• ئىسلام دۇنياسى ئۈچۈن ئىتتىپاقلىقنىڭ مۇھىملىقى (داركىنىز ماقالىلىرى)

    2010-05-21

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    http://www.blogbus.com/bilim-kuq-logs/63945928.html

    بۇگۇن ئىسلام دۇنياسىغا نەزەر تاشلىغىنىمىزدا، مۇسۇلمانلار دۇچ كەلگەن ئەڭ مۇھىم مەسىلىلىرىنىڭ بىرىنىڭ بۆلۇنۇش ئىكەنلىكىنى كۆرىمىز. ياۋروپادىكى پۇتۇن دۆلەتلەر دىگۇدەك، سىياسى، ئىقدىسادى ۋە مەدىنى بىر ئىتتىپاق بولغان “ ياۋروپا ئىتتىپاقى “ ئاستىدا بىرلىشىۋاتىدۇ، ئەمما مۇسۇلمانلار بولسا تېخىچە كۇچلۇك بىر ئىتتىپاق قۇرالمىدى. مۇسۇلمان دۆلەتلەر ئوتتۇرىسدا ھەقىقى بىر ياردەملىشىش بولمىغىنىدەك، ھەر خىل مۇسۇلمان مەزھەپلىرى، جامائەتلىرى، تەرىقەتلىرى، پىكىر ئىدىيەلىرى ۋە ئورگانلىرى ئوتتۇرىسىدا بىرلىشىش ۋە ياردەملىشىش يوق.
    ھالبۇكى اللە، پۇتۇن مۇسۇلمانلارنىڭ بىر بىرلىك روھى ئىچىدە ياشىشىنى ۋە ھەرىكەت قىلىشىنى ئەمىر قىلىدۇ. رەببىمىز مۇسۇلمانلارنىڭ، “... مۇستەھكەم بىنادەك ... “ بولۇشى كېرەكلىكىنى بىلدۇرىدۇ. ( سەپ سۇرىسى 4 ) يەنە مۇنداق دەيدۇ:
    “ ھەممىڭلار اللە نىڭ ئارغامچىسىغا ( يەنى اللە نىڭ دىنىغا ) مەھكەم يېپىشىڭلار، ئايرىلماڭلار ... “ ( ئال ئىمران سۇرىسى 103 )
    اللە يەنە، ئەگەر مۇسۇلمانلار ئىتتىپاق بولمىسا، كۇچى بولمايدىغانلىقىنى تۆۋەندىكى ئايەتتە مۇنداق دەيدۇ:
    “ ( پۇتۇن سۆز ھەرىكىتىڭلاردا ) اللە غا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ئىتائەت قىلىڭلار، ئىختىلاپ قىلىشماڭلار، بولمىسا، ( دۇشمەن بىلەن ئۇچرىشىشتىن ) قورقۇپ قالىسىلەر، كۇچ قۇۋۋىتىڭلار كېتىپ قالىدۇ، سەۋر قىلىڭلار، اللە ھەقىقەتەن سەۋر قىلغۇچىلار بىلەن بىللىدۇر. “ ( ئەنفال سۇرىسى 46 )
    بۇ ئايەتتە، بۇگۇنكى مۇسۇلمانلارنىڭ نىمىشقا كۇچلۇك بولالمىغانلىقىنىڭ ئاساسى سەۋەپلىرىدىن بىرسى خەۋەر قىلىنىدۇ : بىرلىك روھىنىڭ يوق بولىشى !... ئەگەر پۇتۇن مۇسۇلمانلاردا بىرلىك بولسا، ئىسلام دۆلەتلىرىنى تەرەققى قىلدۇرۇش، يېڭىدىن قۇرۇش، زۇلۇم كۆرىۋاتقان مۇسۇلمانلارغا ياردەم قولىنى سۇنۇش ۋە ئۇلارنى قوغداش ئۇچۇن ئىدىيە جەھەتتىنمۇ كۇرەش قىلىش، ئىسلام ئەخلاقىنى پۇتۇن دۇنياغا ئەڭ گۇزەل شەكىلدە چۇشەندۇرۇش ۋە ۋەكىلى بولۇش، ئىسلام دىنىنى قوللىنىپ ئوتتۇرىغا چىققان تېرورىزىمغا ئوخشاش باتىل ئېقىملارنى تىزگىنلەش، پۇتۇن ئىنسانىيەتنىڭ بەخت-سائادىتى ئۇچۇن بىلىم، سەنئەت ۋە مەدىنىيەت جەھەتتە ئىلگىرلەشكە ئوخشاش نۇرغۇنلىغان غەلىبىلەرنى اللە مۇسۇلمانلارغا نىسپ قىلىشى مۇمكىن.
    20- ئەسىرنىڭ ئەڭ چوڭ ئىسلام ئالىملىرىدىن بەدۇئى زامان سەئىد نۇرسىنىڭ دىيىشى بويىچە ئىسلام دۇنياسى ئۇچۇن ئەڭ مۇھىم خەتەر “ جاھالەت، نامراتلىق ۋە ئىختىلاپتۇر . بۇلارنى بولسا سەنئەت، ھۇنەر قابىلىيەت ۋە ئىتتىپاقلىشىش بىلەن يېڭىش كېرەك “.
    ئىتتىپاقلىشىش بولسا ئەڭ مۇھىمى، چۇنكى ئىتتىپاقلىشىش نەتىجىسىدە پۇتۇن مۇسۇلمانلار “ سەنئەت ۋە ھۇنەر - قابىلىيەتلىرىنى “، يەنى پۇتۇن قابىلىيەت ۋە بىلىملىرىنى بىرلەشتۇرۇپ، ئىسلامغا ئۇلۇغ خىزمەتلەرنى قىلالايدۇ.
    ئىتتىپاقلىشىش بولسا ئىماننى ئاساس قىلىشى كېرەك !...
    مۇسۇلمانلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا بىرلىك بولىشى ئۇچۇن قىلىنىدىغان ئەڭ مۇھىم ئىشلاردىن بىرى بولسا، بۇ بىرلىككە توسالغۇ بولىدىغان خاتا پىكىر - چۇشەنچىلەرنى يوقۇتۇشتۇر.
    بۇ خاتا پىكىر - چۇشۇنچىلەرنىڭ ئەڭ ئاساسلىقى بولسا، بىر مۇسۇلمان باشقا بىر مۇسۇلمانغا باھا بەرگەن چېغىدا، ئۇنىڭ بىلەن بولغان ئورتاق نۇقتىسىغا ئەمەس، پەرىقلىق يەنى ئوخشىمىغان نۇقتىسىغا باھا بېرىشى. ھالبۇكى، ئىسلام ئەخلاقىنىڭ ئىھتىياجى بولسا بىر بىرى بىلەن قانچىلىك ئوخشىماسلىق بولسا بولسۇن، پۇتۇن مۇسۇلمانلارنىڭ بىر - بىرنىڭ قېرىنداشلىرى ئىكەنلىكىنى ئۇنۇتماسلىقىدۇر. ئېرقى، تىلى، ۋەتىنى، مەزھىپى نىمە بولسا بولسۇن پۇتۇن مۇسۇلمانلار قېرىنداشتۇر.
    چۇنكى دۇنيادىكى پۇتۇن مۇسۇلمانلار، اللە غا ئىمان ئېيتىدۇ، قۇرئانغا ئەگىشىدۇ، پەيغەمبىرىمىزنىڭ ( سەللاللاھۇ ئالەيھى ۋەسسەللەم ) يولىدىن ماڭىدۇ، ناماز قىلغاندا ئوخشاش بىر قىبلىغا قارايدۇ. پۇتۇن مۇسۇلمانلارنىڭ رەببى، كىتابى، پەيغەمبىرى، قىبلىسى ئوخشاش.
    يەنە ھەربىر مۇسۇلمان، جىنايەت، زۇلۇم، ئوغرىلىق، ساختىلىق، جىنسى ئازغۇنلۇق... قاتارلىق گۇناھلارغا قارشى تۇرىدۇ ۋە ئوخشاش بىر ئەخلاق كۆز قارىشىغا ئىگە. بۇ ئورتاق نۇقتىلارنىڭ ھەممىسى، باشقا بەزى نۇقتىلاردىكى پەرق ۋە ئىختىلاپلارنى پۇتۇنلەي ئەھمىيەتسز قىلىشى كېرەك. مۇسۇلمانلارنىڭ : ئوخشىمىغان مەزھەپلەرگە ئەگىشىشى، ئوخشىمىغان مىللەت ۋە ئېتنىك گۇرۇپپىلاردىن مەيدانغا كېلىشى، سىياسى ۋە سوتسىئال مەسىلىلەردە بەزى پەرىقلىق كۆز قاراشقا ئىگە بولىشى، باشقا بىر سوتسىئال گۇرۇھ ياكى جامائەتنىڭ ئىچىدە بولىشى ۋە ئىسلامغا خىزمەت قىلىش ئۇچۇن بىر بىرىگە ئوخشىمىغان يوللارنى تۇتۇشى، بىرلىك ئىچىدە ياشاشقا ھىچقانداق بىر كاشىلا بولالمايدۇ.
    يەنە بىرسىگە، مۇسۇلمانلارنىڭ ئوتتۇرىدىكى ئوخشاشماسلىقلارنى تەكىتلەشنىڭ يېرىگە، بىر بىرى بىلەن ئوخشاش بولغان ئىمان ئاساسلىرىنى تەكىتلەش كېرەك. مۇسۇلمانلار، بىر - بىرى بىلەن بولغان يازمىلىرىدا، سۆزلىرىدە، سۆھبەتلىرىدە ۋە تېخىمۇ مۇھىمى چۇشەنچىلىرىدە، باشقا مۇسۇلمانلار بىلەن بولغان ئىختىلاپلارنى ۋە ئۇلارنىڭ كەمچىلىكلىرىنى ئاساسى ئورۇنغا قويماستىن، ئۇلار بىلەن بولغان ئورتاق نۇقتىلىرىغا ۋە ئىمان پىرىنسىپلىرىغا ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك. بىر مۇسۇلمان قېرىندىشىغا قارىغان چېغىدا، بىرىنچى بولۇپ ئۇنىڭ بىر مۇسۇلمان ئىكەنلىكى ھەقىقىتىنى سەمىگە ئېلىشى كېرەك.
    باشقا مۇسۇلمانلارنىڭ قىلغان خىزمەتلىرىنىمۇ ماختاش كېرەك
    بۇگۇن ئىنسانىيەت ئىچىگە كىرىپ قالغان بۇ مۇھىتتىن بىر چىقىش يولى ئىزدەۋاتىدۇ، دۇنياغا ھەقىقى تىنچلىق، ھوزۇر، ئادالەت ئەكىلىدىغان بىر يول باشلىغۇچىنى ساقلاۋاتىدۇ. بۇ ئىنسانىيەتكە باشلامچىلىق قىلىش بولسا ئىسلامغا بوي سۇنغان مۇسۇلمانلارنىڭ مەجبۇرىيىتىدۇر ۋە پۇتۇن مۇسۇلمانلار بۇ ئىدراك بىلەن ھەرىكەت قىلىشى كېرەك، ۋە قىلىۋاتىدۇ. ھەر خىل مىللەتتىن بولغان، ئوخشىمىغان تىللاردىن، ھەر خىل جامائەتلەردىن بولغان مۇسۇلمانلارنىڭ دۇنيانىڭ تۆت تەرىپىدە ئىسلام ئەخلاقىنى يېيىش ئۇچۇن قىلغان خىزمەتلىرىنىڭ نەتىجىسىدە، دۇنيادىكى مۇسۇلمانلارنىڭ سانى كۇنسىرى جىقىيىۋاتىدۇ. ئىنسانىيەت توغرا يولغا قاراپ مېڭىشقا باشلاۋاتىدۇ. بۇنداق بىر مۇھىت ئىچىدە ئىسلامغا خىزمەت قىلىش ئۇچۇن پايپىتەك بولغان ھەر بىر مۆمىن، ئىنتايىن قىممەتلىكتۇر. خاتالىرى، كەمچىلىكلىرى ۋە بەزى نۇقسانلىرى بولىشى مۇمكىن، ئەمما بۇ نۇقسانلىرى ۋاقىتنىڭ ئۆتىشى بىلەن تۇزىلىدۇ. قۇرئان ئەخلاقىنىڭ ۋە پەيغەمبىرىمىز ( سەللەللاھۇ ئالەيھى ۋەسسەلەم ) نىڭ سۇننىتى بويىچە، ھەر بىر مۇسۇلماننىڭ قىلغان خىزمىتىنى تەقدىرلەش ۋە تېخىمۇ ئىلگىرلىشى ئۇچۇن ئىلھاملاندۇرۇش كېرەك.
    بۇ نۇقتىدا، مۇسۇلمانلارنىڭ ئىسلامغا خىزمەت قىلىش، ئىسلام ئەخلاقىنى يېيىش، دىن ئەخلاقىغا ئۇيغۇن بولمىغان پەلسەپەلەرگە قارشى كېرەكلىك بولغان ئىدىيىۋى كۇرەشلەرنى ئېلىپ بېرىش ئۇچۇن قىلغان خىزمەتلىرىنىڭ ئوخشىمىغان شەكىلدە، ئوخشىمىغان زىمىنلاردا ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقىنى ئۇنۇتماسلىق كېرەك. ھەر بىر مۇسۇلمان ئۆزىنىڭ ئىمكانىيەتلىرى، ئۆزىنىڭ بىلىمى، ئۆزىنىڭ شەرت - شارائىتلىرى نەتىجىسىدە، بىر بىرىگە ئوخشىمىغان يوللارنى تۇتقان بولىشى، پەرىقلىق ئۇسۇللارنى قوللانغان بولىشى مۇمكىن. مۇسۇلمانلار بىلىم، ئىقدىساد، سىياسەت، سەنئەت، مائارىپ قاتارلىق ھەر خىل كەسىپلەردە تەتقىقات ئېلىپ ئېلىپ بارالايدۇ، بەزىلىرى بۇ كەسىپلەرنىڭ مۇتەخەسىسى بولغان بولىشى مۇمكىن. بىر بىرىگە ئوخشىمايدىغان ۋاستە ۋە ئۇسلۇپلارنى ئىشلەتكەن بولىشى مۇمكىن. بۇ سەۋەپ تۇپەيلىدىن باشقا بىر مۇسۇلمان قېرىندىشىنىڭ قىلغانلىرىنى ياراتماي ئۇنى ئازارلاش، پەقەتلا ئۆزىنىڭكىنى ماختاش، ۋىجدانى بىر ئىش ئەمەس.
    اللە نىڭ رىزاسىغا ئۇيغۇن بولۇش ئۇچۇن، باشقا مۇسۇلمانلارنىڭ قىلغان خىزمەتلىرىنىمۇ ماختاش كېرەك. ئەگەر بۇنى ئەمەلگە ئاشۇرالىساق، ھەر مىللەتتىن بولغان مۇسۇلمانلارنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى سۆيگۇ ۋە قېرىنداشلىق كۇچلىنىدۇ ۋە شۇنداقلا بىرلىك - بارابەرلىككە قاراپ قەدەم تاشلانغان بولىدۇ.
    اللە نىڭ ئىزنى بىلەن ئىسلام دۇنياسىنى ئىنتايىن گۇزەل ۋە پارلاق بىر كەلگۇسى ساقلاۋاتىدۇ. “ پۇتۇن كائىناتنى ئايدىڭلىتىدىغان بىر نۇر تۇغۇلىۋاتىدۇ “. بۇ پارلاق نۇرنىڭ تېخىمۇ تېز تۇغۇلۇشى ئۇچۇن، ئىسلام ئەخلاقىنىڭ ئىھتىياجى بولغان ئىتتىپاق، بىرلىك ۋە قېرىنداشلىق روھىنىڭ تېخىمۇ كۇچلىنىشى كېرەك. سۇيۇملۇك پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەت مۇستافا سەللەللاھۇ ئالەيھى ۋەسسەللەم : “ سىلەرگە ئىككى نەرسىنى مىراس قىلىپ قالدۇرىمەن، ئۇلارغا مەھكەم ئېسىلساڭلار ھەرگىزمۇ ئازمايسىلەر، بۇ مىراس بولسا قۇرئان ۋە مېنىڭ سۇننىتىمدۇر “ دىيىش ئارقىلىق مۇسۇلمانلارغا توغرا يولنى كۆرسەتتى. بىزنىڭ ۋەزىپىمىز بولسا بۇ يولدىن مېڭىش ۋە جانابى اللە نىڭ بىزگە قىلغان بۇ بۇيرۇقىنى ھەرگىز ئۇنۇتماسلىق :
    “ ھەممىڭلار اللە نىڭ ئارغامچىسىغا ( يەنى اللە نىڭ دىنىغا ) مەھكەم يېپىشىڭلار، ئايرىلماڭلار ( يەنى سىلەردىن ئىلگىرى يەھۇدىلار ۋە ناسارالار ئىختىلاپ قىلىشقاندەك، دىندە ئىختىلاپ قىلىشماڭلار ). اللە نىڭ سىلەرگە بەرگەن نېمىتىنى ئەسلەڭلار، ئۆز ۋاقتىدا سىلەر ئۆز - ئارا دۇشمەن ئىدىڭلار، اللە دىلىڭلارنى بىرلەشتۇردى، اللە نىڭ نېمىتى بىلەن ئۆز - ئارا قېرىنداش بولدۇڭلار، سىلەر دوزاخ چۇقۇرىنىڭ گىرۋىكىدە ئىدىڭلار، اللە سىلەرنى ( ئىسلام ئارقىلىق ) ئۇنىڭدىن قۇتقۇزدى. سىلەرنىڭ ھىدايەت تېپىشىڭلار ئۇچۇن، اللە ئايەتلىرىنى سىلەرگە شۇنداق بايان قىلىدۇ “ ( ئال ئىمران سۇرىسى 103 )

    分享到: