بىلقۇت تورغا كەلگىنڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمىز!
     
ئورنىڭىز : ئۆگىنىش >> ئىقتىساد >> كرېدىت

كرېدىت

يوللانغان ۋاقتى : 2008-05-29 10:40:37    كۆرۈلۈش سانى : 16  
كىچىك | نورمال | چوڭ             
ئىقتىسادىي پائالىيەتتە، كرېدىت پۇل قەرز ئېلىش ۋە قەرز بېرىش پائالىيىتىنى كۆرسىتىدۇ، ئۇ قايتۇرۇشنى شەرت قىلغان قىممەت ھەرىكىتى شەكلى. كرېدىت ئاساسلىقى تاۋار ئالماشتۇرۇش ۋە پۇل ئوبوروتىدا ھەقدار مەلۇم شەرت بىلەن تاۋارلىرىنى نېسىگە سېتىش ياكى پۇل قەرز بېرىش، قەرزدار كېلىشىمدىكى مۇددەت ئىچىدە قەرزنى ھەمدە ئۆسۈمىنى تۆلەشتە ئىپادىلىنىدۇ. كرېدىت تاۋار پۇل مۇناسىۋىتى شارائىتىدا مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدىغان ئىقتىسادىي شەكىل بولۇپ، قايسىبىر جەمئىيەتتە ئالاھىدە مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدىغان ھادىسە ئەمەس. ئەڭ قەدىمكى كرېدىت شەكلى جازانە كرېدىت ئىدى. ئۇ ئىپتىدائىي جەمئىيەتنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدە بارلىققا كېلىپ، قۇلدارلىق جەمئىيىتى ۋە فېئوداللىق جەمئىيىتىدە ئاساسىي كرېدىت شەكلىگە ئايلانغان. كاپىتالىستىك جەمئىيەت ۋە سوتسىيالىستىك جەمئىيەتتە، كرېدىت ئاساسەن قەرز كاپىتالى ۋە كرېدىت مەبلىغىنىڭ ھەرىكىتىدە ئىپادىلىنىدۇ. كرېدىتنىڭ ئاساسلىق شەكىللىرىدىن سودا كرېدىتى، بانكا كرېدىتى، دۆلەت كرېدىتى، ئىستېمال كرېدىتى قاتارلىقلار بار. سودا كىرېدىتى تاۋارلارنى سېتىۋېلىش - سېتىش داۋامىدا، كارخانىلار ئوتتۇرىسىدىكى نېسىگە سېتىش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، پۇل تاپشۇرۇش مۇددىتىنى ئۇزارتىش ئارقىلىق ئۆزئارا قۇلايلىق يارىتىدىغان كرېدىتنى كۆرسىتىدۇ. بانكا كرېدىتى بانكىنىڭ قەرز بېرىش ئۇسۇلى ئارقىلىق تەمىنلىگەن كرېدىتكە قارىتىلغان. دۆلەت كرېدىتى دۆلەت ئىككى تەرەپنىڭ بىرى بولغان كرېدىت بولۇپ، ئۇ دۆلەت مالىيىسى ئېلىپ بارىدىغان قەرز بېرىش پائالىيىتىدە ئىپادىلىنىدۇ. ئىستېمال كرېدىتى سودا كارخانىلىرى ياكى بانكىنىڭ شەخسىي ئىستېمالچىلارنى تەمىنلەيدىغان كرېدىتنى كۆرسىتىدۇ. كرېدىت ئارقىلىق مەبلەغ توپلاپ، مەبلەغنىڭ مۇۋاپىق ئايلىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرغىلى، ئىقتىسادنىڭ راۋاجلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرگىلى بولۇپلا قالماستىن، بەلكى ئۇ خەلق ئىگىلىكىنىڭ ئايلىنىشىنى تەڭشەشتىكى ئۈنۈملۈك ۋاسىتىدۇر.


 

ئەڭ يېڭى مەزمۇن

يەنەبار

●  ئېلان
●  تاشقى پېرېۋوت ۋە تا...
●  ئەتكەسچىلىك
●  باج
●  ۋاسىتىچى
●  تاموژنا ۋە تامو ژنا...
●  تاۋار ماركىسى ۋە تا...
●  خەلقئارا كىرىم - چى...
●  ۋەيران بولۇش
●  كىمئارتۇق سودىسى
●  خېرىدار چاقىرىش ۋە ...
●  سۇغۇرتا
●  پۇل ئامانىتى
●  پۇل چېكى
●  كرېدىت كارتىسى
●  كرېدىت
●  [ئىقتىسادىي بىلىمل...
●  ئەمگەك ۋە ئەمگەك ئى...
●  ئەمگەك − بايلىقنىڭ ...
●  زايوم

تەۋسىيە ئەسەر

يەنە بار

●  ئېلان
●  تاشقى پېرېۋوت ۋە تاشقى پ...
●  ئەتكەسچىلىك
●  باج
●  ۋاسىتىچى
●  تاموژنا ۋە تامو ژنا بېجى
●  تاۋار ماركىسى ۋە تاۋار م...
●  خەلقئارا كىرىم - چىقىم
●  ۋەيران بولۇش
●  كىمئارتۇق سودىسى

ھەمكارلىشىڭ بېكەت ھەققىدە ئېلان بېرىڭ مۇلازىمتىمىز شىركەت ھەققىدە پىكىر بېرىڭ ئالاقىلىشىش
بىلقۇت ئۇنىۋېرسال تور بېكىتى
ئادىرسى : ئۈرۈمچى غالىبيەت يولى 183- نومۇر ، تېلېفون : 09912555222
شىنجاڭ << بىلقۇت >> ئېلېكتىرون پەن -تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى تور ئىشخانسى ئىشلىدى
© 2007-2008 Bilqut Uyghur Website 新ICP备10002904
مۇلازىمېتىر تەمىنلىگەن ئورۇن كۆك ئاسمان تور مۇلازىمىتى چەكلىك شېركىتى