• ئۇيغۇرنىڭ ھازىرقى ۋاقتى

    2010-06-15

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    http://www.blogbus.com/bilim-kuq-logs/66080711.html

    ئۇيغۇرنىڭ ھازىرقى ۋاقتى

    ئەسكەرتىش:

    مەن بىر ئاددى ئىزلەنگۈچى ، ھېچكىمگە خىتاب قىلىش ئورنىدا ئەمەسمەن.دەۋىرنىڭ نۆۋەتتە تۇرىۋاتقان شارائىتىمىزدىكى بىزدىن تەلەپ قىلىدىغانلىرىنى تۈرلۈك شەكىلدە بايان قىلىشقا بولىدۇ. ئىېيتقانلىرىم مېنى ئۆز ئىچىگە ئالغان خەلقىمىزنىڭ بۈگۈنكى دەۋىردە پات-پات قۇلاققا سەگىتىپ تۇرۇشى پايدىلىق بولۇشى مۇمكىن دەپ قارالغان يىغمىلاردىن ئىبارەت.پىرىنسپ جەھەتتە خاتا دەپ قارالمىسا،ئىپادىلەش ئۇسۇلۇمنى قوبۇل قىلش تەس ئەمەس. بىر جۈملىنىڭ تەقەززاسى ئەمەلگە ئاشسا، بىر قەدەم ئالغا بېسىۋاتىمىز دىگەنلىكتۇر!(ھەر بىر سۆزنىڭ ئاخىرقى ئىزاھلاش ھوقۇقى ئاپتوردا،زورۇقۇپ مەنە چىقىرىش -غەرەزلىكلەرگە نەتىجە بەرمەيدىغان بىھۇدە ئۇرۇنۇشتۇر! (


    ئېتىقاد


    ئۇيغۇرنىڭ ھازىر ئورتاق قىممەت قاراش بەرپا قىلىشقا تىرىشمايدىغان ۋاقتى ئەمەس.

    ئۇيغۇرنىڭ ھازىر قەتئى بۆلۇنىدىغان ،ئىچكى قىسىمدا پارچىلىنىپ، بىردىن -بىردىن تۇگەيدىغان ۋاقتى ئەمەس.

    ئۇيغۇرنىڭ ھازىر دىنى ئېتىقادقا يەنە ئىزچىل پەرۋاسىز قارايدىغان ۋاقتى ئەمەس.

    ئۇيغۇرنىڭ ھازىر ھەممە خىل كۆز-قاراشنى قارىقويۇق قوبۇل قىلىۋىرىدىغان ياكى ئۆز قارىشدا تەرەپبازلىق ۋە جاھىللىق بىلەن  يېتىم قالىدىغان ۋاقتى ئەمەس.

    ئۇيغۇرنىڭ ھازىر ئوخشىمىغان بىر نەچچە خىل دىنى ئېتىقادلارغا بۆلۈنىدىغان،خەلقنى ئىدىيە جەھەتتىن بۆلۈپ ۋەيران قىلىدىغان  ۋاقتى ئەمەس.

    ئۇيغۇرنىڭ ھازىر بىر دىننىڭ ئىچىدىكى ھەر خىل مەزھەپلەرگە بۆلۈنۈپ،تارماق مەسىللەر ئۈچۈن  ئىختىلاپ قىلىپ،بىرلىكنى بۇزىدىغان ،تارىختىكى قانلىق،ئېچىنىشلىق  دىنى ئىختىلاپقا قايتىپ خەلىقنىڭ رايىنى دىندىن پۈتۈنلەي قايتۇرىدىغان ۋاقتى ئەمەس.

     

    بىرلىك


    ئۇيغۇرنىڭ ھازىر تەقۋادارلار بىلەن ئامما ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش پەيدا قىلىدىغان ۋاقتى ئەمەس.

    ئۇيغۇرنىڭ ھازىر پېشقەدەملەر بىلەن ياشلار ئوتتۇرىسىدا ھاڭ پەيدا قىلىدىغان  ۋاقتى ئەمەس.

    ئۇيغۇرنىڭ ھازىر ھۆكۈمەتتە ئىشلەيدىغانلار بىلەن ئىشلىمەيدىغانلار ئىككى سىنىپقا بۆلۈنىدىغان ۋاقتى ئەمەس.

    ئۇيغۇرنىڭ ھازىر ئالتە شەلىك ۋە  شىماللىق دەپ  بۆلۈنىدىغان، يەنە ئاق تاغلىق ،قارا تاغلىق جېدىلى ئوينايدىغان ۋاقتى ئەمەس.

    ئۇيغۇرنىڭ ھازىر زىيالىيلارنى يېتىم قالدۇرىدىغان،مەشھۇرلارنى سېسىتىدىغان،ئالدىدا ماڭغانلارنى پۇتلايدىغان ۋاقتى ئەمەس.

    ئۇيغۇرنىڭ ھازىر كەينىدە قالغانلارنى  مەسخىرە قىلىدىغان،ئاجىزلارنى تاشلىۋېتىدىغان،بېشىغا كۈن چۈشكەنلەرگە قارىمايدىغان ۋاقتى ئەمەس.

    ئۇيغۇرنىڭ ھازىر شەخسى مەنپەئەت ،ھوقۇق،شۆھرەت ئۈچۈن بىر پۈتۈن خەلقنىڭ تەقدىرىگە،مەنپەئىتىگە،ئوبرازىغا زىيان سالىدىغان ۋاقتى ئەمەس!

    ئۇيغۇرنىڭ ھازىر بىر-بىرىگە مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلىدىغان ۋاقتى ئەمەس  .


    تەرەققىيات


    ئۇيغۇرنىڭ ھازىر ئىشلارنىڭ قانۇنىيىتىگە،تەرەققىيات يۆنىلىشىگە سەل قارايدىغان ۋاقتى ئەمەس.

    ئۇيغۇرنىڭ ھازىر پرىنسىپ ،تۇزۇم، ۋاقىت،مەسئۇلىيەت دېگەنلەرگە سەل قارايدىغان ۋاقتى ئەمەس.

    ئۇيغۇرنىڭ ھازىر -ئۆتمۈشتىكى شان- شەرەپ ئۈچۈن مەستخۇش بولۇپ .رېئاللىقنى قولدىن بېرىپ قويىدىغان ۋاقتى ئەمەس.

    ئۇيغۇرنىڭ ھازىر-قولدىن بېرىپ قويغانلىرى ئۈچۈن قاقشايدىغان ،ئاغرىنىدىغان ۋاقتى ئەمەس.

    ئۇيغۇرنىڭ ھازىر ئۆز دەردىنى ھەسرەت ۋە تەسەللى  بىلەن ئالىدىغان ۋاقتى ئەمەس.

    ئۇيغۇرنىڭ ھازىر خەقنى دوراپ ،مۇستەقىل ئىجات قىلماي كېتىۋېرىدىغان ۋاقتى  ئەمەس،

    ئۇيغۇرنىڭ ھازىر سانائەتلەشمەيدىغان،ئۆزى قول سېلىپ ياسىمايدىغان ۋاقتى ئەمەس.

    ئۇيغۇرنىڭ ھازىر خەق بىلەن ئۆزىنى سېلىشتۇرمايدىغان،‹‹ خەقتىن ئېشىپ كەتسە بولمايدۇ››دەيدىغان ۋاقتى ئەمەس.

    ئۇيغۇرنىڭ ھازىر ھۇرۇنلۇق،لايغەزەللىك قىلىدىغان،ئۆزىنى تاشلىۋېتىدىغان ۋاقتى ئەمەس.

    ئۇيغۇرنىڭ ھازىر بىر ئىشنى چالا قىلىدىغان،يېرىم يولدا تاشلاپ قويىدىغان ۋاقتى ئەمەس،

    ئىقتىساد

     

    ئۇيغۇرنىڭ ھازىر گەپ بىلەنلا جاھاندارچىلىق قىلىدىغان ۋاقتى ئەمەس.

    ئۇيغۇرنىڭ ھازىر ئەنئەنىۋى سودا-سېتىق بىلەنلا جان بېقىپ كېتىدىغان ۋاقتى ئەمەس.

    ئۇيغۇرنىڭ ھازىر زامانىۋى ئۇچۇر ۋاسىتىلىرى ،ئالاقە ئۈسكۈنىلىرىگە بېقىنمايمەن دەيدىغان ۋاقتى ئەمەس.

    ئۇيغۇرنىڭ ھازىر يەرلەرنى تاشلاپ بېرىدىغان ۋاقتى ئەمەس.

    ئۇيغۇرنىڭ ھازىر ‹‹مەن ئاجىز ،مەن ئىقتىدارسىز ،مەن نامرات›› دەپ ئۈمىدسىزلىنىدىغان ۋاقتى ئەمەس.

    ئۇيغۇرنىڭ ھازىر ئۆتمۈشتىن ساۋاق ئالمايدىغان ،ھازىرقى پۇرسەتنى چىڭ تۇتمايدىغان،كەلگۈسىگە سىتراتىگىيە بىلەن باقمايدىغان ۋاقتى ئەمەس.

    ئۇيغۇرنىڭ ھازىر خەقنىڭ ھېسداشلىقى بىلەن، ھەسرەتلىك ناخشا-مۇزىكا بىلەن تەسەللى ئىزدەيدىغان ۋاقتى ئەمەس.

    ئۇيغۇرنىڭ ھازىر پۇل-مۇئامىلە ئىشلىرىدىن خەۋەرسىز ياشاۋېرىدىغان،پەقەت قوپال ۋاسىتىلەر بىلەنلا جان باقىدىغان ۋاقتى ئەمەس.

    ئۇيغۇرنىڭ ھازىر زامانىۋى باشقۇرۇش ئۇسۇلىدىن،ئىلغار ئىگىلىك تىكلەش يوللىرىدىن مەھرۇم قالىدىغان ۋاقتى ئەمەس.

     

    تەپەككۇر ۋە ئادەت

     

    ئۇيغۇرنىڭ ھازىر ئۆزىنى رېئاللىقتىن قاچۇرىدىغان،ئۆزىنى ئالدايدىغان ۋاقتى ئەمەس

    چۈشكۈنلۈك،ئۈمىدسىزلىك،ۋاز كېچىشكە يول قويىدىغان ۋاقىت ئەمەس.

    ئۇيغۇرنىڭ ھازىر پەقەت كۆڭۈل خۇشلۇقى ئۈچۈنلا پىكىر قىلىدىغان ۋاقتى ئەمەس.

    ئۇيغۇرنىڭ ھازىر ئەتراپىدىكى كىچىك ،ئاددىي ئىشلارنى تەرك ئېتىدىغان ۋاقتى ئەمەس.

    ئۇيغۇرنىڭ ھازىر پىلانلىق ،ئېدىتلىق،سىتىسمىلىق مۇۋەپپەقىيەتنى قوغلاشمايدىغان ۋاقتى ئەمەس.

    ئۇيغۇرنىڭ ھازىر ئۆگىنىش ياكى پۇل تېپىشتا ئىككىلىنىدىغان ۋاقتى ئەمەس.

    ئۇيغۇرنىڭ ھازىر غايىۋىزىملىق بىلەن كۆپ قۇتۇپلۇق ئىدىيە ،ھۇرۇنلۇق بىلەن ھەمكارلىشالماسلىق ئارىلىقىدا داۋاملىشالايدىغان ۋاقتى ئەمەس.


    ئۇيغۇر مەدەنىيىتى


    ئۇيغۇرنىڭ ھازىر ھەر بىر شەخسنىڭ مەۋجۇتلۇقى بىر پۈتۈن مىللىي سالاھىيەت بىلەن مۇناسىۋەتسىز بولۇۋېرىدىغان ۋاقتى ئەمەس.

    ئۇيغۇرنىڭ ھازىر ئەنئەنىۋى مىللىي مەدەنىيەتنى زامانىۋىلىق ۋە كۆپ قۇتۇپلۇق قاينىمىدا يوقىتىپ قويىدىغان ۋاقتى ئەمەس.

    ئۇيغۇرنىڭ ھازىر مىللىي خاسلىق –شەخسى سالاھىيەتكە تاقاشتى دەپ باھانە كۆرسىتىدىغان ۋاقتى ئەمەس.

    ئۇيغۇرنىڭ ھازىر ئۇيغۇر تىلىدا سۆزلەشمە دەيدىغان ۋاقتى ئەمەس.

    ئۇيغۇرنىڭ ھازىر مىللىي كىيىم-كېچەكلىرىمىزنىڭ ھېچقانداق ئەھمىيىتى قالمىدى دەيدىغان ۋاقتى ئەمەس.

    ئۇيغۇرنىڭ ھازىر مىللىي مەدەنىيەتنى پەقەت سەنئەت بىلەنلا چەكلەپ ئۆتىدىغان ۋاقتى ئەمەس.

    ئۇيغۇرنىڭ ھازىر ئىنسانپەرۋەرلىك،ئادەمگەرچىلىك ،مېھماندوستلۇقنىڭ ۋاقتى ئۆتتى دەيدىغان ۋاقتى ئەمەس.

    ئۇيغۇرنىڭ ھازىر سەمىمىيەتنىڭ ،پىداكارلىقنىڭ قىممىتى يوق دەيدىغان ۋاقتى ئەمەس.

    ئۇيغۇرنىڭ ھازىر توغرا بولغان تۇغقاندارچىلىق،قوشنىدارچىلىق مېھرىنى ئۇزىۋېتىدىغان ۋاقتى ئەمەس.

    ئۇيغۇرنىڭ ھازىر ياخشى سۆز ،توغرا ھەرىكەت قىلىشقا دەۋەت قىلسا بولمايدىغان ۋاقتى ئەمەس.

    ئاياللار ۋە بالىلار


    ئۇيغۇرنىڭ ھازىر-بىزنىڭ غۇرۇرىمىز،بىزنىڭ كەلگۈسىمىز،بىزنىڭ بارلىقىمىز بولغان ئانىلار،ئاچا-سىڭىللار،ھەمشىرىلەرگە مەسئۇل بولمايدىغان ۋاقتى ئەمەس.

    ئۇيغۇرنىڭ ھازىر ‹‹ئۇيغۇر ئائىلە مائارىپى››شەكىللەندۈرمەيدىغان  ۋاقتى ئەمەس.

    ئۇيغۇرنىڭ ھازىر خوتۇن-قىزلار ۋە بالىلارنى تەربىيىلىمەيدىغان،جەمئىيەتكە تاشلاپ بېرىدىغان ۋاقتى ئەمەس.

    ئۇيغۇرنىڭ ھازىر خوتۇن-قىزلارنى ئىززەتلىمەيدىغان،ئۇلارغا پەقەت ھېسسىيات نۇقتىسىدىنلا مۇئامىلە قىلىدىغان ،ئۇلارنىڭ رولىغا سەل قارايدىغان ۋاقتى ئەمەس.

    ئۇيغۇرنىڭ ھازىر ئەرلەر ئاياللاردىن ئىقتىدارلىق دىيىشگە ئىسپات كۆرسەتمىسىمۇ بولىدىغان ۋاقتى ئەمەس.

     

    دىپلوماتىيە

     

    ئۇيغۇرنىڭ ھازىر جاھاندىكى ئىشلارغا ،ئەتراپىدىكى ئادەملەرگە بېشىنى تىقىپ مۇئامىلە قىلىدىغان ۋاقتى ئەمەس.

    ئۇيغۇرنىڭ ھازىر ئۆزىگە ئىش تاپىدىغان ئەسەبى تار مىللەتچىلىك تۈپەيلى زىيان تارتىدىغان ۋاقتى ئەمەس.

    ئۇيغۇرنىڭ ھازىر كىمنىڭ ئۆزى ئۈچۈن پايدىلىق ياكى دوست ،كىمنىڭ ئۆزى ئۈچۈن زىيانلىق ياكى دۈشمەن ئىكەنلىكىگە ئويلانمايدىغان ۋاقتى ئەمەس.

    ئۇيغۇرنىڭ ھازىر –قەستەن ئۆزىگە ئۆزى دۈشمەن تاپىدىغان ۋاقتى ئەمەس.

    ئۇيغۇرنىڭ ھازىر ئىچكى جەھەتتە بۆلۈنۈش،تاشقى جەھەتتە يېتىم قالدۇرۇلۇشقا پۇرسەت بېرىدىغان  ۋاقتى ئەمەس.

    ئۇيغۇرنىڭ ھازىر مەدەنىيەت توقۇنۇشى  ،ئىدېئولوگىيە سۇيىقەستلىرىگە ئەگىشىدىغان ،يوشۇرۇن دۈشمەن كۆپەيتىدىغان ۋاقتى ئەمەس.

    ئۇيغۇرنىڭ ھازىر قېرىنداش خەلقلەردىن ئېيىپ ئىزدەيدىغان،ئىتتىپاقلىقىنى بۇزىدىغان ۋاقتى ئەمەس.

    ئۇيغۇرنىڭ ھازىر ئەڭ چوڭ ھەم ھالقىلىق ئۈمىدنى باشقىلاردىن كۈتىدىغان،خەقنىڭ ھېسداشلىقىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويىدىغان  ۋاقتى ئەمەس.

    ئۇيغۇرنىڭ ھازىر باشقىلاردىن ئاغرىنىدىغان ۋاقتى ئەمەس.

    ئۇيغۇرنىڭ ھازىر باشقىلارغا بېرىدىغان مېھىر-شەپقەت،ئادەمگەرچىلىك،يار دەمنى ئۈزۈپ قويىدىغان ۋاقتى ئەمەس.

    ئۇيغۇرنىڭ ھازىر مەدەنىيەت جەھەتتە يېتىم قىلىشى كېرەك ،مەدەنىيەت دىئالوگى ئۆتكۈزسە بولمايدۇ دەيدىغان ۋاقتى ئەمەس.

     

    مائارىپ


    ئۇيغۇرنىڭ ھازىر-مائارىپتىن ئۈمىدسىزلىنىدىغان،پۈتۈنلەي تاشلاپ بېرىدىغان ۋاقتى ئەمەس!

    ئۇيغۇرنىڭ ھازىر ئىلغارلاردىن ئۆگەنسە بولمايدىغان ،باشقىلاردىن قوبۇل قىلسا بولمايدىغان ۋاقتى ئەمەس.

    ئۇيغۇرنىڭ ھازىر يەنىلا سەنئەت ۋە ئىجتىمائىي پەنلەرگىلا ئېسىلىۋالىدىغان ۋاقتى ئەمەس.

    ئۇيغۇرنىڭ ھازىر  ئۇيغۇر تىلى بولماي تۇرۇپ،توغرا تەپەككۇر قىلالايدىغان ۋاقتى ئەمەس.

    ئۇيغۇرنىڭ ھازىر يەنىلا مائارىپنى ئۆزلۈكتىن ئايرىۋېتىدىغان ،ئوقۇغاندىن ئەمەلىي ۋە ئۈنۈملۈك  پايدىلانمايدىغان ۋاقتى ئەمەس

    ئۇيغۇرنىڭ ھازىر ئۆز خەلقىنىڭ ،ۋەتىنىنىڭ تارىخى،ئۆز جەمەت نەسەبى  ھەققىدە بىلمەي ئۆتسە بولىدىغان ۋاقتى ئەمەس.

    ئۇيغۇرنىڭ ھازىر مۇئەللىم ئوقۇغۇچىنىڭ تەقدىرى،ئەقلى ،ۋاقتىغا پەرۋاسىز يۈرىدىغان ۋاقتى ئەمەس.

    ئۇيغۇرنىڭ ھازىر پەقەت مەكتەپتە ئۆگەنگەنلىرى ،كىتابتا ئوقۇغانلىرى بىلەن بىلىپ كېتىدىغان ۋاقتى ئەمەس.

    ئۇيغۇرنىڭ ھازىر مۇشۇ خىل شارائىت ئىچىدىن ئۆزگىچە مائارىپ ئۇسۇلى ھەققىدە ئىزدەنمەيدىغان ۋاقتى ئەمەس.


    قانۇن ۋە سىياسەت


    ئۇيغۇرنىڭ ھازىر ئۆزى ئۈچۈن سايلانغان،ئۆزى بېقىۋاتقان رەھبەرلەر بىلەن ئالاقە قىلمايدىغان ،ئۇلاردىن پايدىلانمايدىغان ۋاقتى ئەمەس.

    ئۇيغۇرنىڭ ھازىر ئۆز كۆزقارىشىنى ،دەردىنى ھۆكۈمەتكە تۆكمەيدىغان ،ئىچىگە ئىلىپ ئۆتۈپ كېتىدىغان ۋاقتى ئەمەس.

    ئۇيغۇرنىڭ ھازىر قانۇننى بىلمەسلىكى،ھۆكۈمەتتىن ئايرىلىپ قىلىشى كېرەك دەيدىغان ۋاقتى ئەمەس.

    ئۇيغۇرنىڭ ھازىر ھۆددىسىدىن چىقالمايدىغان گەپ قىلىپ بالاغا قالىدىغان،ۋەزىيەتنى كۆزەتمەي ناتوغرا ئۇسۇل بىلەن ئۆزىنى نابۇت قىلىدىغان  ۋاقتى  ئەمەس.

    ئۇيغۇرنىڭ ھازىر ئەمەلىي ئۇنۇم ياراتمايدىغان ياكى كېيىنكىلەرگە پايدىسى بولمايدىغان ئەھۋالدا بىھۇدە قاراملىق قىلىدىغان ۋاقتى ئەمەس.

    ئۇيغۇرنىڭ ھازىر يەنىلا جاھاننىڭ ئىشلىرىدىن بىخەۋەر يۈرىدىغان ۋاقتى ئەمەس.

    ئۇيغۇرنىڭ ھازىر ئۆزى بىلەن مۇناسىۋەتسىز ،رېئال قىممىتى بولمىغان جاھان ئىشلىرى ئۈچۈن زېھنى ۋە ۋاقتىنى سەرپ قىلىدىغان ۋاقتى ئەمەس.

    ئۇيغۇرنىڭ ھازىر خەق دېگەن ھەممە گەپكە ئىشىنىدىغان ۋاقتى ئەمەس.

    ئۇيغۇرنىڭ ھازىر نىمىنىڭ راست ،نىمىنىڭ تەشۋىقات ئىكەنلىكى،نېمە مەقسىتى بارلىقى ھەققىدە ئويلانمايدىغان ۋاقتى ئەمەس.

    ئۇيغۇرنىڭ ھازىر ئومۇميۈزلۈك‹‹ ئىسلاھات ››ئىلىپ بارىدىغان ۋاقتى !!! ئۇيغۇرنىڭ ئاقىللىرى سىستېمىلىق بىر يول ئۈستىدە ئىزدىنىدىغان ۋاقىت.

    ‹‹ئۇيغۇر ئىسلاھات پىلانى››لايىھىسىنى تۈزىدىغان ،باش قوشۇپ ئىجرا قىلىدىغان،ياشلارغا مۇۋاپىق توغرا يول كۆرسىتىدىغان ۋاقتى.

    ھەر بىر شەخس ئۆزىنى ئىسلاھ قىلىدىغان ،ئۆزىنى كۈچەيتىدىغان ،ئۆز مەۋجۇتلۇقىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدىغان ۋاقتى.ھەر بىر كىشى ھەممىنى ئۆزىدىن باشلايدىغان ۋاقتى.

    زىيالىيلار قوشۇنى ،ئەمەلدارلار،ئىلغار تىجارەتچىلەر،دىنى ئالىملار،ياش ئوقۇغۇچىلار ئورتاق قىممەت قاراش، ئېتىقاد ،ئىنسانپەرۋەرلىك، ،مىللىي مەدەنىيەت  ئاساسىدا ئىسلاھات ئىلىپ بارىدىغان ۋاقتى !!!

    分享到:

    收藏到:Del.icio.us