• ئۇيغۇرلاردا ئەبگالىق(4)

    2010-06-15

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    http://www.blogbus.com/bilim-kuq-logs/66075003.html

    شۇنى ئېنىق بىلىش كېرەككى، تارىختىكى شىنجياڭدا، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ قۇرۇلۇشى تۈنۈگۈنكى ئەل سۆيەر بۈيۈك ئەجدادلار ئىنقىلابىي كۈرىشىنىڭ ئۆلمەس نەتىجىسى. شۇنداقلا كومپارتىيە ئازسانلىق مىللەتلەر سىياسىتىنىڭ مۇبارەك سەمەرىسى. ھالبۇكى ئۇنىڭ نامىنى تولۇق، ئەينەن ئاتاش ياكى چالا، ئۆزى بىلگەنچە ئاتاش ئەمەلىيەتتە، شۈ ئاتىغۇچىنىڭ كومپارتىيە ئازسانلىق مىللەتلەر سىياسىتىگە ئالاقىدار پوزىتسىيىسىنى، چۈشەنچىسىنى ۋە تۈپ مەيدانىنى ئىپادىلەيدۇ. شۇنداقلا شۈ ئاتىغۇچىنىڭ تارىخقا، تۈنۈگۈنكى ئەجدادلار ئىنقىلابىي كۈرىشىگە ۋە بۈيۈك ئەجدادلارغا بولغان كۆز قارىشىنى ۋە ۋاپا دەرىجىسىنى ئىپادىلەيدۇ. شۇڭا بۇ مەسىلىگە نىسبەتەن ھەممىمىز يۈكسەك سىياسىي ئېڭىمىز ۋە يوللۇق مەسئۇلىيىتىمىز بىلەن تولۇق ئەھمىيەت بېرىشىمىز لازىم.
       ئەبگا ئۇيغۇرنىڭ ۋۇجۇدىدا تۈنۈگۈن بىلەن كارى بولماسلىق كېسىلى بىلەن قولتۈقلىشىپ كېلىۋاتقان ئىللەت ئەتىگە ئوبدان نەزەر سالماسلىق يەنى پىلانسىزلىق بولۇپ، بۇ ئىللەتنىڭ يامان تەسىرى شۇ تاپتا، ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ ئىستىقبالىنى بارغانسېرى گۇڭگىلاشتۇرماقتا.
    شۇنداق تۈنۈگۈننى ئۇنتۇپ قالمىغاندىلا، ئاندىن بۈگۈننىڭ قەدرىگە يەتكىلى بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بۈگۈنكى ھەر بىر پۇرسەتنى غەنىمەت بىلىپ ۋە چىڭ تۇتۇپ ئەتىنىڭ پىلانىنى ئالدىن تۈزۈپ ماڭغاندىلا، ئاندىن بۈگۈنكى نەتىجىنى داۋاملاشتۇرۇپ، ئەتە بۈگۈندىنمۇ گۇزەل كۈننى بارلىققا كەلتۈرگىلى بولىدۇ. يەنە بىر جەھەتتىن ئېيتقاندا، ئىنساننىڭ تۇرمۇشى تۈنۈگۈندىن ساۋاق ۋە زۆرۈر ئوزۈق ئېلىش، شۇنداقلا ئەتىكى يېڭى ھاياتقا  تەلپۈنۈش ۋە ئىنتىلىش ئارقىلىق، ئىلگىرىلەش ۋە تەرەققىياتقا ھامىلدار قورىماس ھاياتىي كۈچكە تولۇپ تۇرغاندىلا، ئاندىن ئۇ ھەقىقىي مەنىلىك تۇرمۇش ۋە چىن لەززەتلىك ھايات بولىدۇ. ئىنساننى ئەتىگە تەلپۈندۈرىدىغان نەرسە يۈكسەك غايە. يۈكسەك غايىنى ئەمەلگە ئاشۇرىدىغان نەرسە بولسا، ئىلمىي پىلان، جانلىق تەدبىر ۋە قەتئىي ئىرادە. شۇنداق دېيىش مۇمكىنكى، پىلانلىق ھايات ئاكتىپ ھايات، تاتلىق ھايات؛ پىلانسىز ھايات بولسا، پاسسىپ ھايات، قاڭسىق ھاياتتۇر. ئەمەلىي تۇرمۇشقا تەدبىقلاپ ئېيتساق، سەن پىلان بىلەن ئىش قىلىۋاتامسەن ياكى ھېچبىر پىلانىڭ يوق كۈن ئۆتكۈزۈشنىلا بىلىۋاتامسەن، خەلق كالۋا ئەمەس، ھەممىنى بىلىدۇ. ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى شاخماتنىڭ ئۇرۇقچىلىرىدەك تىزىلىپ كەتكەن راۋاقلار پىلان بىلەن قىلىنغان ئىش. سېنىڭ پىلانىڭ بولمىغاچ، قىرىق يىلنىڭ مابەينىدە، ئۈرۈمچىگە ئەقەللىسى مىڭ ئادەم دەلنەزى تۇرۇپ مېيىت نامىزى ئوقۇغىلى بولىدىغان بىرەر مەسجىدمۇ سالالمىدىڭ. تۇرۇپلا نەۋرۇز بايرىمى قىلدۇرمايدىغان بولىسەن. تۇرۇپلا رامىزان ھېيتىنى ئەمەلدىن قالدۇرىدىغان بولىسەن. خەلقىڭ ئاشۇنداق ناماز ئوقۇيدىغان مۇسۇلمان مىللەت. سېنى ئۇ قاتاردىن چىقىپ كەتتىمىكىن دېسە، ھېيت بولسا، ھەممىدىن بۇرۇن كىرىپ، تۆرنىڭ كاللىسىغا مېنىپ ئولتۇرۇپ گۆش يەيسەن. بۇ پاسسىپلىقمۇ ياكى ئاكتىپلىقمۇ؟ ئۇيغۇرلار  «شىخەنزە» دەپ ئاتايدىغان شېخىزى  شەھىرى مۇشۇ يېرىم ئەسىرنىڭ مابەينىدە بىنا قىلىنغان يېپيېڭى بىر شەھەر. ئۇنىڭدا، «شىخېزى ئۇنىۋېرىستېتى» قۇرۇلۇپ بولدى. ئەمما ئۈچ مىليوندىن ئارتۇق نوپۇسى، نەچچە مىڭ يىللىق تارىخى بار كاشغەردە بولسا، تا شۇ كۈنگىچە بىرمۇ ئۇنىۋېرىستېت يوق. خەق ئون ئىككى يىل سەرپ قىلىپ، نى نى ئارمانلار بىلەن پەرزەنتلىرىنى ئوقۇتسا، ۋاقتى كەلگەندە كىرىپ ئوقۇيدىغانغا ئۇيغۇرچە ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ تايىنى بولمىسا، ئۇلارنى موللاملارنىڭ ھوزۇرىغا تاپشۇرۇپ تالىپ قىلماي قانداق قىلىدۇ، ئەمدى؟!
    مۇنداق ئىشلارنى ساناپ كەلسەك، ئاسماندىكى يۇلتۇزدىنمۇ جىق. سەمىمىي ئۈمىد شۇكى، سەن خەلقنىڭ بىر رەھبىرىي كادىرىسەن، ئۆزەڭ خىزمەت ئۆتەيدىغان ئاشۇ سەككىز ـ ئون يىلنى قورساق سېلىپ سەمىرىۋېلىشنىڭ، پارا ئېلىپ بېيىۋېلىشنىڭ پۇرسىتى قىلماي، خەلقىڭنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن چىن كۆڭلۈڭدىن چىقىرىپ بىر ـ ئىككى  بولسىمۇ ياخشى ئىش قىلىشنى پىلان قىل. شۇ پىلانىڭنى خەلقىڭغە ئوچۇق ئېلان قىل. مانا شۇ چاغدا سەن كەلگۈسىدىن ئۈمىدلەنگەن خەلقنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى كۆرىسەن. پىلانىڭ ئەمەلگە ئاشقاندا بولسا، ئۆز ئىقبالىدىن سۆيۈنگەن خەلقىڭنىڭ ھەقىقىي ئېھتىرام ۋە چىن ھۆرمىتىنىڭ قاينىمىدا ھۇزۇرلىنىپ ئۈزىسەن.
    سەن بىر مەكتەپ باشلىقىسەن. مائارىپ ئىدارىسى چۈشۈرۈپ بەرگەن سان ـ سىفىرغا، مائارىپ نازارىتىنىڭ ئىلتىپاتىغا قاراپ ئولتۇرماي، ئۈچ يىللىق، بەش يىللىق ۋە ئون يىللىق قىلىپ ئۆزەڭ پىلان تۈز. مەكتەپ باشلىقى دېگەن ئىزباسار ئەۋلاد تەربىيىلەيدىغان باش ئىنژېنېر دېگەن سۆز. ھالبۇكى سېنىڭ پىلانىڭ ئەڭ ئىناۋەتلىك، سېنىڭ تەدبىرىڭ ئەڭ كارامەتلىك. ئالدىڭدىكى ساڭا تەلمۈرۈپ قاراپ تۇرغان مەھمۇد كاشغەرى چىراي، ئاماننىساخان رۈخسار ئوغۇل ـ قىز ئەۋلادلارنى كۆر. ساھىبتەدبىر بولۇپ، ئۇلاردىكى ئارزۇ ـ تىلەكلەرگە ھەقىقىي كۆڭۈل بۆل. ئەمەلىيەتتە 21 ـ ئەسىر ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ خوجايىنلىرى سېنىڭ ئىزباسار يېتىشتۈرۈش ماھارىتىڭغا باغلىق. ئۇيغۇر ئېلىنىڭ مەرىپەتلىك كەلگۈسى سېنىڭ باشچىلىق جاسارىتىڭغا باغلىق!
    سەن ھەرقانداق بىر مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىسىسەن. كەلگۈسىدىكى مەدەنىيەتلىك ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ ئۈمىد يۇلتۇزىسەن. باشتىنلا پىلان بىلەن ياشاشنى ئۆگەن. ۋەتەن ئۈچۈن بىلىم ئال، ۋەتەن ئۈچۈن تەشكىللەن، ئېھتىياتچان ئەزمىلەردىن ئىبرەت ئال. ئىجتىھادچان  تەۋەككۈلچىلاردىن ئۆرنەك ئال. «سېكىرتارنى پالانى تۇغۇپ بېرىدۇ»، «مۇدىرنى، رەئىسنى پۇستانى يەردە ياساپ بېرىدۇ» دەپ ھاڭۋېقىپ ئولتۇرماي، كىچىكىڭدىنلا ناھىيەڭگە ھاكىم، ۋىلايىتىڭگە ۋالىي ۋە ئۇيغۇر ئېلىڭگە رەئىس بولۇشنى كۆڭلۈڭگە مەھكەم پۈك. «چوڭ بولسام، چوقۇم ئەجدادىمدەك باشلامچى ئەزىمەت بولىمەن» دېگەن نىيەتنى قەلبىڭگە مەزمۇت پۈت. مۇشۇنىڭ ئۈچۈن تەدبىر ئويلا، پىلان تۈز. ھايات قوينىدا ئۆمۈر بويى پىلان بويىچە، شىجائەت بىلەن ئالغا قاراپ ئۈز. غايىبانە بىر مۆجىزاتنىڭ ئاسماندىن چۈشۈشىنى كۈتۈپ ئولتۇرما. ئۆزەڭ قىلالايدىغان ئىشنى كېيىنكىلەرگە قالدۇرما. ئىلىم بەيگىسىدە ئۆزۈڭلا چىقساڭ، ئىقبال سېنىڭكى. بىلىملىك بولۇپ يېتىلسەڭ، ۋەتەننىڭ ئىستىقبالى چوقۇم سېنىڭكى!
    بۈگۈنكى دۇنيادىكى تەرەققىياتتا ئالدىدا مېڭىۋاتقان ئىلغار مىللەتلەرنىڭ ئەمەلىيىتى بېرىۋاتقان ساۋاقلاردىن قارىغاندىمۇ، شانلىق تارىخى بار، شۇنداقلا ئۆز تارىخىنى ئۇنتۇمىغان، تارىخىي ساۋاقلارغا ھەقىقىي ئەھمىيەت بەرگەن مىللەتلەرنىڭ يەنە پارلاق ئىستىقبال يارىتالىشىدىن ئۈمىد زور. ئىپتىخارلىق تارىخى بولسىمۇ، تەجرىبە ـ ساۋاقلارنى يەكۈنلەپ، ئەتە ئۈچۈن، كەلگۈسى ئۈچۈن يېڭىدىن يېڭى پىلانلارنى تۈزۈپ مېڭىشنى بىلمەيدىغان مىللەتتىن بولسا، تازا ئۈمىد يوقتۇر.
    يۇقىرىدا دېدۇق، ئۇيغۇر شانلىق تارىخقا ئىگە مىللەت. بۇنىڭدا گەپ يوق. ئەمدى ئۇيغۇر يەنە پارلاق ئىستىقبال يارىتالامدۇ ــ يوق؟ بۇ ــ پال باقىدىغان ئىش ئەمەس. پەقەت سەن، مەن ۋە ئۇ ـــ بىز ھەممىمىز بىر نىيەتكە كېلىپ، ئوتتۇراق ئەمەلىيىتىمىز بىلەن جاۋاب بېرىدىغان ئىش. بوۋىمىز ئېيتقان «تەدبىرىڭ قانداق بولسا، تەقدىرىڭ شۇنداق بولىدۇ» دېگەن ئۇدۇم ئاتا سۆزى بەشارەت بېرىپ تۇرۇپتۇ. دۇنيادىكى نۇرغۇن مىللەتلەرنىڭ مۇۋەپپىقىيەتلىك تەجرىبىلىرى دالالەت بېرىپ تۇرۇپتۇ. ئىلمىي پىلانلىق ۋە ئىلغار تەدبىرلىك بولساق، ئەل سۆيەر ئەجدادلارنىڭ ئىزىنى باسساق، ئۆزىمىزنىلا، بۈگۈننىلا ئويلىماي، كەلگۈسىنى، ئەۋلادلارنىمۇ ئويلىساق، بىر گەۋدىگە ئۇيۇشۇپ، نۈسرەت ئۈچۈن بەلنى مەھكەم باغلىساق، مىللىتىمىز ئۇيغۇر چوقۇم ئۆتمۇشتىكىدىنمۇ پارلاق ئىستىقبال يارىتالايدۇ!
       سېنىڭچىچۇ؟ مۇشۇ قاراشنى ياقلاپ، ئويغانغان سەپكە قوشۇلامسەن ياكى «مەن يەنە قاراپ باقاي» دەپ، تىكىۋېتىپلا قۇتۇلامسەن ؟ ئويلان، ئەبگا!

    8 ـ پىداكارسىزلىق ۋە جەڭگىۋارسىزلىق

     

    ئەزمە ئويلانغىچە
    تەۋەكگۇلچى مەقسەتكە يېتىپتۇ.
    ــ ئۇيغۇر خەلق ماقالى.

    ھەق ئۈچۈن، ھەقىقەت ئۈچۈن ۋە ھەق يول ئۈچۈن ئۆزىنىڭ بارلىقىنى، ھەتتا ئەزىز جېنىنىمۇ بېغىشلاش پىداكارلىق دېيىلىدۇ. ئۆزىنىڭ ۋە ئۆز كوللىكتىپىنىڭ جانىجان مەنپەئەتى، ھەقلىق ھوقۇقى ۋە ئىززەت ھۆرمىتى ئۈچۈن تىز پۈكمەي كۈرەش قىلىش جەڭگىۋارلىق بولىدۇ. پىداكارلىق بىلەن جەڭگىۋارلىق ھەرقانداق بىر مىللەتنىڭ ئاداققىي مەۋجۇدلۇقىنى ۋە ئاقىۋەت ئىستىقبالىنى ئەمەلىي كاپالەتكە ئىگە قىلىدىغان مەنىۋى تۈۋرۈكتۇر. پىداكارلىق بىلەن جەڭگىۋارلىق ھەرقانداق بىر مىللەتنى داغدام يوللۇق، ئۇزۇن قوللۇق، ئۆز رىزقىدىن ئۆزى بەھرىلىنەلەيدىغان، ئۆز ھوقۇقىدىن ئۆزى ھوزۇرلىنالايدىغان قىلىدىغان زۆرۈر روھىي قۇۋۋەتتۈر. ئىنسانىيەت تارىخىنىڭ پاكىتلىق ئەمەلىيىتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندىمۇ، كىشىلىك ھاياتنىڭ، مەۋجۇدلۇقنىڭ يولى پىداكارلىق بىلەن ئېچىلىدۇ. ئىستىقبالنىڭ يولى بولسا، جەڭگىۋارلىق بىلەن كېڭىيىدۇ. ھېكايە، «تام تاغىنىڭ كەپىسى» ناملىق ئامېرىكا كىنو فىلىمىنى كۆرگەن ئادەملەر بىلىدۇ ۋە كۆز ئالدىغا كەلتۈرەلەيدۇكى، ھازىرقى ئامېرىكا نېگىرلىرى مۇندىن يۇز يىللار بۇرۇن، ئىنگلىز سودىگەرلىرى تەرىپىدىن ئافرىقا چوڭ قۇرۇقلۇقىدىن يۆتكەپ كېلىنىپ، مال ـ ئەشيا بازىرىدا، ئەركىن ھالدا ئېلىم ـ سېتىم قىلىنىدىغان قارا قۇللار ئىدى. خاس قۇل بازارلىرىدا، خېرىدارلار ئەركەك قۇللارنى خۇددى ئېشەك سېتىۋالغان چېغىدىكىدەكلا، كالپۇكلىرىنى يېرىپ تۇرۇپ چىشلىرىنى كۆرۈپ، بولجۇڭ گۆشلىرىنى مۇشتلاپ بېقىپ ئالاتتى. ئايال قۇللارنى ئالىدىغان چاغدا بولسا، كۆپ تۇغۇپ بېرەلەيدىغان ياكى بېرەلمەيدىغانلىقىنى بىلىمىز دەپ، كۆكسىلىرىنى خاھلىغانچە مۇجۇقلاپ، ساغرىلىرىنى سىلاپ، غېرىچلاپ بېقىپ ئالاتتى. ئۆز زامانىسىدا، نېگىرلار ئامېرىكىنىڭ ھەر قايسى شەھەرلىرىدە، كان ـ كارخانىلىرىدا، ئېكىنزارلىق قورۇقلاردا، ئېشەكنىڭ ئورنىدا ئىشلىتىلەتتى، ئىتنىڭ ئورنىدا خارلاپ ئۆلتۈرۈلەتتى. بۈگۈنچۈ؟ بۈگۈنكى ئامېرىكا نېگىرلىرى ئامېرىكا زۇڭتۇڭ سايلىمىغا قاتنىشىپ، زۇڭتۇڭ نامزاتى بولالايدىغان بولدى.ئامېرىكا جەمئىيىتىنىڭ ھەرقانداق ساھەسى ۋە ھەرقانداق مەخپى ئورگانلىرىدا بەخىرامان ئىشلىيەلەيدىغان بولدى. بۈگۈنكى ئامېرىكىدا، ھەربىي سەپتىكى بەش يۇلتۇزلۇق نېگىر گېنېراللار، سەنئەت كۆكىدە پارلاپ جۇلالاپ تۇرغان نېگىر چولپانلار، تەنتەربىيە مەيدانىنى قاپلاپ، سەپنىڭ ئەڭ ئالدىدا قارا تۇلپاردەك چېپىپ كېتىۋاتقان نېگىر تەنھەرىكەتچىلەر، سوت مەھكىمىسىدە رەت ـ رېتى بىلەن قارا بۇركۇتتەك ئولتۇرغان نېگىر باش سودىيەلەر نېگىرلارنىڭ مۇندىن يۇز يىللار بۇرۇنقى ھايۋان ئورنىدىكى مەھكۇملۇق ھالىتىنى تۈپتىن ئۆزگەرتىپ، ئامېرىكا دۆلىتىنىڭ ھەقلىق خوجايىنلىرىغا ئايلانغانلىقىنى مەدەنىيەت دۇنياسىغا ۋە پۈتكۈل ئالەمگە جاكارلاپ تۇرۇپتۇ. روشەنكى بۇ ھېچبىر ئاسماندىن چۈشكەن غايىبانە ئامەتكە تايىنىپ ئەمەس، بەلكى ئەجدادتىن ئەۋلادقا مىراس پىداكارلىق ۋە جەڭگىۋارلىققا تايىنىپ قولغا كەلتۈرگەن شانلىق غەلىبە! مانا بۇ ـــ پىداكارلىق ۋە جەڭگىۋارلىق روھىنىڭ بۇ ئالەمدىكى ھەرقانداق بىر مىللەتنىڭ كىشىلىك ھاياتتىكى ئورنى ۋە مەۋجۇدلۇقىغا كاپالەتلىك قىلىدىغان بىباھا ئەنگۈشتەر ئىكەنلىكىگە شاھادەت بېرەلەيدىغان ئەڭ جانلىق نەمۇنە !
       ئەكسىچە، ئامېرىكا ئىندىئانلىرى ياۋرۇپالىق بايۋەچچە سەيياھ ۋە تەۋەكگۈلچى كولۈمبۇ ئامېرىكا قىتئەسىنى بايقىماستىن بۇرۇن، ئاشۇ بوز زېمىننىڭ ئاتا مىراس خوجايىنلىرى ئىدى. ئىندىئانلار ئۇزاق ئۆتمۇشتە، مايا مەدەنىيىتى قاتارلىق ئىنسانىيەت تارىخىدىكى ئەڭ قەدىمىي ۋە پارلاق مەدەنىيەتلەرنى ياراتقان مەدەنىي مىللەت ئىدى. بىراق ئۇلار كېيىنچە، بىپايان كەڭ زېمىندە كونا دەسمىنى يەپ ئېغىناپ يېتىۋەرگىنى، بىر كېچە، بىر كېچە ناخشا ئوقۇپ، گۈلخاننى چۆرىدەپ ئۇسسۈل ئويناپ يۇرىۋەرگىنى، ئەڭ مۇھىمى ئەسلىدىكى پىداكارلىق روھىنى يۇتتۇرۇپ قويغىنى ۋە بۇرۇنقى جەڭگىۋارلىق خىسلىتىنى ئۇتتۇرۇپ قويغىنى ئۈچۈن، بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە، ئۆزىنىڭ زېمىنىدىكى جەمئىيەتىنىڭ ئەڭ تۆۋەن تەبىقىسىگە، ھەتتا كۆچمەنلەردىن نان تىلەپ يەيدىغان تىلەمچىلەرگە ئايلىنىپ قالغان. مانا بۇ ـــ يەر شارىدىكى قەدىمىي زېمىنلەردە، بىپەرۋالىق ناخشىسىنى سوزۈپ توۋلاپ ياتقان، يېڭى زامان، يېڭى تەرەققىيات قەدىمىگە كۆزىنى ئۇۋلىۋېتىپ نەزەر تاشلىمايۋاتقان، ئۇيقۈسىنى ئېچىپ، كاللىسىنى سىلكىۋېتىپ، ھۇرۇنلۇق چاپىنىنى ئۇزۇل ـ كېسىل چۆرۇپ تاشلىمايۋاتقان يەرلىك ئاھالىلار ئۈچۈن تىرىك ئىبرەتنامە!!!
       مەلۇم مەنىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، بۈگۈنكى دۇنيا مىللەتلىرىنىڭ دىققەت نەزەرى غەربىي يېرىم شاردىكى ئامېرىكىنىڭ غەربىي قىسمىدىن ئاللىقاچان شەرقى يېرىم شاردىكى جۇڭگونىڭ غەربىي قىسمىغا ئاغدۇرۈلدى. ئۇلار ھازىرقى دۇنيادا تېخى ئېچىلمىغان ئۇچ چوڭ رايوننىڭ بىرسى سانىلىدىغان تارىم ـ تەكلىماكان ۋادىسىغا سىناش نەزەرى بىلەن قاراپ تۈرغىلى خېلى بولدى. ئۇلارنىڭ قارا، كۆك، ساغۈچ، ھەتتا سەل قىزارغان كۆزلىرىنىڭ قارىشىدىن:  «كىرىپ كېلىۋاتقان 21 ـ ئەسىردە، ئۇيغۇرلار ۋە ئۇيغۇر مەدەنىيىتى بۇ قەدىمىي زېمىندە داۋاملىق قەد كۆتۈرۈپ، ئالغا تەرەققىي ئېتەمدۇ ياكى ئون ئىككى مۇقامنىڭ كۇي ـ تېكىستلىرى بىلەن بىللە نىيە خارابىسىغا خوشنا بولۇپ، قۈملۇقنىڭ ئاستىغا كۆمۇلۇپ كېتەمدۇ؟» دېگەن سوئال ئوپئۇچۈق بىلىنىپ تۇرىدۇ. ھالبۇكى بىز بۈگۈنكى زامان ئۇيغۇرلىرى نېمىلا قىلساق، ئۆز ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز ئارقىلىق جاھان ئەھلىنىڭ يۇقىرىقى سوئالىغا جاۋاب بەرسەك بولىدۇ. ئەگەر بىزنىڭ جاۋابىمىز  «بىز ئۇيغۇرلار ئەجدادىمىز ياراتقان ئۇيغۇر تارىم مەدەنىيىتىنى 21 ـ ئەسىردە، ئۆز ئىقتىدارىمىز ۋە ئىجتىھادىمىز بىلەن زامانغا ماس كېلىدىغان يېڭى تەرەققىيات وەللىسىگە كۆتىرىمىز جەزمەن» دېگەن جاراڭلىق ۋە كەسكىن گەپ بولىدىكەن، بۇ ھالدا خېلى بىر قىسىملىرىمىزنىڭ ۋۇجۇدىدا خېلى زامانلاردىن بېرى ھۆكۈمرانلىق ئورنىدا تۇرۇپ كېلىۋاتقان پىداكارسىزلىق ۋە جەڭگىۋارسىزلىق ئىللىتى بىلەن قەتئىي ئادا ـ جۈدالىشىشقا توغرا كېلىدۇ.
       مېنىڭچە، ئەبگا ئۇيغۇر ۋۇجۇدىدىكى پىداكارسىزلىق ۋە جەڭگىۋارسىزلىق ئىللىتى ئەمەلىيەت ۋە چۇشەنچە تەرەپتىن بولۇپ، ئومۇمەن تۆۋەندىكىدەك ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىۋاتىدۇ.
    بىرىنچى، ئۆزى قول تىقىپ ئىشلەپ، ئىجادىي ياشاشتىن، باشقىلارغا يۆلىنىپ، تەييارغا ھەييار بولۇپ ياشاشنى ئەۋزەل كۆرۇش.
       مۇشۇ 20 ـ ئەسىرنىڭ 30 ـ يىللىرىدا، ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىكى دىنىي داھى ئورنىغا چىقىۋالغان ھېلىقى  «ئەگەر يەنە بىر پەيغەمبەر كېلىش ۋاجىپ بولغان بولسا، شېڭ شىسەي جانابلىرىغا پەيغەمبەرلىك ۋەھىيسى كەلگەن بولاتتى» دېگەن مۇناپىق زات ئۇيغۇر رايونىدىكى مەسجىد ئىماملىرى ۋە شۈ زاماننىڭ دىنىي ئۆلىمالىرىغا  «تۇلكىنىڭ يولۋاس بىلەن دوست بولۇشى» ناملىق مۇنداق بىر مەسەلنى ئېيتىپ بېرىپ، ئۆزىنىڭ كۈندارچىلىق پەلسەپىسىنى ئاساسلايدىكەن. مەسەل: بۇرۇنقى زاماندا، تۇلكە يولۋاس بىلەن دوست بولۇپتۈ. بۇنى كۆرگەن ھايۋانلار ھەيران بولغان ھالدا سوراپتۈ:  «ئى تۇلكە! سەن بىر ئاجىز ھايۋان تۈرۈقلۇق، نېمە دەپ بۇ ئورماننىڭ پادىشاھى سانىلىدىغان ۋەھشى ھايۋان يولۋاس بىلەن ئاغىنە بولدۇڭ، قورقمامسەن ئەجەبا؟!» تۇلكە جاۋاب بېرىپ:  «ۋەھشى ھايۋان يولۋاس بىلەن دوست بولسام، ماڭا مۇنداق ئىككى تۈرلۈك پايدا بار. بىرسى، ماڭا بىراۋ ئالدىراپ چېقىلالمايدۇ. چۈنكى مەن يولۋاسنىڭ دوستى ــ دە! ئىككىنچىسى، ئاچ قالارمەنمۇ دەپ ئەنسىرىمەيمەن. بىلىپ تۇرۇپسىلەر، يولۋاس دېگەن بۇ ئورمان دۇنياسىدا ئەڭ كۈچلۈك ھايۋان. ئۇ ھېچبىر كۇچىمەيلا، ھەرقانداق ئوۋنى ئوۋلىيالايدۇ. مەن پەقەت ئۇنىڭ گېپىدىن چىقمىسام، ئۇنىڭ چىشىغا تېگىپ قويمىسام، ئانچە ـ مۇنچە يۇگۇر ـ يېتىم ئىشلىرىنى قىلىشىپ بەرسەملا، ئۇنىڭدىن ئاشقان ـ تاشقان نەرسىلەرنى يەپمۇ قورسىقىم تويىدۇ، كۈنۇم ئۆتىدۇ» دەپتۈ.
       ناھايىتى ئېنىقكى، ھامان بىر كۈنى بۇرنىدىن ئىلىنىپ قالىدىغان ھىلىگەر تۇلكىنىڭ ۋەھشى ھايۋان يولۋاس بىلەن دوست بولۇشى سېپى ئۆزىدىن ھاماقەتلىك. چۈنكى ۋەھشى يولۋاس ئادەتتە، ساغرىسىنى سىلاپ، قىچىشقان يەرلىرىنى تاتىلاپ قويىدىغان بىرەر غالچىغا ھاجىتى چۇشكەندە، ئەڭ مۇھىمى، ئاپ ـ ئوۋلار خاھلىغان ۋاقىتتا ئوۋلىغىلى بولىدىغان دەرىجىدە كۆپ چاغدا، تۇلكىدەك مۇغەمبەرلەرنى  «ھە، دوستۈم» دەپ قويغىنى بىلەن، ئوۋ تاپالماي، قورسىقى ئاچ قالغان چاغدا بولسا، خۈددى مۇشۇك ساچقاننى ئويناپ تۇرۇپ يېۋەتكەندەك، ئۇنى بوغۇپلا يېۋىتىشى ئابايامقى گەپ. بىراق مەزكۇر مەسەل تەشۋىق قىلغان  «كۈچلۈك بىلەن دوست بولساڭ، باشقىلار ئالدىراپ ساڭا چېقىلالمايدۇ»، «كۈچلۈكنىڭ غالچىسى بولساڭ، ئۇ يەپ تاشلىۋەتكەن سۆڭەكلەرنى غاجىساڭمۇ  قورسىقىڭ تويىدۇ، كۈنۇڭ ئۆتىدۇ» دەيدىغان مەھكۈملۇققا رازى بولۇش پەلسەپىسى ئۆز زامانىسىدا،  «بىر بولۈڭدا مەسجىد بولسا، نامىزىمنى ئوقۈغىلى قويسىلا مەيلى. بەش ۋاخ ناماز ئوقۈۋالساقلا، ئۇدۇل جەننەتكە كىرىمىز» دەيدىغان مىڭلىغان ـ مىليونلىغان ھەقىقىي ئىسلامىيەتتىن ساۋاتسىز، ئىلىم مەرىپەتتىن خەۋەرسىز، ساددە دىل، نادان خەلقنى ئازدۇرغان. بۇ خىل جاھاندارچىلىق پەلسەپىسى بېلى بوش ئۇششاق زىيالىلار ئارىسىدىمۇ بازار تېپىپ كېتىپ، ئەسلىدە  «ئۆزى ئوۋلاپ يېگەن توشقاننىڭ گۆشى ئۆزگىچە» ،  «باشقىلار چايناپ بەرگەن ناننىڭ تەمى بولمايدۇ» دەيدىغان توغرا ئەقىدىلىك كىشىلەر جامائەتسىز، يېتىم بولۇپ قالغان. ئەلەملىك يېرى شۇكى، ئاشۇ  «تۇلكىنىڭ يولۋاس بىلەن دوست بولۇشى» مەسەلى تەرغىپ قىلغان «جاننى خوراتماي، بىر كۈن بولسىمۇ جان باققان ئەلا» دەيدىغان ئەزمىلىك ۋە پاسسىپ تۈرمۇش قارىشى بۈگۈنكى زامان ئۇيغۇرلىرىنىڭ ئېڭىنىمۇ ئېغىر دەرىجىدە ئىسكەنجىگە ئېلىپ تۈرماقتا. ئۇنىڭ بىۋاستە تەسىرى خېلى بىر قىسىم قېرىنداشلىرىمىزنى ھېچبىر خىجىل بولماستىن  «بىز ماشىنا ياسىيالمايمىز، ئايرۈپىلان ھەيدىيەلمەيمىز. بۇنى ئاشۇ يولداشلار قىلمىسا بولمايدۇ» دەيدىغان ۋىجدانى مىسكىن قىلىپ قويماقتا.
    ئىككىنچى، پىداكارلىق ۋە جەڭگىۋارلىقنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلمەسلىك ۋە پىداكارلارنى قەدىرلىمەسلىك.
       ئۆتكەن ئەسىرنىڭ ئاخىرى، قەدىمىي شەھەر كاشغەر دە سىيىت ئىسىملىك بىر نوچى ئۆتكەن.كەڭ ئامما ئىچىگە تارقالغان مەزكۇر خەلق نوچىسى ھەققىدىكى داستان «سىيىت نوچى» نى ئالىم ئابدۇكەرىم راھمان ئەپەندىم رەتلەپ ئېلان قىلىپ، مەملىكەتلىك بىرىنچى دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشتى. ئويلايمەنكى، ئەگەر ئۇيغۇرنى چۇشەنگەن ۋە ئۇيغۇر پىداكارلىقىنىڭ ھەقىقىتىگە ئىشەنگەن  بىر ئادەم ئۇنى تارىخىي رومان قىلىپ يازسا، نوبىل مۇكاپاتىغا ئېرىشىكۇچىلىكى بار. بىراق بىزدە چۇشەنچە زەئىپلىكىدىن، ئۇ رەھمەتلىك نوچىنى بىرەر ئەھمىيەتلىك پائالىيەت بىلەن ياد ئېتىپ، روھىغا مەدھىيە ئوقۇش ئەمەس، ئەكسىچە ماقالە يېزىپ، «ئۆزىنىڭ ئۆلۈم خېتىنى ئۆز قولى بىلەن جاللاتقا ئاپىرىڭ بەرگەن بىر ساۋاتسىزنى نوچى دەپ پەخىرلىنىش ئاخماقلىق ئەمەسمۇ؟» دېگەنلەر خېلى چىقتى.
       مېنىڭچە بىر ئادەم بىرەر پائالىيەتكە ئاڭلىق ـ ئاڭسىز قاتنىشىپ قېلىپ، ئۇنىڭدا تاسادىپەن ئۆلۈپ كەتسە، ئۇ پىداكار ھېسابلانمايدۇ. پەقەت ئۆزىنىڭ قىلىۋاتقان ئىشىنىڭ ھازىرىنى ۋە ئاقىۋىتىنى ئېنىق بىلىپ تۇرۇپ، ئۆزىنىڭ بارلىقىنى شۈ ئىشنىڭ غەلىبىسى ئۈچۈن ئاپلىق ئاتاش، ھەتتا شۈ ئاتاش ۋە شۈ بېغىشلاش بىلەن ئۆزىنىڭ ئەزىز جېنىدىن ئايرىلىپ ئۆلۈپ كېتىدىغانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ ئۆلۈپ كېتىش ـــ مانا بۇ پىداكارلىق بولىدۇ. راست، سىيت نوچى ساۋاتسىز ئادەم ئىدى. كۈچاردىكى مەككار دارىن (غوجام) ئۇنىڭ جېنىنى قەستلەپ يېزىپ بەرگەن خەتنى (خەت مەزمۇنىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى) بىلمەي، كاشغەرگە ئۆزى ئېلىپ بارغان. سىيتنىڭ نوچىلىقى شۈ يەردىكى، ئۇ كاشغەرگە بارغاندا، ئاغىنىلىرى ئۇنىڭ ئېلىپ كەلگىنى سىيىت ئۆزىنىڭ ئۆلۈمىگە بۇيرۈلغان ئۆلۈم خېتى ئىكەنلىكىنى ئېيتقاندا، ئۆلۈمنىڭ ئېتىنى ئاڭلاپ رەڭگى تاتارماي، ئۆلۇشنى كۆز ئالدىغا كەلتۈرۈپ كەينىگە يېنىپ قاچماي، ئەكسىچە ئىككى يۇزلىمىچى دارىننىڭ قانخورلۇقىنى مەسخىرە قىلىپ، ئۆزىنىڭ نوچىلىق ئىززەت ـ ھۆرمىتىنى جېنىدىنمۇ ئەزىز بىلىپ، مەزكۇر ئۆزىنىڭ ئۆلۈم خېتىنى جاللاتنىڭ ئالدىغا ئۆزى ئەكىرىپ بەرگەن. شەك يوقكى، ساۋاتسىزلىق باشقا گەپ، پىداكارلىق بولسا، يەنە باشقا گەپ. بۇ يەردە سىيىتنىڭ قىلغىنى يېتىك پىداكارلىق، ئۇنىڭ ئىپادىسى تىپىك جەڭگىۋارلىق ئىدى. شۇڭا سىيىتنىڭ بۇ خىل نوچىلىقى ئۆز زامانىسىدا، پۈتكۈل ئۇيغۇر زېمىنىنى زىلزىلىگە سالغانىدى. مىڭ ئەپسۇس، بۈگۈنكى ئۇيغۇر ئېلىدا، ئاشۇ پىداكار ئەجدادنىڭ يا بىرەر نامايەندە قەبرىسى، يا بىرەر يادنامە ھەيكىلىمۇ يوق!
    ماقۇل، سىيىت نوچىنىغۇ  «ساۋاتسىز نوچى» دەپ ياراتمايدىكەنمىز. ساۋاتلىق نوچىلارغا بولغان چۈشەنچىمىز ۋە باھايىمىزنى كۆرۈپ باقايلى، ئەمىسە. مەسىلەن، لوتپۇللا مۇتەللىپ قاينام ئۆركىشى. جاھان بىلىدۇ، لوتپۇللا مۇتەللىپتە بۈگۈنكى خېلى ـ خېلى ئۇيغۇردا يوق ساۋات، بىلىم، ئىقتىدار ۋە ماھارەتلەر بار ئىدى. ئۇ ھەم شائىر، ھەم يازغۈچى، ھەم كومپوزىتۇر، ھەم رەسسام ۋە ھەم سەھنىدە رول ئېلىپ ئوينىيالايدىغان سەنئەتكار ― ئەدەبىيات ۋە سەنئەتنىڭ ھەرقايسى تۈرلىرى بويىچە خېلى مۇكەممەل يېتىشكەن تالانت ئىگىسى ئىدى. ئەڭ مۇھىمى ئۇ ئېغىزىدا دېگىنىنى ئۆز ئەمەلىيىتىدە، قەلىمى بىلەن يازغىنىنى ئۆز پائالىيىتىدە كۆرسىتەلەيدىغان، تىلى بىلەن دىلى بىردەك بولغان مىللەتپەۋرەر ۋە پىداكار ئىنقىلابچى ئىدى. ئۇ پەقەت چىدىغۇسىز ئازاپ ـ ئوقۇبەت ئىچىدە قالغان ئۆز مىللىتىنىڭ ئازاتلىقىنى ئويلاش مەقسەت قىلىنغان ئىنقىلابىي پائالىيەت ئۇيۇشتۇرغىنى ئۈچۈنلا، باشقىلارنىڭ قېنىنى ئىچىشكە خوردا بولۇپ كەتكەن ياتلار تەرىپىدىن ھەبسىگە ئېلىنىپ، 1945 ـ يىل 9 ـ ئاينىڭ 18 ـ كۈنى، پاجىئەلىك ھالدا ئۆلتۈرىۋېتىلگەن. شۈ چاغدا ئۇ ئەمدىلا 22 ياشقا كىرگەن ياپياش بىر بالا ئىدى. بىراق بۈگۈنكى كۈندە ئاشۇنداق مەردانە، ئاشۇنداق نەۋقىران بىر پىداكار ئەجداد ھەققىدىمۇ «مۇتەللىپ دېگەن سويما»، «قارام ئىنقىلابچى»، «ئىنقىلاب قىلىمەن دەپ نېمە قىلىدۇ، سىڭگەن نېنىنى يەپ، ئۆز تالانتىنى جارى قىلدۇرۇپ شېئىر يېزىۋەرگەن بولسا، بۇ چاغقىچە ئۇيغۇرنى دۇنياغا تېخىمۇ تونۈتمامتى؟» دەيدىغانلار ئاز ئەمەس.
    ئىنسان پىداكارلىق ۋە جەڭگىۋارلىق روھىنى تەسلىمچىلىك ۋە جانباقتىلىق ئەرۋاھىغا تىگىشىۋەتسە، ئېغىزىدىن قانداق نائەھلى گەپلەر چىقمايدۇ ـــ ھە؟! ئەمەلىيەتتە بىر مىللەتنى دۇنياغا تونۇتىدىغان بىرىنچى ئامىل ــــ دەل پىداكارلىقتىن ئىبارەت. ئەگەر ھازىرقى دۇنيادا، بۈگۈنكى زامان ئۇيغۇرلىرىنى تونۈيدىغان ۋە ئېتىراپ قىلىدىغانلار خېلى بار دېيىلسە، بۇ ئالدى بىلەن لوتپۇللا مۇتەللىپكە ۋە ئۇنىڭغا ئوخشاش پىداكار ئەجدادلارغا مەنسۇپ! جاھان خەلقى لوتپۇللا مۇتەللىپنى ئۇيغۇر پىداكارلىقىنىڭ سىمۇۋلى دەپ بىلگەچكە، ئۇنىڭ جەڭگىۋارلىق ئۇرغۇپ تۇرىدىغان يۈز توم كىتابقا تاۋاپ شاھ ئەسىرى  «يىللارغا جاۋاب» شېئىرىنى ئالتۇن ھەل بىلەن يېزىپ، پارىژ مۇزىيىدا ئۆرنەك قىلىپ ساقلاۋاتىدۇ. (بو مەلۇمات شائىر مۇھەممەد جان سادىقنىڭ «شائىر بولسام، بولاي سېنىڭدەك» ماۋزۇلۇق شېئىرىدىن ئېلىندى.) دەرىخا! لوتپۇللا مۇتەللىپ ھايات بولغان بولسا، بۇ يىل ناھايىتى يەتمىش تۆت ياشقا كىرگەن بولاتتى. بىراق شۇنىڭدا شەك يوقكى، ئۇ ئۆزىنىڭ  «تىڭىرقىمايمەن دوستلار تىلەيمەن ئالى تىلەكلەرنى، چۈشۈرمەيمەن كۈرەشكە دەپ تۈرگەن بۇ بىلەكلەرنى» دېگەن ياڭراق شۇئارى ۋە ئۆلمەس غەيۇر ئوبرازى بىلەن تىرىك ياشاۋاتقان ھەرقانداق بىر يەتمىش تۆت ياشلىق ئادەمدىن مەڭگۇ مۆھتەرەم ۋە ئەبەدىي ئۇلۇغدۇر! چۈنكى ئۇنىڭ روھى بۈگۈنمۇ خەلقنى پىداكارلىققا چىللاۋاتىدۇ.
    بىر مىللەت پىداكارلىق ۋە جەڭگىۋارلىقنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلسە، پىداكارلىق ۋە جەڭگىۋارلىقنىڭ قىممىتىنى، ئەھمىيىتىنى ۋە زۆرۈرىيىتىنى چىن ھەقىقىتى بىلەن چۈشەنسە، ئاندىن پىداكارلارنى قەدىرلەيدۇ ۋە ئۇلارنى دائىملىق پائالىيەتلەر ئارقىلىق ياد ئېتىپ تۇرىدۇ. ئالايلۇق، ئامېرىكا نېگىرلىرى بۇ نۇقتىدا ئېنىق چۈشەنچىگە ئىگە بولغاچ، ئۆزلىرىنىڭ پىداكار ئەجدادى، ئوتتۇز ئالتە ياش ۋاقتىدا سۈيىقەستكە ئۇچراپ قازا تاپقان، نېگىر ئازاتلىق ھەرىكىتىنىڭ ئاتاقلىق داھىيسى، مەشھۇر پوپ مارتىن لۇتېركىڭ (King Martin Luther) نى دۆلەت بويىچە، يىلدا بىر قېتىم خاتىرىلەيدۇ. ھەر يىلقى خاتىرىلەش كۈنىدە، پۈتكۈل ئامېرىكىدىكى ئاق تەنلىكلەرمۇ، قارا تەنلىكلەرمۇ ئوخشاشلا قۇلاقلىرىنى دىڭ قىلىپ تۇرۇپ، ئۇنىڭ مەشھۇر نۇتقى «مېنىڭ چۈشۈم» نىڭ ئاۋاز لىنتىسىنى ئېھتىرام بىلەن ئاڭلايدۇ. بىراق بىزدە ئەھۋال دەل ئۇنىڭ ئەكسىچە، يەنى پىداكارلىق چۈشەنچىسى خۇنۇك، پىداكارنىڭ يۈزى يوق بولغاچ، لوتپۇللا مۇتەللىپ قاتارلىق ئون سەككىز پىداكار ئۆز مىللىتى ئۈچۈن ئۆزىنى قۈربان قىلغان 18 ـ سىنتەبىرنى ھېچكىم ئەمەلىي پائالىيەت بىلەن ھەمىشە خاتىرىلىمەيدۇ.
    ئۈچىنچى، پىداكارلىق ۋە جەڭگىۋارلىقنى ئەمەلىيەتكە تەدبىقلىيالماسلىق.
    پىداكارلىق دېگەن «چوقۇم ھاياتىدىن ئايرىلىش، جەزمەن ئۆلۇپ بېرىش» دېگەن گەپ ئەمەس. جەڭگىۋارلىق دېگەنمۇ نوقۇل ھالدىكى «مۇشت كۆتۈرۈپ چىقىش» دېگەن گەپمۇ ئەمەس. تۈپ مەنىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئاللاھ بەرگەن ھۇشنى تولۇق ئىشقا سېلىپ، ھەق ئۈچۈن، ئادالەت ئۈچۈن ئۆزىنىڭ ھەممە ئىمكانىيىتىنى تەقدىم قىلىش ۋە بارلىق كۈچ ـ قۇدرىتىنى تەسەددۇق قىلىشمۇ پىداكارلىق ۋە جەڭگىۋارلىق بولىدۇ، ئەلۋەتتە.
    ئەمەلىيەتتە ئۆگىنىش ئۈچۈنمۇ پىداكارلىق كېتىدۇ. دۇنيادا ئىنساننى پۇشايمانسىز ھاياتقا ئېرىشتۈرىدىغان ئەڭ خاسىيەتلىك پائالىيەت ئۆگىنىشتۇر. كىم ئۆگىنىشكە ماھىر، شۇ ھەممىگە قادىر. ھالبۇكى ئۇيغۇر ئۆزىنىڭ ھەقلىق مەنپەئەت داستىخىنىنى تېگىشلىك نېمەتلەر بىلەن مول قىلىشنى، ئۆزىنىڭ ئىستىقبال تەقدىرىگە ئۆزى يول قىلىشنى ئويلايدىكەن، پىداكارلىق بىلەن ئۆگىنىشى كېرەك. ئالدى بىلەن قانۇن ئۆگىنىشى، دۆلەت قانۇنىنىمۇ، ئاپتونوم رايون قانۇنىنىمۇ ئوبدان ئۆزلەشتۈرۈشى لازىم. چۈنكى بۈگۈنكى زامان جەمئىيىتىدە، قانۇن بىر دۆلەت، بىر جەمئىيەتنىڭ تۇرمۇش ئىنتىزامىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدىغان قوراللا ئەمەس، بەلكى يەنە شۇ دۆلەت ۋە شۇ جەمئىيەتتە ياشاۋاتقان خەلقنىڭ ئۆزىنى ۋە ئۆزىنىڭ مەنپەئىتىنى قوغداش قورالى بولماقتا. كىمىكى قانۇننى ياخشى بىلسە، نېمىنىڭ قانۇنلۇق ئىش ۋە نېمىنىڭ قانۇنسىز ئىش ـ ھەرىكەت ئىكەنلىكىنى ئايرىيالايدۇ. بۇ ھالدا ئەگەر بىر كىم بوزەك ئەتسە، يۈرەكلىك زاكۇنلىشالايدۇ ۋە قانۇن ماددىلىرى ئاساسىدا ئۆزىنى قوغدىيالايدۇ. ئەكسىچە ئەگەر كىمىكى قانۇن بىلمىسە، تۈپ ـ تۈز يولدىمۇ يۈرەكلىك ماڭالمايدۇ. ئۆزىنىڭ ئىنسانىي ھوقۇقىدىن ئۆزى مۇتلەق بەھرىلىنەلمەيدۇ. ھېكايە، كاشغەر رايونىنىڭ مەلۇم بىر يېرىدە، تولۇق ئوتتۈرا مەكتەپنىڭ ئىككىنچى يىللىقىدا ئوقۇۋاتقان بىر ئۇيغۇر بالا قۇلىقىنىڭ ئاڭلاش ئىقتىدارىنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىپ، دوختۇرغا كۆرۈنگەن. دوختۇر تەپسىلىي تەكشۈرۈپ، بىر قانچە خىل دورا يېزىپ بەرگەندىن كېيىن، ئەگەر سەھەر تۇرۇپ، ئۇزۇنغا يۈگۈرۈش تەنھەرىكىتى قىلسا، بەدەن ئەزالىرىدىكى قان ئايلىنىش جانلىنىپ، ئاڭلاش سېزىمىنىڭ نورماللىشىشىغا پايدىسى بولىدىغانلىقىنى ئېيتقان. نەتىجىدە ھېلىقى بالا دوختۇرنىڭ تەكلىپى بويىچە، ھەر كۈنى سەھەر تۇرۇپ يۈگۈرەيدىغان بولغان. يۈگۈرۈش تەنھەرىكىتى قىلىۋاتقىنىغا ئون نەچچە كۈن بولغان بىر سەھەردە، ئۇ بالا يۈگۈرۈش مەيدانىدا ئۆزىنى ساقلاپ تۇرغان ئىككى نەپەر ئۇيغۇر ساقچى تەرىپىدىن تۇتۇلۇپ، توختىتىپ قويۇش ئورنىغا سولانغان. بىر ھەپتىگىچە ھەر كۈنى ئۇرۇپ قىيناپ، سوراققا تارتقان. سوئال بىرلا:  «سەھەر تۈرۈپ يۈگۈرۈش دېگەن خەنزۇ خەلقىنىڭ ئادىتى. سەن ئۇيغۇر نېمە ئۈچۈن سەھەر تۇرۇپ يۈگۈرەيسەن، مەقسىتىڭ زادى نېمە؟» دېگەندىن ئىبارەت بولغان. ھەقىقىي ئەھۋالنى بايان قىلىپ جاۋاب بەرسە، زادىلا ئىشەنمىگەن. ئاخىرىدا مەزكۇر ئوقۇغۇچى بالىنىڭ ئاتا ـ ئانىسى ھېلىقى دوختۇرنى تېپىپ، ئۇنىڭدىن سەھەر تۇرۇپ يۈگۈرۈش تەكلىپىنى بەرگەنلىكىگە ئىسپات خېتى ئېلىپ تاپشۇرغاندىن كېيىن، ساقچىلار يەنە ئىككى مىڭ يۈەن پۇل جەرىمانە ئېلىپ، ئاندىن ئۇ بىگۇناھ بالىنى قويىۋەتكەن.
       پۇتبۇل ئويناپ تەن ساغلاملىقىنى ئاشۇرايلى دېسە، پۇتبۇل مەيدانىغا سۇ قويۇپ بېرىپ، توپ ئوينايمىز دېگەنلەرنى  «نېمە مەقسەت بىلەن توپ ئوينايسەن؟» دەپ تۇتساڭ، تۆت ئۇيغۇر ياش بىر يەردە گەپلىشىپ تۇرسا، «نېمە دەپ گەپلەشتىڭ ؟» دەپ تۇتساڭ، ئۆزەڭ بىكاردىن بىكارغا ئادەم تۇتۇپ، سولاپ، ئۇرۇپ قىيناپ بولۇپ، خاتا ئادەم تۇتقىنىڭ، بىگۇناھ ئادەمنى ئۇرغىنىڭ ئۈچۈن سەن كەچۇرۇم سورىماي، سەن تۆلەم تۆلىمەي، ئەكسىچە يەنە  »ئىككى مىڭ يۈەندىن بەش مىڭ يۈەنگىچە پۇل تۆلىسەڭ ئاندىن قويۇپ بېرىمەن» دېسەڭ، سەندىكى قانۇن زادى قېنى؟! ئەمدى شۇنچىۋالا خارلىنىپمۇ «شۇكرە دېدىم، شۇكرە» دەپ يۈرسەڭ، قانۇن ماددىلىرى بويىچە، ئەھۋالنى يۇقىرى دەرىجىلىك قانۇن ئورۇنلىرىغا مەلۇم قىلىپ، ئۆزەڭنى قوغدىيالمىساڭ، سېنىڭ بۇ زېمىندىكى قانۇنىي پۇقرالىقىڭ ۋە ئىنسانىي ھوقۇقۇڭ قېنى؟! روشەنكى ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە، قانۇن ۋە سىياسەت بىلىملىرى بويىچە يېتەرلىك سەۋىيە ياراتقاندىلا، ئاندىن يۇقىرىقىدەك قانۇنسىز ھەرىكەتلەرنىڭ داۋاملىق سادىر بولۇشىنى ئۈنۈملۈك توسقىلى ۋە تۈگەتكىلى بولىدۇ.
       ئاندىن پىداكارلىق بىلەن ئىلىم ـ پەن ئۆگىنىش كېرەك. ئۇيغۇرنىڭ بۈگۈنكى دەۋردىكى ئۆگىنىش ۋەزىپىسى، مەجبۇرىيىتى ۋە بۇرچى تولىمۇ ئېغىر. پىداكارلىق بولمىسا، ھۆددىسىدىن چىقماق ھەقىقەتەنمۇ قىيىن. سەن بىر ئۇيغۇر ياشسەن، ئۇيغۇر تىلى بىلەن مائارىپ كۆرمىسەڭ بولمايدۇ، ئۇيغۇر تىلىنى بىلمىسەڭ بولمايدۇ. چۈنكى بۇ ئاناڭنىڭ تىلى. ئاندىن خەنزۇ تىلى ئۆگەنمىسەڭ بولمايدۇ. چۈنكى ئۇ ئەمەلىيەتتە دۆلەت تىلى، دۆلەت ئىچىدىكى پەن ـ تېخنىكا تىلى. جۇڭگو پۇقراسى بولۇپ تۇرۇقلۇق، خەنزۇچە بىلمىسەڭ، ئۆزگىنى چۈشەنمەيسەن، ئۆزگىلەر كۆزىدىكى ئۆزەڭنىمۇ چۈشەنمەيسەن. شۇڭا جۇڭگودا تۇرۇپ، خەنزۇ تىلى ۋە يېزىقىنى بىلمىگەن ئۇيغۇر زىيالىي ئەمەلىيەتتە،  ھەقىقىي زىيالى سانالمايدۇ. ئاندىن ئىنگلىز تىلى ئۆگەنمىسەڭ بولمايدۇ. چۈنكى ئىنگلىز تىلى ھازىرقى دۇنيادا ئەڭ ئومۇملاشقان ئۇچۇر تىلى. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىمىزنى خەلقئاراغا يۈزلەندۈرۈش، ئۇيغۇرنى دۇنياغا تونۇتۇشقا، ئۇيغۇر تىلىنىڭ تېخى بويى يەتمەيدۇ. خەنزۈ تىلىمۇ ئاجىزلىق قىلىدۇ. بۇنىڭغا ئىنگلىز تىلى قاتارلىق خەلقئارالىق تىل زۆرۈر بولىدۇ. 95 ـ يىلى تىلشۇناسلىق ئىلمىنى مۇتلەق ئۆگىنىپ باقمىغان بىر ياخشى كۆڭۈللۇك چالا ساۋات ئادەم  «21 ـ ئەسىردە ئۇيغۇر تىلى دۇنيا تىلى بولىدۇ» دېسە، پۈتكۈل ئۇيغۇر ئېلى دېگۈدەك شادىيانە ناغرسىنى ياڭرىتىپ، ھەممە ئۇيغۇر دېگۈدەك ھاياجاندىن «بارىكاللاھ» ئېيتىپ، ئېتەك ئېچىپ، داستىخان سېلىپ، پۇل يىغىش قىلىپ، ئۇ بەشارەتچىنى مۇكاپاتلىدۇق. مۇشۇ ئەمەلىيىتىمىز بىلەن گويا بۈگۈنكى زامان ئۇيغۇرلىرىنىڭ راستتىن گۈمانلىنىش، لاپقا ئىشىنىش پىسخىكىسىنى ئوبدانلا نامايىش قىلدۇق. دەرۋەقە ياخشى كۆڭۈل يېرىم دۇنيا ئىنشائاللاھ! بىراق بۈگۈنكى ئەمەلىيەت شۇكى، ئۇيغۇر تىلىنىڭ مۇشۇ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ تىلى بولۇش ئورنىمۇ ئېغىر تەھلىكىگە ئۇچراۋاتىدۇ. شۇ تاپتا رەھىمسىز رېئاللىق ئۇيغۇرنى ئومۇمىي يۈزلۈك قوزغىلىپ، پىداكارلىق بىلەن ئىلىم ـ پەن ئۆگىنىشكە چاقىرىۋاتىدۇ: ئى ئۇيغۇر ياش! باشقىلار سەككىز سائەت ئۇخلىسا، سەن تۆت سائەتلا ئۇخلا، خەقنىڭ بالىلىرى بىر كۈن ئوينىسا، سەن يېرىم كۈنلا ئوينا. جان تىكىپ ئۆگەن! پىداكارلىق بىلەن ئۆگەنسەڭ ئۇيغۇر تىلىنىمۇ، ئۇيغۇر ئېلىنىمۇ قۇتۇلدۇرۇپ قالىسەن. ئەگەر پىداكارلىق بىلەن ئۆگەنمىسەڭ، تەھقىق ھەممىدىن قۇرۇق قالىسەن!
    ئىتتىپاقلىشىش ئۈچۈنمۇ پىداكارلىق كېتىدۇ. پىداكارلىق يالغۇز جەڭ ـ كۈرەشلەردىلا ئەسقاتىدىغان نەرسە ئەمەس، بەلكى ئۇ ئاشۇ جەڭ ـ كۈرەشلەرنىڭ غەلىبىسىنى ئەمەلىي كاپالەتكە ئىگە قىلىدىغان قوشۇن ئىتتىپاقلىقنى شەكىللەندۈرۈش، ساقلاش ۋە كۈچەيتىش ئۈچۈنمۇ بەك زۆرۈر. بىز پىداكارلىقنى مۇئەييەن كوللېكتىپنىڭ مەنپەئىتى ئۈچۈن، ھەق يول ئۈچۈن ۋە ئادالەت ئۈچۈن ئۆزىنىڭ بارلىقىنى ئاتاش دەپ چۈشىنىمىز ۋە چۈشەندۈرىمىز. ئەمدى مۇشۇ خىل بېغىشلاش ۋە ئاتاشنى ئەمەلىيەتكە، رېئاللىققا ئايلاندۇرۇشتا، بىرىنچى بولۇپ دۇچ كېلىدىغان نەرسە شەخسى مەنپەئەت، ئۆز نەپسى ۋە «مەن» نىڭ ئۆزىدۇر. پەقەت ئۆزىنى يېڭەلىگەن، ئۆز نەپسىدىن كېچەلىگەن، ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىنى ئۆزى رازى ـ رىزالىق بىلەن قۇربان قىلىش ئۆتكىلىدىن ئۆتەلىگەن ئادەملا پىداكار بولالايدۇ. شۇڭا جاھان مۇتەپەككۇرلىرى، مەيلى پەننىي ئىلىم ئالىملىرى بولسۇن ياكى دىنىي ئىلىم سەردارلىرى بولسۇن، ئۆزىنى ئۆزى يېڭىش، ئۆز نەپسى ئۈستىدىن غەلىبە قىلىش پىداكارلىقىنىڭ زۆرۈرلىكى ۋە ئەھمىيىتى ھەققىدە ئاجايىپ ئۆتكۈر تەلىماتلارنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئالايلۇق، دۇنيادىكى ئۈچ چوڭ دىننىڭ بىرسى ھېسابلىنىدىغان مۇبارەك ئىسلام دىنىنىڭ رەھبىرى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئۆز زامانىسىدا، ئۆزى ئىشتىراكچى ۋە سەردار بولغان ئۇھۇد جېڭى قاتارلىق بىر قاتار جىھاد (مۇقەددەس جەڭ) لارنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرگەندىن كېيىن، ئۆز ساھابىلىرى ۋە پۈتكۈل مۆمىنلەرگە تولىمۇ چوڭقۇر مەنىلىك قىلىپ:  «بىز ھازىر پەقەت كىچىك جىھادلاردا يېڭىپ چىقتۇق. چوڭ جىھاد تېخى ئالدىمىزدا، ئۇ بولسىمۇ جىھادۇننەفس (ئۆزىنى ئۆزى يېڭىش جېڭى، ئۆز نەپسىنى يېڭىش جېڭى) دۇر» دېگەن. ئەمەلىيەتتىمۇ بارلىق «مەن» لەر پەقەت ئۆزىنى يېڭىپ، ئۆز نەپسىنى يېڭىپ چىقالىغاندىلا، ئاندىن «بىز» دېگەن بىر پۈتۈن گەۋدىگە ئۇيۇشالايدۇ. ئۇ پەقەت شەخسى غەرەزلەرنى، خۇسۇسىي مۇددىئالارنى چۆرۈپ تاشلاپ، ئۆزىنى ئاشۇ «بىزۆ ئاتلىق گەۋدىگە پىدا قىلغاندىلا، ئاندىن ئۇ مەزكۇر «بىز» نىڭ بېشى بولامدۇ ياكى قۇيرۇقى بولۇپ قالامدۇ ھەرگىز ھېسابلىشىپ ئولتۇرمايدۇ ۋە  «بىز» نىڭ بېشى بولالمىغانلىقى ئۈچۈنلا دەرھال خائىنلىق قىلىپ، «بىز» نىڭ مەنپەئەتنى دۈشمەنلەرگە سېتىۋېتىدىغان ئىشنى مۇتلەق قىلمايدۇ.
    مېنىڭچە ئۇيغۇر مىللىتى 20 ـ ئەسىردىكى پۈتكۈل يۈز يىللىق تارىخىنى ئەستايىدىل خۇلاسە قىلىدىغان بولسا، ئۇنىڭ نەچچە ئەسىرلىك غەپلەت ئۇيقۇسىدىن كېچىكىپ بولسىمۇ ئويغانغىنى راست. بىراق ئۇتۇق ۋە ئۇتتۇرۇقلىرىنى بىرمۇ بىر تىزىپ كەلسە، ئۇتقىنىدىن ئۇتتۇرغانلىرى يەنىلا كۆپ. نېمىشقا؟ سەۋەب ئۇيغۇرنىڭ مىللەت سەرخىللىرى ھالقىلىق پەيتلەردە «مەن» نى يېڭىپ، «بىز» بولۇپ ئۇيۇشالمىغان. گەرچە بەزىدە مىڭبىر مۇشەققەتتە  «بىز» بولۇپ بىر گەۋدىگە ئۇيۇشقان بولسىمۇ، يەنىلا شۇ «مەن» نىڭ ئېزىتقۇلۇقىغا تاقابىل تۇرالماي، «بىز» گەۋدىسىنى داۋاملىق مۇستەھكەم تۇتۇپ تۇرالمىغان. ئالايلۇق، مۇشۇ 20 ـ ئەسىرنىڭ 30 ـ 40 ـ يىللىرىدا، ئۇيغۇردىن چىققان خوجانىياز ھاجى، مەھمۇد مۇھىتى، تۆمۈر قاسىم، مەسئۇد سەبرى، ئىيسا يۇسۇپ، ئەھمەد جان قاسىمى قاتارلىق شىجائەت ئىگىلىرىنىڭ ئۇيغۇرنىڭ قەددىنى كۆتۈرۈش، ئۇيغۇرنى باشقا مىللەتلەر بىلەن باراۋەر ئورۇنغا ئىگە قىلىشتىن ئىبارەت بىرلا ئارزۇ ـ ئارمانى بار ئىدى. مىڭ ئەپسۇس ئۇلار ئۆزىنى يېڭەلمىگىنى، ئۆز نەپسىنى يېڭەلمىگىنى ئۈچۈنلا، بىر ـ بىرىنى ئېتىراپ قىلىشالمىغان. ھەر قايسىسى ئۆزى سەردار، «بىز» نىڭ بېشى بولۇشنى ئويلىغىنى ئۈچۈنلا، بىر گەۋدىگە ئۇيۇشالمىغان. ھەر بىرسى ئۆز ئالدىغا ئارقا تىرەك خوجايىن تۇتۇپ، ئايرىم شايكا توپلاپ، ئايرىم گۇرۇھ ئۇيۇشتۇرۇپ، بىر ـ بىرىنىڭ كۆتىنى ئېچىشىڭ، بىر ـ بىرىگە ئورا كولىشىپ يۈرگىنى ئۈچۈنلا، ئاقىۋەتتە بىر ـ بىرلەپ تار ـ مار بولۇپ كەتكەن. پىداكارلىق بىلەن ئۆز نەپسىنى يېڭىپ ئىتتىپاقلىشالمىغانلىقى ئۈچۈنلا، ئاخىرىدا ئارمانىنى ئارمانلىقتا، دەردىنى دەرمانلىقتا قالدۇرۇپ، كەينى ـ كەينىدىن ئۇ ئالەمگە كەتكەن. ئەمدى بۈگۈنكىلەرگە قاراپ باقايلى: بۈگۈنكى ئىناۋەت ئىگىلىرىمىز ئۆتمۇشتىن ئىبرەت ئېلىۋاتامدۇ ياكى ئۆتمۇشنى ئۆرنەك قىلىۋاتامدۇ؟ بۇلارنىڭ ھەرقايسىسى ھەتتا ئولتۇرۇشلىرىدا دۇتار چېلىپ بېرىدىغان دۇتارچىلاردىن تارتىپ ئايرىم قىلىپ، ئايرىم سورۇن تۈزەپ، كونا دەسمىنىڭ قالدۇقلىرىنى زاكۇسكا قىلىپ يەپ ـ ئىچىپ، پىداكارلىق بىلەن قورساق سېلىۋاتامدۇ ياكى خەلقنى ۋە ئەۋلادنى ئانچە ـ مۇنچە ئېسىگىمۇ ئېلىپ قويىۋاتامدۇ؟
    راست گەپ قىلىش ئۈچۈنمۇ پىداكارلىق كېتىدۇ. ئەقىدە، مەدەنىيەت ۋە ئېتىقاد جەھەتتىن ھېچبىر ئوتتۇراقلىقى يوق، پىسخىكا، تۇرمۇش ئادىتى ۋە تىل تەرەپتىن ھېچقانداق ئوخشاشلىقى يوق ئىككى مىللەتنىڭ بىللە ياشىمىقى ھەقىقەتەنمۇ ناھايىتى تەس. بىراق ئۆمۈر ـ ئۆمۈرلەپ يالغان گەپ قىلىپ ئۆتۈشمۇ ئىش ئەمەس. قانداق قىلىش كېرەك؟ ئىتتىپاقلىقنىڭ ئۇلى، ئاساسى بولغان باراۋەرلىك ھەققىدىمۇ گەپ قىلىش، گەپ قىلغاندىمۇ راست گەپ قىلىش كېرەك. ئەگەر راست گەپ قىلساڭ، ساڭا كەمچىلىك بولىدىغان ئەھۋالدىمۇ، شۇنچىلىك كەمچىلىك ئۆتكۈزۈشكە پىداكارلىق بىلەن جۈرئەت قىل ئاۋۋال. چۈنكى ئاداققىي جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا، يالغان گەپ قىلىپ، بىر ئۆمۈر تېشىڭ پۈتۈن ئىچىڭ تۈتۈن ئۆتكىنىڭدىن، راست گەپ قىلىپ، روھىي ئازاتلىققا ۋە ۋىجدان ساۋاپلىقىغا ئېرىشكىنىڭ ئەۋزەل. ئالايلۇق، تۇرپان ـــ ئەزەلدىن ئەبەتكە ئۇيغۇر شەھىرى. ئۇزاق ئۆتمۇشتە، ئوتتۇرا تۇزلەڭلىكلەرنىڭ تارىخ كىتابلىرىدا، مەزكۇر شەھەر نامىنىڭ بىرىنچى بوغۇمى خەنزۇچە  «تۈكۈرۈش، تۈكۈرۈك» مەنىسىدىكى خەت بىلەن تىرانسكرىپسىيە قىلىنغانكى، مەزكۇر خەتتىن ئېنىق ھالدىكى تۇرپاننى پەس كۆرۈش، تۇرپانلىقنى ئۆچ كۆرۈش ئۇقۇمى چىقىپ تۇرىدۇ. ھازىر جۇڭگو ۋە چەتئەلدە تۇجيا مىللىتى، تۇنىس ۋە تۈركمەن دېگەنگە ئوخشاش «تۇ» بوغۇملۇق مىللەت ۋە يەر ـ جاي ئىسىملرى بار. ئۇلارنىڭ ھېچقايسىدا، «تۈكۈرۈك» خېتى ئىشلىتىلمەيدۇ. نېمىشقا؟ دۇنيادا ھېچبىر ئادەم ئۆزىنىڭ ئىسمىنى، ئۆز مىللىتىنىڭ ئىسمىنى ۋە ئۆز زېمىنىنىڭ ئىسمىنى «تۈكۈرۈك» مەنىلىك خەت بىلەن يېزىشنى ئەبەدىي راۋا كۆرمەيدۇ. ھالبۇكى تۇرپان شەھىرىمىزنىڭ نامىنىڭ ھازىرمۇ «تۈكۈرۈك» خېتى بىلەن يېزىلىشى ئادەمنىڭ زەردىسىنى قاينىتىدۇ. ئەمدى «تۇرپان شەھىرى» دېگەننى «تۈكۈرۈك شەھىرى» قىلىپ يازسا، گاراخ ئادەمدەك ھىجىيىپ ئولتۇرما. گەپ قىلىپ، ئۇنى جەزمەن ئۆزگەرتتۈر. بۇنىڭغا ئەلۋەتتە پىداكارلىق كېتىدۇ. شىجائەت قىلساڭ، سېنىڭ كۈچۈڭ يېتىدۇ. يەنە مەسىلەن، يەنە شۇ تۇرپاندا، ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك ئەپسانىسىدىكى سۇنۋۇكۇڭ مايمۇن بىلەن جۇباجيە تۇڭگۇزلارنىڭ ھەيكەللىرى قەد كۆتۈرۈپ كەتكىلى خېلى زامان بولدى. بىر ئۇيغۇر كادىر چىقىپ، بىزمۇ پىداكار ئەجداد ئابدۇخالىق ئابدۇراھمان ئۇيغۇرىنىڭ ھەيكىلىنى قاتۇرۇپ، تۈرغۇزۇپ قويايلى دېمىدى. ئەمەلىيەتتە سۇنۋۇكۇڭ مايمۇن بىلەن جۇباجيە تۈڭگۇزلار بىرىنچىدىن، ئەپسانىۋى مەخلۇقلار، ئىككىنچىدىن ئۆز زامانىسىدا،  «بۇ تۇرپان دېگەن بەجايىكى ئوت يۇرتى ئىكەن، كۆتىمىز كۆيۈپ كەتتىيەي، بۇرنىمىز ئۆرتىلىپ كەتتىيەي» دەپ قېچىپ كەتكەن نەرسىلەر. ئابدۇخالىق ئۇيغۇر بولسا، ئەلمىساقتىن تارتىپ، تۇرپاندىن ئىبارەت بۇ زېمىننى ئېچىپ، سۇ بولمىسا، كارىز قېزىپ سۇ چىقىرىپ، سالقىن بولمىسا، تەك تىكىپ جانغا راھەت بوستان چىمەنزار ئەھيا قىلىپ، ئوت يۇرتىدا ھاياتلىق ماكانى بەرپا قىلغان يەرلىك مىللەت ئۇيغۇردىن چىققان مۆھتەرەم ۋەتەنپەرۋەر. ھالبۇكى يىلدا بىر قېتىم ئۈزۈم بايرىمى قىلىپ، خەلقئارا دوستلارغىمۇ داستىخان سېلىۋاتقان تۇرپاندا، ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ ھەيكىلى قەد كۆتۈرۈپ تۈرسا، ھەقلىق ۋە تېخىمۇ ئەھمىيەتلىك بولىدۇ، ئەلۋەتتە!

    分享到:

    收藏到:Del.icio.us