بىلقۇت تورغا كەلگىنڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمىز!
     
ئورنىڭىز : ئۆگىنىش >> ئېلېكترون >> ئېلېكترون كۆز

ئېلېكترون كۆز

يوللانغان ۋاقتى : 2009-03-20 11:30:33    كۆرۈلۈش سانى : 64  
كىچىك | نورمال | چوڭ             
شەپەرەڭنىڭ كۆزىنى ئېتىپ قويسىمۇ، ئۇ يەنىلا ئۇيان - بۇيان ئۇچۇپ كېتىۋېرىدۇ. لېكىن، ئۇنىڭ ئىككى قۇلىقىغا بىرنەرسە تىقىپ ئېتىۋەتسەك، ئۇ ئۇچرىغانلا يەرگە بېرىپ قالايمىقان ئۇرۇلىدۇ. ئەسلىدە شەپەرەڭ ئۇچقان چاغدا بىر خىل ئۇلترا ئاۋاز دولقۇنى تارقىتىدۇ. ئۇنىڭ ناھايىتى چوڭ قۇلاق سۇپرىسى قايتقان ئاۋاز دولقۇنىنى قوبۇل قىلىپ، نىشان ياكى توسالغۇ جىسىمنى ۋە ئۇلارنىڭ ئارىلىقىنى ھۆكۈم قىلىدۇ. «ئۇلترا ئاۋازلىق كۆزەينەك» شەپەرەڭ قۇلىقىنىڭ نەرسىلەرنى «كۆرۈش» قابىلىيىتىگە تەقلىد قىلىپ ياسالغان بولۇپ، قارىغۇلارنىڭ يول يۈرۈشىگە ياردەم بېرىدۇ. ئۇنىڭدا كۆزەينەك جازىسىنىڭ بۇرۇننىڭ ئۈستىدە تۇرىدىغان قىسمىغا بىر مىكرو تىپلىق ئۇلترا ئاۋاز ھاسىل قىلغۇچ ئورنىتىلغان بولۇپ، ئىككى تەرىپىدە بىردىن قايتقان ئاۋازنى قوبۇل قىلىدىغان مىكروفون بولىدۇ. ئىككى مىكروفون ئەتراپتىكى جىسىملاردىن قايتقان ئاۋاز دولقۇنىنى كۆزەينەك جازىسىنىڭ سېپىنىڭ ئۇچىدىكى تىڭشىغۇچ ئارقىلىق قايتقان ئاۋازنىڭ قايسى يۆنىلىشتىن كەلگەنلىكىنى قارىغۇ ئادەمگە يەتكۈزىدۇ، قارىغۇ ئادەم بۇنىڭغا ئاساسەن توسالغۇ جىسىمنىڭ خاراكتېرىگە ۋە يۆنىلىشىگە ھۆكۈم قىلىدۇ. ئۇنىڭ ئېلېكتر مەنبەسى بىلەن ئېلېكترون زەنجىرى تاماكا قۇتىسىنىڭ چوڭلۇقىچىلىك بىر قۇتىغا ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ، قارىغۇ ئادەم ئۇنى ئۆز يېنىدا ئېلىپ يۈرەلەيدۇ. قارىغۇ ئادەم بۇ خىل كۆزەينەكنى تاقىسا، بىر مەزگىل مەشىق قىلغاندىن كېيىن، ئىنتايىن ئاجىز قايتقان ئاۋازنى «ئاڭلاش» ئارقىلىق، يولدىكى توسالغۇ جىسىملارنى بايقىيالايدۇ، ھەتتا ئۇششاق شېغىل تۆكۈلگەن يوللار بىلەن ئوت - چۆپلۈكلەرنىمۇ پەرقلەندۈرەلەيدۇ. بۇ خىل «ئېلېكترون كۆز» پەقەت قارىغۇلارنىڭ ياردەمچىسى بولۇپ، قارىغۇلار ئەتراپىدىكى نەرسىلەرنى ھەقىقىي كۆرەلمەيدۇ. چەت ئەلدە قارىغۇلار ئەتراپىدىكى نەرسىلەرنى بىۋاسىتە كۆرەلەيدىغان بىر خىل قۇرۇلما تەجرىبە قىلىنىۋاتىدۇ. ئالىملار قارىغۇ ئادەمنىڭ چوڭ مېڭىسىنىڭ كۆرۈش سەزگۈسى مەركىزىگە ئېلېكتر قۇتۇپىنى كىرگۈزۈپ، ئۇنى ئۆتكۈزگۈچ سىم ئارقىلىق تېلېۋىزىيە تېلېكامېراسى (تەسۋىر تارتىش ئاپپاراتى) غا ئۇلىدى. تېلېكامېرا تارتقان مەنزىرە جىسىمنى كومپيۇتېر ئارقىلىق بىرتەرەپ قىلىپ، ئۇنى يورۇق − قاراڭغۇ نۇقتا تەسۋىرىنىڭ ئېلېكتر سىگنالىغا ئايلاندۇرۇپ، قارىغۇ ئادەمنىڭ چوڭ مېڭىسىگە كىرگۈزىدۇ، بۇ چاغدا بۇ قارىغۇ ئادەمنىڭ مېڭىسىدە تارتىلغان مەنزىرە جىسىمنىڭ ئىزناسى بارلىققا كېلىدۇ. بۇ، قارىغۇ ئادەمنىڭ تېلېكامېرا ئارقىلىق مەنزىرە جىسىمنى كۆرگىنىگە باراۋەر. يېڭى تىپتىكى «ئېلېكترون كۆز» مۇشۇ تەجرىبىگە ئاساسەن ياسالغان. ئالىملار چاقماق سىزىقلاردىن پايدىلىنىپ رەسىم سىزىش پرىنسىپىغا ئاساسلاندى، چاقماق قانچە كۆپ بولسا، تەسۋىر شۇنچە روشەن بولىدۇ. ئۇلار كۆپ بولغاندا80  دانە ئېلېكتر قۇتۇپىدىن تۈزۈلگەن كىچىك چاقماق رېشاتكىنى قارىغۇ ئادەمنىڭ بېشىغا ئورنىتىپ، ئاندىن مىكرو تىپلىق تېلېكامېرانىڭ (تەسۋىر تارتىش ئاپپاراتىنىڭ) ئەينەك كۆزىنى قارىغۇ ئادەمنىڭ كۆز ئۇۋىسىنىڭ ئىچىگە ئورناتتى. مىكروتىپلىق كومپيۇتېر بىلەن ئېلېكتر كابېلى كۆزەينەك جازىسىنىڭ ئىچىگە ئورنىتىلىپ، كىچىك تىپتىكى ئەپچىل «ئېلېكترون كۆز» ياسالدى. شۇنداق قىلىپ، قارىغۇ ئادەم نەرسىلەرنى كۆرمەكچى بولسا، پەقەت «كۆزەينەك» نى تاقىسىلا، تېلېۋىزىيىگە تارتقاندىكىگە ئوخشاش، تېلېكامېرا سىرتقى مەنزىرە جىسىملارنىڭ كۈچلۈك - ئاجىزلىقى ئوخشاش بولمىغان يورۇقلۇق سىگنالىنى ئېلېكتر سىگنالىغا ئايلاندۇرىدۇ، ئېلېكترونلۇق مېڭە كېرەكلىك سىگناللارنى ئايرىپ ئېلىپ، چوڭ مېڭە كۆرۈش سەزگۈسى مەركىزىگە يوللاپ بېرىدۇ. «ئېلېكترون كۆز» نى تاقىغان قارىغۇ ئادەم خۇددى ھەقىقىي كۆزگە ئىگە بولغاندەك، قايتا يورۇق دۇنيانى كۆرىدۇ.


 

ئەڭ يېڭى مەزمۇن

يەنەبار

●  ئېلېكترون كۆز
●  لازېر نۇرلۇق بېسىش ...
●  ئېلېكترونلۇق مېڭە
●  ئېلېكترونلۇق ئېلان...
●  ئېلېكترونلۇق لۇغەت
●  ھاۋا رايىنى سوراش ئ...
●  ئېلېكترونلۇق قول س...
●  ئېلېكترونلۇق فوتو ...
●  لازېر نۇرلۇق كۆرۈش ...
●  سىنئالغۇ
●  ئورتاق ئانتېننىلىق...
●  كۆپ يوللۇق تېلېۋىز...
●  ستېرېئو رەڭلىك تېل...
●  sumsung شىركىتىنىڭ ئەڭ...
●  تەكشى تاختا شەكىلل...
●  بىئو كومپيۇتېر
●  يۈز مىليون قېتىملى...
●  كومپيۇتېر ترېنېر
●  ئائىلىلەردىكى كومپ...
●  كومپيۇتېر شاھمات ئ...

تەۋسىيە ئەسەر

يەنە بار

●  ئېلېكترون كۆز
●  لازېر نۇرلۇق بېسىش ماشى...
●  ئېلېكترونلۇق مېڭە
●  ئېلېكترونلۇق ئېلان تاخت...
●  ئېلېكترونلۇق لۇغەت
●  ھاۋا رايىنى سوراش ئاپپا...
●  ئېلېكترونلۇق قول سائەت
●  ئېلېكترونلۇق فوتو ئاپپا...
●  لازېر نۇرلۇق كۆرۈش دىسك...
●  سىنئالغۇ

ھەمكارلىشىڭ بېكەت ھەققىدە ئېلان بېرىڭ مۇلازىمتىمىز شىركەت ھەققىدە پىكىر بېرىڭ ئالاقىلىشىش
بىلقۇت ئۇنىۋېرسال تور بېكىتى
ئادىرسى : ئۈرۈمچى غالىبيەت يولى 183- نومۇر ، تېلېفون : 09912555222
شىنجاڭ << بىلقۇت >> ئېلېكتىرون پەن -تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى تور ئىشخانسى ئىشلىدى
© 2007-2008 Bilqut Uyghur Website 新ICP备10002904
مۇلازىمېتىر تەمىنلىگەن ئورۇن كۆك ئاسمان تور مۇلازىمىتى چەكلىك شېركىتى