• ئۇيغۇرلار ۋە تۈركلەر

    2010-06-25

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    http://www.blogbus.com/bilim-kuq-logs/67068268.html

    ئوغۇزخان داستانى ئۇيغۇرلارنىڭ قەھرىمانلىق داستانى ئۇندىن باشقا تارىخىمىزدا نۇرغۇن ئەدەبىي مىراسلارنى يارىتىپ ئۆتۈپتىمىز. مەن چوڭقۇر ئويغا پاتتىم، ئويلاندىم.

    كۆلتېكىن مەڭگۈ تېشى شىمالىي تەرەپ: 4.قۇر -… توققۇز ئوغۇزلار ئەسلىدە ئۆز خەلقىم ئىدى، جاھان قالايمىقانلاشقانلىقى ئۈچۈن [بىز بىلەن] دۈشمەنلەشتى. بىر يىلدا بەش قېتىم ئۇرۇشتۇق.

    لىن گەن يازغان تۈرك تارىخى دىگەن كىتاپتا مۇنداق سۆز بار  بۇ تۈركلەرنىڭ ئۆزلىرى توغرىسىدا ئېيتقانلىرى بولۇپ، ئەڭ ئىشەنچىلىك قاراش بولۇش كېرەك. ئۇيغۇرلار تېلىلارنىڭ ئاساسلىق تەركىبىي قىسمى ئىكەنلىكىگە ئاساسلانغاندا، تۈركلەر بىلەن ئۇيغۇرلار بىر مىللەتتۇر.

    مويۇنچۇر مەڭگۈ تېشى (بۇ ئوغۇز مەڭگۈ تېشى)  5.قۇر- …، توققۇز ئوغۇز خەلقىمنى تېرىپ يېغىپ ئالدىم. 10.قۇر-…، خانىشنى ئۇ يەردە قولغا چۈشۈردۇم. تۈرك خەلقى شۇنىڭدىن ئېتىبارەن يوقالدى. جەنۈپ يۈزى: 32.قۇر-….بۇرۇن تابغاچتىكى ئوغۇز ۋە تۈرك خەلقى (ئۇلاردىن ئايرىلىپ) يولغا چىقىپتۇ، ئۇ يەردە قوشۇلدى.

    بايۇنچۇر مەڭگۈ تېشى  جەنۇپ يۈزى: 25.قۇر- قاغانغا ئىتتىپاقداشلىرى كەلدى، [لېكىن] قارلۇقلار كەلمىدى دەپتۇ. ….بولچۇ (بولچۇ)[دېگەن جايدا] ئۇچ قارلۇقلارنى مەغلۇپ قىلدىم. شىمالىي تەرەپ: -11.قۇر- ئۇچ قارلۇق كۆڭلىدە يامانلىق ئويلاپ قېچىپ كەتتى. غەرپتىكى ئون ئوق [خەلقىگە](يەنى غەربىي تۈركلەرگە) قوشۇلدى.

    بىلگە قاغان مەڭگۈ تېشى  شەرق تەرىپى: 25.قۇر- …يىگىرمە يېشىمدا، باسمىل ئىدىقۇت (باسمىل ئىدىققۇت) ئۆز ئۇرىقىمىزدىكى خەلق ئىدى. ئۇلار تارتۇقچىلارنى ئەۋەتمىدى دەپ[ئۇلارغا] يۈرۈش قىلدىم. [ئۇلارنى] بويسۇندۇردۇم. 29.قۇر-…، توققۇز ئوغۇزلار[ئەسلىدە] مېنىڭ خەلقىم ئىدى. جاھان قالايمىقانلىشىپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن، 30.قۇر- ۋە ئىچىدە ئاداۋەت ساقلاپ كەلگەنلىكى ئۈچۈن [بىزگە] دۈشمەن بولدى. بىر يىل ئىچىدە تۆت قېتىم ئۇرۇشتۇم. شىمالىي تەرەپ: 15.قۇر- ئون ئوق ئەۋلادلىرىمدىن تارتىپ يات ئۇرۇقلىرىغىچە، بۇنى كۆرۈپ بىلىڭلار! مەڭگۈ تاش ياساتتۇردۇم…

    تۇنيۇقۇق مەڭگۈ تېشى à61.قۇر-ئېلتىرىش قاغان ۋە مەنكى بىلگە تۇنيۇقۇق تىرىشقانلىقىمىز ئۈچۈن قاپاغان (قاپاغان) قاغان ۋە تۈرك سىر(سىر) خەلقى مۇشۇنداق ياشاپ قالالىدى.

    ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتىمىننىڭ يىپەك يولىدىكى توققۇز ھېكمەت دىگەن كىتاۋىدا مۇنداق ئېنىقلىما بار: مەھمۇد قەشقىرى “تۈركىي تىللار دىۋانى” ناملىق كىتابىدا چىن ۋە ماچىنئغا مۇناسىۋەتلىك بايانلارنى قىرىققا يېقىن ئورۇندا تىلغا ئالىدۇ ۋە ئىزاھلايدۇ. 1-توم، 38-بەتتە “مەيلى مۇسۇلمان بولسۇن ياكى بولمىسۇن، رۇم ئۆلكىسىنىڭ يېنىدىن كۈنچىقىشقا قاراپ كەتكەن تەرتىپ بويىچە، شەرقتىكى تۈرك قەبىلىلىرىنىڭ تۇرار جايلىرىنى كۆرسىتىپ ئۆتتۈم” دەپ يېزىپ ئالتاي تاغلىرىنىڭ شىمالىدىكى يىنسەي (ئاناساي) دەريا ۋادىسىدىكى قىرغىزلارنى “قىرغىزلار چىنغا يېقىن جايلاشقان” دەپ كۆرسەتكەن. ئاندىن تۈرك قەبىلىلىرى بولغان خىتاي، تاۋغاچ توغرۇلۇق “خىتاي-چىن دېمەكتۇ”، “تاۋغاچ-ماچىن دېمەكتۇر” دەپ كۆرسىتىدۇ. مەھمۇد قەشقىرى 1-توم، 592-بەتتە “تاۋغاچ” ئىبارىسىگە مۇنداق ئۈچ تۈرلۈك ئىزاھات بەرگەن.

    (1) تاۋغاچ-ماچىن ئېلىنىڭ نامى،(2) تاۋغاچ –تۈركلەرنىڭ بىر بۆلىكى،(3) تاۋغاچ-بۆيۈك ۋە قەدىمىي نەرسە دېگەن مەنىدە.

    ئورخۇن ئابىدىلىرى بىلەن كۆك تۈرك خانلىقى زامانىدا توقباتلار –تاۋغاچ. تاڭلار –تاڭجازى، كىدانلار –خىتاي دېيىلگەن بۇ مىللەتلەر شۇ دەۋردە ھاكىمىيەت يۈرگىزىۋاتقان مىللەتلەر ئىدى.

    مەھمۇد قەشقىرى “چىن” نى ئۈچكە كۆرسەتكەن . يەنى يوقىرى چىن-تاۋغاچ، ئوتتۇرا چىن-خىتاي، تۆۋەن چىن –قەشقەر،(1-توم ، 592-بەت).

    مەھمۇد قەشقىرى ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتىكى خەنزۇلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مىللەتلەرنى “ئارىدا چوڭ سېپىل ۋە چىن يېنىدىكى تاغ-دېڭىزلار بولغىنى ئۈچۈن يەجۈج ۋە مەجۈجلەرنىڭ تىللىرىمۇ بىزگە مەلۇم ئەمەس” (1-توم، 39-بەت)دەپ ئېنىق كۆرسەتكەن. كىتابىغا كىرگۈزگەن خەرىتىدىمۇ بۇنى پەرقلەندۈرگەن. “تات تاۋغاچ” ئىبارىسىنى “بۇ ئۇيغۇر ۋە چىنلىق دېگەن بولىدۇ”(2-توم،409-بەت) دەپ كۆرسەتكەن. “چىگىل، ياغما، توخسى، ئارغۇ، ئۇيغۇر قاتارلىق يوقىرى چىنغا قەدەر جايلاشقان قەبىلىلەر” دېگەن بايانلارنى 2-تومنىڭ 64-، 78- ۋە 88- بەتلىرىدە تەكرار-تەكرار تىلغا ئالغان. 1-توم، 151-بېتىدە “ئۇيغۇر بىر ئەلنىڭ ئىسمى. ئۇنىڭ بەش شەھىرى بار. بۇ شەھەرلەرنى زۇلقەرنەين تۈرك خاقانى بىلەن پۈتۈم تۈزگەندىن كېيىن سالدۇرغان ئىكەن” دەپ يازغان بولسا، 3-توم، 567-بەتتە “تۈركمەن” ئىبارىسىگە ئىزاھ بەرگەندە “خاقان چىن تەرەپكە ئۆتۈپ كېتىدۇ، زۇلقەرنەين ئۇنىڭ كەينىگە چۈشىدۇ ئۇيغۇرلارغا يېقىن بىر يەردە خاقان زۇلقەرنەيڭە بىر قىسىم چارلىغۇچى قوشۇن ئېۋەتىدۇ. توقۇنۇش نەتىجىسىدە زۇلقەرنەينمۇ شۇنداق قوشۇن ئېۋەتىدۇ. توقۇنۇش نەتىجىسىدە زۇلقەرنەين ئەۋەتكەن قوشۇن مەغلۇپ بولىدۇ. بۇ توقۇنۇش دېگەن يەردە بولغانىكەن. بۇ تاغ ھازىرقى كۈندە دەپ ئاتىلىدۇ. زۇلقەرنەين ئەنە شۇ يەردە خاقان بىلەن سۈلىھ تۈزىدۇ” دەپ يازغان. دېمەك مەھمۇد قەشقىرى بۇ ئىككى بايانىدا “ئۇيغۇر ئېلى” بىلەن “چىن” نى يانداشتۇرۇپ تىلغا ئالغانلىقىنى كۆرۈۋالالايمىز. بىز يەنە ئۇنىڭ تۈرك يېزىقى توغرىسىدا توختالغاندا “قەدىمدىن بېرى قەشقەردىن يوقىرى چىنغىچە بولغان ھەممە تۈرك يۇرتلىرىدا بارچە خاقانلار بىلەن سۇلتانلارنىڭ يارلىق ۋە خەت ئالاقىلىرى ئەنە شۇ يېزىقتا يېزىلىپ كەلگەن”(1-توم، 11-بەت) دەپ يازغانلىقىنى كۆرۈپ، “ چىن ” ئىبارىسىنىڭ جۇغراپىيىلىك ئۇقۇمى ھەققىدە تېخىمۇ ئېنىق چۈشەنچىگە ئىگە بولىمىز. چۈنكى “ھۇدۇدۇل ئالەم” ناملىق مەشھۇر كىتابتا تۇرپاننى “چىنجىكەنت” دەپ ئاتىغانلىقى ھەممىگە ئايان. مەھمۇد قەشقىرى “دىۋان” نىڭ 1-توم، 517-بەتتىكى “كەرەم” سۆزىنى ئىزاھلىغاندا “يوقۇرى ۋە تۆۋەن چىنلىقلار تىلىدا” دەپ قوشۇپ قويغانلىقىنى كۆرىمىز. مەھمۇد قەشقىرىنىڭ تۆۋەن چىن دېگەندە قەشقەرنى كۆزدە تۇتىدىغانلىقى كىتابىنىڭ ئۈچ يېرىدە كۆرسىتىپ ئۆتۈلگەن.

    مۇتەپپەككۇر ئالىم يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ “قۇتادغۇبىلىك” داستانىغا كېيىنكى كىشىلەر تەرىپىدىن قوشۇپ كىرگۈزۈلگەن نەسرىي ۋە كېيىنچە يەنە نەزمىي مۇقەددىمىدە چىن ۋە ماچىن ئىبارىلىرى مۇنداق چېلىقىدۇ:

    بۇ بەك ئېزىز بىر كىتابتۇر، ئۇ چىن ھۆكىملىرىنىڭ ھېكمەتلىرى بىلەن بېزەلگەن، ماچىن ئالىملىرىنىڭ شېئىرلىرى بىلەن ياسالغانكى، بۇ كىتابنى ئوقۇغان ۋە بېيىتلارنى باشقىلارغا بىلدۈگەن كىشى بۇ كىتابتىنمۇ ئەزىزراقتۇر. چىن-ماچىن ئالىملىرى ۋە ھېكىملىرىنىڭ ھەممىسى بىر قارارغا كەلدىكى، مەشرىق ۋىلايىتىدە، پۈتۈن تۈركىستان ئەللىرىدە، تۇركەي سۆز بىلەن بۇغراخان تىلىدا ھىچكىم بۇنىڭدىن ياخشىراق كىتابنى ھەرگىز يازغىنى يوق. بۇ كىتاب قايسى پادىشاھلىققا ياكى قايسى ئىقلىمغا يەتسە، غيەت ئۇزلىقى ۋە پەۋقۇللادە گۈزەللىكىدىن، ئۇ ئەللەرنىڭ ھېكىملىرى ئالىملىرى قوبۇل قىلىپ، ئۇنىڭغا ھەر بىرى بىر تۈرلۈك ئات ۋە لەقەم بەردى. چىنلىقلار (شاھلارنىڭ ئەدەپ-قائىدىلىرى) دەپ ئاتىدى؛ ماچىن مۈلكىنىڭ ھېكىملىرى (مەملىكەتنىڭ دەستۇرى) دېسە، مەشرىقلىقلار (ئەمىرلەر زىننىتى) دېدى؛ ئىرانلىقلار دەپ ئات قويدى؛ بەزىلەر (پادىشاھلارغا نەسىھەت)دەپ ئاتىدى؛ تۇرانلىقلار دەپ ئات قويدى.”

    بۇ باياندىكى “چىن ۋە ماچىن ئالىملىرى ۋە ھېكىملىرىنىڭ ھەممىسى بىر قارارغا كەلدىكى مەشرىق ۋىلايىتىدە، پۈتكۈل تۈركىستان ئەللىرىدە ، تۈركىي سۆز بىلەن بۇغراخان تىلىدا ھېچكىم بۇنىڭدىن ياخشىراق كىتابنى ھەرگىز يازغىنى يوق “دېگەن جۈملىدىكى “چىن-ماچىن ئالىملىرى ۋە ھېكىملىرى” دېگەن بۆلەك بىلەن “مەشرىق ۋىلايىتىدە ، پۈتكۈل تۈركىستان ئەللىرىدە، تۈركىي سۆز بىلەن بۇغراخان تىلىدا “دېگەن بۆلەكنى بىرلەشتۈرۈپ قارىغاندا، “چىن ۋە ماچىن” ئىبارىسىنىڭ “قىدان” ئىبارىسىدىن پەرقلىق تىلغا ئېلىنغانلىقىنى، “چىن ۋە ماچىن ئالىملىرى ۋە ھېكىملىرى” ھېچقاچان “قۇتادغۇبىلىك” نىڭ خەنزۇچە نۇسخىسىنى كۆرۈپ بۇ ھەقتە باھا يۈرگۈزۈۋاتقان لياۋ ياكى سۇڭ سۇلالىسى ئالىم ھېكىملىرى ئەمەسلىكىنى تەبىئىي ھېس قىلىمىز.

    يەنە中国大百科全书 دېگەن كىتاپتا مۇنداق سۆز بار: سالجۇقىيلار ئوغۇزلارنى (11世纪塞尔柱家族统率乌古斯诸部侵入西亚建立的帝国<中国大百科全书>) ئەگەشتۈرۈپ سالجۇقىيلار ئىمپېرىيەسىنى قۇرىدۇ. لېكىن بۇ كىتابتىن乌古斯 دىگەن ئاتالغۇنىڭ مەنىسىنى تاپالمىدىم.

    قەدىمكىي مەركىزىي ئاسىيا دېگەن كىتاپتا “ئوغۇزنامە” ئۈستىدە توختالغان مۇنداق مۇلاھىزە بار: “ئۇيغۇر” ئىبارىسى بىرلا ئورۇندا، بىراق ھالقىلىق ئورۇندا تىلغا ئېلىنغان ئۇ: “مەن ئۇيغۇرلارنىڭ قاغانى بولامەن” دېگەن…

    “ئامەت قۇياشى تۈركلەرنىڭ بېشىغا چۈشتى” دەپ يازىدۇ مەخمۇد قەشقىرى ئۆز كىتاۋىدا مانا بۇلاردىن. مەھمۇت قەشقىرى بوۋىمىز تۈركىي تىللار دىۋانى دىگەن سۆزنى ئەينى چاغدا “تۈركىيىلىكلەرنىڭ زۇلىمىدىن قورقۇپ” كىتابىغا شۇنداق نام بەرگەن دېيىش بىر خىل خاتا قاراشتۇر. مۇسۇلمان ئۇيغۇرلار ئۆزىنى تۈرك دىسە بۇددا دىنىدىكىلەر ئۆزىنى ئوغۇزخان(ئۇيغۇر قەبىلىسىنىڭ باشلىغى، ئۇ قالغان تۈركەي قەبىلىلەرنى توپلاپ ئۇيغۇر ئورخون خانلىغىنى قۇرغان. بارا-بارا دۆلەت قۇرغۇچى قەبىلىنىڭ نامى قەۋم نامىغا ئالماشقان بولىشى مۇمكىن.) بەلكىم ئۇيغۇر مىللىتى دىگەن نامنىڭ ئومۇملىشىشى ئابدۇخالىق ئۇيغۇردىن بۇيانقى ۋە ياكى رۇسلارنىڭ تۇرك رايونىنىڭ مىللىي ئېڭىنىڭ كۈچىيىشىنى توسۇش ئۈچۈن دىئالىكتىكىلاردىكى ئۇششاق پەرقلەرنى تېپىپ بۆلۈپ باشقۇرىشى(سوۋېتلەر ھاكىمىيىتى قۇرۇلۇشتىن ئىلگىرىكى چاغلاردا ئۆزبېكلەر بولغان پەرق نەچچە كۈنلۈك، يىراقتىكى ئوسمانىيە تۈركلىرى بىلەن ھەپتە كۈنلۈك پەرق بار ئىدى.) بىلەنمۇ ئۇيغۇر نامى خەلقاراغا ئومۇملاشقان بولىشى مۇمكىن. ئەگەر ئۇيغۇر دىگەن نام مەخمۇت قەشقىرىنىڭ ئىلگىركى زامانلاردىمۇ بار دىيىلىدىكەن. ئۇيغۇر دېگەن نام ئورخۇن خانلىقىنىڭ يىمىرىلىشى ئىسلام دىنىڭ تارقىلىشى بىلەن دىن چىگرىسى ئايلانغان. ئەگەر ئىلگىرىمۇ ئۇيغۇر قەۋمى(مىللىتى) شەكىللىنىپ بولىندى دىيىلىدىكەن. مەڭگۈ تاشلارغا كۆك تۈركلەر “توققۇز ئوغۇزلار ئەسلىدە ئۆز خەلقىم ئىدى، جاھان قالايمىقانلاشقانلىقى ئۈچۈن [بىز بىلەن] دۈشمەنلەشتى.” دىگەندىكىدەك سۆزلەرنىڭ ئورنىغا بىۋاستىلا ئۇيغۇرلار بىلەن دەپ يازغان بولار ئىدى. ئوغۇزلار بىلەن قانداشلىغىنى ھەربىر تاشقا قايتا_قايتا تەكىتلەپ يازمىغان بولار ئىدى. بۇنىڭدىن ئۇيغۇر قەبىلىسىنىڭ ئورخۇن قاغانلىقىنى قۇرۇشتىن ئىلگىرى قوۋم(مىللەت) بولۇپ ئاتالمىغىنىنى كۆرىۋالغىلى بولىدۇ. شۇڭا ئۇيغۇرلار ئۇ چاغدا ئۇيغۇر دىگەن نامنىڭ ئاستىغا ئۇيۇشۇپ مىللەت ئاساسىنى تۇرغۇزۇپ بولالمىغان دەپ قارايمەن. شۇنىڭغىمۇ دىققەت قىلىش كېرەككى ئۇيغۇرلار بىر قەبىلە ئىدى شۇڭا ئۇلارنىڭ تارىخى ئورخون خانلىقىدىن باشلاندى دەپ ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ يىراق تارىخىنى ئۇزۇپ قويۇغقا بولمايدۇ ھەم ئۇيغۇرلار ئۈستىدە تەتقىقات ئېلىپ بارغاندا ساپ ئۇيغۇر قەبىلىسى ئۇستىدىلا ئىزدىنىش ئاقىلانىلىق ئەمەس. بەلكى، ئوتتۇرا ئاسىيا تەتقىقاتىغا باغلاپ تېخىمۇ چوڭ تېررىتورىيە (ئىرقى، مەدىنىيىتى، ئۆرپ_ئادىتى، دىنى، پىسخىك قۇرۇلمىسى) ئاساسىدا تەتقىق قىلىنىشى كېرەك دەپ قارايمەن.

    ئەسكەرتىش: بۇ ماقالامنى ئوقۇغان ئىنساپ ئىگىسىنىڭ پايدىلىنىش ئۈچۈن كۆرۈشىنى خاتا كەتكەن جايلىرى بولسا ماڭا ياردەملىشىپ تۈزىتىپ بېرىشىنى. ئۆزمەيلىچە پۇتاق چىقىرىپ يۈرمەستىن ئىلمىي پوزىتسىيىدە بولىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

    分享到:

    收藏到:Del.icio.us