بىلگىلەر (بىلگەلەر) يانبىلوگى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

بىلىمخۇمار: ئاتتىلانىڭ لىدېرلىق توغرىسىدا ئېيتقانلىرى (2-بۆلەك)

بىلىمخۇمار: ئاتتىلانىڭ لىدېرلىق توغرىسىدا ئېيتقانلىرى (2-بۆلەك)

ۋاقتى: 2015-01-24 ئاۋاتلىقى: 1856 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

2. ئاتتىلانىڭ لىدېرلىق توغرىسىدا ئېيتقانلىرى
ئالدىنقى قېتىملىق يازمامدا ئېيتىپ ئۆتكىنىمدەك، ئامېرىكىدىكى ئوتتۇرا ۋە ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ھەمدە لىدېرلىق ۋەزىپىسىنى ئۆز ئۈستىگە ئالغان نۇرغۇن كىشىلەر "ھون ئاتتىلانىڭ لىدېرلىق سىرلىرى" دېگەن كىتابقا ئىنتايىن قىزىقىدىكەن ۋە ئۇنى ناھايىتى قەدىرلەيدىكەن. ئۇلار نېمە ئۈچۈن شۇنداق قىلىدۇ؟ ئۇلار نېمە ئۈچۈن بۇنىڭدىن 1600 يىل بۇرۇن ياشىغان بىر ھوننىڭ لىدېرلىق ئىدىيەسىگە ۋە ئۇنىڭ ھونلارغا قىلغان سۆزلىرىگە ئاشۇنداق يۇقىرى دەرىجىدە ئەھمىيەت بېرىدۇ؟ ئەگەر سىز ئۇشبۇ كىتابنى ئوقۇپ باقسىڭىز، ئۇنىڭدا ئېيتىلغان نۇرغۇن نەرسىلەرنىڭ ھازىرقى ئۇيغۇر جەمئىيىتىگىمۇ ئىنتايىن ئۇيغۇن كېلىدىغانلىقىنى ھېس قىلىسىز. مەن شۇنىڭ بىر مىسالى سۈپىتىدە، "ئاتتىلائىزم" ئۈستىدە توختىلىشتىن بۇرۇن، ئۇشبۇ كىتابتىكى ئاتتىلانىڭ لىدېرلىق ھەققىدىكى سۆزلىرى كىرگۈزۈلگەن بىر بابتىكى مەزمۇننى مۇشۇ يەردە قىسقىچە بايان قىلىپ ئۆتىمەن. كىتابتىكى مەزمۇن ئاتتىلانىڭ ئۆز ئاغزىدىن چىققان سۆز شەكلىدە تەسۋىرلەنگەن بولۇپ، مەنمۇ ئاشۇ شەكىلنى قوللىنىمەن. تۆۋەندىكىسى ئاتتىلانىڭ ئېيتقانلىرى. 
  
كۆپىنچە ۋاقىتلاردا، نۇرغۇن ئەللەرنىڭ لىدېرلىقى لىدېر بولۇپ ھۆكۈمرانلىق ئورنىغا چىقىشقا چۇشلۇق چوڭ-چوڭ پىلانى يوق، جاسارىتى كەمچىل ۋە ئىقتىدارى تۆۋەن شاھزادىلەرنىڭ قولىغا چۈشۈپ قالىدۇ. مۇشۇنداق قىزىقماسلىق، قورقۇنچاقلىق ۋە ئالغان ۋەزىپىسىگە چۇشلۇق قابىلىيەتلەرنىڭ بولماسلىقى ئۇلارنىڭ ھەر خىل ئىش-ھەرىكىتىدە نامايان بولىدۇ. بۇ خىل ئەھۋال ئاشۇنداق لىدېرلارنىڭ قول ئاستىدىكى ئادەملەرنىڭ ئىرادىسىنى بوشىتىپ، ئۇلارنى قايمۇقتۇرۇپ، دۈشمەننى كۈچلەندۈرۈۋېتىدۇ. 
  
باشقىلارغا يېتەكچىلىك قىلىش ئىستىكىنى ھەقىقىي تۈردە ئىسپاتلىغان قەبىلە باشلىقلىرىنى تاللاپ ئۆزلىرىگە لىدېر قىلىش ۋە ئۇلارغا ئەگىشىش بارلىق ھونلارنىڭ مەسئۇلىيىتى. بۇنداق لىدېرلار بىرىكمە خاراكتېرگە ئىگە بولمايدۇ. ئۇلار خۇددى ھونلار بىر-بىرسىدىن پەرقلىق بولغىنىدەك بىر-بىرىدىن پەرق قىلىدۇ. ئۇلار ئىنسانلارنىڭ بارلىق ئارتۇقچىلىقلىرى بىلەن لىق تولغان بولمايدۇ. ئۇلار نۇقسانسىز خاراكتېرگە ھەم ئىگە بولمايدۇ. ئەمما، لىدېرلىققا ھەقىقىي تۈردە ئىنتىلگەن ۋە ھەقىقىي تۈردە ئىرادە باغلىغان، باشقىلار ئۈچۈن خىزمەت قىلىشنى خالايدىغان لىدېرلارنى ئۇلارنىڭ ئەقىل-پاراسىتى، سەمىمىيىتى، مېھرىبانلىقى، ئابرۇيى ۋە ئىرادىسىگە قاراپ تولۇق پەرق ئەتكىلى بولىدۇ. ئۇلار ئىنسانلىق سۈپەتكە ئىگە بولىدۇ، ھەمدە ئۆزلىرى ئېلىپ بارماقچى بولغان ئىشقا ۋە ئۆزلىرى يېتەكلىمەكچى بولغان كىشىلەرنىڭ ئىشلىرىغا نىسبەتەن كۈچلۈك سادىقلىقى ۋە مەسئۇلىيەتچانلىقى بولىدۇ. 
  
بەزىلىرىڭلار ھازىر مەندىن مۇنداق سورىشىڭلار مۇمكىن: "ئاتتىلا، مەندە بىر قەبىلە باشلىقى بولۇشقا نىسبەتەن ئۈزەمدە يېتەرلىك ئىنتىلىش بار-يوقلىقىنى مەن قانداق بىلەلەيمەن؟" مەندىن مۇشۇنداق بىر ئىش ئۈستىدە مەسلىھەت ئېلىشنى ئارزۇ قىلىدىغانلارغا مەن تۆۋەندىكى ئىدىيەلىرىمنى سوۋغا قىلىمەن: 
--باشلىق بولۇشنى ئىستەيدىغان ئادەمدە چوقۇم باشقىلار تەرىپىدىن ناھايىتى يۇقىرى دەرىجىدە ئېتىراپ قىلىنىش ھەمدە ئاشۇنداق بىر ھالەتنى پەقەت ئادىللىق بىلەنلا قولغا كەلتۈرۈشتىن ئىبارەت تۇغما ئىستەك بولۇش كېرەك. بۇنداق تۇغما خاراكتېر باشقا بارلىق كىشىلىك خاراكتېرىدىن يۇقىرى تۇرىدۇ.
--سەندە خۇسۇسىي تەلەيسىزلىك، ئۈمىدسىزلەندۈرۈش، ئېتىراپ قىلىنماسلىق ۋە ئۈمىدسىزلىنىش قاتارلىقلارنى يېڭەلەيدىغان ئىقتىدارلار بولۇشى كېرەك.
--سەندە قول ئاستىڭدىكى كىشىلەرگە ياخشى چۈشەندۈرۈش ۋە ئۇلارغا ياخشى يول كۆرسىتىش ئارقىلىق ئېرىشكەن تىرىشچانلىقلار نەتىجىسىدە ئۆز مەسئۇلىيىتىڭنى ئەمەلگە ئاشۇرىدىغان جاسارەت، يېڭىلىق يارىتىشچانلىق ۋە چىداملىق بولۇشى كېرەك.
--مۇنداق بىر ھەقىقەتنى چۈشىنىشىڭ ۋە قوبۇل قىلىشىڭ كېرەك: سېنىڭ ئۇلۇغلۇقۇڭ سېنىڭ چېكىگە يەتكەن مىجەزىڭ ئارقىلىق بارلىققا كېلىدۇ.
--سېنىڭ باشلىق بولۇش ئىستىكىڭ چېكىدىن ئاشقان ئىنتىزارلىق ياكى تاقەتسىزلىك شەكلىنى ئالمىسۇن. ئۇنداق بولمايدىكەن سەن نۇرغۇن كىشىلەرگە مەغلۇبىيەت ئېلىپ كېلىسەن. سەن چوقۇم ئۆزۈڭنىڭ باشلىق بولۇش ئارزۇسىنى تەييارلىق، تەجرىبە-ساۋاق ۋە پۇرسەت ئارقىلىق پۇختىلاپ تۇرۇشنى خالايدىغان بول.
--شۇ نەرسە ئېسىڭدە بولسۇنكى، سېنىڭ ئۆز خىزمەت ئورنۇڭدا مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇش-بولماسلىقىڭ سېنىڭ ئۇزۇن مۇددەت ۋە ئىزچىل تۈردە قاتتىق ئىشلەشنى خالاش-خالىماسلىقىڭغا باغلىق.
--باشقىلارنىڭ قارشىلىقىغا ھەتتا جەڭ ئېلان قىلىشىغا ئۇچرىغان ۋاقىتتىمۇ قىلىۋاتقان ئىشىڭنى داۋاملاشتۇرىۋېرىدىغان ئىرادىگە ئىگە بول.
--مۇرەككەپ مەسىلىلەرنى كەڭ-كۆلەملىك ئەقەللىي ساۋاتلار ئارقىلىق بىر تەرەپ قىلىش ئىرادىسىگە ئىگە بول.
--باشقا قابىلىيەتلىك تەڭتۇشلىرىڭ ياكى قول ئاستىڭدىكى قابىلىيەتلىك كىشىلەرنى ئۆزۈڭگە بولغان تەھدىت، دەپ ھېسابلىما. ئۇنىڭ ئورنىغا، قابىلىيەتلىك قەبىلە باشلىقلىرىنى تاللاپ، ئۇلارنى پەقەت قول ئاستىدىكى كىشىلەر ناھايىتى كۈچلۈك بولغان قەبىلە باشلىقلىرىلا قىلالايدىغان ئىشلارغا سېلىش ئەقلىگە ئىگە بول.
--سەن ئۆزۈڭ خىزمەت قىلىۋاتقان ۋە ئۆزۈڭ يېتەكلەۋاتقان كىشىلەر ئۈچۈن باشقىلار تونۇپ يەتمىسىمۇ ۋە تەشەككۈر ئېيتمىسىمۇ ئۆزۈڭ شەخسىي بەدەل تۆلەشكە رازى بول.
--سەندە مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشقا نىسبەتەن يۇقىرى دەرىجىدىكى ئىنتىلىش ("پاسسىئون") بولسۇن. بۇ ئىنتىلىش ئۆزۈڭنى ۋە سەن يېتەكلەۋاتقان ھونلارنى ھەممە ئىشنى ئەڭ يۇقىرى دەرىجىدە ياخشى قىلىدىغان قىلىپ چېنىقتۇرىدىغان بولسۇن.
--سەن ئۆزۈڭگە يۈكلەنگەن خىزمەت ۋەزىپىسىنى ئورۇنلاش يولىدا يېڭى نەرسىلەرنى ئۆگىنىشنى، باشقىلارنىڭ سۆزىنى ئاڭلاشنى ۋە ئۆزۈڭنىڭ چۈشەنچىسى ۋە ئىقتىدارىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى خالايدىغان بول. كۆپىنچە ئەھۋالدا بۇنداق مەقسەتكە ئىنتايىن قاتتىق تىرىشچانلىق كۆرسەتمەي تۇرۇپ ۋە ئۆز مەنپەئەتىنى قۇربان قىلماي تۇرۇپ يەتكىلى بولمايدۇ.
--سەن ھەر قانداق ۋاقىتتا ئۆزۈڭنىڭ تەبىئىي ھالىتىنى ساقلاپ، باشقىلارغا ياردەم قىلىشتا ساختا ئىپتىخارلىقنى نامايان قىلما.
--سەن مۇنداق بىر ئاددىي ھەقىقەتنى قوبۇل قىلىشىڭ كېرەك: سېنىڭمۇ يېتەرسىزلىكىڭ بار بولۇپ، تۈنۈگۈنكىدىن ياخشىراق قەبىلە باشلىقى بولۇش ئۈچۈن سەن ھەر كۈنى تىرىشمىساڭ بولمايدۇ.
--ئاخىرىدا مەن ساڭا مۇنداق بىر نەسىھەتنى بېرىمەن: ئەگەردە سەن مەلۇم بىر خىزمەت ۋەزىپىسىنىڭ ھۆددىسىدىن مۇۋەپپەقىيەتلىك چىقىش ئۈچۈن زۆرۈر بولغان بەدەلنى تۆلەشنى خالىمىساڭ، ئۇنداق خىزمەت ۋەزىپىسىنى ھەرگىز قوبۇل قىلما. 

داۋامىنى كېيىنكى يازمىدىن كۆرۈڭ...
بايانات

«بىلگىلەر» يانبىلوگى مەخسۇس بىلگىلەرنىڭ ئېنتېرنېت تورىدا ئېلان قىلغان، باشقىلارغا ئۈمىد، ئىشەنچ بېغىشلايدىغان يازمىلىرىنى توپلاش ئارقىلىق ۋۇجۇدقا كەلگەن. مەقسەت تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرگە تېخىمۇ كۆپ مەنىۋىي ئوزۇق، ئىشەنچ، ئۈمىد ئاتا قىلىشقا ئۈندەش، ھەم كىشىلەرنىڭ يانبىلوگ ئارقىلىقلار داڭلىق ئالىملىرىمىزنىڭ نادىر يازمىلىرىدىن ئوزۇق ئېلىشىغا قولايلىق يارىتىشتىن ئىبارەت. ئەگەر يازمىلىرىڭىزنىڭ بىسوراق يوللانغانلىقىنى بايقاپ، ئاپتورلۇق ھوقۇقۇمغا دەخلى يەتتى دەپ قارىسىڭىز yanbilog@126.com غا ئەھۋال پاش قىلسىڭىز بولىدۇ، بىز ئەڭ تېز سۈرئەتتە تەدبىر قوللىنىپ، ئاپتورلۇق ھوقۇقىڭىزنى كاپالەتكە ئىگە قىلىمىز! ئورگان ئۈندىدار سۇپىمىز: yanbilog

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى