بىلقۇت تورغا كەلگىنڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمىز!
     
ئورنىڭىز : ئۆگىنىش >> ئېلېكترون >> ئېلېكترونلۇق فوتو ئاپپارات

ئېلېكترونلۇق فوتو ئاپپارات

يوللانغان ۋاقتى : 2009-03-09 11:21:33    كۆرۈلۈش سانى : 45  
كىچىك | نورمال | چوڭ             
بۇ خىل فوتو ئاپپاراتنىڭ نېگاتىپى (قارا پليونكىسى) يۇمشاق ماگنىتلىق دىسكىدىن ئىبارەت بولۇپ، ئۇنىڭدا تارتىلغان رەسىملەرنى سىنئالغۇ لېنتىسىنى قويغانغا ئوخشاش، ئېكراندا ئەكس ئەتتۈرگىلى بولىدۇ. ئەگەر رەسىمنى ئېكرانغا چىقىرىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇنىڭغا ئۆزىمىز تاللىغان مۇزىكا ياكى كۆركەم خەتلەرنى سەپلىسەك، خۇددى ئاۋازلىق كىنو كۆرگەندەك بولىمىز. ئېلېكترونلۇق فوتو ئاپپاراتنىڭ سىرتقى شەكلى ئادەتتىكى135  لىك فوتو ئاپپاراتنىڭكىدىن كۆپ پەرقلەنمەيدۇ. لېكىن، ئوبيېكتىپى بىلەن مەنزىرە تاللىغۇچىنى چىقىرىۋەتكەندە، ئەمەلىيەتتە مىكرو تىپلىق كىنو ئېلىش ئاپپاراتى بىلەن سىنئالغۇدىن تۈزۈلگەن بولۇپ، ئۈچ دانە كىچىك باتارېيىنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قىلىدۇ. زاتۋورنىڭ «چاراس» قىلغان ئاۋازىغا ئەگىشىپ تارتىلغان رەسىم ئېلېكتر ماگنىتلىق ئالماشتۇرغۇچ ئارقىلىق ئايلىنىۋاتقان يۇمشاق ماگنىتلىق دىسكىغا خاتىرىلىنىدۇ. ھەربىر دىسكىغا50  پارچە رەسىم تارتىشقا بولىدۇ، بىر دىسكا ئىشلىتىلىپ بولغاندىن كېيىن قايتا يېڭى دىسكا ئالماشتۇرۇلسا، يەنە داۋاملىق رەسىم تارتىشقا بولىدۇ. «نېگاتىپ» نى «يۇيۇش» سىن قويۇش ئاپپاراتىنىڭ ئىچىدە ئېلىپ بېرىلىدۇ. سىن قويۇش ئاپپاراتى بولسا تەسۋىر كۆرسەتكۈچ بىلەن رەڭلىك تېلېۋىزوردىن ئىبارەت ئىككى قىسىمدىن تۈزۈلىدۇ. تەسۋىر كۆرسەتكۈچ ئالدى بىلەن ماگنىتلىق دىسكىغا ئېلىنغان تەسۋىر سىگنالىنى ئېلېكتر سىگنالىغا ئايلاندۇرۇپ، ئۇنى كۈچەيتىپ بىر تەرەپ قىلغاندىن كېيىن رەڭلىك تېلېۋىزورغا يوللاپ بېرىدۇ. بۇ چاغدا، تېلېۋىزور ئېكرانى ئالدىدا ئولتۇرۇپ ئۆزىڭىز ياخشى كۆرگەن رەسىملەرنى تاللىيالايسىز ۋە ئۇلاردىن ھۇزۇرلىنالايسىز. رەڭلىك رەسىم بېسىش ئاپپاراتى ئېكراندىكى تەسۋىرنىڭ ئېلېكتر سىگنالىنى ئىسسىق بېسىش بېشىنىڭ ئىسسىقلىقىغا ئايلاندۇرىدۇ، بۇ خىل ئىسسىق بېسىش بېشى رەسىم بېسىش قەغىزىگە بوش باسقاندا، تېمپېراتۇرىنىڭ ئوخشاش بولماسلىقىغا قاراپ بوياقنىڭ ھورلىنىش مىقدارىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ - دە، ئۇنىڭ قەغەزگە يۆتكىلىدىغان مىقدارىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ. سېرىق، ئاچ قىزىل، كۆك ۋە قارىدىن ئىبارەت تۆت خىل رەڭلىك بوياق يېيىتىش يۆنىلىشىنىڭ تەرتىپى بويىچە ئىسسىق باسما ئارقىلىق قەغەزگە بېسىلىدۇ. ئېكراندىكى رەڭلەر ياخشى تەڭشەلسىلا، ئادەتتىكى قەغەزگە ئېكراندىكىگە ئوپمۇ ئوخشاش رەسىمنى بېسىپ چىقارغىلى بولىدۇ. رەسىم قەغىزىنى قوغداش ۋە رەسىم تارتىش ئۈنۈمىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن، ئەڭ ئاخىرىدا رەسىم قەغىزى نېپىز سۇلياۋ پەردە بىلەن قاپلىنىدۇ. مۇشۇ پرىنسىپقا ئاساسەن، رەڭلىك ئېلېكترونلۇق رەسىم بېسىش ئاپپاراتى (ماشىنىسى) تېلېۋىزوردا چىققان كۆرۈنۈشلەرنى رەڭلىك رەسىم قىلىپ قەغەزگە بېسىپ چىقىرالايدۇ. ئېلېكترونلۇق فوتو ئاپپاراتنىڭ «نېگاتىپ» ىنى سىنئالغۇ لېنتىسىغا ئوخشاش ماگنىتسىزلاندۇرغاندىن كېيىن قايتا ئىشلىتىشكە بولىدۇ.


 

ئەڭ يېڭى مەزمۇن

يەنەبار

●  ئېلېكترون كۆز
●  لازېر نۇرلۇق بېسىش ...
●  ئېلېكترونلۇق مېڭە
●  ئېلېكترونلۇق ئېلان...
●  ئېلېكترونلۇق لۇغەت
●  ھاۋا رايىنى سوراش ئ...
●  ئېلېكترونلۇق قول س...
●  ئېلېكترونلۇق فوتو ...
●  لازېر نۇرلۇق كۆرۈش ...
●  سىنئالغۇ
●  ئورتاق ئانتېننىلىق...
●  كۆپ يوللۇق تېلېۋىز...
●  ستېرېئو رەڭلىك تېل...
●  sumsung شىركىتىنىڭ ئەڭ...
●  تەكشى تاختا شەكىلل...
●  بىئو كومپيۇتېر
●  يۈز مىليون قېتىملى...
●  كومپيۇتېر ترېنېر
●  ئائىلىلەردىكى كومپ...
●  كومپيۇتېر شاھمات ئ...

تەۋسىيە ئەسەر

يەنە بار

●  ئېلېكترون كۆز
●  لازېر نۇرلۇق بېسىش ماشى...
●  ئېلېكترونلۇق مېڭە
●  ئېلېكترونلۇق ئېلان تاخت...
●  ئېلېكترونلۇق لۇغەت
●  ھاۋا رايىنى سوراش ئاپپا...
●  ئېلېكترونلۇق قول سائەت
●  ئېلېكترونلۇق فوتو ئاپپا...
●  لازېر نۇرلۇق كۆرۈش دىسك...
●  سىنئالغۇ

ھەمكارلىشىڭ بېكەت ھەققىدە ئېلان بېرىڭ مۇلازىمتىمىز شىركەت ھەققىدە پىكىر بېرىڭ ئالاقىلىشىش
بىلقۇت ئۇنىۋېرسال تور بېكىتى
ئادىرسى : ئۈرۈمچى غالىبيەت يولى 183- نومۇر ، تېلېفون : 09912555222
شىنجاڭ << بىلقۇت >> ئېلېكتىرون پەن -تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى تور ئىشخانسى ئىشلىدى
© 2007-2008 Bilqut Uyghur Website 新ICP备10002904
مۇلازىمېتىر تەمىنلىگەن ئورۇن كۆك ئاسمان تور مۇلازىمىتى چەكلىك شېركىتى