ئېلېكترونلۇق لۇغەت
يوللانغان ۋاقتى : 2009-03-15 10:13:54 كۆرۈلۈش سانى : 104
ئېلېكترونلۇق لۇغەت يەنە ئېلېكترونلۇق تەرجىمە قىلغۇچ دەپمۇ ئاتىلىدۇ. كۇنۇپكا تاختىسى ئارقىلىق خەنزۇچە ياكى چەت تىلدىكى تاق سۆزلەرنى كىرگۈزگەن چاغدا، سۇيۇق كرىستاللىق ئېكراندا ئۇلارغا ماس بولغان سۆزلەر پەيدا بولىدۇ ھەمدە بۇ سۆزلەرنىڭ ئىزاھلىرىمۇ ئېكرانغا چىقىدۇ، بۇ، ئادەتتىكى لۇغەتلەرنى ئاختۇرغاندىكىدىن كۆپ تېز بولىدۇ.
ئېلېكترونلۇق لۇغەتنىڭ چوڭلۇقى كىچىك تىپتىكى ھېسابلىغۇچقا ئوخشاپ كېتىدۇ، ئۇ ئاساسلىقى مىكرو ئېلېكترونلۇق مېڭىنىڭ مىكرو بىر تەرەپ قىلغۇچى بىلەن كۆپلىگەن مىكرو تىپلىق ساقلىغۇچتىن تۈزۈلىدۇ. ساقلىغۇچ ئېلېكترونلۇق لۇغەتنىڭ ئەستە ساقلاش (خاتىرىلەش) قۇرۇلمىسى بولۇپ، ئۇنىڭدا نۇرغۇن پروگرامما، تاق سۆز ياكى جۈملىلەر ساقلىنىدۇ. كۇنۇپكا تاختىسى ئارقىلىق بىر سۆزنى كىرگۈزگەندە ياكى بىر سوئال سورىغاندا، مىكرو بىر تەرەپ قىلغۇچ ئۇنى رەقەم شەكلىدىكى بۇيرۇق ۋە سانلىق مەلۇماتقا ئايلاندۇرۇپ، ئىزدەش ئۈچۈن ساقلىغۇچقا يوللاپ بېرىدۇ، ماس بولغان تاق سۆز ۋە جاۋابنى تاپقاندىن كېيىن، ئۇنى دەرھال سۇيۇق كرىستاللىق ئېكراندا كۆرسىتىدۇ.
ھەربىر ساقلىغۇچتا ساقلانغان مەزمۇن چەكلىك بولىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن، ئادەتتە ئۇ ئالماشتۇرۇپ قىستۇرۇپ قويغىلى بولىدىغان كىچىك دېتال شەكلىدە ياسىلىدۇ، ھەربىر ساقلىغۇچتا پەقەت مەلۇم تۈردىكى مەزمۇنلا ساقلىنىدۇ، مەسىلەن، ئادەتتە دائىم ئىشلىتىلىدىغان سۆزلەرنىڭ پىنيىنى ياكى چۈشەندۈرۈشى، ئېلېكترونىكا ئاتالغۇلىرىنىڭ چۈشەندۈرۈشى، ئوتتۇرا - باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئىنگلىزچە سۆزلۈك تەرجىمىسى قاتارلىقلار، بۇلارنى ئېھتىياجغا ئاساسەن ئالماشتۇرۇشقا بولىدۇ.
ساقلىغۇچنىڭ ئەستە ساقلاش سىغىمى چەكلىك بولىدىغانلىقى ئۈچۈن، ئېلېكترونلۇق لۇغەتنىڭ ئىقتىدارى كۆپ بولمايدۇ. چەت ئەللەردىكى بەزى ياخشىراق بولغان ئېلېكترونلۇق لۇغەتلەر ھازىر پەقەت بىرنەچچە مىڭ سۆزنىلا تەرجىمە قىلالايدىكەن. سورىغان سوئاللارغا ئېغىز تىلى بويىچە جاۋاب بېرەلەيدىغان ياكى خەنزۇ تىلى بىلەن چەت تىلنى «تەڭ يۈرگۈزۈپ» تەرجىمە قىلالايدىغان ئېلېكترونلۇق لۇغەتنى ياساپ چىقىش ئۈچۈن، ئالىملار ھازىر ئەستە ساقلاش زىچلىقى يۇقىرى بولغان ساقلىغۇچ دېتالنى تېپىپ چىقىش ئۈچۈن تىرىشماقتا.
|
|