بىلگىلەر (بىلگەلەر) يانبىلوگى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ئۇيغۇر تەرجىمە تىلىدا بايقالغان كېسەللىك (3)

ئۇيغۇر تەرجىمە تىلىدا بايقالغان كېسەللىك (3)

ۋاقتى: 2015-12-29 ئاۋاتلىقى: 2238 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

ئۇيغۇر تەرجىمە تىلىدا بايقالغان كېسەللىك (3)

ئالىم ئەھەت (ئۇيغۇر سوفت)

قولۇمدىكى ئۇيغۇر تىلى چوڭ مەلۇمات (大数据) ئامبىرىدىن تۆۋەندىكى نەتىجىلەرگە ئېرىشىپ ھەيران قالدىم، تىلچى ئۇستازلار ۋاقتىدا دورا ياساڭلار، تەرجىمانلار ئۇيغۇر تىلىنىڭ قانۇنىيتىنى بۇزماڭلار، تەرجىمە قىلىۋاتقان سۆز-ئىبارىلەرگە مەسئۇل بولۇڭلار. بۇنداق كېسەل جۈملىلەر رادىيو-تېلېۋىزىيە، گېزىت-ژۇرنال، ھەتتا ھۆكۈمەت باشقۇرۇشىدىكى تور بېكەت...... قاتارلىق تاراتقۇلاردىمۇ كۆپ ئۇچرايدۇ، مەن بۇ يەردە ئۇلارنى تىلغا ئالمايمەن. بۇ ئۇيغۇر تىلىدىكى كېسەللىك ئەمەس، تىلىمىزدا گۇناھ يوق، بەلكى تەرجىماندىكى كېسەللىكتۇر. مۇشۇنداق يېڭى تەرجىمان بىمارلارنى ۋاقتىدا بايقاپ داۋالايدىغان دوختۇرخانىلارنىڭ قۇرۇلۇشىنى سەمىمىي ئۈمىد قىلىمەن.

بەشىنچى: 通过 (ئارقىلىق) كېسىلى
دەرىجىسى: ئېغىر
كېسەللىك ئالامەتلىرى تۆۋەندىكىدەك:
ئۈندىدار سالونىمىزغا سۆز قالدۇرۇش ئارقىلىق؛
ئەۋلادمۇ-ئەۋلاد مېڭىش ئارقىلىق يول ھاسىل بولغان؛
بېسىش ئارقىلىق باشقىلارنىڭ مۇزىكىلىق قوڭغۇراقلىرىنى؛
سۈرەت ۋە خەتلىك مەزمۇنلارنى يوللاش ئارقىلىق؛
دوستلار بىۋاستە پروگىراممىغا قاتنىشىش ئارقىلىق؛
پىروگىراممىغا قاتنىشىش ئارقىلىق يۇمۇر سۆزلەش پۇرسىتىگە؛
تېلېفون قىلىش ئارقىلىق ئۆزۈڭلار تەييارلىغان بالىلار؛
قىزىق لىنىيەلىك تېلېفونلىرىمىزغا تېلېفون ئۇرۇش ئارقىلىق؛
كۈندىلىك خاتىرە يېزىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ھاياتلىق؛
شەرق كۈيلىرىنىڭ ئالاھىدىلىكلىرىنى بىرلەشتۈرۈش ئارقىلىق؛

كېسەللىك سەۋەبى:
بۇ خەنزۇ تىلىدىكى جۈملىلەرنى تەرجىمە قىلغاندا، ھوشيارلىقنى ئۆستۈرۈپ، كەينىدىكى پېئىلغا «-پ\ىپ\-ۇپ\-ۈپ» قوشۇمچىلىرىنى قوشۇپ تەجىمە قىلساق بولىدۇ. مەسىلەن:
通过留言--سۆز قالدۇرۇپ
سۆز قالدۇرۇش ئارقىلىق (ئەمەس)
通过打电话 تېلېفون ئۇرۇپ
تېلېفون ئۇرۇش ئارقىلىق (ئەمەس)
通过发送图片 رەسىم ئەۋەتىپ
رەسىم ئەۋەتىش ئارقىلىق (ئەمەس)

ئالتىنچى: 内,下,上 (ئۈستىدە، ئاستىدا، ئىچىدە) كېسىلى
دەرىجىسى: ئېغىر
كېسەللىك ئالامەتلىرى تۆۋەندىكىدەك:
ئۆزىمىز ئۈستىدە ئويلىنىشقا باشلىغاندا؛
بىر دېلو ئۈستىدە تەھلىل يۈرگۈزىمىز؛
دېگەن تېما ئۈستىدە ئورتاقلىشىۋاتقان؛
ئىش ئۈستىدە يارىلىنىش سۇغۇرتىسى؛
مەسىلىسى ئۈستىدە مۇھاكىمە ئېلىپ؛
باشقىلار ئۈستىدە ئۆزگەرتىش ئېلىپ بېرىشقا؛
ئات ئۈستىدە ماھارەت كۆرسىتىش؛
كۈچلۈك كۈن نۇرى ئاستىدا كىتاب ئوقۇماسلىق؛
بارلىق ۋەكىللەرنىڭ نازارىتى ۋە قوللىشى ئاستىدا؛
يانفونىڭىزغا توك قاچىلىنىۋاتقان ئەھۋال ئاستىدا تېلېفون؛
ھەرخىل تېمپېراتۇرا ئاستىدا ئارىلاشتۇرغاندا قايسى خىل؛
كەچمەسلىك نىيىتىدە بولۇش ئالدىنقى شەرتى ئاستىدا؛
كۈنى نيوتون ئالما دەرىخى ئاستىدا كىتاب؛
ئەمدى شائىرلىرىمىزنىڭ ئوتلۇق قەلەملىرى ئاستىدا ئاپىرىدە؛

ئالدىنى ئېلىش:
بۇنداق جۈملىلەرنى تەرجىمە قىلغاندا «ئۈستىدە»، «ئاستىدا»، «ئىچىدە»،.... دەپ خەتمۇ خەت تەرجىمە قىلمىساقمۇ بولىدۇ. مەسىلەن:
(1) ئىش ئۈستىدە يارلىنىش سۇغۇرتىسى (ئەمەس)
ئىشتا يارلىنىش سۇغۇرتىسى
(2) دېگەن تېما ئۈستىدە ئورتاقلىشىۋاتقان (ئەمەس)
دېگەن تېمىدا ئورتاقلىشىۋاتقان
(3) باشقىلار ئۈستىدە ئۆزگەرتىش ئېلىپ بېرىشقا (ئەمەس)
باشقىلارنى ئۆزگەرتىشتە
كۈچلۈك كۈن نۇرى ئاستىدا كىتاب ئوقۇماسلىق (ئەمەس)
كۈچلۈك كۈن نۇرىدا كىتاب ئوقۇماسلىق
(5) ھەرخىل تېمپېراتۇرا ئاستىدا ئارىلاشتۇرۇپ (ئەمەس)
ھەرخىل تېمپېراتۇرىدا ئارىلاشتۇرۇپ
(6) شائىرلىرىمىزنىڭ قەلەملىرى ئاستىدا ئاپىرىدە...(ئەمەس)
شائىرلىرىمىزنىڭ قەلەملىرىدە ئاپىرىدە...

يەتتىنچى: 对 (نىسبەتەن) كېسىلى
دەرىجىسى: ئېغىر
كېسەللىك ئالامەتلىرى تۆۋەندىكىدەك:
ئائىلە ئايالغا نىسبەتەن ئېيتقاندا ئېرىنىڭ؛
ياكى ئادەتلەنگەن قەۋزىيەتلەرگە نىسبەتەن؛
بۇ ئەنگىلىيەگە نىسبەتەن يامان ئىش؛
ئادەمگە نىسبەتەن نېمە ئەڭ مۇھىم؛
يولۇچىلار ئېقىمى نىسبەتەن كۆپ بولۇۋاتىدۇ؛
مەلۇم بىر ئادەمگە نىسبەتەن ئېيتقاندا؛
ھالبۇكى ئوتتۇرا شەرققە نىسبەتەن بىر؛
يېپىشقاق پەردىگە نىسبەتەن ياخشى بولمىغان؛
كۆپچىلىككە نىسبەتەن بىرقەدەر ناتونۇش ئۇقۇم؛
....
سىزدە بۇنداق كېسەللىك بارمۇ-يوق؟ «ئۇيغۇر سوفت ئىملا تەكشۈرۈش قورالى» نىڭ ئەڭ يېڭى نۇسخىسىدا مەخسۇس تەكشۈرتۈڭ.

داۋالاش:
«ئۇيغۇر تىلى گىرامماتىكىسى» كىتابى ۋە پىشقەدەم تەرجىمانلارنىڭ ئەسەرلىرىنى كۆرۈپ تۇرۇڭ. تېلېفونىڭىزدا ھەركۈنى ئۈچ ۋاخ ئۇيغۇر سوفت ئۈندىدار لۇغىتى، كومپيۇتېرىڭىزدا ئۇيغۇر سوفت ئىملا تەكشۈرۈش قورالى، ئۇيغۇر سوفت تەرجىمە ياردەمچىسى (imla.uighursoft.com) قاتارلىق ئۇيغۇر يېزىقى ئۈچۈن ھەقسىز خىزمەت قىلىۋاتقان يۇمشاق دېتاللارنى ئىشلىتىپ تۇرسىڭىز، بىرنەچچە ئايغا قالماي سەللىمازا ساقىيىپ كېتىسىز.

ئۇيغۇر تىلىنى تۈرلۈك ئۈسكۈنىلەردە تەكشۈرۈۋاتىمەن. تۆۋەندىكىدەك تارقىلىشچان كېسەللەرمۇ بايقىلىۋاتىدۇ.

يارلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقاردى (يارىلاندى)
ئۆتتە تاش پەيدا بولۇشنىڭ (ئۆتكە تاش چۈشۈشنىڭ)
ئۆپكىسىگە نىسبەتەن داۋالاش ئېلىپ باردى (ئۆپكىسىنى داۋالىدى)
ئاخشام ئايروپىلان ئارقىلىق كەلدىم (ئايروپىلاندا كەلدىم)
يىغىن روھىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرايلى (كەڭ يايدۇرايلى)
قۇرغاق رايونلار ئۈستىدە تەتقىقات (رايونلاردىكى تەتقىقات)
بۇ ماڭا نىسبەتەن ھاقارەت (بۇ ماڭا ھاقارەت)
ئالما دەرىخى ئۈستىدىن ئالما ئۈزدۈم (ئالما دەرىخىدىن....)
ئاشخانا ئۆينىڭ ئىچىدە (ئاشخانىدا)
تاڭنۇرى ئولتۇراق رايونى ئىچىدىن ئىجارە (... رايونىدىن....)
مەن بىلەن بىللە بېرىشىپ بەر (ماڭا بېرىشىپ بەر....)
داۋاملىق ئالدىغا قاراپ مېڭىڭ (ئالدىغا مېڭىۋېرىڭ)
بىز بۇنداق ئەھۋال ئاستىدا (بىز بۇنداق ئەھۋالدا)
مۇشۇ خىل دورىدىن يېسىڭىز (مۇشۇنداق دورىدىن)
بۇ خىل تىپتىكى زۇكامدىن (مۇشۇنداق زۇكامدىن)
رەھمەت ئېيتىدىغانلىقىمنى بىلدۈرىمەن (رەھمەت ئېيتىمەن)
مەن بىئاراملىق ھېس قىلىۋاتىمەن (بىئارام بولۇۋاتىمەن)
ساياھەتچىلىكنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن
تۇرمۇشتا ئاز بولمىغان كىشلەرنىڭ ئوزۇقلىنىشى
توغرا جاۋاب بەرگەن بىر نەپەر دوستىمىزنى
ئىككى دانە كۆينەك ۋە بىر دانە دوپپا بىلەن مۇكاپاتلايمىز
بالىڭىزنىڭ چوڭ-كىچىك تەرىتى ۋاقتىدا
تۇنجى قېتىملىق بالا تۇغۇلۇشتىن ئىلگىرى
كېسەلنىڭ قوزغىلىش قېتىم سانى كۆرۈنەرلىك
بىردىنلا نۇرغۇن ئىشلارنى قىلىپ بېقىشقا
بۈگۈن سۆيۈملۈك كىچىك دوستلارنىڭ تەلىپى بويىچە
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئاڭلىغۇچىلار، ياخشىمۇسىلەر؟

مەنبە: ئۇيغۇر سوفت سالونى




Tags:
بايانات

«بىلگىلەر» يانبىلوگى مەخسۇس بىلگىلەرنىڭ ئېنتېرنېت تورىدا ئېلان قىلغان، باشقىلارغا ئۈمىد، ئىشەنچ بېغىشلايدىغان يازمىلىرىنى توپلاش ئارقىلىق ۋۇجۇدقا كەلگەن. مەقسەت تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرگە تېخىمۇ كۆپ مەنىۋىي ئوزۇق، ئىشەنچ، ئۈمىد ئاتا قىلىشقا ئۈندەش، ھەم كىشىلەرنىڭ يانبىلوگ ئارقىلىقلار داڭلىق ئالىملىرىمىزنىڭ نادىر يازمىلىرىدىن ئوزۇق ئېلىشىغا قولايلىق يارىتىشتىن ئىبارەت. ئەگەر يازمىلىرىڭىزنىڭ بىسوراق يوللانغانلىقىنى بايقاپ، ئاپتورلۇق ھوقۇقۇمغا دەخلى يەتتى دەپ قارىسىڭىز yanbilog@126.com غا ئەھۋال پاش قىلسىڭىز بولىدۇ، بىز ئەڭ تېز سۈرئەتتە تەدبىر قوللىنىپ، ئاپتورلۇق ھوقۇقىڭىزنى كاپالەتكە ئىگە قىلىمىز! ئورگان ئۈندىدار سۇپىمىز: yanbilog

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى