لازېر نۇرلۇق بېسىش ماشىنىسى
يوللانغان ۋاقتى : 2009-03-19 11:18:26 كۆرۈلۈش سانى : 50
لازېر نۇرلۇق بېسىش ماشىنىسى خەنزۇچە خەت ۋە چەت ئەل يېزىقىنى باسالايدۇ، يەنە شەكىل ۋە فوتو رەسىملەرنىمۇ باسالايدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە سۈرئىتى تېز، سۈپىتى ياخشى، شاۋقۇنى يوق.
لازېر نۇرلۇق بېسىش ماشىنىسىدا خەتلەرگە پولات قېلىپ ئىشلىتىلمەيدۇ. بارلىق خەنزۇچە خەت، بەلگە ۋە شەكىل قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ئېلېكترون سىگنالى بەلگىسىگە ئاجرىتىلىپ، رەقەملەشكەن ھەرپ قېلىپى دەپ ئاتىلىدۇ، ئۇلار ئالدىنئالا «ھەرپ ئامبىرى» دا ساقلىنىدۇ. شۇنداق قىلىپ، كۆزگە كۆرۈنمەيدىغان ئېلېكترونلۇق ھەرپ قېلىپى تۈزۈلىدۇ. بېسىش ماشىنىسىدا ئاۋاز - يورۇقلۇق ئېغىشتۇرغۇچ بار بولۇپ، لازېر ئاپپاراتى ھاسىل قىلغان لازېر نۇر دەستىسى بىر يەرگە يىغىلغان (فوكۇسلانغان) دىن كېيىن، ئاۋاز - يورۇقلۇق ئېغىشتۇرغۇچ ئارقىلىق كۆپ يوللۇق تىزگىنلەشكە بولىدىغان يورۇقلۇق دەستىسىگە ئايلىنىدۇ. بۇ چاغدا، ھەرپ ئامبىرىدىكى ھەرپ بەلگىسى ئۇچۇرى ئاۋاز - يورۇقلۇق ئېغىشتۇرغۇچنى تىزگىنلەپ، لازېر نۇر دەستىسى ھەرپكە مۇناسىۋەتلىك بولغان لازېر نۇر يورۇقلۇق چېكىتىگە ئايلىنىدۇ. يەنى ھەرپ سىزىقلىرى بار ئورۇنلاردا يورۇقلۇق يوق، ھەرپ سىزىقلىرى يوق ئورۇنلاردا يورۇقلۇق بار بولىدۇ. بۇ خۇددى يورۇقلۇق چېكىتلىرىدىن تۈزۈلگەن ھەرپنى بېسىپ چىقارغانغا ئوخشايدۇ.
لازېر نۇرلۇق بېسىش ماشىنىسىدا يەنە بىر يۈرۈش تەسۋىر روشەنلەشتۈرۈش ۋە تەسۋىر مۇقىملاشتۇرۇش قۇرۇلمىلىرى بار، ئۇلارنىڭ پرىنسىپى تىنچ ئېلېكترلىك نۇسخا بېسىپ چىقىرىشقا ئوخشايدۇ. ھەرپ ئۇچۇرىغا ۋەكىللىك قىلىدىغان لازېر نۇر لازېر ئېغىشتۇرغۇچتىن چىقىپ، بىر چېكىت - بىر چېكىتتىن فوتو ئېلېكترلىك يېرىم ئۆتكۈزگۈچ تاختىغا ياكى ئايلانما ناغرىغا چۈشىدۇ. تاختا ياكى ئايلانما ناغرا تەكشى تېزلىكتە ئايلانغان چاغدا، يۇقىرى بېسىملىق زەرەتلىگۈچى ئېلېكتر قۇتۇپى تىنچ ئېلېكترلىك ئىندۇكسىيە ھاسىل قىلىپ، ناغرا يۈزىنى بەلگىلىك ئېلېكتر بېسىمىغا ئىگە تىنچ ئېلېكتر (زەرەت) گە ئىگە قىلىدۇ. ناغرا يۈزىگە يورۇقلۇق سەزگۈر يېرىم ئۆتكۈزگۈچ ماتېرىيال سۈركەلگەنلىكى ئۈچۈن، يورۇقلۇق چۈشكەن يەردىكى ئېلېكتر زەرىتى قېچىپ كېتىپ، ئېلېكتر بېسىمى جىددىي تۆۋەنلەيدۇ. ھەرپ (يېزىق) ئۇچۇرىنى ئېلىپ كەلگەن لازېر نۇر دەستىسى خۇددى بىر يورۇقلۇق قەلەمگە ئوخشاش تاختا ياكى ناغرا يۈزىنى سىيپاپ ئۆتكەندە، زەرەتلىك يېزىق ھاسىل بولىدۇ. بۇ تاختا ياكى ناغرا يۈزى ئايلىنىپ ئەكسىچە زەرەت بىلەن زەرەتلەنگەن تەسۋىر روشەنلەشتۈرۈش تالقىنىغا كەلگەن چاغدا، تاختا ياكى ناغرا يۈزىدىكى زەرەتلىك ھەرپ بۇ رەڭلىك تالقاننى ئۆزىگە تارتىپ، ئەسلىدىكى كۆرۈنمەيدىغان تىنچ ئېلېكترلىك ھەرپ، كۆزگە كۆرۈنىدىغان رەڭلىك تالقانلىق ھەرپكە ئايلىنىدۇ. تاختا ياكى ناغرا يۈزى ئايلىنىپ بېسىش قەغىزى بار يەرگە كەلگەن چاغدا، قەغەزنىڭ كەينى تەرىپىدە ئەكسى يۇقىرى بېسىملىق تىنچ ئېلېكترلىك ئېلېكتر قۇتۇپى بار بولغانلىقى ئۈچۈن، تاختا ياكى ناغرا يۈزىدىكى رەڭلىك تالقان ھەرپ تارتىلىپ بېسىش قەغىزىگە ئۆتىدۇ. شۇنداق قىلىپ لازېر نۇرلۇق ھەرپ بېسىش تاماملىنىدۇ. ھەرپ بېسىلغان بۇ قەغەز پەقەت بىر گۇرۇپپا ئىسسىقلىق ئارقىلىق تەسۋىر مۇقىملاشتۇرۇش قۇرۇلمىسىدىن ئۆتكۈزۈلسىلا، قەغەزدىكى رەڭلىك تالقان ھەرپ دەرھال قېتىپ، مەتبەئەدە بېسىلغانغا ئوخشاش ھۆججەت ۋە سۈرەتلەرگە ئايلىنىدۇ. ئەمەلىيەتتە، بارلىق تەسۋىر روشەنلەشتۈرۈش ۋە تەسۋىر مۇقىملاشتۇرۇشلارنىڭ ھەممىسى بېسىش ماشىنىسىدا ئاپتوماتىك ھالدا ئېلىپ بېرىلىدۇ، پەقەت بۇ باشتىن قەغەز كىرگۈزۈلسىلا ئۇ باشتىن ئېنىق بېسىلغان ماتېرىيالغا ئېرىشكىلى بولىدۇ.
|
|