• بۇ خەۋەر نىمىشقا يۇشۇرۇلدى؟(داركىنىز ماقالىلىرى)

    2010-05-21

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    http://www.blogbus.com/bilim-kuq-logs/63946462.html

    10- ئۆكتەبىر سەيشەنبە كۈنى سائەت 00:30. باغداتتىكى يېشىل رايوننىڭ 13 كېلومىتر جەنۇبىغا جايلاشقان ئامېرىكىنىڭ ئىراقتىكى ئەڭ چوڭ ھەربىي بازىلىرىدىن بىرسى بولغان Falcon بازىسى مۇجاھىتلارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى. باشتا راكېتالار، ئارقىسىدىن Grad ۋە كاتيۇشا بومبىلىرى ھەممە تەرەپتىن بازىغا قاراپ يامغۇردەك يېغىشقا باشلىدى. Falcon ھەربىي بازىسى، ئامېرىكىنىڭ ئىراقتىكى ئەڭ چوڭ قۇرال - ياراق ئامبارلىرىدىن بىرسى، شۇنداقلا 4- پىيادىلەر دېۋىزىيەسىنىڭ باش شىتابى بولۇپ، ئەڭ ئاز 3000 كىشى جايلاشقان بىر ئەسكىرىي بازا. 2 بىلەن 5 مېتىر ئېگىزلىكتىكى قېلىن تاملار بىلەن قاپلانغان بۇ بازا، << قانغا بويالغان پۇللار بىلەن سەمرىگەن >> ئەسكىرىي شېركەتلەر تەرىپىدىن ئىنتايىن ئىنىچكىلىك بىلەن سېلىنغان، ئىنتايىن قاتتىق قوغدىلىدىغان بىر رايونغا جايلاشقان.

    بۇ راكىتا ھۇجۇمىدىن كېيىن بازىدا چوڭ پارتىلاشلار يۈز بېرىشكە باشلىدى. باغداتنىڭ ھەممە يېرىگە ئاڭلانغان بۇ پارتىلاشلار كېچە ئاسمىنىنى خۇددى ئامېرىكا بومباردىمانىغا ئوخشاش ئايدىڭلىتىۋەتتى. خەۋەر مەنبەلىرى ئۇ كېچە باغداتتا 30 چوڭ پارتىلاش بولغانلىقىنى ئاڭلاتقان ئىدى. ئەسلىدە بۇلار پۈتۈنلەي ئۇ بازىدىن كەلگەن ئاۋازلار ئىدى. 4 سائەت داۋام قىلغان پارتىلاشلار نەتىجىسىدە پۈتۈن بازىنى قاپلىغان ئوت چارشەنبە كۈنى چۈشتە ئاران تىزگىنلەندى.

    ئامېرىكا ئەسكەرلىرىدىن باشقا، ئىراق ئەسكەرلىرى، CIA جاسۇسلىرى، تەرجىمانلار ۋە باشقا ھۆكۈمەت خادىملىرى بولغان بۇ بازا، بۇ رايوندىكى ئەڭ چوڭ ۋە ئەڭ مۇھىم قۇرال - ياراق ئامبىرى بولۇپ، پەقەت بۇ قۇرال - ياراقلارنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغدايدىغان ئەسكەرلەرنىڭ سانى 100 دىن جىق ئىدى. ئۇ كۈندىن بېرى ئەسكىرىي ۋە دىپلوماتىيە جەھەتتىن مۇھىم ۋەزىپىسى بولغان بۇ رايوندا قاتتىق ھەربىي ھالەت ئېلان قىلىندى.

    بۇ ھۇجۇمدىن كېيىن ئامېرىكا ئۇرۇش ئايرۇپىلانلىرى ۋە تىك ئۇچارلار باغداتنىڭ بەزى يەرلىرىنى بومباردىمان قىلدى. ئەمما كېچىككەن بولۇپ، مۇجاھىتلار مەخسىتىگە يەتكەن ئىدى. ھەربىي بازا ئېغىر دەرىجىدە ۋەيران قىلىنغان بولۇپ، قۇرال - ياراق ئامبارلىرىنىڭ ھەممىسى دىگۈدەك يوق قىلىنغان، تانكىلار، بومبىلار، برونىۋىكلار، توننىلىغان يېقىلغۇلار، ئالتە ئاپاچى تىك ئۇچار ئايرۇپىلان ۋە نۇرغۇنلىغان Humwee تىپلىق ئەسكىرىي ماشىنىلار يوق قىلىنغان ئىدى. ئەسكەرلەرنىڭ قارارگاھلىرى، ۋاسكېتبول مەيدانلىرى، كۆڭۈل - ئېچىش زاللىرى ۋە شىتاب بىنالىرى كۆيۈپ كەتتى. باغدات ھۆكۈمىتى، زىياننىڭ ئەڭ ئاز بىر مىليارت دوللار بولغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

    ئامېرىكا ھۆكۈمىتى رەسمىي ئۇقتۇرىشىدا بىرمۇ ئادەم يارىدار بولمىدى دەپ ئېلان قىلدى. ئەمما پارتىلاپ ۋەيران بولغان تانكىلار ئىراقتىكى باشقا بازىلارغا يۆتكىلىۋاتقان ۋاقىتتا، قىزىل ھىلال ئاي بايراقلىق ئەسكىرىي توشۇش ماشىنىلىرى دوختۇرخانىلارغا جەسەت ۋە يارىدارلارنى توشۇۋاتقان ئىدى. پەقەت بىرىنچى كۈنى ئۆلگەنلەرنىڭ 300 ئەتراپىدا ئىكەنلىكى ئېنىقلاندى. بۇنداق چوڭ بىر ھەربىي بازا، بۇنداق چوڭ بىر ھۇجۇمغا ئۇچرىسا، قۇرال - ياراق ئامبارلىرىنىڭ پارتىلىشى نەتىجىسىدە تانكىلار، ماشىنىلار، ئايرۇپىلانلار ۋە بىنالار كۆيۈپ كۈلگە ئايلانسا، ئوت ئىككىنچى كۈنى چۈشتە ئاران تىزگىنلەنسە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ دېگىنىدەك بىر كىشىنىڭمۇ بۇرنىنىڭ قانىمىغانلىقى ئەقىلگە سىغارمۇ؟...

    11- ئۆكتەبىر ئەتتىگىنى ئۆلۈك ۋە يارىدارلارنى ئېلىپ دوختۇرخانىغا ماڭغان 9 ترانسپورت ماشىنىسى مۇخپىلارنىڭ كۆزىدىن قاچمىدى. دوختۇرخانىنىڭ تىزىملىكىدە، ئامېرىكا ئەسكەرلىرى، ئىراق ئەسكەرلىرى، CIA جاسۇسلىرى ۋە تەرجىمانلاردىن بولۇپ ئۆلگەن 300 كىشىنىڭ تىزىملىكى بار. ئېغىر يارىدارلار توشۇلغان باغداتنىڭ 70 كىلومېتىر غەربىدىكى ئامېرىكا ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئالاھىدە قۇرۇلغان خاببانىيە دوختۇرخانىسى بولسا قانچە يارىدار ۋە ئۆلۈك بار ئىكەنلىكى ھەققىدە ھىچنەرسە دېمىدى.

    ھازىر بۇ بازا ئىشلەتكىلى بولمايدىغان دەرىجىدە ئېغىر ۋەيران ھالەتتە. يارىدارلار خاببانىيە ۋە باشقا دوختۇرخانىلاردا داۋالىنىۋاتىدۇ. ئامېرىكا بولسا بار كۈچى بىلەن بۇلارنى يوشۇرۇشقا تىرىشىۋاتىدۇ. ئىراق ئارمىيەسىدىن گېنىرال بىلال ئەخمەت ئەل ئىتاۋى، قۇرال - ياراق ئامبارلىرىدىن باشقا بارلىق بىنالارنىڭ ۋە ئارخىپلارنىڭ كۆيۈپ كەتكەنلىكىنى ئۇقتۇردى. ۋە ئىنتايىن مۇھىم بىر نۇقتىنى ئاشكارىلاپ مۇنداق دەيدۇ:

    - ئەڭ چوڭ ئەندىشە بولسا، ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ بۇ بازىدا، فەللۇجە ئۇرۇشىدا ( قىرغىنچىلىقىدا ) ئىشلەتكەن تۆۋەن مىقتارلىق يادرولۇق ۋە خىمىيەلىك قۇراللار ئامبىرى بار. بۇنىڭ تەسىرىدە باغداتتا مىڭلىغان ئىنسانلارنىڭ ئۆلىشىدىن قورقۇۋاتىمىز.

    مۇجاھىتلار تۇنجى قېتىم بۇنداق زور بىر ھۇجۇمنى ئېلىپ باردى ۋە ئىنتايىن غەلىبىلىك بولدى. بۇ ۋەقە، ئەمدى ئامېرىكا بازىلىرىنىڭمۇ بىخەتەر ئەمەسلىكىنى، ھەر ۋاقىت تويۇقسىز بىر ھۇجۇمغا ئۇچراش ئېھتىماللىقىنىڭ بار ئىكەنلىكىنى ۋە بۇندىن كېيىن مۇجاھىتلارنىڭ بۇنداق ھۇجۇملارنى تېخىمۇ جىق ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.

    ئىراقنىڭ ئۈچكە بۆلۈنۈشى، سايلاملار، جورج بۇشنىڭ ئىراقتىكى ۋەزىيەتنىڭ كۈندىن - كۈنگە يامانلىشىپ كېتىۋاتقانلىقىنى ئېتىراپ قىلىشى، پارس قولتۇقىغا يىغىلغان ئامېرىكا ئاۋىئاماتكىلىرى، ئېران ھۇجۇمىنىڭ ئاخىرقى تەييارلىقى بولغان بەھرەيىن يېقىنلىرىدا ئېلىپ بېرىلغان ھەربىي مانىۋېر، يېڭى ئىراق سىياسىتىنى بەلگىلەشنىڭ جىددىلىكى سۈرىۋاتقان بىر پەيتتە بۇ ۋەقە گېزىت ۋە تېلېۋىزورلاردا كىچىك بىر خەۋەر سۈپىتىدە چىقتى ۋە يوقاپ كەتتى. نىمىشقا ۋە قانداقسىگە؟............

    分享到:

    收藏到:Del.icio.us