بىلگىلەر (بىلگەلەر) يانبىلوگى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ئۇيغۇر تىلىدا كېسەللىك بايقالدى

ئۇيغۇر تىلىدا كېسەللىك بايقالدى

ۋاقتى: 2015-12-21 ئاۋاتلىقى: 5542 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

ئۇيغۇر تىلىدا كېسەللىك بايقالدى

ئالىم ئەھەت (ئۇيغۇر سوفت)

قولۇمدىكى ئۇيغۇر تىلى چوڭ مەلۇمات (سۆزلۈك) ئامبىرىدىن تۆۋەندىكى نەتىجىلەرگە ئېرىشىپ، قاتتىق ھەيران قالدىم، تىلچى ئۇستازلار دورا ياساڭلار، تەرجىمانلار ئۇيغۇر تىلىنىڭ قانۇنىيتىنى بۇزماڭلار، تەرجىمە قىلىۋاتقان سۆز-ئىبارىلەرگە مەسئۇل بولۇڭلار. بۇنداق كېسەل جۈملىلەر ھۆكۈمەت باشقۇرىشىدىكى رادىيو-تېلېۋىزىيەك، گىزىت-ژۇرنال، تور بېكەت......قاتارلىق تاراتقۇلاردىمۇ كۆپ ئۇچرايدۇ. مەن بۇ يەردە ئۇلارنى تىلغا ئالمايمەن. بۇ ئۇيغۇر تىلىدىكى كېسەللىك ئەمەس، تىلىمىزدا گۇناھ يوق، بەلكى تەرجىماندىكى كېسەللىكتۇر. مۇشۇنداق بىمارلارنى ۋاقتىدا بايقاپ، داۋالايدىغان دوختۇرخانىلارنىڭ قۇرۇلۇشىنى سەمىمىي ئۈمىد قىلىمەن.

بىرىنچى، 进行 كېسىلى:
دەرىجىسى: ئېغىر
كېسەللىك ئالامەتلىرى تۆۋەندىكىدەك:
سىناش ئېلىپ بارغاندىن باشقا
ئېلىپ بارغان ئەڭ يېڭى
تەربىيەلەش پائالىيىتى ئېلىپ بېرىش
ئېلىپ بېرىلغان بىر تۈرلۈك
ئۈستىدە مۇھاكىمە ئېلىپ بارىدۇ
ئىچىدە ئېلىپ بېرىلىشى كېرەك
مەزكۇر پارتىيە ئېلىپ بارغان
نۆۋەت بىلەن ئېلىپ بېرىلىدۇ
زېھىن سىناش ئېلىپ بارغاندىن
سۆھبەت ئېلىپ بېرىش مۇناسىۋىتى
قۇرۇلۇشنىڭ ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىلىشى
ھاياتلىق ئۈچۈن ئېلىپ بارغان
ۋاقىتلىق قۇتقۇزۇش ئېلىپ بارىدۇ

كېسەللىك سەۋەبى:
بۇ خەنزۇتىلىدىكى 进行 ئارىلىشىپ كەلگەن سۆز-ئىبارىلەرنى ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلغاندا كۆپ ئۇچرايدۇ.

ئالدىنى ئېلىش:
进行 ئارىلاشقان خەنزۇچە جۈملىلەرنى تەرجىمە قىلغاندا، ھوشيارلىقنى ئۆستۈرۈپ، 进行نىڭ كەينىدىكى ئىسىمنىڭ كەينىگە مۇۋاپىق قوشۇمچىلارنى ياكى ياردەمچى پېئىللارنى قوشۇپ تەرجىمە قىلساق بولىدۇ. مەسىلەن:
进行会谈: سۆھبەتلەشتى
سۆھبەتلىشىش ئېلىپ بېرىلدى (ئەمەس)
进行治疗: داۋالىدى
داۋالاش ئېلىپ بېرىلدى (ئەمەس)
进行实验: سىناق قىلدى
سىناق ئېلىپ بېرىلدى (ئەمەس)

ئىككىنچى: 发生 كېسىلى
دەرىجىسى: ئېغىر
كېسەللىك ئالامەتلىرى تۆۋەندىكىدەك:
بۇنىڭدا خەلقئارادا يۈز بېرىۋاتقان
قىلىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ
پارتىلاش ۋەقەسى يۈز بېرىپ
خەلقئارادا يۈز بېرىۋاتقان قىزىق
يۈز بېرىۋاتقان قىزىق نۇقتا
جىددىي ئەھۋال يۈز بەرگەندە
ئوت ئاپىتى يۈز بېرىش
ئاپتونوم رايونىمىزدا يۈز بەرگەن
بۈگۈن يۈز بەرگەن مۇھىم
ئوت ئاپىتى يۈز بېرىپ
خەلقئارادا تۈنۈگۈن يۈز بەرگەن
سەھەردە پارتلاش يۈز بېرىپ
يۈز بەرگەن مۇھىم ئىش
ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن كېيىن
ئەتراپىمىزدا يۈز بېرىۋاتقان يېڭى
تارىختا بۈگۈن يۈز بەرگەن
بىخەستەلىك تۈپەيلى يۈز بەرگەن
تۈنۈگۈن يۈز بەرگەن ئەڭ
دائىم يۈز بېرىپ تۇرىدۇ
ئەگەر يۈز بەرگەن ئىش
ئويلىمىغان ئىش يۈز بېرىپ

كېسەللىك سەۋەبى:
بۇ خەنزۇ تىلى 发生 ئارىلىشىپ كەلگەن سۆز-ئىبارىلەرنى ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلغاندا كۆپ ئۇچرايدۇ.

ئالدىنى ئېلىش:
发生 ئارىلاشقان خەنزۇچە جۈملىلەرنى تەرجىمە قىلغاندا، ھوشيارلىقنى ئۆستۈرۈپ، 发生 نىڭ كەينىدىكى ئىسىمنىڭ كەينىگە مۇۋاپىق قوشۇمچىلارنى ياكى ياردەمچى پېئىللارنى قوشۇپ تەرجىمە قىلساق بولىدۇ. مەسىلەن:
发生交通事故 قاتناش ۋەقەسى بولدى
قاتناش ۋەقەسى يۈز بەردى (ئەمەس)
发生洪灾 كەلكۈن كەلدى
سۇ ئاپىتى يۈز بەردى (ئەمەس)
发生地震 يەر تەرۋىدى
يەر تەۋرەش يۈز بەردى (ئەمەس)

داۋالاش:
«ئۇيغۇر تىلى گىرامماتىكىسى» دېگەن كىتابنى كۆرۈش، پېشقەدەم تەرجىمانلارنىڭ ئەسەرلىرىنى كۆرۈپ تۇرۇش. ئۆيىڭىزدە كومپيۇتېر، يانچۇقىڭىزدا تېلېفونىڭىز بولسا ھەر كۈنى ئۇچ ۋاخ ئۇيغۇر سوفت تور لۇغىتى، ئۈندىدار لۇغىتى، ئۇيغۇر سوفت ئىملا تەكشۈرۈش قوراللىرىنى ئىشلىتىپ تۇرسىڭىز، بىر نەچچە ئايغا قالماي سەللىمازا ساقىيىپ كېتىسىز.

بۇنىڭدىن باشقا يەنە تۆۋەندىكىدەك تارقىلىشچان كېسەللەرمۇ مەۋجۇت:
يارلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقاردى
قاتارلىق كېسەللەرنى پەيدا قىلىدۇ
ئۆتتە تاش پەيدا بولۇشنىڭ
ئۆپكىسىگە نىسبەتەن داۋالاش ئېلىپ باردى
ئاخشام ئايروپىلان ئارقىلىق باردى
يىغىن روھىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرايلى
قۇرغاق رايونلار ئۈستىدە تەتقىقات

مەنبە: ئۇيغۇر سوفت ئۈندىدار سالونى
Tags:
بايانات

«بىلگىلەر» يانبىلوگى مەخسۇس بىلگىلەرنىڭ ئېنتېرنېت تورىدا ئېلان قىلغان، باشقىلارغا ئۈمىد، ئىشەنچ بېغىشلايدىغان يازمىلىرىنى توپلاش ئارقىلىق ۋۇجۇدقا كەلگەن. مەقسەت تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرگە تېخىمۇ كۆپ مەنىۋىي ئوزۇق، ئىشەنچ، ئۈمىد ئاتا قىلىشقا ئۈندەش، ھەم كىشىلەرنىڭ يانبىلوگ ئارقىلىقلار داڭلىق ئالىملىرىمىزنىڭ نادىر يازمىلىرىدىن ئوزۇق ئېلىشىغا قولايلىق يارىتىشتىن ئىبارەت. ئەگەر يازمىلىرىڭىزنىڭ بىسوراق يوللانغانلىقىنى بايقاپ، ئاپتورلۇق ھوقۇقۇمغا دەخلى يەتتى دەپ قارىسىڭىز yanbilog@126.com غا ئەھۋال پاش قىلسىڭىز بولىدۇ، بىز ئەڭ تېز سۈرئەتتە تەدبىر قوللىنىپ، ئاپتورلۇق ھوقۇقىڭىزنى كاپالەتكە ئىگە قىلىمىز! ئورگان ئۈندىدار سۇپىمىز: yanbilog

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى