بىلگىلەر (بىلگەلەر) يانبىلوگى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

مۇقەددەس مىجىت پارىژدا ئىنسان مۇزىكاشۇناسلىق كەسپى دوكتورى بولدى

مۇقەددەس مىجىت پارىژدا ئىنسان مۇزىكاشۇناسلىق كەسپى دوكتورى بولدى

ۋاقتى: 2015-12-15 ئاۋاتلىقى: 3856 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

مۇقەددەس مىجىت پارىژدا "ئىنسان مۇزىكاشۇناسلىق كەسپى دوكتورى" ئىلمىي ئۇنۋانى ئالدى

يەنە بىر ئۇيغۇر قىزى 2015-يىلى 12-ئاينىڭ 9-كۈنى فىرانسىيە 10-ئۇنىۋېرسىتىتىدىكى 6 يىللىق ئوقۇش ۋە تەتقىقاتىنى نەتىجىلىك تاماملاپ دوكتور بولدى. يەتتە پروفېسسور مۇقەددەسنىڭ 430 بەتلىك "ئۇيغۇر خەلق مۇزىكا مەدەنىيىتىنىڭ سەھنىلەشتۈرۈلۈشى، ئۇيغۇر سەھنە كىملىكىنىڭ شەكىللىنىشى" تېمىسىدىكى دېسسېرتاتسىيە ماقالە تېزىسى كىتابىنى ئالدىنئالا ئەستايىدىل كۆرگەن ۋە مەزمۇنلار بويىچە سوئاللار تەييارلىغان. مۇقەددەس ماقالىنىڭ ئاساسىي مەزمۇنىنى يېرىم سائەتكە ئىخچاملاپ تونۇشتۇرغاندىن كېيىن پروفېسسورلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.

قىزغىن مۇنازىرە 4 سائەت داۋاملاشتى. ئاخىرىدا پروفېسسورلارنىڭ بىردەك قوشۇلۇشى بىلەن مۇقەددەسكە دوكتور ئىلمىي ئۇنۋانى بېرىلگەنلىكى ئېلان قىلىندى.

مۇقەددەس مىجىت شىنجاڭ سەنئەت ئىنىستىتۇتىنىڭ بالېت ۋە پىئانىنو كەسىپلىرىنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، دۇنيا مەدەنىيەت بۆشۈكلىرىنىڭ ئالدىنقى قاتاردىكى پارىژغا كەلگەن. بىر يىل فرانسوز تىلى ئۆگەنگەن. ئاندىن كېيىن پارىژ 10-ئۇنۋېرسىتىتىدا مۇزىكا ئىنسانشۇناسلىقى بويىچە تولۇق كۇرسنى پۈتتۈرگەن ئاندىن شۇ ئۇنىۋېرسىتىتتا يەنى سوربون ئۇنىۋېستىتىدا "ئەجدادلار ئىزىدىن :ئۇيغۇر ئىلى رايونىدىكى نەقشىبەندىيە، خانىقا ئاھاڭلىرى ئۈستىدە تەتقىقات" تېمىلىق ئىلمىي ماقالىسى بىلەن ماگېستىر (2) دەرىجىسىنى پۈتتۈرۈپ، دىپلوم ئالغاندىن كېيىن پارىژ 10-ئۇنىۋېرسىتىتۇتقا دوكتورانت ئوقۇغۇچىلىققا قوبۇل قىلىنغان.

مۇقەددەس ماگېستىر ئوقۇش داۋامىدا ھەريىلى غۇلجا، قەشقەر، قۇمۇل، قاغىلىق، يەكەن، مەكىت قاتارلىق ئۇيغۇر ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئوچاقلىرىغا كۆپ قېتىم بارغان. ئالدى بىلەن سوفېي نەقشىبەندىيە مەزھىبىنىڭ غۇلجىدىكى ھايات پىشۋاسى ھۆرمەتلىك نۇرجان ھاپىزدىن تارىخي قىممىتى كۈچلۈك بىرىنچى قول ماتېرىيال توپلاپ سوفىلار ئىبادىتىدىكى كۈي ئاھاڭلارنى نوتىغا ئالغان، سوفىلار زىكرى: سۆھبەت يىغىلىشلىرىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇش تەرتىپلىرى، 50-يىللاردىن بۇرۇنقى خانىقالارنىڭ ئاساسلىق ئىجتىمائىي پائالىيەتلىرى، ئاساسلىق شەخسلەر مەزمۇن قىلىنغان تەتقىقات ماقالىسى "ئوتتۇرا ئاسىيا مۇزىكىلىرى ھەققىدە دەسلەپكى چۈشەنچە" توپلامغا كىرگۈزۈلگەن. 2012-يىلىدىن باشلاپ ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇنىۋېرسىتىتىدا دەرسلىك قوللانمىسى سۈپىتىدە ئىشلىتىلمەكتە. بۇ جەرياندا چەتئەللىكلەرلا ئەمەس، ئۆز ۋەتىنىدىكى ئىلىم ئادەملىرىمۇ مۇقەددەسنىڭ ئىلمىي ئەمگەكلىرىگە دېققەت قىلدى. شىنجاڭ مائارىپ نەشرىياتى تۈزگەن تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ "گۇمانىتار ئوقۇشلۇقى" غا مۇقەددەس يازغان، 2004-يىلى "تەڭرىتاغ ژۇرنىلى"دا پارىژدىكى ئۇيغۇر قىزىنىڭ بايانى" تېمىسىدا ئېلان قىلىنغان چاتما ماقالىسىدىن ئارىيە كىرگۈزۈپ، ئۇنى رىغبەتلەندۈردى.

دولان مۇقامچىلىرىنى پارىژغا تەكلىپ قىلىش، ئۇلارنى بىرنەچچە شەھەردە ئايلىنىپ ئويۇن قويۇشقا تەشكىللەپ، ئۇيغۇر خەلق سەنئىتىنى دۇنياغا تونۇتۇش__ مۇقەددەسنىڭ ئوقۇغۇچىلىق ھاياتىدىكى ئەھمىيەتلىك بىر ئەمگىكى بولسا، داڭلىق ناخشىچى، شىنجاڭ سەنئەت ئىنىستىتۇتىدىكى تۆھپىكار ئۇستاز ئايشىگۈل مۇھەممەدنىڭ 2007-يىلى پارىژدا مۇقام ياڭرىتىشى، 2009-يىلى ئەزەربەيجاندا، 2010-يىلى گىرمانىيەدە فېستۋالغا تەكلىپ قىلىنىشى ۋە ناخشا پىلاستىنكىسىنىڭ چۈشەندۈرۈش تېكىستىنى يېزىپ، گېرمانىيەدە نەشىر قىلدۇرۇشتا بۇ ئوقۇغۇچى قىز يەنە بىر قېتىم كۆۋرۈك بولدى.

مىللىي مەدىنىيىتىگە بولغان مۇھەببەت، غايە يولىدا تىنىمسىز ئالغا ئىنتىلىش خاراكتېرىگە سىڭىپ كەتكەن بۇ قىز ئىشلەۋاتقانلىرىنى ئاز كۆرۈپ، ماتېرىيال فىلىملىرى ئىشلەپمۇ ئۇيغۇر جەمئىيتىنى تەشۋىق قىلىشنى باشلىدى، يەنى:

ئېتنوگرافىيە فىلىملىرىدىن:

1) روزىمەتيۈزىدىكى زىكرى-سۆھبەت
2) ئۇيغۇر مەشرەپلىرى
3) قۇمۇل مۇقامىغا ۋارسلىق قىلىش مەركىزى
4) دولان قىززىتمىسى
دوكمېنتارىيە فىلىملىرىدىن:
1) قېتىق__ ئوسنابورگكە يول 2010
2) قېتىق__ ئۈرۈمچىدىكى روك 2013
3) رەھىمە 2015
4) بۇ يەر شەرق ئەمەس 2015

بۇ فىلىملارنىڭ ئىچىدە «قېتىق__ ئۈرۈمچىدىكى روك» 2013-يىلى ۋە 2014-يىلى فىرانسىيە ۋە قاتار دۆلىتىدە ئۆتكۈزۈلگەن خەلقئارالىق دوكمېنتارىيە فىلىم فېستۋالىغا تاللاندى، فىرانسىيەدىكى فىلىم فېستىۋالىغا قاتناشقان 600 فىلىم ئىچىدىن تاللانغان 29 فىلىم قاتارىغا كىردى.

قېتىق گۇرۇپپىسىنىڭ 2010-يىلىدىن بۇيان فىرانسىيە، شىۋېتسارىيە، گوللاندىيە، گېرمانىيە قاتارلىق ياۋروپا ئەللىرىنى ئايلىنىپ ئويۇن قويۇشىغا پەرھات خالىقنىڭ بۇ يىل 12-ئاينىڭ 2-كۈنى گوللاندىيە ئامستىردام خان سارىيىدا ئۆتكۈزۈلگەن مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمىدا گوللاندىيە خان جەمەتى شاھزادىسى كونستانتىيىننىڭ ئۇيغۇر ناخشىچى پەرھاتنىڭ نامىنى ئاتاپ ئۆز قولى بىلەن تارقاتقان مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن تۇنجى ئۇيغۇر سەنئەتكار بولۇشىدا مۇستەھكەم كۆۋرۈك بولغان، ئەجىر سىڭدۈرگەن يەنە شۇ قىز ئىدى.

بۇ مۇكاپاتنىڭ ئۇيغۇر سەنئەتكارغا بېرىلىشى__ پەرھاتنىڭ تىرىشچانلىى تالانتىنى ۋە مۇقەددەسنىڭ ياشلارنىڭ زامانىۋى مۇزىكا ئۇسلۇبىنى ۋاستە قىلىپ ئەنئەنىۋى ئۇيغۇر سەنئىتىنى دۇنيا مۇزىكا سەۋىيەسى دەرىجىسىگە كۆتۈرۈش يولىدا كۆرسەتكەن يەنە بىر پىداكارانە روھىنى ئىسپاتلىدى.

مۇقەددەسنىڭ خەلقئارالىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرىدا ئوقۇغان كىتاب ۋە ژۇرناللاردا ئېلان قىلغان ئىلمىي ماقالىلىرىنىڭ تىزىملىكى ئايرىم ئېلان قىلىنىدۇ.

مەنبە: كۆزنەك سالونى





بايانات

«بىلگىلەر» يانبىلوگى مەخسۇس بىلگىلەرنىڭ ئېنتېرنېت تورىدا ئېلان قىلغان، باشقىلارغا ئۈمىد، ئىشەنچ بېغىشلايدىغان يازمىلىرىنى توپلاش ئارقىلىق ۋۇجۇدقا كەلگەن. مەقسەت تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرگە تېخىمۇ كۆپ مەنىۋىي ئوزۇق، ئىشەنچ، ئۈمىد ئاتا قىلىشقا ئۈندەش، ھەم كىشىلەرنىڭ يانبىلوگ ئارقىلىقلار داڭلىق ئالىملىرىمىزنىڭ نادىر يازمىلىرىدىن ئوزۇق ئېلىشىغا قولايلىق يارىتىشتىن ئىبارەت. ئەگەر يازمىلىرىڭىزنىڭ بىسوراق يوللانغانلىقىنى بايقاپ، ئاپتورلۇق ھوقۇقۇمغا دەخلى يەتتى دەپ قارىسىڭىز yanbilog@126.com غا ئەھۋال پاش قىلسىڭىز بولىدۇ، بىز ئەڭ تېز سۈرئەتتە تەدبىر قوللىنىپ، ئاپتورلۇق ھوقۇقىڭىزنى كاپالەتكە ئىگە قىلىمىز! ئورگان ئۈندىدار سۇپىمىز: yanbilog

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى