• ئۇيغۇرلارنىڭ شانلىق ۋە قانلىق ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ

    2010-06-25

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    http://www.blogbus.com/bilim-kuq-logs/67077927.html

    ئۇيغۇرلارنىڭ شانلىق ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ ( ﻣﯘﺧﺘﻪﺭﺑﺎﻱ )

    ئەجداتلىرىمىز يىراق تارىخى دەۋېرلەردىن تارتىپ مۇڭغۇل ئىگىزلىكى ، تارىم ئۇيمانلىقى ، ئالتاي تەڭرى تاغ ۋادىلىرىدا ياشاپ كەلگەن بۇلۇپ ، ئۇلار ئۇزلىرىنىڭ ئۇزاق تارىخى تەرەققىيات مۇساپىسىدە سىياسى ، ئىقتىسادى ۋە مەدەنيەت قاتارلىق ساھالەردە زۇر تەسىرى كۇچى بىلەن دۇنيا مەدىنيىتىگە ئۇچمەس تۇھپىلەرنى قۇشقان . بۇلۇپمۇ سىياسىي تارىخىغا نىسپەتەن مەدەنىيەت تارىخى تىخىمۇ ئىغىر سالماخنى ئىگەللىگەن بىز ئۇيغۇرلار ھەم بىر خانلىق بۇلۇش سۇپىتى بىلەن ھۇكۇم سۇرگەن دەۋېرلەردە ھەم يىقىلغاندىن كىيىنمۇ شۇنچە ئۇزۇن زامانلارغىچە ئۇز مەدىنيەتلىرىمىزنى ساقلاپ ۋە ئۇنى داۋاملاشتۇرغانلىقىمىز بىلەن ئۇتتۇرا ئاسىيادىكى تۇكى تىللىق خەلىقلەر ئارىسىدا مۇھىم ئۇرۇننى تۇتۇپ كەلگەن .

    ئۇيغۇر تارىخىنى قەدىمقى ئۇرۇقىمىز << دى >> دىن باشلاشقا بۇلىدۇ << دى >> لار دەل بىز ئۇيغۇرلار ، تۇرك ۋە ھۇنلارنىڭ بىۋاستە ئۇرۇقىدۇ . ئۇلار ھازىرقى شىمالى جۇڭگۇ ، سىبىريە – يېنىساي رايۇنلىرى ، ئىچكى تاشقى مۇڭغۇل يايلاقلىرى ئەتراپىدا كۇچمەن چارۋىچىلىق تۇرمۇشى ئۇتكۇزەتتى ، كىيىن << دى >> ئۇرۇقى بىر قانچە تارماق ئۇرۇقلارغا بۇلىندى ئۇلارنىڭ بىرى تارىخنى زىل زىلىگە سالغان ھۇنلاردۇر ، يەنە بىر تارماقلىرى << تىلى >> ، << گاۋچى >> دىگەن دەل ئۇيغۇر ۋە قەدىمى كۇك تۇرۇكلەرنى كۇرسىتىدۇ .

    1 – ھۇنلار قۇرغان قۇدرەتلىك ئىمپىريە مىلادىدىن بۇرۇنقى 3 – ئەسىردىن مىلادى 5 – ئەسىرگىچە ( 800 يىل ) مۇڭغۇل يايلىقى ، ئۇتتۇرا تۇزلەڭلىك ، پۇتكۇل ئۇتتۇرا ئاسىيا ۋە شەرقى ، غەربى ، جەنۇبى ياۋرۇپادا پائالىيەت ئىلىپ بىرىپ دۇنيا تارىخىغا غايەت زۇر تەسىر كۇرسەتكەن . بۇ چاغلاردا << قاڭقىللار >> يەنى ئۇيغۇرلار ھۇن ئىمپىريىسىنىڭ بىر قىسمى ئىدى ھەم ھۇن قەبىللىرىنىڭ بىرى ئىدى .

    2 – قاڭقىللار ئۇيغۇرلارنىڭ بىۋاستە ئەزايى بۇلۇپ ، مىلادى 4 – ئەسىرگە كەلگەندە كۇچۇيۇپ << تۇلەس قەبىللەر ئىتىپاقى >> نى تەشكىل قىلغان ھەم ئۇز تەسىرىنى شەرقى ھىنگان تاغلىرىدىن غەرىپتە كاسپىي دىڭىزىغىچە ، شىمالدا سىبىريىدىن جەنۇپتا سەددىچىن سىپىلىغا يەتكۇزگەن ، 402 – يىلىغا كەلگەندە جۇجانلار تەرىپىدىن بۇي سۇندۇرغان . لىكىن ئۇلارنىڭ << پۇۋۇغۇر قەبىلىسى >> 487 – يىلى جۇجانلارغا قارشى جەڭ قىلىپ تۇرپان ئۇيمانلىقىدا << قاڭقىللار خانلىقى >> نى قۇرغان .

    3 – مىلادى 500 – يىللاردىن كىيىن پۇتۇن ئىچكى تاشقى مۇڭغۇل رايۇنى ، ئۇتتۇرا ئاسىيا رايۇنى ۋە تەڭرى تىغىنىڭ جەنۇپ ۋە شىمالى رايۇنى تۇرك ۋە ئۇيغۇر قەبىللىرى ئىگىدارچىلىقىدا بۇلدى ، ئىلگىرى كىيىن تۇرك خانلىقى ۋە ئۇيغۇر خانلىقى قۇرۇلدى . مىلادى 552 – يىلى تۇرك خانى ئاشنا قاغان ھۇنلارنىڭ ئاخىرقى بىر تارمىقى بۇلغان << رۇرەن >> لەرنى يۇقۇتۇپ تۇرك خانلىقى قۇرۇدۇ . بۇ خانلىق شۇ رايۇنلاردىكى مىلادى 3 – ئەسىردىن بىرى چىچىلاڭغۇ ھالەتكە خاتىمە بىرىپ ئاسىيا قىتئەسىنىڭ ئۇتتۇرسىدىن كىسىپ ئۇتكەن 10 مىڭ چاقىرىملىق مۇساپىدە بىرلىككە كەلگەن كۇپ مىللەتلىك ( جۇملىدىن ئۇيغۇرلارمۇ ) رايۇن گەۋدىسى ھاسىل قىلىدۇ .

    4 – مىلادى 583 – يىلى تۇرك ئىمپىريىسى ئىككىگە بۇلىنىدۇ ، بىرى غەربى تۇركىستان يەنە بىرى شەرقى تۇركىستان . بۇ چاغدا تۇرۇك زىمىنى غايەت زۇر زىمىن بۇلۇپ غەربى ھازىرقى ئىرانغا ، شەرقى ھازىرقى جۇڭگۇ لىياۋخى رايۇنىغا ، جەنۇبىي ھازىرقى شەنشى گەنسۇ ، شىمالى تاشقى مۇڭغۇليىنىڭ شىمالىدىنمۇ يىراق جايلارنى ئۇز ئىچىگە ئالدى . غەربى تۇركىستاننىڭ ئۇردىسى ھازىرقى كۇرلىغا قاراشلىق قارا شەھەردە ، شەرقى تۇركىستاننىڭ ئۇردىسى مۇڭغۇل يايلىقىدىكى ئۇرخۇن ۋادىسىدا قۇرۇلدى .

    5 – مىلادى 500 – 600 يىلىدىن كىيىن ئۇيغۇرلار ئۇز قەبىللىرىنىڭ نامى بىلەن ئاتىلىشقا باشلىنىدۇ ۋە تۇققۇز ئۇيغۇر ، تۇققۇز ئۇغۇز ۋە ئۇن ئۇيغۇر دىگەن قەبىلە ئىتىپاقى بىلەن << ئۇيغۇر >> دەپ ئاتاشقا باشلىنىدۇ . تەدرىجى تۇرىكلەردىن ئايرىلغان سىياسى گەۋدىگە ئايلىنىدۇ . سۇكۇن ئېركىن — – ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ ئاساسچىسى . 605 – يىلى ئۇ ئۇيغۇرلارنى تۇنجى بۇلۇپ غەربى تۇرۇكلەرنىڭ خانلىقىدىن ئايرىپ چىقىپ مۇستەقىللىق جاكارلىغان . تارىخى مەنبەلەردىن خاتىرلىنىشىچە سۇكۇن ئېركىن ئۇغلى بۇسات تىكىن 5 مىڭ ئاتلىق قۇشۇن بىلەن غەربى تۇرىكلەرنىڭ ئاخىرقى خانى ئىلىك ئۇغلى يۇقۇق شادنىڭ 100 مىڭ كىشلىك قۇشۇنىنى تارمار قىلىدۇ .

    6 – مىلادى 840 – يىلى ئۇيغۇر خانلىقىدا يۇز بەرگەن ئىچكى نىزا ئۇرخۇن ئۇيغۇر رايۇنىدا تارقالغان يۇقۇملۇق كىسەل سەۋەپلىك دۇلەت خاراپلىشىشىقا باشلايدۇ . شۇنىڭ بىلەن ئۇردا ئىچىدىكى بىر مۇناپىق ۋەزىر شىمالدىكى قىرغىزلارنى باشلاپ كىلىدۇ ، 840 – يىلى قىرغىزلار 100 مىڭ قىرغىز قۇشۇنى بىلەن ئۇرخۇن ئۇيغۇر خانلىقىنى يۇقۇتۇپ ، ئۇردۇبالىقنى ئىلىپ ، قىرغىز خانلىقى قۇرۇدۇ .

    7 – 840 – يىلى ئۇرخۇن ئۇيغۇر خانلىقى مۇن قەرىز بۇلۇپ ئۇيغۇرلار غەرىپكە قاراپ ئۇچكە بۇلۇنۇپ كۇچۇشكە باشلايدۇ . بىر قىسىمى ھازىرقى گەنسۇ – چىڭخەي رايۇنىدا گەنجۇ ئۇيغۇر خانلىقىنى قۇرۇدۇ ، بىر قىسمى ئاقسۇنىڭ شىمالى ، تۇرپان ، قۇمۇل ، ئالتاي رايۇنى قاتارلىق جايلارغا كىلىپ يەرلىك ئۇيغۇر قەبىللىرى بۇلغان قارلۇق ، تۇخرى ، تۇركەش قەبىللىرى بىلەن بىر لىشىپ ئىدىقۇد ئۇيغۇر خانلىقىنى قۇرۇدۇ ، يەنە بىر قىسمى بۇلسا تىخىمۇ غەرىپكە كۇچۇپ ئاقسۇنىڭ جەنۇبى ، قەشقەر ، خۇتەن ، ئىلى دەرياسى ۋادىسى ، بالاساغۇن ، بۇخارا ، سەمەرقەنىت ، ھازىرقى تاشكەنىت ۋە جانبۇر ( قازاقىستان ) رايۇنىدا يەرلىك ئۇيغۇر قەبىللىرى بۇلغان قارلۇق ، تۇخرى ، تۇركەش قەبىللىرى بىلەن بىرلىشىپ ۋە باشقا تۇرك قەبىللىرىنى ئۇزىگە بۇيسۇندۇرۇپ ئۇلۇغ قاراخانلار خاندانلىقىنى قۇرۇدۇ.

    ئۇيغۇرلار قانلىق ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ ( ﻣﯘﺧﺘﻪﺭﺑﺎﻱ )

    1918 – يىلى 5 – ئايدا ، يىڭى تىكلىنىۋاتقان سوۋىت ھاكىمىيىتىنىڭ ئالمۇتانى ئىگەللىگەن قىزىل گىۋاردىيە قىسىملىرىنىڭ قازاقىستاننىڭ يەتتە سۇ رايۇنىدىكى ئۇيغۇرلارنى قارا – قۇيۇق قىرغىن قىلىشتەك قانلىق ۋەقە يۈز بەردى . مىللى كەمسىتىش ۋە مىللى زىيانكەشلىك قىلىش سۈيقەستى بىلەن كەلتۈرۈپ چىقىرىلغان بۇ قانلىق پاجىئە ئەينى ۋاقىتتا يەتتە سۇ ئۇيغۇرلىرىنى ئىغىر بالايى ئاپەتكە دۇچار قىلىپ ، ئۇلارنىڭ قەلبىدە ئۇنتۇلغۇسىز جاراھەت قالدۇرغان .

    يىڭى تىكلىنىۋاتقان سۆۋىت قىزىل ئارمىيىسى نىمە ئۈچۈن يەتتە سۇ ئۇيغۇرلىرىنى بۈنچە قىرغىن قىلىدۇ ؟

    1917 – يىلى روسىيە ئۆكتەبىر ئىنقىلاۋى غەلىبە قىلىپ ، چار پادىشا ھاكىمىيىتى ئاغدۇرۇلغاندىن كىيىن ، تارمار قىلىنغان ئاقلار ئارمىيىسىنىڭ قالدۇقلىرى يوشۇرۇن تۈردە جاي – جايلارغا بىرىپ تەتۈر تەشۋىقات ئىلىپ بىرىپ ، كىشىلەرنى ئۆز تەرىپىگە ئۆتۈشكە ۋە سوۋىت ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاشقا قۇتراتقان . ئاقلارنىڭ ئاز ساندىكى ئوفىتسىرلىرى ئالماتا تەۋەسىدىكى ھەر مىللەت ئاھالىسى ئارىسىدىمۇ << بولشىۋىكلار دىنغا ئىتىقات قىلىدىغانلارنى جازالايدۇ ، شەخسىلەرنىڭ مال – مۈلكىنى تارتىۋالىدۇ ….. >> دىگەندەك تەتۈر تەشۋىقاتلارنى ئىلىپ بارىدۇ . بۇنداق تەشۋىقات يەتتە سۇ رايۇنىدىكى چىلەك قاتارلىق رايۇنلاردىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدىمۇ ئىلىپ بىرىلىدۇ . شۇنىڭ بىلەن بىر قىسىم ئۇيغۇر ياشلىرى بۇنىڭغا ئىشىنىپ يەرلىك ئەمەلدارلارنىڭ تەشكىللىشى بىلەن سوۋىت ھاكىمىيىتىگە قارشى ھەركەتلەرگە قاتناشقان . 1918 – يىلى فىۋرالنىڭ ئاخىرى بىر قىسىم يەرلىك ئەمەلدارلار قارسۇ بولۇسلىقىدىكى بىر قىسىم ئۇيغۇر ياشلىرىنى باشلاپ ، كەتمەن – گۈرجەك ، ئارا – ئوغاققا ئوخشاش ئىنتايىن قالاق قوراللار بىلەن قوراللىنىپ قىزىل ئارمىيە ئىگەللىۋالغان ئالمۇتا سىپىلىغا ھۇجۇم قىلغان . سىپىل ئىچىدىكى مۇنتىزىم قوراللار بىلەن قوراللانغان قىزىل ئارمىيە قىسىملىرى قاتتق قايتۇرما زەربە بىرىپ ، 3 – ئاينىڭ 2 – كۈ نىگە قەدەر ئىسيانچى ئۇيغۇرلارنى پۈتۈنلەي يوقاتقان . سىپىل ئىچىدىكى قىزىل گىۋاردىيە كوماندىرلىرى ئىۋان مامۇنتۇۋ ، مۇرايىۋلار مەسىلىگە ئىنتايىن خاتا ھالدا مىللەتچىلىك نۇقتىنەزىرى بىلەن مۇئامىلە قىلىپ ، 1918 – يىلى 5- ئايدا ، ئۇيغۇرلارغا قارشى ئۆچ ئىلىش خاراكتىرلىك جازا يۈرۇش قوزغىغان . مۇرايىۋ قوشۇنلىرى ئالماتادىن غالجاتقىچە بولغان چىلەك ، كىيىكۋاي ، ئىنچىكە بۇلاق ، قۇرام ، لاۋار ، مالىۋاي ، قاراتۇرۇق ، بايسىيىت ، قارا يوتا ، غەيرەت ، ئاۋات ، دولاتا ، تۈگمەن دىگەندەك ئۇيغۇر يىزا قىشلاقلىرىغا ھوجۇم قىلىپ ، ئالمۇتا سىپىلى ۋەقەسى بىلەن قىلچە ئالاقىسى بولمىغان بىگۇنا ئۇيغۇرلارنى قارا قۇيۇنلا رەھىمسىزلىك بىلەن قىرغىن قىلغان .

    بۇ پاجىئە ئەڭ دەسلەپ چوڭ ئاقسۇدىن باشلانغان . مۇرايىف قوشۇنلىرى ئىككى يۇزدىن ئوشۇق ئۇيغۇرنى ئۇتتۇرا كوچا بىلەن ھايداپ كىلىپ ، سادىر ئىمام دىگەن كىشىنىڭ ئىشىگى ئالدىدا ئولتۇرغۇزۇپ ، ئارقا تەرەپتىن پڭلۇمۇتقا تۇتقان . ئۆلمەي مىدىرلىغانلىرىنى نەيزە بىلەن سانجىپ ، تاپانچا بىلەن ئېتىپ ئۆلتۇرگەن . كوچىمۇ – كوچا ، ئۇمۇ – ئۆي ئاختۇرۇپ تۇتۇپ كىلىنگەن ئۇيغۇرلار ئوققا تۇتۇلغانغا قەدەر ، ئۆزلىرىنىڭ ئۇشتۇمتۇت ئوققا تۇتۇلىدىغانلىغىنى خىيالىغىمۇ كەلتۇرمىگەن . چىلەك ناھىيىسىنىڭ لاۋار ، ئىنچىكە بۇلاق دىگەن يىزىلىرىدىمۇ مۇرايىف قىسىملىرى ئۇيغۇرلارنى ئىنتايىن ئېچىنىشلىق ھالدا قىرغىن قىلغان . لاۋارنىڭ ئكستەڭ سۇلىرى قىپ – قىزىل قانغا بويالغان . تۇگمەن يىزىسى ئاممىۋى قىرغىنچىلىقنىڭ ئاخىرقى چىكى بولۇپ ، بۇ يەردىمۇ نۇرغۇن ئۇيغۇر ئاھالىسى قىرىپ تاشلانشان . نەچچە كۇن داۋام قىلغان << ئاتۇ قىرغىنچىلىغى >> جەريانىدا ، نەچچە ئون مىڭ ئۇيغۇر ئاھالىسى ئۆلتۇرۇلگەن . پەقەت چىلەك يىزىسىنىڭ قۇرام يىزىسىدىلا 3000غا يىقىن ئۇيغۇر قىرىپ تاشلانغان .

    ئۇنىڭدىن باشقا قىرغىنچىلىق داۋامىدا قاتتىق ۋەھىمىگە چۇشۇپ ئۇركۇپ كەتكەن سان – ساناقسىز ئۇيغۇر ئاھالىلىرى جان قايغۇسىدا تەرەپ – تەرەپكە پىتراپ قىچىپ كىتىشكە مەجبۇر بولغان . بەزىلەر تاغ – ئكڭكۇرلەرگە يوشۇرۇنغان . بەزىلەر ئۇزاق سەپەرلەردە ھىرىپ – چارچاپ ، ئاچ – يالىڭاچ قىلىپ ھەر خىل كىسەللەرگە گىرىپتار بولۇپ ئازاپ چەككەن ، يۇزلىگەن ئۇششاق بالىلار ۋە تىنى ئاجىز قىرىلار ئاچارچىلىق ۋە كىسەللىك بىلەن ئۆلۇپ كەتكەن . نۇرغۇنلىغان ئاھالە باشقا يۇرتلارغا ۋە چەتئەللەرگە قىچىپ كەتكەن . قىچىپ كەتكەن ئۇيغۇرلارنىڭ مال – مۇلۇكلىرى تالان – تاراج قىلىنغان . قىسقىسى ، قىرغىنچىلىقتىن كىيىنكى سەرسانلىق – سەرگەندارلىق ۋە ئازاپلىق تۇرمۇش تىخىمۇ ئۇزاق داۋام قىلغان . ناھەق قىرىپ تاشلانغان كىشىلەرنىڭ ئائىلە تەۋەلىرى ۋە ئۇرۇق تۇققانلىرى ئۇزاق يىللارغىچە جۇدالىق ۋە ئۇۋالچىلىق دەردىنى تارتقان ، ماددى ۋە مەنىۋى جەھەتتىن خورلانغان . دىمەك بۇ قانلىق قىرغىنچىلىققا دۇچ كەلگەن يەتتە سۇ ئۇيغۇرلىرىنىڭ كوپ قىسمى ئۇزاق مەزگىلىگىچە ئېسىگە كىلەلمىگەن.

    分享到:

    收藏到:Del.icio.us