• بىيجىڭ ئايرىدىرومىدىن پارىژ ئايرىدىرومىغىچە

    2010-06-15

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    http://www.blogbus.com/bilim-kuq-logs/66094475.html

    ئىلھام توختى

    توزانلار باستى جەمالۇ-ھۆسنىمنى،
    ۋە لېكىن كىر قىلالماس پاك قەلبىمنى.
    ئول پەلەك قىلدى نابۇت بۇ تەنىمنى ،
    ۋە لېكىن توسالمىدى كۆزلەرىمنى.

    پېقىر 2- ئاينىڭ 22- كۈنى تەكلىپكە بىنائەن فرانسىيەدە زىيارەتتە بولدۇم. جۇڭگو خەلق ئاۋىئاتسىيەسىنىڭ بىخەتەرلىك تەكشۈرۈش ئىشلىرىنىڭ بۇلتۇرقى ئولىمپىك يىغىنىنىڭ ئالدى-كەينىدە چىڭىپ كەتكەنلىكىنى، ھەمدە ئۇيغۇرلارغا بولغان بىخەتەرلىك تەكشۇرۈشنىڭ تېخىمۇ چىڭ ئىكەنلىكىنى بىلگىنىم ئۈچۈن، ئۆزلىگىمدىن چاقماق، ئەتىر ۋە باشقا سۇيۇق تازىلىق بۇيۇملىرى دىگەندەكلەرنى سەپەرگە ئەپچىقمىغان ئىدىم. تۇنجى تەكشۈرۈشنىڭ دەسلىۋىدە، ئايرۇپىلانغا چىقىش كارتىسىنى تەكشۈرىدىغان خانقىز مېنى چەتئەللىك دەپقالدى بولغاي، پاسپورتىمنى چىقىرىشنى تەلەپ قىلىپ ماڭا ئېڭگلىزچە گەپ ئاچتى. بىراق مەن ئۆزۈمنىڭ جۇڭگو گراجدانلىقىدىكى ئۇيغۇر ئىكەنلىكىمنى ئېيتقىنىمدا، ئۇ چىرايى ناھايىتى غەلىتە بولغان ھالدا، ئايرۇپىلانغا چىقىش كارتامنى ئالغىنىچە تۆرت ئەتراپقا كۆز يۈگۈرتكەندىن كېيىن، تېلېفون ئارقىلىق تۆۋەن ئاۋازدا باشلىقى بىلەن گەپلەشتى. مەن بولسام سەۋرچانلىق بىلەن ياندا كۈتۈپ تۇردۇم. كېيىن ئۇ مېنى ئۆزىنىڭ يېنىدىكى پۇكەيگە بېرىشقا چاقىردى.
    ساقچى نومۇرى 030258 بولغان ئەترەت باشلىقى ماڭا سۇئال ياغدۇردى: سەن فرانسىيەگە نىمە قىلغىلى بارىسەن؟ كەسپىڭ نىمە؟ سەن ئوقۇتقۇچىمۇ؟ قايتىپ كېلەمسەن؟
    مېنىڭ ئۇنىڭ سۇئاللىرىغا بەرگەن جاۋاپلىرىم: سۇئاللىرىڭغا چوقۇم جاۋاپ بېرىشىم كېرەكمۇ؟ سىلەر نىمىشقا ماڭىلا تىكىلىپ قالدىڭلار؟ ئۇيغۇر بولغىنىم ئۈچۈنمۇ؟ سىلەرنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئالاھىدە مۇئامىلەڭلەر توغرىلىق بۇرۇنلا ئاڭلىغان ئىدىم، شۇڭا بۈگۈن تۆرت سائەت بالدۇر ئايرۇدرۇمغا كەلدىم، ھەمدە سىلەرنىڭ ماڭا بولغان پەلقۇلئاددە مۇئامىلەڭلەرنى ھىس قىلدىم! ئۇيغۇر بولغىنىم ئۈچۈنمۇ ياكى پەقەت ماڭىلا شۇنداق قىلىۋاتامسىلەر؟
    ئۇ مېنى تەخىر قىلىشقا بۇيرۇپ، پاسپورتىمنى ئېلىپ كېتىپ قالدى. ئۇ 10 مىنۇتلاردىن كېيىن قايتىپ كېلىپ، پاسپورتىمغا تەپسىلىي كۆز يۈگۈرتكەچ، ئېيتتى:
    - توغرا چۈشىنىشىڭىز كېرەك، كۆپچىلىكنىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈن مۇشۇنداق قىلمىساق بولمايدۇ!!
    - ئۇنىڭ پوزىتسىيەسىنىڭ ئاساسى شۇ قەدەر ئاددىي ئىدى!! مەن ئۇنىڭغا دىدىم:
    - ئۇيغۇرلار بىخەتەرلىكنىڭ تەھتىدىمىدى؟ دۆۋلەتنىڭ بىخەتەرلىككە ئېتىبار بېرىشىنى توغرا چۈشىنىمەن، دۆۋلەتنىڭ دۆۋلەت بىخەتەرلىكى ئۈچۈن قوللانغان چارىلىرىنىمۇ ھىمايە قىلىمەن. بىراق ئىش چوقۇم قانۇنلۇق، ئادىل بولۇشى، ھەممە كىشىگە ئوخشاش مۇئامىلە قىلىنىشى زۆرۈر!
    ئايرۇپىلانغا چىقىش كارتامنى قولۇمغا ئېلىپ مېتال تەكشۈرگۈچتىن ئۆتكەن چېغىمدا، توساتتىن باشقىچە بىر تۇيغۇغا كېلىپ قالدىم، سەۋەبى، بىرىنچىدىن ماڭا بولغان تەكشۈرۈشنىڭ ھەددىدىن ئارتۇق تەپسىلىي بولغانلىقى، ئىككىنچىدىن ئۇلارنىڭ مېنىڭ ئاياقلىرىمنى سالدۇرۇپ تەكشۈرمەكچى بولغانلىقى. بىلىش كېرەككى، بېيجىڭ شەھەرىدە ئاياق سالدۇرۇپ تەكشۈرۈش بۇيرۇقى چىقىرىلمىغان، ئاممىۋىي سورۇندا ئاياق سېلىشقا بۇيرۇلۇش كىشىنى ئوڭايسىزلاندۇرىدىغان بىر ئىش. بۇنى ئاز دەپ، مەن ئاياق سېلىۋاتقان چېغىمدا، بىر ئايال خىزمەتچى مېنىڭ كارتامنى ۋە كىملىكىمنى ئېلىۋېلىپ، باشقا خزمەتداشلىرى بىلەن پىچىرلىشىپ، ”تەپسىلىي تەكشۈرۈپ“ كېتىشلىرىچۇ تېخى! مەن ئۇلارنىڭ چالا-پۇچۇق ئاڭلاپلا ئەرۋاھىم ئۆرلەشكە باشلىدى، بىراق يەنىلا ئۆزۈمنى بېسىۋېلىپ، ئۇلارنىڭ ھىچنىمىنى قويماي تەلتۆكۈس تەكشۈرۈشىگە سۈكۈت قىلدىم. بىر چاغدا ”قىزچاق“لاردىن بىرى مېتال تەكشۈرگۈچنى كۆتۈرىۋېلىپ مېنىڭ ھەممە يېرىمنى تەكشۈرۈشكە باشلىدى، مەن بولسام ساراڭلارچە يالاڭئاياق ھالدا يەرنى دەسسەپ تۇرار ئىدىم. ئاخىرىدا ئۇلار مېنىڭ بەدىنىمدىن بېنزېن، كاۋاپ، پىچاق، پۈركۈگۈچ، ھەتتا بىئوخېمىيەلىك ۋە يادرولۇق قوراللارنىڭ ھىچقايسىسىنى تاپالماي، مېنى قويۇپ بېرىشكە مەجبۇر بولدى. مەن بىردەم خاپىلىق ئىچىگە پاتقاندىن كېيىن، ئۇلارغا يۇقۇرى ئاۋازدا مۇنداق دىدىم (بىر قېتىملىق ”قالتىس“ نۇتۇق سۆزلىۋەتتىم، دىسەممۇ بولىدۇ):
    سىلەر مېنىلا كەمسىتىۋاتقان بولماستىن، بەلكى يەنە مېنىڭ مىللىتىمنىمۇ كەمسىتىۋاتىسىلەر! بۇ خىل مەلۇم بىر مىللەتكە قارىتىلغان ئەخمىقانە چارىلەر دۆۋلەتنىڭ بىخەتەرلىكىگە پايدىلىق بولمايلا قالماستىن، ئەكسىچە ئۇنىڭغا زىيان يەتكۈزۈشى مۇمكىن! مەن سىلەرنى توغرا چۈشىنىمەن، بۇ سىلەرنىڭ خىزمىتىڭلار، خاتالىق سىلەردە ئەمەس، بەلكى شۇ خىل نادان سىياسەتنى تۈزۈپ چىقارغان ئىرقچىلاردا، شۇ خىل سىياسەتنى ئىزچىللاشتۇرۇشقا چۈشۈرگەن مەسئۇلىيەتسىز رەھبەرلەردە!!
    نۇرغۇن كىشىلەر ماڭا قاراپ تۇرار ئىدى نەتىجىدە مېنىڭ كىيىملىرىمنى كىيىشىمگە ياردەملىشىپ، بۇ يەردىن بالدۇرراق كېتىشىمنى ئۈمۈت قىلغانلىقلىرىنى ئىپادە قىلىشتى. ئاياق سالدۇرۇپ تەكشۈرۈشلەرمۇ يوق بولدى
    خەلق ئاۋىئاتسىيە باش ئىدارىسى، مۇناسىۋەتلىك قانۇن ئورگانلىرى، سىلەر بىر خەتەرلىك ئىشنى قىلۋاتىسىلەر. مەن بۈگۈن سىلەرنىڭ كەمسىتىشىڭلارغا ئەقىل-ئىدراك بىلەن مۇئامىلە قىلغان بولدۇم، بىراق بارلىق ئۇيغۇرلار شۇنداق قىلىۋەرمەيدۇ
    مېنىڭ سورىغىم كېلىۋاتقىنى، جۇڭگونىڭ قانۇن دائىرىسىدە مىللىي كەمسىتىش توغرىلىق بەلگىلىمە بارمۇ-يوق؟ مىللىي كەمسىتىشكە ئۇچرىغاندا، ھەق تەلەپ تۆلىمى ئېلىشقا بولامدۇ؟
    دۆلىتىمىزنىڭ جىنائىي ئىشلار قانۇنى ۋە باشقا مۇناسىبەتلىك قانۇنن-بەلگىلىمىلىرىدە مىللىي كەمسىتىش ئۇقۇمى ھەقىقەتەن بىۋاستە كۆرۈلمىگەن، شۇ ۋەجىدىن بىۋاستە ھالدا مىللىي كەمسىتىشنى سەۋەپ قىلىپ ھەق تەلەپ ئەرزى سۇنۇش قانۇن جەھەتتىن بىر قەدەر تەس. دۆلىتىمىزنىڭ قانۇن-بەلگىلىمىلىرى ھەرگىزمۇ نۇقۇل ھالدا دۆلەت قانۇنى سۈپىتىدە ئىپادە تاپمىغان، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە مەمۇرىي نىزاملار، يەرلىك نىزاملار ۋە تارماق قائىدە-تۈزۈملەر بار. ئەمىلىيەتتە، بىز تەستىق ئارقىلىق كىرگەن خەلقئارا ئەھدىنامەمۇ دۆلىتىمىز قانۇن-تۈزۈملىرىنىڭ مۇھىم ئىپادىلىنىش شەكلىدۇر. ئاساسىي قانۇن ۋە خەلقئارا ئەھدىنامەدە بولسا مىللىي كەمسىتىش مەسىلىسى توغرىسىدىكى نىزامنامىلەر ئەزەلدىن كەم بولمىغان. دۆلىتىمىزنىڭ ئاساسىي قانۇنىدا ”ھەرقايسى مىللەتلەر باپ-باراۋەر“ دەپ بەلگىلەنگەن. دۆلىتىمىز ئىمزا قويغان ۋە تەستىقلىغان 17 خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئەھدىنامىسى مىللىي كەمسىتىشكە قارشى ماددىلار بىلەن تولغان. ”گراجدانلىق ھوقۇقى ۋە سىياسىي ھوقۇق ئەھدىنامىسى“ (دۆلىتىمىز 1998- يىلى 3- ئايدا ئىمزا قويغان)دە، ”ھەرقايسى دۆلەت گراجدانلىرى قانۇن ئالدىدا باپ-باراۋەر، ھەمدە قانۇن تەرىپىدىن قوغدىلىش ۋە كەمسىتىلمەسلىك ھوقۇقىغا ئىگە“ (26- ماددا) دەپ بەلگىلەنگەن. بىراق، دۆلىتىمىزدىكى ئەدلىيە (قانۇئۇن يۈرگۈزۈش) ئەمىلىيىتىگە تونۇش كىشىلەرگە ئايانكى، سوت دېلولارغا قاراپ چىقىشتا ئاساسىي قانۇن ماددىلىرىنى بىۋاستە ئىشلىتەلمەيدۇ، ھەمدە چەتئەلگە چېتىلمىغان دېلولاردا خەلقئارا ئەھدىنامىنىڭ بەلگىلىرىنىمۇ بىۋاستە ئىشلىتەلمەيدۇ. بۇ شۇنىڭدىن دېرەك بېرىدۇكى، ئاساسىي قانۇن ۋە خەلقئارا ئەھدىنامىدىكى بەلگىلىمىلەر ئاۋۋال دۆلەت قانۇنىغا ئايلانغاندىلا ئاندىن ئۆزىنىڭ قانۇنىي كۈچىنى جارىي قىلالايدۇ. شۇڭا، جۇڭگودىكى زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارنىڭ مىللىي كەمسىتىلىش تۆلىمى تەلەپ قىلىشى ياكى قانۇنىي ئەرز سۇنۇشى نۆۋەتتە قانۇن جەھەتتىن تەسكە توختاۋاتىدۇ. جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ مىللىي كەمسىتىشكە قارشى قانۇننى تېزدىن تۈزۈپ چىقىشىنى مۇراجەت قىلىمەن.
    بىز دائىم ”ئادەتتىكى مەسىلىلەرنى مىللىي مەسىلە يۈكسەكلىكىگە كۆتۈرىۋالمايلى،“ دىگەننى تەكىتلەيمىز، بىراق دۇنيادىكى نۇرغۇن مىللىي مەسىلىلەر دەل ئاشۇنداق ”ئادەتتىكى مەسىلىلەر“نىڭ يىغىلىشىدىن شەكىللەنگەن.
    ئاھ جۇڭگو، جۇڭگو ئاۋىئاتسىيەسى، بىخەتەرلىك تەكشۈرۈش ئىشىدا ساڭا ئامراقلىق بىلدۈرۈشكە ئامالسىزمىز! مىللىي مەنپەئەتنىڭ ھەممىدىن يۈكسەك بولۇشى شۇنداق كېلىپ چىققان. ئۇيغۇرلار مۇشۇنداق مۇئامىلىگە دۇچ كەلگەندە، بۇ يەرنىڭ ئۆز ۋەتىنى ئىكەنلىكىدەك پاكتنى ئۆز كۆڭلىگە قانداق سىغدۇرالىسۇن؟ ھەرقانداق بىر ئىدراكلىق كىشى، جەمىيەتتە ”زىخمۇ كۆيۈپ، كاۋاپمۇ كۆيۈپ“ تۈگىشىدىغان ئىشنىڭ يۈزبېرىشىنى خالىمايدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن، مۇقىملىق ۋە ئىناقلىق مەلۇم شەرت ۋە بەدەل تەلەپ قىلىدۇ، ھەرقانداق ئۆز ئالدىغا ئەپبېرىلغان بېسىم ئىشلىتىش ياكى مەجبۇرىلاشلاردىن ئاتالمىش ئىناق جەمىيەتنىڭ بەرپا بولۇشى مۇمكىن ئەمەس!
    بىخەتەرلىك تەكشۈرۈش تارماقلىرىنىڭ مەنتىقىسى تۈپتىن خاتا!!
    ياڭ جىئا بىر بېيجىڭلىق خەنزۇغۇ، ئەجىبا بۇنىڭلىق بىلەن بېيجىڭدىكى بارلىق خەنزۇلارنى ساقچىلارغا پىچاق تىققۇچى گۇماندارلار، دەۋالساق قاملىشامدۇ؟
    چېن شىتوڭ، قاتارلىقلارمۇ خەنزۇغۇ، ئەجىبا بۇنىڭلىق بىلەن خەنزۇلار سىياسىي بيۇرۇنىڭ ئەزاسى بولسا بولمايدۇ، دىگىلى بولامدۇ؟
    بەي باۋشەنمۇ خەنزۇ، ئەجىبا مۇشۇنىڭغا ئاساسەن ”شىنجاڭغا بارغان خەنزۇلارنىڭ ھەممىسى قاتىل، شىنجاڭغا بارغۇچىلارنىڭ ئايىقىنى سالدۇرۇپ، كەمەرىنى يەشكۈزۈپ تەكشۈرۈش كېرەك،“ دىگەن يەكۈننى چىقارغىلى بولامدۇ؟
    چېن شۈيبيەن قاتارلىق تەيۋەن خەنزۇلىرى مۇستەقىللىق ئۈچۈن دەۋراڭ سالغانلىقى ئۈچۈن، بارلىق تەيۋەنلىكلەر ”مۇستەقىللىق تەرەپدارلىرى“ دەپ ئەيىپلىنىشى كېرەكمۇ؟
    فالۇنگوڭچىلار خەنزۇ بولغىنى ئۈچۈن، بارلىق خەنزۇلار فالۇنگوڭچى بوپ قالامدۇ؟
    ”تۆرت كىشىلىك گۇرۇھ“مۇ خەنزۇ، بۇنىڭلىق بىلەن پۈتۈن خەنزۇ مىللىتى ”تۆرت كىشىلىك گۇرۇھ“نىڭ گۇماشتىلىرى سانىلامدۇ؟
    تۈرمىلەردىكى خىيانەتچى ئەمەلدارلارنىڭ ھەممىسى دىگۈدەك كومپارتىيە ئەزالىرى، ئۇنداقتا، ئەجىبا پۈتكۈل كومپارتىيە ئەزالىرىغا خىيانەتچىلەر قاتارىدا مۇئامىلە قىلىشىمىز كېرەكمۇ؟
    بىر مىللەتنىڭ قىسمەن ئەزالىرى، ھەتتا ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئاجىزلار، نىمە ئۈچۈن چېكىدىن ئاشقان ئىشلارنى قىلىدۇ، مۇستەقىللىقنى تەشەببۇس قىلىدۇ ياكى شۇنداق تەلەپنى كۆتۈرۈپ چىقىدۇ؟
    ئەگەر بىر كىشى جەمىيەتنىڭ ئادىللىقىدىن ئۈمىدىنى ئۈزسە، ئۇ چاغدا ئۇنىڭ مەجبۇرىي ھالدا تېرورچىغا ئايلىنىپ قېلىش ئېھتىماللىقى چوڭىيىدۇ. پەلەستىن ئىسرائىلىيەگە سېلىشتۇرغاندا ئاجىز، بىراق ئاشۇ ئاجىز تەرەپ ”ئادەم بومدا“دىن پايدىلىنىپ ئۆچ ئېلىشنى باشلىغىنىدا، جاھان ئالدىدا نۇرغۇن يەشمىسىز مەسىلىلەر ئۆزىنى كۆرسەتتى. شۇنداق، كەڭ كۆلەملىك قانلىق ئېلىشىشلاردا، مەن سېنى يېڭەلمەسلىكىم مۇمكىن، بىراق مەن، تېرورلۇق ۋاستىسىدىن پايدىلىنىپ، ساڭىمۇ ئاراملىق بەرمەيمەن! بۇ ھەقىقەتەن بىر دۇنيا خارەكتېرلىك قىيىن مەسىلە. دىمەك، ئەگەر تۇرمۇشتا نۇرغۇن كىشىلەر ئۆزىنىڭ جەمىيەتكە بولغان ئۈمىدۋارلىقىنى يوقىتىپ قويغان، كىچىككىنە غايە-تىلەكلەردىنمۇ مەھرۇم قالغان ۋاقتىدا، ئاجىز پەلەستىننىڭ كۈچلۈك ئىسرائىلىيەگە قانداق تاقابىل تۇرۇشىنى قىياس قىلىشىڭىز تەسكە توختىمايدۇ!
    كىشىلەر ئۆز دۆۋلىتىدە قانۇننىڭ قوغدىشىغا ئېرىشەلمىسە، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ۋەھىمە يامرايدۇ، ھەتتا ئۆچمەنلىك بىخلىنىدۇ. ”مۇقىملىقنى قوغداش“ دەل شۇ تۈزۈملەرنىڭ چىقىش نۇقتىسى ۋە شۇئارى. خەلق ساقچىلىرى (بىلەن پۇخرالارنىڭ) قارشىلىشىشى — بۇ خىل تۈزۈم خىيالىغىمۇ كەلتۈرمىگەن بىر مۇقەرەرلىكتۇر! ئۆچمەنلىك ئالدى بىلەن ياۋائىلىق ساھىپلىرىغا، ئاندىن قوغدالغان ياۋائىلىق ساھىپلىرىغا، ئاخىرىدا پۈتكۈل ”شەھەرلىكلەر“گە ۋە ھۆكۈمەتكە قارىتىلىدۇ. قورقۇنچلۇقى شۇكى، بىز بۇ خىلدىكى ۋەھىمە’نىڭ قەيەردە قايسى بىر ”ئاقىلانە“ رەھبەرنىڭ قانداق بىر يېڭى سىياسىتى تەرىپىدىن ھامىلىگە ئايلىنىدىغانلىقىنى بىلمەيمىز.
    بۇ خىل ئۆچمەنلىك ئاۋامنىڭ ئۆزىنى تۇتىۋېلىش ئىقتىدارىنى سىنىماقتا. قورقۇنچلۇقى، ئۇلار بۇنىڭدىن كېلىپ چىقىدىغان ئىشەنت (كرېدىت) كرىزىسى بىلەن پەرۋايى پەلەك، چۈنكى ئۇلار ياۋائىي كۈچكە چوقۇنىدۇ. ئېيتىپ قويايلىكى، ”ئۇلار“ ياۋائىلىقنىڭ مۇشتىنى ۋە كەمسىتىشنىڭ نەزەرىنى ئۇيغۇرلارنىڭ تېنىدىن نېرى قىلغاي!!
    شۇنداق، بۈگۈن سەن ئۆزۈڭنىڭ ”تەسىر دائىرە“ڭدە مېنى ئۆزۈڭگە قول قويغۇزىسەن، ئۇ ھالدا بۇ جەرياننىڭ ئۆزى بىر خۈنۈك نىزامغا ئايلانغۇسى، ھەمدە بۇ نىزام ھامان بىر كۈنى سېنىڭ بېشىڭغا باپ كەلگۈسىدۇر. ئالايلۇق، سەن باشقا بىر شەھەرگە ياكى سەھراغا بېرىپ قېلىپ، ئۆزۈڭ بىر ”يوچۇن كىشى“گە ئايلانغىنىڭدا، سەنمۇ يەرلىكلەرنىڭ ئانىي تېپىشىغا ئۇچراپ، تەغدىرگە تەن بەرمەكتىن باشقىنى قىلالماي قالىسەن. ساڭا شۇنى دەپ قويايكى، مەن تەغدىرگە تەن بەرمەيمەن! بىز تەغدىرگە تەن بەرمەيمىز! بۇ سېنىڭ دۆلىتىڭ، شۇنداقلا مېنىڭ دۆۋلىتىم؛ بۇ شەھەرلىكلەرنىڭ دۆۋلىتى، شۇنداقلا ”دېھقان ئىشلەمچىلەر“نىڭمۇ دۆۋلىتى؛ بۇ خەنزۇلارنىڭ دۆۋلىتى، شۇنداقلا بىز ئۇيغۇرلارنىڭمۇ دۆلىتى! بۇ بىزنىڭ دۆۋلىتىمىز!! ھەممىمىز گراجدان، ھەممىمىزنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتلىرىمىز ئوخشاش دەرىجىدە ھۆرمەت قىلىنىشى ۋە قوغدىلىشى زۆرۈر!
    دۇرۇس، نۇرغۇنى تەبىئىي ئاپەت، نۇرغۇنى سۈنئىي (ئادىمىي) كۈلپەت. بەزىلىرى ھەتتا تەبىئىي ئاپەتتىن ئادىمىي كۈلپەتكە ئايلانغان — ئەگەردە ئەينى ۋاقتتا كىشىلەردە ھازىرقىدەك ئىدراك بولۇپ، گراجدانلارنىڭ ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىنغان بولسا، ئۇ ھالدا ”ئۈچ يىللىق قىيىنچىلىق“ ھەرگىز ئۈچ يىلغا سوزۇلمىغان بولار ئىدى
    ئاۋامدىن قورققان ھۆكۈمەت — ياخشى ھۆكۈمەتتۇر. گراجدانلارنىڭ ھۆقۇق-مەنپەئەتلىرىنى قوغدايدىغان، ھەرقايسى ئاھالە توپلىرىغا ياكى مىللەتلەرگە باپ-باراۋەر مۇئامىلە قىلىدىغان ھۆكۈمەتلا گراجدانلار ۋە ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ھىمايىسىگە ئېرىشەلەيدۇ.
    بىز سەپىرىمىزنى داۋام قىلماقتىمىز. بىز ئورتاق بىر سەپەر ئۈستىدە. بىز ئۈمىد ئىچىدە. بىز ئۈمىدلىك بولۇشقا ھەقلىق!
    ئۇلار ئۆزلىرى جەمىيەت تەرتىبىنى ساقلاش ئۈچۈن قورال قىلىپ ئىشلىتىدىغان قانۇننى ئوچۇقتىن-ئوچۇق دەپسەندە قىلماقتا! ئەگەر قانۇن قانۇنسىز بولمىسا (ئەلۋەتتە، قانۇننىڭ قانۇنسىز بولۇشى مۇمكىن ئەمەس!)، ئۇنداقتا قانۇنسىز بولغىنى دەل ئۇلارنىڭ ئىمتىيازلىرىنىڭ ئورۇنلۇقلىقىدۇر. كەمسىتىش سەۋەبىدىن ئادىللىق ۋە ھەققانىيلىقنىڭ چىرىشكە يۈزلىنىشى تېخىمۇ خەتەرلىك بىر ئىشتۇر!
    تارىخىي ساۋاقلار ئىنتايىن چوڭقۇر. چېكىگە يەتكەن سولچىل لىنىيە (لۇشيەن) دەۋرىدە، ئائىلە تەركىبى (كېلىپ چىقىشى) ھەممىنى بەگىلەيدۇ، دېيدىغان نەزىرىيە نۇرغۇن ”تەركىبى ناچار“ ياشلارنىڭ ئىستىقبالىنى نابۇت قىلغان، ”ئىنقىلاپ“ نامى ئاستىدا بىر ئىجتىمائىي توپقا قارىتىلغان كەمسىتىش، سان-ساناقسىز تراگېدىيەلەرنى مەيدانغا چىقارغان ئىدى.
    شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ دىھقانلارنى كەمسىتىشىنىڭ بىر قىسىم سىياسەت-قانۇن ماددىلىرىدا ئەكس ئېتىشىنى كىم قىياس قىلالايدۇ؟! 2003- يىلى، سۇن زھىگاڭنىڭ ئۆلۈمى دۆۋلىتىمىزنىڭ شەھەرگە كىرگەن دىھقانلارغا قاراتقان كەمسىتىش خارەكتېرلىك تۈزۈمى — يىغىۋېلىش-يۇرتىغا قايتۇرۇش چارىسى — نىڭ ئاخىرلىشىھسىنى ئىلگىرى سۈردى، نەتىجىدە يىغىۋېلىش پونكىتلىرى ياردەم بېرىش پونكىتلىرىغا ئايلاندى. بۇنىڭدىن سىياسەت قاتلىمىدىكى ئىجتىمائىي كەمسىتىشنىڭ ئۆزگەرتىشكە بولىدىغانلىقىنى كۆرىۋېلىشقا بولىدۇ.
    ئۇيغۇرلار ئىچىدىكى مۇتلەق كۆپ قىسىم كشىلەر نۆۋەتتە ئۆزلىرىنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتلىرىنى سۈكۈت ئىچىدە قولدىن بېرىپ قويماقتا! مەن ئېيتىمەنكى، ھەر بىر كىشى، ھەر بىر مىللەت ئىززەت-ئابروي ساھىبىدۇر. جۇڭگونىڭ قانۇنى جۇڭگو پۇخرالىرى مىللەت، جىنس، دىن ئايرىماستىن، بارلىق ھوقۇقلاردا باپ-باراۋەر، دەپ ئېنىق بەلگىلىگەن. بىراق، رېئال تۇرمۇشتا، ئۇيغۇرلارنىڭ قانۇنىي ھوقۇق-مەنپەئەتلىرى ئۈزلۈكسىز دەخل-تەرىزگە ئۇچرىماقتا، ھەتتا بەزى ھۆكۈمەت ئورگانلىرىمۇ ھاماقەتلەرچە بەلگىلىمىلەرنى چىقىرىپ، ئۇيغۇرلارنى كەمسىتمەكتە!!
    ھەي، ئۇيغۇرلار! سىلەرنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتلىرىڭلار دەخل-تەرىزگە ئۇچرىغاندا، كانىيىڭلارنى قويۇۋېتىپ ئۆز ئاۋازىڭلارنىڭ ئاڭلىتىڭلار! ئاۋامنىڭ نادانلىقى ھاكىمىيەتنىڭ ئۇياتسىزلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ھاكىمىيەتنىڭ ئۇياتسىزلىقى ئاۋامنى نادان ھالەتتە قالدۇرىدۇ.
    23- چىسلا فرانسىيە ئاۋىئاتسىيەسىنىڭ ئا0125 نۆۋەتچى ئايرۇپىلانى بىلەن فرانسىيەنىڭ دۆ گول (دە گائۇللە) ئايرۇدرۇمىغا يېتىپ بېرىپ، ئىنتايىن ئوڭۇشلۇق، ئالاھىدە تەكشۈرۈشلەرمۇ بولمىغان ھالدا ”چېگرىدىن كىردىم“. چىرايلىرىدىن فرانسۇس، ئەرەب، ئافرىقا ئىرقلىرىنىڭ ئىزنالىرى يېغىپ تۇرغان ساقچىلار، تەكشۈرۈشلەر، ئايرۇدرۇم خىزمەتچىلىرىنىڭ دوستانە كۈلۈمسىرەشلىرى، فرانسۇسچە ”خۇش كەلدىڭىز!“، ”پارىجغا كەلدىنىڭىزنى قارشى ئالىمىز!“ دىگەندەك ئاۋازلار، جۇڭگو بېيجىڭدىكى ئوخشاش سورۇندىكى ئەھۋاللار بىلەن ناھايىتى روشەن سېلىشتۇرما شەكىللەندۈرمەكتە ئىدى.!
    3- ئاينىڭ 1- كۈنى فرانسىيە ئاۋىئاتسىيە شىركىتىنىڭ ئا0126 نۆۋەتچى ئايرۇپىلانى بىلەن بېيجىڭغا قيتىپ كەلگىنىمدە، شۇنى چوڭقۇر ھىس قىلدىمكى، فرانسىيە ئاۋىئاتسىيەسىنىڭ بىخەتەرلىك تەكشۈرۈشى ئەمىلىيەتتە بېيجىڭ ئايرۇدرۇمىنىڭكىدىنمۇ قاتتىق ئىكەن!! بىراق فرانسىيەدە ھەرگىز نېگىزلىك تەكشۈرمەستىن، بەلكى رەڭ، دۆۋلەت، تەبىقە (دىپلوماتلارمۇ بۇنىڭ ئىچىدە)، دىن، مىللەت ئايرىماي، ھەممىسىگە ئوخشاش مۇئامىلە قىلىدىكەن!! باراۋەرلىك ياشىسۇن! ھۆرلۈك، كىشىلىك ھوقۇق، مېھرىبانلىق، قانۇن، ۋە تىنچلىق ياشىسۇن!
    مېنىڭ ئۇيغۇر مىللىتىمگە تەسەللىي بېرىشكە نىمە ئاساسىم بولسۇن!! ھەرقانداق بەزلەشلەر دەرمانسىزدۇر. چۈنكى نۇرغۇن ئىشلار ئۆز بېشىمىزغا كەلمىگىچە، ئۇنى چوڭقۇر ھىس قىلالمايمىز. ئۇنىڭ ئۈستىگە، بۇ خىل پەرقلىك مۇئامىلىلەرگە راستىنلا ئامالىمىز يوق. ئىشلار يەنە ئۆز پېتىچە…
    بىر دېموكراتىك جەمىيەتتە، ئوخشىمىغان ئاھالە توپلىرىنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتلىرى ۋە ئۆز خاسلىقلىرى ھۆرمەتلىنىشى كېرەك. بۇ مەسىلىلەر ئەلۋەتتە ھەل قىلىنىشى زۆرۈر، ئەگەر ھەل قىلىنمىسا، بۇ دەل سىياسەتنىڭ مەغلۇبىيىتىدۇر.
    سۆھبەتلەر بولۇشى زۆرۈر. تېرورلۇق، بۆلگۈنچىلىك گۇمانى ئۈچۈنلا ئەيپلەش مەسىلىنى ھەل قىلالمايدۇ. ئوخشىمىغان مىللەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، ئوخشىمىغان تىل، دىنىي ئېتىقاد، تۇرمۇش ئۇسۇللىرى ۋە تەپەككۇر شەكللىرىنى ئۆزىگە سىغدۇرغان بىر جەمىيەت قۇرىمىز دېيدىكەنمىز، ئۆز-ئارا ھۆرمەت قىلىش، كەڭ قۇرساق بولۇش، ئۆز-ئارا پىكر ئالماشتۇرۇشلار بولمىسا بولمايدۇ

    分享到:

    收藏到:Del.icio.us