بىلگىلەر (بىلگەلەر) يانبىلوگى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

بىلىمخۇمار: ھونلار كالېندارى (4-بۆلەك)

بىلىمخۇمار: ھونلار كالېندارى (4-بۆلەك)

ۋاقتى: 2015-01-24 ئاۋاتلىقى: 3338 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

4. ھونلار كالېندارى 
مەن ئۇشبۇ يازما ئۈچۈن ئىزدىنىش جەريانىدا، "ھونلار كالېندارى" ("ئا تىمە-لىنە ئوف تھە باربارس--ھۇنس") دېگەن بىر ئىنگلىزچە تور بېتىنى ئۇچۇرتۇپ قالدىم. ھونلار تارىخىدىن ئانچە خەۋىرى يوق ئوقۇرمەنلەرنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن مەن بۇ يەردە ئاشۇ تور بېتىدىكى ئۇچۇرنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇپ قويدۇم. 
--مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 200-يىلى: باتۇر تەڭرىقۇت ("مائو-تۇن")  ھونلار ("تھە ھۇنس، خىئوڭنۇ، ھسىئۇڭ-نۇ") نى ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ بايقال كۆلى ۋە شەرقىي-جەنۇبىي موڭغۇلىيە رايونلىرىدا بىرلەشتۈرۈپ، ئۇلان باتۇرنىڭ قېشىدىكى لوڭچەڭنى ئۆزىنىڭ پايتەختى قىلدى.


--مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 176-يىلى: ھونلار شەرقىي جۇڭگوغا ھۇجۇم قىلدى.
--مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 140-يىلى: خەن پادىشاھى خەن ۋۇدى ھونلارغا قارشى ھۇجۇم باشلىدى.
--مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 121-يىلى: جۇڭگو ھونلارنى يەڭدى.
--مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 51-يىلى: ھونلار ئىككى توپقا بۆلۈنۈپ، ئۇلارنىڭ شەرقىي توپى جۇڭگونىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا ئۆتتى.
--مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 50-يىلى: غەربىي ھونلار توپى ۋولگاغىچە كېڭەيدى.
--مىلادىيەدىن كېيىنكى 48-يىلى: ھون پادىشاھلىقى خەنلەر تەرىپىدىن يېڭىلىپ، تارقىلىپ كەتتى.
--337-يىلى: رىم پادىشاھسى كونستانتىن ("كونستانتىنە") ۋاپات بولۇپ، رىم ئىمپېراتۇرلىقى شەرقىي كوستانتىنوپۇل ("كوستانتىنوپلە") ۋە غەربىي رىم ("رومە") ئىمپراتۇرلىقىدىن ئىبارەت ئىككى قىسىمغا بۆلۈنۈپ كەتتى.
--350-يىلى: ھونلار شەرقىي-جەنۇبىي ياۋروپاغا تاجاۋۇز قىلىپ كىردى.
--376-يىلى: ئۇلدىننىڭ رەھبەرلىكىدە، ھونلار قارا دېڭىز ۋە دانۇبې ("دانۇبە") گە يېتىپ كېلىپ، شەرقىي گوس ("گوتھس") نى بېسىۋالدى.
--395-يىلى: ھونلار ئەرمېنىيەگە ھۇجۇم قىلدى.
--408-يىلى: ئۇلدىننىڭ قوشۇنلىرى دانۇبې دەرياسىنى كېسىپ ئۆتتى، ئەمما رىم تەرىپىدىن مەغلۇپ قىلىندى.
--408-يىلى: ھونلار رىم جەمەتىگە تەۋە ئېيتىيۇس ("ئائەتىئۇس") نى تۇتۇۋالدى.
--412-يىلى: ھونلارنىڭ لىدىرى دوناتۇس رىملىقلار تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلۈپ، ئۇنىڭ ئورنىغا چاراتو ("چاراتو، كاراتون") چىقتى، ھەمدە ئۇ پۈتۈن غەربىي ھونلارنى بىرلىككە كەلتۈردى.
--425-يىلى: بىر قېتىملىق سىياسىي كىرىزىس جەريانىدا، ھونلار رىملىق گېنېرال ئېيتىيۇس تەرىپىدىن ئىتالىيەدە ئۇرۇش قىلىشقا ياللاندى.
--430-يىلى: ھونلارنىڭ لىدىرى رۇگىدا شەرقىي رىم ئىمپېرىيەسى بىلەن بىر تىنچلىق كېلىشىمى تۈزدى. رۇگىدا ئۇلارغا تىنچلىق بېرىپ، ئۇنىڭ ئورنىغا يىللىق مۇئاشقا ئېرىشتى.
--433-يىلى: رۇگىدا غەربىي رىم ئىمپېرىيەسى بىلەن پاننونىئانى ھونلارغا بېرىش، ئۇنىڭ ئورنىغا ھونلار غەربىي رىم ئىمپېرىيەسىگە ھەربىي جەھەتتىن ياردەم بېرىش كېلىشىمى تۈزدى.
--433-يىلى: ئېيتىيۇس غەربىي رىم ئىمپېرىيەسىنىڭ ئەمەلىي ھۆكۈمدارى بولدى.
--434-يىلى: رۇگىدا ۋاپات بولۇپ، ئۇنىڭ ئورنىغا ئاتتىلا بىلەن ئۇنىڭ ئىنىسى بلەدا چىقتى. ئۇ چاغدا ئاتتىلا ئېيتىيۇسنىڭ دوستى ئىدى.
--435-يىلى: ئېيتىيۇس ھونلارنى ياللاپ، ۋاندالسلار ("ۋاندالس"، گېرمانلىقلارنىڭ بىر قىسمى) ۋە فرانكسلار ("فرانكس"، گېرمانلىقلارنىڭ بىر قىسمى) بىلەن ئۇرۇش قىلدى.
--436-يىلى: ئېيتىيۇس بىلەن ھونلار بېرگاندىلىقلارنى ۋەيران قىلدى.
--439-يىلى: ئاتتىلا ئېيتىيۇسقا ياردەم بەردى.
--441-يىلى: ھونلار شەرقىي رىمنىڭ دانۇبې دەرياسى بويىدىكى چەت ياقا جايلىرىغا ھۇجۇم قىلدى.
--441-يىلى: ھونلار شەرقىي رىم ئىمپېرىيەسى بىلەن بىر تىنچلىق كېلىشىمى تۈزدى.
--445-يىلى: ئۆزىنىڭ ئىنىسىنى ئۆلتۈرۈۋېتىپ، ئاتتىلا ھونلارنىڭ بىردىن-بىر لىدېرىغا ئايلاندى. ئۇ چاغدا ھونلار ۋېنگىرىيە (پاننونىيا) نى مەركەز قىلغان ئىدى.
--447-يىلى: ھونلار بىلەن ۋالامېر ("ۋالامەر") نىڭ گوسلىرى ("گوتھس"، گېرمانلىقلارنىڭ بىر تۈرى) بالقان رايونلىرىدا شەرقىي رىم ئىمپېرىيەسىگە ھۇجۇم قىلىپ، كونستانتىنوپۇل ("كونستانتىنوپلە") غا يېتىپ باردى.
--449-يىلى: ئاتتىلا شەرقىي رىم ئىمپېرىيەسى بىلەن بىر يېڭى كېلىشىم تۈزدى.
--450-يىلى: شەرقىي رىم ئىمپېرىيەسىنىڭ يېڭى پادىشاھى مارشىيان ("ماركىئان") ھون-رىم كېلىشىمگە خىلاپلىق قىلدى.
--451-يىلى: ھونلار پاننونىيادىن گائۇلغا سەپەر قىلىپ بېرىپ، گائۇلغا ھۇجۇم قىلدى، بىراق ئېيتىيۇس بىلەن ۋىسىگوس ("ۋىسىگوتھس"، گوسلارنىڭ بىر قىسمى) لار ھونلارنى مەغلۇپ قىلدى.
--452-يىلى: ھونلار ئالپسنى كېسىپ ئۆتتى، بىراق ئاپەتكە ئۇچراپ قېلىشتىن ئەنسىرەپ ئىتالىيەگە ھۇجۇم قىلىشتىن ۋاز كەچتى. ئاتتىلا پاپا لىيو ("پوپە لەئو") بىلەن تىنچلىق ئورناتتى.
--453-يىلى: ئاتتىلا ۋاپات بولدى.
--454-يىلى: گوسلار ھونلارنى پاننونىيادىن قوغلاپ چىقاردى.
--454-يىلى: ئېيتىيۇس ئۆزىنىڭ پادىشاھى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلدى.
--461-يىلى: ھونلار پارىجنى قورشىۋالدى.
--469-يىلى: ھونلارنىڭ پادىشاھى دەنگىزىك ۋاپات بولدى، شۇنىڭدىن كېيىن ھونلار زاۋال تاپتى.

5. ئاخىرقى سۆز 
مەن ئۆزۈمنىڭ 2008-يىلى يازغان "ۋاقىتنى مۇۋاپىق باشقۇرۇش" دېگەن ماقالىسىدا، ئۇيغۇرلارنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن قىلىشقا تېگىشلىك ئەڭ مۇھىم ۋەزىپىسى "مىللىي ساپانى ئۆستۈرۈش، مىللىي روھنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، ۋە مىللىي كىملىكنى ساقلاپ قېلىش" تىن ئىبارەت ئۈچ ئىش ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدىم. مىللىي ساپانى ئۆستۈرۈشنى ھەر بىر ئۇيغۇرنىڭ "كەسپىي تەرەققىياتى" بىلەن "كىشىلىك تەرەققىياتى" ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولىدۇ. مەن ئۇشبۇ يازمامدا تونۇشتۇرۇپ ئۆتكەن مەزمۇنلار لىدىرلارنىڭ كەسپىي تەرەققىياتى بىلەن كىشىلىك تەرەققىياتى، شۇنداقلا ھەر بىر پۇقرانىڭ كىشىلىك تەرەققىياتى ئۈچۈن كەم بولسا بولمايدىغان بىلىملەردىن ئىبارەتتۇر. ئۇيغۇرلار ئۆزلىرى قىلىۋاتقان ئىشلارنى دۇنيانىڭ ئىلغار سەۋىيەسىگە يەتكۈزمەكچى بولىدىكەن، ئالدى بىلەن ئۆزىنى ھازىرقى دۇنيادىكى ئەڭ ئىلغار بىلىملەر بىلەن قوراللاندۇرۇشى شەرت. ئۇنىڭدىن باشقا ئاسان يول يوق. ئۇنىڭدىن باشقا قىسقا يول يوق. مېنىڭ ئۇشبۇ ماقالىدا تونۇشتۇرغىنىم ئەنە شۇنداق بىلىملەرنىڭ بىر قىسمىدۇر. بۇ بىلىملەر خۇددى بىر ئەينەككە ئوخشايدۇ. بىز ئاشۇ ئەينەككە قاراش، ئۆزىمىزنىڭ ئەھۋالىنى ئۇشبۇ يازمىدا تونۇشتۇرۇلغان مەزمۇنلار بىلەن سېلىشتۇرۇش ئارقىلىق، بىزدە قايسى بىلىم، چۈشەنچە ۋە قابىلىيەتنىڭ بارلىقىنى، ھەمدە قايسى بىلىم، چۈشەنچە ۋە قابىلىيەتنىڭ كەملىكىنى بايقىيالايمىز. شۇ ئاساستا ئۆزىمىزنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى تىرىشىش نىشانىنى بەلگىلىيەلەيمىز. بۇ يەردە ئەسكەرتىپ قويۇشقا تېگىشلىك بىر ئىش شۇكى، ئەگەر بىزنىڭ ئەينەكتە كۆرۈنگەن چىرايىمىز چىرايلىق بولمايدىكەن، بىز گۇناھنى ئەينەكتىن كۆرمەسلىكىمىز كېرەك. ئۇنىڭ ئورنىغا، بىز ئۆزىمىز قىلالايدىغان ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى قىلىپ، ئۆزىمىزنى ئۆزگەرتىپ، ئۆزىمىزنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، شۇ ئارقىلىق ئۆزىمىزنى بۇنىڭدىن كېيىن چىرايلىق قىلىشقا، ئۆزىمىزنىڭ ساپاسىنى ئۆستۈرۈشكە تىرىشقىنىمىز كۆپ ئەلا. 
  
مەن ئۇشبۇ يازمامنى ئاتتىلانىڭ "ساداقەتمەنلىك" ھەققىدىكى مۇنۇ بىر ئابزاس سۆزى بىلەن ئاخىرلاشتۇراي: "ھەممىدىن مۇھىمى، ھەر بىر ھوندا ساداقەتمەنلىك بولۇشى كېرەك. پىكىر ئىختىلاپىنىڭ ھەممىسى ساداقەتسىزلىكتىن دېرەك بەرمەيدۇ. ئەگەر بىر ھون ئۆز قەبىلىسىنىڭ ئەڭ مۇھىم مەنپەتى ئۈچۈن سېنىڭ پىكرىڭگە قوشۇلمايدىكەن، سەن ئۇنىڭ سۆزىگە قۇلاق سېلىشىڭ كېرەك. يەنە بىر تەرەپتىن، ئەگەر بىر ھون ئۆز قەبىلىسىنىڭ مەنپەئەتىگە قارىمۇ-قارشى بولغان ئىشلارغا ئاكتىپ ھالدا قاتنىشىدىكەن ياكى باشقىلارنى ئاشۇنداق قىلىشقا ئۈندەيدىكەن، بۇ ساداقەتسىزلىك بولىدۇ. بۇنداق ھونلار، مەيلى ئۇلار جەڭچى بولسۇن ياكى قەبىلە باشلىقى بولسۇن، ئەڭ تېز سۈرئەتتە يوقىتىلىشى كېرەك. ئۇلارنىڭ ساداقەتمەن ھونلارغا تەسىر كۆرسىتىش ۋە ئۇلارنىڭ ئىرادىسىنى بوشىتىش ئىقتىدارى بىر خىل يۇقما كېسەلگە ئوخشايدۇ. ساداقەتسىز ھەرىكەتلەر ۋە پوزىتسىيەلەرنى ئۆزگەرتكىلى بولمىغان ئەھۋال ئاستىدا، ئىچىمىزدىكى بىز قىلىۋاتقان ئىشلارغا نىسبەتەن ھېچ بىر قىممىتى يوق ئىشلار" دېگەن پوزىتسىيەدە بولىدىغان ھەمدە ئۇ ئىشلارنى ئاغدۇرىۋېتىشنى ئويلايدىغان ئادەملەرنى قاتتىق چارە بىلەن كۆزىمىزدىن غايىب قىلىشىمىز كېرەك."
(2010-يىلى 3-ئاينىڭ 10-كۈنى)
Tags:
بايانات

«بىلگىلەر» يانبىلوگى مەخسۇس بىلگىلەرنىڭ ئېنتېرنېت تورىدا ئېلان قىلغان، باشقىلارغا ئۈمىد، ئىشەنچ بېغىشلايدىغان يازمىلىرىنى توپلاش ئارقىلىق ۋۇجۇدقا كەلگەن. مەقسەت تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرگە تېخىمۇ كۆپ مەنىۋىي ئوزۇق، ئىشەنچ، ئۈمىد ئاتا قىلىشقا ئۈندەش، ھەم كىشىلەرنىڭ يانبىلوگ ئارقىلىقلار داڭلىق ئالىملىرىمىزنىڭ نادىر يازمىلىرىدىن ئوزۇق ئېلىشىغا قولايلىق يارىتىشتىن ئىبارەت. ئەگەر يازمىلىرىڭىزنىڭ بىسوراق يوللانغانلىقىنى بايقاپ، ئاپتورلۇق ھوقۇقۇمغا دەخلى يەتتى دەپ قارىسىڭىز yanbilog@126.com غا ئەھۋال پاش قىلسىڭىز بولىدۇ، بىز ئەڭ تېز سۈرئەتتە تەدبىر قوللىنىپ، ئاپتورلۇق ھوقۇقىڭىزنى كاپالەتكە ئىگە قىلىمىز! ئورگان ئۈندىدار سۇپىمىز: yanbilog

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى