• ھون خانىدانلىقىنىڭ خاقانلىرى

    2010-06-25

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    http://www.blogbus.com/bilim-kuq-logs/67070993.html

    1-قوغشار تەڭرىقۇت

    قوغشار تەڭرىقۇتنىڭ ئەسلى ئىسمى باتىسقان بېي بولۇپ ، ئۇ ھۇن خانىدانلىقىنىڭ 14- خاقانى قوغشار تەڭرىقۇتنىڭ نەۋرىسى ، پۇجۇلجۇت تەڭرىقۇتنىڭ ئوغلى ، مىلادىيە 48-يىلىدىن 56-يىلىغىچە تەختتە ئولتۇرغان . ئۇ مىلادىيە 48-يىلى ھونلارنىڭ جەنۇبىي قىسمىدا تۇرۇشلۇق سەككىز قەبىلىنىڭ ئاقساقاللىرى بىلەن مەسلىھەتلىشلىپ ، ئۆزىنى بوۋىسىنىڭ نامى بىلەن <قوغشار تەڭرىقۇت> دەپ ئاتىغان ھەمدە پانۇ تەڭرىقۇتتىن رەسمىي ئايرىلغانلىقىنى جاكارلىغان . ئۇ شەرقىي خەن سۇلالىسىگە ئەلچى ئەۋەتىپ ، مەڭگۈ خەن سۇلالىسىنىڭ قالقىنى بولۇپ شىمالىي ھۇنلاردىن مۇداپىئە كۆرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ، مىلادىيە 56-يىلى ۋاپات بولغان.

    2-كىئۇفۇيۇتى تەڭرىقۇت

    قوغشار تەڭرىقۇتنىڭ ئىنىسى ، مىلادىيە 56-يىلىدىن 57-يىلىغىچە تەختتە ئولتۇرغان . ئۇ ئاكىسىنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن ھۇن تەختىگە ۋارسلىق قىلغان ، لېكىن بىر يىلدىن كېيىنلا ۋاپات بولغان .

    3-ئىفايلۇت تەڭرىقۇت

    كىئۇفۇيۇتى تەڭرىقۇتنىڭ ئىنىسى ، مىلادىيە 57-يىلىدىن 59-يىلىغىچە تەختە ئولتۇرغان ، ئۇ تەختتە ئولتۇرغان مەزگىلدە ، شىمالىي ھۇنلاردىن قۇيچۇ مىڭدىن ئارتۇق ئادەمنى باشلاپ كېلىپ جەنۇبىي ھۇنلارغا تەسلىم بولغان ، ئۇ مىلادىيە 59-يىلى ۋاپات بولغان .

    4-شىتۇڭشىجۇ قۇت تەڭرىقۇت

    شىتۇڭشىجۇ قۇت تەڭرىقۇت — قوغشار تەڭرىقۇتنىڭ ئوغلى ، مىلادىيە 59-يىلىدىن 63-يىلىغىچە تەختتە ئولتۇرغان ، ئۇ تەختكە چىقىپ ئۇزاق ئۆتمەيلا شىمالىي ھۇنلار ئالتە — يەتتە مىڭ كىشىلىك قوشۇن بىلەن مۇيۈ ئەن قورۇلىغا تاجاۋۇز قىلىپ تاكى يۈ ئەنياڭ ناھىيىسىگىچە بېسىپ كىرگەن . شىتۇڭشىجۇ تەڭرىقۇت شەرقىي خەن سۇلالىسى بىلەن ماسلىشىپ ئۇلارنى چېكىندۈرگەن .

    5-كىئۇچۇ گۇيلىنت تەڭرىقۇت

    كىئۇفۇيۇتى تەڭرىقۇتنىڭ ئوغلى ، مىلادىيە 63-يىلى تەختتە ئولتۇرغان ، ئۇ تارختا <سۇ > دىگەن نام بىلەنمۇ ئاتالغان ، تەختكە چىقىپ بىر نەچچە ئايدىن كېيىن ۋاپات بولغان .

    6-غۇيەشى سۇقۇتى تەڭرىقۇت

    غۇيەشى سۇقۇتى تەڭرىقۇت – شىتۇڭشىجۇ قۇت تەڭرىقۇتنىڭ ئىنىسى ، مىلادىيە 63-يىلىدىن 85-يىلىغىچە تەختتە ئولتۇرغان ، ئۇ مىلادىيە 73-يىلى شەرقي خەن سۇلالىسى بىلەن بىرلىكتە خېشى رايونىغا بېسىپ كىرگەن شىمالىي ھۇنلارغا قايتارما ھۇجۇمغا ئۆتكەن ، ئۇرۇشتا شىمالىي ھونلار قاتتىق مەغلۇپ بولۇپ ، قۇملۇقتىن ئۆتۈپ قېچىپ كەتكەن ، بۇ ۋاقتتا شىمالىي ھونلار خېلىلا ھالسىرىغان بولۇپ ، ئالدى تەرەپتە جەنۇبىي ھۇنلارنىڭ ، ئارقا تەرەپتە تۇرالارنىڭ ، سول تەرەپتە سىيانپىيلارنىڭ ، ئوڭ تەرەپتە غەربي يۇرتنىڭ ھۇقۇمىغا ئۇچراپ ، خەلقى تېرقتەك چېچىلىپ كەتكەن . غۇيەسى سۇيۇتى تەڭرىقۇت مىلادىيە 85-يىلى كېسەپ سەۋەبىدىن ۋاپات بولغان .

    7- ئىلىتونوغال تەڭرىقۇت

    ئىلىتونوغال تەڭرىقۇت — ئىفايلۇت تەڭرىقۇت قاننىڭ ئوغلى ، دىلادىيە 85-يىلىدىن 88-يىلىغىچە چەختتە ئولتۇرغان . ئۇ تەختكە چىققاندىن كېيىن شىمالىي ھۇنلارغا قارشى ئۇرۇش قوزغاپ ئۇلارنىڭ نۇرغۇن ئادەملىرىنى ئۆلتۈرگەن ۋە بۇلىغان . مىلادىيە 87-يىلى سىيانپىيلار ھۇجۇم قوزغاپ شىمالىي ھۇن تەڭرىقۇتى ئۇلۇغ تەڭرىقۇتنى ئۆلتۈرگەن ، مىلادىيە 88-يىلى ئىلىتونوغال تەڭرىقۇت ۋاپات بولغان .

    8-شولان شىسۇقۇتى تەڭرىقۇت

    شولان شىسۇقۇتى تەڭرىقۇت — غۇيەشى سۇقۇتى تەڭرىقۇتنىڭ چاننىڭ ئىنىسى ، مىلادىيە 88-يىلىدىن 93-يىلىغىچە تەختتە ئولتۇرغان ، بۇ مەزگىلدە شىمالىي ھۇنلارنىڭ ئىچكى قىسمىدا چوڭ قالايمىقانچىلىق يۈز بېرىپ ، قەھەتچىلىك ۋە چىكەتكە ئاپىتى بولۇپ ، نۇرغۇن مال – چارۋا ۋە ئادەملەر قىرىلىپ كەتكەن ، بۇنىڭدىن تەشۋىشلەنگەن بىر قىسىم ئەمەلدار ئۆز قۇۋمىنى باشلاپ جەنۇبىي ھۇنلارغا قوشۇلۇپ كەتكەن ، شولان شىسۇقۇتى تەڭرىقۇت بۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ شەرقىي خەن سۇلالىسى بىلەن بىرلىشىپ شىمالىي ھۇنلارغا ھۇجۇم قىلىپ ئۇلارنى قاتتىق تارمار قىلغان ، شىمالىي ھۇن تەڭرىقۇتى ئىز دېرەكسىز يوقاپ كەتكەن ، مىلادىيە 93-يىلى شولان شىسۇقۇتى تەڭرىقۇت ۋاپات بولغان .

    9- ئەنگور تەڭرىقۇت

    ئەنگور تەڭرىقۇت — ئىلىتوغال تەڭرىقۇتنىڭ ئىنىسى ، مىلادىيە 93-يىلىدىن 94-يىلىغىچە تەختتە ئولتۇرغان . ئۇ بۇرۇنقى تەڭرىقۇتلار تەرىپىدىن ئەتىۋارلانغان سول قول قان شىرغا ھەسەتخورلۇق قىلىپ ئۇنى ئۆلتۇرمەكچى بولغان ، بۇنىڭدىن خەۋەر تاپقان سول قول قان شىرمۇ دائىم ھۇشيار تۇرغان ، كېيىن ئەنگور شىرغا ئالدى بىلەن ھۇجۇم قوزغىغان ، خەن سۇلالىسى بۇل ئىككىسىن ياراشتۇرۇپ قويۇشنى ئويلىغان بولسىمۇ ئەنگور بۇنى رەت قىلغان ، نەتىجىدە خەن سۇلالىسى ئىنگورغا جازا يۈرۈشى قىلىپ ئۇنى قوغلىغاندا ئۇ ئانا تەرەپ تاغىسى قۇتبەگ شىۋىر قاتارلىقلار تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن .

    10- تىيىندورىشۇتى تەڭرىقۇت

    تىيىندورىشۇتى تەڭرىقۇت — شىتۇڭشىجۇ قۇت تەڭرىقۇتنىڭ ئوغلى ، مىلادىيە 94-يىلىدىن 98-يىلىغىچە تەختتە ئولتۇرغان ، ئۇ تەختتە ئولتۇرغان مەزگىلدە يېڭى ئەل بولغان شىمالىي ھۇنلارنىڭ 15قەبىلىسىدىن 200مىڭدىن ئارتۇق ئادەم قوزغۇلۇپ ، مەرھۇم شولان شىسۇقۇتى تەڭرىقۇت تۇندۇقنىڭ ئوغلى ئۈكەن باتەسقان قىڭخۇنى ئۆزلىرىگە تەڭرىقۇت قىلىپ قۇملۇقنىڭ شىمالىغا كۆچۈپ كەتكەن ، تىيىندورىشۇتى تەڭرىقۇت شىمالىي ھۇنلارنىڭ قالدۇق ئاھالىلىرىنى ئۆزىگە قوشۇۋالغان ھەمدە شىمالىي تەڭرىقۇتنىڭ تەھدىتىدىن قۇتۇلۇپ ئۆز ھۆكۈمرانلىقىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملىگەن ، مىلادىيە 98-يىلى كېسەل سەۋەبىدىن ۋاپات بولغان .

    分享到:

    收藏到:Del.icio.us