• ئىگىسى تونۇمىغان گۆھەر __ كىرورەن

    2010-06-15

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    http://www.blogbus.com/bilim-kuq-logs/66092415.html

    ئىگىسى تونۇمىغان گۆھەر __ كىرورەن

    تۇرسۇن ھامۇت ئۈمۈدى

    پايانسىز قۇملۇقنى ئەگىپ ئاقىدىغان تارىم دەرياسى بويىدىكى بوستانلىقلار ئارىسىدا ياشىغۇچى خەلىقلەر ئارىسىدا قۇمغا كۆمۈلۈپ كەتكەن قەدىمقى زاماندىكى نۇرغۇن شەھەر-خارابىلىكلەر ، غەلىتە سۆز-چۆچەكلەر ئىزچىل تارقىلىپ كىلىۋاتىدۇ. تارىم دەرياسىنىڭ ئاخىرقى قۇيۇلۇش نۇقتىسى بولغان لوپنۇر كۆلى بويلىرىغا ماكانلاشقان لوپنۇرلۇقلار ئىزچىل ئۆزلىرىنىڭ ناھايىتى سىرلىق ھالدا يوقىلىپ كەتكەن شەھەر دۆلىتى كىرورانلىقلارنىڭ ئەۋلادلىرى ئىكەنلىكىنى بىلسىمۇ ، ئەمما ئاتا-بوۋىلىرى قۇرغان ئاشۇ سەلتەنەتنىڭ ئەمىليەت ياكى رىۋايەت ئىكەنلىكىنى بىلمەيىتتى .

    تەبىئەتنىڭ رەھىمسىز ئاپەتلىرى بىلەن مۇستەبىت ھاكىمىيەتنىڭ دەھشەتلىك زۇلىمى تۈپەيلىدىن ئۆزلىرىنىڭ ھاياتىنى ئاران ساقلاپ كىلىۋاتقان ئۇلار ئۈچۈن ئەجدادلىرى ھەققىدە ئىزدىنىپ كۆرۈش تولىمۇ ئەخمەقلىق ئىدى.

    ئۇنىڭ ئۈستىگە قۇملۇق ئارىسىدىكى ھىچقانداق بەلگە بولمىغان تار يوللار ، دائىم دىگۈدەك بوران ئۇچۇرۇپ كىلىدىغان قۇملار بىلەن كۆمۈلۈپ قالغاچقا ، ئۇ يەرگە كىرگۈچىلەرنىڭ يولدىن ئادىشىپ قىلىپ جەسىتى چۆلدە قالاتتى

    دەل شۇ پەيىتتە دۇنيانىڭ يەنە بىر چىتىدىكى يىراق ياۋرۇپادا قەدىمىي مەدەنىيەت بۆشۈكى كىروران قىياس ، تالاش-تارتىش كۈچىيىپ ، ئۇنى ئىزدەپ تىپىش ، ئۇنىڭ سىرىنى ئىچىش قىزغىنلىقى كۆتۈرلۈپ ، بىرقىسىم تەۋەككۈلچىلەر جىنىنى ئالقىنىغا ئىلىپ قويۇپ ، بۇ ھالەكەت دىڭىزىغا قەدەم قويدى . ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ھەممىدىن تەلەيلىكى شىئېىتسىيلىك ئىكىسپىدىتسىيچى “سېۋېن ھىدىن “بولۇپ ، ئۇزاق ئۇزاق ئەسىرلەر مابەينىدە قۇم ئاستىدا ئۇيقىغا كەتكەن شەھەر -كىروران ئۇنىڭغا ۋاستىلىك نىسىپ بولدى.

    قىستۇرما:كۆز يەتكۈسىز بىپايان قۇملۇقتىكى كەچكى شەپەق قان چىچىۋەتكەندەك قىزىرىپ كەتكەن بولۇپ ، قۇملۇقنىڭ جەنۇبىدىكى ھاۋا بوشلۇقىدا تۇيۇقسىز كۆھىقاپتەك قارىيىپ،ئۇپۇقتىقى بارخانلار تىزمىسىنىڭ ئۇيەر-بۇيىرىدىن كالتە قۇيۇنلار كۆتۈرۈلۈشكە باشلىدى.تۆت كۈندىن بىرى غەربىي جەنۇپنى نىشانلاپ «بارسا كەلمەس» ئۆلۈم دىڭىزى دەپ ئاتالغان جايغا ئىچكىرىلەپ كىرىپ كىتىۋاتقان بۇ سىرلىق كارۋاننىڭ پەرەڭ خوجايىنى ناتونۇش تۇپراقتا پەيدا بولىۋاتقان ھاۋا ئۆزگىرىشىدىن خاتىرجەمسىزلىنىپ تۆگىلەرنى توختۇتۇشقا بۇيرىدى .قاتار-قاتار چىتىلغان 7-8 تۆگىنىڭ ئالدىدا يول باشلاپ كېتىۋاتقان ئورا كۆز ، قاڭشارلىق ، يۈزىنى قۇيۇق ساقال باسقان ئۇيغۇر يىگىتى مىڭىشتىن توختاپ ، تۆگىلەرگە ئارتىلغان ساندۇق ،تۇلۇملار ئۈستىدە توغراق كۆتىكىدەك چوقچىيىپ تۇرغان كۆزەينەكلىك مىس ساقال خوجايىنغا قارىدى.قارا بوران – دىدى خوجايىن ، ئۇيغۇر يىگىتىگە جەنۇپ تەرەپتىكى ئۆزگىرىۋاتقان ھاۋانى كۆرسىتىپ . يىگىت خوجايىن كۆرسەتكەن تەرەپكە كۆزىنى قىسىپ قارىدى . ئۇنىڭ پىشانىسى بىلەن كۆزى ئەتراپىدىكى يىشىغا ماس كەلمەيدىغان قورۇقلاردىن ، رەھىمسىز تەبىئەتتىكى مۇشەققەتلىك تۇرمۇشنىڭ كارتىنىسى كۆرۈنۈپ تۇراتتى.

    ئۇنى سېرىق بوران دەيمىز تۆرەم ! ئۇ خوجايىنغا چۈشەندۈرۈشكە باشلىدى.- ناھايىتى قاتتىق چىقىدۇ ، بارخانلارنى تۈزلەپ تۈزلەڭلىكلەرگە بارخانلارى بەيدا قىلىدۇ . شۇڭا مۇۋاپىق بىر جاينى تاپمىساق قۇم ئاستىدا قالىمىز .

    كارۋانلار ئورنىدىن ئالدىراش قوزغىلىپ قەدەملەر تىزلەشتى . گۈگۈم چۈشۈپ كارۋانلار يىتىپ كېلىشى بىلەن كارۋانمۇ ئىككى تەرىپى ئىگىز قۇم بارخانلىرى بىلەن قورشالغان كونا دەريا ئىقىنىغا چۈشۈپ ئورۇنلىشىۋالدى . بوراندىن ئىلگىرى كىلىدىغان شامال تۆگىلەرنىڭ تاپىنى ئاستىدىكى قۇمنى خۇددى -ئىقىن سۇدەك بىر يۆلىنىشكە ئىقىتىپ كىتىۋاتاتتى . پەرەڭ خوجايىننى سۈر بىسىشقا باشلىدى . ئۇ ئىلىپنىڭ سۇنىقىنىمۇ بىلمەيدىغان ، ئىلىم-پەن ، مەدىنىيەتتىن قىلچە خەۋىرى يوق ، تىرە تۇماق ، كۈرە جۇۋا ئىچىدىكى يول باشلىغۇچىنى چاقىرىپ ، بۇ جاينىڭ ئىشەنچىلىك ياكى ئىشەنچىسىزلىكىنى سورىدى . خوجايىننىڭ كۆڭلىدىكىنى چۈشەنگەن يىگىت ئۇنىڭغا جاۋاپ بىرىش ئورنىغا ، ئايىغى ئاستىدىكى بىر ئۈچۈم قۇمنى ئىلىپ تارىشىدەك قېتپ كەتكەن بارماقلىرى ئارىسىدىن شىرغىتىشقا باشلىدى . ئۇنىڭ قولىدىن چۈشكەن قۇم يەر بىغىرلاپ ئىقىۋاتقان قۇملارغا قوشۇلۇش بىلەن ، خۇددى سىھىرلەپ قويغاندەك قۇرۇق ئىقىننىڭ ئىككى تەرىپىدىكى ئىگىز قۇم بارخانلىرىغا شىلدىرلاپ چىقىپ كەتتى . خوجايىننىڭ چىرايىغا كۈلكە يۈگۈردى . كىچە ، چۆكتۈرۈلگەن تۆگىنىڭ دالدىسىدا ئەدىيالغا چىڭ ئورۇنىۋالغان خوجايىن ئۆزىنىڭ بۇ سادىق چاكىرى ھەققىدە ئويغا پاتتى.

    “شۇنچە ناچار شارائىت ، قىيىن تۇرمۇش ئىچىدە تۇغۇلۇپ ئۆسكەن بۇ كىشلەردە گەرچە ھازىرقى زامان مەدەنىيتىدىن قىلچە ئەسەرمۇ بولمىسىمۇ ، بىراق ئۇلاردا تەبىئەتتىن كەلگەن ئەقىل ، تۇرمۇش يىتىشتۈرگەن پاراسەت ۋە قانۇنىيەتتىن ئالغان ئىدىراك شۇنچە مول ، ئۇلارنىڭ روھىنى چۈمۈلىدەك تىنىمسىزلىق ، ئۆزلىرى يىتلەيدىغان تۆگىدەك قانائەتچان ، چىدام-غەيرەت ، ئاق كۆڭۈللۈك ۋە ساددىلىق ئىگىلىگەن. ئەگەر ئۇلارنىڭ ھازىرقى ئەقلى ئىلىم-مەرىپەت بىلەن سۇغۇرىلىدىغان بولسا ئۇ چاغدا…” ئەتىسى بوران توختاپ كارۋان مىڭىشقا تەمشەلگەن ۋاقىتتا ، پەرەڭ خوجايىن كىمگىدۇر خاپا بولۇپ ، كايىشقا باشلىدى . ئەسلىدە ئالدىنقى كۈنى خارابە كولىغان جايدا ئۇلارنىڭ گۈرجىكى ئۇنتۇپ قىلىنغانىدى.چىچىلمىسىلا تۆرەم ! دىدى يول باشلىغۇچى يىگىت ئىشنىڭ ماھىيتىنى ئۇققاندىن كىيىن خوجايىنىنڭ ئالدىغا كېلىپ ،-بولىدىغان ئىش بولدى . ئەگەر ماقۇل كۆرسىلە ، گۈرجەكنى مەن تىپىپ كىلەي ، «ئاللاھ» يولۇمنى ئوڭ قىلسا ناماز پىشىنگە ھەر يەردە بولسام يېتىپ كىلىمەن.

    پەرەڭ خوجايىن بۇ قارام يىگىتكە نىمە دىيىشىنى بىلەلمەي تۇرۇپ قالدى . يىگىت ئۆزىنىڭ ئېزىپ قىلىشىدىن ئەنسىرەۋەتقان خوجايىننىڭ كۆزىگە تىكىلىپ تۇرۇپ: ئەنسىرىمىسىلە تۆرەم ! بۇ قۇملۇقتا كۆزۈمنى تىڭىپ قويسىمۇ كۆزلىگەن جاينى تىپىپ بارالايمەن ، دىدى قەتئىي ئىشەنىچ بىلەن.خوجايىن نائىلاج ماقۇل بولدى . چۈنكى يەر ئاستىدىكى خارابە ،قەبرىلەرنى قازىدىغان گۈرجەك بۇ كارۋان ئۈچۈن ھايەتتەكلە قىممەتلىك ئىدى . قۇملۇقتا كەسلەنچۈكتەك مېڭىپ ئۈگىنىپ كەتكەن يىگىت كۆزنى يۇمۇپ-ئاچقۇچە بارخانلار ئارسىدا غايىپ بولدى . ئىككى ئاش پىشىم يول يۈرگەندىن كىيىن گۈرجەك ئۇنتۇلۇپ قالغان جاينى تاپقان يىگىت ، بەلۋىغىبغا تۈگىۋالغان نان بىلەن قورسىقىنى ئەستەرلىۋىلىپ مىڭىشقا تەمشىلۋىدى ، تۇيۇقسىز شامال كۆتۈرۈلدى . ئۇ شامالنىڭ توختىشىنى كۈتمەيلا گۈرجەكنى ئىلىپ يولىغا راۋان بولدى .

    ئىزغىرىن شاماللار ئۇچۇرۇپ كەلگەن قۇم دانچىلىرى ئۇنىڭ ئىزىنى ئاللىقاچان كۆمىۋەتكەن ئىدى . ئۇ توپا-چاڭ ئارىسىدا غۇۋا كۆرۈنىۋاتقان قۇياشنى نىشان قىلىپ خىلى ئۇزاق ماڭغاندىن كىيىن ئۆزىنىڭ ئاللىقاچان يولدىن ئىزىپ قالغانلىقىنى سەزدى . كۆز ئالدىدىكى ئىگىزرەك دۇمبەلچەككە چىقىپ ئەتراپنى پەرقلەندۈرۈپ بىقىش ئۈچۈن يۇقىرىغا ياماشتى.ئۇ دۆڭ ئۈستىگە چىقىپ ئالدىدىكى غەلىتە مەنزىرىگە قارىغىنىچە نىمە قىلارىنى بىلەلمەي داڭ قىتىپ تۇرۇپ قالدى.ئۇنىڭ كۆز ئالدىدا ئەزەلدىن كۆرۈپ باقمىغان سىپىل ، ئۆي تاملىرى خېلىلا مۇكەممەل ساقلانغان كەڭ ، ئازادە كوچا ئىزنالىرى بار ، ئادمسىز بىر شەھەر سوزۇلۇپ ياتاتتى . ئۇ ئەتراپقا بىر قۇر كۆز يۈگۈرۇتكەندىن كىيىن كۆز ئالدىدىكى بۇ ئادەمسىز شەھەرنىڭ ھەقىقەتەن بوران ئىچىۋەتكەن خارابە ئىكەنلىكىنى جەزىملەشتۈردى . دە – دۆڭدىن دۇمىلاپ دىگۈدەك تۆۋەنگە چۈشتى . ئۇ پەرەڭ خوجايىندىن ئېرىشىدىغان بىر نەچچە تەڭگىنىڭ خۇشاللىقىدا خارابىگە كىرمەي ئەتراپتا چىچىلىپ ياتقان ساپال پۇچۇقى بىلەن ھەرخىل بەلگە سىلىنغان ياغاچ، تاشلاردىن بىر قانچىنى تېرىۋىلىپ قۇينىغا سالغاندىن كىيىن ، خۇددى تۇيۇقسىز پەيدا بولۇپ قالغان بۇ خارابىنىڭ يەنە تۇيۇقسىز يوقىلىپ كىتىشىدىن ئەنسىرىگەندەك ئالدىراپ يوئولغا چىقتى . ئۇ ھەر بىر بارخان ئۈستىدىن ھالقىغاندا ياكى ئۇنى يانداپ ئۆتكەندە ئامال بار بەلگە قويۇپ ماڭدى . ئۇنىڭ بارلىق ئەس-خىيالى خوجايىندىن ئارتۇق ئالىدىغان بىر نەچچە تەڭگىدە ئىدى . ئۇ ئاشۇ ئىنئامغا ئىرىشسە خوتۇن – باللىرى بىلەن بىز مەزگىل خاتىرجەم تۇرمۇش كەچۈرەتتى. ئەمما ئۇ ئاشۇ خارابىنىڭ قۇم ئاستىدا نەچچە ئون ئەسىر كۆمۈلۈپ قالغان گۆھەر، قەدىمىي شەھەر-كروران ئىكەنلىكىنى بىلمەيىتتى . قىسقىسى بىلىشكە قۇربى يەتمەيىتتى.

    كىيىنكى كۈنلەردە ھېلقى پەرەڭ خوجايىن سېۋېن ھېدىن ئۆز ئەسلىمىسىدە مۇنداق قۇرلارنى قالدۇرغانىدى : «مىنىڭ ئاشۇ ئاقكۆڭۈل يول باشلىغۇچۇم ، شۇنداقلا دوستۇمنىڭ ئىسمى ئۆردەك بولۇپ ، تىپىك لوپنۇرلۇق ئۇيغۇر ئىدى . 1896-يىل 3-ئاينىڭ 28-كۈنى ئۇنىڭ تەلىيى ئوڭدىن كىلىپ قەدىمىي كروران شەھەر خارابىسىنى بايقىدى ۋە مىنى ئويلاپ باقمىغان مۇھاپىقيەتلەرگە ئىرىشتۈردى.

    دۇرۇس ، ئىقتىسادىي جەھەتتىكى نامراتلىق ، مەدەنىيەت جەھەتتىكى ئەمالىق تۈپەيلى قىممەتلىك گۆھەر كىروران ئىگىسىنى تونىيالمىدى . بىراق ئۇنىڭغا ۋاستىلىك ئىرىشكەن سېۋىن ھېدىن بولسا ئۇ يەردىكى تالاي-تالاي بىباھا ئاسار ئەتىقىلەر ، يازما پۈتۈكلەرنى يۆتكەن كىتىش ئارقىلىق ئۆزىگە ناتونۇش بىر مىللەت ، بىر رايۇننىڭ تارىخىنى تەتقىت قىلىپ ، دۇنياۋى شان-شەرەپكە ئىگە بولدى. ھىلىمۇ شۇكرى ، سېۋىن ھدىن كەڭ قورساق ، كۆپنى كۆرگەن ئىلىم ئەسلى بولۇش سۈپىتى بىلەن ھەقىقەت نۇقتىسىدا تۇرۇپ ، باشقىلاردەك ئۇچرىغاننىڭ ھەممىسىنى ئۆزىنىڭ قىلىۋالماستىن ، ھىچبولمىغاندا ئۆزىنىڭ ئەسلىمىسى ئارقىلىق بولسىمۇ كىروراندىن ئىبارەت بو گۈھەرنى تاپقۇچىنىڭ لوپنۇرلۇق ئۆردەك ئىكەنلىكىدىن مەلۇمات بەردى.

    لىكىن ئۇلۇغ ۋەتەننىڭ ! ئۇلۇغ ئەجدادلىرىنىڭ تارىخىنى بىلىش ۋە ئۇنى تەتقىت قىلىشتەك ئالاھىدە پۇرسەت ئەنە شۇنداق خاتىمىلەندى!!!

    分享到: