• پەرزەنتلىرىمىز «تەقدىر» بويۇنتۇرۇقىغا ئەسىر بولۇپ قالمىسۇن

    2010-06-25

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    http://www.blogbus.com/bilim-kuq-logs/67064615.html

    ھەرقانداق بىر قوۋم ئۆزىنىڭ ئەھۋالىنى ئۆزگەرتمىگىچە ئاللا ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنى ئۆزگەرتمەيدۇ. سۈرە رەئد 11-ئايەت «تەقدىر» سىرلىق ھەم مۇتلەق نەرسىمۇ؟ ئۇنداقتا سىز ئۇنى قانداق چۈشىنىسىز؟كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزغا ياكى پۈتۈن ھاياتىمىزغا «تەقدىر» ھەققىدىكى قاراش، چۈشەنچە مۇئەييەن دەرىجىدە ئۆز تەسىرىنى كۆرسىتىپ تۇرىدۇ. نۇرغۇنلىغان ۋەقە، ئىش-ھەرىكەتلەرنى شەكىلىنىشى ۋە تۈگەللىنىشىنى بىز كۆپىنچە «تەقدىر»گە باغلاپ چۈشىنىمىز ۋە چۈشەندۈرىمىز.سەگەك مېڭە، ئۆتكۈر كۆز بىلەن نەزەر سالىدىغان بولساق، بىزنىڭ «تەقدىر» ھەققىدىكى چۈشەنچىمىز يۈزە ۋە بىر تەرەپلىمە بولغانلىقتىن، ئۇ بىزنى ئېڭىمىزنى، روھىمىزنى، ئەركىمىزنى ۋە ئىستىقبالىمىزنى قامال قىلىپ قويغان.«تەقدىرگە تەن بەرگۈلۈك»، «تەقدىرسىز قىل تەۋرىمەيدۇ»، «ئىختىيارىمىز تەقدىرنىڭ قولىدا»، «پېشانىمىزگە شۇنداق پۈتۈلگەن» دېگەنگە ئوخشاش بىر يۈرۈش ئۇقۇملار زامانلاردىن بېرى داۋاملىشىپ كەلدى ۋە روھىمىغا سىڭىپ كەتتى. ئەۋلادلارنى رايىش قىلىپ تەربىيىلەش، شۈكۈر-قانائەت قىلدۇرۇشنىڭ ئەڭ چوڭ دەسمايىسى بولغان بۇ خىل قاراشلار نۇرغۇن ئائىلىلەردە پەرزەنتلەرنى تەربىيىلەشتىكى، بەزلەشتىكى مىزان بولۇپ قالدى. مۇشۇنداق تەرغىپ قىلىش ۋە تەربىيە بېرىش ئۇسۇلى ئىلمىي ۋە توغرا بولامدۇ؟شۇنى بىلىش كېرەككى، دۇنيادىكى بارلىق مەۋجۇداتلار مۇئەييەن باغلىنىش ئىچىدە مەۋجۇت بوۇپ تۇرىدۇ. بۇنى تەبىئىي قانۇنىيەت دەيمىز. مەسىلەن، تۇغۇلۇش ۋە ئۆلۈش، كۈننى ئەتىگەندە شەرقتىن چىقىپ غەرپكە پاتقانلىقى، كېچە ۋە كۈندۈزنىڭ قانۇنىيەتلىك تەرتىپتە ئالمىشىپ تۇرۇشى بىر خىل تەبىئىي قانۇنىيەت. ھېچقانداق قۇدرەتلىك كۈچنىڭمۇ بۇنى ئۆزگەرتىشكە قۇربى يەتمەيدۇ. جەمئىيەتمۇ مۇئەييەن قانۇنىيەت بىلەن تەرەققىي قىلىدۇ. ئۇنىڭ تۈپ نېگىزى ئادەمنىڭ پائالىيەتچانلىقى ۋە ئىجادچانلىقى ئارقىلىقلا ئورۇنلىنىدۇ. ئىنسانلار تۇرمۇش ئەمەلىيىتى داۋامىدا ھاياتنىڭ، ئىجتىمائىيەتنىڭ قانۇنىيىتىنى ۋە تەبىئەتنىڭ قانۇنىيىتىنى بايقايدۇ ياكى تونۇيدۇ. ئۇلارنىڭ بىلىش تەجرىبىسى دۇنيانى ئۆزگەرتىش ئارقىلىق ئۆزلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە گۈللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولىدۇ. مەسىلەن، نەم يەرگە ئۇرۇق چاچسا زىرائەت ئۈنىدىغانلىقى بىر تەبىئىي قانۇنىيەت، ئادەمنىڭ ئۆگىنىش ۋە تىرىشچانلىق ئارقىلىق كامالەتكە يېتىشى بۇ بىر ئىجتىمائىي قانۇنىيەت. ئىنسانلار بۇ قانۇنىيەتلىك باغلىنىشلارنى بايقىغاندىن كېيىن ئاندىن تېرىقچىلىق قىلغان ۋە ئۆگىنىش ئارقىلىق ئۆزلىرىنى بارا-بارا قۇدرەتلىك قىلالىغان. «ئادەم بۇ دۇنياغا قانداق ئۇرۇق چاچسا شۇنىلا ئورىدۇ، تېرىق تېرىسا تېرىق ئالىدۇ، بۇغداي تېرىسا بۇغداي ئۈنىدۇ، تېرىمىسا ھېچ نەرسىگە ئېرىشەلمەيدۇ؛ ياخشىلىق ئۇرۇقىنى چاچقان ئادەم ياخشىلىققائېرىشىدۇ. يامانلىق ئۇرۇقىنى چاچقان ئادەم يامانلىققا ئېرىشىدۇ» دېگەن. مانا بۇ تەقدىرنىڭ ئىجتىمائىي قانۇنىيىتىنىڭ ئىلمىي يېشىمى. بۇنىڭدىن قارىغاندىمۇ، ئاتا-ئانىلار ئالدى بىلەن «تەقدىر» توغرىسىدىكى چۈشەنچىنى ئىلمىي ئاساستا تونۇۋېلىشى كېرەك. شۇنداق قىلغاندىلا ئاندىن پەرزەنتلەرنى توغرا دۇنيا قاراش، ئىلمىي «تەقدىر» قارىشى بىلەن تەربىيىلەش مەقسىتىگە يېتەلەيمىز.مەلۇمكى، تەبىئەت دۇنياسىدىكى بارلىق مەئىشەت ئىنسانلار ئۈچۈن ئورتاق يارىتىلغان. ھەرگىزمۇ بىرىمىزگە كۆپرەك، مولراق تەقسىم قىلىنىپ، يەنە بىرىمىزگە ئازراق تەقسىم قىلىنغان ئەمەس. قانداقتۇر بىرىمىزنىڭ «زۇۋۇلىسى يوغان ئۈزۈلۈپ، يەنە بىرىمىزنىڭ زوۋۇلىسى كىچىك ئۈزۈلگەنمۇ ئەمەس. بارلىق ئىنسانلارغا ئەقىل-ئىدراك، ئىشلەشكە قول، مېڭىشقا پۇت، كۆرۈشكە كۆز، ئاڭلاشقا قۇلاق، يېيىشكە ئېغىر ئوخشاش ئاتا قىلىنغان، شۇنداق تۇرۇقلۇق بىزنىڭ ئاتالمىش «تەقدىر»دىن نالە قىلىشقا نېمە ئاساسىمىز بولسۇن؟ ئەگەر بىز ئۆزىمىزنىڭ بەختسىزلىكىنى، ئىقتىدارسىزلىقىمىزنى، نامراتلىقىمىزنى ياكى بايلىقىمىزنى، بەختىمىزنى «تەقدىر»دىن كۆرسەك، ئۇنداقتا ئادەم تۇغۇلۇشىدىنلا بايلىق تاجىنى كىيىپ چۈشۈشى ياكى كەمبەغەللىك كۇلاسىنى كىيىپ چۈشۈشىكېرەك بولىدۇ. بۇنداق ئىبارىنى كىم قايسى مۇقەددەس كىتابلاردىن ئوقۇغان؟ يەنە شۇنىڭغىمۇ دىققەت قىلايلى: مەلۇم ئادەم دەسلەپتە ئىنتايىن باي ياكى كەمبەغەل ئىدى، كېيىن ئۇ بىردىنلا كەمبەغەل ياكى باي بولۇپ كەتتى. ئۇنداق بولسا، ئۇنىڭ ھاياتى يېرىم يولغا كەلگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ تەقدىرى ھەققىدە يېڭىۋاشتىن ھۆكۈم چىقىرىلغان بولامدۇ؟ياق! تەقدىرنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ھەممە ئادەم ئېتىراپ قىلىدۇ. چۈنكى يۇقىرىدا بايان قىلىپ ئۆتكىنىمىزدەك، ياخشىلىق ئۇرۇقىنى چاچقان ئادەم ياخشى تەقدىرگە ئۇچرايدۇ، يامانلىق قىلغانلار يامان تەقدىرنىڭ قىسمىتىگە يولۇقىدۇ. بۇ نېمە ئۈچۈن؟ شۇنىڭ ئۈچۈنكى، بۇ دۇنيادا ياخشىلىقمۇ بار، يامانلىقمۇ مەۋجۇت، بايلىقمۇ بار ھەم كەمبەغەللىكمۇ بار. بەختمۇ بار، بەختسىزلىيكمۇ ھەر دائىم بەختكە ھەمراھ. لېكىن باي قىلىپ قويغان ياكى كەمبەغەل قىلىپ قويغان، ساق قىلىپ قويغان ياكى ئاغرىق قىلىپ قويغان، ياخشى قىلىپ قويغان ياكى يامان قىلىپ قويغان، بەختلىك قىلىپ قويغان ياكى بەختسىزلىكە دۇچار قىلىپ قويغان قانداقتۇر «تەقدىر» بولماستىن، بەلكى ئۆزىمىز قىلغان سەۋەبىمىزدە. شۇنىڭدىن كۆرۈشكە بولىدۇكى، «تەقدىر» دېگەن ھەربىر ئادەمنىڭ ئۆز ئىلكىدە بولىدۇ.بۇ ھەقىقەتكە قايىل بولغۇچى ھەرقانداق كىشى ئەتراپلىق تەھلىل قىلغاندا بۇلارنىڭ ھەقىقەت ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىۋالالايدۇ. پەرزەنتلەرگە توغرا ئەقىدە، ئىلمىي تەقدىر قارىشىنى سىڭدۈرۈش، ھەرگىزمۇ خۇراپاتلىق پاتقىقىغا پاتۇرۇپ قويماسلىق كېرەك.نەسىھەتتىن نەمۇنەبالام، بۇ دۇنيا سەۋەب ئالىمى، شۇڭا كونىلار «سەۋەب قىىلساڭ سېۋەتتە سۇ توختايدۇ» دېگەن. سەۋەبسىز، ئەجىر-مېھنەتسىز ھېچقانداق مەنزىلگە يېتەلىشىڭ مۇمكىن ئەمەس. سەن ئۆزۈڭگە نېمىنى راۋا كۆرگەن بولساڭ ۋە بۇ يولدا قانداق تەقدىر توغىنىنى قوپۇرغان بولساڭ، تەقدىرىڭ شۇ يەردە بولىدۇ. سەن ئۆزۈڭگە مەردلىك يولىنى مەقسەت قىلغان بولساڭ، سېنى ھېچكىم نامەردلىك بەتنامى بىلەن قارىلىيالمايدۇ؛ نۇرغۇن ئادەم ئۆزىنىڭ رەزىللىكى، زەئىپلىكى ۋە ئىقتىدارسىزلىقى سەۋەبلىك ئۆزىنى خارلىق ۋە ئازابلىق كويلارغا مۇپتىلا قىلىدۇ. شۇڭا دانىشمەنلەرنىڭ «تەقدىردىن كۆرمەي ئۆزۈڭدىن كۆر» دېگەن ھېكمىتى يادىڭدا بولسۇن. بىر چىشلەم ناننىڭ تەمەسىدە ئۆزىنى ئۆزى باغرى تاش مەلئۇنلارنىڭ ئايىغىغىا باش قويغۇزۇپ، ھاقارەت تەستەكلىرى، خورلۇق تېپىكلىرىنى يەپمۇ ئۆزىگە شەرەپ بىلىپ يۈرىدىغان تەبىئەتسىز ئادەملەرنىڭ ھېكايىسى كۆپقۇ.ئەلىشىر نەۋائى، ھارام تاماق، پەس تەبىئەتلىك بىر كىشى ھەققىدە مۇنداق ھېكايە قىلغان:خەلق ئارىسىدا بىر غەيرەتسىز كىشى بار ئىدى. خالايىق ئۇنىڭ ئۆلۈمتۈك ۋە غەيرەتسىزلىكىنى كۆرۈپ، ھەربىرى بىردىن مۇشت ياكى تەستەكلىرىنى ئۇراتتى. شۇ ئارقىلىق ئۇ كىشىلەردىن بىر لوقمىدىن نان ئېلىپ يەيتتى، كىشىلەر قانچە قوغلىسىمۇ كەتمەيتتى؛ بەلكى ئۇ باغرى تاش زالىملارنىڭ ئۆيىدىن چىقمايتتى. كىشىلەر ئۇنى بۇ جاپالارغا ئۆگىتىۋالغانىدى. ئۇن خالىغان بىر كىشى كېلىپ تەپسە، بىر چۆرگىلەپ توختايتتى. ئۇ غەيرەتسىز، پەس كىشى ئۇنىڭ بەدىلىگە تەپكۈچى كىشىدىن بىر نەرسە ئالاتتى. چۈنكى ئۇنىڭ نەرخى شۇنىڭغا توختىغانىدى. ھەركىشى ئۇنىڭغا بىر پارچە نان بەرسە، نەپسىنىڭ خاھىشى بويىچە ئۇنى ئېلىپ ئاغزىغا سالاتتى. نان بەرگۈچى شۇ ھامان بىر مۇشت سالاتتى-دە، ئۇ كىشى يەرگە يىقىلاتتى. گەرچە ناننى يەپ قويسىقى تويسىمۇ، لېكىن مۇشتنى يەپ ھېچ نەرسە يېمىگەندەك يۈرەتتى…دېمەك، بىلىش لازىمكى، ئۇنداق يامان قىسمەتنى ھەرگىز ئۇلارغا تەقدىر ئېلىپ كەلگەن ئەمەس، بەلكى ئۇلار ئۆز رازىلىقى بىلەن ئاشۇ تەقدىرگە ئۆزلىرىنى بەخشەندە قىلغان؛ ئۆز تەبىئىتىڭ سېنى قانداق تەقدىرگە ئىشتىراك قىلسا سەن شۇنداق تەقدىرنىڭ ئىلكىدە بولىسەن.شۇڭا بىز پەرزەنتلىرىمىزگە تەربىيە قىلغاندا، ئىلمىي، ئەتراپلىق، توغرا چۈشەنچىلەرنى ئۇلار ۋۇجۇدىغا سىڭدۈرۈپ، تىرىشچان، ئەخلاقلىق، پاراسەتلىك، قەيسەر كىشىلەردىن بولۇشقا يېتەكلەيلى. ئۇلار ھەرگىزمۇ «تەقدىر» بويۇنتۇرۇقىنىڭ رايىش ئەسىرلىرىدىن بولۇپ قالمىسۇن!

    分享到: