇ، بۇ ئىقتىسادىي ئالاھىدە رايونلار تاموژنا چېگرىسى دائىرىسىدە بولمايدۇ؛ كېيىنكىسى، تاموژنا بېجى ئىتتىپاقى ئورناتقان دۆلەتلەرنى كۆرسىتىدۇ، ئىتتىپاققا قاتناشقان ئەزا دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى تاموژنا بېجى بىكار قىلىنغان بولۇپ، بۇ دۆلەتلەرنىڭ تېررىتورىيىسى بىرلىككە كەلگەن تاموژنا چېگرىسىغا ئايلانغان بولىدۇ. تاموژنا خەلقئارا سودىنىڭ راۋاجلىنىشىغا ئەگىشىپ تەدرىجىي بارلىققا كەلگەن ۋە تەرەققىي قىلغان. دۆلىتىمىز سىرتقا قارىتا ئېچىۋېتىلگەن پورت، چېگرا پويىز ئىستانسىسى، خەلقئارا ئۇلاپ توشۇش پويىز ئىستانسىسى، خەلقئارا سۇ ترانسپورتى پونكىتلىرى، خەلقئارا پوچتا خالتىسى ۋە خەت - يوللانمىلارنى ئۆزئارا ئالماشتۇرۇش ئىدارىسى، قۇرۇقلۇق يول ئېغىزى، دۆلەت چېگرىسىدىكى دەريالاردا مال ۋە  ساياھەتچىلەر كىرىپ - چىقىشقا ئىجازەت قىلىنغان جاي، ئىقتىسادىي ئالاھىدە رايون ھەمدە ئىمپورت - ئېكسپورت ماللىرىغا ئالاھىدە رەسمىيەت بېجىرىدىغان ئورۇن قاتارلىق جايلاردا تاموژنا تەسىس قىلغان. دۆلەت تەسىس قىلغان تاموژنا باش مەھكىمىسى گوۋۇيۈەنگە بىۋاسىتە قارايدىغان بولۇپ، دۆلەتنىڭ تاموژنا ئورگىنىنى ياكى تاموژنا مۇلازىمىتىنى بىر تۇتاش باشقۇرىدۇ. تاموژنا بېجى تاموژنىنىڭ دۆلەت ئېلان قىلغان تاموژنا بېجى مىزانىغا ئاساسلىنىپ، تاموژنا چېگرىسىدىن كىرگۈزۈلىدىغان ياكى چىقىرىلىدىغان ماللاردىن يىغىۋالىدىغان باجنى كۆرسىتىدۇ. يىغىۋالىدىغان ئوبيېكتقا ئاساسەن، تاموژنا بېجى ئىمپورت بېجى، ئېكسپورت بېجى ۋە چېگرا بېجى دەپ ئايرىلىدۇ. دۆلەت ئىچى - سىرتىدىكى ئوخشىمىغان ئەھۋالغا ئاساسەن، دۆلەت تاموژنا بېجىنىڭ نىسبىتى ۋە تۈرىنى تەڭشىسە بولىدۇ.


 

ئەڭ يېڭى مەزمۇن

يەنەبار

●  ئېلان
●  تاشقى پېرېۋوت ۋە تا...
●  ئەتكەسچىلىك
●  باج
●  ۋاسىتىچى
●  تاموژنا ۋە تامو ژنا...
●  تاۋار ماركىسى ۋە تا...
●  خەلقئارا كىرىم - چى...
●  ۋەيران بولۇش
●  كىمئارتۇق سودىسى
●  خېرىدار چاقىرىش ۋە ...
●  سۇغۇرتا
●  پۇل ئامانىتى
●  پۇل چېكى
●  كرېدىت كارتىسى
●  كرېدىت
●  [ئىقتىسادىي بىلىمل...
●  ئەمگەك ۋە ئەمگەك ئى...
●  ئەمگەك − بايلىقنىڭ ...
●  زايوم

تەۋسىيە ئەسەر

يەنە بار

●  ئېلان
●  تاشقى پېرېۋوت ۋە تاشقى پ...
●  ئەتكەسچىلىك
●  باج
●  ۋاسىتىچى
●  تاموژنا ۋە تامو ژنا بېجى
●  تاۋار ماركىسى ۋە تاۋار م...
●  خەلقئارا كىرىم - چىقىم
●  ۋەيران بولۇش
●  كىمئارتۇق سودىسى

ھەمكارلىشىڭ بېكەت ھەققىدە ئېلان بېرىڭ مۇلازىمتىمىز شىركەت ھەققىدە پىكىر بېرىڭ ئالاقىلىشىش
بىلقۇت ئۇنىۋېرسال تور بېكىتى
ئادىرسى : ئۈرۈمچى غالىبيەت يولى 183- نومۇر ، تېلېفون : 09912555222
شىنجاڭ << بىلقۇت >> ئېلېكتىرون پەن -تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى تور ئىشخانسى ئىشلىدى
© 2007-2008 Bilqut Uyghur Website 新ICP备10002904
مۇلازىمېتىر تەمىنلىگەن ئورۇن كۆك ئاسمان تور مۇلازىمىتى چەكلىك شېركىتى