• ئۇيغۇرلاردا ئەبگالىق(3)

    2010-06-15

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    http://www.blogbus.com/bilim-kuq-logs/66073725.html

    ئىنسان ئۈچۈن ئۆزىنى چاغلىماي لاپ ئۇرۇش قانچىلىك ئەيىب ۋە قانچىلىك نۇقسان ئىش بولسا، ئۆزىنى خالىس تونۇپ، ئۆزىنى تولۇق چۈشىنىش، لىللاھ باھا بىلەن ئۆزىگە ئىشەنچ تۇرغۇزۇشمۇ شۇنچىلىك ياخشى ۋە شۇنچىلىك ئوبدان ئىش. چۈنكى ھاياتلىقتىكى ھەرقانداق نەتىجە ۋە غەلىبە يېتىك ئىشەنچنى ئۆزىگە مۇستەھكەم ئۇل قىلىدۇ؛ ھەرقانداق زەپەر ۋە نۈسرەت كامىل ئىماننى ئۆزىگە مەزمۇت يول قىلىدۇ!
    شۇ تاپتا ئىدراك بىلەن زەڭ سالساڭ، رېئاللىقتىن نىدا شۇنداق: سەن ئۇيغۇر ئۆزەڭنىڭ قىممىتىنى ئۆزەڭ تولۇق بىلىشىڭ كېرەك. ئۆزەڭنىڭ يۈكسەك باھالىق قىممىتىڭگە ئۆزەپ جەزمەن ئىشىنىشىڭ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۆزەڭنى ھامان باشقىلارنىڭ ئارقىسىدا تۇرۇشقىلا  لايىق چاغلايدىغان، ئۆزەڭنى ھەمىشە باشقىلار بۇرنۇڭدىن يېتىلەپ يۈرۈشكە مۇناسىپ ھېسابلايدىغان مەھكۇم مىجەزلىكىڭنى قەتئىي چۆرۈپ تاشلىشىپ لازىم. بىلمەك كېرەككى، ئىنسان ئۆزىنىڭ قىممىتىنى بىلگەندىلا، ئاندىن ئۇنىڭدا جاسارەت بولىدۇ؛ ئادەم جاسارەت بىلەن كۈرەش قىلىپ ياشىغاندىلا، ئاندىن ئۇنىڭ تۇرمۇشىدا ھەقىقىي مەززە ۋە چىن ھالاۋەت بولىدۇ!
    ئىگىز بۇرنۇڭنىڭ ئۇچىنىلا كۆرمەي، يىراققا نەزەر تاشلاپ تۇرۇپ ئويلان، ئەبگا!

    6 ـ مەرىپەتسىزلىك ۋە پەزىلەتسىزلىك


    سائادەت يولى بىلىم بىلەن ئېچىلىدۇ،
    بىلىم ئال، سائادەت يولىنى تاپ!
    ــ ئەدىب ئەھمەد يۈكنەكى.

    بۈگۈنكى دۇنيادا، ھەر جەھەتتە ئالدىن مېڭىۋاتقان ئىلغار مىللەتلەر مەرىپەت بىلەن پەزىلەتنى ئۆز مىللىتىنىڭ تەرەققىياتىنى يۈكسەكلىك ئاسمىنىدا مەڭگۈ مۇۋەپپەقىيەتلىك پەرۋاز قىلدۇرىدىغان تەڭداشسىز ئىككى قانات دەپ بىلمەكتە. چۈنكى، مەرىپەت ھازىرقى زامان سائادەت خەزىنىسى دەرۋازىسىنىڭ ئالتۇن ئاچقۇچى بولسا، پەزىلەت بۈگۈنكى دەۋر مەدەنىيەت يولىنىڭ يورۇتقۇچىسى ۋە نۇر چاچقۇچىسى بولماقتا.
    بۇ يەردە دېيىلىۋاتقان مەرىپەت (ياكى مەرىپەتلىك بولۇش) ئاددىي ھالدىكى مائارىپ كۆرۈش ۋە مەكتەپكە كىرىپ ئوقۇپ شاھادەتنامە ئېلىشنىلا كۆرسەتمەيدۇ. بەلكى ئۇ تېگى ــ تەكتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئىنسانغا مائارىپ ئارقىلىق، مەكتەپكە كىرىپ ئوقۇش ئارقىلىق، شۇنداقلا رېئال ھايات پائالىيىتى ۋە تۇرمۇش ئەمەلىيىتى ئارقىلىق ئۆزلەشكەن مەدەنىي يېتىكلىكنى كۆرسىتىدۇ. ئەمدى، پەزىلەتكە كەلسەك، ئۇ ئىنسانغا ئۆزلەشكەن مەرىپەتتىن تۆرىلىدىغان، مەرىپەت ئارقىلىق ۋايىغا يېتىدىغان يۈكسەك ئىنسانىي ئەخلاق ئۆلچىكى، شۇنداقلا مەرىپەت كۆزلىگەن غايىنى ئەمەلىيەتكە ئايلاندۇرىدىغان، مەرىپەت ئىگىسىنى ئۇتۇق ــ نۈسرەتكە يېتەكلەيدىغان كاپالەت مىزانى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
    مۇناسىۋەت نوقتىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، مەرىپەت پەزىلەتنىڭ ئاساسى. پەزىلەت بولسا، مەرىپەتنىڭ ساپا تارازىسى ۋە ئۇنىڭ ئەمەلىي ئۈنۈم قازاندۇرغۇچىسىدۇر. بىر مەدەنىي ئىنساندا مەرىپەت بولۇشلا كۇپايە قىلمايدۇ. بەلكى يەنە ئاشۇ مەرىپەتكە مۇناسىپ بولغان پەزىلەتمۇ بولۇشى شەرت. پەزىلەت پەقەت مەرىپەتلىك ئىنساندىلا بولىدۇ. مەرىپەتسىز ئادەمدە بولسا، پەزىلەت بولمايدۇ. بەلكى  ئۇنىڭدا پەقەت ئادەتلا بولىدۇ. ۋاھالەنكى ئادەت چاھارپاي ھايۋاندىمۇ بولىدىغان تۇغما خۇسۇسىيەتتۇر. پەزىلەت بولسا، مەرىپەتتىن تۇغۇلىدىغان مەدەنىي ئىنسانلىق شەرەپ بەلگىسىدۇر.
    ئىستېمال قىممىتى جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا، مەرىپەت كۆمۈكلۈك خەزىنىگە ئەمەس، بەلكى ئىجتىھات سۈيى بىلەن كۆكلەپ تۇرىدىغان دەرەخكە ئوخشايدۇ. ھالبۇكى مەرىپەتنى ئۆز مەۋسۇمىدا بىخلاندۇرۇپ ۋە ئۇنى بەرق ئۇرغۇزۇپ كۆكلىتىپ تۇرىدىغان نەرسە دەل پەزىلەتتۇر. مۇشۇ مەنىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، پەقەت پەزىلەتلىك ئىنسانلا ئۆز ئېڭىدىكى مەرىپەتنى ئەمەلىيەت مەيدانىدا راۋرۇس گەۋدىلەندۈرەلەيدۇ ۋە ئۇنىڭ بىلەن ئۆز مىللىتىگە، ئۆز خەلقىگە، ھەتتا پۈتكۈل ئىنسانىيەتكە چەندىكىدەك بەھرە يەتكۈزەلەيدۇ. ئى ئەزىز قېرىندىشىم، ھازىرقى زامان ئىلغار مىللەتلىرىنىڭ بەس ـ بەستە مائارىپ ئىنقىلابى قوزغاپ، مۇناسىپ ھالدىكى پەزىلەتكە ئىگە مەرىپەتلىك ئالىملاردىن تەشكىل تاپقان كەڭ كۆلەملىك ۋە مۇنتىزىم زىيالىلار قوشۇنىنى شەكىللەندۈرۈشكە شۇنچە ئەھمىيەت بېرىشىنىڭ سەۋەبىمۇ دەل مۇشۇ يەردە!
    لىللاھ مەيداندا تۇرۇپ ئېيتقاندا، ئۇيغۇرلار ھازىرقى زامان مەدەنىيىتىگە ئۆز پەيتىدە يۇزلىنىشكە جۈرئەت قىلالمىغان مىللەت ياكى مائارىپ ئىنقىلابى قوزغاپ ئۆز ئېلىدە مەرىپەت ئېكىنزارلىقىنى بەرپا قىلىشقا تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ باقمىغان مىللەتمۇ ئەمەس. مۇشۇ 20 ـ ئەسىرنىڭ 30 ـ ۋە 40 ـ يىللىرىدىكى «مەدەنىي ئاقارتىش ھەرىكىتى» ئەمەلىيەتتىكى مائارىپ ئىنقىلابى بولۇپ، شۇ مەزگىلدە، ئابدۇقادىر داموللا، مۇھەممەد ئەلى تەۋفىق، مەسئۇد سەبرى، مەھمۇد مۇھىتىدەك ئۆزى مەكتەپ ئېچىپ، ئۆزى بالا يىغىپ، ئۆزى دەرس سۆزلەيدىغان مائارىپ گېنېراللىرى مەيدانغا چىققان. مۇھەممەد ئەلى تەۋفىق ئەپەندى باش بولۇپ ئوقۇغان مائارىپ مارشى ـــ  «ئىزچىلار ناخشىسى»نىڭ ساداسى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ پۈتكۈل يېزا ـ قىشلاقلىرىنى قاپلىغان. گەرچە شۇ چاغلاردا، ئابدۇخالىق ئابدۇرەھمان ئۇيغۇرى، لوتپۇللا مۇتەللىپ قاينام ئۆركىشى قاتارلىق مەرىپەت جەڭچىلىرى ئوتتۇرىغا چىققان، پۈتكۈل ماھارىتىنى ئىشقا سېلىپ تەشۋىق قىلغان، ھەممە ئامال چارىلەر بىلەن، ھەتتا ئەزىز جېنى ۋە ئىسسىق قېنى بىلەن پىداكارلىق كۆرسەتكەن بولسىمۇ، بىراق پەزىلەت يوقىلىپ ئادەتلا قالغان زىيالىيلار ئاممىسى ئويغانمىغانلىقتىن، ئاخىرىدا ئەسەبىي جاھالەت كۈچلىرى تەرىپىدىن مەغلۇب قىلىۋېتىلگەن.
    جۇڭگودا جۇمھۇرىيەت قۇرۇلغاندىن كېيىن، خۇسۇسەن شىنجاڭدا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغاندىن بۇيان، ئۇيغۇرلاردا زامانىۋى پەننىي مەكتەپتە ئوقۇغانلار كۆپەيدى. ھازىرقى زامان ئىلىم ـ پېنى بويىچە بىلىم ئېلىپ، باشلانغۇچ، ئوتتۇرا ۋە ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەنلەرنىڭ سانى 30 ـ ۋە 40 ـ يىللاردىكىگە سېلىشتۇرغاندا، كۆرىنەرلىك دەرىجىدە ئاشتى. بۇ ــ ئەمەلىيەت. بىراق سان ـ سىپىرنىلا كۆرۈپ ھاياجانلىنىپ كەتمەي، سۈپەت ــ ساپا ئۆلچىكىنى تارازا قىلىپ تۇرۇپ، ئۇيغۇر زىيالىلىرىنى ئومۇمىيەت جەھەتتىنمۇ، خاسلىق تەرەپتىنمۇ ئىنچىكىلىك بىلەن تارازىلاپ كۆرىدىغان بولساق، مائارىپ كۆرۈپ، شۇ مائارىپنى ئۆزلەشتۈرگەن، ئىلىم قۇرۇلمىسى مەھكەم، ئەخلاق تۈزۈلمىسى مۇستەھكەم بولغان زىيالىيلارنىڭ بىز بىلەن زامانداش ياشاۋاتقان ئىلغار مىللەتلەرنىڭ شۇ ئۆلچەكتىكى زىيالىيلىرىغا قارىغاندا، ئاسمان ـ زېمىن پەرقلىق دەرىجىدە تۆۋەن تۇرىدىغانلىقىنى، ئەدناسى ئۇيغۇردا تېخى مۇناسىپ پەزىلەتكە ئىگە ھەقىقىي مەرىپەتلىك ئالىملاردىن تەشكىل تاپقان زىيالىيلار قوشۇنىنىڭ زامانغا لايىق كۆلەمدە شەكىللەنمىگەنلىكىنى ئەلەم بىلەن ھېس قىلىمىز.
    دەرۋەقە بىر قەۋمدە مۇئەييەن بىر خىل ئىلىم بويىچە بىلىملىك بولغان ئالىملارنىڭ جىق ياكى ئاز بولۇشى ھېچقانچە گەپ ئەمەس. بىراق بىر مىللەتتە، ئىلىم ئالدىدا ھەممە ئادەمنى باب ـ باراۋەر كۆرىدىغان، ئوتتۇراق ئىستەك، ئوتتۇراق غايە نوقتىسىدا تۇرۇپ بىر ـ بىرىنى ئېتىراپ قىلىشىدىغان مەرىپەتلىك ۋە پەزىلەتلىك ئالىملار قوشۇنىنىڭ بولۇش ـ بولماسلىقى بولسا، شۇ مىللەت زىيالىيلىرىنىڭ ساپاسىغا تالىق بولغان بىر مۇھىم ئىش بولۇپلا قالماستىن، بەلكى ئۆز نۆۋىتىدە يەنە شۇ مىللەتنىڭ تەرەققىيات ئىستىقبالىغا ۋە تەقدىرىگە مۇناسىۋەتلىك بولغان ھەل قىلغۇچ ئەھمىيەتكە ئىگە زور ئىش، ئەلۋەتتە. ھېكايە، جۇڭگودا نۆۋەتتىكى يۇقىرى سەۋىيەلىك ئىلىم ـ پەن بويىچە مەزمۇت قەدەم بىلەن تەرەققىي قىلىشنى كاپالەتكە ئىگە قىلىپ، دۇنيانى ھەيران ـ ھەسلەكتە قالدۇرىۋاتقان  «863 پىلانى» دەيدىغان بىر پىلان بار. بۇ پىلان ئەسلىدە، جۇڭگودىكى نەچچە ئون ئاتاقلىق ئالىمنىڭ بىرلىشىپ دېڭ شىياۋپىڭغا خەت يېزىشى ۋە دېڭ شىياۋپىڭنىڭ 1986 ـ يىلى 3 ـ ئايدا  «بۇ پىلان تەخىرسىز ئىجرا قىلىنسۇن» دەپ تەستىق سېلىشى بىلەن ۋۇجۇدقا كەلگەن. بۇ يەردىكى ئالتۇنغا تېگىشكىلى بولمايدىغان بىباھالىق شۇكى، نەچچە ئون ئالىم بىر مۇددىئا، بىر غەرەز ۋە بىر ئارمان ئاساسىدا، بىر يەرگە جەم بولۇپ، بىر يۇمىلاق شىرەنى چۆرىدەپ ئولتۇرالىغان؛ بىر بۈيۈك ئىستەك ئۈچۈن بىر ياقىدىن باش چىقىرىپ، كۆڭلىدىكى ئوخشاش ئارزۇ ھەققىدە كەڭ ـ كۇشادە سۆزلىشەلىگەن؛ بىر ئۇلۇق مەقسەت ئاساسىدا بىر يەڭدىن قول چىقىرىپ، ئوتتۇراق پىكىرلىرىنى بىر قەغەز ئۈستىگە بىرلىكتە يازالىغان. مانا بۇ  ــ مەرىپەتنىڭ گۆھەر مىسال سەمەرىسى! مانا بۇ  ــ پەزىلەتنىڭ ئالماس تىمسال نەتىجىسى!
    ئەبگا ئۇيغۇردىكى ئەھۋال گويا دەل بۇنىڭ ئەكسىچە. ئالدى بىلەن مەيلى خاس ئىلىم بويىچە بولسۇن ۋە مەيلى ئومۇمىي بىلىملەر بويىچە بولسۇن، زاغرا تىل بىلەن ئېيتقاندا، قورسىقىدا ھەقىقىي ئۇمىچى بار، تۈزۈكرەك بىر نېمە بىلىدىغان ئالىملار سان ـ سالماق جەھەتتىن بەكلا ئاز. ئالىم ئاز بولغىنىغا باقماي، بارلىرى بىر ــ بىرىدىن داغۋاز. ھەر قانداق بىر ئالىمنىڭ ئالدىغا بارساڭ، گېپىنى خۇلاسىلاپ كېلىپ،  «باشقىلارنىڭ ھەممىسى سامان قورساق، مەنلا يالغۇز بىلىمەن» دېگەن پىكىرنى ئىما بىلەن ساڭا بىلدۈرىدۇ. قانداقلىكى بىر ئۆلىمانىڭ ھۇزۇرىدا بولساڭ، گەپ ئايلاندۇرۇپ كېلىپ، «باشقىلارنىڭ ھەممىسى باتىلغا شىرىك، ئاللاھ تەلىماتىنى مەنلا پىششىق بىلىمەن» دېگەن يەكۈنگە سېنى ئىزاھات بىلەن كۆندۈرىدۇ. بويداش ئالىملار خۇددى يەككە دېھقانغا ئوخشاش ھەر قايسىسى ئۆز ئېتىزلىرىدا يېگانە ئىشلىگىنى ئىشلىگەن، ئىلىم يولىدا بىر ــ بىرىنى قوللاشمايدۇ. قوللاشمايدۇلا ئەمەس، ئاي ئۆتۈپ، يىل ئۆتۈپ بىر ئىلىم سورۇنىدا ئولتۇرۇپ ئوبدانراق گەپلەشمەيدۇ. ياش ئالىملار پىشقەدەم ئالىملاردىن سايىۋەن تاللايدۇ. پىشقەدەم ئالىملار بولسا، ياش ئالىملار ئىچىدىن يانتاياق خىللايدۇ. ئۇ يەردە ئىككى توك ــ توك، بۇ يەردە تۆت سوك ــ سوك مەزھەپ بولىشىۋالغان. بىرلىرىنىڭ ئىش ــ ئەمگىكىنى ئىككىنچى بىرلىرى قەستەن ۋە قەتئىي ياراتمايدۇ. تەتقىقات دېسە، كونا كىتابلارنى ئېزىپ ئىچىش دەپ بىلىدۇ. ھەممەيلەن  «كۆلتېگىن مەڭگۈ تېشى» نى سۆزلەشكە ئامراق. ئۆتمۇش، ئۆتۈپ كەتكەن رەھمەتلىكلەر ھەققىدە، ئەجدادلارنىڭ بۈيۈكلۈكى توغرىسىدا سۆز بولسا، گەپ تالىشىپ ھاياجاندىن يىغلىۋەتكىلى تاس قالىدۇ. رېئاللىق ھەققىدە، ئەۋلادلارنىڭ بۈگۈنى ۋە ئىستىقبالى، ۋەتەننىڭ كەلگۈسى ۋە مىللەتنىڭ تەقدىرى توغرىسىدا سۆز ئېچىلغاندا بولسا، ئېھتىياتتىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ، تىكىۋەتكىلى تاس قالىدۇ. بەش ـ ئون ئالىم بىر يەردە ئولتۇرۇپ، قانلىق كۈرەشلەر بەدىلىگە كەلگەن مۇبارەك ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ بۈگۈنى ۋە ئەتىسى ھەققىدە ئۆز ئويلىغانلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇشۇپ، كوللىكتىپ پىكىر لايىھەسى تۈزۈپ، ئۇنى يۇقىرىدىكى ئىش باشقۇرغۇچى ۋەلىيلەرگە يەتكۈزۈش دېگەنلەر بولسا، ئۇخلىسا چۈشىگىمۇ كىرمەيدۇ.
    ئاندىن زالىم ئالىملار كۆپ. خاتالىقنى، تەتۈرلۈكنى ئۇنىڭ خاتالىق ۋە تەتۈرلۈك ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ قىلىدىغان ئۇقۇمۇشلۇق ئادەملەرنى «زالىم ئالىم» دەيمىز. مەھەللىۋازلىق، يۇرتۋازلىق ۋە تەپرىقىچىلىق بىزدەك ساندا ئاز، قېرىنداشلىق ئورۇندا ياشاۋاتقان مىللەت ئۈچۈن ئېيتقاندا بەجايىكى مەرەزنىڭ ئۆزى. بۇنى ئالدى بىلەن ئوقۇغانلار، مائارىپ كۆرگەنلەر، ئالىملار ئەڭ بىلىدۇ. بىراق ئالىملار ئېنىق بىلىپ تۇرۇپ، مەھەللىۋازلىقنى باشلاپ قىلىدۇ: ئوقۇش پۈتتۈرگەن بىر ستۇدېنت خىزمەت ئىزدەپ كەلسە، ئالدى بىلەن  «سىز قەيەرلىك؟» دەپ سورايدۇ. يۇرتداش بولسا، تىكىلىپ قارايدۇ؛ يۇرتداش بولمىسا، دەرھال بېشىنى بۇرايدۇ. مەنمەنلىك، يېگانىلىقنى قوغلىشىش مەرىپەت بىلەن ئۇيۇشقان مەدەنىي بىر گەۋدە ھاسىل قىلىشنىڭ ئەڭ ئەشەددى دۈشمىنى. بۇنى ئالىملار بەك بىلىدۇ. شۇڭا، ئۇلار ھەمىشە «يېگانىلىق بىر ئاللاھقا خاستۇر» دەپ باشقىلارغا تەنبىھ بېرىدۇ. بىراق ئۇلارنىڭ ئەمەلىيەتتە قىلىۋاتقان ئىشى «مەنلا ئالىم بولسام باشقىلار ماڭا ئەبەدىي تالىپ بولسا» دېگەننى ئىسپاتلاپ تۇرىدۇ. ھېكايە، بىر پىشقەدەم ئالىم بىمار بولۇپ، دوختۇرخانىدا يېتىپ قاپتۇ. مەزكۇر ئالىمغا بۇرۇندىنلا چوقۇنىدىغان ۋە ئۇنى ئۇلۇغلايدىغان بىر ياش زىيالىي ئېھتىرام بىلەن ئالىمنى دوختۇرخانىغا يوقلاپ كەپتۇ. ئەۇسۇسكى، بۇ يوقلاپ كەلگۈچىنىڭ  «ئەسسالام!» دېگەن ئاۋازىنى ئاڭلىغان كېسەل ئالىم دەرھال يۈزىنى تام تەرەپكە ئۆرۈپ يېتىۋاپتۇ. يوقلاپ كەلگۈچى قانچە ئىززەت ۋە قانچە ئىكرام كۆرسەتكەن بولسىمۇ، ئالىم بىر نەزەرمۇ ئىلتىپات قىلماپتۇ. ئاخىرىدا كېسەل ئالىمنى بېقىۋاتقان ھەمراھ كىشى ئۆزرە بىلەن، يوقلاپ كەلگۈچىنى كېسەلخانىدىن چىقىپ كېتىشكە تەۋسىيە قىپتۇ ۋە ئۇنى ئىشىكنىڭ سىرتىغا ئۇزىتىپ چىقىپ:  «سىز يازغان ھېلىقى پالانى ئادەممۇ ئۇيغۇردىن چىققان بۈيۈك ئالىم، دېگەن ماقالىڭىزنى ئالىم تۈنۈگۈن كۆردى» دەپتۇ. ئاللاھۇ ئەكبەر! مەسىلە ئايدىڭ بولدىكى، مەزكۇر مۆتىۋەر ئالىم يەنە بىر ئادەمنى ئۆزى بىلەن تەڭ ئورۇنغا قويۇپ ماختاشقا ئۆلسىمۇ رازى بولمايدىكەن. ۋاھالەنكى، بۇ جاھان ئىشلىرىنىڭ بىرلا ئەمەس، بەلكى بىر تۈركۈم داھىيلارنىڭ شەخسىيەتسىز ھەمكارلىقى بولغاندىلا ۋە بىرلا ئەمەس، بەلكى توپ ــ توپ ئالىملارنىڭ  «مەن» دېگەن ئۇقۇمنى ئۇنۇتقان ھالدا، بىر گەۋدىگە  «بىز» بولۇپ ئۇيۇشۇپ، ئوتتۇراق كۈرەش قىلىشى بولغاندىلا، ئاندىن ئۇتۇقلۇق يۈرۈشىدىغانلىقىنى بىزنىڭ ئالىملىرىمىز بىلمىسە ئىدى، كاشكى!
    يەنە دېسەك، پالەچ ئالىملار تولا. ئېغىزىدا شەھەر ئالىدىغان،  «ئۇنداق قىلىش كېرەك، مۇنداق قىلىش لازىم» دەپ ئېغىزىدا قۇرۇق داۋراڭلا سالىدىغان، ئەمەلىيەتتە ئۆزى پائالىيەت قىلمايدىغان، ئۆز ئەمەلىيىتى ئارقىلىق مىسال كەلتۇرەلمەيدىغان ئالىمنى  «پالەچ ئالىم» دەيمىز. پالەچ ئالىملار ئەڭ ھەسەتخور ۋە چايان مىجەز كېلىدۇ. كىم ئەمەلىيەت بايرىقىنى كۆتۈرۈپ، ئىلىم ساھەسىدە يېڭىلا باش كۆرسەتسە، ئۇلار مەزكۇرنى تونۇمىسىمۇ، قالايمىقان سۆزلەپ، زىيىنىغا باھالاپ، دەرھال تۇنجۇقتۇرىۋېتىشكە ۋە ئۇنى يوققا چىقىرىۋېتىشكە ئورۇنىدۇ. ئۇلار بىر نەرسە بىلمەيدۇمۇ ئەمەس، ئانچە ــ مۇنچە بىلىدۇ. ئۇلار ئاز ــ تولا بىر نېمە بىلگەنلىكى ئۈچۈنلا، سورۇن تاپسىلا كاسىلداپ، تۆت ئادەمنى ئېغىزىغا قارىتالايدۇ. بىراق، يېرىم چىلەك سۇ بەكرەك شالاخشىغاندەك، ئۇلارنىڭ ئېغىزىدىكى گېپى ھەممىدىن چوڭ، چەكلىك بىلىمى بىلەن چەكسىز لاپ ئاتىدۇ. ئۇلارنىڭ ئەڭ ئۆچ كۆرۈدىغىنى ئېغىزىدا دېگىنىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتەلەيدىغان ئەمەلىيەتچى ئالىملار. ئۇلار پەزىلەتسىزلىكتە زالىم ئالىملار بىلەن دوست تارتىشىپ، پىتنە ــ پاسات ئارقىلىق، ئەمەلىيەتچى، پائالىيەتچى ئالىملارنىڭ ئالدىنى ئويۇپ، كەينىنى كولاپ تۇرغاچ، ئۇيغۇر ئىلىم ساھەسىدە تا شۇ كۈنگىچە ئەجدادلارنىڭ كۆڭلىنى تىندۇرغىدەك، ئەۋلادلارنىڭ قەلبىنى ئىنتىلدۈرگىدەك سەر خىل ئالىملار قوشۇنى شەكىللىنەلمەيۋاتىدۇ.
    ئىلىم ئەھلى ئىچىدىكى بۇ خىل ئەمەلىيەتتىكى مەرىپەتسىزلىك ۋە ئېغىر دەرىجىدىكى پەزىلەتسىزلىك ئىللىتىنى تۈگەتمەي تۇرۇپ، پۈتكۈل ئۇيغۇر خەلقىنىڭ زامانغا ماس قەدەمدىكى مەدەنىيەت ساپاسى ھەققىدە ئېغىز ئاچقىلى بولمايدۇ. شۇڭا، ۋىجدانغا ئۈندەش يولى بىلەن ئالىملىرىمىز ئىچىدىكى جىددى نۇقسانلارنى ئىمكان بار تېز پۇرسەتتە تۈزىتىش لازىم.
    ئىجىل ــ ئىناق بولۇپ، ئۆمۈر بويى ئۆز ئارا ھەمدەم بولۇشۇپ، بىر دىل، بىر نىيەت بىلەن بىرلىكتە كۈرەش قىلىش ھەر قانداق بىر ئالىم ئۈچۈن باش پەزىلەت. ئىناقسىزلىق ئۇيغۇرنىڭ ئەسلى خاراكتېرى ئەمەس، ئۇ پەقەت ئەبگالىقنىڭ مەھسۇلى. ئەسلىدە ئۇيۇشقاق ئۇيغۇر ئەجدادتىن تۆرەلگەن تۇرۇپ، ئەمەلىيەتتە ئۇرۇشقاق ئويغۇر (  oyqur) ئەۋلاد بولۇپ ياشاش نومۇس. بۇ زاكوننىڭ ھەقىقىتىگە چوڭقۇر چۆككەن ۋە ئۇنى ئۆز ئەمەلىيىتىدە كۆرسەتكەن ئالىملار بىزدە يوق ئەمەس. ئالايلۇق، تېيىپجان ئېلىيوپ بىلەن ئابدۇكېرىم خوجايوپنى. ھېكايە، ئەقىدىلىك خەلق شائىرى، پەزىلەتلىك جامائەت ئەربابى مەرھۇم تېيىپجان ئېلىيوپ قەدىمىي ئۇيغۇر شەھىرى ئىلىدا تۇغۇلۇپ ئۆسكەن ئۇيغۇر ئىدى. ئەل سۆيەر شائىر، تالانتلىق تەرجىمىشۇناس ئالىم مەرھۇم ئابدۇكېرىم خوجايوپ بولسا، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ شەرقىي دەرۋازىسى بولغان قۇمۇللۇق ئۇيغۇر ئىدى. تېيىپجان ئېلىيوپ كىچىكىدىن تارتىپلا ئۇيغۇرچە مەكتەپتە ئوقۇپ ئوڭ بولغان، باشتىن ـ ئاياغ ئۇيغۇر مۇھىتىدە ئۆسۈپ چوڭ بولغان زات ئىدى. ئابدۇكېرىم خوجايوپ بولسا، لەنجۇ شەھىرىدە دۇنياغا كۆز ئاچقان، كىچىكىدىن خەنزۇچە مەكتەپتە ئوقۇپ، دەسلەپكى شېئىر ـ قوشاقلىرىنى خەنزۇچە توقۇپ چوڭ بولغان كىشى ئىدى. تىللاردا داستان بولۇپ كېلىۋاتىدۇكى، ئۇلار پەقەت مەرىپەتلىك ۋە پەزىلەتلىك زاتلار بولغانلىقى ئۈچۈنلا، ئوتتۇراق ئىستەك بىلەن ئۇيغۇر تىل ـ ئەدەبىياتى ۋە تەرجىمىشۇناسلىقى ساھەسىدە، ئۆمۈر بويى ئەقىدىداش سەپداش، ھەمنەپەس يولداش ۋە ئارزۇلۇق قولداش بولۇپ ئۆتكەن. ئۆز زامانىدا تېيىپجان ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقلىق ئابدۇكېرىم خوجايوپقا ئۇيغۇر تىلى ۋە ئەدەبىياتنىڭ سېھرى كۈچىنى تونۇتقان ۋە ئۇنى دوستانە يېتەكلەپ ئۆز ئانا تىلى بىلەن شېئىر يېزىشقا ئۆگەتكەن بولسا، ئابدۇكېرىم خوجايوپ تېيىپجان ئېلىيوپنىڭ شېئىرلىرىنى خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلىپ، ئۇنى «خەلق گېزىتى» قاتارلىق جۇڭگونىڭ ئاتاقلىق گېزىتلىرىدە ئېلان قىلدۇرۇپ، تېيىپجاننى جۇڭگوغا، ھەتتا پۈتۈن دۇنياغا تونۇتقان. شۇنداق قىلىپ، تېيىپجان تونۇلدى. ئابدۇكېرىم ئۇنتۇلدىمۇ؟ ياق! ئۇنىڭ مۇنداق ئەقىدىۋازلىقى ۋە مۇنداق ئالىيجاناپلىقى پۈتكۈل ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قەلبىنى ئىشغال قىلدى. شۇندىن بۇيانەت ئۇيغۇر خەلقى تېيىپجان ئېلىيوپنى ئابدۇكېرىم خوجايوپ دېگەن مۇبارەك نام بىلەن بىللە زىكرى قىلىدىغان بولدىكى، مانا بۇ ـــ نەق پەزىلەتنىڭ نەتىجىسى.
       خەلق ئۆز ناخشىلىرىدا: «ئالىملار ئالەمنىڭ، ئىنساننىڭ جېنى، ئالىمنىڭ يەيدىغىنى خەلقنىڭ غېمى» دەپ تەرىپلەيدۇ. مېنىڭچە بۇ خەلقنىڭ ئالىملارنى ئېغىزىنىڭ ئۇچىدا شۇنداقلا بىر ماختاپ قويغىنى ئەمەس. بەلكى ئۇ چىن قەلبىدىن ئالىملارغا بەرگەن تەبىرى ۋە باھاسى. ئالىمى يوق مىللەت مىللەت ئەمەس. خەلقنىڭ غېمىنى يېمەيدىغان ئالىم ئالىم ئەمەس. بىراق خەلقنىڭ غېمى ئۇنداق بىرلا ئالىم يەپ تۈگىتەلەيدىغان غەممۇ ئەمەس. شۇڭا خەلقنىڭ ئۆز ئالىمىدىن ئېھتىرام بىلەن ئالىدىغان بىرىنچى ئىمتىھانى «ئىناقلىق پەزىلىتى بارمۇ ـ يوق؟» دېگەندىن ئىبارەت. خەلقنىڭ غېمىنى يېيىش، خەلقنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن باش قاتۇرۇش يولىدا، ئۆز ئارا بىر ـ بىرىنى ئېتىراپ قىلىشىپ، بىر ـ بىرىنى قوللىشىپ، بىرسىنىڭ يېتەرسىزلىكىنى ئىككىنچىسى تولۇقلاپ، ئىككىنچىسىنىڭ خاتاسىنى ئۈچىنچىسى توغرىلاپ ماڭىدىغان پەزىلەتلىك ئالىملارنى خەلق بەك تونۇيدۇ ۋە ئۇلارنى ئەۋلىيا كەبى ھۆرمەتلەيدۇ، ئەبەدىي سۆيىدۇ!
    ئېغىزىدا دېگەننى ئۆز قولى بىلەن قىلىپ كۆرسىتەلەيدىغان ئەمەلىيەتچان، ئىش ـ ھەرىكەتتە باشچى، پائالىيەتچان ۋەكۈرەشچان بولۇش بىر ئالىم ئۈچۈن بۇرچ پەزىلەت. ئالىمنىڭ قىممىتى ئاداققىي جەھەتتىن ئېيتقاندا، ئۇنىڭ قانداق دەبدەبىلىك گەپلەرنى قىلغانلىقى بىلەن ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ ئۆزىنىڭ دېگىنىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قانداق پايدىلىق پائالىيەتلەرنى قىلغانلىقى بىلەن ئۆلچىنىدۇ. ھېكايە، بۈيۈك بوۋىمىز ئەلىشىر نەۋائى ئىبنى غىياسىدىن بەش ئەسىرنىڭ مابەينىدە ئۇيغۇرلارنىلا ئەمەس، بەلكى پۈتكۈل تۈركىي خەلقلەرنى سۆيۈندۈرۈپ كېلىۋاتقان ئۇلۇغ ئالىم. ئۇ ھېلىقىدەك ھايات ۋاقتىدا ئىشىكنى تاقاپ ئولتۇرۇپ كىتابلا يېزىپ، ۋاپاتىدىن كېيىن ئاندىن خەلق تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنغان زات ئەمەس. بەلكى ئاشۇ ئەقىل يېشىغا يېتىپ، ئىلمىي ئەمگەك ۋە تۇرمۇش ئەمەلىيىتىگە ئىشتىراك قىلغىنىدىن باشلاپلا خەلقنىڭ ئاپىرىنلىق قايىللىقى، سۆيۈنگەن كۆڭۈللەرنىڭ بىردەكلا مايىللىقىغا مۇيەسسەر بولغان ئەجداد ئىدى. ھىرات ئۇيغۇرلىرى، شۇنداقلا پۈتكۈل خۈراسان خەلقى ئالىم نەۋائىغا شۈ دەرىجىدە ئىخلاس قىلاتتى ۋە ئۇنىڭ ھەر بىر قەدەم، ھەر بىر ھەرىكىتىدىن ئۆرنەك ئېلىشنى شۈ دەرىجىدە شەرەپ بىلەتتىكى، بىر نۆۋەت نەۋائىنىڭ چىشى ئاغرىپ قېلىپ، بوغىزى بىلەن قوشۇپ ئىششىپ كەتكەنلىكتىن، كوچىغا چىققاندا، ئالىم بىر ياغلىق بىلەن بويۈن ـ بوغۈزىنى تېپىۋالسا، ئەتىسىدىن باشلاپ ھىرات ئاياللىرى شۇ تەرىقىدە بوينىغا ياغلىق چىگىۋېلىشنى مودا قىلىۋالغان. نېمە ئۈچۈن خەلق نەۋائىنى دوراشقا ۋە ئۇنى ئۆرنەك قىلىشقا شۇ دەرىجىدە ئامراق؟ بۇنىڭ سەۋەبى، ئۇ زاتنىڭ ئەزەلدىن ئەبەتكە تىلى بىلەن دىلى ماس، گېپىدىن ھەرىكىتى ئايرىلماس بولۇپ، ئىلمىي ھاياتنىڭ تۈرلۈك مەزمۇنلىرى بويىچە ئوخشاشلا ئەمەلىيەتچان ۋە پائالىيەتچان بولغانلىقىدا. خەلق بىلىدۇ، نەۋائى ئۆز زامانىسىدا ئادەتتىكى ھەرقانداق بىر پۇقراغا ئوخشاشلا قولىغا قورال ئېلىپ، ھىراتنى قوغداش جېڭىگە قاتناشقان. ئۇ ئاستىراباتقا ھاكىم بولغاندىمۇ، ئوردىدا ئەمىر بولغاندىمۇ، ئوخشاشلا تۇرمۇش ئەمەلىيىتىگە چوڭقۇر چۆكۈپ، ھاكىميەتنى ئادىل سورىغان. كۇتۇپخانا قاتارلىق مەرىپەت ئەسلىھەلىرىنى بىنا قىلغاندىمۇ، ئالىملارنى تەشكىللەپ، ئۇيۇشتۇرۇپ ئەنجۇمەن تۈزگەندىمۇ ئوخشاشلا ھەمىشە ئۆزى قول تىقىپ ئىشلىگەن، ھامان ئۆزى پائالىيەتنىڭ بىرىنچى سېپىدە تۇرغان. شۇڭا ئۆز ۋاقتىدا ئەلىشىر نەۋائىنىڭ پۈتكۈل ئۆمۈر پائالىيىتى ھۆرمەت بىلەن  «ھايات بېغى» دەپ تەرىپلەنگەن. يەكۈن شۇكى، ئەمەلىيەتچانلىق مەرىپەت ئەھلىنى قىممەتلىك ۋە ئەزىز قىلىدۇ. پائالىيەتچانلىق ۋە كۈرەشچانلىق ئالىمنى خەلق قەلبىدە مۆھتەرەم ۋە ئۇنتۇلغۇسىز قىلىدۇ!
    ئەلۋەتتە بىز چوڭلار، دادا ۋە ئانا زىيالىلار ئۆزلىرىمىزدىكى پەزىلەتسىزلىكنى تۈگەتكەندە، ئاندىن گېلىمىزنى قىرىپ تۇرۇپ، بالا زىيالىلارغا، خۇسۇسەن مەكتەپتە ئوقىۋاتقان ئىز باسارلارغا تەربىيە قىلساق ئۈنۈمى بولىدۇ.
    پىشقەدەملەرنىڭ ھېكايە قىلىپ بېرىشىچە، 30 ـ ۋە 40 ـ يىللاردىكى ئاشۇ مەدەنىي ئاقارتىش ھەرىكىتى ۋاقتىدا، ئۇيغۇر پەرزەنتلەرنى پەننى مەكتەپكە ئوقۇشقا ئەكىلەلمەي ۋە ئۇلارنى مەكتەپتە تۇرغۇزالماي، بالىلارنىڭ قاششاقلىقىدىن غەزەپ پەيمانىسى تولغان جاپاكەش ئوقۇتقۇچىلار بەزەن بالىلارنى مەكتەپكە باغلاپ ئەكىلىپ، سىنىپقا سولاپ قويۇپمۇ باققانىكەن. زامان ئېلېكتېرون دەۋرىگە كىرگەن 90 ـ يللارنىڭ ئاخىرى بولمىش مۇشۇ چاغلاردا، توققۇز يىللىق مەجبۇرى مائارىپنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش جېڭىگە قاتنىشىۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىلارنىڭ مەكتەپ بويىچە ئاتلىنىپ چىقىپ، ھەر كۈنى يېرىم كۈننى سەرپ قىلىپ، ئۆيمۇ ئۆي يۈرۈپ بالا يىغىۋاتقانلىقىنى، مەكتەپكە ئەۋەتمەسلىك ئۈچۈن بالىسىنى يوشۇرۇپ قويغانلارغا ئامال قىلالماي، ئۇلارنىڭ كالا ـ ئېشەكلىرىنى جەرىمانە ئۈچۈن مەكتەپكە يېتىلەپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرگىنىمىزدە،  «بىز ئۇيغۇر مىللىتى تېخىچىلا جاھىلىيەت دەۋرىدە ياشاۋاتامدۇق نېمە ؟» دەپ ئۆزىمىزدىن سورىغىمىز كېلىدۇ. ئۇنىڭسىزمۇ مەرىپەت ئوچىغى بولغان ئالىي مەكتەپلەردىكى بەزى ئەھۋاللار ئادەمنى تېخىمۇ چۇچىتىدۇ:
       «قانداق قىلارمىز؟» دەپ يازىدۇ ئەلەم بىلەن بىر ئاقكۆڭۈل ستۇدېنت ـ  «ئادەمدە قىزىقىش بولىدۇ. مەنمۇ چەتئەل تىلىغا بەكمۇ قىزىقاتتىم. شۇڭا ئالىي مەكتەپكە كىرگەن يىلىلا ئىنگلىز تىلى كۇرسىغا قاتناشتىم. كۇرسانتلار مېنىڭ ئويلىغىنىمدىنمۇ كۆپ ئىدى. «نەقەدەر تىرىشچان ستۇدېنتلار بۇ ــ ھە!» دەپ ئويلىدىم ئىچىمدە. ئوقۇتقۇچىمىز ناھايىتى تالانتلىق بولۇپ، دەرسنى ھەقىقەتەن ياخشى سۆزلەيتتى. ھەر قېتىم كۇرستىن تولىمۇ خوشال چىقاتتىم. ئەگەر مۇشۇنداق ماڭىدىغان بولساق، ئىككى يىلدىلا ئىنگلىز تىلىدا ئوبدانلا سەۋىيەگە يېتىپ قالاتتۇق. بىراق كۇرستىكى قىزغىنلىق كەيپىياتى ئۇزاققا بارمىدى. دەرس باشلىنىپ ئىككى ھەپتە ئۆتكەندىن كېيىن، سىنىپتا بەشلا كۇرسانت قالدى..... شۇنداق قىلىپ كۇرس تاقىلىپ قالدى. ئەمدىلا ئېچىلغان كىتاب يەنە يېپىلدى. توۋا دەيمەن، بۇ دۇنيادا يەنە بىزدەك دۆت ئادەم بارمىدۇ؟  كىتاب ئوقۇ دېسە، بېشىمىز ئاغرىيدۇ.  ئويۇن دېسە  دىلىمىز يايرايدۇ. تېخى بەزىلىرىمىز   «ياشلىقىڭدا گۈل قىس، قېرىغاندا غىرت قىس!» دەپتىكەن دەپ،  ياشلىقىمىزدا ئوينىۋالايلى، دەيمىز. ئاتا ـ ئانىمىز بىزنى ئۇنىۋېرسىتېتقا مەرىپەتتىن گۈل قىسىشقا ئەۋەتكەنمۇ ياكى ئويۇندىن گۈل قىسىشقىمۇ؟ مەن تەييار تارقاتقان كىتابنى سېتىپ كىيىم ئالغانلارنى كۆردۇم ــ يۇ، كىيىم سېتىپ كىتاب ئالغانلارنى تېخىچە ئۇچراتمىدىم...... ئۆتمىشنى ئاران تولدۇرۇپ ئالغان باكلاۋىرلىق ئۇنۋانى بىلەن مۇكەممەل ئىگىلەنمىگەن بىرلا كەسىپ بىزگە قانچىلىك ئەسقاتار؟» («مايبۇلاق» ژۇرنىلى 96 ـ يىللىق 3 ـ سان 83 ـ بەت.)
    ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىمىزدا، ھەر يىلى يۈزمىڭدىن ئارتۇق پەرزەنت ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرىدۇ. بۇنىڭدىن ئالىي مەكتەپكە كىرەلەيدىغىنى ئون نەچچە مىڭ بولۇپ، ئۇيغۇرغا نېسىپ بولىدىغىنى پەقەت بىر نەچچە مىڭلا. ئەسلىدە شۇ بىرنەچچە مىڭ پەرزەنت بىر قانچە ئون مىڭغا تېتىغىدەك ئوقۇغاندا، ئاندىن ئۇلارنى ئۈمىدلىك ئەۋلاد دېسەك، سۆيۈنسەك بولاتتى. مىڭ ئەپسۇس، كۆپ تەرەپلىمىلىك گىرەلەشكەن مىڭ بىر مۇشەققەتتە ئالىي مەكتەپكە كىرىپ ئوقۇش پۇرسىتىگە ئىگە بولغان بۇ ئەۋلادنىڭ خېلى بىر قىسىمىدا مەۋجۇد مەرىپەتسىزلىك ئادەمنى ھەسرە

    مەرىپەتسىزلىك ئادەمنى ھەسرەتتە تىتىرىگەن لەۋنى تەئەججۇب چىشى بىلەن چىشلەشكە مەجبۇر قىلىدۇ. يۇقىرىدىكى ستۇدېنتنىڭ يازغىنى راست. ئۇلار ئاشۇنداق  «ياشلىقىڭدا گۈل قىس، قېرىغاندا غىرت قىس» دەمدۇ، «تۇرمۇش دېگەن ئەل ئاجايىپ بىر ژۇرنال، بۇ ژۇرنالدا باش ماقالا پۇل ۋە مال» دەمدۇ، ئەيتاۋۇر بۇ چاغقىچە نەشىر قىلىنغان لۇغەتلىرىمىزدىن تاپقىلى بولمايدىغان غەلىتە ماقال ـ تەمسىللەر بىلەن ئۆزلىرىنى ئوينىۋېلىشقا، خەجلىۋېلىشكە رىغبەتلەندۈرىشىدۇ. ئىلىم ئۆگىنىشتە ئەمەس، كۆپىنچە كىيىم كىيىشتە، مودا قوغلىشىشتا بەسلىشىدۇ. چەت ئەل تىلى كۇرسلىرىغىمۇ مودا قوغلىشىپ بىر نەچچە ھەپتىلىك كىرىپ قويۇشىدۇ، خالاس. كىچىك ئۇنئالغۇنى يانچۇققا سېلىپ، ئاڭلىغۇچنى قۇلاققا تىقىپ قويۇپ، ئېغىزىدا ماغزاپ قەنت چايناپ تۇرۇپ، ئايانچلىق قەدەم بىلەن يۇرۇشلىرى ئەمەلىيەتتە ستۈدېنتلىق ئوبراز مودىسى. شۇ قىياپەتتە كۆپلىرىنىڭ ئاڭلاۋاتقىنى چەتئەل تىلى ئەمەس، بەلكى بەل تولغىما ئۇسۇل مۇزىكىسى. ئۇلارنىڭ خېلى كۆپچىلىكى ئۆزىنىڭ تىلىنى، ئۆزىنىڭ تارىخىنى، ئۆزىنىڭ ئەدەبىياتىنى ۋە ئۆزىنىڭ شۇ تۇرۇقتا ئۆگىنىۋاتقان كەسپىنى بىرىنچىدىن بىلمەيدۇ، ئىككىنچىدىن مۇتلەق سۆيمەيدۇ. ئەدەبىيات دېسە، مۇپاسساندىن گەپ باشلايدۇ؛ تارىخ دېسە، ئەرەبلەرگە نەزەر تاشلايدۇ؛ ئۇيغۇر تارىخىدىكى ئەڭ شانلىق دەۋر قايسى دېسە، بېشىنى قاشلايدۇ. ئۇلارنىڭ مەسىلىلەرنى چۈشىنىشى ۋە چۈشەندۈرۈشىدىكى غەلىتىلىككە نورمال ئادەمنىڭ ئەقلى يەتمەيدۇ. بۇ ھەقتە مۇنداق ئىككى مىسال كاللامدىن زادى كەتمەيدۇ. ھېكايە، 1995 ـ يىلى ئىچكىرىدىكى مەلۇم بىر ئالىي مەكتەپتە، بىر نەچچە قېتىم بالىلار بىلەن مۇشتلىشىپ قەستەن جېدەل چىقارغان، قايتا ـ قايتا ئاگاھلاندۇرۇش ۋە تەربىيە بەرسىمۇ ئۆزگەرمىگەن بىر ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىنى ئوقۇش پۈتتۈرۈشكە بىر نەچچە ئاي قالغاندا، مەكتەپتىن قوغلاندى قىلىۋېتىدۇ. غەلىتىلىك شۇكى، ئاشۇ ئوقۇغۇچى ئوقۇغان پۈتۈن بىر سىنىپ جەمئىي ئوتتۇز نەچچە ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى ئۇدا ئۈچ كېچە تاڭ ئاتار ئولتۇرۇشى قىلىپ، مەزكۇر قوغلاندى بالىنى خۇددى غالىپ گېنېرالنى پېنسىيىگە ئۇزاتقاندەك داغدۇغا بىلەن ئۇزىتىپ قويغان. بۇ ئەھۋالنى كۆرگەن باشقا مىللەت مەكتەپداشلار: «بۇ نېمە قىلغىنىڭلار؟» دەپ سورىسا، ئۇلار خاتىرجەم ھالدا: «ئالىي مەكتەپتىكى ساۋاقداشلىق دېگەن ئەل ئۆمرىدە بىر قېتىم كېلىدۇ. شۇڭا بىز ئۇنى مۇشۇنداق قەدىرلەيمىز» دەپ جاۋاب بەرگەن. شۇ يىلى بېيجىڭ چەت ئەل تىللىرى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئەرەب تىلى پاگۇلتېتىدا ئوقىۋاتقىنىغا ئىككى يىل بولغان ئىككى نەپەر ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ قەتئي توسۇپ، قايتا ـ قايتا تەربىيە بەرگىنىگە پىسەنت قىلماي، «ئەرەب تىلى ئوقۇغاننىڭ ھېچنەرسىگە پايدىسى يوقكەن. بىز قايتىپ كېتىپ، ئۇيغۇرنىڭ سەككىز مىڭ يىللىق تارىخىنى ئون بەش توملۇق كىتاب قىلىپ يېزىپ چىقىمىز» دەپ،  مەكتەپتىن چېكىنىپ يۇرتىغا كەتكەن. ئۇلار يۇرتىغا قايتىش ئالدىدا، پايتەختتە ئوقۇۋاتقان يۇرتداشلىرىنىڭ بىر مۇنچە دەبدەبىلىك سۆزلەر بىلەن ئىلھاملاندۇرىشىغا ۋە كاتتا رېستۇراندا ئولتۇرۇش ياساپ، قىزغىن ئۇزىتىپ قويۇشىغا مۇيەسسەر بولغان.» خۇدا، بەندەڭنى ئوڭ قىل! ئۇنداق ئىلىم شارابىنى تۈزۈك ئىچمەي، پىيۋە ئىچىپ زابوي بولۇپ قالغان ئادەملەر ئون بەش توملۇق تارىخ ئەمەس، ئون بەش بەتلىك چۆچەكمۇ يازالمايدۇ. بۇ گەپنى قىلغان ئادەم مەلۇم بىر ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچىسى. ئۇ كىشىنىڭ ئېيتىپ بېرىشىچە، ھېلىقى چەت ئەل تىللىرى ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى ئوقۇشنى تاشلاپ كەتكەن ئىككى بالا ئۇنىڭ يۇرتدىشى بولۇپ، ئۇلارنىڭ بىرسى ھازىر كالا ئېلىپ بورداپ سېتىپ، بورداقچىلىق قىلىپ يۈرۈپتۇ. يەنە بىرسى بولسا، باشلانغۇچ مەكتەپتە بىر سىنىپتا ئوقۇغان زاسۈيپەز ئاغىنىسىگە ياللىنىپ،  «كېلىڭلار، مېھمانلار كېلىڭلار، يېڭى كاللىنىڭ شورپىسى چىقتى، كېلىڭلار!» دەپ ۋارقىراپ پورداقچىلىق قىلىپ يۈرۈپتۇ.
    بىلىشىمزچە، زاڭ مىللىتىنىڭ پەرزەنتلىرى ئىچكى ئۆلكىلەرنىڭ ئوتتۇز نەچچە يېرىدە ئېچىلغان مەخسۇس مەكتەپ ۋە سىنىپلاردا، ئالىي، ئوتتۇرا ۋە ئوتتۇرا تېخنىكۇم بىلىملىرى بويىچە تەربىيلىنىۋاتىدۇ. زاڭ مىللىتى پەرزەنتلىرى ئىلىمغا زوقمەن، مەرىپەتكە ھېرىسمەن، تۇرمۇشتا رەتلىك، مۇناسىۋەتكە ئەپلىك بولغاچ، ئۇلارنى تەربىيلەشكە ئامراق مەكتەپلەر يىلسېرى كۆپىيىۋېتىپتۇ. بىراق بىزنىڭ ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىمىز بولسا، بارغانلا يېرىدە «پولو ئېتىپ بېرىسەن. گىردە يېپىپ بېرىسەن» دەپ، مەكتەپ ئاش ـ تاماق بۆلۈمىنى تەڭقىسلىقتا قويغاچ؛ 9 ـ ئاي كەلسىلا، «ئوقۇشقا كىرىش تەلىم ـ تەربىيىسى قىلدۇق» دەپ، كونا بالىلار يېڭى بالىلارنى شاپىلاق بىلەن ئۇرۇپ، ئۆزىگە ئالدۇرغان ھاراقنى ئىچمەيمەن دېسە ئۇنىماي كارنىيىغا زورلاپ قويغاچ؛ ھېيت ـ بايرام بولسىلا، ئاشۇ يات دىيار، ياقا يۇرتلاردىمۇ، سەن شىماللىق، مەن جەنۇبلۇق، ئۇ غەربلىك، بۇ شەرقلىق دەپ بۆلۈنۈپ ئۆز ئارا مۇشتلىشىپ، بىر ـ بىرىنىڭ باشلىرىنى يېرىشىڭ، مەكتەپ قوغداش بۆلۈمىنىڭ بايراملىق ئارامىنى بۇزغاچ، خېلى ساندىكى ئاتاقلىق ئۇنىۋېرسىتېتلار «ئۇيغۇردىن دات، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى سىنىپى ئاچقاندىن پەندىيات!» دەۋېتىپتۇ. دەرىخا! ئاڭلىسام، مۇشۇنداق تۆقى ـ لەنەتلىك ئەھۋالىمىزنى كۆرگەنلەر بىر ـ بىرىدىن: «ھوي، بۇلار راستىنلا ئاشۇ تارىختىكى مەرىپەتپەرۋەر ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئەۋلادلىرىمۇ ياكى شۇ نامنى سۇيئىستېمال قىلىۋالغان يارىماسلارنىڭ يارىماسلىرىمۇ؟!» دەپ سوراۋېتىپتۇ!
    ئۇيغۇردا:  «بولىدىغان زىرائەت كۆكىدىن مەلۇم» دەيدىغان ماقال بار. بۈگۈنكى ئۇيغۇر ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى 21 ـ ئەسىر ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ سەردارلىرى، سەركەردىلىرى ۋە ئىگىلىرى. ئۇلارنىڭ يۈرىكى ھېچنەرسىنى تۇيمايۋاتامدىغاندۇ، ئەجەبا!
    بىز ئۇيغۇر مىللىتى مۇسۇلمان مىللەت بولغانىكەنمىز، بۇ شاراپەت بىلەن، ئىسلامىيەت ئىلمى بويىچە سەۋىيىسى يېتىك ۋە ئەمەلىيەتچان ئالىملىرىمىز بولۇشى كېرەك ئىدى. ئەپسۇسكى بىزنىڭ بۇ ساھەمىز تېخى بىرىنچىدىن ئاق، ئىككىنچىدىن قاغجىراق. ھېكايە، مەن پۇرسەت بولۇپ، 96 ـ يىل 10 ـ ئايدىن 97 ـ يىل 6 ـ ئايغىچە، مىسىر ئەرەب جۇمھۇرىيىتىنىڭ قاھىرە ئۇنىۋېرسىتېتى ۋە ئەزھەر ئۇنىۋئرسىتېتىدە زىيارەتچى ئالىم سۈپىتى بىلەن  «كلاسسك ئىسلام دىنى نەزەرىيىسى» (ئۇسۇلۇددىن)  قاتارلىق دەرسلەر بويىچە ئىلىم تەھسىل قىلىشقا مۇشەررەپ بولدۇم،  ئەلھەمدۇ لىللاھ. تەكشۈرۈپ بىلگىنىم ۋە ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرگىنىم شۇ بولدىكى، شۇ تاپتا دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ ئىسلام دىنى ئوقۇتۇش ۋە تەتقىقات مەركىزى بولغان بۇ ئەزھەر ئۇنىۋېرسىتېتىدە، جۇڭگو ھۆكۈمىتى ئىجازىتى بىلەن كېلىپ ئوقۇۋاتقان ئاتمىش نەپەر مۇسۇلمان ئوقۇغۇچى بارىكەن. مەسخىرىلىك يېرى شۇكى، ئۇلارنىڭ ھەممىسى تۇڭگان مىللىتىدىن بولۇپ، سەككىز مىليونلۇق جۇڭگو ئۇيغۇرلىرىدىن بىرسىگىمۇ ھۆكۈمەت خىراجىتى ۋە ئىجازىتى بىلەن كېلىپ ئوقۇش نېسىپ بولماپتۇ!؟
    دىن دېمەك ئىلىم دېمەكتۇر. شۇڭا بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى قاتارلىق ئىلىم مەركەزلىرى مەخسۇس دىن تەتقىقات ئورنى تەسىس قىلىپ، خاس ئالىملارنى ئاجرىتىپ، تۈرلۈك دىنلار ئۈستىدە ئەستايىدىل تەتقىقات ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ. ئىسلام دىنى مۇكەممەل ئىلىم قۇرۇلمىسىغا ئىگە دىندۇر. ھالبۇكى تەتقىقات نۇقتىسىدىن بولسىمۇ مەخسۇس ئادەم ئاجرىتىپ، ئىسلام دىنى نەزەرىيىسىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىش، ئىسلام دىنىنىڭ بۈگۈنكى دۇنيا ئاڭ ـ ئىدېئولوگىيە ساھەسىدە تۇتىۋاتقان ئورنىنى تولۇق چۈشىنىش ۋە ئوبدان بىلىش كېرەك. بۇ ئەمەلىيەتتە جۇڭگو مۇسۇلمانلىرىنىڭ، جۈملىدىن ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنىڭ دىنىي ئىلىم بىلەن زامانىۋى پەن ئىلىملىرى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى ئىلمىي ھالدا چۈشىنىپ، سوتسىيالىزم قۇرۇلۇشىغا ئاڭلىق قاتنىشىش ئاكتىپلىقىنى مەرىپەت بىلەن تەمىن ئېتىدىغان زۆرۈر ئىش!
       ۋاھالەنكى ئۇيغۇردا ئىسلام دىنىنىڭ ئەسلى نەزەرىيىسىنى پىششىق بىلىدىغان مەرىپەتلىك ھەم پەزىلەتلىك ئۆلىما كۆپ بولمىغاچ، شۇ تۇرۇقتا ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە، ئىسلام دىنىنى زامانىۋى ئىلىم ـ پەنگە قارشى قويىدىغان، پەرزەنتلەرنى پەننى مەكتەپتىن چىقىرىۋېلىپ دىنىي چالا موللىلارغا تالىپ قىلىپ بېرىشنى ئاشكارا تەرغىب قىلىدىغان قاششاقلىق ئاۋام خەلقنى گاڭگىراتماقتا. ئاتالمىش دىنىي زاتلار باش بولغان ھالدىكى، پەرزەنتلەرنىڭ ئوقۇشسىز قېلىۋاتقىنى، ئەۋلادلارنىڭ ئىلىمسىز قېلىۋاتقىنى بىلەن كارى بولماي، تاپقان پۇلنىڭ ھەممىنى سەرپ قىلىپ ئىككى ھەرەمنى تاۋاپ قىلىش مۇسابىقىسى خەلق ئىقتىسادىنى ھالسىراتماقتا. قېنى قايسى ئۆلىما چۈشەندۈرۈپ باقىدۇ: قايسى ئىسلام تەلىماتىدا، نەدىكى كلاسسك ئىسلام كىتابلىرىدا، ئۆزى ئىلىمسىز كۆزى ئوچۇق قارىغۇ ياشاپ ئۆتكەننى ئاز دەپ، ئۆز پەرزەنتلىرىنىمۇ مەكتەپتە ئوقۇتماي، شۇ پۇلنى خەجلەپ مەككىنى ئۈچ قېتىم ھەتتا تۆت قېتىم ھەجلىسۇن دەپتۇ؟! ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئۇيغۇرلار ھەر يىلى كەم دېگەندىمۇ ئون مىليون يۇەن پۇلنى بايلىقىدىن ئالتۇننى سىغدۇرىدىغان يەر تاپالماي قېلىۋاتقان سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ خەزىنىسىگە بىھۇدە تاپشۇرۇپ كېلىۋاتىدۇكى، ئۇنىڭ بەدىلىگە يىلىغا نەچچە ئون مىڭلىغان ئوقۇش يېشىغا يەتكەن ئۇيغۇر پەرزەنت پۇل بولمىغانلىقتىن مەكتەپتىن قېلىۋاتىدۇ؛ مەكتەپتىكى نەچچە ئون مىڭلىغان ئۇيغۇر پەرزەنت بولسا، پۇلسىزلىقتىن يىرتىق ئىشتان كىيگەن كۆتىنى خام كېسەككە قويۇپ ئولتۇرۇپ، دوسكىغا چالما بىلەن خەت يىزىۋاتىدۇ. مانا بۇ ـــ بۈگۈنكى ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە يۇز بېرىۋاتقان ئەنئەنىۋى تراگېدىيە!
       مەرىپەتسىزلىك ۋە پەزىلەتسىزلىك ئۇيغۇرنى يېڭى قالاقلىق گىرداۋىغا سژرەۋاتىدۇ، ئى ئالىملار!
       قاششاقلىق ۋە مەدەنىيەتسىزلىك ئۇيغۇرنى ئەمەلىي گادايلىق تېمىغا يۆلەۋاتىدۇ، ئى ھاجىملار!
    ھەممە بىلىدۇ، ئۇيغۇردا پۇل بار، مال بار، بايلىق زاپاس ـ زاپىسى بىلەن بار. سەمىمىيەت بىلەن ئېيتقاندا، راستچىللىق بىلەن ئېيتقاندا، ئۇيغۇر بۈگۈنكى زامان مىللەتلىرى ئىچىدىكى ئەڭ باي مىللەت قاتارىغا كىرىدۇ.
    ئۇيغۇردا ئەقىل بار، پەم ـ پاراسەت بار، زېھنى ـ زۇكاۋەت بار. تەڭرى تېغى گۇۋاھ بولۇپ، تارىخ داۋاملىق ئىسپاتلايدۇكى، «كاللىسى ئاددى، كالۋا» دېگەن تۆھمەت ئۇيغۇرغا ھەرگىز، ھەرگىزمۇ ئەمەس يار.
    بىراق بىلمەك كېرەككى، مەرىپەتسىزلىك ھەرقانداق باي مىللەتنىمۇ ئاخىرىقى ھېسابتا قول ـ ئىلكىدە يوق قىلىپ قويىدۇ. پەزىلەتسىزلىك ھەر قانداق ئەقىللىق مىللەتنىمۇ ھامان بىر كۈنى دەلتە، كاللىسى قۇرۇق قىلىپ قويىدۇ!
    سەن بىلمىگۈچى ئەمەس. قەدىمىي تارىم مەدەنىيىتى ئۇيغۇر بىلەن بىللە گۇللەنگەن. شۇڭا، تارىم دەرياسىنىڭ ئول زاماندىكى نامى «ئۇغۇرداش» يەنى  «ئۇيغۇر ئېقىنى، ئۇيغۇر دەرياسى» ئىدى. (ئالىم ئىمىن تۈرسۈن ئەپەندىم يازغان  «تارىمدىن تامچە» گە قاراپ) سەن كۆرەلمىگۈچىمۇ ئەمەس. بۈگۈن يېڭى تارىم مەدەنىيىتى چېچەك ئېچىش ئالدىدا تۇرۇپتۇ. شۇڭا پۈتكۈل تارىم ۋادىسى ساڭىمۇ ئۈمىدلىك ۋە تەلەپچان كۆزلىرىنى بېقىپ يېتىپتۇ. ھالبۇكى سەنمۇ ئويغىنىپ، ئەجدادىڭدىن ئۇدۇم جاسارىتىڭنى قايتا ئۇرغۇتۇپ، سۆيۈملۈك ئانا يەر تارىمنىڭ چېكىسىگە مەرىپەتتىن گۈل تاقامسەن ياكى ئەزىم ئاياللىرى»،  «ش ئۇ ئا ر مەدەنىيىتى»،  «ش ئۇ ئا ر سەنئىتى»، «ش ئۇ ئا ر ئىشچىلار ھەرىكىتى»،  «ش ئۇ ئا ر ئىشچىلار ۋاقىت گېزىتى»، «ش ئۇ ئا ر ئىجتىمائىي پەنلەر تەتقىقاتى» ۋە «ش ئۇ ئا ر ئۇنىۋېرسىتېتى»، «ش ئۇ ئا ر خەلق نەشرىياتى»، «ش ئۇ ئا ر تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى»......... بولغاندىلا ئاندىن توغرا بولىدۇ. چۈنكى بۈگۈنكى جۇڭگودا  «شىنجياڭ» دەيدىغان يەر يەر يوق. ئۇ مەنچىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ ئاغدۇرۇلىشى ۋە گومىنداڭ ھۆكۈمىتىنىڭ يوقىلىشى بىلەن يوقالغان. ھازىر ئۇنىڭ ئورنىدا قەد كۆتۈرۈپ تۇرىۋاتقىنى مۇبارەك  «شىنجياڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى» (ش ئۇ ئا ر) دۇر. شۇڭا  «شىنجياڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى» نى قىسقارتىڭ  «شىنجياڭ» دەپ ئاتاش ئېغىر سىياسىي خاتالىق، قانۇنسىزلىق ھەتتا ئەكسىيەتچىلىك بولىدۇ!
    بىراق بۇنى تېخى ئاز دېگەندەك،  شىنجياڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى» نى تېخىمۇ غەلىتە قىسقارتىڭ  «ئاپتونوم رايون» دەيدىغان ئىللەتلىك ئادەتنىڭ ئەدەب كېتىۋاتقىنىغا ئەييۇھەنناس! خەت ـ سۆزلەرنىڭ ئۆزىدىنلا كۆرۈنۈپ تۇرۇپتۇكى،  «ئاپتونوم رايون» دېگەن گەپ «ئاپتونومىيىلىك ھوقۇق يۈرگۈزۈلىدىغان رايون» دېگەن ئابىستىراكىت مەنىدىن باشقا، ھېچقانداق بىر كونكرېت جاي ئۇقۇمىنى يورۇتمايدىغان تومتاق ئاتالغۇ. ھالبۇكى شۇنداق تۇرۇقلۇق زادى نېمە ئۈچۈن «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى» دېمەي، «ئاپتونوم رايون» دەپ ئاتاش شۇنچە بازار تېپىپ كېتىدۇ؟ مېنىڭچە بۇنىڭدا مۇنداق تۆت خىل ئەھۋال بار. بىرىنچى، خېلى بىر بۆلەك كۆڭلى ساددا، پەمى كالتە كىشىلىرىمىز، بىز مۇشۇ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا تۇرۇپ گەپ قىلىۋاتقاندىكىن،  «ئاپتونوم رايون» دېسەكمۇ تەھقىق ھالدا  «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى» دېگەن بولىدۇ، دەپ قارايدۇ. ئىككىنچى، ئېغىزىغا نېمىنى سېلىپ قويسا، ئاڭقارماي يەۋېرىدىغان گومۇش بالىدەك، سىياسىي ئاتالغۈلارنى باشقىلار نېمە دەپ قىسقارتىپ بەرسە، چۈشىنىپ ـ چۈشەنمەي، شاتۇتىدەك دوراپ دەۋېرىدىغان چالا ساۋات ئەبگا زىيالىلىرىمىزنىڭ ئېڭىدا،  «مىللىي» دېگەن سۆز  «ئۇيغۇر» دېگەن سۆز بولىدۇ؛  «ئاپتونوم رايون» دېگەن سۆز بولسا، ھەرقانداق يەردە مەڭگۈ «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى» دېگەن بولىدۇ. ئۈچىنچى، ئەگەر  «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى» دېگەن بۇ قانۇنىي ئاتالغۇدىن مەركىزىي سۆز بولغان  «ئۇيغۇر» ئاڭلىق ھالدا ئېلىپ تاشلىنىۋاتىدۇ دېيىلگەن تەقدىردە، بۇ بىر قىسىم غەيرى نىيەتلىك كىشىلەرنىڭ غەرەزلىك قىلىۋاتقان ئىشى. بۇخىل كىشىلەر تارىختىكى  «شىنجياڭ» دا، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ قۇرۇلغانلىقىغا ئەسلىدىن ناقايىل. ئۇلارنىڭ كۆڭلى ھېلىھەم مەنچىڭ ۋە گومىنداڭنىڭ دەۋرىگە مايىل. شۇڭا كومپارتىيىنىڭ سىياسىي تامغىسى بېسىلغان، كومپارتىيە ئازسانلىق مىللەتلەر سىياسىتىنىڭ نۇرى جۇلالاپ تۇرىدىغان  «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى» دېگەن سۆز بىلەن ئۇلارنىڭ زادىلا خوشى يوق. تۆتىنچى، يەنە بەزەن ساددا قېرىنداشلار بولسا،  «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى» دېسەك،  «بۇ زېمىن ئۇيغۇرلارنىڭلا ئاپتونوم رايونى» دېگەن بولۇپ قېلىپ، بىزنىڭ مەۋجۇدلىقىمىز تازا گەۋدىلەنمەي قالىدىكەن دەپ قاراپ،  «ئۇيغۇر» سۆزىنى قەستەن تاشلىۋېتىدۇ. ئۇلار ھەتتا مۇشۇ خىل خاتا قاراشنى چىقىش نۈقتىسى قىلىپ تۇرۇپ،  «شىنجياڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئاپتونوم رايونىمۇ؟» دېگەندەك بىمەنە ۋە لاۋزا ماقالىلارنىمۇ يازدى.
    بىز بۇ يەردە خالىس نىيەت ۋە سەمىمىي كۆڭلىمىز بىلەن شۇنى ئېيتىمىزكى، بۈگۈنكى دۇنيادا قازاق قېرىنداشلارنىڭ قازاقىستانى ۋە قىرغىز تۇغقانلارنىڭ قىرغىزىستانى بولسا، جۇڭگونىڭ ئاساسلىق مىللەتلىرىدىن بولغان بىز ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىمىز بار. بىز بۇنىڭ بىلەن ئالەمچە ئىپتىخارلىنىمىز! بىراق خۇددى قازاقىستاننى ئاشۇ يەردە ياشاۋاتقان ئورۇس، نېمىس، ئۇيغۇر قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ قازاقىستانى ئەمەس،  «پەقەت قازاقلارنىڭلا قازاقىستانى» دېيىش تولىمۇ كۈلكىلىك گەپ بولغىنىدەك، شىنجياڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىمۇ «پەقەت ئۇيغۇرلارنىڭ ئاپتونوم رايونى» دەپ چۈشەنگىلى بولمايدۇ. ئەمەلىيەتتە شىنجياڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىمىز مۇشۇ زېمىندە ياشاۋاتقان خەنزۇ، قازاق، قىرغىز، تاجىك، ئۆزبېك قاتارلىقلارنىڭمۇ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى. «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى» دېگەن بۇ نام مۇشۇ زېمىندا ئەزەلدىن تارتىپ، ئاساسىي گەۋدە ھالىتى بىلەن ياشاپ كەلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسمى بىلەن قانۇنلاشتۇرۇلۇپ ئاتالغانىكەن، ئۇنى ئەينەن ۋە تولۇق ئاتاش بۇ زېمىندە ياشاۋاتقان ھەر قايسى مىللەت خەلقلىرىنىڭ ئوتتۇراق بۇرچى! ھالبۇكى «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون» دىن  «ئۇيغۇر» نى تاشلىۋېتىپ، «ئاپتونوم رايون» دەپ ئاتاش سېپى ئۆزىدىن بىمەنىلىك ۋە يامان غەرەزلىك!
    دەرۋەقە  «شىنجياڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى» دېگەن ئاتالغۇ بىر ئۆز ئۇزۇن. بۇنىسى ئەمەلىيەت. شۇنداقىكەن بەزىدە ئۇنى قىسقارتىپ ئاتىساق بولمامدۇ؟ مېنىڭچە بولىدۇ. بىراق قىسقارتقاندا، خۇددى «ئىچكى موڭغۇل (نيىمىڭ ) ئاپتونوم رايونى» ۋە  «شىزاڭ (غەربى زاڭ) ئاپتونوم رايونى» دېگەنلەردە،  «موڭغۇل» (مېڭ) ۋە  «زاپ» (زاڭ مىللىتى) دېگەن ناملار چۈشۈرۈپ قويۇلمىغانغا ئوخشاشلا،  «شىنجياڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى» دىن قىسقارتىلغان ئاتالغۇدىمۇ ھەر قانداق ئەھۋالدا،  «ئۇيغۇر» دېگەن نام ھەرگىزمۇ چۈشۈرۈپ قويۇلماسلىقى كېرەك. شۇنداق بولغاندا، «شىنجياڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى» دېگەن ئاتالغۇنى قىسقارتىپ ئاتاشقا توغرا كەلگەندە، ئۇيغۇرچە، قازاقچە، قىرغىزچە ۋە موڭغۇلچىلاردا بىردەكلا  «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى» ياكى  «ش ئۇ ئا ر» دەپ ئاتىسا بولىدۇ.

    分享到:

    收藏到:Del.icio.us