بىلقۇت تورغا كەلگىنڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمىز!
     
ئورنىڭىز : ئۆگىنىش >> ئىقتىساد >> [ئىقتىسادىي بىلىملەر]رىقابەت

[ئىقتىسادىي بىلىملەر]رىقابەت

يوللانغان ۋاقتى : 2008-05-25 11:40:10    كۆرۈلۈش سانى : 29  
كىچىك | نورمال | چوڭ             
رىقابەت تاۋار ئىشلەپچىقارغۇچىلار ئوتتۇرىسىدىكى ئىقتىسادىي پايدىغا ئېرىشىش ئۈچۈن قانات يايدۇرغان كۈرىشىدۇ. تاۋار ئىگىلىكى شارائىتىدا، تاۋار ئىشلەپچىقارغۇچىنىڭ ئەمگىكى ھەم خۇسۇسىي ياكى ئايرىم ئەمگەك، ھەم ئىجتىمائىي ئەمگەك ھېسابلىنىدۇ. ھەربىر ئىشلەپچىقارغۇچى پەقەت ئۆزىنىڭ خۇسۇسىي ئەمگىكى ياكى ئايرىم ئەمگىكىنى ئىجتىمائىي ئەمگەككە ئايلاندۇرغان، ئۆزىنىڭ سەرپ قىلغان ئەمگىكىنى جەمئىيەتنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشتۈرەلىگەندىلا ئاندىن جەمئىيەتتە مەۋجۇت بولۇپ تۇرالايدۇ ۋە راۋاجلىنالايدۇ. شۇڭا، تاۋار ئىشلەپچىقارغۇچىلار ئوتتۇرىسىدا مۇقەررەر يوسۇندا رىقابەت مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ. رىقابەت، ئالدى بىلەن، ئوخشاش تۈردىكى مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپچىقىرىدىغان ئىشلەپچىقارغۇچىلار ئوتتۇرىسىدا مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ. چۈنكى، ھەرقايسى ئىشلەپچىقارغۇچىلارنىڭ جىسمانىي كۈچى، تېخنىكىسى، قورالى قاتارلىق ئىشلەپچىقىرىش شارائىتى ئوخشاش بولمىغاچقا، ئوخشاش بىر خىل تاۋارنى ئىشلەپچىقىرىشتىكى ئايرىم ئەمگەك ۋاقتى ئوخشاش بولمايدۇ. لېكىن، تاۋارنىڭ قىممىتى ئىجتىمائىي زۆرۈر ئەمگەك ۋاقتى تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ ھەم تاۋارلار تەڭ قىممەتتە ئالماشتۇرۇلىدۇ. شۇڭا، ھەربىر ئىشلەپچىقارغۇچى بارلىق ئاماللارنى قوللىنىپ، تېخنىكىسى ۋە قوراللىرىنى ياخشىلاش، ئايرىم ئەمگەك ۋاقتىنى قىسقارتىش، تاۋارنىڭ بازار باھاسىنى تۆۋەنلىتىش، شۇ ئارقىلىق پايدىلىق ئورۇنغا ئىگە بولۇپ، رىقابەتچىسىنى يېڭىشكە تىرىشىدۇ. ئاندىن قالسا، رىقابەت يەنە ئىشلەپچىقىرىش تۈرلىرى ئوخشىمايدىغان، بىراق ئۆزئارا ئورنىغا دەسسىتىشكە بولىدىغان تاۋارلارنى ئىشلەپچىقارغۇچىلار ئوتتۇرىسىدا ئىپادىلىنىدۇ. مەسىلەن، كۆمۈر ئىشلەپچىقارغۇچى بىلەن نېفىت ئىشلەپچىقارغۇچى ئوتتۇرىسىدا، تۆمۈريول ترانسپورت تىجارەتچىسى بىلەن تاشيول ترانسپورت تىجارەتچىسى ئوتتۇرىسىدا گەرچە ئىشلەپچىقىرىش ۋە تىجارەتنىڭ مەزمۇنى ئوخشاش بولمىسىمۇ، لېكىن ئۇلارنى ئۆزئارا بىر - بىرىنىڭ ئورنىغا دەسسىتىشكە بولىدىغان بولغاچقا، ئۇلار رىقابەتچىلەردىن بولۇپ قالىدۇ. رىقابەتتە غەلىبە قازىنىش ئۈچۈن، ئۇلار تېخنىكا ۋە باشقۇرۇشنى ياخشىلاپ، مەھسۇلات ۋە مۇلازىمەتنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، باھانى چۈشۈرۈپلا قالماستىن، بەلكى يەنە پۇرسەت ئىزدەپ، قارشى تەرەپنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ۋە تىجارەت ساھەسىگە بۆسۈپ كىرىپ، تەشەببۇسكارلىقىنى قولغا كەلتۈرۈشكە ئۇرۇنىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، رىقابەت يەنە ئوخشاش بولمىغان تارماقلاردىكى ئىشلەپچىقارغۇچىلار ئوتتۇرىسىدا ئىپادىلىنىدۇ. چۈنكى، ئوخشاش بولمىغان تارماقلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ۋە تىجارەت شارائىتى ئوخشىمىغانلىقتىن، ئىشلەپچىقارغۇچىلار بىلەن تىجارەتچىلەرنىڭ تاپاۋەت ئەھۋالىدىمۇ پەرق بولىدۇ. تېخىمۇ كۆپ تاپاۋەتكە ئىگە بولۇش ئۈچۈن، ئۇلار تىجارەت تۈرلىرى ئۈستىدە يېڭى - يېڭى تاللاشلارنى ئېلىپ بېرىپ، ئىجتىمائىي ئەمگەكنىڭ ئوخشاش بولمىغان تارماقلىرى ئوتتۇرىسىدا رىقابەت شەكىللەندۈرىدۇ، شۇڭا ئوخشاش بولمىغان تارماقلاردىكى ئىشلەپچىقارغۇچىلار ئوتتۇرىسىدا رىقابەت پەيدا بولىدۇ. يۇقىرىقىلاردىن باشقا، ئىشلەپچىقارغۇچى بىلەن ساتقۇچى، ساتقۇچى بىلەن سېتىۋالغۇچى ھەمدە ئىجتىمائىيلاشقان يىرىك ئىشلەپچىقىرىش شارائىتىدىكى ئىشقا ئورۇنلاشقۇچىلار ئوتتۇرىسىدىمۇ رىقابەت مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ. رىقابەت ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي تۇرمۇشنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرى، ھەرقايسى تەرەپلىرىدە گەۋدىلىنىپ تۇرىدۇ. بىراق، رىقابەت چوقۇم قانۇندا بەلگىلەنگەن دائىرە ئىچىدە قانات يايدۇرۇلۇشى كېرەك، قانۇنىي بەلگىلىمىلەر ۋە ئىجتىمائىي تۇرمۇشنىڭ ئاساسىي قائىدىلىرىگە خىلاپ رىقابەتكە يول قويۇلمايدۇ. رىقابەت ئارقىلىق تېخنىكا تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرگىلى، ئەمگەك ئۈنۈمدارلىقىنى يۇقىرى كۆتۈرگىلى بولىدۇ، شۇنداقلا يەنە ئىجتىمائىي بايلىقلارنىڭ جەمئىيەت دائىرىسىدە تەقسىملىنىشىنى تەڭشىگىلى، ئىقتىسادنىڭ ماس قەدەمدە راۋاجلىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ.


 

ئەڭ يېڭى مەزمۇن

يەنەبار

●  ئېلان
●  تاشقى پېرېۋوت ۋە تا...
●  ئەتكەسچىلىك
●  باج
●  ۋاسىتىچى
●  تاموژنا ۋە تامو ژنا...
●  تاۋار ماركىسى ۋە تا...
●  خەلقئارا كىرىم - چى...
●  ۋەيران بولۇش
●  كىمئارتۇق سودىسى
●  خېرىدار چاقىرىش ۋە ...
●  سۇغۇرتا
●  پۇل ئامانىتى
●  پۇل چېكى
●  كرېدىت كارتىسى
●  كرېدىت
●  [ئىقتىسادىي بىلىمل...
●  ئەمگەك ۋە ئەمگەك ئى...
●  ئەمگەك − بايلىقنىڭ ...
●  زايوم

تەۋسىيە ئەسەر

يەنە بار

●  ئېلان
●  تاشقى پېرېۋوت ۋە تاشقى پ...
●  ئەتكەسچىلىك
●  باج
●  ۋاسىتىچى
●  تاموژنا ۋە تامو ژنا بېجى
●  تاۋار ماركىسى ۋە تاۋار م...
●  خەلقئارا كىرىم - چىقىم
●  ۋەيران بولۇش
●  كىمئارتۇق سودىسى

ھەمكارلىشىڭ بېكەت ھەققىدە ئېلان بېرىڭ مۇلازىمتىمىز شىركەت ھەققىدە پىكىر بېرىڭ ئالاقىلىشىش
بىلقۇت ئۇنىۋېرسال تور بېكىتى
ئادىرسى : ئۈرۈمچى غالىبيەت يولى 183- نومۇر ، تېلېفون : 09912555222
شىنجاڭ << بىلقۇت >> ئېلېكتىرون پەن -تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى تور ئىشخانسى ئىشلىدى
© 2007-2008 Bilqut Uyghur Website 新ICP备10002904
مۇلازىمېتىر تەمىنلىگەن ئورۇن كۆك ئاسمان تور مۇلازىمىتى چەكلىك شېركىتى