• ئوسمان ئىمپىرىيىسى

    2010-06-25

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    http://www.blogbus.com/bilim-kuq-logs/67065478.html

    ئوسمان پادىشاھلىرى ئوسمانلار 36 پادىشاھنى بېشىدىن ئۆتكۈزدى. بەزى پادىشاھلار (مۇرات II، مەھەممەد II، مۇستاپا I) ئىككى قېتىمدىن تەختكە چىققانلىقى ئۈچۈن، پادىشاھ سانى 39 يەتتى. پادىشاھلارنىڭ ئاۋالقى سەككىزى «خەلفە» بولغان ئىدى. قالغان 28ى ھەم «خەلفە»، ھەم «پادىشاھ» بولدى.پادىشاھلاردىن بىرمۇنچىلىرى شائىر، يازغۇچى ئىدى. ئۇلار شېئىر ۋە دىۋانىلىرىدا تۆۋەندىكىچە لەقەب تەخەللۇس قوللاندى: مۇراتIIنىڭ «مۇرادى» فاتىخنىڭ «ئاۋىنى»، بەيازتى IIنىڭ «ئادنى»، سەلىم Iنىڭ «سەلىمى»، سۇلايمان Iنىڭ «مۇھىبى»، سەلىم IIنىڭ «سەلىمى»، مۇرات IIIنىڭ «مۇرادى»، مۇھەممەد IIIنىڭ «ئادلى»، ئەخمەت Iنىڭ «بەختى»، ئوسمان IIنىڭ «فارس،فارىسى» مۇراتIVنىڭ «مۇرادى» مۇستاپا IIنىڭ «ئىقبالى» ئەخمەتIIIنىڭ «نەجبى» ماخمۇت Iنىڭ «سەبكاتى»، مۇستاپا IIIنىڭ «جاھانگىر» سەلىمIIIنىڭ «ئىلھامى» ماخمۇت IIنىڭ «ئادلى». پادىشاھلارنىڭ ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرگىنى 78 ياشتا ئۆلگەن ئورھان غازى بولدى. ئەڭ ياش ئۆلگىنى 18 يېشىدا شېھىت بولغان ئوسمان II (ياش ئوسمان) ئىدى. تەختكە چىققاندا ئەڭ چوڭى 65 ياشتا، (مۇراتV)، ئەڭ كىچىگى يەتتە ياشتا (مۇرات IV) ئىدى. تەختتە ھەممىدىن ئۇزۇن ئولتۇرغىنى قانۇنى دېگەن پادىشاھ بولۇپ، ئۇ جەمئى 45 يىل 11 ئاي يەتتە كۈن ھۆكۈم سۈرگەن، ئەڭ قىسقا ئولتۇرغىنى مۇرات V بولۇپ، ئۇ جەمئىي 95كۈن ھۆكۈم سۈرگەن. ئوسمان غازىدىن مانۇنگە قەدەر بولغان ئاۋالقى ئون پادشاھ ھەربىي قوشۇنىنىڭ باش قوماندانى سۈپىتىدە پۈتۈن سوقۇشلارغا قاتناشتى. بۇ ھەربىي ئەنئەنە سىستىمېسىنى بىرىنچى قېتىم بۇزغىنى سەلىم II (سېرىق سەلىم دېيلىدۇ) بولدى. ئۇنىڭدىن كېيىن پەقەت مۇرات III، ئوسمان II، مۇرات IV، مۇھەممەد IV مۇستاپا II ئۇرۇشلارغا كېيىن قاتناشتى. بەزىلىرى ھەربىي ئىشلارغا قاتناشقان بولىسىمۇ، لېكىن ئۇرۇش مەيدانىغا بارمىدى. ئەمىليەتتە 15 پادىشاھلا ئۇرۇشقا قاتناشتى.چۈشكۈنلۈك دەۋرىدە بەزى پادىشاھلار ئۇرۇشقا قاتناشقان تۇرۇغلۇق، بەزى پەتىۋالار بىلەن «غازى»لىق ئۇنۋانىنى ئېلىۋالدى. ئۇلار ماخمۇت I، مۇستاپا III، ئابدۇلھىمىت I، سەلىم III، ماخمۇتII، ئابدۇلمىجىت، ئابدۇلھىمىت II، مۇھەممەدV، پادىشلاھلارنىڭ سەككىزى ئۆز ئەجىلى بىلەن ئۆلمىدى. ئۇلاردىن مۇرات Iسوقۇش مەيدانىدا شېھىت بولدى. فاتىخ بىلەن بايەزىت II زەھەرلەندى. ياش ئوسمان بىلەن سەلىم III سۈيىقەست بىلەن ئۆلتۈرۈلدى. ئىبراھىيم I بىلەن مۇستاپاIV تەختتىن چۈشكەندىن كېيىن، بۇيرۇق بويىچە ئۆلتۈرۈلدى. ئابدۇلئەزىزىنىڭ ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغانلىقى ياكى باشقىلار تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەنلىكى توغرۇلۇق ئېنىق مەلۇمات يوق. يەتتە پادىشاھنىڭ ئۆلىمى مەلۇم مەزگىل مەخپىي تۇتۇلدى. ئۇلاردىن مۇھەممەدI نىڭ 41 كىن، مۇرات IIنىڭ 15 كىن، فاتىخنىڭ 1 كىن، ياۋۇزنىڭ توققۇز كىن، قانۇننىڭ 48 كىن، سەلىم IIنىڭ 7 كىن، مۇرات IIIنىڭ 11 كىن. پادىشاھلار ئىچىدە ئەڭ كۆپ بالىلىق بولىغىنى مۇرات III بولۇپ، ئۇنىڭ قىز ۋە ئوغۇللىرىنىڭ 130دىن ئاشقانلىقى مەلۇم. فاتىخ دەۋرىدىن ئېتبارەن قانۇنلاشقان «شاھزادە ئىدامى» ئەنئەنىسى ئەخمەت I دەۋرىدە ئەمەلدىن قالدى. ئۇنىڭدىن ئەۋەل پەقەت قانۇنى بىلەن سەلىم II تەخىتتە بولغان چاغلىرىدا، باشقا قېرىنداشلىرى بولمىغانلىقى ئۈچۈن «قېرىنداش قېنى» تۆكمىدى. ئەخمەت I نىڭ ھاياتىدا 14 رەقەم بىرلەشكەن ئەھۋال كۆرىلدى. ئۇ ھىجىرىيە تەقۋىمى بىلەن 14 يېشىدا، 14- پادىشاھ سۈپىتىدە تەخىتكە چىقىپ 14 يىل سەلتەنەت سۈرگەندىن كېيىن 28 يىل (ئىككى قېتىم 14) ياشاپ ئاندىن ئۆلدى. ئىبراھىم I تارىختا «دەلى-ساراڭ ئىبراھىم» دېيىلەتتى. چۈنكى پەدەزگە بەكمۇ ئامراق ئىدى. شۇڭا دۆلەتنىڭ خەزىنىسىنى بۇزۇپ-چېچىپ خەجلىدى. مۇرات IV پادىشاھلارنىڭ ئەڭ زالىمى ئىدى. مەشھۇر تارىخچى خاممەرنى، ئۇنىڭ يەتتە يىل ئىچىدە مىڭ ئادەم ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى يازغان. ئوسمانلىق دەۋرىدە 203 سادارازامدىن 44ى پادىشاھلارنىڭ ئەمرى بىلەن ئۆلتۈرۈلدى. ئەڭ ئاۋال ئۆلتۈرۈلگەن سادرازام-فاتىخنىڭ ۋەزىرى چاندارلىق خېلىل پاشا بولدى.

    ئوسمانلىق خانىدانى ئىسمى، ئەر توغرۇل بەگنىڭ ئەڭ كىچىك ئوغلى ئوسمان بەگدىن ئېلىنغان، بەزى ماتېرىياللاردا «ئوسمان» دېگەن ئىسىمنىڭ ئاتاماندىن كەلگەنلىكىنى، ئىسلام مەدەنىيىتىنىڭ تەسىرى بىلەن مۇشۇ شەكىلنى ئالغانلىقى يېزىلىدۇ. غەرب يازغۇچىلىرى، ئەرتوغرۇل بەگ بىلەن ئوسمان بەگنىڭ كېيىن مۇسۇلمان بولغانلىقىنى يازىدۇ. بەزى مەنبەلەردە، ئوسماننىڭ بەزىدە ئەر توغرۇلنىڭ قۇرئان كەرىمنى تۇنجى قېتىم كۆرۈپ، ئۇنىڭغا ئالاھىدە ھۆرمەت بىلدۈرگەنلىكى توغرۇلۇق ماتېرىياللار بار. ماتېرىياللارغا قارىغاندا، ئوسمان بىر دەرۋىشنىڭ ئۆيىگە مېھمان بولۇپ بېرىپ قونۇپ قالغان. ئۇخلاشتىن ئاۋۋال كىتاب جازىسىغا قويۇلغان كىتابنىڭ قانداق كىتاب ئىكەنلىكىنى سورىغان، دەرۋىش قۇرئانى كەرىم دەپ جاۋاب بەرگەن، ئوسمان ئىنتايىن قىزىقىش بىلەن قۇرئانى كەرىمنى پۈتۈن كېچە ئوقۇپ چىققان، تاڭ ئاتارغا يېقىن ھارغانلىقتىن ئۇخلاپ قېلىپ چۈش كۆرگەن، چۈشىدە بىر مەلەك: «سەن قۇرئانى كەرىمنى مۇنداق قىزىقىپ ھۆرمەت بىلەن ئوقىغان ئىكەنسەن، سنېڭ ئەۋلاتلىرىڭمۇ نەسلىدىن-نەسىلگە دائىما ئەزىز ۋە مۇكەررەم بولغۇسى» دېگەن. بەزى غەرب يازغۇچىلىرى، ئوسماننىڭ بۇ چۈشىنى ۋە كېيىنچە قىزى بىلەن تۇرمۇش قۇرغان فەقىھ شەيخ ئەدابال بىلەن كۆرۈشكەنلىكىنى، ئۇنىڭ «ئىسلام» دىننى قوبۇل قىلغانلىقىنىڭ بىر دەلىلى قىلىپ كۆرسەتكەن. ئەرتوغرۇلنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن، قايى جەمەتى تېزلا باشقا يەرگە كېڭىيىدۇ. ئوسمان بەگ قايى جەمەتىنىڭ سەردارى-تاغىسى دۇندار بەگ ۋە بىر مۇددەت ئىمتىيازلىق سىنپ بولغان غازى تەشكىلاتى ئىچىدە بولغان ئاقچا غوجا، ئابدۇراخمان غازى، قونۇرئالىپ، تۇرغۇن ئالىپ ۋە ئايقۇپ ئالىپلارنىڭ قوللىشى بىلەن نەسەپ بەگلىكىگە ئۆتكەن. بۇ جەرياندا، ئاناتولى سەلچۇقلىرى سۇلتانى غىياسىدىن مەسئۇد II، پۈتۈن ئۈچ بەگلىرىگە ئوخشاشلا، ئوسمان بەگكىمۇ بەرات (بىرسىگە مۇكاپات ياكى ئىمتىياز بىرىلگەنلىكىنى بىلدۈرىدىغان ھۆججەت) ئەۋەتكەن، سۆگەتنى ئۇنىڭغا تېمار قىلىپ بەرگەن. ئوسمان بەگ بۇ بەراتقا ئاساسەن، ئەينەك كۆلى (ئىنەكۆل)نى باشقىدىن قولغا كىرگۈزگەن ۋە تەكفۇر نىكولاينى ئۆلتۈرگەن، ئالغان ئولجىلاردىن بىر قىسمىنى سەلچۇقلۇق دۆلىتىگە يوللىغان. سەلچۇقلۇق سۇلتانى، بۇنىڭ بەدىلىگە 1289-يىلى ئوسمان بەگكە بىر «بەرات»، مۇستەقىللىق تۇغى، بايراق، قىلىچ ۋە كۈمۈش ئېگەر-جابدۇقلۇق بىر ئات تەقدىم قىلغان. سۆگىت بىلەن ئەسكى شەھەرگە سانجاق (ۋىلايەت بىلەن ناھىيە ئوتتۇرىسىدىكى مەمۇرى ئەمەلدار) قىلغان. بۇ «بەرات» بىلەن قانۇنەن بىر بەگلىك ئورنىغا ئىگە بولغان ئوسمانلىقلار يۈرۈش قىلغاندا، قولغا چۈشۈرگەن ئولجىلارنىڭ بەشتىن بىر قىسمىنى كونياغا ئەۋەتىپ تۇرغان. شۇنىڭ بىلەن كېڭەيمىچىلىك يۈرگۈزگەن قايى نەسىللىرى تېخىمۇ كۆپەيگىلى باشلىغان. مۇڭغۇللارنىڭ تالان-تاراج قىلىشى ۋە سالغان ئېغىر ئالۋان-ياسىقى تۈپەيلىدىن، ئاناتولىدىن يۇرتلىرىنى تاشلاپ قاچقان شەھەر-يېزا خەلقى ۋە بەزى كىچىك يەر ئىگىلىرى ئوسمان بەگ ھۆكۈمرانلىق قىلغان رايونلارغا كەتكەن، مۇڭغۇللارغا باش ئېگىشنى خالىمىغان تۈركمەن بەگىلىرى ۋە مىللەتلەرمۇ بەگلىرى بىلەن بىللە ئۈچ رايونغا قاراپ كېتىشكە باشلىغان. ئوسمان بەگ يېڭى كەلگەنلەرنىڭ تەسىرى ئاستىدا 1299- يىلى مۇستەقىللىق ئېلان قىلغان. بىر مۇراسىم بىلەن تۈركمەن بەگ ۋە مىللەتلىرى بىلەن سەلچۇقلۇق دۆلىتى رايونىدىن كەلگەنلەر ئوغۇزخان قائىدىسىگە ئاساسەن ئوسمان بەگكە ساداقەتلىك بىلەن ئىتائەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ قەسەم قىلغان. ھەممىسى بىر
    بىرلەپ ئوسمان بەگنىڭ ئالدىدا تېزلىنىپ، ئۇنىڭ بەرگەن قىزىل قېمىزىنى ئىچكەن. شۇنىڭ بىلەن ئوسمان بەگ قانۇنىي دۆلەت باشلىقى بولغان.

    ئەرتۇغۇل غازنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن (1281- يىلى) ئۇنىڭ بەگلىكى ئوغلى ئوسمان غازىغا قالدى. بۇ بەگلىككە تەۋە يەرلەر 3 مىڭ كۋادرات كىلومېتردىن ئارتۇق ئەمەس ئىدى. كېيىنكى ئوغۇللىرىنىڭ 45 يىللىق كېڭەيمىچىلىك ھەركىتى بەگلىكىنى بىر تەرەپتىن مارماراغا، يەنە بىر تەرەپتىن قارا دېڭىزغىچە كېڭەيتتى. بۇرسانىڭ قولغا كىرگۈزۈلۈشى ئوسماننىڭ بەگلىكىنى ناھايىتى مۇھىمى ئىستىراتېگىيىلىك بىر ئورۇنغا كۆتەردى. بۇرسانىڭ ئىشغال قىلىنىشىدىن كېيىنكى 28 يىل ئىچىدە ئورخان بەگلىكى ئەگە، مارمارا، قارا دېڭىزدىن ياۋرۇپاغىچە يەنى چاناككالا بوغىزىنى ئېچىش سىياسىتىنى يۈرگۈزدى. ئورخان بەگ قاراسى ئوغۇللىرى بەگلىكىنى ئۆز تېرىتورىيىسىگە قوشۇپ، بالۇ كەسىر ۋە چاناككالانى قولغا كىرگۈزدى. چاناككالا بوغېزىغا، ئەگە دېڭىزىغا چىققاندەكلا مارمارانىڭ جەنۇبىنى، ئىزنىك، ئىزمىتقا ئوخشاش ناھايىتى مۇھىم شەھەرلەرنى تامامەن ئىشغال قىلدى. يەنە بىر تەرەپتىن ئەنقەرەنى ئىشغال قىلغان ئورخان بەگ ئاناتولىيەنىڭ ئەڭ كۈچلۈك دۆلىتىنى قۇردى. شۇنىڭ بىلەن قارامان ئوغۇللىرىنىڭ ئىمپېراتورلىقى بالقان دۆلەتلىرىگە قارشى تۇرالىغىدەك كۈچكە ئىگە بولدى. رومالى ۋە ياۋروپا قىيلىرىغا چىقارغان تۈرك قوشۇنلىرىنى 1354- يىلىغا كەلگەندە، بۇ، تۈرك تارىخىدا ئەڭ مۇھىم ۋەقەلەردىن بىرى بولغاندەكلا ياۋرۇپا تارىخىدىن بىر بۇرۇلۇش نۇقتىسى بولغان ئىدى. شۇنىڭ بىلەن تۈركلەر «ئىسلام» دىنىنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن، تۇنجى قېتىم يۇرت قۇرۇش ئۈچۈن ياۋرۇپاغا ئاياق باستى. مۇرات Iنىڭ سىياسىتى، ئوسمان ئىمپېرىيسىنى كۈچلۈك بىر ياۋرۇپا ئىمپېرىيىسى ھالىغا كەلتۈردى. كوساۋادى ئاۋال ۋېنگىرىيىگە يېقىنلاشقان مۇران Iنىڭ ئىگىدارلىقىدا ئاسىيادا يالغۇز غەربىي شىمال ئاناتولىلا بار ئىدى. ئاناتولى بەگلىكلىرى ئۇنىڭغا قاتتىق بېقىناتتى. زۆرۆر كەلگەندە سۇلتان مۇراتقا ئەسكەر ئەۋەتىش مەجبۇرىيىتىدە قالاتتى. سىرىپسىن تېغىدا، چىرمەندە، كوسوۋادا بىرلەشكەن ھاجلى (11- ۋە 13- ئەسىر ئوتتۇرلىرىدا خىرىستىيانلار تەرىپىدىن قۇددۇس ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى رايونلارنى «مۇسۇلمانلار» قولىدىن تاپشۇرپ ئېلىش مەقسىدى بىلەن سەككىز قېتىم ئېلىپ بېرىلغان يۈرۈش) قوشۇنلىرى ئارقا-ئارقىدىن مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، ئوسمانلىقلار تونانى ئاتلاپ ئۆتۈشكە ھازىرلىق قىلدى. يىلدىرىمنىڭ 13 يىللىق ھۆكۈمرانلىقى دەۋرىدە، دەسلەپكى يىللاردىكى ئاناتولىدا كەڭ كۆلەملىك فەتىھلەر بولدى. ئاناتولى، توروس ۋە فىراتقا قەدەر بولغان كەڭ رايونلار ئوسمانلىقلارنىڭ ئىدارىسى ئاستىدا بىرلەشتۈرۈلدى. بەگلىكلەر ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى. نىكبولدا ئوسمانلىقلارغا قارشى تۆت قېتىم ئېلىپ بېرىلغان ھاجلى يۈرۈشلىرى مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، ۋىزانتىيىنى قۇتۇلدۇرىدىغان ھېچقانداق بىر كۈچ يوق ئىدى. بۇنداق بىر قۇۋۋەت پەقەت شەرقتىنلا كېلەتتى. شۇ زاماندىكى ئەڭ كۈچلۈك شەرقىي تۈرك خانى تۆمۈر ئەنقەرەدە ئوسمانلىقلارنى يەڭدى. بۇ ۋەقە، ئوسمانلىقلار تارىخي ئۈچۈن بىر ئاپەت بولدى. شۇنىڭ بىلەن ئاناتولى ئىتتىپاقىغا خاتىمە بېرىلدى. شۇنىڭدىن كېيىنكى 51 يىلدا ئوسمانلىق پادىشاھلىرى يىلدىرىمنىڭ كېيىنكى مەزگىلدە كىچىدە ئېرىشىش سىياسىتىنى يۈرگۈزدى. مۇھەممەد I ئىمپېراتورلۇقنى قايتىدىن قۇردى. يېڭباشتىن قۇرۇلغان ئاناتولى بەگلىكلىرىنى ئۇنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى قوبۇل قىلىشقا زورلىدى. ئوغلى مۇرات II ئاتىسىنىڭ ئىشىنى داۋاملاشتۇردى. ئوسمانلىقلارغا قارشى ئېلىپ بېرىلغان 5~6 قېتىملىق ئۇرۇشتا، بىرلەشكەن ياۋروپا قوشۇنلىرىنى يوقاتتى. شۇنىڭ بىلەن تونانى ئىلگىدە چىڭ تۇتتى. مەھەممەد II تەخت بېشىغا ئۆتكەن زامان كېيىنكى بەگلىكلەرمۇ قارامان ئوغۇللىرى ۋە ئىسفەندىيار ئوغۇللىرىغا ئوخشاش. ئوسمانلىق ئىمپېرىيسىگە قوشۇلۇش پۇرسىتىنى كۆزىتەتتى. بۇ چاغدا ئوسمانلىق ئىمپېرىيىسى دۇنيادا ئەڭ كۈچلۈك بىر دۆلەت بولۇپ قالغانىدى. ئارىدىن 142 يىل ئۆتكەندە، ئىمپېراتورلۇق، بارغانسېرى كۈچەيدى. فەتىخنىڭ 1481- يىلىدا 2 مىليۇن كۋادرات كىلومېترلىق تېرىتورىيىگە ئىگە دۆلىتى مۇرات III دەۋرىگە كەلگەندە 20 مىليۇن كۋادىرات كىلومېتىرلىق تېرىتورىيەگە ئىگە بولدى. قىرىمنى ئىشغال قىلىپ، موسكۋانىڭ جەنۇبىغا يېتىپ باردى. ئاناتولى تامامەن ئوسمانلىقلارغا تەۋە بولدى. تىرافزۇن ئىمپېرىيىسى ئاغدۇرۇلۇپ، ئانا تولىدا ئىسلاملاشمىغان تۈركلەشمىگەن ۋە يەر قالمىدى. شەرقتىن كەلگەن ئاق قويلۇق ۋە سافەۋى تۈرك ئىمپېرىيلىرى ئاناتولىيىنىڭ شەرقنىمۇ ئوسمانلىقلارنىڭ قولدىن ئالالمىدى. بۇ چاغدا يۇنانىستاننى قولغا كىرگۈزۈش نىيتىمۇ ئەمەلگە ئاشتى. قارا دېڭىز، ئەگە دېڭىزىمۇ ئوسمالىق دۆلىتىنىڭ «كۆللىرى»گە ئايلاندى. ياۋۇز سۇلتان سەلىم سەككىز يىل ئىچىدە ئاتىلىرىنىڭ دۆلەت دائىرىسىنى ئۈچ ھەسسە كېڭەيتتى. ئوسمانلىق ئىمپېرىيىسى چېگرىلىرىنى ئوتتۇرا ئافرىقا، ھەبەشسىتان ۋە ھىندى-ئوكيانغا قەدەر يايدى. «خەلىفە» ئۇنۋانىنى ئابباسىلاردىن ئېلىپ «ئىسلام» دۇنياسىغا ھاكىم بولدى.

    ياۋۇز ئوغلى قانۇنى سۇلتان سۇلايمان ۋېنگىرىيىنى، ئىراقنى ۋە شىمالىي ئافرىقىنى قولغا كىرگۈزدى XVI – ئەسىر تۈرك تارىخىدا ناھايىتى مۇھىم ئەسىر بولدى، بۈگۈن بەزى غەرب تارىخچىلىرى XVI- ئەسىرگە «تۈرك ئەسىرى» نامىنى بەردى، ياۋرۇپا قىسىلىپ ئەڭ تار چېگرىسىغا بېرىپ يەتتى. مۇرات III زاماندا كافكازىيە بىلەن شەرقىي ئىران قولغا كىرگۈزۈلدى. ئوسمانلىق ئىمپېرىيىسىنىڭ تەسىر دائىرىسى بالتىققا قەدەر يېيىلدى. فارس ئەرەب ئىمپېرىيىسى بويۇنتۇرۇق ئاستىغا ئېلىنىپ، ئاتلانتىك ئوكياننى ئىگەللىدى ۋە پورتۇگالىيە تامامەن سەھنىدىن چۈشتى. كىشىلەر ئىككىنچى ۋىيانا مۇھاسىرىسى زامانىسىدا، كېيىنكى 16 يىللىق ئۇرۇشنى «ئاپەت يىللىرى» دەپ ئاتاشتى. ئوسمانلىق ئىمپېرىيىسى، گېرمانىيە ۋە نەدىك، پولشا (لەخىستان)، روسىيىدىن ئىبارەت تۆت چوڭ دۆلەت ۋە كۆپلىگەن كىچىك دۆلەت بىلەن ئۆز ئالدىغا ئۇرۇش قىلدى. 1690- يىلى قارلۇپچا شەرتنامىسىغا ئاساسەن، ۋېنگىرىيە، پولشا، تىرانسىلۋانىيە قولدىن كەتتى. شۇنىڭ بىلەن «يېڭىلمەس تۈرك» دەيدىغان كۆز قاراش ياۋرۇپادا تۈگىدى. ئوسمانلىق ئىمپېرىيىسى ئابدۇلھىمىت I، سەلىمIII، مەخمۇتII بىلەن جانلىق بىر ئسلاھات ھەركىتى ئېلىپ باردى. فېئوداللارنىڭ مەيدانغا كېلىشى، نۇرغۇن ۋىلايەتلەرنىڭ مەركىزىدە ئىتائەتچانلىقنىڭ سۇسلىشىشى، ئىقتىسادىي ھاياتنى پالاچ بىر ۋەزىيەتكە چۈشۈرۈپ قويدى. چوڭ مەدەنىيەت مەركەزلىرى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى ئىزدى. ئەڭ مۇھىمى، ياۋرۇپادا سانائەتتە پار كۈچىدىن پايدىلىنىش باشلىنىپ، خېلى ئىلگىرلەشلەر كۆرۈلدى. ئوسمانلىق ئىمپېرىيىسى بۇ «ئىنقىلاۋىي» ھەركەتنى ۋاقىتدا ئىگەللىيەلمىدى. شۇ ۋاقىتقا قەدەر مال ئېكىسپورت قىلىپ كەلگەن ئوسمانلىقلار ئەمدى ياۋرۇپادىن مال سېتىلىشقا مەجبۇر بولدى. بۇ قورقۇنۇچلۇق رىقابەت تۈرك سانائىتىنىڭ ھۇلىغا پالتا چاپتى. مۇراتII فېئوداللىقنى ئەمەلدىن قالدۇردى. ئېتبارىن باشقىدىن تىكلىدى. بىر مۇنچە ئىقتىسادىي ئىسلاھات يۈرگۈزگەن بولسىمۇ، ياۋرۇپاغا يېتىشىش مۇمكىن ئەمەس ئىدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە ئىمپېراتورلۇق پەقەت ماخمۇت IIنىڭ تىرىشچانلىقى ئارقىسىدا ئۈچ قىتئەدىكى ھاياتىنى ساقلاپ قالالىدى. رەشىت پادىشاھ ئۇنىڭ ئاساسنى قىردى. تانزىمات دەۋرى ئابدۇلمىجىت بىلەن قېرىندىشى ئابدۇلئەزىزىنىڭ دەۋر سۈرگەن ۋاقتى بولدى. دۆلەتنى تانزىماتچىلار، بولۇپمۇ رەشىت، ئالى ۋە قۇئات پادىشاھلارغا ئوخشاش نۇرغۇن ئەربابلار باشقۇردى. گەرچە ياۋرۇپاغا يېتىشىش ئۈچۈن زور كۈچ سەرپ قىلىنغان بولسىمۇ، ئىقتىسادىي جەھەتتە ياۋرۇپاغا ئېھتىياجلىق ئىدى. يەنە بىر تەرەپتىن ياۋرۇپا دۆلەتلىرى ئوسمانىلىق ئىمپېرىيسىنىڭ كەڭ كۆلەمدىكى ۋىلايەتلىرىنى بۆلۈشكە بەل باغلىغان ئىدى. ئابدۇلئەزىزىنىڭ سەلتەنتى جەريانىدا، پادىشاھلارنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا خاتىمە بېرىش ئۈچۈن، مىتھەت پاشا، نامىق كامال، زىيا پاشا قاتارلىق زىيالىلارنىڭ رەھبەرلىكىدە بىر ھۆرىيەت ھەركىتى باشلاندى. ياۋرۇپالىقلار تەرىپىدىن «ياش تۈركلەر» دەپ ئاتالغان بۇ زىيالىلار توپى دولىما باغچا سارىيىنى قۇرۇقلۇقتىن ھەربىي قوشۇنلىرى بىلەن، دېڭىزدىن پاراخۇتلىرى بىلەن قورشاپ ئېلىپ، ئابدۇلئەزىزنى تەختتىن چۈشۈردى. ئۇنىڭ ئورنىغا شاھزادە مۇرات تەختكە چىقتى. مۇرا V يېرىم-ياتا ساراڭ ئىدى. ئۈچ ئايدىن كيىن ئۇنى تەخىتتىن چۈشۈرۈپ، مەشرۇتيەت نىڭ رەھبەرلىكىنى قوبۇل قىلشقا ۋەدە بەرگەن ئابدۇلھىمىت II پادىشاھ بولدى. ئابدۇلھىمىت دەسلەپتە مىتىھەت پاشانى سادارازام قىلدى. 1876- يىلى 23- دىكابىردا مەشرۇتىيەت ئېلان قىلدى. ئەمما ئۇزاق ۋاقىت ئۆتمەيلا «توقسان ئۈچ» ئۇرۇشنى باھانە قىلىپ مەجلىسىنى تارقاتتى. مىتھەت پاشانى بوغدۇرۇپ ئۆلتۈرگۈزدى. ئابدۇلھىمىت 1876- يىلى 1908- يىللىرى ئارىلىقىدا بارغانسېرى ۋەھىشى بىر ئىستىبداتلىق يولىنى تۇتتى. پۈتۈن ھوقۇقنى سارايغا توپلىدى. 23 يىل داۋام قىلغان بۇ ئىستىبداتلىق دەۋرىدە ئىمپېراتورلۇق كۈنسايىن زەئىپلىشىشكە باشلىدى. بۇ ئارىلقتا بوسنا-خەرسەرك، نۇنىس، كىبرىس قاتارلىق مەملىكەتلەرنىڭ كۆپ قىسمى قولدىن كەتتى. 1908- يىلىدىن 1914- يىلىغىچە بولغان مۇددەت ئىچىدە ئالتە ئاپەت يىلى بولۇپ ئۆتتى. ئىككىنچى مەشرۇتىيەت ئېلان قىلىندى. ھوقۇقنى قولغا ئالغان ئىتتىھات-تەرەققىيات پارتىيىسىنىڭ بەزى ھەركەتلىرى، پارتىزانلىق مەۋقىئى، ئىمپېراتورلۇقنىڭ ئاپاراتىنى تامامەن ئاجىزلاتتى. توققۇز مىليۇن كۋادرات كىلومېتىر تېرىتورىيىنى ئىچىگە ئالغان ئۈچ قىتئەگە ھاكىم بولغان كۈچلۈك ئىمپېراتورلۇققا چاك كەتتى. نۇرغۇنلىغان چەتئەللىك ئەمەلدارلار چوڭ ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ قوللىشى ئارقىسىدا، ئوسمانلىق ئىمپېرىيىسىدىن ئايرىلىشنى تەلەپ قىلدى. بالقان سوقۇشى، ياۋروپادىكى ئوسمانلىق ئىمپېرىيىسنىڭ چېگىرىسنى ئادىرىياتىكتىن مەرىچكە يۆتكىدى.ئوسمانلىق ھۆكۈمىتىنىڭ بىرىنچى دۇنيا سوقۇشىغا قاتناشقانلىقى، ئىمپېرىيىنى ھالاكەت گىرداۋىغا ئېلىپ كەلدى. ئوسمانلىقلارنىڭ رەقىبلىرى يۈز يىللاردىن بېرى ئىستىلا يۈزى كۆرمىگەن ئاناتولىغا ئاياق بسىشغا باشلىدى. ئوسمانلىق دۆلىتى تارىختا ئەڭ تار چېگرا ئىچىگە قىستىلپ قالدى. مۇستاپا كامال رەھبەرلىكىدە ئوسمانلىق ئىمپېرىيىسى ئۈزۈل – كېسىل تارمار بولۇپ تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلدى.

    分享到:

    收藏到:Del.icio.us