بىلگىلەر (بىلگەلەر) يانبىلوگى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ئۇيغۇر تىلىدا كېسەللىك بايقالدى(داۋامى)(2)

ئۇيغۇر تىلىدا كېسەللىك بايقالدى(داۋامى)(2)

ۋاقتى: 2015-12-28 ئاۋاتلىقى: 2417 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

ئۇيغۇر تىلىدا كېسەللىك بايقالدى(داۋامى)(2)
ئالىم ئەھەت (ئۇيغۇر سوفت)


قولۇمدىكى ئۇيغۇر تىلى چوڭ مەلۇمات (大数据) ئامبىرىدىن تۆۋەندىكى نەتىجىلەرگە ئېرىشىپ ھەيران قالدىم، تىلچى ئۇستازلار ۋاقتىدا دورا ياساڭلار، تەرجىمانلار ئۇيغۇر تىلىنىڭ قانۇنىيتىنى بۇزماڭلار، تەرجىمە قىلىۋاتقان سۆز-ئىبارىلەرگە مەسئۇل بولۇڭلار. بۇنداق كېسەل جۈملىلەر رادىيو-تېلېۋىزىيە، گېزىت-ژۇرنال، ھەتتا ھۆكۈمەت باشقۇرۇشىدىكى تور بېكەت...... قاتارلىق تاراتقۇلاردىمۇ كۆپ ئۇچرايدۇ، مەن بۇ يەردە ئۇلارنى تىلغا ئالمايمەن. بۇ ئۇيغۇر تىلىدىكى كېسەللىك ئەمەس، تىلىمىزدا گۇناھ يوق، بەلكى تەرجىماندىكى كېسەللىكتۇر. مۇشۇنداق يېڭى تەرجىمان بىمارلارنى ۋاقتىدا بايقاپ داۋالايدىغان دوختۇرخانىلارنىڭ قۇرۇلۇشىنى سەمىمىي ئۈمىد قىلىمەن.


ئۇيغۇر تىلىمۇ ئەمەلىيەتتە ئىخچام تىل ئىدى، ئوخشاش بىر بەت خەنزۇچە مەزمۇننى ئۇيغۇرچىگە تەرجىمە قىلسا ئىككى-ئۈچ بەت بولىدۇ دەيدىغان پىكىرگە تازا قوشۇلمايمەن.

ئۈچىنچى: 已经 كېسىلى
دەرىجىسى: ئېغىر
كېسەللىك ئالامەتلىرى تۆۋەندىكىدەك:
ئاللىبۇرۇن 270 كىلوگرامدىن ئېشىپ كەتكەن؛
ئاللىبۇرۇن تاتلىق ئۇيقۇغا كەتكەن كىچىك سىڭلىمغا؛
ئاللىبۇرۇن ياشانغانلار جەمئىيتىگە قەدەم قويۇپ بولدى؛
ئاللىبۇرۇنلا چىقىرىپ بولغان بولىدۇ؛
ئەرلەر بولسا ئاللىبۇرۇنلا چىقىرىپ بولغان بولىدۇ؛
بالدۇرراق كەلگەن بولساڭلار، قورۇما-تائاملار ئاللىبۇرۇن؛
ياشلىقىمىزنىڭ ئاللىبۇرۇن ئۆتۈپ كەتكەنلىكىنى بايقايمىز؛

كېسەللىك سەۋەبى:
بۇ خەنزۇ تىلىدىكى 已经 ئارىلىشىپ كەلگەن سۆز-ئىبارىلەرنى ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلغاندا كۆپ ئۇچرايدۇ.

ئالدىنى ئېلىش:
已经 ئارىلاشقان خەنزۇچە جۈملىلەرنى تەرجىمە قىلغاندا ھوشيارلىقنى ئۆستۈرۈپ، 已经 نىڭ كەينىدىكى ئىسمىنىڭ كەينىگە مۇۋاپىق قوشۇمچىلارنى ياكى ياردەمچى پېئىللارنى قوشۇپ تەرجىمە قىلساق مۇۋاپىق بولىدۇ. مەسىلەن:
已经超过70公斤 70 كىلوگىرامدىن ئاشتى؛
ئاللىبۇرۇن 70 كىلوگىرامدىن ئېشىپ كەتتى (ئەمەس)
已经睡觉 ئۇخلىدى
ئاللىبۇرۇن ئۇخلىدى ياكى ئۇيقۇغا كەتتى (ئەمەس)
你的青春已经过去 ياشلىقىڭىز ئۆتتى
ياشلىق باھارىڭىز ئاللىبۇرۇن ئۆتۈپ كەتتى (ئەمەس)

تۆتىنچى: 由于 كېسىلى
دەرىجىسى: ئېغىر
كېسەللىك ئالامەتلىرى تۆۋەندىكىدەك:
ئائىلىدە ئۇقۇشماسلىقلار سەۋەبىدىن بولىدىغان؛
دېھقانلارنىڭ كېسەللىك سەۋەبىدىن نامراتلىشىپ؛
ئۇچرىغان كېلىشمەسلىكلەر سەۋەبىدىن ئاغرىنىپ؛
كەچ ئوزۇقلىنىش سەۋەبىدىن ئاشقازان؛
كەلگەن كىچىككىنە كۆڭۈلسىزلىك سەۋەبىدىن؛
كەمچىل بولۇش سەۋەبىدىن كېلىپ؛
مۇھەببەت سەۋەبىدىن ۋۇجۇدقا كەلگەن؛
سەۋەبىدىنمۇ ئادەم ئاسان سەمرىمەيدۇ؛
قاتارلىق ئامىللارنىڭ سەۋەبىدىن باش ئاغرىيدۇ؛
يول توسۇلۇش سەۋەبىدىن قاتناش قىستاڭچىلىقى؛
ھاراق ئىچىش سەۋەبىدىن ئىممونىتېت؛
ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلارنىڭ سەۋەبىدىن؛
ئادەم زەخمىلەنگەنلىك سەۋەبىدىن تۆلەم؛
ئايالغا بولغان مۇھەببەت سەۋەبىدىن؛
ئېرسىيەت كېسەللىكى سەۋەبىدىن تۇغۇلغاندىلا؛
ئۇقۇشماسلىقلار سەۋەبىدىن بولىدىغان كۆڭۈل؛
بولۇش سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان؛
بۆرەك ئىقتىدارى چېكىنگەنلىكى سەۋەبىدىن؛
تاماگەرلىك سەۋەبىدىن نۇرغۇن ئوڭۇشسىزلىقلارغا؛
توخۇلارغا كالتىسىي يېتىشمەسلىك سەۋەبىدىن؛
تورغا چىقىش سەۋەبىدىن تورغا خۇمار؛
تېمپېراتۇرىنىڭ ئۆزگىرىشى سەۋەبىدىن؛
دەريادىن ئۆتەلمەسلىك سەۋەبىدىن؛
تۈرىنىڭ ئوخشىماسلىى سەۋەبىدىن ئوزۇقلۇق؛
چىقىش سەۋەبىدىن تور ئىقىمىنى؛
چۈشتىن بۇرۇن تۇمان سەۋەبىدىن؛
سىرتىدىن سوغۇق تېگىش سەۋەبىدىن؛
ئىش سەۋەبىدىن نۇرغۇن كىشلەر ئائىلىسىدىكى؛
سەۋەبىدىن يۈز بەرگەن قاتناش ھادىسىسى؛

كېسەللىك سەۋەبى:
بۇ خەنزۇ تىلىدىكى 原因, 因为, 由于 ئارىلىشىپ كەلگەن سۆز-ئىبارىلەرنى ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلغاندا كۆپ ئۇچرايدۇ.

ئالدىنى ئېلىش:
原因, 因为, 由于 ئارىلاشقان خەنزۇچە جۈملىلەرنى تەرجىمە قىلغاندا، «سەۋەبىدىن» نى زورلاپ يېزىۋالماي، «-دىن\تىن» قوشۇمچىلىرىنى قوشۇپ ئىخچام تەرجىمە قىلساق بولىدۇ. مەسىلەن:
(1) قاتناش قىستاڭچىلىقى سەۋەبىدىن يول توسۇلدى (ئەمەس)
قاتناش قىستاڭچىلىقىدىن يول توسۇلدى
(2) يەرنىڭ تارتىش كۈچى سەۋەبىدىن (ئەمەس)
يەرنىڭ تارتىش كۈچىدىن
(3) ھاراق ئىچىش سەۋەبىدىن ئىممونىتېت (ئەمەس)
ھاراق ئىچىشتىن ئىممونىتېت
(4) ھەرخىل كېسەل سەۋەبىدىن ئۆلۈش (ئەمەس)
ھەرخىل كېسەلدىن ئۆلۈش
(5) مۇھەببەت سەۋەبىدىن ۋۇجۇدقا كەلگەن (ئەمەس)
مۇھەببەتتىن ۋۇجۇدقا كەلگەن
بۇنى ۋاقتىدا داۋالىمىساق، «تۈپەيلىدىن» دېگەن ئەگەشمە كېسەلنىمۇ پەيدا قىلىدۇ. مانا مۇنداق:
ياشانغانلار تۈرلۈك سەۋەبلەر تۈپەيلى؛
ياكى مۇنداق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن؛
ھەرخىل سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن؛
ناۋادا ئالاھىدە سەۋەبلەر تۈپەيلى؛
يەڭگىلى بولمايدىغان سەۋەب تۈپەيلىدىن؛
ھەرخىل سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن مەكتەپنىڭ؛
دوختۇرنىڭ سەۋەنلىكى تۈپەيلىدىن ئارتېرىيە؛
زەخمىلەنگۈچىدە يۇقىرىقى سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن؛
مەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلى ئالىي مەكتەپكە؛
سەۋەبلەر تۈپەيلى قارا تىزىملىك؛
.....
سىزدە بۇنداق كېسەل بارمۇ-يوق؟ «ئۇيغۇر سوفت ئىملا تەكشۈرۈش قورالى»نىڭ ئەڭ يېڭى نۇسخىسىدا مەخسۇس تەكشۈرتۈڭ.
داۋالاش:
«ئۇيغۇر تىلى گىرامماتىكىسى» كىتابى ۋە پىشقەدەم تەرجىمانلارنىڭ ئەسەرلىرىنى كۆرۈپ تۇرۇڭ. ئۆيىڭىزدە كومپيۇتېر، يانچۇقىڭىزدا تېلېفونىڭىز بولسا ھەركۈنى ئۈچ ۋاخ ئۇيغۇر سوفت تور لۇغىتى (www.udict.cn)، ئۈندىدار لۇغىتى، ئۇيغۇر سوفت ئىملا تەكشۈرۈش قورالى، ئۇيغۇر سوفت تەرجىمە ياردەمچىسى (imla.uighursoft.com) قاتارلىق ئۇيغۇر يېزىقى ئۈچۈن ھەقسىز خىزمەت قىلىۋاتقان يۇمشاق دېتاللارنى ئىشلىتىپ تۇرسىڭىز، بىرنەچچە ئايغا قالماي، بىرلا باسقۇچتا سەللىمازا ساقىيىپ كېتىسىز.
مۇشۇنداق كېسەللىكلەرنى ۋاقتىدا داۋالاتمىساڭلار، بۇ دېتاللىرىمنىڭ قەدرىگە يەتمەپتۇ دەپ ھەقسىز تارقىتىۋەتمەيمەن، چۈنكى ئۇيغۇرلاردا:" قەدرىنى بىلمىگەنلەرگە 1000 يارماققىمۇ ساتماسمەن، بىلگەنلەرگە ھەقسىز بېرىمەن» دەيدىغان ھېكمەت بار.

ئۇيغۇر تىلىنى داۋاملىق CT ۋە باشقا ئۈسكۈنىلەردە تەكشۈرۈۋاتىمەن. تۆۋەندىكىدەك تارقىلىشچان كېسەللەرمۇ مەۋجۇت:
يارلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقاردى (يارىلاندى)
ئۆتتە تاش پەيدا بولۇشنىڭ (ئۆتكە تاش چۈشۈشنىڭ)
ئۆپكىسىگە نىسبەتەن داۋالاش ئېلىپ باردى (ئۆپكىسىنى داۋالىدى)
ئاخشام ئايروپىلان ئارقىلىق كەلدىم (ئايروپىلاندا كەلدىم)
يىغىن روھىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرايلى (كەڭ يايدۇرايلى)
قۇرغاق رايونلار ئۈستىدە تەتقىقات (... رايونلاردىكى تەتقىقات)
بۇ ماڭا نىسبەتەن ھاقارەت (بۇ ماڭا ھاقارەت)
ئالما دەرىخى ئۈستىدىن ئالما ئۈزدۈم (ئالما دەرىخىدىن....)
ئاشخانا ئۆينىڭ ئىچىدە (ئاشخانىدا)
تاڭنۇرى ئولتۇراق رايونى ئىچىدىن ئىجارە (... رايونىدىن....)
مەن بىلەن بىللە بېرىشىپ بەر (ماڭا بېرىشىپ بەر)
داۋاملىق ئالدىغا قاراپ مېڭىڭ (ئالدىغا مېڭىۋېرىڭ)
بىز بۇنداق ئەھۋال ئاستىدا (بىز بۇنداق ئەھۋالدا)
مۇشۇ خىل دورىدىن يېسىڭىز (مۇشۇنداق دورىدىن)
بۇ خىل تىپتىكى زۇكامدىن (مۇشۇنداق زۇكامدىن)
رەھمەت ئېيتىدىغانلىقىمنى بىلدۈرىمەن (رەھمىتىمنى ئېيتىمەن)
مەن بىئاراملىق ھېس قىلىۋاتىمەن (بىئارام بولۇۋاتىمەن)

مەنبە: ئۇيغۇر سوفت سالونى

Tags:
بايانات

«بىلگىلەر» يانبىلوگى مەخسۇس بىلگىلەرنىڭ ئېنتېرنېت تورىدا ئېلان قىلغان، باشقىلارغا ئۈمىد، ئىشەنچ بېغىشلايدىغان يازمىلىرىنى توپلاش ئارقىلىق ۋۇجۇدقا كەلگەن. مەقسەت تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرگە تېخىمۇ كۆپ مەنىۋىي ئوزۇق، ئىشەنچ، ئۈمىد ئاتا قىلىشقا ئۈندەش، ھەم كىشىلەرنىڭ يانبىلوگ ئارقىلىقلار داڭلىق ئالىملىرىمىزنىڭ نادىر يازمىلىرىدىن ئوزۇق ئېلىشىغا قولايلىق يارىتىشتىن ئىبارەت. ئەگەر يازمىلىرىڭىزنىڭ بىسوراق يوللانغانلىقىنى بايقاپ، ئاپتورلۇق ھوقۇقۇمغا دەخلى يەتتى دەپ قارىسىڭىز yanbilog@126.com غا ئەھۋال پاش قىلسىڭىز بولىدۇ، بىز ئەڭ تېز سۈرئەتتە تەدبىر قوللىنىپ، ئاپتورلۇق ھوقۇقىڭىزنى كاپالەتكە ئىگە قىلىمىز! ئورگان ئۈندىدار سۇپىمىز: yanbilog

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى