بىلگىلەر (بىلگەلەر) يانبىلوگى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ئۇيغۇرلارنى دۇنياغاتونۇتۋاتقان چمپيۇنلارتىزىملكى سۆيۈنۈپ تارقىتڭ

ئۇيغۇرلارنى دۇنياغاتونۇتۋاتقان چمپيۇنلارتىزىملكى سۆيۈنۈپ تارقىتڭ

ۋاقتى: 2016-01-23 ئاۋاتلىقى: 5142 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

ئۇيغۇرلارنى دۇنياغاتونۇتۋاتقان چمپيۇنلارتىزىملكى سۆيۈنۈپ تارقىتڭ


ئۇيغۇر خەلقى ئۆزلىرىنىڭ كۆپلىگەن مەشھۇر سىياسىئونلىرى، ئالىملىرى، مەدەنىيەت ھەم جامائەت ئەربابلىرىغا ئىگە بولۇپلا قالماستىن بەلكى يەنە دۇنياۋى رىكورتلارنى ياراتقان چىمپىيونلارغىمۇ ئىگە!

دارۋازلىق ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى تەنھەرىكەت تۈرلىرىنىڭ بىرسى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۇيغۇرلاردىن ئادىل ھوشۇر، ئەسقەر قاتارلىق پەخىرلىك ئوغلانلىرى دۇنيا جىنىس رىكورتى يارىتىش ئارقىلىق ئۇيغۇرلارغا زور شان-شەرەپ كەلتۈردى.
بۇلاردىن باشقا مىسالغا ئالساق قۇملۇق مەلىكىسى زۆھرەگۈل، ماراڧونچە يۈگۈرۈش چىمپىيونى نۇرگۈل ساۋۇت، بوكس ماھىرلىرىدىن ئابدۇشۈكۈر، ئابدۇراھمان، ۋاسكىتبول ماھىرى ئادىلجان قاتارلىق ئەلسۆيەر ئوغۇل-قىزلىرىمىز مەملىكىتىمىز ئىچى-سىرتىدا مىللەتكە، ۋەتەنگە زور شان-شەرەپ كەلتۈردى!

بۇلاردىن سىرت بىزگە تازا مەلۇم بولمىغان، مەملىكىتىمىز سىرتىدا ياشاپ ئۆتكەن ھەم ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلىرىمىزمۇ ھەرزامان ھەر يەردە مىللىتىمىزگە تۆھپە قوشماقتا، بۇلاردىن چامباشچىلىق ماھىرى ھىياخۇنۇپ ئامېرىكىدا ئۆتكۈزۈلگەن دۇنيا چامباشچىلىق مۇسابىقىسىدا چىمپىيون بولغان. زاكىر توختىيىۋ، ئەخمەتجان قاتارلىقلارمۇ بىر قانچە قېتىم تايلاندچە بوكس دۇنيا چىمپىيونى ئاتالغان.

70-80 يىللاردا بولسا ئابدۇراھمان ئىسىملىك ئۇيغۇر ئوغلى ئۇزۇن مەزگىل سابىق سوۋىت ئىتتىپاقىنىڭ چىمپىيونى بولغان.

ئالاھىدە تىلغا ئىلىشقا تىگىشلىك بولغان كىشى 50-يىللاردا دۇنيا ئولىمپىك چىمپىيونى بولغان مەخمۇت ئۆمەرۇپ بولۇپ، ئۇ قارىغا ئىتىش تۈرىدە دۇنيا ئولىمپىك چىمپىيونى بولغان. (مىللىتىمىز ئىچىدىن چىققان تۇنجى ئولىمپىك چىمپىيونىدۇر.)
يىقىنقى يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇرلار، قازاقىستان، قىرغىزىستان، قاتارلىق يەرلەردىن ياۋروپا دۆلەتلىرىگە كىلىپ ئولتۇراقلاشماقتا، بىلگىيەگە كىلىپ ئولتۇراقلاشقان ئۇيغۇرلارمۇ خىلى كۆپ بولۇپ، يىقىندا بىلگىيە مەتبۇئاتلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە قازاقىستاندىن بىلگىيەگە كىلىپ ئولتۇراقلاشقان 17 ياشلىق ئۇيغۇر يىگىتى رۇسۇل زىياۋىدىنوپ ياشلارنىڭ بوكس مۇسابىقىسىدە بىلگىيە چىمپىيونى بولغان.
مەنبە: ئەزىز يار سالونى
بايانات

«بىلگىلەر» يانبىلوگى مەخسۇس بىلگىلەرنىڭ ئېنتېرنېت تورىدا ئېلان قىلغان، باشقىلارغا ئۈمىد، ئىشەنچ بېغىشلايدىغان يازمىلىرىنى توپلاش ئارقىلىق ۋۇجۇدقا كەلگەن. مەقسەت تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرگە تېخىمۇ كۆپ مەنىۋىي ئوزۇق، ئىشەنچ، ئۈمىد ئاتا قىلىشقا ئۈندەش، ھەم كىشىلەرنىڭ يانبىلوگ ئارقىلىقلار داڭلىق ئالىملىرىمىزنىڭ نادىر يازمىلىرىدىن ئوزۇق ئېلىشىغا قولايلىق يارىتىشتىن ئىبارەت. ئەگەر يازمىلىرىڭىزنىڭ بىسوراق يوللانغانلىقىنى بايقاپ، ئاپتورلۇق ھوقۇقۇمغا دەخلى يەتتى دەپ قارىسىڭىز yanbilog@126.com غا ئەھۋال پاش قىلسىڭىز بولىدۇ، بىز ئەڭ تېز سۈرئەتتە تەدبىر قوللىنىپ، ئاپتورلۇق ھوقۇقىڭىزنى كاپالەتكە ئىگە قىلىمىز! ئورگان ئۈندىدار سۇپىمىز: yanbilog

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى