بىلقۇت تورغا كەلگىنڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمىز!
     
ئورنىڭىز : ئۆگىنىش >> ئېلېكترون >> ئېلېكترونلۇق مېڭە

ئېلېكترونلۇق مېڭە

يوللانغان ۋاقتى : 2009-03-18 09:53:45    كۆرۈلۈش سانى : 56  
كىچىك | نورمال | چوڭ             
بۇ بىر خىل تېلېۋىزور، سىنئالغۇ، كومپيۇتېر بىرلەشتۈرۈلگەن كۆپ خىل ئۈنۈملۈك «كۆپ ۋاسىتە تېخنىكىسى» ئىشلىتىلگەن ئېلېكترونلۇق مېڭە بولۇپ، سۈرەت، يېزىق، ئاۋاز، تەسۋىرنى بىرتەرەپ قىلالايدىغان بىر خىل ئېلېكترونلۇق مېڭە. بۇ خىل ئېلېكترونلۇق مېڭە كومپيۇتېرنى (ھېسابلاش ماشىنىسىنى) سىنئالغۇ، تېلېۋىزور، رادىئولۇق ئۈنئالغۇ بىلەن ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈپ، ئاۋاز، يېزىق، سۈرەت قاتارلىق كۆپ خىل ۋاسىتىلەرنى رەقەملىك سىگنالغا ئايلاندۇرۇپ، كومپيۇتېردىن پايدىلىنىپ بىرتەرەپ قىلىدۇ، بۇ، تېلېۋىزورغا ئوخشاش ھەممىلا ئادەم مەشغۇلات ئېلىپ بارالايدىغان بىر خىل ئېلېكتر ئەسۋابىدىن ئىبارەت. ئوقۇتۇشتا، بۇ خىل ئېلېكترونلۇق مېڭىدىن پايدىلىنىپ مەزمۇنلارنى تېخىمۇ ئوبرازلىق، جانلىق قىلىپ، ئوقۇغۇچىلار ئاسان چۈشىنەلەيدىغان ۋە قوبۇل قىلالايدىغان قىلغىلى بولىدۇ. ئورمانلارنى سۆزلىگەندە، دەرھال ئافرىقىنىڭ ئورمانلىرى ۋە شىرلارنىڭ ھۆركىرەشلىرى، چوڭ شىنئەنلىڭدىكى چەكسىز ئورمان ۋە قارىغاي شاۋقۇنلىرى پەيدا بولىدۇ؛ دېڭىز - ئوكيانلارنى سۆزلىگەندە كۆپكۆك دېڭىز - ئوكيانلار، ئۆركەشلىگەن دولقۇنلار، تاغنى تالقان قىلغۇدەك دېڭىز تاشقىنى كۆرۈنىدۇ. يېزىق، سۈرەت ۋە ئاۋازدىن تۈزۈلگەن بۇ ئاجايىپ تەسىرلىك مەنزىرىلەرنى ئوقۇغۇچىلار خۇددى ئۆز يېنىدا تۇرغاندەك ھېس قىلىدۇ، ناھايىتى چوڭقۇر ۋە ئۇنتۇلغۇسىز بولىدۇ. بۇ خىل ئېلېكترونلۇق مېڭە ئارقىلىق ئىنگلىز تىلىنى ئوقۇتقان چاغدا، ئېكراندا ئوقۇتقۇچىنىڭ ئىنگلىزچە تاق سۆز ۋە جۈملىلەرنى ئوقۇغاندىكى ئوبرازى كۆرۈنىدۇ. ئوقۇغۇچىلار تەقلىد قىلپ ئوقۇغان چاغدا، ئېكراندا ئىككى خىل دولقۇن شەكلى بارلىققا كېلىدۇ: قىزىل دولقۇن شەكلى ئوقۇتقۇچىنىڭ كۆرسەتكەن ئۈلگىسىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ، يېشىل رەڭلىكى بولسا ئوقۇغۇچىلارنىڭ چىقارغان ئاۋازى بولىدۇ، ئىككىسىنى سېلىشتۇرۇش ئارقىلىق، ئوقۇغۇچىلار ئۆزلىرىنىڭ تەلەپپۇزىنى ناھايىتى ئاسان تۈزىتىۋالالايدۇ. مۇخبىرنىڭ مىكروفونى بۇ خىل ئېلېكترونلۇق مېڭىگە ئۇلانسا، نەق مەيدان زىيارىتىدىكى سوئال - جاۋابلاردا، كومپيۇتېر ئاۋازنى بىرتەرەپ قىلغاندىن كېيىن، زىيارەت دوكلاتىنى بىۋاسىتە ئېكراندا كۆرسىتىدۇ ياكى ئۇنى بېسىپ چىقىرىدۇ. بىر كۈن جاپا تارتقان مۇخبىر ساپادا ئولتۇرۇپ ھەتتا كارىۋاتتا يېتىپ مىكروفوننى ئۇدۇل تۇتۇپ سۆزلىسە، ئېلېكترونلۇق مېڭە ماقالىنى بېسىپ چىقىرىدۇ، «ئاغزىدىن چىقىشىغا ماقالىگە ئايلىنىش» ھەقىقىي ئەمەلگە ئاشىدۇ.


 

ئەڭ يېڭى مەزمۇن

يەنەبار

●  ئېلېكترون كۆز
●  لازېر نۇرلۇق بېسىش ...
●  ئېلېكترونلۇق مېڭە
●  ئېلېكترونلۇق ئېلان...
●  ئېلېكترونلۇق لۇغەت
●  ھاۋا رايىنى سوراش ئ...
●  ئېلېكترونلۇق قول س...
●  ئېلېكترونلۇق فوتو ...
●  لازېر نۇرلۇق كۆرۈش ...
●  سىنئالغۇ
●  ئورتاق ئانتېننىلىق...
●  كۆپ يوللۇق تېلېۋىز...
●  ستېرېئو رەڭلىك تېل...
●  sumsung شىركىتىنىڭ ئەڭ...
●  تەكشى تاختا شەكىلل...
●  بىئو كومپيۇتېر
●  يۈز مىليون قېتىملى...
●  كومپيۇتېر ترېنېر
●  ئائىلىلەردىكى كومپ...
●  كومپيۇتېر شاھمات ئ...

تەۋسىيە ئەسەر

يەنە بار

●  ئېلېكترون كۆز
●  لازېر نۇرلۇق بېسىش ماشى...
●  ئېلېكترونلۇق مېڭە
●  ئېلېكترونلۇق ئېلان تاخت...
●  ئېلېكترونلۇق لۇغەت
●  ھاۋا رايىنى سوراش ئاپپا...
●  ئېلېكترونلۇق قول سائەت
●  ئېلېكترونلۇق فوتو ئاپپا...
●  لازېر نۇرلۇق كۆرۈش دىسك...
●  سىنئالغۇ

ھەمكارلىشىڭ بېكەت ھەققىدە ئېلان بېرىڭ مۇلازىمتىمىز شىركەت ھەققىدە پىكىر بېرىڭ ئالاقىلىشىش
بىلقۇت ئۇنىۋېرسال تور بېكىتى
ئادىرسى : ئۈرۈمچى غالىبيەت يولى 183- نومۇر ، تېلېفون : 09912555222
شىنجاڭ << بىلقۇت >> ئېلېكتىرون پەن -تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى تور ئىشخانسى ئىشلىدى
© 2007-2008 Bilqut Uyghur Website 新ICP备10002904
مۇلازىمېتىر تەمىنلىگەن ئورۇن كۆك ئاسمان تور مۇلازىمىتى چەكلىك شېركىتى