• ئىران نىمە ئۇچۇن يادرو قۇرالىغا ئىگە بولۇشنى خالايدۇ؟ (داركىنىز ماقالىلىرى)

    2010-05-21

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    http://www.blogbus.com/bilim-kuq-logs/63945719.html

    ئىراننى، “ يادرو قۇرالى “ ياساشقا مەجبۇر قىلغان بەزى “ چۇشىنىشلىك “ سەۋەپلەر بار. بىرىنچى سەۋەپ بولسا، ئىراق بىلەن داۋام قىلغان 8 يىللىق ئۇرۇشنى، يادرو قورالى خەۋپىگە دۇچ كەلگەنلىكى ئۇچۇن ئاخىرلاشتۇرۇشقا مەجبۇر بولىشى ئىدى. ئىمام ھۈمەينى سۇلھى قىلىش كېلىشمىنى “ بىر قاچا زەھەرنى ئىچىش “ كە ئوخشاتقان ئىدى.
    ئەگەر ئۇ زامان ئىران سۇلھى قىلىش كېلىشىمىنى دەرھال ئىمزالىمىغان بولسا، ئامېرىكا ۋە ياۋروپانىڭ كۆزى ئالدىدا، ساددام سوۋىت ئىتتىپاقىدىن ئالغان ئاتوم بومبىلىرىنى، ئىران خەلقىنىڭ ئۇستىگە ئاتاتتى، شۇنداق قىلىپ ئامېرىكىنىڭ ياپونىيەنى ئاتوم بومبىسى بىلەن تەسلىم بولۇشقا قىستىغىنىغا ئوخشاش، ئىراننىمۇ تەسلىم بولۇشقا قىستايتتى. بەزى مۇتەخەسىسلەرنىڭ تەخمىن قىلىشى بويىچە، ئەگەر ئىراق سوۋىت ئىتتىپاقىدىن ئالغان ئاتوم بومبىسىنى ئاتقان بولسا 2 مىليوندىن جىق ئىنسان ئۆلىشى مۈمكىن ئىدى. دىيىشىڭلار مۇمكىن، ساددام بۇنى قىلىشقا جۇرئەت قىلالامدۇ؟ ئەلۋەتتە قىلىدۇ. چۇنكى ئۇ بۇنىڭدەك ئىشلارنى جىق قىلغان، 1988- يىلى ئىراقنىڭ خالەپچە شەھرىدە خىمىيەلىك قۇراللار بىلەن ئونمىڭلىغان بىگۇنا كۇرت ۋە باشقا مىللەتتىن بولغان كىشىلەرنى ئۆلتۇرگەن ئىدى.
    شۈبھىسىزكى، بۇ ئاتوم بومبىلار ئىراننى ئىنتايىن قورقۇتتى، ھەتتا ئىران ئۇچۇن بىر پسىخولوگىيەلىك پاجىئەگە ئايلاندى. ۋە بەلكى سۈلھى كېلىشىمىنى ئىمزالىغان كۇنى، ئىراننىڭ چوقۇم بىر يادرو قۇرالىغا ئىگە بولىشى كېرەكلىكىنى “ ئاچچىق ئىچىدە “ تونۇپ يەتتى.
    بەزى سىتراتېگىيەچىلەرنىڭ قارىشىچە، ئامېرىكا يېڭى بىر خىل يادرو قۇرالىنى ئىراندا سىناق قىلىشنى پىلانلاۋاتىدۇ. بۇ يادرو قۇرالىنىڭ بىر خىل “ يېڭى ئەۋلات “ يادرو قۇرالى ئىكەنلىكى غەرىپنىڭ گېزىت -ژورنال ۋە تېلېۋىزورلىرىدا كۆرسىتىلىۋاتىدۇ. ئۆتكەندە The Independent گېزىتىنىڭ يازغۇچىسى Robert Fisk مۇنداق يازىدۇ: “ ئىرانلىقلار پەقەت يادرو دۆلىتى بولۇش ئارقىلىقلا، ئامېرىكىدىن ئۆزلىرىنى قوغدىيالايدۇ. “
    1979- يىلىدىكى ئىران ئىسلام ئىنقىلابىدىن بۇرۇن، ئىراننىڭ “ رايون خاراكتېرلىق خەۋىپسىزلىك “ مەسىلىسى بار ئىدى. تۇركىيەگە ئوخشاش NATO ( شىمالى ئىتتىپاق يەنى شىمالى ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى ) نىڭ ھىمايىسىدە بولمىغانلىقى ئۇچۇن، ئىران شاھى ھەم ئىراننىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش ئۇچۇن، ھەم ئىراننى ئوتتۇرا شەرىقتىكى چوڭ بىر كۈچكە ئايلاندۇرۇش ئۇچۇن ئىنتايىن چوڭ بىر “ قۇراللىنىش مۇسابىقىسى “ نى باشلىغان ئىدى. ئىران، 27 يىلدىن بېرى ئوتتۇرا شەرىقتە ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل بىر سىياسەت يۇرگۇزىۋاتىدۇ. ئىسيان، بۆلۈنۇش ۋە ئىمبارگو تەھدىتلىرىگە قارىماي، ئۆزىنىڭ مۇستەقىل سىياسىتىدىن ھەرگىزمۇ ۋاز كەچمەيۋاتىدۇ. ئانالىزچىلار، ئىراننىڭ ئۆز نېفىت مەنبەلىرىنى ۋە ھاكىمىيەت تۇزۇمىنى پەقەت يادرو قوراللىرى ئارقىلىق ساقلاپ قالالايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويىۋاتىدۇ.
    ئوتتۇرا شەرىق رايونى “ چاتاق “ بىر رايون، قىسقا مۇساپىدە، كرىزىسلار، توقۇنۇشلار ۋە داۋالغۇشلار تۈگەيدىغاندەك كۆرۈنمەيدۇ. ھەتتا پۇتۇن دۇنيانىڭ سىياسىي، ئىقدىسادىغا چوڭقۇر تەسىر قىلىغان ئۆزگۈرۈشلەر بۇ رايوندىن باشلىنىپ چىقىدىغاندەك تۇرىدۇ. نىمە يۇز بەرسە يۇز بەرسۇن، قۇرال كۇچى ئۇستۇنلىكى، بۇ رايوندا قۇرۇلىدىغان يېڭى تۇزۇمنىڭ شەكىللىنىشى ئۇچۇن بەلگىلىگۇچى رول ئوينايدۇ. ئىراننىڭ يېڭى ئېرىشكەن يادرو قۇرالىنى ھىساپقا ئالمىغاندا، ئوتتۇرا شەرىقتە پەقەت ئىسرائىلىيەنىڭ قولىدا يادرو قۇراللىرى بار. 200 بىلەن 400 ئارىسىدا ئاتوم بومبىسى بار. بۇ ئىنتايىن قورقۇنۇچلۇق بىر ساندۇر ۋە پۇتۇن كۈچ تەڭپۇڭلىقلىرىنى ئاستىن-ئۈستۇن قىلىۋەتكىدەك دەرىجىدە مۇھىمدۇر. ھازىر ئىسرائىلىيە دۇنيانىڭ 5- كۈچلۇك ئارمىيەسىگە ئىگە. ئەگەر ئىسرائىلىيەنى ئامېرىكا بىلەن تومپەيكۇم ( پۇتۇن ئارمىيەسى بىلەن ) بىر ئۇرۇشقا كىردى دەپ قىياس قىلساق، بىر ھەپتە تاقابىل تۇرۇش كۈچىگە ئىگە. ئىسرائىلىيەنىڭ قولىدا بۇنچىلىك جىق يادرو قۇرالى تۇرۇغلۇق، دۇنيادىكى ھىچقانداق بىر دۆلەت ئىسرائىلىيەگە غىڭ قىلالمايدۇ، ھىچكىم ئۇنىڭ يادرو قۇراللىرىنى تەكشۈرەلمەيدۇ. بۇ ھەرگىزمۇ نورمال چۇشەندۈرىلىدىغان بىر ئەھۋال ئەمەس، نىمىشقا؟ ئويلىنىش كېرەك...
    ئىراننىڭ يادرو قۇرالىغا ئىگە بولۇپ “ يادرو مارافونىغا “ قوشۇلىشى بولسا، شۇبھىسىزكى ئىسرائىلىيەنىڭ كۈچىنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇپ، تىزگىنلەيدىغان مۇھىم بىر ئەھۋالدۇر. يادرو قۇراللىرى، ئىراننى ئوتتۇرا شەرىقتە ئىناۋەتكە ئىگە قىلىدۇ. ئەرەپ دۆلەتلىرى ۋە ھاكىميەتلىرى “ ھەيرانلىق “ بىلەن ئىراندىن تەپ تارتىدىغان بولىدۇ. ھەتتا ئەرەپلەرنى جاسارەتلەندۈرىدۇ ۋە ئىسرائىلىيەگە قارشى تېخىمۇ غەيرەتلەندۈرىدۇ، پەلەستىنلىكلەرگە مەنىۋى جەھەتتىن كۇچ بېرىپ، پەلەستىن مەسىلىسىنىڭ ئېقىشىنى بەلگىلىيەلەيدىغان بولىدۇ. ئىران، ئىسلام ئىنقىلابى ئارقىلىق ئىدىئولوگىيەلىك بىر كۈچ قازاندى. 8 يىللىق ئىرق ئۇرۇشىدا، ئىراننىڭ “ يىيىش ئاسان بولغان بىر لوق گۆش ئەمەسلىكىنى “ ئىسپاتلىدى. 27 يىللىق سىياسىتىدە، دۇنيانىڭ دەرىجىدىن تاشقىرى كۈچلىرىگە بويۇن ئەگمەي، مۇستەقىل بىر سىياسەت ئېلىپ باردى. ئىران بەلكىم بۇ 27 يىللىق “ ئەمگىكىنى “ يادرو قۇرالى بىلەن مۇكاپاتلاشنى پىلانلاۋاتىدۇ...

    分享到:

    收藏到:Del.icio.us