بىلقۇت تورغا كەلگىنڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمىز!
     
ئورنىڭىز : ئۆگىنىش >> ئىقتىساد >> ۋاسىتىچى

ۋاسىتىچى

يوللانغان ۋاقتى : 2008-08-23 10:04:16    كۆرۈلۈش سانى : 35  
كىچىك | نورمال | چوڭ             
بازاردىكى پۈتۈشۈش ۋە سودا ئالغۇچى بىلەن ساتقۇچى تەرەپتىن بىۋاسىتە ئېلىپ بېرىلىدۇ، شۇنداقلا ۋاسىتىچى ئارقىلىقمۇ ئېلىپ بېرىلىدۇ. ئالغۇچى ۋە ساتقۇچى ئىككى تەرەپنى كېلىشتۈرگۈچى سودىگەر ۋاسىتىچى دېيىلىدۇ. ۋاسىتىچىنىڭ كىرىمى ئاساسلىقى ئىككى تەرەپنىڭ بەرگەن شېرىنكانىدىن كېلىدۇ. ۋاسىتىچىنى ئادەتتىكى ۋاسىتىچى ۋە سودا ئورنى ۋاسىتىچىسى دەپ ئايرىشقا بولىدۇ. ئادەتتىكى ۋاسىتىچى ئاساسەن كارخانىلار ياللىغان ياكى ھاۋالە قىلغان كېلىشتۈرگۈچى سودىگەرنى كۆرسىتىدۇ. ئۇلار كارخانىنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن تاۋارلارنى تونۇشتۇرۇپ ساتىدۇ ياكى خېرىدار تېپىپ بېرىدۇ. شېرىنكانە ئالغاندىن سىرت، يەنە مەلۇم مىقداردا قوشۇمچە ھەق ئالىدۇ. سودا ئورنى ۋاسىتىچىسى ئۆزى تۇرۇشلۇق دۆلەتنىڭ سودا ئورنى قانۇندىكى بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن مۇئەييەن سالاھىيەتكە ئىگە بولغان ھەمدە سودا ئورنىغا كاپالەت سوممىسى تاپشۇرغاندىن كېيىن، ئاندىن خېرىدارغا ۋاكالىتەن سودا - سېتىق ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىپ شېرىنكانە ئالىدىغان كېلىشتۈرگۈچى سودىگەرنى كۆرسىتىدۇ. بۇنداق ۋاسىتىچىنىڭ پائالىيەت دائىرىسى ئوخشاش بولمىغان دۆلەتلەردە ئوخشاش بولمايدۇ، بىراق ۋاسىتىچى ئۆزىنىڭ ئېلىم - سېتىم ھەرىكىتى كەلتۈرۈپ چىقارغان بارلىق مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك. بازار ئىگىلىكى كەڭ كۆلەمدە تەرەققىي قىلغان شارائىتتا، ۋاسىتىچى سودىگەرلەرنىڭ تەركىبىي قىسمى بولۇش سۈپىتى بىلەن، مەيلى ئادەتتىكى تاۋارلار بازىرىدا بولسۇن ياكى ئاكسىيە بازىرىدا بولسۇن، ئىنتايىن زۆرۈر. لېكىن، چوقۇم مۇناسىپ ھالدا تىزىمغا ئالدۇرۇش، تىجارەت دائىرىسى، باج قاتارلىق تۈزۈملەر دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلىرىنىڭ باشقۇرۇشى ئاستىدا بولۇشى كېرەك.


 

ئەڭ يېڭى مەزمۇن

يەنەبار

●  ئېلان
●  تاشقى پېرېۋوت ۋە تا...
●  ئەتكەسچىلىك
●  باج
●  ۋاسىتىچى
●  تاموژنا ۋە تامو ژنا...
●  تاۋار ماركىسى ۋە تا...
●  خەلقئارا كىرىم - چى...
●  ۋەيران بولۇش
●  كىمئارتۇق سودىسى
●  خېرىدار چاقىرىش ۋە ...
●  سۇغۇرتا
●  پۇل ئامانىتى
●  پۇل چېكى
●  كرېدىت كارتىسى
●  كرېدىت
●  [ئىقتىسادىي بىلىمل...
●  ئەمگەك ۋە ئەمگەك ئى...
●  ئەمگەك − بايلىقنىڭ ...
●  زايوم

تەۋسىيە ئەسەر

يەنە بار

●  ئېلان
●  تاشقى پېرېۋوت ۋە تاشقى پ...
●  ئەتكەسچىلىك
●  باج
●  ۋاسىتىچى
●  تاموژنا ۋە تامو ژنا بېجى
●  تاۋار ماركىسى ۋە تاۋار م...
●  خەلقئارا كىرىم - چىقىم
●  ۋەيران بولۇش
●  كىمئارتۇق سودىسى

ھەمكارلىشىڭ بېكەت ھەققىدە ئېلان بېرىڭ مۇلازىمتىمىز شىركەت ھەققىدە پىكىر بېرىڭ ئالاقىلىشىش
بىلقۇت ئۇنىۋېرسال تور بېكىتى
ئادىرسى : ئۈرۈمچى غالىبيەت يولى 183- نومۇر ، تېلېفون : 09912555222
شىنجاڭ << بىلقۇت >> ئېلېكتىرون پەن -تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى تور ئىشخانسى ئىشلىدى
© 2007-2008 Bilqut Uyghur Website 新ICP备10002904
مۇلازىمېتىر تەمىنلىگەن ئورۇن كۆك ئاسمان تور مۇلازىمىتى چەكلىك شېركىتى