بىلگىلەر (بىلگەلەر) يانبىلوگى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

بىلگەجان: يېشى چوڭ دادىلارنىڭ بالىلىرى ئەقىللىق بولامدۇ

بىلگەجان: يېشى چوڭ دادىلارنىڭ بالىلىرى ئەقىللىق بولامدۇ

ۋاقتى: 2015-01-25 ئاۋاتلىقى: 2816 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

تۈرلۈك سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن، ھازىرقى دۇنيادا كىشىلەر بارغانسېرى كېچىكىپ بالىلىق بولماقتا. كېچىكىپ بالىلىق بولۇشنىڭ بالا ساغلاملىقىغا مەلۇم تەسىرلىرى بولىدىغانلىقىنى كۆپ قىسىم كىشىلەر بىلىشى مۇمكىن، ئەمما دادا يېشىنىڭ چوڭ بولۇشى بىلەن بالا ئەقلىي ئىقتىدارىنىڭ مۇناسىۋىتى بار-يوقلۇقى تا يېقىنقى يىللارغىچە تېخى ئايدىڭ بولمىغان مەسىلە ئىدى. تۆۋەندە ئاتا-ئانا بولغۇچىلارغا پايدىلىنىش ئۇچۇرى بولۇپ قالسۇن ئۈچۈن، بۇ مەسىلە ئۈستىدە ئامېرىكا ئالىملىرى تەرىپىدىن ئىلىپ بېرىلغان، ئىلمىي تەجىرىبىدىن ئۆتكەن ۋە داڭلىق ئىلمىي ژۇرنالدا ئېلان قىلىنغان بىر تەتقىقات نەتىجىسىنى سىلەرگە تونۇشتۇرىمەن.
يېقىندا PloS Medicine دە ئېلان قىلىنغان بىر تەتقىقات نەتىجىسىدە (بۇ يەردىن كۆرۈڭ)، يېشى چوڭ دادىلاردىن تۇغۇلغان بالىلارنىڭ بوۋاقلىق ۋە بالىلىق مەزگىلىدىكى ھەر خىل ئەقلىي ئىقتىدار سىناقلىرىدىكى نەتىجىسى كۆرۈنەرلىك تۆۋەن بولۇپ، ئانىنىڭ يېشى چوڭ بولغاندا ئەكسىچە نەتىجە چىققانلىقىنى كۆرسەتكەن. ئىلگىرىكى تەتقىقاتلاردا چوڭ ياشلىق دادىلار بىلەن بالىلاردىكى تۇغما كەمتۈكلۈك، خارامۇشلۇق كېسىلى، ئېلىشىپ قىلىش قاتارلىق نېرۋا كېسەللىكلىرى ئوتتۇرىسىدا باغلىنىش بارلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىلگەن ئىدى (ئاستىدىكى پايدىلىنىش ماتېرىياللىرىغا قاراڭ).
بۇ قېتىملىق تەتقىقات نەتىجىسى پىلۇس مېدىتسىنا (PloS Medicine) ناملىق مېدىتسىنا ساھەسىدە خەلقىئارادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان داڭلىق ئىلمىي ژورنالدا ئېلان قىلىنغان.
بۇ ماقالىنىڭ ئاپتورلىرى بولغان مىكگرات تەجىرىبىخانىسىدىكىلەر ئامېرىكا ھەمكارلىق ھامىلىدارلىق تۈرى دەپ ئاتالغان زور سانلىق مەلۇماتنى ئانالىز قىلغان بولۇپ، بۇ سانلىق مەلۇماتلار ئامېرىكىدىكى 12 شەھەردىن 1959-يىلىدىن 1965-يىلىغىچە توپلانغان. مىكگراتنىڭ تەتقىقات گۇرۇپپىسى شۇ مەزگىلدە تۇغۇلغان 33 مىڭ نەپەر بالىنى تەتقىقات ئوبيېكتى قىلغان بولۇپ، ئۇلار 8 ئايلىق، 4 ياش ۋە 7 ياشقا كىرگەندە ئېرىشىلگەن ئەقلىي ئىقتىدارىنى ئۆلچەيدىغان سىناقلارنىڭ نەتىجىسىدىن پايدىلانغان. بۇ سىناقلار ئاساسلىقى بالىلارنىڭ ئويلاش ۋە مۇھاكىمە قىلىش ئىقتىدارىنى سىنىغان بولۇپ، دىققەتنى يېغىش، ئۆگىنىش، سۆزلەش، ئوقۇش، ھېساب، ئەستە تۇتۇش ۋە تەڭپۇڭلۇقنى ساقلاش قاتارلىق ئەقلىي ئىقتىدارغا مۇناسىۋەتلىك تۈرلەرنى ئۆلچىگەن.
ئاخىرىدا ئۇلار دادىلارنىڭ يېشى ۋە ئانىلارنىڭ يېشىنى تەكشۈرگەن ۋە ئىجتىمائىي-ئىقتىسادى ئامىللار، مەسىلەن ئائىلە ئىقتىسادى ۋە ئاتا-ئانىنىڭ تەربىيەلىنىش ئەھۋالى قاتارلىقلارنى نەزەرگە ئالغان. بۇ تەتقىقاتقا قاتناشقان دادىلارنىڭ ئوتتۇرىچە يېشى 28.4 ياش بولۇپ، دائىرىسى 14-66 ياش بولغان.
سىتانفورد بىنەت ئەقىل كۆرسەتكۈچى ئارقىلىق IQ (ئەقىل كۆرسەتكۈچى)نى باھالىغاندا، 50 ياشتىن ئاشقان دادىلارنىڭ بالىلىرى 20 ياشلىق دادىلارغا سېلىشتۇرغاندا IQ سى 6 نومۇر تۆۋەن چىققان، ئەمما بۇنى ئائىلە ئىقتىسادى ۋە ئاتا-ئانىنىڭ تەربىيەلىنىش ئەھۋالى قاتارلىقلارنى نەزەرگە ئىلىپ ھېسابلىغاندا بۇ پەرق 2.2 نومۇر بولغان.
بۇ نەتىجە بىزنى دادىنىڭ يېشىنىڭ چوڭ بولۇشى نېمە ئۈچۈن بالىلارنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارىنىڭ تۆۋەن بولۇشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ، دېگەن سوئالغا باشلايدۇ. بۇ توغرىدا مىكگىرات مۇنداق دېگەن:
نۆۋەتتە كۆپلىگەن ئىلمىي پاكىتلار ياش چوڭايغانسېرى ئەرلەر ئىسپىرمىسىدا تېخىمۇ كۆپ گېنلارنىڭ توساتتىن ئۆزگىرىشى كۆرۈلىدىغانلىقىنى ئىسپاتلىماقتا، دېمەكچى يېشى چوڭ ئەرلەرنىڭ DNA كودىدا كۆپرەك خاتالىق كۆرۈلىدۇ.
مىكگىراس يەنە مۇنداق دەيدۇ:
شۇنداقتىمۇ، دادىلارنىڭ يېشىنىڭ بالا ئەقلىي قابىلىيىتىگە بولغان تەسىرى باشقا ئىجتىمائىي-مەدەنىيەت ئامىللىرىغا سېلىشتۇرغاندا كۆپ كىچىك. مەسىلەن، ياخشى ھامىلىدارلىق مەزگىلىدىكى ئوزۇقلۇق، بالىنىڭ تۇغۇلغاندىن كېيىنكى ياخشى ئوزۇقلىنىشى، ياخشى مائارىپ، ئىللىق ئائىلە، ئېسىل ئوقۇتقۇچى ۋە مەكتەپ قاتارلىقلار تېخىمۇ مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ.
ئۇنىڭدىن باشقا، ئەرلەرنىڭ بەدىنىدىكى ئەرلىك جىنسىي ھورمۇن تېستوستېروننىڭ مىقدارى 30 ياشتىن باشلاپ ئاستا-ئاستا ئازلايدىغان بولۇپ، 40 ياشلاردىن كېيىن جىددىي تۆۋەنلەيدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن بالىلىق بولۇشتا ئەرلەر ئىمكانقەدەر بالدۇرراق بالىلىق بولۇشنى تاللىشى تەۋسىيە قىلىنىدۇ چۈنكى تېستوستېرون مىقدارىنىڭ تۆۋەن بولۇشى ئىسپېرما سۈپىتىگە بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىدۇ.

پايدىلىنىلغان ماتېرىياللار:
http://journals.plos.org/plosmedicine/article?id=10.1371/journal.pmed.1000040
http://www.plosone.org/article/metrics/info:doi/10.1371/journal.pone.0090097#citedHeader
http://archpsyc.jamanetwork.com/article.aspx?articleid=1833092

مەنبە: بىلگەجان بلوگىدىن ئېلىندى.
بايانات

«بىلگىلەر» يانبىلوگى مەخسۇس بىلگىلەرنىڭ ئېنتېرنېت تورىدا ئېلان قىلغان، باشقىلارغا ئۈمىد، ئىشەنچ بېغىشلايدىغان يازمىلىرىنى توپلاش ئارقىلىق ۋۇجۇدقا كەلگەن. مەقسەت تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرگە تېخىمۇ كۆپ مەنىۋىي ئوزۇق، ئىشەنچ، ئۈمىد ئاتا قىلىشقا ئۈندەش، ھەم كىشىلەرنىڭ يانبىلوگ ئارقىلىقلار داڭلىق ئالىملىرىمىزنىڭ نادىر يازمىلىرىدىن ئوزۇق ئېلىشىغا قولايلىق يارىتىشتىن ئىبارەت. ئەگەر يازمىلىرىڭىزنىڭ بىسوراق يوللانغانلىقىنى بايقاپ، ئاپتورلۇق ھوقۇقۇمغا دەخلى يەتتى دەپ قارىسىڭىز yanbilog@126.com غا ئەھۋال پاش قىلسىڭىز بولىدۇ، بىز ئەڭ تېز سۈرئەتتە تەدبىر قوللىنىپ، ئاپتورلۇق ھوقۇقىڭىزنى كاپالەتكە ئىگە قىلىمىز! ئورگان ئۈندىدار سۇپىمىز: yanbilog

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى