• ئۇيغۇرلاردا ئەبگالىق(5)

    2010-06-15

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    http://www.blogbus.com/bilim-kuq-logs/66076210.html


    پىداكار ۋە جەڭگىۋارلىق ئۆز مىللىتىنى، ئۆز خەلقىنى ۋە ئۆز زېمىنىنى چىن دىلى بىلەن سۆيۈشنى قۇۋۋەت مەنبەسى قىلىدۇ. مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا، پەقەت ئۆز مىللىتىنى، ئۆز خەلقىنى ۋە ئۆز زېمىنىنى چىن دىلىدىن سۆيۈش ھەمىشە ئۆتۈپ كەتكەن ئۇزاق ئۆتمۈشكە سېغىنىپ، قۇرۇق گەپ سېتىش ۋە لاپ ئېتىش بىلەن ئەمەس، بەلكى رېئاللىققا چوڭقۇر چۆكۈپ ئەمەلىي ئىش قىلىش، بۈگۈنكى كۆز ئالدىمىزدىكى ئەڭ ئاددىي ئىشلاردىن باشلاپ، يىراقنى كۆزلىگەن ھالدا، ئەستايىدىللىق، سەمىمىيلىك ۋە تىرىشچانلىق بىلەن ئىشلەپ ئەمەلىي ئۈنۈم قازىنىش ئارقىلىق ئىپادىلىنىدۇ. ئالايلۇق، سەن بىر پىداكار ۋە جەڭگىۋار ئۇيغۇر ئەۋلاد بولۇشنى دىلىڭغا مەھكەم پۈككەن ئىكەنسەن، ئالدى بىلەن ئۆزەڭنىڭ ئۇيغۇر مىللىتىدىن بولغىنىڭ ئۈچۈن ئىپتىخارلان. ئەمەلىي تۇرمۇشتا، «ئۇيغۇر» دېگەن بۇ شەرەپ نامغا داغ چۈشۈرۈپ قويۇشتىن ساقلان. ھەرقانداق شارائىتتا، ئۆزەڭنىڭ ئۇيغۇرلۇقىڭدىن تانما. «ئۇيغۇر» دېمەي، «مىللىي» ياكى «مۇسۇلمان» دېسىمۇ ئوخشاش دېگەن گەپكە ھەرگىز ئالدانما. ناۋادا سەن بىر ئاشخانا ئاچساڭمۇ، ئۇنداق «مۇسۇلمان ئاشخانىسى» دېمە. ئېنىق قىلىپ، «ئۇيغۇر ئاشخانىسى» دە. چۈنكى بۇ دۇنيادا تۇڭگان مۇسۇلمانمۇ بار، مالاي مۇسۇلمانمۇ بار، ھىندى مۇسۇلمانمۇ بار. سەن دۇنيادىكى ھەرقانداق بىر مۇسۇلمان ئەمەس، بەلكى مۇبارەك ئۇيغۇر مۇسۇلمانسەن. ھالبۇكى «ئۇيغۇر ئاشخانىسى» دېسەڭ، مەزكۇر ئاشخانا خوجايىنىنىڭ مۇسۇلمان ئىكەنلىكىدىن ھېچكىم گۇمانلانمىغىنىدىن باشقا، ئۇنىڭ جاھان مۇسۇلمانلىرى ئىچىدىكى ئۇيغۇر مۇسۇلمان تەرىپىدىن ئېچىلغان ئاشخانا ئىكەنلىكى ئېنىق بىلىنىپ، خېرىدارنى ئوچۇق مەلۇماتلىق قىلىدۇ.  «ئاش ـ تائاملار دەپتىرى» دىكى «شىنجياڭ سەي» ،  «شىنجياڭ تامىقى» دېگەن ئاتالغۇلارنىمۇ ئۇنىڭ كونكرېت ئىگىسىنى روشەن قىلىپ، «ئۇيغۇر قورۇمىسى»، «ئۇيغۇر تامىقى» دەپ ئېنىق ياز. چەتئەللەرگە چىقساڭ، ۋەتەن چېگرىسىدىن چىقىۋېلىپلا ھېلىقىدەك «سەن قەيەرلىك» دەپ سورىسا، قازاقىستانغا قاراشلىق تۈركىستان شەھىرىنىڭ نامى بىلەن  «مەن تۈركىستانلىق بىر نېمە» دەيدىغان ئاخماقانە ۋە يالغان گەپنى ئەمدى ئەبەدىي تاشلىۋەت. ئۇنىڭ ئورنىغا ئېنىق قىلىپ، «مەن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىلىق، ئۇيغۇر ئېلىلىق ئۇيغۇرمەن» دېيىشنى قىل ئادەت. بىلگىنكى، ئى قېرىندىشىم ئۇيغۇر! ئۇيغۇر زېمىنىنىڭ ئىسمى مەڭگۇ  «ئۇيغۇر» نامى بىلەن ياڭراق ۋە مەغرۇر! بۇ ھەقىقەتنى ئالدى بىلەن ئۆزەڭ ئۇق، ئاندىن جاھان ئەھلىگىمۇ ئۇقتۈۇ!
    پىداكارلىق ۋە جەڭگىۋارلىق بىر مىللەتنىڭ مەۋجۇدلۇقىنى ئەمەلىي كاپالەتكە ئىگە قىلىدىغان مەنىۋى تۈۋرۈك بولۇپلا قالماستىن، بەلكى ئۇ يەنە ئۆز نۆۋىتىدە، بىر مىللەتنىڭ داۋاملىق تەرەققىي قىلىشى ۋە ئۆزلۈكسىز روناق تېپىشىنىمۇ ئەمەلىي كاپالەتكە ئىگە قىلىدىغان روھىي تۈرتكىدۇر. ھازىرقى دۇنيادا، بىر مىللەت ئۆزىنىڭ ئاپتونوم رايونىنى قۇرمىقى بەسى مۈشكۈل. ئوخشاشلا بۈگۈنكى جاھاندا، بىر مىللەت ئۆزىنىڭ ئاپتونوم رايونىنى ئىسمى جىسمىغا لايىق قىلىپ قوغداپ قېلىشى ۋە تەرەققى قىلدۇرۇشىمۇ مۈشكۈلدىن مۈشكۈل. بۇنىڭغا پەلەستىنلىكلەرنىڭ كەچۈرمىشلىرى مىسال بولالايدۇ. كۆرۈپ تۇرۇپتىمىز، پەلەستىنلىكلەر 1993 ـ يىلى دۇنياغا كەلگەن پەلەستىن ئاپتونوم رايونىنىڭ قۇرۇلۈشى ئۈچۈن ئاجايىپ زور پىداكارلىق كۆرسەتتى، ئاجايىپ زور بەدەل بەردى. بۈگۈنكى كۈندە، ئۇلار پەلەستىن ئاپتونوم رايونىنى قوغداش، مۇستەھكەملەش ۋە ئۇنى تەرەققىي قىلدۇرۇش يولىدا، داۋاملىق پىداكارلىق كۆرسەتمەكتە. بىلمەك كېرەككى، بىزنىڭ ئەجدادلىرىمىزمۇ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىمىزنى قۇرۇش ئۈچۈن ئاشۇنداق پىداكارلىق كۆرسەتكەن. دەرۋەقە سەن ــ بىزمۇ بۇ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىمىزنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن ئۆز ئىمكانىمىزچە تىرىشچانلىق كۆرسەتتۇق. بىراق مەسىلە ئاز ئەمەس، يېتىشسىزلىك ئاز ئەمەس. ھەممىدىن يېتىشسىزلىك قىلىۋاتقىنى پىداكارلىق ۋە جەڭگىۋارلىق. ھالبۇكى «ئۇيغۇرنىڭ يەتتە مىڭ يىللىق تارىخى بار، سەككىز مىڭ يىللىق سەرگۈزەشتىسى بار» دېگەننى ئۆتە قوغلىشىپ كەتمە. يەرنىڭ ئاستىنى كولاش، كونا كىتابلارنى ۋاراقلاش بىلەن پۈتۈن ئۆمرۇڭنى ئۆتكۈزىۋەتمە. چۈنكى دۇنيادا تارىخى ئۇزۇنلارنى بىرەر پارچە زېمىن بىلەن مۇكاپاتلايدىغان قائىدىمۇ يوق. يەرشارىنى سوراپ يەۋاتقان ئامېرىكىلىقلارنىڭ تارىخى تېخى ئۇچ يۈز يىلغىمۇ يەتكىنى يوق. 1955 ـ يىلى 10 ـ ئاينىڭ 1 ـ كۈنى قۇرۇلغان ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنى ۋە ئۇنىڭدىكى رېئال مەسىلىلەرنى تەتقىق قىلىشنى تەتقىقاتىڭنىڭ مەركىزىي نۇقتىسى قىل. بۈگۈنكى ياشلارنى، ئۇيغۇر ئەۋلادلارنى تەتقىق قىلىشقا ئەڭ كۆپ ۋاقتىڭنى سەرپ قىل. ئاپتونوم رايون دېگەن جاھاندا ئەندىزىسى يوق، قۇرۇلما رامكىسى يوق نەرسىمۇ ئەمەس. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونۇڭنى غەربىي زاڭ (شىزاڭ) ئاپتونوم رايونى بىلەن، ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونى بىلەن سېلىشتۇرۇپ تەتقىق قىل. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونۇڭنى دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىدىكى ئاپتونوم رايونلار بىلەن، ئالاھىدە رايونلار بىلەنمۇ سېلىشتۇرۇپ تەتقىق قىل. تەتقىق قىلىپ، توغرا يول تاپ. توغرا يول ئۈچۈن بارلىقىڭنى بېغىشلا، ئۆزەڭنى ئات. گەپنىڭ نان تېگىدىغان يېرى شۇكى، سەن ــ بىز ئەگەر تەتقىقاتنى ئەمەلىيەتكە چەمبەرچەس باغلاپ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىمىزنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ ۋە قوغداپ، ئۇنى ئىسمىغا مۇناسىپ لاياقىتى ۋە ئېپى سېپىدە ھالىتى بىلەن ئەۋلادلارغا ئۆتكۈزۈپ بېرەلمىسەك، نەۋرىلەر بىزنى  «نان قېپى ئەجداد، مۇناپىق ئەجداد» دەپ تىللايدۇ ۋە قەبرىمىزگە تۈكۈرىدۇ. بۇنى ئوبدان قىياس قىل ۋە ئويلان، ئەبگا!

    خاتىمە
    ئۇزۇن گەپنى قىسقا قىلىش يۈزىسىدىن «ئەبگا ئۇيغۇر» ماۋزۇلۇق بۇ تەنقىدىي رېئالىزىم ئەسىرىمنى يۇقىرىقى ئىخچام  باپلار بىلەن تاماملىدىم. خاتا دېگەن بولسام، ئەستەغپىرۇللاھ. توغرا دېگەن بولسام ئويلاپ بېقىڭلار.
    مەلۇمكى مۇئەييەن بىر شەخسنىڭ كەمچىلىكى ئۈستىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ، ئۇنىڭدىن ئەقلىي خۇلاسە چىقىرىش جىق ئاسان ئىش. بىراق بىر مىللەتنىڭ يېتىشسىزلىك ۋە نۇقسان تەرەپلىرى ھەققىدە مۇھاكىمە يۈرگۈزۈپ، ئۇنى نەزەرىيە يۈكسەكلىكىگە كۆتۈرۈپ خۇلاسە چىقىرىش ۋە بۇخىل خۇلاسىنى شۇ مىللەتنىڭ ھەممە ئەزالىرى ئاساسىي جەھەتتىن ئېتىراپ قىلىدىغان دەرىجىگە كەلتۈرۈش بولسا، ئېغىزدا دەپ قويۇش ئاسان، ئەمما قەغەز يۈزىگە ئېلىپ، ئەسەر قىلىپ پۈتۈپ چىقىش ھەقىقەتەنمۇ تەس ئىش.
    بۇ ئەسەرنىڭ يېزىلىش ئالدى ـ ئارقىسىنى ئويلىسام، گەپنى 1984 ـ يىلى ئىراق ئەرەب جۇمھۇرىيىتىگە قىلغان باغدات سەپىرىمدىن باشلاشقا توغرا كېلىدۇ. شۇ يىلى 4 ـ ئايدا، ئەرەب تىلى ئۆگەنگەنلىكىمنىڭ شاراپىتىدىن، خىزمەت مۇناسىۋىتى بىلەن، ئەسىرلەر بويى تىللاردا داستان بولۇپ كېلىۋاتقان مەشھۇر «مىڭ بىر كېچە» قىسسىسىنىڭ ھېكايە مەيدانى باغدات شەھىرىگە باردىم. ئەلۋەتتە خوشال بولدۇم، ھاياجانلاندىم. ئىراقتا جەمئىي ئون سەككىز ئاي تۇردۇم. بۇ جەرياندا پايتەخت باغدات شەھىرىدىن باشقا، ھىللە، كۇفە، نەجەف، كەربالا، بەسرە ۋە كەركوك قاتارلىق شەھەرلەردە بولدۇم. خىزمەت زۆرۈرىيىتى بىلەن، ئاددىي دېھقاندىن تارتىپ، نازىر، مىنىستىرغىچە، ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىسىدىن تارتىپ، ئۇنىۋېرىستېت پروفېسسورى، دوكتۇرلىرىغىچە ئارىلاشتىم. شەھەر قۇرۇلۇش مەنزىرىلىرىنى تاماشا قىلىش ۋە قەدىمىي ئىزلارنى زىيارەت قىلىش بىلەن بىر چاغدا، ئاشۇ قەدىمىي زېمىندە، يېڭى زامان، يېڭى دەۋر تۇرمۇشىنى كەچۈرىۋاتقان خەلقنى، ئۇلارنىڭ روھىي كەيپىياتىنى، تۇرمۇش قارىشىنى ۋە ياشاش ئۇسلۇبىنى كۆڭۈل قويۇپ كۈزەتتىم. مەن ئۇلارنى ئۆزەم بۇ دۇنيادا ھېچقانداق بىر قەۋمغە تەڭ قىلمايدىغان مىللىتىم ئۇيغۇر بىلەن سېلىشتۇردۇم. نەتىجىدە بەزەن ئېنىق پەرقلەرنى سەزدىم. خۇسۇسەن تۇرمۇش پەلسەپىسىدىكى ئەمەلىيلىك ۋە ھايات ئەقىدىسىدىكى جانلىقلىق جەھەتتە، ئىراق ئەرەبلىرىنىڭ روشەن ئارتۇقچىلىققا ئىگە ئىكەنلىكىنى بايقىدىم. سەزگەن ۋە ئۆز كۆزۈم بىلەن بايقىغانلىرىم ئاساسىدا،  «ئىراق تەسىراتلىرى» دېگەن ماۋزۇ ئاستىدا نۇرغۇن خاتىرە يازدىم. بۇنىڭ ئىچىدە  «ئۇيغۇردىكى نۇقسانلار» دېگەن تارماق  تېمىدىكى خاتىرىلىرىممۇ خېلى سالماقنى ئىگىلىدى.
    1985 ـ يىلنىڭ ئاخىرى ۋەتەنگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، ئىراق تەسىراتلىرىنى ئۇرۇق ـ تۇغقانلىرىمغا، دوستلىرىمغا ھاياجان بىلەن سۆزلەپ بەردىم. ئۇلار بىلەن خاتىرە مەزمۇنى ھەققىدە پىكىر ئالماشتۇردۇم. ئەپسۇسكى ھېچكىمنىڭ قوللىشىغا ئېرىشەلمىدىم. ھەممەيلەن خۇددى بۇرۇن مەسلىھەتلىشىۋالغاندەكلا: «ئۇيغۇرنىڭ نامىنى ئاتاپ تۇرۇپ قىلىنغان تەنقىدنى خەلق كۆتۈرەلمەيدۇ» دېيىشتى. كۆپىنچەيلەننىڭ ئارقامدىن: «ئۆزىچە يوغان بىر ئىش قىلغاندەك، چەتئەلگە چىقتىم دەپ چوڭچىلىق قىلىپ، ئۆزىنىڭ مىللىتىنىمۇ ياراتمايدىغان بولۇپ كېتىپتۈ» دەپ ئەيىبلىگەنلىكىنى ئاڭلىدىم. ھەتتا بىر ئاغىنەمنىڭ «باغدات كاشغەرچىلىك بارمىكەن؟» دېگەن سوئالىغا: «بىزنىڭ كاشغەر شەھىرىمىز باغداتنىڭ ئوتتۇرا ھال دەرىجىدىكى بىر كوچىسىغا ئاران ـ ئاران باراۋەر كېلىدىكەن» دەپ جاۋاب بەرگەنلىكىم ئۈچۈن، نەق مەيداننىڭ ئۆزىدىلا دەشنام يېدىم. مۇشۇنداق ئەھۋالدا، خېرىدار قوبۇل كۆرمەيدىغان مالنى بازارغا سالماسلىق، خەلق ياقتۇرمايدىغان گەپنى ئۇلارغا دەپ ئولتۇرماسلىق قارىشى بىلەن، مەزكۇر «ئۇيغۇرلاردىكى نۇقسانلار» ماۋزۇلۇق خاتىرەمنى رەتلەپ ئېلان قىلىشتىن ۋاز كەچكەنىدىم. بىراق ئاشۇ خاتىرەم گېزى كېلىپ، بۈگۈنكى مۇشۇ «ئەبگا ئۇيغۇر» ماۋزۇلۇق ئەسىرىم ئۈچۈن خېلى قۇۋۋەتلىك خېمىرتۇرۇچ بولدى.
    كېيىنچە ئوقۇتقۇچىلىق كەسپىمنىڭ ئېھتىياجى تۈپەيلىدىن، مائارىپشۇناسلىق ئىلمى نەزەرىيىسى بىلەن پىسخولوگىيە ئىلمىنىڭ مۇناسىۋەتلىك نەزەرىيىلىرىنى ئۆگىنىشكە توغرا كەلدى. پىسخولوگىيە ئۆگىنىش جەريانىدا، ئۆزەمنىڭ پىسخىك ئالاھىدىلىكىنى ۋە مىللىتىم ئۇيغۇرنىڭ پىسخىك ئالاھىدىلىكلىرىنى نەزەرىيىۋى ئاساسلارغا تەدبىقلاپ مۇھاكىمە قىلىش ئارقىلىق، خېلى كۆپ پايدىلىق ئىلمىي ۋە ئەمەلىي چۈشەنچىلەرنى ھاسىل قىلدىم. خۇسۇسەن مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرىستېتىنىڭ پروفېسسورى سۇن يۇلەن خانىم يازغان «مىللەتلەر پىسخولوگىيىسى» ناملىق كىتاب مېنىڭ ئۇيغۇر پىسخولوگىيىسىنى ئەمەلىيەتكە چوڭقۇر چۆككەن ھالدا تەتقىق قىلىش ئىستىكىمنى ئويغاتتى. بۇ كىتابتىكى ئىنساننىڭ پىسخىك ئالاھىدىلىكى دەۋرنىڭ ئۆزگىرىشى، ئەتراپتىكى مۇھىتنىڭ ئۆزگىرىشى ۋە كىشىلىك دۇنيا قارىشىنىڭ ئۆزگىرىشى قاتارلىق ئوبيېكتىپ ۋە سۇبيېكتىپ ئۆزگىرىشلەرنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ، تەدرىجى ئۆزگىرىپ بارىدىغانلىقى ۋە بۇ خىل ئۆزگىرىشنىڭ ئەمەلىي تۈرمۇشتا مۇئەييەن ئىنكاس ئارقىلىق ئىپادىلىنىدىغانلىقى ھەققىدىكى نەزەرىيە ئالاھىدە دىققىتىمنى قوزغىدى ۋە مېنى كۆپ ئويلاتتى. نەتىجىدە بۇ خىل نەزەرىيىنى ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ بىر قانچە ئەسىرلىك تارىخىي سەرگۈزەشتىلىرى ۋە نۆۋەتتىكى ئەمەلىي كەچۈرمىشلىرىگە تەدبىقلاپ يۈرۈپ، بىر مۇنچە مەسىلىلەرنى بايقىدىم ۋە بۇ مەسىلىلەرنى تەتقىقات يۈزىسىدىن بولسىمۇ يېزىپ چىقىپ، كىتابخانلارغا تەقدىم قىلىشنى ئىلىم يولىدىكى بىر ئەھمىيەتلىك ئىش دەپ قارىدىم. مانا مۇشۇنداق ئۆگىنىش، تەسىرات ۋە ئويلار ئارقىسىدا، «ئەبگا ئۇيغۇرد» ماۋزۇلۇق بۇ ئەسەرنى يېزىش ئۈچۈن، 1994 ـ يىل 10 ـ ئايدا قولۇمغا قەلەم ئالدىم.
    مېنىڭچە بىر مىللەتنىڭ ئومۇمىي ئەزالىرى ئىچىدىكى ڭىسخىك نۈقسانلار ھەققىدە مۇھاكىمە يۈرگۈزۈپ يېزىلغان ئەسەر جەزمەن ئىلمىي ئاساسلىق ۋە سەمىمىي پىكىرلىك بولغاندىن تاشقىرى، شۈ مىللەت ئەزالىرىنىڭ ئاساسىي گەۋدىسى ۋە مۇتلەق كۆپچىلىك ئەزالىرى ئېتىراپ قىلغۈدەك دەرىجىدىكى ئەمەلىيەتچانلىققا ئىگە بولۇشى لازىم. پەقەت شۇنداق بولغاندىلا، ئاندىن بۇ ئەھمىيەتلىك بىر ئىلمىي ئەسەر بولالايدۇ. مۇشۇ چۇشەنچىنىڭ ھەيدەكچىلىكىدە، مەن مەزكۇر ئەسەرنى بىر تەرەپتىن يېزىش، يەنە بىر تەرەپتىن يېزىپ بولغان قىسمىنى ئىمكان بار ئوچۈق مۇھاكىمە قىلىش، مۇھاكىمىدىن ئۆتكەن ۋە بېرىلگەن پىكىرلەر ئاساسىدا، قايتا ڭىششىقلاڭ ئىشلەشتىن ئىبارەت ئىشىكنى داغدام ئېچىپ قويۈڭ ئولتۇرۇپ يېزىش ئۇسۈلىنى قوللاندىم. ئەسەرنىڭ دەسلەپكى ئۇچ بابىنى يېزىپ بولغاندىن كېيىن، فوتو كوپىيە قىلىپ، ئۇنى تونۈش مۇھەررىرلەرگە، مەسلەكداش بۇرادەرلەرگە بىر نۈسخىدىن ئەۋەتىپ پىكىر ئالدىم. مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرىسىتېتى ئۇيغۇرشۈناسلىق تەتقىقات ئورنىنىڭ قارمىقىدا تەشكىللەنگەن «ئۇيغۇرشۈناسلىق تەتقىقات ئەنجۈمەنى» نىڭ پائالىيەت كۈنلىرىدە، ياش ئەنجۈمەنداشلارغا ئوقۇپ بېرىپ، ئەسەر يورۈتماقچى بولغان مەسىلىلەرنى ئۇلارنىڭ ئىلمىي مۇھاكىمىسىگە قويدۇم. نەتىجىدە كۆپچىلىكنىڭ ئىلھامبەخش رىغبەتلەندۇرۇش پىكىرلىرىگە مۇشەررەپ بولغىنىمدىن باشقا، مەن ئۈچۈن تولىمۇ قىممەتلىك بولغان سەمىمىي تەنقىد ۋە جىددىي تەكلىپ پىكىرلىرىگىمۇ مۇيەسسەر بولدۇم. مانا بۇلار بۇ ئەسەرنىڭ نىسبەتەن قايىل قىلارلىق، قىزغىن ئالقىشلىق ۋە ئىجابىي تالاش ـ تارتىشلىق ئاكتىپ ئەسەر بولۇپ پۈتۈپ چىقىشىنى ئاممىۋى كاپالەتكە ئىگە قىلدى.
       بۇ ئەسەرنىڭ ئالدىنقى بەش بابىنى بېيجىڭ مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرىسىتېتىدا يېزىپ تاماملىدىم. كېيىنكى بەش بابىنى بولسا، مىسىر قاھىرە ئۇنىۋېرىسىتېتىنىڭ ئوقۈغۈچىلار ياتاق قوروسى بولغان «ستودېنتلار شەھىرى» ( Students City ) ناملىق گۇزەل باغدا يېزىپ پۈتتۇردۇم. مىسىردا بولغان كۈنلىرىمدىمۇ، ئەسەرنىڭ پۈتكەن بابلىرىنى ئۇدۇللۇق كۆپەيتىپ بېسىپ، ئەزھەر ئۇنىۋېرىسىتېتىدا ئوقۈۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۈغۈچىلار ئارىسىدا، ئۇيغۇر تىلى ۋە يېزىقچىلىقى بىلىملىرىنى ئۆگىنىش مەقسىتىدە تەشكىللەنگەن «مىسىر ئۇيغۇر ئەنجۈمەنى» سىنىپىدىكى يېڭى ئەنجۈمەنداشلارغا ۋە ئەزھەر ئۇنىۋېرىسىتېتى ئىسلام دىنى تەتقىقات ئىنىستىتوتىدا مەن بىلەن ئوقۈۋاتقان بالام دېمەتلىك ساۋاقداشلىرىمغا ئوقۇپ بەردىم. ئەسەرنى ئۇلارنىڭ مۇھاكىمە ۋە مۇزاكىرىسىگە قويدۇم. نەتىجىدە ۋەتەندىن بەش يىل، ھەتتا ئون يىللاپ ئايرىلىپ، نىل دەرياسى ساھىلىدا ئىلىم تەھسىل قىلىۋاتقان، ئانا ۋەتەننىڭ قەدرىنى نەق ئەمەلىيەتلەر ئارقىلىق چوڭقۈر چۈشەنگەن، ۋەتەننى گۇللەندۇرۇش ۋە مىللەتنى روناق تاپقۇزۈشنىڭ زۆرۈريىتى ۋە تەخىرسىزلىكىگە چىن دىلىدىن ئىشەنگەن بۇ تالىبۇلئىلىم (ئىلىم تەلەبكارى) لارنىڭمۇ نۇرغۇن قىممەتلىك پىكىرلىرىگە ۋە رىغبەتلىك دۇئالىرىغا ئېرىشتىم. مەن بۇ يەردە مەزكۇر ئەسىرىمنىڭ مۇۋەپپىقىيەتلىك يېزىلىپ پۈتۇشى ئۈچۈن كۆڭۈل بۆلگەن ۋە سەمىمىي پىكىرلىرى ئارقىلىق قوللاپ  قۈۋۋەتلىگەن چوڭ ـ كىچىك قېرىنداشلىرىمغا چىن دىلىمدىن رەھمەت ئېيتىمەن. بولۇپمۇ بۇ ئەسەرنىڭ كەپ كىتابخانلار بىلەن ۋاقتىدا يۇز كۆرۇشۇشى ئۈچۈن ئەمەلىي مەيدان ھازىرلاپ بەرگەن، تەھرىرلىكتە يېتىك ماھارەت، ئەسەرنى ئېلان قىلىشتا تەمكىن جاسارەت كۆرسەتكەن ژۈرنالىست «ش ئۇ ئا ر مەدەنىيىتى» ژۈرنىلىنىڭ مۇئاۋىن باش مۇھەررىرى قۈربان مامۇت ئەپەندىمگە چىن قەلبىمدىن تەشەككۇر ئېيتىمەن ۋە سەمىمىي مىننەتدارلىق بىلدۇرىمەن!
       ئىنسان بۇ دۇنيادا تېخى ئىككى يۇز يىل ياشىغىدەك بولمىدى. ئادەمنىڭ ئەڭ ھاياتى كۇچكە ئىگە ئۆمرى ۋە تۆھپىكار ئالتۈن دەۋرىنىڭ ئەمەلىيەتتە بىر نەچچە ئون يىللا ئىكەنلىكى ھېلىھەم پاكىت بولۇپ كەلدى. شۇنداقىكەن ئىنسان ھەر بىر كۈن، ھەر بىر ئاي ۋە ھەر بىر يىلنى چوقۈم ئەھمىيەتلىك ئۆتكۇزۇشى، بۇنىڭ ئۈچۈن ھەر مىنۈت، ھەر سائەتنىمۇ ئەزىزلەپ، مەسئۇلىيەت ۋە مەمنۈنىيەت بىلەن ئەستايىدىل ياشىشى لازىم. بۇ ـــ مېنىڭ تۇپكى ھايات قارىشىم. ھالبۇكى مەن بۇ ئەسەرنى ھئلىقىدەك دەپ ئېيتىۋئلىش، سۆزلىۋئلىش ۋە قورسىقىمنى بوشىتىۋېلىش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى ئانا سۇتىنىڭ قەرزى ۋە ئانا يەر تۈزىنىڭ بۇرچ ـ پەرزى ئۈچۈن، ئەستايىدىل ئويلىنىپ يازدىم. بۇ ئەسەر ھېچقانداق بىر كونكرېت شەخسكە قارىتىلمايدۇ. بىراق ئۆز نۆۋىتىدە ھېچقانداق بىر ئۇيغۇر بۇ ئەسەرنىڭ قاراتمىلىقى دائىرىسىدىن چەتتە قالمايدۇ. مۇشۇ مەنىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئۇ ئالدى بىلەن مېنىڭ ئۆزەمنىڭ سۇرىتى، مەن ئۆزەمنى ئاشۇنداق تونۈدۇم. ئۆزەمدە ئاشۇنچىۋالا ئىللەت ۋە نۈقساننىڭ بارلىقىنى سەزدىم. مەسىلىنى سەزگەن ۋە تونىغان ئىكەنمەن، مۇندىن كېيىنكى ئۆمرۇمدە، جەزمەن نۈقسانلارنى تۇزىتىپ، ئىللەتلەرنى تۇگىتىپ، ئىسمى جىسمىغا مۇناسىپ بىر مىللەتپەرۋەر ئۇيغۇر بولۇپ ياشايمەن. ئەمدى شۇنىڭ بىلەن بىر چاغدا، مەن ۋەتەن ئىچى ۋە سىرتىدىكى بارلىق ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمنىڭ، شۈ جۇملىدىن، تەنقىد قىلىشقا ئالدىراپ كېتىۋاتقان، غەزەپ تاشقىنلىرى تېشىپ كېتىۋاتقانلارنىڭمۇ، دەسلەپ بۇ ئەسەرنى ئەستايىدىل بىر ئوقۇپ چىقىشىنى، بىر قېتىم ئەستايىدىل مۇھاكىمە قىلىپ بېقىشىنى، ھەر كىم ئۆزىنىڭ قىلغان ۋە قىلىۋاتقان ئىش ـ ئەمەللىرى ئاساسىدا، ئۆزى بىلەن ئۆزى ئەستايىدىل بىر مۇزاكىرە قىلىپ بېقىشىنى، شۈ ئارقىلىق ئۆز ۋۇجۇدىنى چىرماپ تۇرغان ھەر قانداق شەكىلدىكى ئىللەت ۋە نۈقسانلارنى تېز پۈرسەتتە تۇگىتىش ۋە تۇزىتىش ئۈچۈن ئەمەلىي تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ بېقىشىنى سەمىمىي ئۇمىد قىلىمەن.
       ئون ئىككى مۇقامنىڭ ئىجادكارى بولغان ئۇيغۇر ئۇلۇغ مىللەت. بىراق ئاينىڭمۇ يۈزىدە دېغى بولغىنىدەك، ئۇيغۇرنىڭ ۋۇجۇدىدا بار ئاشۇنداق بىر مۇنچە نۈقسان ۋە ئىللەت. ئەمدى ئەگەر بىز ھەممىمىز بىردەك ئېڭىمىزدا ئۇيغۇر ئەقىدىسىنى مۇستەھكەم تىكلەپ، ئۆز ئارا ـ ئىجىل ئىناق، بىر گەۋدە بولۇپ، بىر ـ بىرىمىزنى ھەقىقىي مەنىدىكى قېرىنداش تونۈپ، ھۇرۇنلۇقنى قەتئىي چۆرۇپ تاشلاپ، ئۆزىمىزنى ئۆزىمىز چىن يۇرەكتىن قەدىرلەپ، ئۆز ۋەتىنىمىزنى ئۆز پائالىيىتىمىز ۋە ئەمەلىيىتىمىز بىلەن ئەزىزلەپ، مەرىپەتلىك بولۇپ، پەزىلەتكە تولۈپ، بىر ـ بىرىمىزنى قېرىنداشلارچە سۆيۇپ، ئورتاق ئىشىمىزغا جان ـ دىلىمىز بىلەن كۆيۈپ، ئۇمىدسىزلىك ۋە خۈراپاتلىقنى ئۆزىمىزدىن يىراق قىلىدىغان، پىداكارلىق ۋە جەڭگىۋارلىقنى بارلىق ئىشلىرىمىزغا باش بايراق قىلىدىغانلا بولساق، شەك يوقكى، ئۇيغۇرنىڭ ئۇلۇغلۇقى تېخىمۇ تاكامۇللاشقۈسى. يىگىرمە بىرىنچى ئەسىردىكى ئۇيغۇر زېمىنى ئۇيغۇرنىڭ ئۆزى ياراتقان مۆجىزە ۋە كارامەتلەر بىلەن تولۈپ تاشقۈسى!
       شۈ مۇرادىمنى مۇنۈ تۆت مىسراغا مۇجەسسەم قىلدىم ۋە شۇنىڭ بىلەن بۇ ئەسىرىمنى مۇكەممەل قىلدىم:

    ئۇيغۇر بىز - ئۇيۈشقاقتۈر بىزنىڭ ئەسلىمىز،
    كۈرەش قىلساق بىرلىشىپ، گۇللەر نەسلىمىز.
    نۈقسانلارنى تۇگەتسەك، ئىلىم ئۆگەنسەك،
    كېلەر يەنە بىزنىڭكى پارلاق پەسلىمىز!

    1997 ـ يىل 7 ـ ئاپرىل دۇشەنبە، قاھىرە
    ئاپتورنىڭ خىزمەت ئورنى: بېيجىڭ مەركىزى مىللەتلەر ئۇنۋېرىستېتى ئۇيغۇرشۇناسلىق تەتقىقات ئورنى

    分享到:

    收藏到:Del.icio.us