ئېلېكترونلۇق ئېلان تاختىسى
يوللانغان ۋاقتى : 2009-03-16 10:39:01 كۆرۈلۈش سانى : 38
جۇڭگونىڭ پايتەختىدىكى بېيجىڭ مېھمانسارىيىنىڭ شەرق تەرىپىدە، ناھايىتى چوڭ بىر ئېلان تاختىسى قەد كۆتۈرۈپ تۇرىدۇ، ئۇنىڭ ئېگىزلىكى4 مېتىر، كەڭلىكى20 مېتىر بولۇپ، ئۇ «بېيجىڭ گېزىتى ئېلېكترونلۇق مېڭە خەۋەرلىرى» دەپ ئاتىلىدۇ.
بۇ ئېلان تاختىسى قانداق نەشر قىلىنىدۇ؟6
- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت يىغىنىدىكى كوللېكتىپ گىمناستىكىنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشىدە كۆرۈنگەن كۆركەم خەت شەكلى، مىڭلىغان - ئون مىڭلىغان ئۆسمۈرنىڭ رەتلىك تىزىلغان كاتەكچىلىرىدىن تۈزۈلگەن. ئۇلار قوللىرىغا ھەر خىل ئوخشاش بولمىغان رەڭدىكى تاختىلارنى تۇتۇپ، كۆرۈنۈشنىڭ ھەربىر كىچىك كاتەكچىسىدە ئولتۇرىدۇ. ئەگەر بىر خەتنى شەكىللەندۈرمەكچى بولسا، بىر تۇتاش قوماندانلىق ئاستىدا، بۇ خەت سىزىقلىرىنىڭ كاتەكچىلىرى ئىچىدە ئولتۇرغانلار ئاق تاختا كۆتۈرۈپ، بۇ خەت سىزىقلىرى كاتەكچىلىرىنىڭ سىرتىدا ئولتۇرغانلار قىزىل تاختا كۆتۈرسە، تېگى قىزىل ئۆزى ئاق خەت شەكىللىنىدۇ.
«بېيجىڭ گېزىتى ئېلېكترونلۇق مېڭە خەۋىرى» ئەنە شۇ كوللېكتىپ گىمناستىكىنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشىنىڭ شەكلىگە ناھايىتى ئوخشايدۇ. ئېلېكترونلۇق ئېلان تاختىسىنىڭ يۈزىگە81 مىڭدىن ئارتۇق كىچىك پارچە جايلاشتۇرۇلغان بولۇپ، ئۇ، ماگنىتلىق ئۆرۈلمە بەت دەپ ئاتىلىدۇ. ئۇ، خۇددى كوللېكتىپ گىمناستىكىدىكى ھەربىر ئادەم تۇتۇپ ئولتۇرغان قوش رەڭلىك تاختىغا ئوخشاش بولۇپ، مىكرو ئېلېكترونلۇق مېڭىنىڭ ئېلېكتر سىگنالىنىڭ «قوماندانلىقى» دا رەڭگىنى ئۆزگەرتىدۇ. تۈزگۈچى (مۇھەررىر) خەۋەرلەرنى تۈزۈپ، كومپيۇتېرغا كىرگۈزگەندىن كېيىن، كومپيۇتېر ھەربىر خەتنىڭ پەيدا بولۇش ئورنىغا ئاساسەن، چوڭ گېزىتتىكى ماگنىتلىق ئۆرۈلمە تاختىلارنى ئۆرۈپ، خەت بار جايلارنى ئاق رەڭگە، خەت يوق جايلارنى قارا رەڭگە كەلتۈرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن تېگى قارا خېتى ئاق گېزىت ھاسىل بولىدۇ.
بۇ ناھايىتى چوڭ «ھەرىكەتچان گېزىت» نىڭ يەنە بىر ئۈستۈن قابىلىيىتى بار: ماقالىنىڭ مۇھەررىرى تەكشۈرۈپ بولغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ «گېزىتكە چىقىشى» غا پەقەت بەش مىنۇتلا ۋاقىت كېتىدۇ، بۇ پۈتۈنلەي «نەق مەيداندىن ئاڭلىتىش» قا ئوخشايدۇ.
|
|