بىلگىلەر (بىلگەلەر) يانبىلوگى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

بىلىمخۇمار: ئۆتمۈشنى ئەسلەپ، كەلگۈسىگە نەزەر سېلىش (3-بۆلەك)

بىلىمخۇمار: ئۆتمۈشنى ئەسلەپ، كەلگۈسىگە نەزەر سېلىش (3-بۆلەك)

ۋاقتى: 2015-01-25 ئاۋاتلىقى: 2457 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

4. ئۆلىمالارنىڭ كوللېكتىپ قارارى 
مەن نېمە ئۈچۈن بۇ گەپلەرنى سىلەرگە دەيمەن؟ مېنىڭ مەقسىتىم سىلەرنى ئۆلىمالارغا بىھۆرمەتلىك قىلىشقا چاقىرىشمۇ؟ مەن ئاشۇنداق قىلىش ھەققىدە بىر بېشارەت بېرىشتىنمۇ ئاللاھنىڭ پاناھلىقىنى تىلەيمەن. بىزنىڭ پەيغەمبىرىمىز «ئۆلىمالار پەيغەمبەرلەرنىڭ ئىز باسارلىرى» دېگەن. مەن ھەرگىزمۇ سىلەرنى ئۆز زىيالىيلىرىڭلار بىلەن بولغان باغلىنىشنى ئۈزۈۋېتىشكە چاقىرىدىغان ئىشنى قىلمايمەن. ئەمما، مەن سىلەرگە مۇنداق بىر ئاددىي نۇقتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ قويماقچى: ئۆلىمالارمۇ ئىنسان بولۇپ، ئۇلار ئىلاھىي نەرسىلەر ئەمەس. ئۆلىمالار كوللېكتىپ ھالدا ئاللاھنىڭ ئەلچىلىرى ئالىدىغان رولنى ئالالايدۇ (Collectively they take on the job of Messangers). بۇ يەردىكى ھالقىلىق سۆز «كوللېكتىپ ھالدا» دېگەندىن ئىبارەت. ھەرگىزمۇ ئايرىم-ئايرىم ئەمەس. 

ئىلاۋە: يۇقىرىدىكى «ئۆلىمالار كوللېكتىپ ھالدا ئاللاھنىڭ ئەلچىلىرى ئالىدىغان رولنى ئالالايدۇ» دېگەن مەزمۇن ئەسلىدىكى لېكسىيە سىن ھۆججىتىنىڭ 32 مىنۇت 40 سېكۇنت ئۆتكەن يېرىدە. 

مەن يۇقىرىدا تەسۋىرلەپ ئۆتكەن باسما خەت، قەھۋە ۋە ھەزرىتى ئۆمەرنىڭ فىلىمى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىدە، گەرچە كۆپ سانلىق ئۆلىمالار ئۇلارنى ھارام دېگەن بولسىمۇ، ئاز ساندىكى ئۆلىمالار ئۇلارنى ھالال دېگەن. ئۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسىدە ھەرگىزمۇ ھەممە ئۆلىمالار بىردەك قوشۇلغان ھالدا قارار ئېلىنغان ئەمەس. ئاز بىر قىسىم ئۆلىمالاردىن تەركىب تاپقان بىر گۇرۇپپا كىشىلەر «ئازراق ئەمەلىيەتچان بولايلى. بۇ دېگەن ھالال» دەپ تۇرغان. 


5. بىز دۇچ كەلگەن مەسىلىلەر 
مەن بۇ يەردە ئايدىڭلاشتۇرماقچى بولغان نۇقتا مۇنداق: بىز ھازىر ئامېرىكىدا بىرەر مىليون رەڭگارەڭ مەسىلىلەر بىلەن ھەپىلىشىۋاتىمىز. بىزنىڭ ئالدىمىزدىكى مەسىلە يالغۇز بىرلا تېلېۋىزىيە مەسىلىسى ئەمەس، قەھۋە مەسىلىسىلا ئەمەس، يالغۇز بىرلا باسما خەت مەسىلىسىلا ئەمەس. بىزنىڭ ھەپىلىشىۋاتقىنىمىز كىلاسسىك كىتابلارنىڭ ئىچىدىن چارە تاپقىلى بولىدىغان مەسىلىلەر ئەمەس. بىز بىر دىنسىز ئىنسانپەرۋەر دېموكراتىيە ئىچىدە بىر ئاز سانلىقلار بولۇپ ياشاش سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان نۇرغۇن مەسىلىلەرگە دۇچ كېلىۋاتىمىز. بىز ئىمانلىق ئادەملەر ۋە ئۈممەتلەر بولۇشتىن كېلىپ چىققان مەسئۇلىيىتىمىز بىلەن ئامېرىكىلىق ۋە بىر دۆلەتنىڭ گراجدانى بولۇشتىن كېلىپ چىققان مەسئۇلىيىتىمىزنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇش ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتىمىز. بۇنداق جىددىي ۋەزىيەت كىلاسسىك ئىسلامدا مەۋجۇت بولۇپ باققان ئەمەس. بىزنىڭ ھۆكۈمىتىمىز بىزنىڭ باشقا جايلاردىكى مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىمىزنى ئۆلتۈرۈۋاتقان كىشىلەرگە ياردەم بېرىۋاتقاندا بىز قانداق قىلىشىمىز كېرەك؟ بىزنىڭ ھۆكۈمىتىمىز ئىسرائىلىيەنى قوللاۋاتقاندا بىز قانداق قىلىمىز؟ بىزنىڭ ھۆكۈمىتىمىز باشقا مۇسۇلمانلار زېمىنلىرىدا ئىنتايىن كۆپ خاتا ئىشلارنى قىلىۋاتقاندا بىز قانداق قىلىمىز؟ بىز مۇشۇ دۆلەتتىكى باج تاپشۇرىدىغان گراجدانلارمىز. بۇ سوئاللارغا بىرەر ئاسان جاۋاب مەۋجۇت ئەمەس. 

مېنىڭ دېمەكچى بولغىنىم، سىلەر ھازىرقى زامان ئۆلىمالىرىنىڭ ماھىيەت جەھەتتىن بۇرۇنقى مەسىلىلەر بىلەن زادىلا ئوخشىمايدىغان ھازىرقى زامان مەسىلىلىرى بىلەن ھەپىلىشىۋاتقانلىقىنى چۈشىنىشىڭلار كېرەك. بۇ مەسىلىلەر سىلەر ئىبىن تەيمىيە، ئىبىن كەسىر ۋە ئىبىن ھەجەرلەرنىڭ كىتابلىرىنى ئېچىپلا بىر مۇۋاپىق پەتىۋا تاپالايدىغان مەسىلىلەر ئەمەس. ھازىر ۋۇجۇدقا كەلگەن ئەھۋال شۇكى، ئاساسىي ئېقىم ھەرىكەتلىرىنىڭ كۆپىنچىسى ئۆزلىرىنىڭ ئىسلامغا بولغان تونۇشى بىلەن پايدىلىنىش نۇقتىسىنى بىزنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىمىز بىلەن ئېھتىياجىمىزنى قىلچە چۈشەنمەيدىغان بىر گۇرۇپپا كىشىلەرگە مەركەزلەشتۈرگەن ئاساستا مۇستەھكەملىۋالدى. ئامېرىكىدىكى بىر قىسىم مۇسۇلمانلار پەقەت ھىندىستان ۋە پاكىستاندىكى ئۆلىمالاردىن تەلىم سورايدۇ. ئامېرىكىدىكى سەلەفىلەر سەئۇدى ئەرەبىستاندىكىلەردىن تەلىم سورايدۇ. ئامېرىكىدىكى مىسىرلىقلار ئەزھەرىدىن تەلىم سورايدۇ. ھەر بىر گۇرۇپپا كىشىلەرنىڭ بىردىن ئايرىم-ئايرىم پايدىلىنىش نۇقتىسى بار بولۇپ، ئىسلامنى ئۆزلىرىنىڭ ئايرىم-ئايرىم پايدىلىنىش نۇقتىسىدىن ئالىدۇ. ئەمەلىيەت شۇكى، ئۇلاردىن كەلگەن ئىسلامنى شەرتسىز قوبۇل قىلساق بولمايدۇ. بۇنىڭ سەۋەبى، ئۇلار بىزنىڭ تۇرمۇشىمىزنى كەچۈرمەيدۇ. ئۇلار بىزنىڭ ئەھۋالىمىزنى چۈشەنمەيدۇ. 

6. ئۆينىڭ ئۇلى بىلەن ئۆي جابدۇقلىرى 
سىلەرنىڭ بۇ مەسىلىنى تېخىمۇ ياخشىراق چۈشىنىۋېلىشىڭلار ئۈچۈن مەن بۇ يەردە سىلەرگە بىر سېنارىيەنى بايان قىلىپ ئۆتەي. سىز ئامېرىكىغا كۆچمەن بولۇپ كەلگىلى ناھايىتى ئۇزۇن ۋاقىت بولغان بولۇپ، ھازىر ئاتا-ئانىڭىزدىن مىراس قالغان ئۆيدە ئولتۇرىسىز. سىز ئۆينىڭ ھەممە نەرسىلىرىگە كۆنۈپ كەتكەن. ئۆينىڭ ئىچىدىكى سايمان-جابدۇقلارغا، چىراغ ۋە ئۇنىڭ ئورنىغا، ئۆگىنىش ئۆيى ۋە ياتاق ئۆيلىرىگە ناھايىتىمۇ كۆنۈپ كەتكەن بولۇپ، سىز بۇ ئۆينىڭ ئىچىدە ناھايىتىمۇ راھەتلىك ھېس قىلىسىز. بۇ ئۆي، يەنى ئۇنىڭ ھازىرقىدەك قۇرۇلۇش لايىھەسى ۋە جابدۇق-سايمانلىرى قوشۇلۇپ، ئىسلامغا ۋەكىللىك قىلسۇن. بۇ ئۆي سىزگە مۇشۇ بويىچە مىراس قالغان بولغاچقا، سىز ئۇنىڭدا راھەت ھېس قىلىسىز. 

ئەمدى سىزنىڭ قوشنىلىرىڭىز ۋە ئۆي باشقۇرۇش ئىدارىسى سىزنىڭ ئۆيىڭىزنىڭ تۇرقىنى ياقتۇرماي، شۇنىڭ بىلەن سىز بىلەن ئۇلار ئوتتۇرىسىدا بىر ئاز سۈركىلىش پەيدا بولدى، دەيلى. قوشنىلار بىلەن ئۆي باشقۇرۇش ئىدارىسى ئەمدى غەرب دۇنياسىنى كۆرسىتىدۇ. ئۇلار بىلەن سىلەرنىڭ ئۆي ئوتتۇرىسىدا زىددىيەت پەيدا بولۇپ، ئۇلار سىلەرنىڭ ئۆيۈڭلار بار رايونغا بىر يېڭى قائىدە-تۈزۈم چىقارماقچى بولىدۇ. بۇ قائىدە-تۈزۈملەرنىڭ بەزىلىرى ئادىل بولۇپ، بەزىلىرى ئادىل ئەمەستەك تۇيۇلىدۇ. ئۆي باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ بەزى ئادەملىرى ھەتتا ئۆيىڭىزنى چېقىپ تاشلىماقچى بولىدۇ. ئۇلار ئامېرىكىدا سىزنىڭ ئۆيىڭىزنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىنى خالىمايدۇ. 
ئەمدى بۇ سېنارىيەگە يەنە بىر ئېلېمېنتنى قوشايلى. سىزنىڭ بىر كىچىك ئوغلىڭىز بار بولۇپ، ئۇ مۇشۇ ئۆيدە چوڭ بولغان. ئەمما ئۇ ئۆينىڭ ھازىرقىدەك بېزىلىشىنى ئانچە ياقتۇرۇپ كەتمەيدۇ. ئوغلىڭىز باشقىلارنىڭ ئۆيلىرىنى كۆرگەن. قوشنىلارنىڭ ئۆيلىرىنى كۆرگەن. شۇڭا ئۇ بىر قىسىم نەرسىلەرنى ئۆزگەرتىشنى ئىستەيدۇ. ئۇ ھازىر ئىسكىلات قىلىپ ئىشلىتىۋاتقان ئۆينى ئۆزى ئۈچۈن ئۆگىنىش ئۆيى قىلىشنى ئىستەيدۇ. ئۇ ئۆزىنىڭ ئۆيىدە ھازىر ئىشلىتىۋاتقان چىراغنى «كونا پاسوندا ئىكەن» دەپ ياقتۇرمايدۇ. ئۇ «بىر يېڭى كارىۋات ئالغۇم بار»، دەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن سىزدە بىر قىسىم ئەندىشىلەر پەيدا بولىدۇ: ئەگەر سىز ھەر قېتىم ئۇنىڭغا «ياق، ياق» دەۋەرسىڭىز، ئۇ ئون نەچچە ياشقا كىرگەندە، ئۆزى بىر خىزمەت تېپىپ، ئۆيدىن چىقىپ كېتىدۇ. بۇ يەردە «ئۆيدىن چىقىپ كېتىش» دېگىنىمىز «ئىسلامدىن چىقىپ كېتىش» دېگەننى بىلدۈرىدۇ. شۇڭا سىز ئۇنىڭ بىلەن مەلۇم بىر پۈتۈشۈم ھاسىل قىلىشىڭىز كېرەك. يەنى، سىز ئۆينى ساقلاپ قېلىشىڭىز، بالىلىرىڭىزنى سىز بىلەن داۋاملىق بىللە تۇرىدىغانغا كاپالەتلىك قىلىشىڭىز، ھەمدە ئۆي باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ ئۆيىڭىزنى ئۆزىڭىز تونۇيالمايدىغان دەرىجىدە ۋەيران قىلىۋېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشىڭىز كېرەك. 
سۆيۈملۈك قېرىنداشلار، مەن بۇ يەردە ئايدىڭلاشتۇرماقچى بولغان نۇقتا ئىنتايىن ئېنىق: بىز ئۆينىڭ ئۇلى بىلەن ئۆينىڭ ئىچىدىكى سايمان-جابدۇقلارنى پەرقلەندۈرۈشىمىز كېرەك. بىز ئۆينىڭ قۇرۇلمىسى بىلەن ئۆي-سايمانلىرىنى پەرقلەندۈرۈشىمىز كېرەك. بىزدىكى مەسىلە، بىزنىڭ نۇرغۇن كىشىلىرىمىز ئۆي بىلەن ئۆي ئىچىدىكى سايمانلارنى پەرقلەندۈرمەيدۇ. ئەگەر ئوغلىڭىز بىر يېڭى كارىۋات ئالسا، ئۇ ئۆينى ۋەيران قىلىۋېتەمدۇ؟ ياق. ئەمما بەزى ئۆلىمالار ئىسلاھات قىلىشنى، مەسىلەن، كارىۋاتنى ئۆزگەرتىشنى، ئوتتۇرىغا قويسا، باشقا ئۆلىمالار ئۇلارنى بىر دەمدىلا «ھە، سەن سىرتتىكى ئاشۇ ئادەملەردەك ئۆينى ئۆرۈۋەتمەكچى بولۇۋاتامسەن؟» دەپ ئەيىبلەيدۇ. 

مانا بۇ ھازىر نۇرغۇن كىشىلەر دۇچ كېلىۋاتقان مەسىلە بولۇپ، ئاشۇ كىشىلەرنىڭ ئىچىدە مەنمۇ بار. بىز ئازراق ئۆزگىرىش ھەققىدە گەپ باشلىساقلا، بىر قىسىملار كېلىپ «سىلەر سىرتتىكى ئاشۇ كىشىلەردەك ئۆينى ئۆرۈۋەتمەكچى بولۇۋاتامسىلەر؟» دەيدۇ. بۇ يەردىكى مەسىلە شۇكى، بۇ كىشىلەر ئۆينىڭ لايىھەسى ۋە قۇرۇلمىسى بىلەن ئۆينىڭ ئىچىدىكى ئۆي جابدۇقلىرىنى ئارىلاشتۇرۇپ قويغان. ئۆينىڭ ئۇلى بىلەن لامپىنىڭ ئورنىنى ئارىلاشتۇرۇپ قويغان. بۇنىڭ مىساللىرى ئىنتايىن كۆپ. 

مەن بىر مىسال ئالاي. بەزى كىشىلەر «ئەل مەغرىب ئىنستىتۇتى قىزلار بىلەن ئوغۇللارنىڭ ئوخشاش بىر زالنىڭ ئىچىدە ئوقۇشقا يول قويۇپ، بەك لىبېرال (liberal) بولۇپ كەتتى»، دەيدۇ. بىزنىڭ ئاتا-بوۋىمىزنىڭ ۋاقتىدا قىز-ئوغۇللار بىر زالنىڭ ئىچىدە ئوقۇمىغىنى راست. يەنە بىر تەرەپتىن، لىبېرال كىشىلىرىمىز «سىلەر يېتەرلىك دەرىجىدە لىبېرال بولمىدىڭلار. سىلەر مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ئىسلام مەركىزىدە ئەر-ئاياللارنى ئايرىيسىلەر، ئەمما مەكتىپىڭلاردىكى سىنىپ-زاللاردا ئۇنداق قىلالمايسىلەر»، دەيدۇ. سىلەرمۇ بىلىسىلەر، مەكتەپلەردە قىز-ئوغۇللار ئايرىپ ئوقۇتۇلمايدۇ. شۇنىڭ بىلەن بەزىلەر «سىلەر ئىككى خىل ئۆلچەم بىلەن ئىش كۆرۈۋاتىسىلەر»، دەيدۇ. 
بىزنىڭ مەكتەپكە يېقىندا بىر يېڭى ئايال ئوقۇتقۇچى قوبۇل قىلدۇق. ھازىر فېيىسبۇك (Facebook) تىكى ئۇچۇرلارغا قاراپ بېقىڭلار. بەزىلەر تەنقىد قىلىۋاتقان. بەزىلەر مەدھىيە ئوقۇۋاتقان. بەزىلەر «سىلەر نېمىشقا پەقەت قىز ئوقۇغۇچىلارنىڭلا سىنىپىنى تەشكىل قىلىسىلەر؟» دەيدۇ. يەنە بەزىلەر «ئەلھەمدۇلىللا، بۇلار قىزلار سىنىپى ئېچىپتۇ»، دەيدۇ. ھەممە كىشىلەرنى تەڭلا رازى قىلىش مۇمكىن ئەمەس. 
بۇ يەردىكى مەسىلە، بىز ئۆلىمالارنىڭ ۋەزىپىسى ئەھۋاللارنى تەكشۈرۈپ، قايسى ئۆينىڭ ئۇلىغا، قايسى ئىش ئۆينىڭ ئىچىدىكى جابدۇق-بۇيۇملىرىغا تەۋە ئىكەنلىكىنى ئايرىپ چىقىشتۇر. 

7. ئىسلام رەڭدارلىققا يول قويىدۇ
بىز «ئىسلامدىن پەقەت بىرسىلا بار، ئۇ بولسىمۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىسلامىدۇر»، دەپ ئۆگەندۇق. سۆيۈملۈك قېرىنداشلار، بۇ سۆزلەر قۇلاققا ئىنتايىن ياخشى ئاڭلىنىدۇ. ئەمما، بۇ يەردىكى مەسىلە، «ئىسلامدىن پەقەت بىرسىلا بار» دېگەن سۆزنىڭ مەنىسى نېمە؟ ئىسلام ۋە قۇرئاندىن پەقەت بىرسىلا بار، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋە سۈننەتتىن پەقەت بىرسىلا بار، بۇلارغا بىزمۇ قوشۇلىمىز. ئەمما، بىز كۆرگەن ئەمەلىيەت شۇكى، ئەڭ دەسلىپىدىن باشلاپلا ئىسلامنىڭ يېشىمىدىن كۆپ خىللىرى تەڭلا مەۋجۇت بولغان. بولۇپمۇ فىقھى جەھەتتە شۇنداق بولغان. مەسىلەن، ئاللاھ بىزگە ئەر ۋە ئاياللارنىڭ قانداق كىيىنىشى كېرەكلىكىنى دەپ بەرگەن. ئەرلەرگە بەلگىلەپ بەرگەن كىيىملەر بار ۋە ئاياللارغا بەلگىلەپ بەرگەن كىيىملەرمۇ بار. ئەمما، ئىسلام قەيەرگە يېتىپ بارسا، شۇ يەرنىڭ كىشىلىرى لايىھە ئۈچۈن ئاللاھ بەلگىلەپ بەرگەننى ئىشلىتىپ، رەختلەرنى ئۆزلىرىنىڭ مەدەنىي ئۆرپ-ئادەتلىرىگە ئاساسەن كەسكەن. مالايسىيادىكى ھىجاب تىمبۇكتۇدىكى ھىجابلارغا زادىلا ئوخشىماسلىقىنىڭ سەۋەبى ئەنە شۇ. شەرقىي ئافرىقىدىكى ھىجابلار بىلەن ئافغانىستاندىكى ھىجابلارنىڭ بىر-بىرىگە قەتئىي ئوخشىماسلىقىدىكى سەۋەب ئەنە شۇ. سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى ھىجابلار بىلەن مىسىردىكى ھىجابلارنىڭ بىر-بىرىگە قەتئىي ئوخشىماسلىقىدىكى سەۋەب ئەنە شۇ. ئىسلام مۇشۇنداق رەڭدارلىققا يول قويىدۇ. 

ئىسلامنىڭ بىر ئىكەنلىكى راست. ئاللاھ ئەرلەرگە مانى قىل، ئاياللارغا مانى كەي، دەپ بەلگىلەپ بەرگىنى راست. ئەمما، ئىسلام بىر يېڭى زېمىنغا كىرگەندە، ئۇ ئاشۇ زېمىندىكى كىشىلەرنىڭ شەرىئەتتىكى تېكىستلەرگە ئاساسەن ئىسلامنى ساغلام ھالدا يېڭىچە چۈشىنىشىگە يول قويغان. بۇنىڭ مىساللىرى ئىنتايىن كۆپ. مەسىلەن، مېنىڭ ھازىرقى كىيىنىشىمنى كۆرگەن بەزى كىشىلەر ھازىرلا مېنىڭ ئۆلىمالىق سالاھىيىتىمنى ئېلىپ تاشلايدۇ. ئۇلار «سەن بىر شەيخ بولالمايسەن. قارا كىيىۋالغىنىڭنى؟ سېنىڭ بۇنداق كىيىنىشىڭ سۈننەتكە خىلاپ كېلىدۇ. سۈننەت ئۇچىغا بىر يەكتەك  (kurta) كىيىش ۋە بېشىغا بىر ئاق سەللە يۆگىۋېلىشنى تەلەپ قىلىدۇ» دەيدۇ. ئەمەلىيەت شۇكى، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئۆز ئۆمرىدە ئۇنداق يەكتەك  تىن بىرەرنى كۆرۈپ باقمىغان. بېشىغا ئۇنداق ئاق سەللىنى بىرەر قېتىممۇ يۆگەپ باقمىغان. ئىبىن قەييۇم (Muhammad Ibn Abu Bakr, Ibn al-Qayyim) نىڭ دېيىشىچە، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننىتىنىڭ كىشىلەردىن تەلەپ قىلىدىغىنى ئۆز خەلقىنىڭ كىيىمىنى كىيىشتىن ئىبارەت (dress the cloth of his own people). چۈنكى، بىزنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۆز ئەتراپىدىكى ئەرەبلەر نېمە كىيگەن بولسا، شۇنى كىيگەن. شۇڭا ئەگەر سىز سۈننەت بويىچە ئىش قىلماقچى بولىدىكەنسىز، سىز چوقۇم ئۆز مەدەنىيىتىڭىزگە ئۇيغۇن كېلىدىغان كىيىملەرنى كىيىشىڭىز كېرەك. مېنىڭ كىيگىنىم بىزنىڭ مەدەنىيىتىمىزگە ئۇيغۇن كېلىدۇ. بۇ مېنىڭ شەخسىي پىكرىم.

ئەمما، بەزى كىشىلەر ئىسلامنى ئۆزلىرىنىڭ ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ چۈشەندۈرۈشى بويىچە چۈشەندۈرىدۇ. چىراغ ئۆينىڭ ئىچىدىكى كارىدورغا قۇيۇلغان بولۇپ، مەن ئۇنى ماۋۇ بىر يېڭى ئۆيگە يۆتكەيلى، دېسەم، ئۇلار «ياق، ياق، ياق. سەن ئۆينى ۋەيران قىلىۋېتىسەن»، دەيدۇ. مانا بۇ بىر مەسىلىدۇر. كىشىلەر ئىسلامنىڭ ئاساسى بىلەن ئۇنىڭ ئۆزگەرتسە بولىدىغان قىسمىنى ئايرىپ قارىمايۋاتىدۇ. بۇنىڭغىمۇ مىساللار ئىنتايىن كۆپ.

مەن مۇشۇنداق ئىدىيەدە بولغىلى ھازىر 10 يىلدىن ئاشتى. ئەمما بۇ گەپلەرنى مەن ئاممىۋى سورۇنلاردا ئانچە كۆپ دەپ كەتمىدىم. سەۋەبى، كىشىلەر بۇنداق سۆزلەرگە تېخى ئانچە ئادەتلەنمىدى. مەن بىر ئەقىدىشۇناس، بىر ئەقىدە مۇتەخەسسىسى بولۇش سالاھىيىتىم بىلەن سەمىمىي ھالدا مۇنداق قارايمەن: كىشىلەر ئۆز ئۆيىدە تۇغۇلغان كۈنى ۋە توي قىلغان كۈنى قاتارلىقلارنى تەبرىكلىسە بولۇۋېرىدۇ. شەرىئەتتە بۇ ھەقتە ھېچ قانداق مەزمۇن يوق. بۇ ئىشلار ھالال بولۇپ، ئۇنداق بولۇشىدىكى سەۋەب ئۇلار شەرىئەتتە چەكلەنگەن ئەمەس. 

مەن يۇقىرىدىكى سۆزلەرنى قىلغاندىن كېيىن، بەزىلەر «ئۇنىڭدىن كېيىنچۇ؟ ئەمدى سەن ھاراقنىمۇ ھالال دېمەكچىمۇ؟» دېيىشتى. مەن ئەر-خوتۇنلارنىڭ توي قىلغان كۈنىنى تەبرىكلەشكە يول قويسام، ئۇلار «ئەمدى سەن كېيىنكى قېتىمدا ھاراقنىمۇ ھالال قىلماقچىمۇ؟» دېيىشتى. بۇ خىلدىكى روھىي ھالەت بىلەن قەھۋەنى ھارام دېگەن ۋاقىتتىكى روھىي ھالەت ئوخشاشتۇر. 

سۆيۈملۈك قېرىنداشلار، مەن سىلەرگە بۇ گەپلەرنى نېمە ئۈچۈن دەيمەن؟ مەنمۇ ئۆز ئۆمرۈمدە ھاياتنىڭ بىر قانچە ئوخشىمىغان جەريانلىرىنى بېسىپ ئۆتتۈم. مەن ھازىرچە تېخى بىر پېشقەدەملىك يېشىغا كىرگەن ئادەم ئەمەس. مەن ھازىرچە يەنىلا بىر ياش ئادەم ھېسابلىنىمەن. يىگىرمە يىلنىڭ ئالدىدا مەنمۇ ئىسلامغا ئىنتايىن تار دائىرە ئىچىدە قارايتتىم. ئىسلام دېگەن ياكى ئاق، ياكى قارا دەپ ئىنتايىن ئېنىق ئايرىلىشى كېرەك، دەپ ئويلايتتىم. ئەمما، ئادەمنىڭ سەرگۈزەشتلىرى سىزگە كىتابتىن ئۆگەنگىلى بولمايدىغان نەرسىلەرنى ئۆگىتىدىكەن. جەمئىيەت ئىچىدە ياشاپ، كىشىلەرنىڭ تومۇرلىرى قانداق سوقۇۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، ئۈممەتلەرنىڭ رېئال ھالىتىنى كۆرۈش ئارقىلىق، سىز كىتابلار سىزگە مەڭگۈ ئۆگىتەلمەيدىغان بىر قىسىم ھېكمەتلەرنى ئۆگىنىۋالالايدىكەنسىز. بىر ئالىم، بىر شەيخ، بىر مۇراببىنىڭ ۋەزىپىسى ئىسلامنى كىشىلەرنىڭ سەۋىيەسى قوبۇل قىلالايدىغان بىر دەرىجىگە ئەكېلىپ بېرىش، ئىسلامنى رېئاللىققا ئۇيغۇن كېلىدىغان، ئەمەلىي تۇرمۇشتا قوللانغىلى بولىدىغان، ئەمەلىيەتتە قىلغىلى بولىدىغان بىر ھالەتكە ئەكېلىپ بېرىشتۇر. 


8. بۇنىڭدىن كېيىن ئەمەل قىلىشقا تېگىشلىك 5 قائىدە
شۇڭلاشقا، مەن بۇ لېكسىيەنى تۆۋەندىكى 5 نۇقتىنى كۆرسىتىپ ئۆتۈش بىلەن خۇلاسىلەيمەن. يۇقىرىقىدەك زىددىيەتلىك مەسىلىلەرگە دۇچ كەلگەندە، مەن سىلەرنىڭ تۆۋەندىكى 5 قائىدىگە ئەمەل قىلىشىڭلارنى سورايمەن: 
(1) ئىسلامدا ئۆزگەرسە بولمايدىغان نەرسىلەر، مۇتلەق نەرسىلەر، ياكى ئۆينىڭ ئۇلى قايسى ئىكەنلىكىنى ئىنتايىن ئېنىق بىلىۋېلىشىمىز كېرەك. ئۆينىڭ ئۇلىنى ئۆزگەرتىشكە يول قويۇلمايدۇ. ئۇنداق قىلىشقا قەتئىي بولمايدۇ. ئۆينىڭ ئۇلى، ئۆينىڭ گەۋدىسى ۋە ئۆينىڭ قۇرۇلمىسىنى ھەقىقەتەنمۇ بىزنىڭ خۇدايىمىز (our Lord) بىزگە چۈشۈرۈپ بەرگەن. ئۇلار ئۆينىڭ ئىنتايىن مۇستەھكەم ئۇلى. يەنى ئاللاھقا بولغان ئېتىقاد، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا بولغان ئېتىقاد، ئاللاھنىڭ ئىسىملىرى، قەدىر، قۇرئاندىكى مەزمۇنلار ئاللاھنىڭ سۆزلىرى ئىكەنلىكى، مانا بۇلار تاشتەك ئۇيۇپ كەتكەن نەرسىلەر بولۇپ، بىز ئۇلارنى ئۆزگەرتسەك قەتئىي بولمايدۇ. بىز ئۇلارنى ئۆزگەرتىشكە ئۇرۇنساق قەتئىي بولمايدۇ. بىز ئۇلارنى مەڭگۈ ئۆزگەرتەلمەيمىز. ئەمما، ئۆزگەرتسە بولىدىغان نەرسىلەرمۇ بار. بىز ئۆينىڭ ئۇلى بىلەن ئۆي ئىچىدىكى ئۆي-سايمانلىرىنى ئايرىۋېتىشىمىز كېرەك. بىز ئۆي ئىچىدىكى ئۆي-سايمانلىرىنى ئۆزگەرتسەك بولىدۇ. 
(2) بۇ يەردە مۇنداق بىر سوئال تۇغۇلىدۇ: مەڭگۈ ئۆزگەرمەيدىغان نەرسىلەر قايسى، بىز ئۇنى قانداق بىلەلەيمىز؟ بۇ مەسىلە بىر ئاكادېمىيەلىك مەسىلە بولۇپ، بۇ توغرىسىدا بۇ يەردە تەپسىلىي توختىلىش مۇۋاپىق ئەمەس. ئەمما، بۇنى بىلىشنىڭ ئەڭ ئاسان ئۇسۇلى مۇنداق: پۈتۈن ئۈممەتلەرنىڭ بارلىق ئۆلىمالىرى بىر يەرگە كېلىپ، مەلۇم بىر نەرسە ھەققىدە ئۇنى «ھارام» دەپ قارار ئالسا، ئۇ نەرسە ھارام بولىدۇ. بارلىق ئۆلىمالار كوللېكتىپ ھالدا مەلۇم بىر نەرسىنى ھارام دېسە، ئۇ نەرسە ھارام بولىدۇ. بۇ يەردىكى «كوللېكتىپ ھالدا» دېگەن سۆز ئىنتايىن مۇھىم. مەلۇم بىر نەرسە ئايدىڭ بولمىغاندا، سىز ئۆلىمالار بىرلىككە كەلگەن قارارنىڭ نېمە ئىكەنلىكىگە قارىشىڭىز كېرەك. مەسىلەن، ئەر-ئاياللار بىللە ئوقۇغان نامازنى بىر ئايال يېتەكلىسە بولمايدۇ. بۇ ھەقتە بىر ئىجما (بارلىق ئۆلىمالارنىڭ قوشۇلۇشى بىلەن ئېلىنغان قارار ياكى ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈلگەن قانۇن) بار بولۇپ، ئۇنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ئىجما سۈننىي قانۇنلىرىنىڭ مەنبەسىدۇر.
(3) داۋاملىق كۆز قارىشىنى دادىللىق بىلەن ئوتتۇرىغا قويىدىغان، ئىلغار پىكىرگە ئىگە بىر گۇرۇپپا زىيالىيلار مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ. رەسمىي زىيالىيلىق سالاھىيىتىگە ئېرىشكەن، ئەنئەنىنىڭ سىرتىدىن كەلمىگەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بولغان، ئەنئەنىنىڭ ئىچىدە يېتىشىپ چىققان، ئەمما كۆز-قارىشى شۇ ۋاقىتتىكى ئاساسىي ئېقىمنى تەشكىل قىلغان كونسېرۋاتىپ ئاممىنىڭ كۆز-قارىشى بىلەن ئوخشاش بولمىغان زىيالىيلار داۋاملىق مەۋجۇت بولىدۇ. بۇنداق زىيالىيلارنىڭ سانى بەزىدە ناھايىتى ئاز بولىدۇ، ئەمما ئۇنداقلار ھەرگىزمۇ مەۋجۇت ئەمەس بولۇپ قالمايدۇ. مەسىلەن، ھېلىقى MBC ۋىدېئوسىنىڭ ئىشىدا ئۆلىمالارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى ئۇنى ھارام دېدى. لېكىن، سۈننىلەر ئۇنىڭغا پەرۋا قىلماي، بۇ ۋىدېئونى كۆرۈۋەردى. مۇشۇ ئىشتىمۇ ئىلغار پىكىرلىك ۋە رېئالىستىك ئۆلىمالار مەۋجۇت بولغان بولۇپ، ئۇلار «بۇ مەسىلىدە بىرەر ئىش كۆرمىسەك بولمايدۇ»، دەپ قارىدى. ئۆزىڭىز ئىشىنىدىغان بىر ئالىمنى تاللاش سىزنىڭ ئۆز ئىشىڭىز. سىز قىيامەت كۈنى ئاللاھنىڭ ئالدىغا بارغاندا ئاللاھقا مۇنداق دەيسىز: «ئاللاھ، مەن بىر ئالىم ئەمەس. شۇڭا مەن پوكۇنى ئالىمغا ئەگەشتىم. ئۇ ماڭا نېمىنىڭ ھالال، نېمىنىڭ ھارام ئىكەنلىكىنى دەپ بەردى. مەن ئۇنىڭ كەسپىي بىلىمىگە ئىشىنىپ، ئۇنىڭغا ئەگەشتىم.» بۇنداق ئالىمنى سىز ئۆزىڭىز تېپىشىڭىز كېرەك. قېرىنداشلار، سىلەر ئۆزۈڭلارنى نېمە دەپ ئاتىساڭلار ئاتاڭلار، قانداق ھەرىكەتكە قاتناشساڭلار قاتنىشىۋېرىڭلار، لېكىن، ئىسلام ئاشۇ ھەرىكەتلەرنىڭ ھەممىسىنى بېسىپ چۈشىدۇ، ياكى ئىسلام ئاشۇ ھەرىكەتلەرنىڭ ھەممىسىدىن ئېشىپ چۈشىدۇ (transcend). بۇ بىر پاكىت. 
(4) ئۆزىڭىز ئۈچۈن بىر زىيالىي تاللىغاندا، سىزنىڭ تۇرمۇشىڭىز بىلەن ئوخشاش تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتقان، ئۆزىڭىزنىڭكى بىلەن ئوخشاش ھاياتتا ياشاۋاتقان، سىزنىڭ زېمىنىڭىزدا، سىزنىڭ مەدەنىيىتىڭىزنىڭ ئىچىدە، ۋە سىزنىڭ جەمئىيىتىڭىزدە ياشاۋاتقان بىر زىيالىينى تاللاڭ. بۇ مېنىڭ سىزگە بېرىدىغان بىر تەكلىپىم. ھازىر ئىسلامدا نۇرغۇن ھەرىكەتلەر بار بولۇپ، ئۇلار ئىسلامنى بىر ئادەم ئۈمىد قىلغاندەك دەرىجىدە تارقىتالمايۋاتىدۇ. بۇنىڭ بىر سەۋەبى ئۇلار پەتىۋالارنى ئۆزلىرىنىڭ قېشىدىكى زىيالىيلاردىن ئەمەس، ئۆزلىرىنىڭ ئەسلىدىكى يۇرتىدىكى ياكى ئەسلىدىكى دۆلىتىدىكى زىيالىيلاردىن ئېلىۋاتقانلىقىدىندۇر. بۇ يەردىكى بىر قىسىم كىشىلەر پەتىۋانى مىسىردىن ئەكەلدۈرىدۇ، بىر قىسىملار پاكىستاندىن ئەكەلدۈرىدۇ، يەنە بىر قىسىملار بولسا سەئۇدى ئەرەبىستاندىن ئەكەلدۈرىدۇ. ئۇلارنىڭ بۇ قىلغىنى كىشىگە خۇددى بىزنىڭ ئەھۋالىمىزنى پەقەت ئاشۇ زىيالىيلارلا چۈشىنىدىغاندەك بىر تۇيغۇنى بېرىدۇ. ئەمما، ھازىرقى پاكىت شۇكى، ئۇ زىيالىيلار ئۆز جەمئىيىتى ئۈچۈن ئۇلۇغ كىشىلەر بولۇپ، ئۇلار ئۆز جەمئىيىتىنى ئوبدان چۈشىنىدۇ. ئەمما، سىز بىر دىنسىز دېموكراتىيە ئىچىدە ياشاۋاتقان كىشىلەر ئۈچۈن دىنسىز دېموكراتىيە ئىچىدە زادىلا ياشاپ باقمىغان بىر زىيالىيدىن پەتىۋا چىقىرىپ بېرىشنى تەلەپ قىلسىڭىز ھەرگىزمۇ بولمايدۇ. سىز ئۆزىڭىزنىڭ ئوخشاش جىنسلىقلار بىلەن مۇھەببەتلىشىدىغان بىر قوشنىڭىزغا قانداق مۇئامىلە قىلىش ئىشىدا ئۆز ئۆمرىدە بىرەر ئوخشاش جىنسلىقلار بىلەن مۇھەببەتلىشىدىغان ئادەمنى كۆرۈپ باقمىغان زىيالىيدىن پەتىۋا سورىسىڭىز بولمايدۇ. بۇنداق ئىشلاردا چوقۇن ئىنسانلىق ئېلېمېنتلىرى ۋە تەجرىبە-ساۋاقلار بەلگىلىك رول ئوينىشى كېرەك. ئەقىلنىڭ كۆپىنچىسى ئەمەلىيەتتىن كېلىدۇ. ئۇلار ھەرگىزمۇ كىتابلاردىن كەلمەيدۇ. بۇنى بىر ئومۇمىي قانۇنىيەت سۈپىتىدە ئەستە تۇتۇڭ. ئەقىلنىڭ كۆپىنچىلىرى ھاياتتىن كېلىدۇ، كىتاب ئوقۇشتىن ئەمەس. سىز رېئاللىققا نەزەر تاشلاپ، ئاندىن «مېنىڭچە بۇنىڭ توغرا بولۇشى مۇمكىن ئەمەس» دەيسىز. شۇڭلاشقا، مېنىڭ شەخسىي تەكلىپىم، سىز زىيالىيلارنى ئۆزىڭىز ياشاۋاتقان يەردىن ئىزدەڭ. 
مەن بۇ يەردە سىلەرگە بىر ھېكايە سۆزلەپ بېرەي. سەئۇدى ئەرەبىستانلىق داڭلىق شەيخ ئابدۇلئەزىز ئەل-فاۋزان (Abd Al-Aziz Fawzan Al-Fawzan) [3] ئامېرىكىغا كېلىپ 5-6 يىل ياشاپ، ئاندىن قايتىپ كەتتى. مەن ئۇنىڭ بىلەن ئەنگلىيەدە كۆرۈشكەندە، ئۇنىڭغا مۇنداق دېدىم: «شەيخ، بىز پەتىۋالارنى ئۆزىمىز ياشاۋاتقان يەردە چىقىرىشىمىز، ئۇنى سىرتتىن ئەكىرمەسلىكىمىز كېرەك.» بۇ گېپىمگە قارىتا ئۇ مۇنداق دېدى: «ياسىر، سىزنىڭ دېگىنىڭىز پۈتۈنلەي توغرا. مەن ئامېرىكىدا 6 يىل ياشىدىم. شۇ 6 يىل جەرياندا مەن ئامېرىكىغا كەلگەن دەسلەپكى يىلى بۇ يەرنىڭ ئەھۋالىنى ئانچە بىلمەي تۇرۇپ چىقارغان پەتىۋالارنى كېيىنكى يىللىرى كۆپ قېتىم ئۆزگەرتىشكە مەجبۇرى بولدۇم.» شۇنىڭ بىلەن مەن ئۇنىڭغا مۇنداق دېدىم: «شەيخ، سىز ئامېرىكىدا ئاران 6 يىل ياشاپ ئاشۇنداق قىلغان بولسىڭىز، مەن قانداق قىلىشىم كېرەك؟ مەن مۇشۇ يەردە تۇغۇلدۇم. مۇشۇ يەردە چوڭ بولدۇم. مەن سىرتتىن كىرگەن بەزى پەتىۋالارنى كۆرگەن ھامان، ئۇنىڭ بۇ يەردىكى مۇسۇلمانلار ئۈچۈن ئىنتايىن كۈلكىلىك پەتىۋالار ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىمەن. سىز بىر شۇنچە ئۇلۇغ زىيالىي، شۇنچە ئۇلۇغ ئالىم تۇرۇقلۇق، ئامېرىكىدا 6 يىل تۇرۇش جەريانىدا سىز باشقا جايدىكى مۇسۇلمانلارغا بەرگەن پەتىۋالارنى بۇ يەردىكى مۇسۇلمانلارغا بەرگىلى بولمايدىغانلىقىنى ھېس قىلىپسىز. بىز مۇشۇ زېمىندا ياشايمىز. بىز ئۆزىمىزنىڭ مۇسۇلمانلىرىنى چۈشىنىمىز.» 
قېرىنداشلار، مېنىڭ سەمىمىي پىكرىم شۇكى، سىلەر تورغا كىرىپ، باشقا زېمىندىكى مۇسۇلمانلار ئۈچۈن چىقىرىلغان پەتىۋالارنى ئىزدىسەڭلار بولمايدۇ. سىلەر ئۆزۈڭلارنىڭ يەرلىك جامائىتىنىڭ ئالىمىنىڭ قېشىغا بېرىڭلار. سىلەرنىڭ ئەھۋالىڭلارنى چۈشىنىدىغان ئۆلىمالارنىڭ قېشىغا بېرىڭلار.

(5) ئەگەر سىز قوشۇلمىغان تەقدىردىمۇ، باشقا نوپۇزلۇق زىيالىيلارنىڭ پىكرىگە نىسبەتەن سەۋرچان ياكى كەڭ قورساق بولۇڭ. سىز بۇرۇنقى بىر ۋاقىتلاردا قەھۋەنى ھارام دېگەن بولغىيتتىڭىز. سىز بۇرۇنقى بىر ۋاقىتلاردا باسما خەت ھارام دېگەن بولغىيتتىڭىز. سىز بۇرۇنقى بىر ۋاقىتلاردا مەسچىتلەردە مىكروفون ئىشلىتىشكە قارشى تۇرغان بولغىيتتىڭىز. مەن باشتا بۇ گەپنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن. مىكروفون يېڭى چىققاندا، يەنى 50- ۋە 60-يىللىرى، پۈتۈن مۇسۇلمان دۇنياسى ئۇنى ھارام، ھەتتا بىدئەت دېگەن. ئۇلار كۆرسەتكەن سەۋەب، سىز چوقۇم ئىنسان ئاۋازىنى ئاڭلىشىڭىز كېرەك بولۇپ، ئېلېكتىرونلۇق ئاۋازنى ئاڭلىسىڭىز بولمايدۇ، دېگەندىن ئىبارەت بولغان. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار «مىكروفون دېگەن بىدئەت» دېگەن. ھازىر قاراپ بېقىڭ، دۇنيادا مىكروفون ئىشلەتمەيدىغان مەسچىت بارمۇ؟ ئەينى ۋاقىتتا «مىكروفون ھارام» دەپ پەتىۋا چىقارغان مەسچىتلەرنىڭ ئۆزلىرى ھازىر مىكروفون ئىشلىتىدۇ. 

مېنىڭ دېمەكچى بولغىنىم، سىز قوشۇلمىغان تەقدىردىمۇ رەڭگارەڭ پىكىرلەرنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىغا يول قويۇڭ. ئامېرىكىدا ئۆزى ئۆگىنىپ يېتىشىپ چىققان، يەنى «ئۆزى بولۇۋالغان» (do it yourself) زىيالىيلار ئىنتايىن كۆپ. سىز توردىن ئۆگىنىۋالغان بىلىملەر بىلەنلا «شەيخ-گۇگۇل» سالاھىيىتىگە ئىگە بولالمايسىز. ۋىكىپېدىيادىكى نەرسىلەرنى تەكشۈرۈپ چىقىش بىلەنلا سىز بىر «مۇفتى- ۋىكىپېدىيا» بولۇپ چىقالمايسىز. سىز ھەرگىزمۇ «ئۆزى بولۇۋالغان» ئالىم بولالمايسىز. ئەمما، ئەنئەنىنى ئۆگەنگەن كىشىلەر بار بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئۇنۋانلىرىنى (credentials) تەكشۈرۈپ بېقىڭ. ئۇلارنىڭ ئۈممەتلەر ئۈچۈن قانداق ئىشلارنى قىلىپ بەرگەنلىكىنى تەكشۈرۈپ بېقىڭ. ئەگەر ئۇلارنىڭ ئۈممەتلەرگە خەيرلىك ۋە ياخشىلىق ئېلىپ كەلگەن ئىش-ئىزلىرى بار بولىدىكەن، ئۇلارنىڭ شەرىئەتتە چىڭ تۇرغان ئىش-ئىزلىرى بار بولىدىكەن، سىز ئۇلارنىڭ بەزى كۆز-قاراشلىرىغا قوشۇلمىغان تەقدىردىمۇ، ئۇلارنىڭ كىملىكىگە ھۆرمەت قىلىڭ. 

مەن بۇ يەردە بىر گەپنى ئوچۇق دەي. بىر ئالىم بار بولۇپ، مەن ئىنتايىن كۆپ ئىشلاردا ئۇنىڭ كۆز-قارىشىغا قوشۇلمايمەن. ئەمما مەن ئۇنىڭغا ئۆزىمىز ئۈچۈن ئەڭ ياخشى ئۆگىنىش ئۈلگىلىرىنىڭ بىرى، دەپ قارايمەن. ئۇنىڭ ئىسمى شەيخ يۈسۈپ قەرداۋى. ھازىرقى زامان فىقھىلىرى توغرىسىدا مەن ئۇ دېگەن ناھايىتى كۆپ گەپلەرگە قوشۇلمايمەن. ئەمما مەن ئۇنى ئەقلىي جەھەتتە ئىنتايىن يۇقىرى تۇرىدىغان تالانت ئىگىسى دەپ ئېتىراپ قىلىمەن. مەن ئۇنى شەرىئەتنى چۈشىنىدىغان، ھەمدە ئۇنى ھازىرقى زامانغا قانداق تەتبىقلاشنى بىلىدىغان بىر زات، دەپ ئېتىراپ قىلىمەن. بىر قىسىم مەسىلىلەردە ئۇنىڭ كۆز-قارىشى مېنىڭكى بىلەن ئوخشىماسلىقى مۇمكىن. ئەمما، پەقەت بىر ئالىملىق نۇقتىسىدىن قارىغاندا، مېنىڭچە ھازىر ئۇنىڭ ئالدىغا ئۆتىدىغان ئادەم يوق. مەن بۇ يەردە سىلەرگە بىر ئەمەلىي مىسال كۆرسىتىۋاتىمەن. گەرچە مەن ئۇنىڭ نۇرغۇن كۆز-قاراشلىرىغا قوشۇلمىساممۇ، مەن ئۇنى ئىنتايىن يۇقىرى دەرىجىدە ھۆرمەتلەيمەن. ھەمدە مەن سىلەر ھەممىڭلاردىن ئىسلام زىيالىيلىرىغا ھۆرمەت قىلىشنى ئىستەيمەن. 

سىلەر مۇنداق بىر نۇقتىنى چۈشىنىشىڭلار كېرەك: ئىسلام ھەممە نەرسىدىن ئۈستۈن تۇرىدۇ. ئۇ ھەر قانداق بىر گۇرۇپپىدىن ئۈستۈن تۇرىدۇ. ساھابىلەر دەۋرىدىن باشلاپلا كىشىلەرنىڭ پىكرىدە ئوخشىماسلىق مەۋجۇت بولۇپ كەلگەن. بۇنداق ئەھۋال بۇنىڭدىن كېيىنمۇ داۋاملىشىدۇ. سىزنىڭ ۋەزىپىڭىز ئۆزىڭىز راھەت ھېس قىلىدىغان ئالىم ياكى ئۆلىمانى تېپىپ، شۇنىڭ پېشىگە چىڭ ئېسىلىش، ۋە ھۆرمەتكە سازاۋەر بولغان زىيالىيلارنىڭ پىكرىگە ھۆرمەت قىلىشتۇر. 

مەن يۇقىرىدا مۇنداق 5 نۇقتىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتتۈم:
(1) نېمە ئۆزگەرسە بولىدىغانلىقى ۋە نېمە ئۆزگەرسە بولمايدىغانلىقىنى ئايدىڭلاشتۇرۇۋېلىش؛
(2) ئىجما (ھەممە زىيالىيلار ئورتاق ھالدا قوشۇلۇپ ئالغان قارار) بويىچە ئىش كۆرۈش؛
(3) ھەر دائىم ئىشلارنى ئالدىن ئويلىيالايدىغان ئىلغار پىكىرلىك بىر گۇرۇپپا كىشىلەرنىڭ مەۋجۇت بولىدىغانلىقىنى تونۇپ يېتىش؛
(4) پەتىۋانى يەرلىك ئۆلىمالاردىنلا سوراش؛
(5) ئۆزى قوشۇلمايدىغان پىكىر ياكى پەتىۋالارغىمۇ كەڭ قورساقلىق قىلىش، ياكى ئۇلارغا سەۋرچان بولۇش. سىز ئۇنىڭغا بۈگۈن قوشۇلمىغان بىلەن، ئۇ ئەتە پۈتۈن دۇنيانىڭ بىر نورمال پەتىۋاسى بولۇپ قېلىشى مۇمكىن. 

مېنىڭ ئەڭ ئاخىرىدا دەيدىغىنىم، ھەقىقەت ئېگىلىدۇ، ئەمما سۇنمايدۇ؛ ھەقىقەت ئەڭ ئاخىرىدا يەنىلا چوقۇم ئۇتۇپ چىقىدۇ. ئەڭ ئاخىرىدا قەھۋە ھالال بولىدۇ، باسما خەت ھالال بولىدۇ، مەسچىتلەر مىكروفوننى ئىشلىتىدۇ، رادىيو-تېلېۋىزورلارنىڭ ھەممىسى ھالال بولىدۇ. ھەقىقەت چوقۇم ئۇتۇپ چىقىدۇ، ھەمدە ئۆزگىرىش چوقۇم يۈز بېرىدۇ. 
ياسىر قازىنىڭ لېكسىيەسى مۇشۇ يەردە ئاخىرلاشتى.

9. ئاخىرقى سۆز
ھونلارنىڭ داھىيسى ئاتتىلا مۇنداق دەيدۇ: «ھەممىدىن مۇھىمى، ھەر بىر ھوندا ساداقەتمەنلىك بولۇشى كېرەك. پىكىر ئىختىلاپىنىڭ ھەممىسى ساداقەتسىزلىكتىن دېرەك بەرمەيدۇ. ئەگەر بىر ھون ئۆز قەبىلىسىنىڭ ئەڭ مۇھىم مەنپەئەتى ئۈچۈن سېنىڭ پىكرىڭگە قوشۇلمايدىكەن، سەن ئۇنىڭ سۆزىگە قۇلاق سېلىشىڭ كېرەك. يەنە بىر تەرەپتىن، ئەگەر بىر ھون ئۆز قەبىلىسىنىڭ مەنپەئەتىگە قارىمۇ-قارشى بولغان ئىشلارغا ئاكتىپ ھالدا قاتنىشىدىكەن، ياكى باشقىلارنى ئاشۇنداق قىلىشقا ئۈندەيدىكەن، بۇ ساداقەتسىزلىك بولىدۇ. بۇنداق ھونلار، مەيلى ئۇلار جەڭچى بولسۇن ياكى قەبىلە باشلىقى بولسۇن، ئەڭ تېز سۈرئەتتە يوقىتىلىشى كېرەك. ئۇلارنىڭ ساداقەتمەن ھونلارغا تەسىر كۆرسىتىش ۋە ئۇلارنىڭ ئىرادىسىنى بوشىتىش ئىقتىدارى بىر خىل يۇقما كېسەلگە ئوخشايدۇ. ساداقەتسىز ھەرىكەتلەر ۋە پوزىتسىيەلەرنى ئۆزگەرتكىلى بولمىغان ئەھۋال ئاستىدا، ئىچىمىزدىكى بىز قىلىۋاتقان ئىشلارغا نىسبەتەن «ھېچ بىر قىممىتى يوق ئىشلار» دېگەن پوزىتسىيەدە بولىدىغان، ھەمدە ئۇ ئىشلارنى ئاغدۇرۇۋېتىشنى ئويلايدىغان ئادەملەرنى قاتتىق چارە بىلەن كۆزىمىزدىن غايىب قىلىشىمىز كېرەك.»

مەن ئوقۇرمەنلەردىن يۇقىرىدىكى سۆزلەرنىڭ ئىچىدىكى «ئۆز قوۋمىنىڭ مەنپەئەتىگە قارىمۇ-قارشى بولغان ئىشلارغا ئاكتىپ ھالدا قاتنىشىدىغان، ياكى باشقىلارنى ئاشۇنداق قىلىشقا ئۈندەيدىغان كىشىلەرنىڭ ساداقەتمەن كىشىلەرگە تەسىر كۆرسىتىش ۋە ئۇلارنىڭ ئىرادىسىنى بوشىتىش ئىقتىدارى بىر خىل يۇقما كېسەلگە ئوخشايدۇ»، دېگەن مەزمۇننى ئەستە چىڭ تۇتۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن. ئۇنداق «يۇقما كەسەللەر» ياپونلار، يەھۇدىيلار ۋە گېرمانلار ئارىسىدا يوق دېيەرلىك دەرىجىدە ئاز.  ئۇنداق «يۇقما كېسەللەر» ئىشنى ئاقىلانە قىلىدىغان ۋە ئاقىلانە ئىشلارنى كۆپرەك قىلىدىغان ئادەم ۋە مىللەتلەردە يوق دېيەرلىك دەرىجىدە ئاز.  ئۇلار ئۆز كۈچى ۋە زېھنىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنى ئۆز-ئارا ھەپىلىشىشكە سەرپ قىلمايدۇ. بەلكى ئۇلار ئۆز كۈچى ۋە زېھنىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنى ئۆز-ئارا ھەمكارلىشىشىپ، ئىشلىرىنى ئالدىغا قاراپ ماڭدۇرۇشقا  سەرپ قىلىدۇ. ئامېرىكىنىڭ بەزى تولۇق ئوتتۇرا ۋە ئالىي مەكتەپلىرى ئاتتىلانىڭ باشقۇرۇش ماھارىتىنى بىر «لىدىرلىق ئىلمى» دەرسى قىلىپ ئۆتىدىكەن.  بۇنىڭ سەۋەبى مانا مەن يۇقىرىدا تىلغا ئالغان ئامىللار بولۇشى مۇمكىن.  ئەگەر بىر مىللەت كىشىلىرى زامانغا ئەگىشىپ، ئالغا قاراپ ئىلگىرىلىمەكچى بولىدىكەن، چوقۇم ئالدى بىلەن ئۆزلىرىنى ئارقىغا تارتىپ تۇرۇۋاتقان ئامىللارنى يوق قىلىشى كېرەك.  ئۇيغۇرلار بىر دىندار مىللەت.  ئەمما، مېنىڭ توردىكى ئۇچۇرلارغا ئاساسەن ھېس قىلىشىمچە، ھەر خىل سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن، ھازىر ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي چۈشەنچىسى ۋە دىنىي ئىش-ھەرىكەتلىرىدە ئۆزلىرىنىڭ ئالغا قاراپ ئىلگىرىلىشىگە پايدىسىز بولغان، ھەتتا بەزىدە ئۇنىڭغا ئېغىر دەرىجىدە زىيان يەتكۈزىدىغان ئامىللار مەۋجۇت.  مەن دىنىي ساھەدىكى بىر يېڭىدىن ئۆگەنگۈچى بولغاچقا، يۇقىرىدىكى ئەھۋاللارنى ئۆزگەرتىشكە ئازراق بولسىمۇ ياردەم قىلىش مەقسىتىدە، ياسىر قازىنىڭ بىر قىسىم لېكسىيە-دوكلاتلىرىنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇپ يېزىپ چىقىۋاتىمەن.  مېنىڭ يەنە بىر قېتىم قايتىلاپ ئەسكەرتىپ قويىدىغىنىم، بۇ ئىشتا مېنىڭ مەقسىتىم پەقەت بىرلا.  ئۇ بولسىمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي چۈشەنچىسىنى تولۇقلاش، دىنىي چۈشەنچىسىنى توغرىلاش، ۋە دىنىي تونۇشىنى بىرلىككە كەلتۈرۈش يولىدا بىر كىشىلىك ھەسسە قوشۇشتىن ئىبارەت.
مەن مەزكۇر يازمىنى تۆۋەندىكى بىر قانچە نۇقتىلار بىلەن ئاخىرلاشتۇرىمەن:
1) ھەزرىتى ئۆمەر ئىبنى خەتتاب ھەققىدىكى فىلىمنىڭ 30 قىسمىنىڭ ھەممىسى تۆۋەندىكى 2-مەنبەدە تولۇق بار ئىكەن. مەن ئۇنىڭ بىر قىسمىنى كۆرۈپ باقتىم. ئۇ ھەقىقەتەنمۇ ياخشى ئىشلىنىپتۇ. بولۇپمۇ ئىسلامنىڭ ئەڭ دەسلەپكى تارىخى، يەنى ساھابىلەرنىڭ ھاياتىنى بىلىدىغان قېرىنداشلار ئۈچۈن، بۇ فىلىم ئىنتايىن قىممەتلىك ئىكەن. بىر قىسىم قېرىنداشلىرىمىز بۇ فىلىمنىڭ ئالدىنقى 4 قىسمىنى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىپ، www.ewlat.biz تور بېتىگە قويۇپ قويۇپتۇ. مەن ئىمكانىيىتى بار قېرىنداشلارنىڭ بۇ فىلىمنىڭ قالغان قىسمىنىمۇ ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىپ چىقىشنى ئۈمىد قىلىمەن.
2) بىر گۇرۇپپا ئوت يۈرەك قېرىنداشلىرىمىز ياسىر قازىنىڭ «ئەرلەر ئاياللار ھەققىدە بىلىشكە تېگىشلىك ئىشلار قايسىلار؟» دېگەن لېكسىيەسىنىڭ تىلىنى ئىنگلىزچىدىن ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىپ، ئۇيغۇرچە سۆزلەرنى فىلىمگە كىرىشتۈرۈپ ئىشلەپ چىقىپتۇ. ئۇنىڭ سىن ھۆججىتى تۆۋەندىكى 4-مەنبەدە بار بولۇپ، مەن بارلىق قېرىنداشلارغا ئۇنى بىر قېتىم كۆرۈپ بېقىشنى تەۋسىيە قىلىمەن.
3) مەن تەييارلىغان ئالدىنقى تېمىدا مەن ئۆزۈمگە ياسىر قازىدىن جاۋاب كەلگەنلىكىنى تىلغا ئېلىپ، ئۇنىڭ جاۋابىنىمۇ ئەينەن تەرجىمە قىلىپ قويغان ئىدىم. يۇقىرىدىكى مەزمۇندا ئىپادىلەنگەندەك، ياسىر قازى بىر دۆلەتتىكى ئۆلىمالارنىڭ بۇ دۆلەتتىن ناھايىتى يىراقتىكى، ھەمدە سىياسىي تۈزۈمى بۇ دۆلەتنىڭكىدىن پۈتۈنلەي پەرقلىنىدىغان يەنە بىر دۆلەتتىكى مۇسۇلمانلارغا پەتىۋا چىقىرىپ بېرىشنى مۇۋاپىق كۆرمەيدىكەن. شۇڭا ئۇ مېنىڭ ئۇچۇرۇمنى «ئۇ مەندىن ئۇيغۇرلار ئۈچۈن پەتىۋا ياكى مەسلىھەت سورايدىكەن»، دەپ چۈشىنىپ قېلىپ، ھېلىقىدەك جاۋاب قايتۇرغانلىقى ئېھتىمالغا ناھايىتى يېقىن. ئەگەر مەن ئۇنىڭغا ھەقىقىي مەقسەتنى چۈشەندۈرسەم، ئۇ مەندىن ئۆزىنى ئېلىپ قاچمايدۇ، دەپ ئويلايمەن. شۇڭا مۇشۇ يولدا داۋاملىق تىرىشىمەن. ئەڭ ياخشىسى ئامېرىكىنىڭ مېمفىس شەھىرى ياكى ئۇنىڭ ئەتراپىدا ياشايدىغان ئۇيغۇر قېرىنداشلار بولسا، ئۇنىڭ لېكسىيەسىگە قاتنىشىپ، بىزنىڭ مەقسىتىمىز ئۇنىڭدىن پەتىۋا ياكى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن مەسلىھەت سوراش ئەمەس، پەقەت ئادەتتىكى دىنىي چۈشەنچىلەر ۋە ئىسلام ئىلمى ھەققىدە ئۇنىڭ پىكرىنى ئاڭلاپ باقماقچى ئىكەنلىكىمىزنى بىلدۈرۈپ قويساڭلار، بەك ياخشى بولاتتى. ئالدىنقى تېمىدىن كېيىن بەزى قېرىنداشلار «ياسىر قازىنىڭ پەتىۋاسى ۋە ئىدىيەسى ھەقىقەتەنمۇ بىزگە ئۇيغۇن كەلمەيدۇ» دېگەندەك ئىنكاسلارنى يازدى. مەن ھازىرغىچە ئۆز يازمىلىرىدا ياسىر قازىنىڭ بىرەر پەتىۋاسىنى تونۇشتۇرۇپ باقمىدىم. ئەگەر مېنىڭ يازمىلىرىمدا شۇنىڭغا ياتىدىغان نەرسە بار بولۇپ قالسا، مەن قېرىنداشلاردىن ئۇنى ماڭا كۆرسىتىپ بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. ئۇنىڭدىن باشقا، مەن ھازىرغىچە تونۇشتۇرغان نەرسىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى ياسىر قازىنىڭ سۈننەت، ھەدىس ۋە قۇرئاندىكى مەزمۇنلار ھەققىدىكى چۈشەندۈرۈشى ياكى يېشىمى بولۇپ، ئۇنىڭ مەن تونۇشتۇرغان ئىدىيەلىرى ئىچىدىمۇ ئۇيغۇر جەمئىيىتىگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان بىرەر نەرسىنى مەن ئۆزۈم ھېس قىلىپ باقمىدىم. ئەگەر قېرىنداشلاردىن ئاشۇنداق مەزمۇننى سەزگەنلەر بولسا، ئۇنى كۆرسىتىپ بەرسە، بىز ھەممىمىز بىلىپ قالغان بولساق.

بىز ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم بولغان ئىجتىمائىي پەنگە ئائىت يەنە بالىلارنى ياخشى تەربىيەلەش، مائارىپنى ياخشىلاش، ۋە ئىلىم-پەن، ئىنژېنېرلىق ۋە يۇقىرى تېخنولوگىيەنى يۈكسەلدۈرۈش قاتارلىق يەنە بىر قىسىم ساھەلەر بار بولۇپ، ئۇلارمۇ بىز ئۈچۈن دىنغا ئوخشاشلا ئىنتايىن مۇھىم. كېيىنچە مەن ئاشۇ ساھەلەردىمۇ بۇرۇنقىدەكلا ئىزدىنىشنى داۋاملاشتۇرىمەن. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئىمكانىيىتى بار قېرىنداشلارنىڭ ھەممىسىدىن مۇشۇ ساھەدە قولىدىن كېلىدىغان ئىشلارنى قىلغاچ تۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
بايانات

«بىلگىلەر» يانبىلوگى مەخسۇس بىلگىلەرنىڭ ئېنتېرنېت تورىدا ئېلان قىلغان، باشقىلارغا ئۈمىد، ئىشەنچ بېغىشلايدىغان يازمىلىرىنى توپلاش ئارقىلىق ۋۇجۇدقا كەلگەن. مەقسەت تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرگە تېخىمۇ كۆپ مەنىۋىي ئوزۇق، ئىشەنچ، ئۈمىد ئاتا قىلىشقا ئۈندەش، ھەم كىشىلەرنىڭ يانبىلوگ ئارقىلىقلار داڭلىق ئالىملىرىمىزنىڭ نادىر يازمىلىرىدىن ئوزۇق ئېلىشىغا قولايلىق يارىتىشتىن ئىبارەت. ئەگەر يازمىلىرىڭىزنىڭ بىسوراق يوللانغانلىقىنى بايقاپ، ئاپتورلۇق ھوقۇقۇمغا دەخلى يەتتى دەپ قارىسىڭىز yanbilog@126.com غا ئەھۋال پاش قىلسىڭىز بولىدۇ، بىز ئەڭ تېز سۈرئەتتە تەدبىر قوللىنىپ، ئاپتورلۇق ھوقۇقىڭىزنى كاپالەتكە ئىگە قىلىمىز! ئورگان ئۈندىدار سۇپىمىز: yanbilog

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى