بىلگىلەر (بىلگەلەر) يانبىلوگى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

بىلىمخۇمار: ئۆتمۈشنى ئەسلەپ، كەلگۈسىگە نەزەر سېلىش (2-بۆلەك)

بىلىمخۇمار: ئۆتمۈشنى ئەسلەپ، كەلگۈسىگە نەزەر سېلىش (2-بۆلەك)

ۋاقتى: 2015-01-25 ئاۋاتلىقى: 2186 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

2. پەتىۋا ھەققىدىكى باشقا مىساللار 
ئۈممەتلەرنىڭ تارىخىدا دەسلىپىدە ھارام ۋە بىدئەتلەرگە چىقىرىلىپ، كېيىن ئۇنداق ئەمەس بولۇپ قالغان، ھەتتا تۇرمۇشتىكى بىر نورمال ياكى ئۆلچەملىك ئىشلارغا ئايلانغان نەرسىلەر ئىنتايىن كۆپ. بۇنىڭ مىساللىرىنىڭ ئىچىدە، ئادەمنىڭ يۈزىنى ئەڭ تۆكىدىغان، ئادەمنى ئەڭ قاتتىق نومۇس ھېس قىلدۇرىدىغان بىر مىسال «باسما خەت» تىن ئىبارەت. ياۋروپا ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىۋاتقان بىر ۋاقىتتا مۇسۇلمانلارنى قالاق ھالەتكە مىخلاپ قويغان نەرسىلەرنىڭ بىرى باسما خەتنىڭ چەكلىنىشىدۇر (ياسىر قازى بۇ يەردە قەغەز ۋە باسما خەت تارىخىنى ئازراق سۆزلەپ ئۆتتى).

بۇنداق مىساللار ئىنتايىن كۆپ. ئەگەر تىزىپ كەلسەك، كېيىن ئەمەلدىن قالغان پەتىۋالارنىڭ تىزىملىكى ناھايىتى ئۇزىراپ كېتىدۇ. ئەينى ۋاقىتتا ھەر بىر پەتىۋا چىقىرىلغاندا، ئۇلار ھەرگىزمۇ ئاساسسىز چىقىرىلغان ئەمەس. ئۇلارنىڭ ھەممىسى مەلۇم بىر فىقھى قائىدىسىگە ئاساسلىنىپ تۇرۇپ چىقىرىلغان. ئەمما بۇ يەردىكى مەسىلە ئۇ پەتىۋالار كېيىنكى ئۆزگىرىشلەرگە، كېيىنكى تەرەققىياتلارغا ئۇيغۇن كەلمەي قالغان. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئۆز كۈچىنى يوقاتقان. 

ئادەمنى ئىنتايىن قاتتىق نومۇسقا قويىدىغان يەنە بىر مىسال بار بولۇپ، مەن ھەرگىزمۇ ئۇ توغرۇلۇق بىرەر لېكسىيە بېرىشنى خالىمايمەن. شۇنداق بولسىمۇ مەن بۇ يەردە ئۇنى ئازراق تىلغا ئېلىپ ئۆتۈپ كېتەي. بۇلارنى سۆزلەپ ئولتۇرۇشۇمدىكى مەقسەت، سىلەرنى مۇنداق بىر ئىشنى چۈشىنىۋالسۇن، دەپ ئويلايدىغانلىقىمدىندۇر: بەزىدە بەزى پەتىۋالار بىزنى ئىنتايىن قالاق بىر ھالەتكە باغلاپ قويۇپ، كىشى ھەقىقەتەنمۇ نېمە قىلىشىنى بىلەلمەي قالىدۇ. 1850-يىللىرى قۇللۇق تۈزۈمگە قارشى تۇرۇش ھەرىكەتلىرى مۇسۇلمان زېمىنلىرىنى قاپلىغان ۋاقىتتا، بەزى زىيالىيلار يولنى توسۇپ تۇرۇۋالدى. «قۇللۇقنى چەكلەش ھارام، ئاللاھ ھالال قىلغان ئىشنى سىلەر ھارام قىلالمايسىلەر»، دەپ تۇرۇۋالدى. سەئۇدى ئەرەبىستاندا قۇللۇق تۈزۈمى قاچان بىكار قىلىندى، بىلەمسىلەر؟ 1962-يىلى. مەن مەدىنەدە ئوقۇۋاتقان ۋاقتىمدا، بىر 50 ياشلارغا كىرگەن ئوقۇتقۇچىم مۇنداق دېگەن: «مەن بىر كىچىك بالا ۋاقتىمدا مەدىنەنىڭ بازارلىرىدا قۇللار ئېلىپ-سېتىلىپ يۈرگەننى مەن ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرگەن.» 1962-يىلى پادىشاھ فەيسۇل قۇللۇق تۈزۈمنى بىكار قىلدى. بۇ بىر نومۇسلۇق تارىخ. بىزنىڭ بىر قىسىم زىيالىيلىرىمىز ئىسلامنىڭ قۇللارغا ئېھتىياجى يوقلۇقىنى چۈشەنمىدى. قۇللۇق تۈزۈمنى بىكار قىلىش ھەرگىزمۇ شەرىئەتنىڭ بىرەر قانۇنلىرىغا خىلاپ قىلغانلىق بولمايدۇ. ئىسلامنىڭ بىر گۈزەل يېرى مانا شۇ. ھەممە زىيالىيلار ئورتاق ھالدا بىر قارار ئېلىپ، بەزى نەرسىلەرنى بىكار قىلىۋەتسە بولۇۋېرىدۇ. دۇنيا قۇللۇق تۈزۈمىنى بىكار قىلغاندا، بىز مۇسۇلمانلارمۇ شۇنداق قىلىپ، بىر يېڭى دەۋر ئاچتۇق. مېنىڭچە ھازىر بۇرۇنقى قۇللۇق تۈزۈمگە قايتىشنى تەلەپ قىلىدىغان زىيالىيلاردىن بىرەرىنىڭ بولۇشى مۇمكىن ئەمەس. 

مەن مەدىنەدە ئوقۇۋاتقاندا ئوقۇتقۇچىم مۇنداق بىر ئىشنى دەپ بەردى: ئەرەبىستانغا رادىيو تۇنجى قېتىم كىرگەندە، ئۇ يەردىكى زىيالىيلار دەرھاللا «رادىيو ھارام» دەپ پەتىۋا چىقارغان. يالغۇز ئەرەبىستانلا ئەمەس، پۈتۈن دۇنيادىكى مۇسۇلمان زېمىنلىرىنىڭ ھەممىسى رادىيونى ھارام دېگەن. ھەتتا ئۇلار «رادىيو دېگەن بىر سېھىر» (magic) دېگەن. «بىز بۇ يەردە تۇرۇپ، مۇشۇ بىر ئەسۋاب بىلەن لوندوندىكى ياكى تىمبۇكتۇدىكى باشقا بىر ئادەمنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىيالىساق، بۇ دېگەن بىر سېھىر بولىدۇ»، دېگەن. مېنىڭ ئوقۇتقۇچىمنىڭ ئوقۇتقۇچىسى ئۇنىڭغا دەپ بېرىشىچە، مەدىنەدە رادىيو دولقۇنى يېڭىدىن تارقىتىلىشقا باشلىغاندا، ئۇ يەردىكى بىر قىسىم موللىلار قوللىرىدا قۇرئاننى تۇتۇپ، رادىيو ئانتېنناسى ئورنىتىلغان مۇنارنىڭ ئاستىغا يىغىلىپ، قۇرئان ئوقۇپ، شۇ ئارقىلىق رادىيو دولقۇنىنى تارقىلالمايدىغان قىلماقچى بولغان. ئۇ موللىلار شۇ ئارقىلىق رادىيو دولقۇنىنى ۋەيران قىلىۋەتمەكچى بولغان. پادىشاھ ئابدۇلئەزىز بىر ئىلغار ئىدىيەلىك كىشى بولۇپ، ئۇ ھەممە زىيالىيلارنى بىر مەجلىسكە چاقىرىپ، يېڭىدىن قۇرۇلغان سەئۇدى ئەرەبىستان رادىيو ئىدارىسىنىڭ ئادەملىرىنىمۇ چاقىرىپ كېلىپ، رادىيودا قۇرئاننى خەتمە-قۇرئان قىلدۇرغان. شۇنىڭ بىلەن زىيالىيلار تۇنجى قېتىم رادىيودا قۇرئاننىڭ ئاۋازنى ئاڭلاپ، «ئەسلىدە رادىيو بىر سېھىر ئەمەسكەن»، دېگەن تونۇشقا كەلگەن. 

ئەمدى تېلېۋىزور تۇنجى قېتىم پەيدا بولغاندا نېمە بولغانلىقىنى بىلەمسىز؟ بۇ چاغدىكى ئەھۋال تېخىمۇ ناچار بولغان. 1966-يىلى رىيادقا تۇنجى تېلېۋىزور ئىستانسىسى قۇرۇلغاندا، بىر قىسىم رادىكال ئىسلامچىلار ئۇنى چالما-كېسەك ھۇجۇمىغا تۇتقان. بىر توپ كىشىلەر ئۇ يەردە ئىشلەيدىغان بىر قىسىم كىشىلەرنى گۆرۈگە ئېلىۋېلىپ، پادىشاھىدىن سەئۇدى ئەرەبىستاندا تېلېۋىزور سىگناللىرىنىڭ تارقىتىلىشىنى چەكلەشنى تەلەپ قىلغان. شۇ چاغدا پادىشاھ ئائىلىسىنىڭ بىر ئەزاسىمۇ ئاشۇ بىنانىڭ ئىچىدە بولۇپ، شۇ قېتىمقى توقۇنۇشتا كىشىلەر ئۇنى ئۆلتۈرۈۋەتكەن. شۇنىڭ بىلەن پادىشاھ ئۇ يەرگە ئەسكەر ئەۋەتىپ، ئۇ قوزغىلاڭچىلارنى باستۇرغان. پادىشاھ فەيسال (King Faisal) نى ئۆلتۈرۈۋەتكەن كىشى ئۇنىڭ جىيەنى بولۇپ، شۇ قېتىم، يەنى 1966-يىلى ئۆلگەن كىشى بولسا پادىشاھ فەيسۇلنىڭ قاتىلىنىڭ ئىنىسى بولىدۇ. بەزىلەر بۇنى بىر ئىنتىقام ئېلىش يۈزىسىدىن ئېلىپ بېرىلغان قاتىللىق ھەرىكىتى، دەپ ئويلايدۇ.

3. ئۆمەر ئىبنى خەتتاب ھەققىدىكى 30 قىسىملىق ۋىدېئو فىلىمى 
مەن يۇقىرىدا 17-، 18- 19- ۋە 20-ئەسىردىكى پەتىۋا مىساللىرىنى سۆزلەپ ئۆتتۈم. ئەمدى 2013-يىلىدىكى ئىشلار ئۈستىدە توختىلىپ ئۆتەي. بۇ يەردە مەن تىلغا ئالىدىغىنىم ھازىر يۈز بەرگەن، بىز ھەممىمىزگە تەسىر كۆرسىتىدىغان ۋە تەسىر كۆرسەتكەن بىر ئىش. ئۇ بولسىمۇ ئەرەبنىڭ داڭلىق سۈنئىي-ھەمراھ تېلېۋىزىيە شىركىتى MBC ئىشلىگەن ھەزرىتى ئۆمەر ئىبنى خەتتاب (Omar Ibnul Khattab) نىڭ ھاياتى تونۇشتۇرۇلغان 30 قىسىملىق ۋىدېئو (video) فىلىمىدىن ئىبارەت [2]. ئولتۇرغانلارنىڭ 90-95 پىرسەنتى بۇ كىنونى كۆرۈپ باققان. بۇ فىلىمنى MBC شىركىتى تېخى ئالدىنقى رامىزان ئېيىدا قويۇپ تۈگەتتى. بۇ ۋىدېئو فىلىمى تېلېۋىزور تارىخىدا پۇلنى ئەڭ كۆپ خەجلىگەن بىر تۈر بولۇپ، ئۇ ئىنتايىن يۇقىرى سۈپەت بىلەن ئىشلەنگەن. بۇ فىلىمنىڭ خەۋىرى تارقالغان ھامان، سۈننىي ئىسلام دۇنياسىدىكى تونۇلغان زىيالىيلارنىڭ ھەممىسى ئارقا-ئارقىدىن پەتىۋا چىقىرىپ، بۇ فىلىمنى چەكلەشكە باشلىدى. ئەل-ئەزھەر قاتارلىق بارلىق دىنىي گۇرۇھلار پەتىۋا چىقىرىپ، بۇ فىلىمنىڭ قويۇلۇشىنى توستى. ھازىرغىچە سۈننىي دۇنياسىنىڭ بىرەر ئىشتا بىرلىككە كېلەلىشى ئانچە مۇمكىن بولماي كەلگەن ئىدى. ئەمما بۇ ئىشتا خۇددى ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئالدىنئالا كېلىشىۋالغاندەك، بۇ فىلىمنى بىردەك چەكلىدى. ئۇلار پەتىۋالىرىدا «بۇ فىلىم ھارام، بىدئەت، شۇڭا ئۇنى كۆرۈشكە بولمايدۇ»، دېدى. ئۇلار پەتىۋالىرىدا نۇرغۇنلىغان سەۋەبلەرنى كۆرسەتكەن بولۇپ، ئۇ سەۋەبلەرنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى ھەقىقەتەنمۇ شەرىئەتكە ئۇيغۇن كېلەتتى. ئۇلار بۇ پەتىۋالارنى ئۆز ھېسسىياتىغا تايىنىپلا ۋۇجۇدقا كەلتۈرمىگەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھەقىقەتەنمۇ ئاساسى بار ئىدى. ئەمما، خۇددى باسما خەت ئىشىغا ئوخشاشلا، ئۇلار بىر قانچە قەدەم كېيىنلىكنى ئويلىيالمىدى. ئۇلار پەقەت ھازىرنىلا ئويلىدى. مەن بۇ فىلىمنىڭ ئىشلىنىشىنى قوللىغان بولۇپ، ئاشۇ پەتىۋالارغا مەن 1-كۈنىدىن باشلاپلا قارشى چىققان ئىدىم. ماڭا ئەڭ زۇلۇم بولغان نەرسە شۇ بولدىكى، پۈتۈن دۇنيادىكى ئاساسلىق دىنىي تەشكىلاتلىرىنىڭ ھەممىسى بۇ فىلىمنى ھارام دەپ پەتىۋا چىقارغىنىغا قارىماي، بۇ فىلىم ئەرەب تارىخىدىكى ئەڭ كۆپ كۆرۈلگەن فىلىم بولۇپ چىقتى. 

بۇ بىزگە نېمىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ؟ بۇ بىزگە مۇسۇلمان خەلق ئاممىسى بىلەن ئۇلارنىڭ ئۆز زىيالىيلىرى ئوتتۇرىسىدىكى باغلىنىشنىڭ ئۈزۈلۈپ قالغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. دۇنيادىكى ئاساسىي دىنىي تەشكىلاتلىرىنىڭ ھەممىسى ئۈممەتلەرگە «بۇ فىلىم ھارام، ئۇنى كۆرمەڭلار» دېدى. ئەمما، بۇ فىلىم ئەڭ كۆپ كۆرۈلگەن فىلىملەر تىزىملىكىدە بىرىنچىلىك ئورۇننى ئالدى. بۇ بىزگە نېمىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ؟ بۇ بىزگە بىزنىڭ زىيالىيلىرىمىز ئۈممەتلەرنىڭ تومۇرى قانداق سوقىدىغانلىقىنى بىلمەيدىغان ھالەتكە كېلىپ قالغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. مەن زىيالىيلارنىڭ بۇ فىلىمنى ھارامغا چىقارغانلىقىغا ئانچە پەرۋا قىلىپ كەتمىدىم. ئەمما زىيالىيلار بىلەن ئۈممەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى باغلىنىشنىڭ ئۈزۈلۈپ قېلىشى مېنى ئىنتايىن قاتتىق ئازابلىدى. ئۆزىمىزنىڭ زىيالىيلىرىنىڭ گېپىگە MBC ئازراقمۇ پەرۋا قىلىپ قويماي، بۇ فىلىمنى تارقىتىۋەردى. ئۈممەتلىرىمىزمۇ ئۆزىنىڭ زىيالىيلىرىنىڭ نېمە دېگىنىگە ھېچ قانداق پەرۋا قىلىپ قويماي، بۇ فىلىمنى كۆرۈۋەردى. شۇنىڭ بىلەن ئەرەب تېلېۋىزور تارىخىدا بۇ فىلىم ئەڭ كۆپ كۆرۈلگەن فىلىم بولۇش سالاھىيىتىگە ئېرىشتى. نېمىشقا؟ چۈنكى بۇ بىر ئىنتايىن ئېسىل فىلىمدۇر. مەن بۇ فىلىمنىڭ يېرىمىنى كۆردۈم. ئائىلە بويىچە ئولتۇرۇپ كۆردۈم. مەن سىيرە ھەققىدىكى بىر مۇتەخەسسىس ۋە ئىسلام ئەنئەنىسىنى تولۇق چۈشىنىدىغان بىرى بولۇش سالاھىيىتىم بىلەن سىلەرگە شۇنى ئېيتالايمەنكى، بۇ بىر زامانىۋى دەۋەت قورالى بولۇپ، ئۇ كىشىلەرنى ئىنتايىن كۈچلۈك ھالدا ئىلھاملاندۇرالايدۇ، ۋە ئىسلامنى كەلگۈسىگە قارىتىپ تارقىتىدىغان بىر رېئاللىق بولالايدۇ. 

بۇ دېگەنلىك مەزكۇر فىلىمدە ھېچ قانداق مەسىلە يوق، دېگەنلىكمۇ؟ ياق، ئۇنداق ئەمەس. ئۇنىڭدا قىسمەن مەسىلىلەرمۇ بار. مەسىلەن، مەن بۇ يەردە بىر شەيخنىڭ ئىشىنى دەپ بېرەي. مەن ئادەتتە زىيالىيلارغا باھا بەرمەيدىغان بولۇپ، ئۇنىڭ بەلگىلىك سەۋەبى بار. شەيخ سالمان مەزكۇر فىلىمنى ئىشلىگەندە ئۇنىڭ ئارگىنالىنى كۆزدىن كەچۈرۈش كومىتېتىنىڭ بىر ئەزاسى بولۇپ خىزمەت قىلغان. ئىككى كۈننىڭ ئالدىدا مەن مۇشۇ لېكسىيەنى تەييارلاۋاتقاندا، بىرەيلەن ماڭا شەيخ سالماننىڭ يېڭىدىن «بۈگۈنكى ئىسلام» (Islamtoday) تور بېتىدە ئېلان قىلغان بىر پارچە ماقالىسىنى ئەۋەتىپتۇ. شەيخ سالمان مەزكۇر فىلىمنىڭ ئىشلىرىغا قاتناشقانلىقى ئۈچۈن، باشقا زىيالىيلارنىڭ قاتتىق نارازىلىقىغا ئۇچراپ كېتىپتۇ. ئۇ ماقالىسىدە ئۆزى قىلغان ئىشنىڭ توغرىلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپتۇ، ھەمدە مۇنداق دەپتۇ: «پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋاقتىدا كىشىلەر شېئىرلار ئارقىلىق باشقىلارنى ئىسلامغا كىرىشكە دەۋەت قىلىنغان. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام شېئىرىيەتنى قوبۇل قىلمىغان، ئەمما ئۇ ھەزرىتى ھەسەن ۋە باشقا ساھابىلەرنىڭ شېئىرلار بىلەن ئىسلامنى قوغدىشىغا يول قويغان ۋە شۇنداق قىلىشقا رىغبەتلەندۈرگەن. تېلېۋىزور بىلەن مېدىيا ئەينى ۋاقىتتىكى شېئىرىيەت بىلەن ئوخشاش ئورۇندا تۇرىدىغان ھازىرقى زامان قوراللىرىدىن ئىبارەت.» 

ھازىرقى ئەمەلىيەتكە قاراپ باقىدىغان بولساق، زىيالىيلارنىڭ قانچە كۆپ پەتىۋالارنى چىقىرىشىدىن قەتئىينەزەر، تۈركىيە بىلەن كورىيىدىن سانسىزلىغان تېلېۋىزور كىنو-درامىلىرى كىرىپ، مۇسۇلمان زېمىنلىرىدا كىشىلەرنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشىۋاتىدۇ. ئاشۇنداق فىلىملەر ئەرەب تېلېۋىزورلىرىدا قويۇلۇۋاتىدۇ. ھازىرقى ئەمەلىيەت شۇكى، سىزنىڭ قانچىلىغان پەتىۋالارنىڭ چىقىرىشىڭىزدىن قەتئىينەزەر، سىز كىشىلەرنىڭ تۈركىيەدە ئىشلەنگەن، يۈزدە-يۈز ھارام بولغان فىلىملەرنى ئەكىرىپ قويۇشىنى توسۇپ قالالمايۋاتىسىز. شۇڭلاشقا، ئۇنداق ھارام فىلىملەرنىڭ ئورنىغا سىز كىشىلەرگە مەزكۇر فىلىمدەك سېلىشتۇرغىلى بولمايدىغان دەرىجىدە پاكىز بولغان بىر فىلىمنى كۆرۈشكە يول قويسىڭىز نېمە بولۇپتۇ؟ مەن يۇقىرىدا دېگىنىمدەك، مەزكۇر فىلىمدە ھېچ قانداق مەسىلە يوق ئەمەس، ئەمما سىز بۇ فىلىمنى كۆرسىڭىز، سىزنىڭ ئىمانىڭىز كۈچىيىدىكەن. مەن ئاللاھ ئالدىدا مۇنداق بىر ئىشنى ئېتىراپ قىلىشتىن نومۇس قىلمايمەن: مەن مەزكۇر فىلىمنى كۆرگەندە، مېنىڭ ئىمانىم يېڭىلاندى. 

بەزىلەر دېيىشى مۇمكىن: «ئۇنداقتا قۇرئانغا نېمە بولىدۇ؟» مەن قۇرئاننى ھەر كۈنى ئوقۇپ تۇرىمەن. مەزكۇر فىلىمنىڭ سۆزلىرى ھەزرىتى ئىبىن ئىسھاق ۋە ئىبىن ھىشام قاتارلىق كىشىلەردىن كەلگەن بولۇپ، بۇ فىلىم ئۇنى كۆرگەن كىشىگە ھەقىقەتەنمۇ تەسىر كۆرسىتىدىكەن. مېنىڭچە بۇ خىل پاكىتنى سۆزلىگەننىڭ ھېچ يېرى يامان ئەمەس. كۆرگەن نەرسىلەر ئادەملەرگە ئاڭلىغان نەرسىلەرگە قارىغاندا بەكرەك تەسىر كۆرسىتىدۇ. مەن بۇ فىلىمدىن ھۇزۇرلاندىم. ئائىلەمدىكىلەر بۇ فىلىمدىن ھۇزۇرلاندى. ئايالىم ۋە بالىلىرىم بولۇپ بىز ھەممىمىز بىرلىكتە كۆردۇق. بۇ بىر ئەمەلىيەت. 

بەزى زىيالىيلار بۇ فىلىمنى شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدىلا «ھالال»، دېدى. بەزى كونسېرۋاتىپ زىيالىيلار تېلېۋىزورنى ھارام دەيدۇ. قېنى بىز ھازىرچە تېلېۋىزورنى ھارام دەپ تۇرايلى. ئولتۇرغانلارنىڭ ئىچىدە قانچەڭلار «قاراڭغۇ چەۋەندازنىڭ كۆتۈرۈلۈشى» (The Dark Knight Rises, 2012) دېگەن كىنونى كۆرمەي ئۆتكۈزۈۋەتتىڭلار؟ مېنىڭچە ئولتۇرغانلارنىڭ ئاساسەن ھەممىسى دېگۈدەك بۇ كىنونى كۆرۈپ باقتى. بۇ كىنو تىياتىرخانىلاردا قويۇلۇشقا باشلىغان ۋاقىت رامىزانغا توغرا كېلىپ قالغان ئىدى. ئۇ چاغدا فېيىسبۇك (Facebook) قا يېزىلغان ئۇچۇرلار ئاساسەن «بىزنىڭ رامىزان ئاخىرلاشقۇچە بۇ كىنونى كۆرمەي ساقلىغىدەك ئىمانىمىز بارمۇ-يوق؟» دېگەن مەزمۇننى چۆرىدىگەن ئاساستا بولدى. بەزىلەر «مەن ئۇ كىنونى بۈگۈن ئىپتاردىن كېيىن كۆرمىسەم بولمايدۇ»، دەپ ئىقرار قىلىشتى. بەزىلەر «ياق، ھازىر رامىزان، كۆرسەڭ بولمايدۇ، مەن رامىزان ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ئاندىن كۆرىمەن»، دەپ يازدى. «بۇ كىنونى كۆرسە بولمايدۇ»، دېگەن سۆز ئوتتۇرىغا بىرەر قېتىممۇ چىقىپ باقمىدى. يەنى، بۇ يەردىكى مەسىلە ئۇ كىنونى قاچان كۆرۈشتىن ئىبارەتلا بولۇپ، ئۇ كىنونى كۆرمەسلىك مەسىلىسى ئوتتۇرىغا چىقىپمۇ قويمىدى. مۇشۇنداق دېسەم، بەزىلەر «ئۇنداقتا سەن ئۇ كىنونى ھالال دېمەكچىمۇ؟» دەپ سورىشى مۇمكىن. بۇ يەردىكى مەسىلە ئۇ ئەمەس. بۇ يەردىكى مەسىلە زىيالىيلاردىن كەلگەن ئۇ پەتىۋالارغا كىشىلەر پەرۋا قىلامدۇ؟ دېگەندىن ئىبارەتتۇر. 

شۇڭلاشقا، بىر ھەقىقىي مۇراببى (تەربىيەلىگۈچى ، ئۇستاز murabbi) ۋە ئالىمنىڭ ۋەزىپىسى بىر خىيالىي ياكى غايىۋى دۇنيادا ياشاپ، ئەمەلىيەتتە مەۋجۇت بولمىغان بىر زېمىننىڭ كىشىلىرى ئۈچۈن پەتىۋا چىقىرىش ئەمەس. ئالىمنىڭ بىر ۋەزىپىسى كىشىلەرنىڭ يۈرىكىنىڭ قانداق سوقۇۋاتقانلىقىنى سېزىپ، نېمىنىڭ ئادەتلەنگەن قائىدىلەردىن ياخشىراق ئىكەنلىكىنى ئېنىقلاپ چىقىشتۇر. ھەقىقەتەنمۇ تېلېۋىزور 99 پىرسەنت ھارام. بەزىلەر مېنى كۆپ ئۆزگەردى، دېيىشىدۇ. شۇنداق بولسىمۇ، مەن ھەقىقەتەنمۇ تاكى بۈگۈنكى كۈنگە كەلگۈچە مۇزىكىغا قارشى تۇرىمەن. بۇ مېنىڭ خۇسۇسىي مەيدانىم. ئەمما، ئەمەلىيەتتە مېنىڭ پەتىۋارىمنىڭ ئۈنۈمى قانچىلىك؟ شۇڭلاشقا بىز بەزى نەرسىلەرگە، مەسىلەن 100 پىرسەنت ھالال بولمىسىمۇ، 90 پىرسەنت ھالال، ساغلام ۋە پاك بولغان نەرسىلەرگە يول قويساق ياخشىراق ئەمەسمۇ؟ 
ھەزرىتى ئۆمەرنىڭ ھاياتى ھەققىدىكى مەزكۇر فىلىمنى كۆرۈشتىن بۇرۇن نۇرغۇن كىشىلەر ئۇنىڭ ھاياتىنىڭ قانداق ئۆتكەنلىكىنى بىلمىگەن. بۇ بىر پاكىت. بۇ فىلىمگە قارشى چىقىرىلغان پەتىۋالارنىڭ ھەممىسىنىڭ شەرىئەتتە بەلگىلىك ئاساسى بار. ئۇ پەتىۋالارنى زىيالىيلار ئاساسسىزلا كەشىپ قىلىۋالغان ئەمەس. مۇنداق خىيال قىلىپلا ئوتتۇرىغا قويغان ئەمەس. 

داۋامىنى كېيىنكى يازمىدىن كۆرۈڭ...
بايانات

«بىلگىلەر» يانبىلوگى مەخسۇس بىلگىلەرنىڭ ئېنتېرنېت تورىدا ئېلان قىلغان، باشقىلارغا ئۈمىد، ئىشەنچ بېغىشلايدىغان يازمىلىرىنى توپلاش ئارقىلىق ۋۇجۇدقا كەلگەن. مەقسەت تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرگە تېخىمۇ كۆپ مەنىۋىي ئوزۇق، ئىشەنچ، ئۈمىد ئاتا قىلىشقا ئۈندەش، ھەم كىشىلەرنىڭ يانبىلوگ ئارقىلىقلار داڭلىق ئالىملىرىمىزنىڭ نادىر يازمىلىرىدىن ئوزۇق ئېلىشىغا قولايلىق يارىتىشتىن ئىبارەت. ئەگەر يازمىلىرىڭىزنىڭ بىسوراق يوللانغانلىقىنى بايقاپ، ئاپتورلۇق ھوقۇقۇمغا دەخلى يەتتى دەپ قارىسىڭىز yanbilog@126.com غا ئەھۋال پاش قىلسىڭىز بولىدۇ، بىز ئەڭ تېز سۈرئەتتە تەدبىر قوللىنىپ، ئاپتورلۇق ھوقۇقىڭىزنى كاپالەتكە ئىگە قىلىمىز! ئورگان ئۈندىدار سۇپىمىز: yanbilog

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى