مارالبېشىدىكى تارىخىي ئىزلار (3)
قەلەمدار بەگ قەبرىسى
قەلەمدار بەگ قەبرىسى مارالبېشى تۇمشۇق تاشيولىنىڭ تۇتىشىدىغان جايىغا جايلاشقان بولۇپ، ناھىيە بازىرىدىن 40كىلومىتىر كىلىدۇ. دۇلدۇل ئىزى تېغى بىلەن ياندىشىپ تۇرىدۇ. بۇ قەدىمىي قەۋرىگە 14-،15-ئەسىر ئارىلىقىدا ياشىغان مەشھۇر تارىخشۇناس، تىلشۇناس، شائىر قەلەمدار بەگ دەپنە قىلىنغان . ئۇ كىشى ئەينى زامانلاردا ناھايىتى بىلىملىك زات بولۇپ، پاكىستان، ھىندىستان قاتارلىق جايلارغا بېرىپ ئىلىم تەھسىل قىلغان، قايتىپ كەلگەندىن كىيىن ئۈزلۈكسىز ئىزدىنىپ، قەدىمىي دولانلارنىڭ 1500يىللىق قەبىلە تۇرمۇشىنى يېزىق شەكلىدە خاتىرىلەپ چىققان، ئۇنىڭ ئىسىتداتى يۇقىرى بولۇپ، ئەينى زاماندىكى پارىس تىلى، قازاق تىلى، ئەرەپ تىلى، خەنزۇ تىلىنى پىششىق ئىگىلىگەن، ئۇنىڭ ئەسەرلىرى خەنزۇ ۋە موڭغۇل تىللىرىغا تەرجىمە قىلىنغان، ئۆمۈرنىڭ ئاخىرىدا بېيجىڭغا بېرىپ، شۇ ۋاقتىدىكى پادىشاھنىڭ قوبۇل قىلىشىغا مۇيەسسەر بولغان.ئەسەرلىرىدىن ھازىرغىچە ساقلىنىپ قالغانلىرى » مۇھەببەت ھىكايىلىرى» ، «قالغاچ خانىم «قاتارلىقلار.قەلەمدار بەگنىڭ قەبرىسى مەدەنىيەت يادىكارلىق ساياھەت نوقتىسى ئورنىنىڭ قاتنىشى قولايلىق بولۇپ، مارالبېشى ناھىيەسىدىن ماشىنىغا ئولتۇرۇپ، 30مىنۇتتىلا بارغىلى بولىدۇ، ھەر يىلى رۇزى ھېيت ۋە قۇربان ھېيىتتا ناھىيە ئىچى- سىرتىدىن نۇرغۇنلىغان سەيلى- ساياھەتچىلەر بۇ جايغا كىلىپ، سەيلە قىلىپ تۇرىدۇ.
توغراق يوللانمىسى