• چەتكە قېقىلغان «ئۇيغۇر» مەدەنىيىتى

    2010-06-25

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    http://www.blogbus.com/bilim-kuq-logs/67076186.html

    ئابدۇۋەلى تۇرسۇن ( ئەرتۇران )

    قازاق – قىرغىز خەلقى قىپچاق تۈرۈكلىرى بۇلۇش بىلەن ، كەڭ تۈرۈك مىللەت دەرىخىنىڭ بىر شېخى ھىساپلىنىدۇ . تاتار باشقىرىت تۈركولوگى زەكى ۋەلىدى توغان، ئۆزىنىڭ << تۇرۈك تارىخىغا كىرىش >>( تۈرۈك تىلىدىكى ) ۋەزنىلىك ئالەمشۇمۇل شۆھرەتلىك كىتاۋىدا ھازىرقى قازاقلار ، قىرغىزلار ، تاتارلارنىڭ بىر قىسمى كاۋكازىيەلىكلەرنىڭ قىسمەن ئەجداتلىرى ، قارا دېڭىزنىڭ شىمالىدىكى قىرىم تۈرۈكلىرىنىڭ بىرقىسمى ، قارا قالپاق … ، كۇمان دەپ ئاتىلىدىغان قەدىمىقى كاۋكاز ئەتراپى شىمالىدىكى مىلەتلەرنى قىپچاق تۈرۈكلىرىگە تەۋە دەپ قارىغان ئىدى . ئۇندىن باشقا ئەزەربەيجان ، سالجۇق تۈرۈكلىرى ، تۈرۈكمەنلەر ( ھازىرقى ئىراق ، سۈرىيە ، سېربىيە ، ئىران رومانىيە تۈركلىرى ) ، تۈرۈكمەنىستان تۈرۈكلىرى ،ئۆزبىك ، ئۇيغۇر – سېرىق ئۇيغۇر ، ياقۇت – تۇۋا … تۈرىكلىرى قەدىمقى ئۇغۇز تۈرۈكلىرى جۈملىسىگە كىرىدىغانلىقىنى قەيىت قىلىش بىلەن بىرگە ، ئۇغۇز تۈرۈكلىرىنىڭ مەدەنىيەتكە كىرىشىنىڭ قىپچاق تۈرۈكلىرىدىن بۇرۇن بولغانلىقىنى … ، ئۇلارنىڭ تارىختا يىپەك يۇلى مەدەنىيتىدە ئاجايىپ ئەرزىگۈدەك ئىشلارنى قىلغانلىقىنى يازغان … ئۇندىن باشقا ئوتتۇرا ئاسىيادا قىپچاقلار << سارىت >> (قەدىمىقى تۈرك تىلىدا سودىگەر دىگەنلىك ) دەپ قويىدىغان قەۋملەرنىڭ ياراتقان مەدىنىيەتلىرىنىڭ ، پۈتۈن تۈرۈك خەلىقلىرىگە ئۈلگە بولىدىغانلىقىنى قەيىت قىلغان …
    قانداقلا تارىخىي دەلىلنى كەلتۈرمەيلى ، قازاق – قىرغىز دەپ ئاتالغان قەۋىملەر بىلەن ئۇيغۇرلار ئەزەلدىن بىر يەردە ياشاپ ، خۇشنا بۇلۇپ كەلگەن . ئۇلار تىل ، مەدەنىيەت ، ئۆرىپ ئادەت… ۋە باشقا مىللىي پىسخىك ئالاھىدىلىكتىن يېقىنلىقى ، قان جەھەتتە بىردەكلىكى سەۋەپلىك نەچچە مىڭ يىلدىن بۇيان ئۆز ئارا خۇشنا بۇلۇپ ، مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇپ كەلگەن … بۇ ھەقتە تارىخىي پاكىتلار يېتەرلىك، بۇنىڭغا كۆز يۇمغىلى بۇلمايدۇ …
    قازاقلار تارىختا ئۇيغۇرلار بىلەن تالاي كۇلپەتلەرنى مۈرىنى مۇرىگە تىرەپ دىگۈدەك ئۆتكۈزدى . بۇ خەلىق جۇڭغار باسقۇنچىللىرى دەۋرىدە ، ئۇلارغا قارشى تۇركىستان شەھىرى ئەتراپلىرى ، ئامۇ دەريا شىمال شەرقىدىكى قارا تاغ ئېتەكلىرىدە ، بايقال بۇيلىرىدا 16 – ئەسىرىنىڭ ئالدى كەينىدە ، ھەتتا ئۇزۇنغا سۇزۇلغان ئۇرۇشلاردا ، ئۇيغۇرلار بىلەن بىرنىيەتتە بۇلۇپ كەلدى … ، ئۇلاردىن شۇ دەۋىردە تەۋكەخاندەك بۈيۈك پادىشاھ يول باشچىلىرى يىتىشىپ چىقتى … ئۆزبەكخان ۋە شايبانىلار دەۋرىدە ماۋنە نەھىر ئۇيغۇرلىرى بىلەن قازاق – قىپچاقلىرىنىڭ يۇغۇرىلىشى تېزلەشتى تاشكەنىت ، چىم كەنىت شەھەرلىرىگە قازاق قەبىلىلىرى كۆچۈپ كىلىپ ئۇيغۇرلار بىلەن قان جەھەتتە تىخىمۇ قوشۇلدى … ، دىمەك بۇ ئۇلارنىڭ كېيىنكى ئۆزبەك مىلىتىنىڭ شەكىلىنىشىدە مۇھىم رول ئوينىشى ھىساپلىنىدۇ …
    بۇمىللەتلەرنىڭ ھەمكارلىقى ھەتتا 18 -19 -ئەسىرنىڭ بوسۇغىسى ۋە ئوتتۇرلىرىغىچە داۋام قىلىپ كەلدى … دۆلىتىمىزدىكى قازاقلار بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئالاقىلىرى تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە . سودا قىلىپ تاغلارغا ، يايلاقلارغا بىرىپ قازاق قەبىلىللىرى بىلەن مال ئالماشتۇرۇپ تۇرىدىغان كەسپىي سۇدىگەرلەرنى ئۇيغۇرلار << قىرچىلار >> دەيدۇ . يەنى قازاقلار بىلەن ئۇيغۇرلار سۇدىسىنى << قىرچىلىق >> دەپ ئاتايدۇ . مانا مۇشۇنداق باغلىنىش سەۋەپلىك ئۇيغۇرلار ھازىرغىچە قازاق – قىپچاقلارنى ھۆرمەتلەپ كىلىۋاتىدۇ . يازغۇچىللىرىمىز ھەتتا ھەرقانداق تارىخىي ئەسەرلىرىدە ، قازاق – ئۇيغۇر مىللىي ئالاھىدىلىكىگە ھۆرمەت قىلىدىغان ھەرقانداق ئەسەرلەرنى يارىتىۋاتىدۇ : << ئانا يۇرۇت >> تا ، << ئىز >> رومانلىرىدا قازاق قەھرىمانلىرى ئالاھىدە ھۆرمەت بىلەن تىلغا ئىلىنغان . تارىخىي كىتاپلىرىمىز بۇ قىپچاق قەۋملىرىگىمۇ ئالاھىدە ئۇرۇن بەرگەن ، نەۋائىنىڭ نەزمىي ئەسەرلىرىدە قازاق – ئۇيغۇرلارلا ئەمەس دۇنيا مىللەتلىرىنىڭ ھەممىسىنىڭ ئەۋرىشكىللىرى بار … ، بىزنىڭ تارىخىي ئەسەرلىرىمىزنىڭ كۆپ قىسمى ئىنسانىيلىق ئاساسىغا قۇرۇلغاندۇر … . مانا بۇ ئەجداتلىرىمىزدىكى ئىنسانىيلىقنىڭ گەۋدىلىك ئىپادىسى … .
    بىزدە بۇ ھەقتە ئىسپاتلار يېتەرلىك ، ئەمما مۇشۇنداق بۇلۇشىغا قارىماي كۆپلىگەن قازاق كىتاپلىرىدا ئۇيغۇرلار ۋە ئۇلار ياراتقان مەدىنىيەتكە ئائىت ھېچقانداق بىر ئۈلگۈلەرنى ئۇچۇراتقىلى بۇلمايدۇ . مەشھۇر ئىكىسپىدىتسىيەچى چوقان ۋەلىخانۇپ 19 – ئەسىرنىڭ بۇسۇغۇسىدا ، چارپادىشانىڭ ئىشپۇيۇنى بۇلۇپ ، ئۇيغۇر رايۇنىغاكىرگەنلىكى قازاق ۋەرۇس تىلىدا نەشىر قىلىنغان ئۇنىڭ قۇل يازمىللىرىدا ئۇچۇق ئېيتىلغان … ( ئەلۋەتتە بۇ بىر قېرىنداش مىللەتتىن چىققان ئالىمنىڭ ئىنسانىيلىق شەنىگە سېلىنغان قارا داغدىن باشقا نەرسە ئەمەس ) . بۇلا ئەمەس قازاق – قىپچاق خەلىقى بىزلەرگە شۇنچىلىك قېرىنداش ، قانداش كېلىدۇيۇ ئەمما ، نىمە ئۈچۈن ئۇلارنىڭ مەنىۋىي ۋەكىللىرى بۇلغان ئەدىپ -ئالىملىرى ، ئىنسانىيلىق بىلەن ئۇيغۇرلار ھەققىدە دادىل ، كەسكىن بىرنەچچە ئېغىز يازما يېزىشتىن شۇنچە ئۆزىنى قاچۇرىدۇ(قىزغانچۇقلۇق قىلىدۇ) .. ياكى كۆزى كىچىكلىك قىلىدۇ . مەن خېلىدىن بېرى قازاق خەلىقىنىڭ سۆيۈملىك ئاقىن – شائىرلىرىنىڭ ئەسەرلىرىنى جۈملىدىن مۇقاغالى مۇقاتايېۋ ، مۇختار ماغاۋېن ، مۇختەر شاقان … قاتارلىق ئەدىپلەرنىڭ ئەسەرلىرىنى سۆيىنىش بىلەن ئۇقۇغان ، ئۇقۇپ كېلىۋاتقان ئىدىم ، بىراق يېقىندىن بۇيات نەشىر قىلىنغان قازاق تىلىدىكى كىتاپلاردىكى بەزى مەسىلىلەر ، ئۇيغۇر مەدىنىيەتىگە بۇلغان ھۆرمەتسىزلىكلەر ، دارىتما – ياپتا گەپلەر مېنى قازاق ئەدىپلىرىدىكى ، قەلەمكەشلىرىدىكى ئىنسانىيلىقتىن ، سەمىمىيەتتىن گۇمانلاندۇرۇپ قۇيدى ..، ئەلۋەتتە ھەرقانداق قەلەمكەش ئىنسانىيلىقنى بىرىنچى ئۇرۇنغا قۇيىشى ، شۇ ئاساستا مىللىيىك بىلەن ئۇنى يۇغۇرىشى ، باشقا مىللەت مەدىنىيەت ئۇتۇقلىرىنى ھۆرمەت قىلىشى شەرىت … بىراق مەن ئۇلارنىڭ ئەدەبىي تارىخىي ئەسەرلەردىن ، يازمىلىرىدىن بۇ ھالەتنىڭ – قەدىمىي مىللەت ئۇيغۇرلارنىڭ مەدىنىيەتلىرىگە ئايىت ئىزنالارنى ، ئۇچۇق ئىپادىلەرنى تاپالمىدىم ۋە بەكمۇ ئەپسۇسلاندىم :ئاخىرى بۇ بىنۇرمال ھادىسەلەرنى ئۇيغۇر ئۇقۇرمەنلەر ئالدىدا ئاشكارىلاشنى تۇغرا تاپتىم …
    مەن يېقىندا ئۇتتۇرا ئاسىياغا سۇدا بىلەن چىققان بىر ئۇيغۇر زىيالىيسىدىن ، قىرغىزلارنىڭ بەزى تارىخچىللىرىنىڭ تارىخنى بۇرمىلاپ ، تارىخىي كىتاپلىرىغا << ئۇيغۇرلارنى بىز يەنسەي بۇيلىرىدىن قىتان، تۈبەتلەرنىڭ ھىمايىسىدە سۈر-تۇقاي قىلىپ بۇياقلارغا قۇغلىغانمىز … ، ئۇلار ئەشۇنداق خەلىق ، بىز ھازىرمۇ ئۇلارنى بۇيەردىن قۇغلىشىمىز كىرەك …>> دەپ يازغانلىقىنى ئاڭلىدىم . ئۇندىن باشقا مەشھۇر دۇنياۋى شەخىس يازغۇچى چىڭغىئىز ئايىتماتۇۋ ، ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلىقىنى ئۆزى ئىتىراپ قىلغان بۇلسىمۇ قىرغىزلار ، ئۇنىڭغا بېسىم ئىشلىتىپ << سەن قىرغىزسەن … ئەگەر مۇشۇ ھەقتىكى ھەرقانداق بىريازما يېزىلغان گېزىت ، نەشىريات ئۇرنى بۇلسا ئۇنى پىچەتلىگۈزىۋېتىمىز دىگەنلىكى … >> مەلۇم . مەن بۇ ھەقتىكى پاراڭنىمۇ رايۇنىمىزدىكى بىر گېزىتخانا مەسۇلىدىنمۇ ئىشىتكەن ئىدىم … قىرغىزلارنىڭ بۇنداق قىلىشى ئەلۋەتتە ، ئۇيغۇرلار ۋە ئۇلارنىڭ تارىخىي مەدىنىيەتىگە باشقىچە سۇغۇق مۇئامىلىدە بۇلۇۋاتقانلىقىدىن ئايرىپ قارىغىلى بۇلمايدۇ … بۇندىن سىرىت قازاقىستان مۇستەقىل بۇلۇشنىڭ ئالدى كەينىدە نۇرغۇن قازاقلار ، << ئۇيغۇرلار دۆلىتىگە چىقىپ كەتسۇن …>>دەپ ئۇلارغا ھۇجۇم قىلغاندا ، نەزەربايىف << ئۇيغۇرلار بۇلمىسا يەتتە سۇ رايۇنىدىكى دېھقانچىلىق توختايدۇ ، بۇنىڭ بىلەن قازاقلارنىڭ يېزا ئىگىلىكى ئاخساپ قالىدۇ … >>دەپ قازاق ئاممىسىنىڭ غەزىۋىنى پەسەيىتكەن ئىكەن …
    بۇ ئىشلارنى ئاز دىگەندەك دۆلىتىمىزدىكى كۆپلىگەن غۇللۇق قازاق ئەدىپ ، تارىخچى – مەدەنىيەتشۇناسلاردا بۇخىل ئايرىمىچىلىق يېقىندىن بۇيان خېلىلا ئېغىردەرىجىدە باش كۆتۈردى … بىزگە مەلۇمكى غەربى يۇرتلۇق ئەل قىدىر مۇڭغۇللار قۇرغان يۈئەن سۇلالىسى دەۋرىدە غەربى يۇرتتىن ئىچكىرى رايۇنلارغا بېرىپ ، موڭغۇل خان ئوردىسىدا تۇرغان ۋە بېيجىڭ شەھىرىنىڭ شەھەر خەرىتسىنى سىزغان .ئۇنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ كىلاسسىك نزھىنىرى ئىكەنلىكى << يۈئەن سۇلالىسى تارىخى >> دا ئۇچۇق ئېيتىلغان . خەنزۇلارنىڭ داڭلىق ئارخىلوگى جىداچۈن يازغان خەنزۇ تىلىدىكى 1997-يىل10-ئايدا نەشىر قىلىنغان ، << شىنجاڭ تارىخىغا ئائىت سوئال جاۋاپلار >> دىگەن كىتاپنىڭ 80 – 85- بەتلىرىدە ، يۈئەن سۇلالىسىدە ئۆتكەن ئۇيغۇر مەشھۇرلىرىدىن داڭلىق ۋەزىر ئارخۇن سارى ، مازۇچاڭ ، مۇزىكانىت گۈئەن يۈئەن شەن … لەر قاتارىدا بېيجىڭ شەھىرىنى لاي ھەلىگۈچى ئىنجىنىر ئەلقەدىرنىمۇ تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن ۋە ئۇنىڭ ئۇيغۇرلىقى ھەققىدە مەخسۇس تارىخىي پاكىتلار بىلەن تۇختالغان . ئەلقىدىرنىڭ ئۇيغۇر ئىكەنلىكى ھەققىدە خەلق نەشىرىياتى نەشىر قىلغان << يۈئەن سۇلالىسىدىكى مەشھۇر ئۇيغۇر شەخىسلەر >> دىگەن كىتاپتىمۇ بايانلار بار .
    بىراق قىززىق يېرى شۇكى ، مەن يېقىندا قازاق تىلىدا ئىلى خەلق نەشىرياتى 2006-يىل 10 -ئايدا نەشىر قىلغان ، پولات كەرىبايېۋ يازغان << قازاقلارنىڭ ئۆي قۇرلىش مەدىنىيىتى >> دىگەن كىتاپتا ، ئۇيغۇر ئەلقەدىرنى قانداقتۇر تارىخىي پاكىتلارنى چۆرىپ تاشلىغان ھالدا ، ئۇنى << قازاق – قىپچاق >>دەۋالغانلىقىنى ، مۇئەللىپ خىيالەن بۇ ئۇيدۇرمىسىنى ئاقلاش ئۈچۈن نۇرغۇن ساختا دەلىللەرنى ئۇتتۇرغا قۇيغانلىقىنى كۆردىم … بۇ كىتاپنىڭ 60 -63- بەتلىرىدە ، ئەلقىدىرنىڭ قانداقتۇر ئاتالمىش << قازاق – قىپچاق ئىكە>> لىكى ھەققىدە نۇرغۇن بەت ئاجىرىتىلغان :<< … قۇبلاي مۇڭغۇلچە ، ۋەزىرلەر خانزۇچە ، ئەمما ئەلقىدىر قازاق – قىپچاق تىلىدا سۆزلەيدۇ . پادىشا ئەلقىدىرغا ، پادىشا ئۇردىسىنى سېلىشتا سېنىڭ كۆز قارىشىڭ قانداق ؟ دەپ سورىسا ، قازاق – ئەزىمەتى ئەلقىدىر :< ئوتتۇرا تۇزلەڭلىك بىلەن ، غەرىپنىڭ ئۆي ئۇسلۇبىدا پەرىق بار …> دىگەچ ، بېيجىڭ شەھىرىنىڭ ، شەھەر قۇرلۇش ئىسخىمىسىنى خانغا سىزىپ بېرىدۇ … >> . كىتاپ مۇئەللىپى يەنە :<< ئەلقىدىرنىڭ ئۆزى كىم ؟ ئۇنىڭ ئۇلۇتتى – مىللىتى كىم ؟ بېيجىڭغا قانداق بارغان ؟ دىگەن مەسىلىلەر ھەققىدە ، ئېلىمىزدىكى تارىخشۇناس ، ئارخىلۇگلىرى ، خېلىدىن بۇيان تالاش تارتىش قىلىپ كەلدى … مېنىڭ قارىشىمچە ئەلقىدىر قازاق … >> دىگەن ئىدىيەلەرنى ئىلگىرى سۈرىدۇ .
    بۇندىن باشقا يەنە قازاق تىلىدا يېزىلغان يېقىنقى زامان شىنجاڭ تارىخىغا ئائىت نۇرغۇن تارىخىي كىتاپلاردا ، ئۇيغۇرلار تارىختا ئېلىپ بارغان مەدىنىيەت يارىتىش جەھەتتىكى ئۇرۇنۇش ۋە ئۇتۇقلىرى ، بەكمۇ تۈۋەن ئۇرۇنغا چۈشىرىپ قۇيۇلغان ياكى ئېتىۋارغا ئېلىنمىغان ۋە ياكى قەستەن يېزىلمىغان . ھەتتا بەزى كىتاپلاردا ئۇيغۇرلارنى مازاق قىلىدىغان قاراشلارمۇ باش كۆتۈرگەن … 2005 – يىلى 12- ئايدا ئىلى خەلىق نەشىرياتى تەرىپىدىن قازاق تىلىدا نەشىر قىلىنغان مۇراتخان ئۆمەر ئوغلى تەرىپىدىن يېزىلغان << تۆھمەت >> دىگەن روماندا ، مۇشۇ ئەسىرىنىڭ باشلىرىدا سابىق سوۋىت ئىتتىپاقىدىكى روسلار تەرىپىدىن قۇغلىنىپ ، شىمالىي شىنجاڭدىكى مەلۇم شەھەرگە ھەممە نىمىسىدىن ئايرىلىپ ، يەيدىغىنى ، كىيىدىغىنى يۇق ، كىرەرگە ئۆيى يۇق بۇلۇپ قالغان ئۆمەر ئىسىملىك بىر قازاق ياشنىڭ كەچۈرمىشى بايان قىلىنغان … ئەمما ، ئەسەردىكى پىرسۇناج تىلىدا ھەركىتىدا ئۇيغۇرلار ۋە ئۇيغۇر مەدىنىيىتىگە بۇلغان مەنسىتمەسلىك قۇيۇق ئىپادىلەنگەن … كىتاپتا دىيىلىشىچە .. ئۆمەر شىمالىي شىنجاڭغا ئۆتۈپ نەگە بېرىشىنى ، نەدە تۇرۇشىنى … بىلەلمەي قالىدۇ . ئۇ مۇشۇنىڭدەك تەمتىرەشلىك ئىچىدە بىر بۇلاقنىڭ تۈۋىگە كەلگەندە ، ئىبىرايىم ئاخۇن دىگەن بىر ئاتۇشلۇق ئۇيغۇر ئۇنىڭغا ئىچ ئاغرىتىدۇ … ، ئۇنى ئۆيىگە ئەپ كېلىپ تاماق بېرىدۇ … ئۆمەرنىڭ مۇشۇ يەردە تۇرۇپ قېلىشىغا ئۇنايدۇ … ، كېيىنچە بۇ قازاق يىگىت ئەشۇ ئۇرايىم ئاخۇننىڭ باش پاناھ بۇلۇشى بىلەن ، ئۇنىڭ نۇرغۇن پۇل دۇنياسى ئارقىلىق بېيىپ سۇدىگەر بولىدۇ … بىراق ئۆمەر بۇساخاۋەتچى ئۇيغۇرنى پۇل تاپقاندا ئۇنتۇپ ، ئىزلەپمۇ قۇيمايدۇ … دىمەككى ، بۇ كىتاپتا بىر ئۇيغۇر ئىنسانپەرۋەرلىك قىلىپ ، بىر قازاقنىڭ ھاياتىنى ساقلاپ قالدى … ، بىراق كىتاپ ئاپتۇرىنىڭ مەقسىتى ئۇيغۇرنى مەنسىتمەسلىك بولىدۇ … ئاپتۇر ئۆمەرنىڭ تىلى بىلە<< ئاش بەرگەنگە مۇش بەر>> دى دىگەندەك ، ئۇيغۇرلارنى ھاقارەتلەش مەقسىتىگە يەتمەكچى بۇلىدۇ … << ئىبىراھىم ھاراقكەش مېنىڭ بەستىلىك قامىتىمنى كۆرىپ ، مېنى ( قازاق يىگىتنى )ئۆيىگە ئاپىرىپ ، ھاشارغا سالغۇسى كەلدى بولغاي ، مېنى كۆرىپ كۆڭلى يايراپ مەسلىكى يېشىلدى … >> دەيدۇ ئاپتۇر ئۆمەرنىڭ تىلى بىلەن . ئىبىرايىم ئاخۇن ئۆمەرگە تاماق بېرىش ئۈچۈن ئۇنى ئۆيىگە باشلاپ كىرىپ ، قازاق ئايالى مەريەمگە تاماق ئېتىشنى بۇيرۇغاندا ، ئۆمەر تۆردە ئۇيغۇرلارنىڭ يۇمشاق ئىككى قات كۇرپىسىدە ئۇلتۇرۇپ ، ئىبىرايىم ئاخۇننىڭ ئۆيىگە زەڭ سېلىپ ئاچلىقىنى ئۇنتۇپ … ئۇيغۇرلارنىڭ غەيۋىتىنى ئىچىدە قىلىدۇ : << ئورۇسلار ئۇيغۇرلاردىن نەچچە ھەسسە ئارتۇق ، مەن ئۇرۇسلارنى سۆيىمەن … >> دەيدۇ ئىچىدە . ئۇ مۇشۇ خىيالنى سۈرىۋاتقاندا ، ئۆزىگە شەپقەت قۇلىنى سۇنغان بۇئائىلەنى ، ئائىلە ئىگىللىرىنى كۆزىگە ئىلىپمۇ قۇيمايدۇ … تارىختىن مەلۇمكى ئۆمەردەك مۇشۇ ئەسىرنىڭ بېشىدا ، ئۇتتۇرا ئاسىيادىن 2- دۇنيا ئۇرشى مەزگىلىدە مەملىكىتىمىز شىنجاڭ رايۇنىغا قېچىپ كېلىپ ئۇيغۇرلارنىڭ پاناھلىقىدا كۆكلەپ ، ئۆزىنى تۈزىۋالغان قازاقلار ئاز ئەمەس … قارىغاندا قازاق ئەدىپلىرى بۇنى ئۇنتۇپ قالغان بولسا كېرەك …
    مۇشۇ كىتاپنىڭ ئاخىرقى بابىدا بىر قازاق پېرسۇناج ناھىيە ھاكىملىقىغا ئۆزى سايلىنالماي ، ئۆزىدىن ئىقتىدارلىق بىر ئۇيغۇرنىڭ ھاكىملىققا سايلانغانلىقىنى كۆرەلمەي ھەسەت بىلەن تەنە قىلىپ : <<… مەخسۇم ھاجى دۇرۇس ئېيتىدۇ ، ھاكىم بۇلۇشقا شەھەرلىك ئۇيغۇرنى سايلاشقا تۇغراكەلسە ، ھاشىم ھاكىملىققا لايىق ئۆزىمۇ پۇلدار ئادەم …>> دەيدۇ . بۇ كىتاپتا ئۇيغۇرلارنى كۆزگە ئىلمايدىغان گەپلەر كۆپ ئۇچىرايدۇ …
    2007- يىلى 7- ئايدا مىللەتلەر نەشىرياتى قازاق تىلىدا نەشىر قىلغان ، جۇمادىل مامان ئۇغلى ، قۇربان ئەلى قۇنۇسقانۇپ لار يازغان << ئەكبەر باتۇر >> دىگەن كىتاپتا 1943- 1945- يىللىرى ئۇيغۇرلار زور رول ئۇينىغان ئۇچ ۋىلايەت ئىنقىلاۋى ، قازاقلارنىڭ شەخسىي ئىنقىلاۋى قىلىۋېتىلگەن . بۇ ئىنقىلاپتا ئون -مىڭلىغان ئۇيغۇرلارنىڭ تالاي قۇربانلارنى بەرگەنلىكى نۇرغۇن تارىخىي كىتاپلاردا قەيىت قىلىنغان . غېنى باتۇر مۇشۇ ئىنقىلاپنىڭ يۇل باشچىسى ئىدى …، نىلقا ، غۇلجا ۋە جىڭ ئۇرۇشلىرىدا ئۇيغۇرلار قان كېچىپ كۈرەش قىلغانىدى … چەتئەل تارىخچىللىرى بۇ ئىنقىلاپتەك مۇنتىزىم ھەركەتنىڭ ئۇتتۇرا ئاسىيادا ئىلگىرى ھېچقاچان كۇرۇلمىگەنلىكىنى قەيىت قىلغانىدى … سوۋېت ئۇيغۇر يازغۇچىسى زىيا سەمىدى مۇشۇ ئۇيغۇرلار باشچىلىق قىلغان ئىنقىلاپ ھەققىدە << غېنى باتۇر >> دىگەن رومانىنىمۇ نەشىر قىلدى ، بۇكىتاپ روس تىلىغىمۇ نەشىر قىلىنغان ئىدى …
    بىراق قازاق ئاپتۇرلىرى يازغان << ئەكبەر باتۇر >> دىگەن كىتاپتا ، ئۇيغۇرلارنىڭ يۇقارقى تارىخىي تۆھپىللىرى يۇققا چىقىرىلغان ، ئېتىۋارغا ئېلىنمىغان ، ئىنقىلاپ باشچىسى پەقەت قازاق ئەكبەرلا بولۇپ قالغان … ، بۇكىتاپنىڭ 93- 94- بەتلىرىدە :<< ئەينى ۋاقىتتا گومىنداڭنى ساراسىمىگە سالغان ، ئەزىمەتلىك قىلىپ قۇزغىلاڭ كۆتىرىپ ئۇلار تەرىپىدىن < ئالتە ئۇغرى > دەپ ئاتالغانلار دەل مۇشۇ ئىنقىلاپنى قۇزغىغانلار ، مۇشۇ ئىنقىلاپ باشچىللىرى ئەكبەر ، پاتىخ ( تاتار ) ، خامىت ، سەيىت ، ناۋان ، مۇلداجان قاتارلىق قازاقلار ئىدى >> دىيىلگەن . ئاپتۇرلار يەنە :<< شۇنىڭ بىلەن ئەكپەرلەر لاستاي تاغنىڭ بېشىدىكى ئاق تاشنى ماكان قىلىپ مۇشۇ يەردە شىتاپ قۇرىدۇ . قۇراللىق كۈرەش يۇل باشچىسى ئەكبەر ، ئۇرۇنباسار خامىت ، شىتاپ باشلىقى فاتىخ … بۇلۇپ بەلگىلىنىدۇ …>> . بۇكىتاپتا باشتىن ئاخىر ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلاۋىنىڭ قۇزغىغانلار ، ئىنقىلاپ قىلغانلار قان تۆككەنلەر ، غۇلجا- ئايرۇدۇرۇم ، لاڭشاڭ بۇتخانىسىنى … . جىڭ شىخۇنى ئازات قىلغانلار << قازاقلار>> دىيىلگەن … ئەمەلىيەتتە ، ئىنقىلاپ ھەققىدە << ئانا يۇرۇت >> رومانىدىمۇ مەلۇمات بار … ئەخۋال شۇنداق ، تارىخىي پاكىتلارنى قازاق ئەدىپلىرى نىمە ئۈچۈن بۇرمىلايدۇ ، كۆرسىمۇ كۆرمەسكە سالىدۇ … ، بۇ ئەلۋەتتە ئۇلارنىڭ روھىدا يېتىلگەن تار ئىنسانىي مەدەنىيەت ئېڭىنىڭ تېخى پىئىشپ يېتىلمىگەنلىكىنى دەلىلىيدۇ … بۇنىڭغا ، ئۇيغۇر مەدەنىيەتىنى كۆرەلمەسلىكتەك ھەسەتخۇرلۇق ، كۆزى كىچىكلىك يۇشۇرۇنغان …
    يېقىندىن بۇيان قازاق – قىرغىز قەلەم كەشلىرى ئارسىدا يەنە نۇرغۇن ئۇيدۇرما تارىخ يازىدىغانلار كۆپىيىپ قالدى مەسىلەن ، << قازاقلار تارىخى >> دىگەن خەلىق نەشىرياتى نەشىر قىلغان كىتاپتا : << قارىخانىلار سۇلالىسىنى قازاقلار قۇرغان >> ، مەخمۇت قەشقەرىي ، يۇسىپ خاس ھاجىپلار قىپچاق … دەيدىغان قاراشلار باش كۆتەردى . ھەتتا تۇرپان شەھرىنى بىز قازاقلار قۇرغان دىگۈچىلەرمۇ پەيدا بۇلدى … يېقىندا يەنە قىرغىزلار :<< كىروران گۈزىلى قىپچاق – قىرغىز >> دەيدىغان بۇلىۋالدى … بۇلارنىڭ ھەممىسى مەدەنىيەت بۇلاڭچىلىقى دىن باشقا نەرسە ئەمەس ئەلۋەتتە … مەخمۇت قاشقەرىنى، يۇسۇپ خاجىپنىڭ ئۇيغۇرلىقىنى تۇركىيەنىڭ ۋە باشقا روس گېرمان تارىخچىللىرى ، خەنزۇ تارىخچىلىرى ئىسپاتلاپ بۇلغان … يېقىندا مۇسكىۋادا روسچە نەشىر قىلىنغان ئۇيغۇر تارىخچىسى نەبىجان تۇرسۇننىڭ << ئۇيغۇر تارىخى >> دىگەن كىتاۋىدىمۇ بۇنداق ئىسپاتلار يېتەرلىك … كىروران ۋە كىروران گۈزىلى مەسىلىسىدە ياپۇن ئالىملىرى دۇنياغا ئەرزىگۈدەك دەلىلەر بىلەن ئۇنىڭ يەرلىك مىللەتلىك تەركىۋى ، ئۇيغۇر ئەجداتلىرىدىن ئارىيان ، ساك ..نەسىللىك خەلىقتىن ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى . پاكىت ئېنىق تۇرۇپ ، تارىخنى بۇرمۇلاش ئادەمنىڭ كۈلگىسىنى كەلتۈرىدىغان ساختىلىقتىن باشقا نەرسە ئەمەس …
    مەن يېقىندا جۇڭگۇ تىل نەشىرياتى تەرىپىدىن 2006- يىل نەشىر قىلىنغان ، خەنزۇ تارىخچىسى شۇ خەيشەن تەرىپىدىن يېزىلغان :<< قەدىمىقى مايا مەدىنىيىتى >> دىگەن كىتاپنى تاسادىپەن كۆرىپ قالدىم ، كىتاپنىڭ 364- بېتىدە << مايالىقلار ۋە جۇڭگۇلىقلار >> دىگەن قىسىمدا ئاپتور << يېقىندىن بۇيان جۇڭگۇلىقلار ئەڭ دەسلەپتە ئامېرىكا قىتەسىنى تاپقان ، جۇڭگۇ ئامېركىدىكى قەدىمىي تاش ئۇيمىلارنىڭ ئوخشاشلىقى بۇنى دەلىلىيدۇ …مۇندىن ئەڭ قەدىمىقى دەۋىردە شاڭ سۇلالىسى مەغلۇپ بۇلغاندا ، بەزى جۇڭگۇلىقلار جەنۇبىي ئامېرىكىغا بارغان … ۋە كېيىن مايالىقلارنىڭ ئەجداتىغا ئايلانغان … بۇقاراش مايالىقلارنىڭ ئەجداتى يەھۇدى دىگەن قاراشقا سوققا بىرەلەيدۇ … >> دىيىلگەن . كۆرنىپ تۇرۇپتۇكى جۇڭگۇ مەدىنىيىتى بىلەن مايا مەدىنىيىتى ئىككى سۇغۇق قۇتۇپقا مەنسۇپكى ئۇلار نى بىرئۇرۇنغا قۇيۇش ئەسلا مۈمكىن ئەمەس . بۇ بىر ئۇيدۇرمادىن باشقا نەرسە ئەمەس . يېقىندا يەنە بەزى جۇڭگۇ تارىخچىللىرى ئافىرىقىلىقلارمۇ جۇڭگۇلۇقلارغا قانداش …دىگەن << بۈيۈك قاراش >>. ئۈستىدە ئىزلىنېۋېتىپتۇ …
    دىمەككى قازاق ئەدىپلىرىنىڭ مەدىنىيەت جەھەتتە ئۇيغۇرلارنى ئىتىراپ قىلغۇسى كەلمەي ، ھەتتە ئۇيغۇر مەدىنىيەتىنى ئۆزلىرىنىڭ قىلىۋېلىشى ، دەل يۇقارقىدەك تۇيۇق قاراشلارنىڭ ئەكىس ساداسسىدىن باشقا نەرسە ئەمەس … شۇنى ئېيتىشقا بولۇدۇكى تارىخنى ، پاكىتنى بۇرمىلاش مۈمكىن ئەمەس ئۇنى بىز يۇشۇرغان بىلەن باشقا مىللەت ، دۇنيا خەلىقى ، ئىنسانىي ئاڭغا ئىگە ئالىملار يۇشۇرمايدۇ … ئىلگىرى جۇڭگۇ تارىخىدىكى مەشھۇر ئەسەر << شەنخەيجىڭ >>( تاغ ئىزىملار قۇررى ) دىگەن كىتاپنى كۇرىيە تارىخچىللىرى ئۆزلىرىنىڭ قەدىمىقى ئەجدادى ، مەمىلىكىتىمىز شەرىقى شىمالىدىكى قەدىمىي مىللەت << گاۋ جۈ لى >> خەلىقىنىڭ تارىخچىللىرى يازغانلىقىنى ئىسپاتلاپ چىقتى … دىمەك پاكىت ھامىنى پاكىت … ئۇنى يۇشۇرۇش ، قۇياشنى ئالقان بىلەن تۇسۇمەن دىگەندەك ئاخمىقانىلىق …
    ئاخىرىدا دەيدىغىنىم ، كەڭ قېرىنداش مىللەتلەرنىڭ ۋە ئۇلارنىڭ قەلەمكەش ، تارىخچىللىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ مەدىنىيىتىنى ، روھىيىتىنى تۇغرا چۈشىنىپ ، تەڭ تەرەققىي قىلىش ئۈچۈن ئۇرتاق قەدەم تاشلىشىنى ئۈمىت قىلىمەن . بىزنىڭچە تەرەققىيات مىللەتلەرنىڭ ئۆز – ئارا ھۆرمەت ، ئۆزئارا باراۋەرلىك … چۈشىنىش ، مەدىنىيەتلەرنى ئۆز ئارا ئىتىراپ قىلىش ئاساسىغا قۇرۇلغان بۇلىدۇ …

    مەنبە : گۈلۈستان ئۇيغۇر سالونى

    分享到: