ھاۋا رايىنى سوراش ئاپپاراتى
يوللانغان ۋاقتى : 2009-03-14 11:29:00 كۆرۈلۈش سانى : 46
دۆلىتىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا مەخسۇس ئىشلىتىلىدىغان بىر تېلېفون نومۇرى بار بولۇپ، ئۇ بولسا121 . پەقەت بۇ نومۇرنى باسسىڭىزلا، بىر ئاۋاز چىقىپ سىزگە يېقىنقى ئىككى كۈنلۈك ھاۋا رايى ئەھۋالىنى ئېيتىپ بېرىدۇ. مانا بۇ ھاۋا رايىنى سوراش ئاپپاراتىدىن ئىبارەت.
ھاۋا رايىنى سوراش ئاپپاراتى ئەمەلىيەتتە بىر ئالاھىدە ئۈنئالغۇدىن ئىبارەت. ئۇنىڭدا بىر خىل ئالاھىدە ياسالغان ماگنىتلىق لېنتىغا ھەر كۈنلۈك ھاۋا رايى ئەھۋالى ئالدىنئالا خاتىرىلەپ قويۇلىدۇ، بۇ خىل ماگنىتلىق لېنتا بىر تەرەپ قىلىش ئارقىلىق، تەكرار ئايلىنىۋېرىدىغان ماگنىتلىق لېنتا قىلىنىدۇ. سوراش ئاپپاراتىنىڭ تېلېفون نومۇرىنى باسقاندىن كېيىن، سوراش ئاپپاراتىدىكى ئۈنئالغۇ ئۆزلۈكىدىن ئېچىلىپ، ھاۋا رايىنى مەلۇم قىلىدۇ.
دۆلىتىمىزدە ھاۋا رايىنى سوراش ئاپپاراتى ئاساسەن ئىككى خىل: بىر خىلى بىۋاسىتە مېتېئورولوگىيىلىك ئۆلچەش ئىستانسىسى تارقىتىدىغىنى بولۇپ، مەخسۇس لىنىيە ئارقىلىق تېلېگراف ئىدارىسىگە ئۇلانغان بولىدۇ، ئۇ ھەر كۈنلۈك ھاۋا رايىدىن بېرىلىدىغان ئالدىن مەلۇماتنى تەكرار تارقىتالايدۇ، نەچچە ئون ياكى نەچچە يۈز ئادەم بىرۋاقىتتا تېلېفون بېرىپ سورىسا، ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئاڭلىيالايدۇ، پەقەت تېلېفون تۇرۇپكىسىنى قويۇۋەتمىسىلا يەنە ئىككىنچى قېتىم، ئۈچىنچى قېتىم ئاڭلىيالايدۇ. بۇ ئاساسلىقى چوڭ شەھەرلەردە ئىشلىتىلىدۇ. يەنە بىر خىلى تېلېگراف ئىدارىسىنىڭ مەلۇم بىر تېلېفون سىمىغا ئۇلانغان بولۇپ، ئۇنىڭدا ئۈنئالغۇ تېلېفون قوڭغۇرىقىنىڭ سىگنالىغا تايىنىپ ئۇلىنىدۇ (ئېچىلىدۇ)، ھاۋا رايى خەۋىرىنى بېرىپ بولغاندىن كېيىن، ئېلېكتر زەنجىرىنىڭ ۋاقىت بېكىتىش قۇرۇلمىسى يېپىلىپ قالىدۇ − دە، سوراش ئاپپاراتى ئايلىنىشتىن توختايدۇ، كېيىنكى بىر ئادەم ھاۋا رايىنى ئاڭلىماقچى بولسا، تېلېفون نومۇرىنى قايتا بېسىشقا توغرا كېلىدۇ.
|
|