ئېلېكترونلۇق قول سائەت
يوللانغان ۋاقتى : 2009-03-10 11:52:37 كۆرۈلۈش سانى : 53
20 - ئەسىرنىڭ60 - يىللىرىنىڭ ئاخىرىدا، بىر خىل ئىسترېلكىلىق كۋارتىس ئېلېكترونلۇق سائەت بارلىققا كەلدى، ئۇنىڭ مېڭىشىنىڭ توغرىلىق دەرىجىسى مېخانىك قول سائەتنىڭ100 ھەسسىسىگە يەتتى، ھەر كۈنلۈك خاتالىق پەرقى2 .0 سېكۇنتقىمۇ يەتمىدى. قانداق بىر سىرلىق كۈچ كۋارتىسلىق ئېلېكترونلۇق سائەتنىڭ300 يىللىق تارىخقا ئىگە مېخانىك سائەتنى شۇنچە ئارقىغا تاشلىۋېتىشىگە سەۋەب بولدى؟ بۇنى يەنىلا سائەتنىڭ ۋاقىتنى ھېسابلاش پرىنسىپىدىن باشلاپ سۆزلەش كېرەك.
قەدىمكى كىشىلەر كۆلەڭگىنىڭ يۆتكىلىشىدىن پايدىلىنىپ گنومون (قۇياش سائىتى) دەپ ئاتىلىدىغان ۋاقىت ھېسابلاش ئەسۋابىنى ياساپ چىققان، ئېقىش سۈرئىتى تەكشى بولغان سۇ تامچىسىدىن پايدىلىنىپ »كىلوۋ« (تامچە سائەت) ياساپ چىققان، يېنىۋاتقان ئىسرىقتىن پايدىلىنىپ ۋاقىتنى مۆلچەر بىلەن ھېسابلىغان ۋەھاكازا. بۇ ئۇسۇللار شۇنى چۈشەندۈرىدۇكى، ۋاقىتنى ئۆلچەشتە تايىنىدىغىنىمىز مۇقىم ھەرىكەت. ھازىرقى زاماندىكى سائەتلەر تەۋرىنىشنى مۇقىم ھەرىكەت قىلىدۇ. بۇ خىل تەۋرىنىش خۇددى ئىلەڭگۈچكە ئوخشاپ كېتىدۇ، تەۋرەنگۈچ ئۆزىنىڭ مەركىزىي ئورنىنىڭ ئىككى تەرىپىگە بېرىپ - كېلىپ قايتىلما ھەرىكەت قىلىدۇ، شۇنداقلا، بىر قېتىم بېرىپ - كېلىشى ئۈچۈن كەتكەن ۋاقىت ( دەۋر دەپ ئاتىلىدۇ) ئۆزگەرمەس مۇقىم بولىدۇ. ئەگەر تەۋرىنىش دەۋرىنى بىلسەك، پەقەت ئۇنىڭ تەۋرىنىش قېتىم سانىنىلا ئۆلچىسەك، ۋاقىتنى ئۆلچىگەن بولىمىز. تەۋرەنگۈچنىڭ ھەربىر سېكۇنتتا تەۋرەنگەن قېتىم سانى قانچە كۆپ بولسا، ئۆلچەنگەن ۋاقىتمۇ شۇنچە توغرا بولىدۇ.
مېخانىك قول سائەتنىڭ تەۋرەنگۈچ دېتالى ماياتنىك چاق بولۇپ، ئالىي دەرىجىلىك تېز ماياتنىكلىق سائەتنىڭ ماياتنىكى سېكۇنتىغا پەقەت ئالتە قېتىملا تەۋرىنىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچى پۇرژىنىسى تەمىنلىگەن ئېلاستىك كۈچ يېتەرلىك تەكشى بولمىغانلىقتىن، تەۋرىنىش مۇقىملىقىغا تەسىر يېتىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇنىڭ ھەركۈنلۈك خاتالىق پەرقى نەچچە سېكۇنتقا يېتىدۇ.
كۋارتىسلىق ئېلېكترون سائەت كۋارتىس (خرۇستال) رېزوناتوردىن تۈزۈلگەن تەۋرەنگۈچنى ۋاقىتنى ھېسابلاش «يۈرىكى» قىلىدۇ، سېكۇنتىغا32 مىڭ768 قېتىم تەۋرىنىدۇ، ئىشلىشى ئىنتايىن توغرا ھەم مۇقىم بولۇپ، سىرتقى تېمپېراتۇرا، نەملىك ۋە تەۋرىنىشنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىمايدۇ، شۇڭا ئۇنىڭ ئېنىقلىق دەرىجىسى زور دەرىجىدە يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن. يۇقىرى ئېنىقلىقتىكى كۋارتىسلىق قول سائىتىنىڭ بىر يىل ماڭغاندىكى خاتالىق پەرقى3 −5 سېكۇنتقىچە بولىدۇ.
كۋارتسلىق ئېلېكترون سائەتلەر ئىسترېلكىلىق ۋە رەقەملىك دەپ ئىككى خىل بولىدۇ. ئىسترېلكىلىق سائەتلەردە يەنىلا چىشلىق چاق ئارقىلىق ھەرىكەتلەندۈرۈلىدىغان ئىسترېلكىلار ۋاقىتنى كۆرسىتىدۇ. رەقەملىك كۋارتىسلىق سائەتلەردە رەقەم ئارقىلىق ۋاقىت كۆرسىتىلىدۇ. ئۇنىڭ ئىچكى قىسمى پۈتۈنلەي ئېلېكترونلۇق دېتاللاردىن تۈزۈلگەن بولۇپ، تولۇق ئېلېكترونلۇق سائەت دەپمۇ ئاتىلىدۇ.
نازۇك ئېلېكترونلۇق دېتاللار كۋارتىسلىق سائەتنى ناھايىتى كىچىكلىتىۋەتتى، ئۇلارنىڭ نېپىزلىكى بەش پۇڭلۇق مېتال پۇلدەك بولۇپ، تۈگمە، قەلەم، تىڭشىغۇچ، كۆزەينەك جازىسى، زىننەت بۇيۇملىرى قاتارلىق ياندا ئېلىپ يۈرىدىغان نەرسىلەرگە ئورۇنلاشتۇرغىلى بولىدۇ. بەزى كۆپ ئىقتىدارلىق ئېلېكترونلۇق سائەتلەر ۋاقىتنى كۆرسەتكەندىن باشقا يەنە چېسلانى كۆرسىتىش، بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى ئۆلچەش، تېلېفون نومۇرىنى ساقلاش، ھېسابلاش قاتارلىق ئىشلارنى قىلالايدۇ.
ئېلېكترونلۇق قول سائىتىنى ئاسراش قۇلايلىق. ئۇنىڭدا مېخانىك قىسىملار قىسمەن ساقلانغان ياكى پۈتۈنلەي يوقىتىلغان، تۈزۈلۈشى ئاددىي، ئاسان بۇزۇلمايدۇ، مېخانىك سائەتتىكىگە ئوخشاش پۇرژىنىسىنى كۈندە بۇراپ چىڭىتىدىغان ئاۋارىچىلىك يوق. باتارېيىسى بىر - ئىككى يىلدا ئاران بىر قېتىم ئالماشتۇرۇلىدۇ. ئادەتتە سائەت قېپى كىرلىشىپ پاسكىنا بولۇپ قالسا يۇمشاق لاتا بىلەن سۈرتۈۋەتسەكلا بولىدۇ. مۇبادا نەملىشىپ قالسا، كەينىدىكى قاپقىقىنى ئېچىپ ℃60 تىن تۆۋەن بولغان چىراغ نۇرى ئاستىدا قۇرۇتساقلا بولىدۇ. ئەگەر خېلى ئۇزاق ۋاقىت ئىشلەتمەسلىككە توغرا كەلسە، باتارېيىسىنى چىقىرىپ ئېلىپ، سائەت بىلەن باتارېيىنى قۇرغاق ھەم سالقىن جايغا قويۇشىمىز كېرەك.
|
|