• باشقىچە بىر دۇنيا (داركىنىز ماقالىلىرى)

    2010-05-21

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    http://www.blogbus.com/bilim-kuq-logs/63946231.html

    زامانىۋى پەن- پەن تېخنىكا بىلەن كاپىتالىستىك ئىدىئولوگىيە بىر- بىرسىگە يار - يۆلەك بولۇپ دۇنيانى كىچىك بىر كەنتكە ئايلاندۇردى. بۇ دۇنيا قارىشىنىڭ مەخسىتى پايدا تېپىش. توختىماي پايدا تېپىش.

    راۋاجلىنىش. توختىماي راۋاجلىنىش. ( بەزىدە تېخى ئاندا- مۇندا تەڭشەپ قويۇش ئۈچۈن << داۋاملاشتۇرغىلى بولىدىغان راۋاجلىنىش >> قا ئوخشاش غەلىتە گەپلەر بار. ) سەرمايىنىڭ << سەمىرىشى >>، توختىماي << سەمىرىشى >>. ۋە بىر تەرەپتىن بۇ چاقنىڭ توختىماي ئايلىنىپ تۇرىشى ئۈچۈن ئىستېمال. توختىماي ئىستېمال. ئەڭ ئاخىرقى چېكىگىچە ئىستېمال.

    بۇ كېتىپ بېرىشنىڭ ئىسىمى بولسا ئوپئوچۇق دۇنيانى ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىللە ئىنساننى تۈگەشتۈرۈش، ھالاك قىلىشتۇر. رازىلىق بىلەن ئۆزىنى ئۆلتۈرۈشتۇر. ئەمما چاقلار مۇشۇنداق قۇرۇلدى، پۈتۈن سېستىما مۇشۇنداق ئىشلەيدۇ، مۇشۇنداق بولىشىنى خالايدۇ. سائەتلىك بومبىنىڭ << چىك- چىك >> لىرى توختىمايۋاتىدۇ. توختىمايدۇ. توختىماسلىقى كېرەك دەپ خۇددى گىپنوز بولغاندەك تەكرارلاپ تۇرىۋاتىمىز.

    بۇ تۈزۈم دۇنيادىكى باي، كۈچلۈك، قۇراللىق، زالىم ۋەلېكىن كىچىككىنە بىر ئاز سانلىقنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ.

    بۇ بايلار بەزىدە بىر يىغىلىدۇ، بۇ تۈزۈمنىڭ داۋام قلىشى ئۈچۈن يېڭى قارارلارنى چىقىرىدۇ. بۇ تۈزۈم ئۆزىنى دېموكراتىك دەپ ئېلان قىلغانلىقى ئۈچۈن ( ئىنتايىن مۇجمەل بىر ئۇقۇمدۇر بۇ دېموكراتىيە دىگەن. يەنە كىشىلىك ھوقۇق ۋە قوشۇمچىسى بولغان ھەر خىل خەلىق تەشكىلاتلىرى ) ۋە دېموكراتىيەنىڭ << زۆرۈرىيىتى >> تۈپەيلىدىن ئۆكتىچىلەرگە ئىھتىياجى باردۇر. بىر ئۆكتىچىگە ئىھتىياجى بولسا ئۇ ئاسان، ھاكىمىيەت ئۇنىمۇ لاھىيەلەپ چىقىدۇ. بۇ لاھىيەنىڭ قارىماققا راستتەك كۆرۈنىشى ئۈچۈن ئۆكتىچىلەر ھەقىقەتەن ئۆكتىچىلىك قىلغانلىقىغا ئىشىنىشى كېرەك. ۋە ئەلۋەتتە كەڭرى بىر مەيدان، بىر نارازىلىق، بىر ئۆزىنى نامايەن قىلىش، بىر نامايىش.

    ھۆكۈمەتسىزلىكنى تەرغىپ قىلغۇچىلاردىن تارتىپ قوش جىنىسلىقنى رىغبەت قىلغۇچىلارغىچە بولغان رەڭگارەڭ، كۆڭۈللۈك، بەزىدە سەل ھەددىدىن ئاشقان ئۆكتىچىلەر، ھاكىمىيەتنىڭ ( بايلارنىڭ ) يىغىن يېرى ۋە ۋاقتىنى بىلگەنلىكى ئۈچۈن ئۇ يەرلەردە نامايىش قىلىدۇ...

    ۋاقىرايدۇ، جاقىرايدۇ، بايراقلارنى پۇلاڭشىتىدۇ، ساقچىلار بىلەن توقۇنىشىدۇ. ئۆكتىچى سالاھىيىتىنى ۋە شوئارلىرىنى توۋلايدۇ.

    بۇ ئۆكتىچى پارتىيەلەرنىڭ ئۆزىگە خاس بىر پىكىرى، پەيلاسوپى، تېئورىيەسى، خىتابنامىسى، كىتابى، تەشكىلاتلىرى... بارمۇ؟ ياكى ئېلىپ بارغان نامايىشلىرى پەقەت بىر تەنتەنەمۇ؟
    ئەلۋەتتە تەنتەنە ئەمەس، بەزىلىرى ھەقىقەتەن ئۆكتىچى. لېكىن ئاغزىدا پەقەت بىرلا شوئار بار. مۇنداق شوئار: << باشقىچە بىر دۇنيا قۇرالايمىز >>. خـــــوش، بۇ << باشقىچە، ئادالەتلىك >> دۇنيانى قۇرۇشقا مۈمكىن قىلىدىغان، بۇ پىكىرنى ھەرىكەتكە ئايلاندۇرىدىغان، شوئارنى ئەمەلىيەتكە ئايلاندۇرىدىغان بىر پىكىر - چۈشۈنچە پىشىپ - يېتىلدىمۇ؟

    ياق.

    پەقەتلا شوئار.

    بوپتۇ. ئۇمۇ ئىشقا يارايدۇ. قانداق يارايدىغانلىقىغا قاراڭلار. خۇددى كۇبانىڭ << كېلىشكەن >> ئىنقىلاپچىسى Che Guevara نىڭ رەسىملىرى كۆينەكلەرنى، مايكىلارنى، تاملارنى بېزىگىنىگە ئوخشاش، ئېلانچىلارمۇ بۇ شوئارنى ئۆي سېتىش ئۈچۈن ئىشلىتىۋاتىدۇ.

    سىلەر ئۈچۈن << باشقىچە بىر دۇنيا قۇرىمىز >> دەيدۇ.

    دۇنيادا قۇرۇلۇش، يەر-مۈلۈك ساھەسى ئىنتايىن ئىلگىرلەپ كەتتى. بولۇپمۇ جۇڭگوغا ئوخشاش ئىقدىسادى قورقۇنۇچلۇق بىر سۈرئەت بىلەن تەرەققى قىلىۋاتقان دۆلەتلەردە تېخىمۇ ئىلگىرلەپ كەتتى. بىنالارنى نەگە سېلىۋاتىدۇ؟ شەھەرلەرنىڭ ئەڭ تاللانغان، چىرايلىق يەرلىرىگە.

    دۇنيانىڭ نەرىدە بولسۇن بىر گېزىت ئېلىپ ۋاراقلاپ باقسىڭىز، گېزىتنىڭ يېرىمى دىگۈدەك، يېرىم بەت، ھەتتا پۈتۈن بەتنى قاپلىغان ھەشەمەتلىك داچا ئېلانلىرىغا، بىنا ئېلانلىرىغا، كومپىيۇتېرنىڭ ماھارىتى بىلەن << جەننەت باغچىلىرىغا >> ئايلاندۇرۇلغان پالانچى ئۆيلىرى، پۇستانچى بىنالىرىنىڭ رەسىملىرىنى كۆرەلەيسىز.

    بۇلارنىڭ ھەممىسى دىگۈدەك ئوخشاش بىر خىل ياشاش ئۇسۇلىنىڭ ئېلانىنى قىلىۋاتىدۇ. ئەتراپلىرى دەرەخلەر بىلەن قاپلانغان ئىنتايىن گۈزەل بىر يەرلەرگە سېلىنغان تۇرالغۇ بىنالار، ئوتتۇرىسىدا سۈننى بىر كۆل، كۆلدە بېلىقلار، ئۆدەكلەر، كۆلنىڭ بويىدا سەيلى قىلىدىغان يوللار. ماشىنا توختىتىدىغان يەرلەر، بالىلار باغچىسى، تېننىس مەيدانى، ۋاسكىتبول مەيدانى، كىچىك پۇتبول مەيدانلىرى. سۇ ئۈزۈش كۆللىرى، ئوچۇق ۋە يېپىق چېنىقىش زاللىرى، ئۇۋىلاش، ساڭنا، رېستوران.........

    تەرەققى قىلغان، ئېلىكترونلۇق، كىچە - كۈندۈز قوغدىلىدىغان بىنالار....

    خەلىقتىن ۋە ھاياتتىن ئايرىلغان ياشاش ئۇسۇلى. تار كوچىلار يوق، مەھەللىلەر يوق.... بىخەتەرلىك ئىچىدە، بەخىتلىك ياشاۋاتقان ئائىلىلەر. بىز نىمە دىيەلەيمىز؟

    پۇلى بارلار ياشىسۇن.

    ئۇنداقتا پۇلى يوقلارچۇ؟

    ئۇلارمۇ نەپىسىنى ئېلىۋېرىدۇ. چۈنكى ھاۋا بىكالىق. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇلارنىڭ ئەنسىرىشىنىڭ ھاجىتى يوق، ئۇلار ئۈچۈن دۇنيانىڭ ھەممە يېرىدە ۋە دۆلىتىمىزدە ئىجتىمائىي ياردەم پىلانلىرى لاھىيەلىنىپ يولغا قويۇلىۋاتىدۇ. نېمىلا قىلمىغان بىلەن ئۇلارمۇ ئادەمدە... قورقماڭلار دۇنياۋى تەلىماتلار زامانىۋى - پەن تېخنىكا بىلەن قولمۇ - قول تۇتۇشۇپ ھەممە قىيىنچىلىقلارنى يېڭەلەيدۇ؟؟؟ ماڭا ئىشىنىڭلار..........؟؟؟؟؟؟؟

    分享到:

    收藏到:Del.icio.us