بىلگىلەر (بىلگەلەر) يانبىلوگى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ئۇيغۇرمغا ئاپىرىن، ئون بىر بالىسىنى ئالىي مەكتەپتە ئوقۇتقان ئاتا

ئۇيغۇرمغا ئاپىرىن، ئون بىر بالىسىنى ئالىي مەكتەپتە ئوقۇتقان ئاتا

ۋاقتى: 2016-01-16 ئاۋاتلىقى: 4154 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش


ئون بىر بالىسىنى ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ئاتا ۋە ئامېرىكىلىق ھەزرىتى ئەلى
ئابدۇرۇسۇل ئابدۇرېھىم

ئىلىم-پەن ۋە تالانت ئىلگىرىگە موھتاج بولۇۋاتقان، بىلىم ئىلگىرى ئەتىۋارلىنىپ جەمئىيەتتە قەدىر-قىممىتىنى تېپىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، «جىگدە ياغىچى بادرا بولالماس، دېھقان بالىسى كادىر بولالماس» دېگەن كونىچە گەپلەرنىڭ ۋاقتى ئاللىقاچان ئۆتۈپ، «ھەركىم ئۆز تەقرىدىنىڭ تۆمۈرچىسى» دېگەن دانالار سۆزى دەۋر مېلودىيەسىگە ئايلاندى، «تاڭ ساداسى» پروگىراممىسىنىڭ «ھىدايەت گۈلزارى» سەھىپىسىگە ماقالە تەييارلاش جەريانىدا دىنىي مەزمۇندىكى نۇرغۇن ماقالە-ئەسەرلەرنى ئوقۇدۇم. قۇرئان كەرىمدە:" ھەربىر قەۋم ئۆز تەقدىرىنى ئۆزگەرتمىگىچە، ئاللاھ ئۇنىڭ تەقدىرىنى ئۆزگەرتمەيدۇ» دېگەن ئايەت بار. تەقدىرىنى ئۆزگەرتىشنىڭ بىردىنبىر يولى ئوقۇش، توختاۋسىز ئىزدىنىش ۋە بىلىم ئىگىلەشتۇر.


بۈگۈن سىلەرگە تونۇشتۇرماقچى بولغان مەرھۇم ئابدۇرشېت ئابلىز ۋە ئۇنىڭ كەنجى ئوغلى ھەزرىتى ئەلى ئابدۇرېشىت سۆزىمىزنىڭ دەلىلى بولۇپ، بىلىم ئارقىلىق ئۆزىنىڭ تەقدىرىنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن توختاۋسىز تىرىشىۋاتقانلارنىڭ مىسالىدۇر. ئابدۇرېشىت ئابلىز 1943-يىلى قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ پەيزىۋات ناھىيەسى گۈللۈك يېزىسىدا دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. ئابدۇرېشىت ئابلىزنىڭ 11 پەرزەنتى بولۇپ، ھەممىسىنى دېگۈدەك ئالىي بىلىم يۇرتلىرىدا ئوقۇۋاتقان. ئابدۇرېشىت ئابلىزنىڭ دادىسى ئابلىز ئەپەندى ئۆزى دېھقان بولسىمۇ، مەرىپەتۋەر ئادەم بولغانلىقى ئۈچۈن تۆت ئوغلى، ئىككى قىزىنى مەيلى قانچىلىك جاپا تارتىشىدىن قەتئىينەزەر ئاخىرغىچە ئوقۇتقان.

ئابلىز ئەپەندىنىڭ جاپا تارتسىمۇ بالىلىرىنى ئوقۇتۇش ئەمەلىيىتى، ئابدۇرېشىت ئابلىزغا كۈچلۈك تەسىر كۆرسەتكەن، ئۇ دادىسىنى ئۆزىگە ئۈلگە قىلىپ ئىنى-سىڭىللىرىغا باشلامچى بولۇپ، ئائىلىنىڭ ئېغىر-يېنىك ئىشلىرىغا ياردەملىشىپ ئاكىلىق مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئۆزى تىرىشىپ ئوقۇش بىلەن بىرگە، پەرزەنتلىرىنى ئوقۇتۇش ئۈچۈن ئالاھىدە كۈچ چىقارغان. ئابدۇرېشىت ئابلىز ئەينى يىللىرى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ، ئۈچ يىل يېزىغا چۈشۈپ چېنىققان، گۈللۈك يېزىسىدا دەسلەپ ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان، كېيىن بانكا خادىمى، بانكا باشقۇرغۇچىسى بولغان، 1969-يىلى يېزىلىق ھۆكۈمەتنىڭ بوغالتىرى بولغان، 1973-يىلى يېزىلىق ھۆكۈمەتنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولغان، 1973-يىلىدىن 1993-يىلىغىچە ئىلگىرى ئاخىرى مۇئاۋىن يېزا باشلىقى، يېزا باشلىقى، يېزىلىق پارتكوم سېكرېتارى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتەپ، گۈللۈك يېزىسىدىكى ئاممىنىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولغان.

ئابدۇرېشىت ئابلىز خەلقنىڭ ئۈلگىلىك كادىرى بولۇپلا قالماستىن، ئائىلىدە ياخشى باشلامچى، مەسئۇلىيەتچان، كۆيۈمچان ھەم تەلەپچان ئاتا بولۇپ، پەرزەنتلىرى ياراملىق، پەزىلەتلىك قىلىپ تەربىيەلەپ چىقىشقا بارلىقىنى بىغىشلاپ، 11 پەرزەنتىنىڭ ئونىنى ئالىي بىلىم يۇرتلىرىدا ئوقۇتقان، نۆۋەتتە مەرھۇم ئابدۇرېشىت ئابلىزنىڭ 7 پەرزەنتى مائارىپ ئۈچۈن توختاۋسىز تۆھپە قوشۇۋاتىدۇ.

ئەنە شۇ 11 ئوت يۈرەك پەرزەنتنىڭ ئەڭ كىچىكى بولغان ھەزرىتى ئەلى ئابدۇرېشىت 1986-يىلى 5-ئايدا تۇغۇلغان. 2001-يىلى تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنى ئەلا نەتىجە بىلەن پۈتتۈرگەندىن كېيىن ئىچكىرى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە ئىمتىھان بېرىپ پەيزىۋات ناھىيەسى بويىچە يۇقىرى نومۇر بىلەن نەنجىڭدىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە قوبۇل قىلىنغان. 4 يىل تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇش جەريانىدا ئۆگىنىش ۋە تۇرمۇش جەھەتتىكى نۇرغۇنلىغان قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، 2005-يىلى ئەلا نەتىجە بىلەن بېيجىڭ ئىككىنچى چەتئەل تىلى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئىنگلىزچە ئىگىلىك باشقۇرۇش كەسپىنىڭ تولۇق كۇرسىغا قوبۇل قىلىنغان.


ھەزرىتى ئەلى ئابدۇرېشىت ئالىي مەكتەپتە ئوقۇش جەريانىدا داۋاملىق تىرىشىپ ئۆگىنىپ، 2008-يىلى بىرنەچچە قېتىملىق تاللاش ئىمتىھانىدىن ئۆتۈپ بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىغا ئىنگلىزچە تەجىمان بولۇپ تاللانغان. شۇ يىلنىڭ ئاخىرىدا يەنە مەكتەپنىڭ تاللىشىدىن ئۆتۈپ، ئامېرىكىنىڭ لوس ئانژېلىس شەھىرىدىكى كالىفورنىيە ئىشتاتلىق ئۇنىۋېرسىتېتا ئۈچ ئايلىق تەجرىبە ئالماشتۇرۇش ۋە پىراكتىكا قىلىش پۇرسىتىگە ئېرىشكەن. ئالى مەكتەپنى ئەلا نەتىجە بىلەن پۈتتۈرگەندىن كېيىن بېيجىڭدىكى ئاۋجى خەلقئارا مائارىپ گۇرۇھىغا قوبۇل قىلىنىپ خەلقئارا بۆلۈمنىڭ مەسئۇلى بولۇپ ئىشلىگەن. بۇ جەرياندا ئامېرىكىدىكى 30دىن ئارتۇق داڭلىق ئالىي مەكتەپلەرگە پىكىر ئالماشتۇرۇش زىيارىتىگە بارغان، شۇنداقلا 100 دىن ئارتۇق ئالى مەكتەپلەر بىلەن قويۇق مۇناسىۋەت ئورناتقان. 2012-يىلى خەلقئارا مائارىپ ئىشلىرى ۋەكىلى بولۇپ ئامېرىكىنىڭ خيوستون شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن «خەلقئارا مائارىپ خىزمەتچىلەر ئۇيۇشمىسى» نىڭ سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشقان ۋە دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەردىن كەلگەن 300 دىن ئارتۇق مەكتەپ بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ قىممەتلىك تەجرىبە ساۋاقلارنى توپلىغان. بېيجىڭدا 7 يىل خىزمەت قىلىش جەريانىدا جۇڭگولۇق نۇرغۇن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئامېرىكا، كانادا، ئاۋستىرالىيە، يېڭى زېنلاندىيە، ئەنگلىيە، فىرانسىيە، گوللاندىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىكى مەكتەپلەرگە چىقىپ ئوقۇشىغا ياردەم قىلغان. 2015-يىلى ئامېرىكىنىڭ مىشگېن ئىشتاتىدا ئامېرىكىدا ئوقۇپ خىزمەت قىلىۋاتقان ماھىرجان، ئىلياس، ئەيساجان قاتارلىق ساۋاقداشلىرى بىلەن بىرلىكتە «ئەلا خەلقئارا مائارىپ شىركىتى» نى قۇرغان ۋە شىركەتنىڭ مېنىڭ قەلبىمگە يۈكسەك ئارزۇ-ئارمانلارنى پۈكۈپ توختاۋسىز ئىزدىنىۋاتقان ھەزرىتى ئەلى ئابدۇرېشىت بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىمىزگە دىققەت قىلغايسىلەر!

سوئال: بۇ قېتىم ئامېرىكىدىن دۆلىتىمىزگە قايتىپ كەلگەن پۇرسەتتە ئوقۇش ھاياتىڭىز، ئائىلىڭىز، يېقىندىن بۇيان جۇڭگو ۋە ئامېرىكىدا قىلغان خىزمەتلىرىڭىز توغۇرلۇق پاراڭلىشىپ ئولتۇرغىنىمدىن تولىمۇ خۇرسەنمەن. بىلىشىمچە سىز شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ پەيزىۋات ناھىيەسىدە بىر مەرىپەتپەرۋەر ئائىلىدە تۇغۇلۇپسىز. سىزنىڭ 11 قېرىندىشىڭىز ئىچىدە 10 قېرىندىشىڭىز ئالىي مەكتەپتە ئوقۇپتىكەن.

جاۋاب: مېىنىڭ ئۈچ ئاكام يەتتە ئاچام بار ئىدى. دادام بۇرۇن كادىر بولۇپ مائارىپقا بەكلا ئېتىبار بېرەتتى. شۇڭا 11 بالىنىڭ ئىچىدە 10 بالىنى ئالىي مەكتەپتە ئوقۇتتى، ھازىر ھەممىمىز خىزمەت قىلىۋاتىمىز.


سوئال: ھازىر بىر قىسىم ئاتا-ئانىلار بالىلىرىنى ئالىي مەكتەپتە ئوقۇتمايدىغان، ھەتتا ئىمتىھاندىن ئۆتسىمۇ «ئۈجمە ياغىچى بادىر بولالماس، دېھقان بالىسى كادىر بولالماس» دەپ قارايدىكەن.

جاۋاب: بۇ ناھايىتى خاتا قاراش، بىزنىڭ ئائىلىنى ئېلىپ ئېيتساق ئاتا-ئانامغا شۇنداق قايىلمەن. 11 بالىدىن ئونىمىزنى ئالىي مەكتەپتە ئوقۇتۇپ ھەممىنى خىزمەتچى كادىر قىلىپ تەربىيەلەپ چىقىش ناھايىتى قىيىن. مېنىڭ ئاتا-ئانىلارغا دەيدىغىنىم، پەرزەنتىڭلارنى ناھايىتى ياخشى ئوقۇتۇڭلار! ياخشى ئوقۇغان بالىنىڭ مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش، مۇلاھىزە قىلىش جەھەتتىن چوقۇم ياخشى ئوقۇمىغان، كۆپنى كۆرمىگەن بالىدىن ياخشى بولىدۇ دەپ ئويلايمەن. ياخشى ئوقۇساق بىزگە ھەر تەرەپتىن يول ئېچىلىدۇ، كەلگۈسىدە پۇرسىتىڭىز باشقىلارغا قارىغاندا كۆپ بولىدۇ، ئاشۇ يوللاردىن ئۆزىمىزگە مۇۋاپىق كېلىدىغىنىدىن بىرنى تاللاپ ماڭساق بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىشلىرىڭىز ياخشى بولۇپ كېتىدۇ. شۇڭا ئاتا-ئانىلار بالىلىرىڭلارنى ئوقۇتۇپ ياخشى تەربىيەلەڭلار! مۇمكىن بولسا چەتئەللەردە ئۆرلەپ ئوقۇتۇڭلار!

سوئال: ھازىرقىدەك تۇرمۇش رىتىمى تېز، بالا بېقىش تەسلىشىپ كەتكەن كۈنلەردە ئاتا-ئانىلار بىر ئىككى بالىسىنى بېقىپ بولغۇچە ھېرىپ جۇلىقى چىقىپ كېتىپ بارىدۇ، سىلەر ئون بىر بالا ئىكەنسىلەر، سىلەرنىڭ ھەممىڭلار ئالى مائارىپ تەربىيەسى كۆرۈپسىلەر، ھەرقانداق ئادەم بۇنىڭغا قايىل بولماي تۇرالمايدۇ!


جاۋاب: مانا ھەش-پەش دېگۈچە ئوغلۇم ئەلكۈن يېرىم ياشقا كىرىپ قاپتۇ، قىسقىغىنا ئالتە ئاي ئىچىدە مەن كۆپ ئىشلارنى چوڭقۇر ئويلاندىم. بالا چوڭ قىلىشنىڭ ئاسان ئەمەسلىكىنى، ئاتا-ئانا بولۇشنىڭ نەقەدەر مۈشكۈل ۋە ئۇلۇغ ئىش ئىكەنلىكىنى تېخىمۇ چوڭقۇر ھېس قىلدىم. مۇشۇ ئىشلارنى ئويلىغاندا كاللامنى ئىككى سوئال چىرمىۋالىدۇ. بىرى، مەرھۇم جاپاكەش دادام بىلەن ئانام بىز 11 بالىنى ئەنە شۇنداق ئېغىر كۈنلەردە قانداقمۇ بېقىپ قاتارغا قوشقان بولغۇيتتى؟ قانداق قىلىپ بىز 11 بالىنى ساغلام بېقىپ چوڭ قىلىپلا قالماي يەنە 10 بالىنى ئالىي مەكتەپلەرگىچە ئوقۇتۇپ خەلىققە ياراملىق ئىختىساسلىقلاردىن قىلىپ تەربىيەلەپ چىققان بولغۇيتتى؟
ئىللىق ھەم ئىناق بىر ئائىلە مۇھىتىنىڭ بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە بولغان مۇھىملىقىنى تەكىتلەش ھاجەتسىز. ئېسىمدە قېلىشىچە كىچىك چېغىمدا دادامنىڭ ئوبرازى ئانام بىلەن ئىناق ئۆتىدىغان، تىرىشچان، جاپاكەش، ئۈلگىلىك دادا، خەلقنىڭ نەزىرىدە بولسا خەلقنىڭ مەنپەئەتىنى جىنىدىنمۇ ئەزىز كۆرىدىغان، خەلقنى ھۆرمەتلەيدىغان ۋە خەلقنىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر ئادىل خەلق كادىرى، شۇنداقلا مائارىپقا ھەممىدىن بەك ئەھمىيەت بېرىدىغان ئادەم ئىدى. بەلكىم سىز پالانىنىڭ ئون نەچچە بالىسى بار ئىكەن دېگەندەك گەپلەرنى ئاڭلىغان بولۇشىڭىز مۇمكىن، لېكىن سىز بىر ئائىلىدىكى 10 بالىسىنى ئالىي مەكتەپكىچە ئوقۇتۇپتۇ دېگەن ئاتا-ئانىلارنى ئاڭلىغانمۇ؟ ئاشۇ دەۋرلەردە تۇرمۇشىمىز قىيىن بولسىمۇ، دادام بىلەن ئانام كۈندۈزدە سىرتتا خىزمەت قىلىپ، ئەتتىگەن كەچتە ئۆينىڭ ئىشلىرىنى قىلىپ، ئۇنىڭدىن سىرت يەنە دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىپ بۇ چوڭ ئائىلىنىڭ ھۆددىسىدىن چىققان ئىدى. ئۆينىڭ ئىشلىرى شۇنچە ئالدىراش بولسىمۇ بىزنى ھەرگىزمۇ زورلاپ ئۆي ئىشلىرىغا سالماي ياخشى ئوقۇتۇشقا ئۈندەيتتى. دادام بىزنى ئۆگىنىشكە ئۈندىگەندە ھەرگىزمۇ زورلاپ ئۆي ئىشلىرىغا سالماي ياخشى ئوقۇتۇشقا ئۈندەيتتى. دادام بىزنى ئۆگىنىشكە ئۈندىگەندە ھەرگىزمۇ زورلىمايتتى ۋە ياكى بۇيرۇق قىلمايتتى، ئۇ ئۆزىنىڭ ئەمەلىي ئىش-ھەرىكەتلىرى بىلەن بىزگە ئۈلگە بولۇش ئارقىلىق ئۈن-تىنسىز ئۆگىنىشكە ئىلھاملاندۇراتتى. تولۇقسىزدا ئوقۇۋاتقان چاغلىرىمدا دادامنىڭ مەندەك بىرەر قېتىممۇ "ئۆگىنىشىڭ قانداقراق؟ ئىمتىھاندىن قانچە ئالدىڭ؟" دېگەندەك سوئاللارنى سورىغىنى ئېسىمدە يوق. ئۇ چاغلاردا دادامنى ئۆگىنىشىمگە كۆڭۈل بۆلمىدى دەپ كۆڭلۈم يېرىم بولاتتى. لېكىن بىر كۈنى سىنىپ مەسئۇلۇمنىڭ ماڭا ئېيتىشىچە، دادام دائىم ئۆگىنىش ئەھۋالىمنى سوراپ ئۆگىنىشىمنى چىڭ تۇتۇشنى پاپىلايدىكەن. مەن سىنىپ مۇدىرىمدىن بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ ناھايىتىمۇ ھاياجانلاندىم ۋە تېخىمۇ تىرىشىپ ئوقۇش نىيىتىگە كەلگەنىدىم. شۇنىڭ بىلەن تولۇقسىزنى پۈتتۈرۈش ئىمتىھانىدا مەكتىپىمىز بويىچە بىرىنچى بولۇپ ئىچكىردىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە ئۆتتۈم.


دادام ئەينى چاغدا تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرۈپلا خىزمەتكە چىققان بولسىمۇ ئۆگىنىشنى ھەرگىز توختىتىپ قويمىغان ئىدى. دادام خىزمەت ۋە ئۆينىڭ ئىشىنى قىلىشتىن باشقا ۋاقتى بولسىلا كىتاب كۆرەتتى، بىلىم ۋە پەن-تېخنىكا سەۋىيەسىنى ئاشۇرۇش ۋە دەۋرگە ماسلىشىش ئۈچۈن 40 ياشتىن ئاشقاندىن كېيىنمۇ ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىپ ئىمتىھان بېرىپ ئالى تېخنىكوم ئۇنۋانىنى ئالغان. ئاڭلىشىمچە، دادامنىڭ سالامەتلىكى يار بەرگەن بولسا 50 ياشقا كىرگىچە ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىپ ئىمتىھان بېرىپ باكلاۋۇرلۇق ئۇنۋانىنى ئالماقچىمۇ بوپتىكەن. چوڭ ئاچام ئائىلە ئىشلىرىغا ياردەملىشىپ ئۇكا-سىڭىللىرىمنى بېقىپ بېرىش ئۈچۈن يۇقىرى ئۆرلەپ ئوقۇيالمىغان ئىكەن. قالغان ئالتە ئاچام ۋە ئۈچ ئاكام ئالدى-كەينى بولۇپ قەشقەر پىداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى، تارىم ئۇنىۋېرسىتېتى ۋە ئۈرۈمچىدىكى ئۇنىۋېرسىتېتلاردا ئوقۇغان. ئۇلار ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىنمۇ دادامنىڭ «مائارىپ دېگەن خەلقنىڭ كەلگۈسىگە ئىختىساسلىق كىشلەرنى تەربىيەلەپ خەلققە نەپ يەتكۈزەلەيدىغان ئۇلۇغ كەسىپ» دېگەندەك نەسىھەتلىرىنىڭ تەسىرىدە ھازىر پەيزىۋات ناھىيەلىك 3-ئوتتۇرا مەكتەپ ۋە 9-ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ئوقۇتقۇچى بولۇپ، ھازىرغا قەدەر قان-تەر ئاققۇزۇپ مائارىپ ساھەسىدە ئۆزلىرىنىڭ تۆھپىسىنى قوشۇپ كەلمەكتە.

مەن ئائىلىمىزدىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ۋە ئالىي مەكتەپنى ئىچكىرى ئۆلكىلەردە ئوقۇغان شۇنداقلا چەتئەلدىمۇ ئوقۇغان 11-پەرزەنت. ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىنمۇ دادامنىڭ مائارىپقا بولغان چوڭقۇر ئىدىيەسىنىڭ تەسىرىدە، خەلقىمىزگە مائارىپ ساھەسىدە ئۆزۈمنىڭ بىر كىشلىك تۆھپىسىنى قوشۇنى كۆزدە تۇتۇپ، خەلقئارا مائارىپ ساھەسىدە ئىشلەشنى قارار قىلدىم. بېيجىڭدا ئالتە يىل ئىشلەش داۋامىدا چەتئەللەرگە چىقىپ ئوقۇش ۋە خەلقئارا مائارىپى توغۇرلۇق نۇرغۇنلىغان بىلىم ۋە تەجرىبە ساۋاقلارغا ئىگە بولدۇم، شۇنداقلا بىر نەچچە قېتىم ئامېرىكا ۋە كانادادىكى داڭلىق ئۇنىۋېرسىتېتلارغا بېرىپ خەلقئارا مائارىپچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ دۇنياۋى يىللىق يىغىنىغا تەكلىپ بىلەن قاتنىشىپ كۆزۈم تېخىمۇ ئېچىلدى. ھەر قېتىم چەتئەللەرگە چىقىپ شۇ يەردىكى ئادەملەر بىلەن سۆھبەتلىشىش جەريانىدا ئۇلارنىڭ ئىدىيەسى، ساپاسى ۋە يۈرۈش-تۇرۇشىنى ئىنچىكىلىك بىلەن كۆزىتىپ تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەرنىڭ مائارىپ جەھەتتىكى ئارتۇقچىلىقى ۋە مىللىتىمىز مائارىپى بىلەن بولغان پەرقلەر توغرىسىدا چوڭقۇر ئويلاندىم. مەشھۇر شەخسلەر نېلسون ماندېلا مۇنداق دېگەن «مائارىپ دۇنيانى ئۆزگەرتىشكە ئىشلىتىلىدىغان ئەڭ كۈچلۈك قورال!».


بۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، بىر مىللەت روناق تاپىمەن دەيدىكەن ئۇنىڭ مائارىپى چوقۇم مۇكەممەل ۋە تەرەققىي قىلغان بولۇشى كېرەك. مىللەتنىڭ مائارىپىنى روناق تاپقۇزغاندىلا مىللەت ئارىسىدىكى نادانلىقنى تۈگەتكىلى بولىدۇ. ھەممىمىزگە ئايان، يەھۇدىي مىللىتىنىڭ كۈچلۈك، بىلىملىك ۋە باي ئىكەنلىكىنى پۈتۈن دۇنيا خەلقى ئاساسەن بىلىدۇ، بۇ ئۇلارنىڭ تەرەققىي تاپقان مائارىپىنىڭ نەتىجىسىدۇر. لېىكىن بىزنىڭ مىللىتىمىزچۇ؟ ھەر قېتىم چەتئەلدە باشقىلار مەندىن، سىز قايسى مىللەتتىن دەپ سورىغاندا پەخىرلىك ھالدا «مەن ئۇيغۇر» دەپ جاۋاب بەرگەندىن كېيىن ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر مىللىتىنى بىلمەيدىغان ئىنكاسىغا قاراپ تولىمۇ ئېچىنىمەن، ئۇلارغا بىر-بىرلەپ ئۇيغۇر مىللىتىنى تونۇشتۇرىمەن. «مىللىتىمىزدىن تېخىمۇ كۆپ ئادەملەر چەتئەلگە چىقىپ ئوقۇغان بولسا نېمەدېگەن ياخشى بولاتتى دېگەندەك خىياللار ئۈستىدە چوڭقۇر ئويلىنىمەن.»

مانا بۇ مېىنىڭ ئامېرىكىدا ئوقۇغان ئۈچ ساۋاقدىشىم بىلەن بىرلىكتە، «ئەلا خەلقئارا مائارىپ مەسلىھەتچىلىكى شىركىتى» نى قۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ ياشلارنىڭ خەلقئاراغا يۈزلىنىشىگە يول باشلاشتىكى ئاساسىي مەقسىتىم. بىز چەتئەلدە ئاڭلىغان، كۆرگەن، ئۆگەنگەن ۋە خىزمەت جەريانىدىكى تەجرىبىلىرىمىز ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ ياشلارنىڭ چەتئەللەرگە چىقىپ ئوقۇپ، خەلقئاراغا يۈزلىنىشىگە يول كۆرسىتىپ بېرىشىنى چىن كۆڭلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز!


سوئال: سىز قايسى يىلى ئىچكىردىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە ئىمتىھان بېرىپ قوبۇل قىلىنغان؟
جاۋاب: مەن، 2001-يىلى 2-قارار ئىچكىرى تولۇق ئوتتۇرىغا ئىمتىھان بېرىپ، نەنجىڭدىكى ئىچكىرى تولۇققا قوبۇل قىلىندىم.
سوئال: ئۇنداقتا سىز كىچىكىڭىزدە ئۇيغۇرچە ئوقۇغانمۇ ياكى خەنزۇ تىلىدا ئوقۇغانمۇ؟

جاۋاب: مەن كىچىكىمدە ئۇيغۇرچە ئوقۇغان.
سوئال: نەنجىڭغا بارغاندىن كېيىنمۇ خەنزۇ ئوقۇغۇچىلار بىلەن بىرگە ئوقۇش، ئۇ يەرنىڭ مۇھىتى ۋە باشقا شارائىتلارغا ماسلىشىش جەھەتتە نۇرغۇن قىيىنچىلىقلارغا يولۇقتىڭىزغۇ دەيمەن؟

جاۋاب: ئۇ چاغلاردا قىيىنچىلىق بەكلا ئېغىر بولغان، تولۇق ئوتتۇرىدا ئوقۇۋاتقان مەزگىللەردە خەنزۇ تىلى ۋە ئىنگلىز تىلى جەھەتتە بەكلا قىينالدۇق. مەن باشلانغۇچ ۋە تولۇقسىزدا ئىنگلىز تىلىنى ئازراقمۇ ئۆگەنمىگەن. شۇڭا بىر يىل ناھايىتى تىرىشىپ ئوقۇدۇق. بىر كۈندە 24 سائەت ۋاقتىمىزنىڭ ئادەتتە 17-18 سائەتنىڭ ھەممىنى ئۆگىنىش بىلەن ئۆتكۈزەتتۇق، بولمىسا دەرسلەردە يىتىشەلمەيتتۇق. مانا مۇشۇنداق تىرىشىپ
ئۆگىنىش ئارقىلىق خەنزۇ ساۋاقداشلار 9يىلدا ئۆگەنگەن ئىنگلىز تىلىنى بىز بىر يىل ئۆگىنىپلا ئۇلار بىلەن ئوخشاش سەۋىيەگە يەتتۇق. بىزنىڭ سىنىپنىڭ ئىنگلىز تىلى نەتىجىسىمۇ 14 سىنىپنىڭ ئىچىدە ئىككىنچى بولغان ئىدى.


سوئال: بىلىشىمچە، 2005-يىلى بېيجىڭ 2-چەتئەل تىللىرى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئىنگلىزچە ئىگىلىك باشقۇرۇش كەسپىگە قوبۇل قىلىنىپسىز. ئىنگلىز تىلى كەسپىگە ياكى ئىگىلىك باشقۇرۇش كەسپىگە نېمە سەۋەبتىن قىزىقىپ قالدىڭىز؟

جاۋاب: شۇ چاغدا ئۆزۈم ئىنگلىزچىسىغا بەك قىزىقاتتىم. تولۇق ئوتتۇرىدا تەبئىي پەن ئوقۇدۇم، تەبئىي پەن بىلەن ئىجتىمائىي پەن بىرلەشسە يۇقىرى پەللىگە چىقىدۇ دەپ ئويلاپ ئىنگلىز تىلى ئىگىلىك باشقۇرۇش كەسپىنى تاللىغان.

سوئال: دەسلەپتە پەيزىۋاتتىن نەنجىڭگە كەلدىڭىز، دۆلىتىمىزنىڭ پايتەختى بېيجىڭغا كېلىپ نۇقتىلىق ئالىي مەكتەپتە ئوقۇدىڭىز، سىنىپىڭىزدىكى جۇڭگونىڭ ھەر قايسى ئۆلكە شەھەرلىرىدىن كەلگەن ئوقۇغۇچىلار بىلەن رىقابەتلىشىپ، يات بىر تىلدا پىكىر ئالماشتۇرۇپ ئىنگلىز تىلىنى پۇختىلاش جەھەتتە يەنە نۇرغۇن قىيىنچىلىقلارغا يولۇقتىڭىز ھەقىچان؟

جاۋاب: توغرا، ئالىي مەكتەپكە چىققاندىن كېيىنمۇ جاپا يەنىلا ئەگىشىپ كەلدى. بولۇپمۇ ئىجتىمائىي پەن جەھەتتىن بەكرەك قىينالدىم. ئالى مەكتەپكە چىققاندىن كېيىن تېخىمۇ تىرىشىپ ئوقۇمىساق بولمايدۇ، شۇڭا ئالىي مەكتەپتىمۇ شۇنداق تىرىشىپ ئوقۇدۇم. بولۇپمۇ ئىنگلىز تىلى جەھەتتىن مۇئەللىمنىڭ ماڭا بولغان ئىنكاسى ناھايىتى ياخشى، تەلەپپۇزۇم ياخشى بولغاچقا ئىنگلىز تىلى مۇئەللىملىرىم مېنى بەك ياخشى كۆرەتتى.

سوئال: بىلىشىمچە 2008-يىلى ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە قاتناشقىلى كەلگەن ھەرقايسى دۆلەتنىڭ تەنھەرىكەتچىلىرىگە تەرجىمانلىق قىلىش پۇرسىتىگە ئېرىشىپسىز، ئاشۇ ۋاقىتتا قانچىلىك خۇشال بولۇپ كەتكەنسىز؟
جاۋاب: ئۇ چاغدا ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنى بېيجىڭدا ئېچىلىدىغانلىقىنى ئاڭلاپلا ناھايىتى خۇش بولغان. بۇ پۈتكۈل مەملىكەت خەلقى خۇرسەن بولۇشقا تىگىشلىك بىر ئىش، شۇ قېتىملىق ئولىمپېىك تەنھەرىكەت يىغىنى 2008-يىلى 8-ئاينىڭ 8-كۈنى ئېچىلدى. مۇئەللىمدىن ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىدا، ئىنگلىزچىسى ياخشى ئوقۇغۇچىلاردىن چەتئەلدىن كەلگەن ئەزىز مېھمانلار ۋە تەنھەركەتچىلەرگە تەرجىمانلىققا تاللايدىغانلىق خەۋىرىنى ئاڭلاپ ناھايىتى خۇشال بولدۇم. تۇيۇقسىز كەلگەن بۇنداق ياخشى پۇرسەتنى قولدىن بەرگۈم يوق ئىدى، شۇڭلاشقا 3 قېتىم ئىمتىھان بېرىپ ئاخىر تاللاندىم، ئامېرىكىدىن كەلگەن ئەزىز مېھمانلارغا تەرجىمان بولۇپ 10 نەچچە كۈن شۇلارنىڭ خىزمىتىدە بولدۇم.


سوئال: سىز قاچان تۇنجى قېتىم ئامېرىكىغا چىققان؟
جاۋاب: 2008-يىلى ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنى ئۆتكۈزۈلگەن چاغدا ئامېرىكىلىقلار بىلەن ئۇچرىشىش ئارقىلىق ئۇلاردىن كۆپ نەرسىلەرنى ئۆگىنىپ ئامېرىكىغا چىقىپ باقسام دېگەن خىيال كاللامغا كىرىۋالدى. ئامېرىكىغا چىقىشنىڭ يولىنى ئىزدەپ يۈرۈپ يەنە بىر پۇرسەت كەلدى. بىزنىڭ مەكتەپنىڭ ئامېرىكىدا پىراكتىكا قىلىدىغان بىر تۈرى بار ئىكەن. شۇ تۈرگە قاتنىشىپ ئىمتىھانلاردىن ئۆتۈپ ئامېرىكىغا چىقىشنىڭ يولىنى ماڭدىم. دەسلەپتە ئۆيدىكىلەر تازا توغرا كۆرمەي ئەندىشە قىلدى، لېكىن مەن يەنىلا ئۆز ئارزۇيۇمنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن بۇ قارارىمدا چىڭ تۇرۇپ پاسپورت، ۋىزىلارنىمۇ ئۆزۈم كۈندە يول مېڭىپ بېجىرىپ ئامېرىكىغا ئوقۇغىلى چىقىپ، ئامېرىكىنىڭ لوس ئانژېلېس شەھىرىدكى بىر شىركەتتە ئۈچ ئاي پىراكتىكا قىلدىم.

سوئال: شۇ ۋاقىتتا بەلكىم ئامېرىكىدا قېلىش پۇرسىتىمۇ بولغان بولۇشى مۇمكىن. ئەمما سىز پەيزىۋاتقا قايتماپسىز. ئۈرۈمچىگىمۇ قايتماپسىز ياكى ئامېرىكىدا تۇرۇپ قالماي بەلكى بېيجىڭدىكى ئاۋجى خەلقئارا مائارىپ گۇرۇھى خەلقئارا بۆلۈمىنىڭ مەسئۇلى بولۇپ ئىشلەپ قېلىشىڭىزغا نېمە سەۋەبچى بولدى، سىز شۇ ۋاقىتتا نېمىلەرنى ئويلىغان ئىدىڭىز؟

جاۋاب: مەن ئامېرىكىغا چىققاندىن كېيىن نۇرغۇن ئادەملەر بىلەن ئۇچرىشىپ سۆھبەتلەشتىم، ئامېرىكىنىڭ مائارىپ جەھەتتە ئۈستۈنلىكىنى ھېس قىلىپ بۇرۇنقى نۇرغۇن پىلانلىرىم ۋە ئىدىيەم ئۆزگەردى. ھەممىمىزگە مەلۇم ئامېرىكا دۇنيا بويىچە ئەڭ كۈچلۈك دۆلەت بۇنىڭ سەۋەبى ئۇلارنىڭ بىلىم سەۋىيەسى ۋە ساپاسى يۇقىرى، بۇنداق بولۇشىدىكى سەۋەب ئۇلارنىڭ مائارىپى كۈچلۈك. شۇ جەرياندا مەن ئېلىمىزنىڭ مائارىپى بىلەن ئامېرىكا مائارىپىدا بىر ئاز ئارىلىق بارلىقىنى ھېس قىلىپ، دۆلەتكە قايتقاندىن كېيىن خەلقئارا مائارىپ كەسپى بىلەن شۇغۇللانماقچى بولدۇم. ئاۋجى خەلقئارا مائارىپ گۇرۇھى، ئۇلار مېىنىڭ تەجرىبىلىرىمنىڭ خىلى كۆپلىكىنى كۆرۈپ مېنى قوبۇل قىلدى. قوبۇل قىلىنغاندىن كېيىن مەنمۇ ناھايىتى خۇشال بولۇپ 2009-يىلىدىن بۇيان مۇشۇ كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىپ كىلىۋاتىمەن.


سوئال: سىز مۇشۇ ئورۇندا مەسئۇل بولۇپ ئىشلىگەن ۋاقتىڭىزدا شىركەت نامىدىن ھەم ئۆزىڭىز بىۋاستە كۆرۈش ئارقىلىق 100 دىن ئارتۇق ئالى مەكتەپ بىلەن مۇناسىۋەت ئورنىتىپتىكەنسىز.

جاۋاب: مەن بۇ شىركەتتىكى خەلقئارا بۆلۈمنىڭ ئاساسلىق مەسئۇلى ئىدىم. بىز ھەريىلى دۇنيانىڭ ھەرقايسى دۆلەتلىرىگە 10000-20000 مىڭغىچە ئوقۇغۇچى چىقىرىمىز. دۇنيانىڭ ھەرقايسى دۆلەتلىرىدىكى مەكتەپلەر بىلەن ئالاقە باغلاپ ھەرخىل پروگىراممىلارنى تۈزىتىمىز، ئوقۇغۇچىلارنى ئاشۇ پروگىراممىلارغا چىقىرىش جەريانىدا دۇنيانىڭ ھەرقايسى دۆلەتلىرىدىكى مەكتەپلەر بىلەن ئالاقە باغلاشقا پۇرسەت بولدى. خارۋارد، سىتانفور، يىئول قاتارلىق يۈزگە يىقىن ئالدىنقى قاتاردىكى ئالىي مەكتەپنى زىيارەت قىلدىم. زىيارەت قىلىش جەريانىدا مەكتەپلەرگە بېرىپ ئۇلارنىڭ پىروفېسسورلىرى بىلەن پىكىرلەشكەندىن كېيىن تېخىمۇ كۆپ نەرسىلەرنى ئۆگەندىم. شۇڭا مېنىڭ بۇ كەسىپكە بولغان ئىشتىياقىم تېخىمۇ ئىشىپ بۇ كەسىپنى تېخىمۇ ۋايىغا يەتكۈزۈپ قىلىش ئاخىرقى نىشانىم بولۇپ قالدى.


سوئال: 2015-يىلى ئامېرىكىنىڭ مىشىگىن ئىشتاتىدا ماھىرجان، ئىلياس، ئەيساجان قاتارلىق بالىلار بىلەن بىرلىشىپ بىر مۇلازىمەت شىركىتى قۇرۇپسىز، ھازىرقى شارائىتتا مۇلازىمەت شىركىتىگە نىسبەتەن ھەممە ئادەملەرنىڭ تونۇشى تېخى چوڭقۇرلىشىپ بولالمىغان شارائىتتا بۇنداق بىر شىركەتكە "ئەلا مۇلازىمەتچىلىكى" دېگەن نامنى قويۇپ شىركەتنى قۇرۇشتا نېمىنى ئويلىدىڭىز؟

جاۋاب: بۇ كەسىپ بىلەن شۇغۇللانغان 7 يىل جەريانىدا، مائارىپ توغرىلىق بولۇپمۇ خەلقئارا مائارىپى توغىرلىق ئويلىغانلىرىم بەكمۇ كۆپ. يۇرتۇمغا تۆھپە قوشۇش ئۈچۈن مەندە يېتەرلىك بىلىم بولۇشى كېرەك. خەلقئارا مائارىپى جەھەتتە ئىزدىنىپ كېلىۋاتقان مۇشۇ 7 يىلدىن بۇيان، ئىچكىرى ئۆلكە شەھەرلەردىكى خەنزۇ ئوقۇغۇچىلارنى چەتئەلگە كۆپ چىقاردۇق. 2014-يىلى پۈتۈن دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرگە ئوقۇشقا چىققان ئوقۇغۇچىلار سانى 240000 دىن ئاشتى. بۇنىڭ ئىچىدە ئامېرىكىغا چىققانلارنىڭ سانى 12000 غا يېتىدۇ. ئانا يۇرتىمىزدىنمۇ كۆپرەك ئوقۇغۇچىلار چەتئەلگە چىقىپ ئوقۇيالىغان بولسا نېمەدېگەن ياخشى بولاتتى دەپ ئويلاپ ئىزدەندىم. مەن ئاشۇ ئوقۇغۇچىلارغا يول ئېچىپ، يول كۆرسىتىپ ئۇچۇر بىلەن تەمىنلەش مەقستىدە شىركەتنى ئامېرىكىدا تەسسىس قىلىشنى ئويلىشىپ قالدۇق. «شىرنىڭ بالىسىنى ئالماقچى بولساڭ ئۇۋىسىغا كىر» دەيدىغان گەپ بار، بىز بۇ شىركەتنى ئامېرىكىغا تەسىس قىلىپ ئۇلار بىلەن يېقىندىن مۇناسىۋەت ئورنىتىپ ئۇلارنىڭ مائارىپ جەھەتتىكى ئارتۇقچىلىقىنى ئۆگىنىپ، بۇ ئارتۇقچىلىقلارنى مەملىكىتىمىزدىكى خەلقىمىزگە يەتكۈزۈشنى كۆزدە تۇتۇپ بۇ شىركەتنى ئامېرىكىدا قۇردۇق. يەنە بىر مەسىلە بولسا ماھىر، ئەيساجان، ئىلياسلار مېنىڭ تولۇق ئوتتۇرىدا بىللە ئوقۇغان يېقىن ساۋاقداشلىرىم، ئۇلار مۇشۇ ۋاقىتتا ئامېرىكىغا چىقىشنى ئىلتىماس قىلىپ ئوقۇش مۇكاپات پۇلى ئېلىپ ئامېرىكىغا ئوقۇشقا چىققانلار، ھازىر دوكتۇرلۇقتا ئوقۇپ ئامېرىكىدا ئىشلەۋاتىدۇ. شۇڭا ئۇلارمۇ شۇ يەردە بولغاچقا «يالغۇز ئاتنىڭ چېڭى چىقماس، چېڭى چىقسىمۇ دېڭى چىقماس» دەپ ئويلاپ، مۇشۇ مەسىلىلەرنى كۆزدە تۆتىمىز بىرلىشىپ ھەممە ئىشلارنى مەسلىھەتلىشىپ بىرلىكتە ئامېرىكىدا «ئەلا خەلقئارا مائارىپ شىركىتى» نى قۇرۇپ چىقتۇق.


سوئال: ھەرقانداق بىر شىركەتنىڭ ئۆزىگە خاس مۇلازىمەت دائىرىسى بولىدۇ. «ئەلا خەلقئارا مۇلازىمەت شىركىتى» ڭىزنىڭ قانداق مۇلازىمەت تۈرلىرى بار؟ قانداق قولايلىقلار بىلەن شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ھەر مىللەت خەلقىگە پايدىلىق شارائىتلارنى يارىتىپ بەرمەكچى؟ مۇشۇ توغرىسىدا ئۇچۇر بەرسىڭىز.
جاۋاب: «ئەلا خەلقئارا مائارىپ شىركىتى» نى قۇرغاندا ئۇيغۇرچە «ئەلا» دېدۇق. مەقسىتىمىز مائارىپ توغرىسىدا ئەلا مۇلازىمەت قىلىش، بىزنىڭ شىركىتىمىز خەلقئارا مائارىپىغا مۇناسىۋەتلىك شىركەت بولغاچقا شۇنداق بىر ئىسىمنى ئويلاپ چىقىپ «ئەلا» دەپ ئىسىم قويدۇق. شىركىتىمىزنىڭ ئاساسلىق مەقسىتى دۆلەت ئىچىدىكى خەلقىمىزگە خەلقئارا مائارىپ جەھەتتىن يول ئېچىپ چەتئەللەردىكى مەكتەپلەرنىڭ مائارىپىنىڭ تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇرلىرىنى يەتكۈزۈپ يول كۆرسىتىپ، تېخىمۇ كۆپ ئوقۇغۇچىلارنى چەتئەلگە چىقىپ ئوقۇتماقچى.

سوئال: سىزنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىشلىرىڭىزنىڭ ئۇتۇقلۇق بولۇشىغا چىن دىلىمدىن تىلەكداشمەن، زىيارىتىمنى قوبۇل قىلغىنىڭىزغا رەھمەت.
جاۋاب: سىزگىمۇ كۆپ رەھمەت.


بايانات

«بىلگىلەر» يانبىلوگى مەخسۇس بىلگىلەرنىڭ ئېنتېرنېت تورىدا ئېلان قىلغان، باشقىلارغا ئۈمىد، ئىشەنچ بېغىشلايدىغان يازمىلىرىنى توپلاش ئارقىلىق ۋۇجۇدقا كەلگەن. مەقسەت تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرگە تېخىمۇ كۆپ مەنىۋىي ئوزۇق، ئىشەنچ، ئۈمىد ئاتا قىلىشقا ئۈندەش، ھەم كىشىلەرنىڭ يانبىلوگ ئارقىلىقلار داڭلىق ئالىملىرىمىزنىڭ نادىر يازمىلىرىدىن ئوزۇق ئېلىشىغا قولايلىق يارىتىشتىن ئىبارەت. ئەگەر يازمىلىرىڭىزنىڭ بىسوراق يوللانغانلىقىنى بايقاپ، ئاپتورلۇق ھوقۇقۇمغا دەخلى يەتتى دەپ قارىسىڭىز yanbilog@126.com غا ئەھۋال پاش قىلسىڭىز بولىدۇ، بىز ئەڭ تېز سۈرئەتتە تەدبىر قوللىنىپ، ئاپتورلۇق ھوقۇقىڭىزنى كاپالەتكە ئىگە قىلىمىز! ئورگان ئۈندىدار سۇپىمىز: yanbilog

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى