بىلگىلەر (بىلگەلەر) يانبىلوگى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ئەلشىرنەۋائىي تەۋەللۇتىنىڭ 575 يىللىق خاتىرە كۈنىنى قۇتلۇقلايمىز

ئەلشىرنەۋائىي تەۋەللۇتىنىڭ 575 يىللىق خاتىرە كۈنىنى قۇتلۇقلايمىز

ۋاقتى: 2016-02-09 ئاۋاتلىقى: 2099 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

ئەلشىرنەۋائىي تەۋەللۇتىنىڭ 575 يىللىق خاتىرە كۈنىنى قۇتلۇقلايمىز

بۈيۈك شائىر مۇتەپەككۇر نىزامىدىن ئەلىشىر نەۋائىي مىلادى 1441– يىلى 2-ئاينىڭ 9-كۈنى ھىرات (ھازىرقى ئافغانىستاننىڭ غەربىدىكى بىر شەھەر) شەھىرىدە دۇنياغا كەلگەن. 2016-يىلى 2-ئاينىڭ 9-كۈنى ئەلىشىر نەۋائىي تەۋەللۇتىنىڭ 575 يىللىق خاتىرە كۈنى. بىز شۇ مۇناسىۋەتتە دۇنياغا زور تەسىر قوزغىغان شېئىرىيەت ئالىمىنىڭ يىگانە ساھىبى ئەلىشىر نەۋائىنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى ۋە ھازىرغىچە ئەۋلادلارغا ئىجىل ھەمراھ بولۇپ كېلىۋاتقان، شۇنداقلا بىزگە ئىپتىخارلىنىش تۇيغۇسى ئاتا قىلغان بۈيۈك ئەسەرلىرىنىڭ دۇنيا مەدەنىيىتىدە تۇتقان ئورنىنى سۆيۈنۈپ تونۇشتۇرماقچىمىز.


ئەلىشىر نەۋائىينىڭ ئۇرۇق–تۇغقانلىرى تېمۇرىيىلار سارىيىغا يېقىن كىشىلەردىن بولۇپ، ئۇنىڭ ئاتىسى غىياسىدىن بارلاسمۇ خۇراسان شاھى ئوبۇلقاسىم بابۇر سارىيىدا ھەربىي ئەمەلدار بولغان ئىدى


ئەلىشىر نەۋائىينىڭ ئەسەرلىرىنىڭ سانى تەخمىنەن 500 مىڭ مىسرا ئەتراپىدا بولۇپ شەرق ئەدەبىياتىدىلا ئەمەس دۇنيا ئەدەبىياتىدىمۇ ھېچكىم تېخى بۇنچىلىك جىق ۋە ئېسىل ئەسەرلەرنى يېزىپ باققان ئەمەس. نەۋائىي ھىراتتا تۇغۇلغان ۋە شۇ يەردە ياشاپ ئۆتكەن بولسىمۇ، «تارىخىي رەشىدىي»دە ئېنىق قىلىپ «مىر ئەلىشىرنىڭ ئەسلى ئۇيغۇر باخشىلىرىدىن تۇرۇر. ئاتاسىنى كىچىككىنە باخشى ئاتار ئەردىلەر» دېيىلگەن. ئۇيغۇر خەلقى نەچچە يۈز يىلدىن بۇيان ئەلىشىر نەۋائىينى ئۆز شائىرى دەپ بىلىپ ئۇنىڭ شېئىرلىرىنى مۇقام ناخشىلار بىلەن بىللە ئوقۇپ، مەدرىسلەردە دەرسلىك قىلىپ ئوقۇپ كەلگەن.
ئەلىشىر 12–13 ياشلارغا كىرگەندە ئاتىسى ۋاپات بولۇپ، ئوبۇلقاسىم بابۇرنىڭ قولىدا قالغان ۋە ئۇنىڭ تەربىيەسىدە بولغان. 15 يېشىدىن باشلاپ شائىرلىق بىلەن شۆھرەت قازانغان ياش ئەلىشىر ھۈسەيىن بايقارا (سۇلتان ساھىبقىران ھۈسەيىن باھادىرخان، 1469–يىلى ھىراتتا تەختتە ئولتۇرغان، 1505–يىلى ۋاپات بولغان، مەشھۇر شائىر بولۇپ، بىرمۇنچە شېئىر ۋە غەزەللەرنى يازغان) بىلەن بىللە ئوبۇلقاسىم بابۇرنىڭ سارىيىدا خىزمەت قىلىشقا باشلىغان. 1456–يىلى بابۇر بىلەن بىللە مەشھەدكە بارغان. 1457–يىلى بابۇر ۋاپات بولغاندىن كېيىن، ھۈسەيىن بايقارا تەخت ئىگىلەش ئۈچۈن كۈچ ئۇيۇشتۇرۇش نىيىتىدە مەرۋىگە كەتكەن. نەۋائىي مەشھەدتە قېلىپ ئوقۇشىنى داۋاملاشتۇرغان. بۇ يەردە ئۇ ئۆز زامانىسىنىڭ مەشھۇر شائىرى كامال تۇرباتى بىلەن ئۇچراشقان ھەمدە ئۇنىڭ بىلەن دوستلۇق ئورناتقان. بۇ چاغدا ئۇنىڭ بىلىم ئېلىش دائىرىسى تېخىمۇ كېڭىيىپ، پەلسەپە، مەنتىقە، ماتېماتىكا پەنلىرى بىلەنمۇ شۇغۇللانغان. بولۇپمۇ ئىسلام پەلسەپىسىنى، ئەرەب ۋە شەرق ئەدەبىياتىنى قېتىرقىنىپ تەتقىق قىلغان. جۈملىدىن ئوبۇلقاسىم فىردەۋسى، نىزامى گەنجىۋى، خۇسراۋ دېھلەۋى، ئاتايى، لۇتفى ۋە باشقا شائىرلارنىڭ ئەسەرلىرىنى ياقتۇرۇپ ئوقۇغان. شۇنىڭدەك ئىجادىيەتكە قىزغىن كىرىشىپ، پارس ۋە تۈركىي تىللاردا نۇرغۇن شېئىرلارنى يازغان. شۇڭلاشقا ئۇ «زۇللىنەين» (ئىككى تىل ئىگىسى) دېگەن نام بىلەن شۆھرەت قازانغان. ئۇ ئۆزىنىڭ تۈركىي تىلدا يازغان شېئىرلىرىغا «نەۋائىي» (ناۋا قىلغۇچى)، پارس تىلىدا يازغان شېئىرلىرىغا بولسا «فانى» (ۋاقىتلىق، يوقالغۇچى دېگەن مەنىدە) دەپ تەخەللۇس قويغان.
ئەلىشىر نەۋائىي «خەمسە» چىلىك ئەنئەنىسىگە ۋارىسلىق قىلىپ، «خەمسە» پېشۋالىرىدىن پەرقلىق ھالدا، ئەڭ بۇرۇن خەمسەنى ئانا تىلى - چاغاتاي ئۇيغۇر تىلىدا يېزىپ، خەمسەنىڭ ئىلگىرى پەقەتلا مەيدانغا كەلمىگەن ئەڭ يېڭى تىپىنى ياراتقان. شائىرنىڭ ئۆز ئەسەرلىرى ئىچىدە، «خەمسە نەۋائىي» ناملىق يىرىك ئەسىرى، خۇددى ئالتۇن ئۈزۈككە قويۇلغان ياقۇتتەك ئىنسانىيەت مەدەنىيەت دۇنياسىنى چاقنىتىپ، جاھان ئەدەبىيات-سەنئەت ساھەسىنى جۇلالاندۇردى.
ئەلىشىر نەۋائىي گەرچە نۇرغۇن تەڭدىشى يوق مۇھەببەت مىسرالىرىنى يازغان بولسىمۇ، ئۆمرىدە ئۆيلەنمىگەن. 1501-يىلى 1–ئاينىڭ 3–كۈنى 60 يېشىدا ھىراتتا ۋاپات بولغان.


بۈگۈنكىدەك كۈندە ئالاھىدە ئەسلەپ تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، 2011-يىلى 11-نويابىر كۈنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى مەدەنىيەت مىنىستىرلىكى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تەستىقلىشى ۋە قوشۇلۇشى بىلەن جۇڭگو ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتى ۋە مۇقام ئىلمىي جەمئىيىتى ئۈرۈمچى كۇئېنلۇن مېھمانخانىسىدا «ئەلشىر نەۋائىي تۇغۇلغانلىقىنىڭ 570 يىللىقىنى خاتىرىلەش خەلقئارالىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى» ئۆتكۈزدى. گېرمانىيە، قازاقىستان ۋە دۆلەت ئىچىدىن كەلگەن 100 دىن ئارتۇق مۇتەخەسسىس-ئالىم ئۈرۈمچىگە جەم بولدى.
ئەلىشىر نەۋائىي ئېلىمىزنىڭ 15-ئەسىردىكى ئۇيغۇر مەدەنىيەت تارىخىدىكى ھەممىدىن بەك كۆزگە كۆرۈنگەن ۋەكىللىرىنىڭ بىرى شۇنداقلا ئۇيغۇرلاردىن چىققان داڭلىق شائىر مۇتەپپەككۇر ۋە ئىجتىمائى پائالىيەتچى ھېسابلىنىدۇ. ئۇ ئۆمرىدە تۈرلۈك تېمىلاردىكى شېئىر-نەزمىلەرنى، تەرجىمىھال ۋە ئەدەبىيات ئەسەرلىرىدىن 30 نەچچىنى يېزىپ چىقىپ، ئەۋلادلارغا نۇرغۇن قىممەتلىك مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قالدۇردى ھەمدە ئېلىمىزدە جۈملىدىن ئاپتونوم رايونىمىزدا كەڭ تەسىر پەيدا قىلدى. بولۇپمۇ، ئۇنىڭ شېئىر-نەزمىلىرى شۇ دەۋردىكى فېئودال ھۆكۈمرانلارنىڭ ئىدىيە جەھەتتىكى قاماللىقنى بۇزۇپ تاشلاپ، ئەينى چاغدىكى جەمئىيەتتىكى يۈكسەك غايىنى مەدھىيەلىدى. ئۇ ئوتتۇرا ئەسىردىكى جاھالەتچىلىكىنى قەتئىي ئىنكار قىلىپ، ئادەمنىڭ ئىززەت-ئابرويىغا ھۆرمەت قىلىپ ئادىمىيىلىكنى ئازاد قىلىشنىڭ يولى ئۈستىدە پائال ئىزدىنىپ، دىنىي كىشىلەرگە كۈچلۈك ئېتىراز بىلدۈردى. ئۇنىڭ كۈچلۈك پەلسەپىۋىلىككە ئىگە بولغان ئەقلىيە سۆزلىرى ھازىرغىچە ئەل ئارىسىدا تارقىلىپ يۈرمەكتە. ئۇنىڭ تەسىرلىك شېئىر-مىسرالىرى ھازىرغىچە مۇقام تېكىستى قىلىنىپ ئېيتىلماقتا. ئۇنىڭ ئەدەبىي ئەسەرلىرىدە، ئادەمنى ئاساس قىلىش، ئىتتىپاقلىق، ئاق كۆڭۈللۈك، ئىنسانپەرۋەرلىك، غەمخورلۇق، تىنچلىقتا بىللە ئۆتۈش ئىدىيەسى گەۋدىلەندۈرۈلدى. بەدىئىيلىك جەھەتتە، ئۇيغۇر شېئىرىيەتچىلىكىنىڭ بەدىئىي تۈسى گەۋدىلىنىپ، مىللەت، رايون، دىنىي ئېتىقاد ھالقىغان ئىستېتىك قاراش ئەكس ئەتتۈرۈلدى. ئۇنىڭ ئەسەرلىرى تارىخ، ئەدەبىيات، شېئىرىيەت ئىلمى، تىلشۇناسلىق، ئېتىكا ۋە پەلسەپىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان قامۇس بولۇپ، دەۋر ئەھمىيىتىگە ھەم مەڭگۈلۈك قىممەتكە ئىگە بولدى.
ئېلىمىز ئەلىشىر نەۋائىي ئەسەرلىرىنى قوغداش ۋە تەتقىق قىلىش خىزمىتىگە ناھايىتى ئەھمىيەت بېرىپ كەلدى. ئازادلىقنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدە، ئاپتونوم رايونىمىز ئىجتىمائىي تەكشۈرۈش ئارقىلىق، ئەل ئارىسىدىن ئەلىشىر نەۋائىي ئەسەرلىردىن 400 نەچچە پارچىنىڭ قولدا كۆچۈرۈلگەن نۇسخىسىنى قېزىپ چىقتى. 1957-يىلى يەركەندە 150 پارچە قولدا كۆچۈرۈلگەن نۇسخىسى تېپىلدى. قەشقەر، كۇچا، خوتەن قاتارلىق جايلاردىنمۇ نەپىس ئىشلەنگەن قولدا كۆچۈرۈلگەن نۇسخىسى تېپىلدى. شۇ قېتىمقى خەلقئارالىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا، جۇڭگو ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتى ۋە مۇقام ئىلمىي جەمئىيىتى رەتلەپ نەشىر قىلدۇرغان 30 توملۇق «ئەلشىر نەۋائىي ئەسەرلىرى توپلىمى» ئىچىدىكى 4 توملۇق «چاھار دىۋان» تۇنجى قېتىم ئوتتۇرىغا چىقىرىلدى.
ئەلىشىر نەۋائىينىڭ كىلاسسىك ئەدەبىيات تارىخىغا قوشقان تۆھپىسى سەۋەبلىك ب د ت پەن-مەدەنىيەت-مائارىپ تەشكىلاتى 1991-يىلىنى «ئەلىشىر نەۋائىي يىلى» قىلىپ بېكىتتى. نۇرغۇن دۆلەتلەردە «ئەلىشىر نەۋائىي قىزغىنلىقى» كۆتۈرۈلدى. ئۇ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ پەخرى شۇنداقلا جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ پەخرى بولۇپ، ئۇنىڭ ئەدەبىي نەتىجىلىرى جۇڭخۇا مىللەتلىرىگە شۇنداقلا ئىنسانىيەتكە ئورتاق.
مەنبە: نۇر تورى
بايانات

«بىلگىلەر» يانبىلوگى مەخسۇس بىلگىلەرنىڭ ئېنتېرنېت تورىدا ئېلان قىلغان، باشقىلارغا ئۈمىد، ئىشەنچ بېغىشلايدىغان يازمىلىرىنى توپلاش ئارقىلىق ۋۇجۇدقا كەلگەن. مەقسەت تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرگە تېخىمۇ كۆپ مەنىۋىي ئوزۇق، ئىشەنچ، ئۈمىد ئاتا قىلىشقا ئۈندەش، ھەم كىشىلەرنىڭ يانبىلوگ ئارقىلىقلار داڭلىق ئالىملىرىمىزنىڭ نادىر يازمىلىرىدىن ئوزۇق ئېلىشىغا قولايلىق يارىتىشتىن ئىبارەت. ئەگەر يازمىلىرىڭىزنىڭ بىسوراق يوللانغانلىقىنى بايقاپ، ئاپتورلۇق ھوقۇقۇمغا دەخلى يەتتى دەپ قارىسىڭىز yanbilog@126.com غا ئەھۋال پاش قىلسىڭىز بولىدۇ، بىز ئەڭ تېز سۈرئەتتە تەدبىر قوللىنىپ، ئاپتورلۇق ھوقۇقىڭىزنى كاپالەتكە ئىگە قىلىمىز! ئورگان ئۈندىدار سۇپىمىز: yanbilog

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى