بىلگىلەر (بىلگەلەر) يانبىلوگى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

بىلىمخۇمار: ئاتتىلائىزم: ئاتتىلانىڭ بىر قىسىم ئىدىيەلىرى (3-بۆلەك)

بىلىمخۇمار: ئاتتىلائىزم: ئاتتىلانىڭ بىر قىسىم ئىدىيەلىرى (3-بۆلەك)

ۋاقتى: 2015-01-24 ئاۋاتلىقى: 2305 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

3. ئاتتىلائىزم: ئاتتىلانىڭ بىر قىسىم ئىدىيەلىرى 
"ھون ئاتتىلانىڭ لىدىرلىق سىرلىرى" دېگەن كىتابنىڭ ئاپتورى ئاتتىلانىڭ بىر قىسىم ئىدىيەلىرىنى يىغىپ، ئۇنى كىتابنىڭ ئەڭ ئاخىرىدىكى بىر باب قىلىپ يازغان. مەن بۇ يەردە شۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئۆزۈم لايىق كۆرگەن مەزمۇنلارنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇپ بايان قىلىپ ئۆتىمەن. ئەينى ۋاقىتتا ئاتتىلا ئۆزىنىڭ قول ئاستىدىكى باشلىقلارنى "قەبىلە باشلىقى" ("چىئەفتائىن") دەپ ئاتاپ، ئادەتتىكى پۇقرالارنى بولسا "ھون" ياكى "ھونلار" دەپ ئاتىغان. يۇقىرىقى كىتابنىڭ ئاپتورىمۇ بۇ ئاتالغۇلارنى شۇ پېتىچە ئىشلەتكەن بولۇپ، مەنمۇ كىتابتىكى ئاتالغۇلارنى ئەينەن قوللۇنىمەن. 
  
نەسىھەت ۋە مەسلىھەت ("ئادۋىكە ئاند كوئۇنسەل") 
-- يېزىلغان دوكلاتنى پادىشاھ ئوقۇغاندىلا ئاندىن ئۇ مەلۇم قىممەتكە ئىگە بولىدۇ. 
-- پادىشاھنىڭ پىكىرىگە داۋاملىق "قوشۇلىمەن" دەپ تۇرىدىغان تەبىقە باشلىقلىرى پادىشاھقا پەقەت ئادەتتىكى ئادەملەردەكلا مەسلىھەت بېرەلەيدۇ. 
-- ئەقىللىق قەبىلە باشلىقى ھەرگىز ئۆزىگە بىر يامان خەۋەرنى يەتكۈزگەن ھوننى ئۆلتۈرمەيدۇ. ئۇنىڭ ئەكسىچە، ئەقىللىق باشلىق ئۆزىگە بىر يامان خەۋەرنى يەتكۈزۈشكە جۈرئەت قىلالمىغان ھوننى ئۆلتۈرىدۇ. 
-- خاتا سوئالنى سورايدىغان قەبىلە باشلىقى پەقەت خاتا جاۋابقىلا ئېرىشىدۇ. 
-- ئەقىللىق قەبىلە باشلىقى ھەرگىزمۇ بىر جاۋابىنى ئاڭلاشنى خالىمايدىغان سوئالنى سورىمايدۇ. 
  
خاراكتېر ("چاراكتەر") 
-- بىر ھوننىڭ ئۇلۇغلۇقى ئۇنىڭ ۋەتەن ئۈچۈن قۇربان بېرىشنى خالايدىغان-خالىمايدىغانلىقى ئارقىلىق ئۆلچىنىدۇ. 
-- ئۆز نېرۋىسىنى يوقاتقان قەبىلە باشلىقى غەلىبە قازىنالمايدۇ. شۇڭا ئۇ ئۆز-ئۆزىگە ئىشىنىشى ۋە ئۆز-ئۆزىگە تايىنىشى كېرەك. شۇنداق قىلسا ئۇ يېڭىلىپ قالغان تەقدىردىمۇ ئۆزىنىڭ ئەڭ زور دەرىجىدە تىرىشچانلىق كۆرسەتكەنلىكىنى بىلىدۇ. 
-- غەلىبە قازىنىش ئۈچۈن بىر قەبىلە باشلىقى ناھايىتى ئەقىللىق بولمىسىمۇ بولىدۇ. ئەمما ئۇنىڭدا چوقۇم قەتئىي قانائەتلەنمەيدىغان غەلىبە تەشنالىقى، ئۆزى ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىشقا نىسبەتەن قەتئىي ئىشەنچىسى، ۋە ئۆزىنى ئۈمىدسىزلەندۈرمەكچى بولغانلارغا تاقابىل تۇرالايدىغان يېڭىلمەس ئىرادىسى بولۇشى كېرەك. 
-- ئۆزىنى مەركەز قىلغان، ئۆزىنى چوڭ تۇتىدىغان، ۋە ئۆز-ئۆزىنى مەدھىيەلەيدىغان قەبىلە باشلىقلىرى ئاساسەن ئۇلۇغ لىدىرلاردىن بولالمايدۇ. لېكىن ئۇلار ئۆز-ئۆزىگە ناھايىتى كۈچلۈك دەرىجىدە چۇقۇنغۇچىلاردۇر. 
-- ئۇلۇغ قەبىلە باشلىقلىرى ھەرگىزمۇ ئۆزىنى مۇھىم ئورۇنغا قويۇۋالمايدۇ. 
-- ئەقىللىق قەبىلە باشلىقى مۇھىتقا ماسلىشىدۇ، ئەمما ھەرگىزمۇ مۇرەسسە قىلمايدۇ. 
-- ھونلار بىلەن بىللە ئىچىشىدىغان قەبىلە باشلىقى ئاشۇ ھونلارنىڭ بىرسى بولۇپ قېلىپ، ئۆزىنىڭ "قەبىلە باشلىقى" دېگەن سالاھىيىتىنى يوقىتىدۇ. 
-- ئىقتىدارسىز قەبىلە باشلىقلىرى ئۆز ئەتراپىغا ئىقتىدارسىز ھونلارنى يىغىۋالىدۇ. ئىقتىدارلىق قەبىلە باشلىقلىرى بولسا ئۆز ئەتراپىغا ئىقتىدارلىق ھونلارنى توپلايدۇ. 
-- بىر قەبىلە باشلىقى چوڭ-چوڭ غەلىبىلەرنى قولغا كەلتۈرگەنسېرى، باشقىلارنىڭ ئۇنىڭغا بولغان ھەسەتخورلۇقىمۇ كۈچىيىپ ماڭىدۇ. 
  
جاسارەت ("كوئۇراگە") 
-- ھونلار جاپا-مۇشەققەتنى يېڭىپ ئىش ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق ئېرىشكەن تەجرىبە-ساۋاق ئۇلارنىڭ قالغان ئۆمرىنىڭ ھەممىسىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ. 
-- مۇۋەپپەقىيەت قازانغان ھونلار كېلىشمەسلىككە قانداق تاقابىل تۇرۇش ۋە خاتالىقلارنى قانداق يېڭىشنى ئۆگىنىۋالالايدۇ. 
-- ھەر بىر ھون ئۆزى تېگىشلىك بەدەلنى تۆلەشنى خالايدىغان ھەر قانداق ئىشنى قىلالايدۇ. رىقابەت ھوقۇق بالدىقىنىڭ يۇقىرىسىغا چىققانسېرى ئاجىزلىشىپ ماڭىدۇ. 

قارار قىلىش 
-- ھەر بىر قارارنىڭ تەۋەككۈلچىلىكى بولىدۇ. 
-- سالاھىيىتى توشمايدىغان ئادەمنى ھۆكۈم چىقىرىشقا ۋە قارار قىلىشقا قويغاندا، تۈپ خاتالىقلاردىن ساقلانغىلى بولمايدۇ. 
-- بىر قەبىلە باشلىقىنىڭ قارار چىقىرىشتىكى ئۆز-ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسى ئۇنى ئاتاقلىق كىشىلەرنىڭ ئىسمىنى دېيىش ئارقىلىق ئۆز ئابرۇيىنى ئۆستۈرۈشتىن ساقلايدۇ. 
-- ئەگەر غەلىبە قىلىشتىن ئۈمىد بولمىسا، قەبىلە باشلىقى ھونلارنى ئۇنداق جەڭنى قىلىشقا بۇيرىماسلىقى كېرەك. 
-- ناھايىتى قىيىن قارارلارنى چىقىرىش ئىقتىدارى بىر قەبىلە باشلىقىنى باشقا ھونلاردىن پەرقلەندۈرىدۇ. 
  
باشقىلارغا ھوقۇق ۋە فۇنكسىيە بېرىش ("دەلەگاتىئون") 
-- بىر ئەقىللىق قەبىلە باشلىقى ھونلارنى ھەرگىزمۇ ئۇلارنىڭ ئارتۇقچىلىقىغا قارىغاندا ئۇلارنىڭ ئاجىزلىقى بەكرەك نامايان بولۇپ قېلىش ئېھتىماللىقى بار ئەھۋالنىڭ ئىچىگە كىرگۈزۈپ قويمايدۇ. 
-- ياخشى ھونلار ئادەتتە قەبىلە باشلىقى ئۆزىدىن ئۈمىد قىلغان ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى قىلىدۇ. 
-- بىر ئەقىللىق قەبىلە باشلىقى ھەرگىزمۇ ئۆزىنىڭ ھونلىرىدىن ئۇلارنىڭ ئۆز ئەقلى ۋە چۈشەنچىسى دائىرىسىنىڭ سىرتىدىكى ئىشلارنى قىلىشنى ئۈمىد قىلمايدۇ.  
-- بىر ئەقىللىق قەبىلە باشلىقى ئەڭ قىيىن ۋەزىپىلەرنى پەقەت ئاشۇ ۋەزىپىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالايدىغان ھونلارغىلا تەقسىم قىلىپ بېرىدۇ.  
-- ئىستىپا بېرىش ھەرگىزمۇ ھوقۇقنى باشقىلارغا ئۆتۈنۈپ بېرىش ئەمەس. ئۇ ئاجىزلىقنىڭ بىر ئىپادىسى. باشقىلارغا ھوقۇق بېرىش بولسا كۈچلۈكلۈكنىڭ بىر ئىپادىسى. 
  
قەبىلە باشلىقلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش 
-- كۈچلۈك قەبىلە باشلىقلىرىنىڭ دائىم چوڭ ئاجىزلىقلىرى بولىدۇ. قەبىلە باشلىقلىرىنىڭ ئارتۇقچىلىقلىرىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش ۋە يەنىمۇ ئۆستۈرۈش پادىشاھنىڭ مەجبۇرىيىتىدۇر. 
-- ھونلارنىڭ مەغلۇبىيەتتىن ئۆگىنىدىغان نەرسىلىرى مۇۋەپپەقىيەتتىن ئۆگىنىدىغان نەرسىلىرىدىن كۆپ بولىدۇ. 
-- ھونلار كېلىشمەسلىككە دۇچ كەلگەندە تېخىمۇ تېز ئۆگىنەلەيدۇ. 
-- ياخشى قەبىلە باشلىقى بىر تەجرىبىسىز ھونغا ئۇنىڭ لىدىرلىق قابىلىيىتىنى كۈچلەندۈرۈش ئۈچۈن ھوقۇق بېرىشتەك تەۋەككۈلچىلىكنى قىلالايدۇ. 
-- ھونلارغا تەدرىجىي ھالدا بۇرۇنقىدىن يۇقىرىراق سەۋىيەدىكى مەسئۇلىيەتنى بېرىش ئارقىلىق ئۇلارنى بىر قەبىلە باشلىقى بولۇشقا تەربىيەلىگىلى بولىدۇ. 
-- ئەگەر قەبىلە باشلىقى بولۇش بىر ئاسان ئىش بولغان بولسا، ھەممە ھونلار شۇنداق بولغان بولاتتى. 
-- قىيىن ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلمايدىكەن، بىر ئادەم ئۆزىنىڭ يوشۇرۇن كۈچىنى مەڭگۈ ئەمەلىيەتتە جارى قىلدۇرالمايدۇ. 
-- مۇۋاپىق دەرىجىدىكى بېسىم بىر قەبىلە باشلىقىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن كەم بولسا بولمايدۇ. 
  
دىپلوماتىيە ۋە سىياسەتشۇناسلىق
-- سىياسىي جەڭگە كىرگەن ۋاقىتتا، ئادەم ئۆزىنىڭ ئارقىسىنى داۋاملىق كۆزىتىپ تۇرۇشى كېرەك. 
-- ھونلار غەلىبىسىنىڭ مۇھىم ئامىلى "قەيەردە؟" ۋە "قاچان؟" دېگەن سوئاللارنىڭ جاۋابىدا بولىدۇ. 
-- ھونلار پەقەت ئۆزلىرى ئۇتالايدىغان جەڭگىلا كىرىشى كېرەك. 
-- ھونلار دىپلوماتىيەنىڭ مەغلۇپ بولغانلىقى ئۈچۈن بىر ئۇرۇشقا كىرىشى مۇمكىن. ئەمما، دىپلوماتىيەنى باشلاش ئۈچۈن بىر ئۇرۇش زۆرۈر بولۇپ قېلىشى مۇمكىن. 
-- ھونلار ئۈچۈن توقۇنۇش بىر نورمال ئەھۋال. 
-- ھونلار پەقەت مەلۇم مەقسەت ئۈچۈنلا ئۆزىگە دۈشمەن تىكلەيدۇ. 
-- ھونلار دىپلوماتىيە ئارقىلىق قولغا چۈشۈرەلەيدىغان نەرسىنى ھەرگىزمۇ ئۇرۇش بىلەن ئالمايدۇ. 
-- شۇ نەرسە قەبىلە باشلىقلىرىنىڭ ئېسىدە بولسۇنكى، مېھماندوستلۇق، ئىللىقلىق ۋە ئەدەپ-ئەخلاقلىق ئەڭ قەبىھ رەقىبنىمۇ ئۆزىگە جەلپ قىلالايدۇ. 
-- كۆپىنچە ۋاقىتلاردا قەبىلە باشلىقلىرىغا ئۆزى ئەڭ ئىشەنگەن ئادەملەر خائىنلىق قىلىدۇ. 
  
نىشان 
-- يۈزەكى نىشان ئادەمگە يۈزەكى نەتىجە ئېلىپ كېلىدۇ. 
-- بىز بىر دۆلەت بولغانكەنمىز، ھونلار پەقەت مىللىي نىشانلارنى ئۆزلىرى ئۈچۈن خۇددى خۇسۇسىي نىشانلاردەك مۇھىم كۆرگەندىلا، ئاندىن تېخىمۇ زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرەلەيمىز. 
-- بىر ئادەمنىڭ نىشانلىرى ھەر ۋاقىت ئۇنىڭ تىرىشچانلىقلىرىغا ئەرزىيدىغان بولۇشى كېرەك. 
-- مەقسىتى يوق بىر ئادەم ئۆز مەقسىتىگە قاچان يەتكەنلىكىنى مەڭگۈ بىلەلمەيدۇ. 
-- بىر ئادەم قوماندىغا بويسۇنۇش بىلەنلا كۈتكەن نەتىجىگە داۋاملىق ئېرىشىۋەرمەيدۇ. 
-- قەبىلە باشلىقلىرى داۋاملىق يۇقىرى پەللىنى كۆزلىشى، ئادەتتىكى ئادەملەرنىڭ بىخەتەر يولىدا مېڭىشنى ئەمەس، ھەقىقىي ئۆزگىرىش پەيدا قىلالايدىغان ئىشلارنى قوغلىشىشى كېرەك. 
  
لىدىرلار ۋە لىدىرلىق 
-- پادىشاھ بىر ئادەمنىڭ ھازىرقى ئورنىدا قانچىلىك ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىدىن قەتئىي نەزەر، ھەر دائىم ئەڭ ياخشى ھونلارنى قەبىلە باشلىقى قىلىپ ئۆستۈرۈشى كېرەك. 
-- ھەرگىز مۇئاۋىن قەبىلە باشلىقى تۇرغۇزما. ئەڭ قابىلىيەتلىك ھوننى رەھبىرىي ئورۇنغا قوي، ئۇنىڭغا مەسئۇلىيەت ۋە ھوقۇق بەر، ئاندىن ئۇنى قىلغان ۋە قىلىدىغان ئىشلىرى ئۈچۈن جاۋابكارلىققا تارت. 
-- ئەقىللىق قەبىلە باشلىقى ھەرگىزمۇ تەلەيگە يۆلەنمەيدۇ. ئەكسىچە، ياخشى ئىستىقبالغا ئېرىشىشتە قاتتىق تىرىشچانلىق، چىدامچانلىق، باش ئەگمەسلىك ۋە ئىجابىي پوزىتسىيەگە ئىگە بولۇش قاتارلىقلارغا تايىنىدۇ. 
-- بىر ئەقىللىق قەبىلە باشلىقى ئۆزىنىڭ قول ئاستىدىكى ھونلارنىڭ بارلىق ئىشلىرىغا مەسئۇل ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ، ھەمدە ئاشۇ تەرىقىدە ئىش ئېلىپ بارىدۇ. 
-- ھونلارنىڭ بىر لىدىرى بولۇش كۆپىنچە ئەھۋالدا بىر يالغۇزلۇق ھېس قىلىدىغان خىزمەت. 
-- بىر ھەرىكەت ئۈچۈن ئاتلانغاندىن كېيىن، قەبىلە باشلىقلىرى چوقۇم مات بولۇش ئۈچۈن ئەمەس، غەلىبە قازىنىش ئۈچۈن كۈرەش قىلىشى، ھەرگىز مۇرەسسە قىلماسلىقى كېرەك. 
-- خەتەرلىك ئىشلارنى بىللە ئېلىپ بېرىش قەبىلە باشلىقى بىلەن ھونلارنىڭ مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىدۇ. 
-- كۈچلۈك قەبىلە باشلىقلىرى ئۆزلىرىنىڭ ھونلىرىنى ياخشى ئىشلەشكە قوزغىيالايدۇ ۋە ئىلھاملاندۇرالايدۇ. 
-- ئەڭ ياخشى قەبىلە باشلىقلىرى مۇۋاپىق پەيتتە توغرا سوئالنى سوراش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرەلەيدۇ. 
-- ئەگەر بىر قەبىلە باشلىقى ئۆزىنىڭ ئادەم توپىنىڭ ئەڭ ئارقىسىدا ماڭىدىكەن، ئۇ ھەرگىزمۇ ئۆز ھوقۇقىنى يۈرگۈزەلمەيدۇ. 

چۈشىنىش ۋە تەشۋىق قىلىش ("پەركەپتىئونس ئاند پۇبلىكىتي") 
-- ئۆزىنى ھەددىدىن زىيادە مۇھىم ئورۇنغا قويىدىغان ئادەم توغرا ھۆكۈم نەزىرىدىن ئايرىلغان بولىدۇ. 
-- بىر ئادەمنىڭ چۈشەنچىسى ئۇنىڭ ئۈچۈن بىر رېئاللىق بولىدۇ. 
-- داۋاملىق ئالدىراش كۆرۈنگەن ئادەم ئەمەلىيەتتە ئۇنچىۋالا ئىشلەپ كەتمەيدۇ. 
-- سېنىڭ دوستۇڭ ۋە رەقىبىڭ سېنىڭ ياخشى گېپىڭنى قىلسا، بۇ ناھايىتىمۇ ياخشى ئىش. ئەمما ئۇلارنىڭ سەن توغرۇلۇق ھېچ نېمە دېمىگىنىگە قارىغاندا، ئۇلارنىڭ سەن توغرۇلۇق يامان گەپلەرنى قىلغىنى جىق ياخشى. ئەگەر بىر ئادەم توغرۇلۇق ھېچ قانداق گەپ تاپقىلى بولمىسا، بۇ ئادەم چوقۇم ھېچ قانداق نەتىجە ياراتمىغان بولىدۇ. 
-- كۆپىنچە ۋاقىتلاردا قەبىلە باشلىقلىرىنىڭ ئويلىغىنىغا قارىمۇ-قارشى ھالدا، كىشىلەر سېنى بۇرۇن قىلغان ئىشىڭ ئاساسىدا ئېسىدە ساقلىمايدۇ، بەلكى سەن قىلغان ئىشلار توغرىسىدىكى ئۆز چۈشەنچىسى ئاساسىدا ئېسىدە ساقلايدۇ. 
  
كىشىلىك تۆھپە ("پەرسونال ئاچىئەۋەمەنت") 
-- بىر ناچار قەبىلە باشلىقى بولغانغا قارىغاندا، بىر ياخشى ھون بولۇش تېخىمۇ شەرەپلىك. 
-- ئەگەر ھەممە ھونلار قارىغۇ بولسا، بىر-كۆزلۈك بىر جەڭچى پادىشاھ بولالايدۇ. 
-- ئۇلۇغ قەبىلە باشلىقلىرى تېخىمۇ مۇھىم ئىشلارنى ياخشى قىلىش ئۈچۈن بەزى ئانچە مۇھىم بولمىغان ئىشلاردىكى مەغلۇبىيەتكە شۈكرى قىلىدۇ. 
-- ھەر بىر ھون ئۆز ھاياتىدىكى ئەھۋاللارنى ۋە ئىشلارنى مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشقا توغرىلاپ ئۆزگەرتىشكە ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ. بىر ھون ئۆزى ئۈچۈن قىلىشتىن ۋاز كەچكەن ئىشلارنى باشقا ھونلار ياكى رىملىقلار ئۇنىڭ ئۈچۈن قىلىپ بەرمەيدۇ. 
  
مەسىلىلەر ۋە يېشىملەر 
-- ھونلارنى ئۆز دىققىتىنى ساقلانغان مەسىلىلەرگە ئەمەس ئالدىغا كەلگەن پۇرسەتلەرگە مەركەزلەشتۈرىدىغان قىلىپ تەربىيەلەش كېرەك. 
-- بەزى ھونلاردا مەۋجۇت ئەمەس مەسىلىلەرنىڭ يېشىمى بار. 
  
مۇكاپاتلاش ۋە جازالاش 
-- ئۆز ھوقۇقىغا چۇشلۇق ئىقتىدارى يوق بىر قەبىلە باشلىقى ئۆز خىزمىتىدىن ئېلىپ تاشلانغاندا، بىز ئۇ تاللىغان ۋە ئۆزىدىن كېيىنلا تۇرىدىغان ئادەمنى ئۇنىڭ ئورنىغا ئاساسەن دەسسەتمەيمىز. چۈنكى بىر قەبىلە باشلىقى مەغلۇپ بولغاندا، ئۇنىڭ قول ئاستىدىكى يۇقىرى دەرىجىلىك لىدىرلارمۇ ئوخشاشلا مەغلۇب بولىدۇ. 
-- ئەگەر بىر ھون ئىشنى ياخشى قىلمىغاندا سەن ئۇنى "ئىشنى ياخشى قىلدىڭ" دەپ ماختىساڭ، بۇنىڭدىن كېيىن ئۇ سېنىڭ سۆزۈڭنى ئاڭلىماس بولىدۇ. ئۇنىڭلىق بىلەنلا چەكلىنىپ قالماي، سەن ئۇنى ھەقىقىي تۈردە ماختىغان ۋاقتىڭدىمۇ ئۇ ساڭا ئىشەنمەس بولىدۇ. 
  
سەۋرچانلىق 
-- ھەر بىر ھوننىڭ قىممىتى بار. بىر ناچار ئەھۋالنىڭ مىسالى بولۇپ قالغاندىمۇ ھەم شۇنداق. 
-- قەبىلە باشلىقلىرىنىڭ ئارتۇقچىلىقلىرىنى جارى قىلدۇرۇش ئۈچۈن بىز ئۇلارنىڭ بەزى ئاجىزلىقلىرىغا يول قويۇشىمىز كېرەك. 
-- ساڭا سادىق ئادەتتىكى ھونلارنى قوبۇل ئەت. لېكىن ئىقتىدارلىق ئەمما ساڭا ساداقىتى يوق ھونلارنى قوبۇل ئەتمە. 

داۋامىنى كېيىنكى يازمىدىن كۆرۈڭ...
بايانات

«بىلگىلەر» يانبىلوگى مەخسۇس بىلگىلەرنىڭ ئېنتېرنېت تورىدا ئېلان قىلغان، باشقىلارغا ئۈمىد، ئىشەنچ بېغىشلايدىغان يازمىلىرىنى توپلاش ئارقىلىق ۋۇجۇدقا كەلگەن. مەقسەت تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرگە تېخىمۇ كۆپ مەنىۋىي ئوزۇق، ئىشەنچ، ئۈمىد ئاتا قىلىشقا ئۈندەش، ھەم كىشىلەرنىڭ يانبىلوگ ئارقىلىقلار داڭلىق ئالىملىرىمىزنىڭ نادىر يازمىلىرىدىن ئوزۇق ئېلىشىغا قولايلىق يارىتىشتىن ئىبارەت. ئەگەر يازمىلىرىڭىزنىڭ بىسوراق يوللانغانلىقىنى بايقاپ، ئاپتورلۇق ھوقۇقۇمغا دەخلى يەتتى دەپ قارىسىڭىز yanbilog@126.com غا ئەھۋال پاش قىلسىڭىز بولىدۇ، بىز ئەڭ تېز سۈرئەتتە تەدبىر قوللىنىپ، ئاپتورلۇق ھوقۇقىڭىزنى كاپالەتكە ئىگە قىلىمىز! ئورگان ئۈندىدار سۇپىمىز: yanbilog

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى