ھوشۇر ئىسلام بېيجىڭ پىداگوكىكا ئۇنىۋېرسىتېتىغا تەكلىپ قىلىندى
ۋاقتى: 2015-12-29
ئاۋاتلىقى: 4493 قېتىم
يانفوندا كۆرۈش
ھوشۇر ئىسلام بېيجىڭ پىداگوكىكا ئۇنىۋېرسىتېتىغا تەكلىپ قىلىندى
بېيجىڭ پىداگوكىكا ئۇنىۋېرسىتېتى ئاخبارات ۋە تارقىتىش ئىنىستىتۇتى مەملىكىتىمىزدىكى تۇنجى ئاكادېمىك بار بولغان ئاخبارات ئىنىستىتۇتىغا ئايلاندى.
23-دېكابىر بېيجىڭ پىداگوكىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئاكادېمىك ھوشۇر ئىسلامنى خىزمەتكە تەيىنلەش مۇراسىمى جىڭشى سارىيىنىڭ 9307-نومۇرلۇق ئاخبارات ۋە تارقىتىش ئىنىستىتۇتى يىغىن زالىدا ئۆتكۈزۈلدى. ئاكادېمىك، كۆپ تىللىق ئۇچۇرلارنى بىر تەرەپ قىلىش ۋە تور تېخنىكا قوللىنىشچان يۇمشاق دېتاللارنى لايىھەلەش مۇتەخەسسىسى ھوشۇر ئىسلام تەكلىپ بىلەن بېيجىڭ پىداگوكىكا ئۇنىۋېرسىتېتى ئاخبارات ۋە تارقىتىش ئىنىستىتۇتىغا خىزمەتكە چۈشتى. شۇنىڭ بىلەن مەزكۇر ئىنىستىتۇت مەملىكىتىمىزدىكى تۇنجى ئاكادېمىك بار بولغان ئاخبارات ئىنىستىتۇتىغا ئايلاندى.
مۇراسىمدا مەكتەپ مۇدىرى دۇڭ چى ھوشۇر ئىسلامغا «قوش تەكلىپلىك ئاكادېمىك» تەكلىپنامىسىنى تارقاتتى. مۇئاۋىن مۇدىر چېن لى ھوشۇر ئىسلامغا «ئاخبارات ۋە تارقىتىش ئىنىستىتۇتى يېڭى تارقىتىش ۋاستىسى تەجرىبىخانىسىنىڭ باش مۇتەخەسسىسى» خىزمەت تەكلىپنامىسىنى تارقاتتى. مۇراسىمغا 60 قا يېقىن ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچى قاتناشتى.
ھوشۇر ئىسلام بۇ قېتىملىق پۇرسەتنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بىلەن شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ قوللاپ قۇۋۋەتلىشىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدىغانلىقىنى، نۆۋەتتىكى «بىر بەلباغ، بىر يول» نىڭ جامائەت پىكرىنى ئانالىز قىلىش ۋە مەدەنىيەت تارقىتىشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ يەنە ئۆزىنىڭ بۇ قېتىملىق خىزمەت تەكلىپىنى پۇرسەت دەپ بېلىپ، ئىنىستىتۇتنىڭ يېڭى تارقىتىش ۋاستىسى تەجرىبىخانىسىدا ئۆگەنگىنىنى جارى قىلدۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ ئىختىساس ئىگىلىرىنى تەربىيەلەپ، پەن-تەتقىقاتنى داۋاملاشتۇرۇپ، ئىلغار كوللېكتىپ قۇرۇپ، شەرق-غەرب پەن-تېخنىكا تەتقىقات كۈچىنى بىرلەشتۈرۈپ، جامائەت پىكرىنى يېتەكلەپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» تور جامائەت پىكرى ۋە مەدەنىيەت جەھەتتىكى خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
مۇدىر دۇڭ چى ھوشۇر ئىسلامنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى ۋە ئۇنىڭ خىزمەتلىرىگە يېقىندىن ياردەمدە بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. (مۇخبىرىمىز: زۆھرە تۇرسۇن تەرجىمىسى)
مەنبە: مەركىزى تېلېۋىزىيە تورى ئۇيغۇرچە قانىلى سالونى
مەنبە: مەركىزى تېلېۋىزىيە تورى ئۇيغۇرچە قانىلى سالونى