ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، تەڭرىتاغ مۇنبىرىرىدىكى تورداشلار ، دېھقان ئوغلىدىن بارلىق تورداشلارغا سالام !
مەن بۈگۈن تەڭرىتاغ مۇنبىرىرىگە بىلىم ئېلىش ، تورداشلار بىلەن دوستلۇشۇش ، ئورتاقلىشىش .... مەقسىتىدەdihanogli نامى بىلەن تېزىملىتىپ كىردىم .
ئۇچۇر دەۋرىىنىڭ تەرەققى قىلىشى ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ ماشىنىلىشىشى - كەسپلىشىشى يېراق يېزىدىكى بىزدەك ئاددى دېھقانلارنىمۇ بىر قولىمىزغا كەتمەن بىرقولىمىزغا مائۇس ئېلىشقا مەجبۇرقىلدى.
رايونىمىزدىكى نەچچە مىليون دېھقان ئاممىسى ئۆزىمىزنىڭ تىرىشچانلىقىمىز ، ئىناقلىق - ئىتتىپاقلىق ، ئاق كۆڭۈللۈك - سەمىمىيتىمىز ئارقىلىق ئۇچۇر دەۋرىىنىڭ تەرەققىياتى بىلەن تەڭ قەدەمدە ئىلگىرىلەشكە تىرىشىمىز.
ئىنتىرنېت (تور) دىن ئىبارەت بۇ ئۇچۇر سەھنىسى مول بىلىملىرى بىلەن ، كەڭ دېھقان ئاممىسىغا بىلىم ئېلىش سورۇنى ، پەن -تېخنىكا يېتەكچىسى بولماقتا . بىزلەرگە مۇشۇنداق سورۇن ھازىر لىغان ھەم ھازىرلىماقچى بولغان بارلىق تەڭرىتاغ ئوغۇل - قىزلىرىغا ئالاھىدە رەھمىتىمىزنى بىلدۈرىمىز.
مەن گەرچە يېتىلگەن پروگراممىر بولمىساممۇ، تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبى ئېتىكىدە ياشاۋاتقان ‹‹ دېھقان ئوغلى ›› بۇلۇش سۈپىتىم بىلەن بارلىق تەڭرىتاغ ئوغۇل - قىزلىرىغا ئۆزۈم ياسىغان <<ماتىماتىكا مەشىق باغچىسى يۇمشاق دىتالى1.1 نەشرى >> نى سوۋغات قىلماقچىمەن
سوۋغات چۈشەندۈرىلىشى:
ماتىماتىكا مەشىق باغچىسى1.1 نەشرى
بۇ دىتال گەرچە ئاددى بولسىمۇ ئۇيغۇر دىتالچىلىقى ۋە مائارىپ ماتىماتىكا ئوقۇ -ئوقۇتۇش ئىشلىرىدا ئازراق بولسىمۇ قۇلايلىق يارىتىپ بېرەلىسە دېگەن ئۈمىدتە تارقىتىلدى .
دىتالنىڭ بۇنەشرى تورداشلارنىڭ قوللاپ- قۇۋۋەتلىشى ، مەدەت - ئىلھاملىرى نەتىجىسىدە كۆپ مۇۋەپپەقىيەتكە ئىرىشتى.
دىتالغا ھازىرچە باشلانغۇچ سەۋىيەدىكى ئۇقۇغۇچىلارغا ماس كىلىدىغان مەزمۇنلار كىرگۈزىلدى .
دىتالنى ئىشلىتىش ئۇسۇلى:
دىتال يىشىل دىتال بۇلۇپ بىۋاستە قوزغاتساق بولىدۇ . ئىكراننى مۇمكىن قەدەر 1024-768 قىلىپ تەڭشەش تەۋسىيە قىلىنىدۇ . دىتال قوزغالغاندىن كىيىن مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى تولدۇرۇپ دىتالغا كىرىشكە بولىدۇ . مەسىلەن : ئىسمى : dihanogli 1- يىللىق 1- سىنىپ okuguqi دىگەندەك .
ئۇچۇرلار تولدۇرۇلۇپ ‹‹ مەرھەمەت›› نى چىكىپ مۇندەرىجىگە كىرىمىز . مۇندەرىجىدە سانلارنى تونۇشۇش ، قوشۇش ۋە ئېلىش جەدۋىلى ، كۆپەيتىش ۋە بۆلۈش جەدۋىلى ، قوشۇش ، ئېلىش ، كۆپەيتىش ، بۆلۈش ، تەقلىدى ئىمتىھان ، ‹‹ دېھقان ئوغلىنىىڭ ھىساب ئۆگىتىشى›› ، قىزىقارلىق ئويۇن ، قاتارلىق سەھىپىلەرنى خالىغانچە ئاچساق بولىدۇ .
سانلارنى تونۇشۇش سەھىپىسىدە

سانلارنى تونۇش ، 1 دىن 5 كىچە سانلارنى تونۇش ، 1دىن 5 كىچە سانلارنى ساناش ،1 دىن 5 كىچە سانلارنى يېزىش ، 6دىن 10 غىچە سانلارنى تونۇش ، 6دىن 10 غىچە سانلارنى ساناش، 6دىن 10 غىچە سانلارنى يېزىش ، . . . . قاتارلىق مەزمۇنلار ئۇرۇنلاشتۇرۇلدى .مەزمۇنلار ئاممىباب ، ئىخچام ، چۈشىنىشلىك قىزىقارلىق بولۇپ مەىشق قىلغۇچى ھەرگىز زىرىكىش ھىس قىلمايدۇ.
قوشۇش ۋە ئېلىش جەدۋىلى ، كۆپەيىش ۋە بۆلۈش جەدۋىلى سەھىپىسىدە ماتىماتىكىنى ( 1 دىن 9 غىچە بولغان سانلارنى )رەسىمگە قاراپ ئۆگىنىشكە ، بولىدۇ .

قوشۇش ، ئېلىش ، كۆپەيتىش ، بۆلۈش سەھىپىسىدە رەسىمگە قاراپ قوشۇشنى ئۆگىنىڭ ، رەسىمگە قاراپ ئېلىشنى ئۆگىنىڭ ، قوشۇش ، ئېلىش ، كۆپەيتىش ، بۆلۈش ، ئىكرانغا قاراپ ئۆگىنەي ، قىزىقارلىق قوشۇش ، مۇسابىقە مەيدانى ، قوشۇش ۋە ئېلىش . . . قاتارلىق تۈرلەر بار.

خالىغان تۈرگە كىرىپ مەشىق قىلساق بولىدۇ مەسىلەن:

تەقلىدى ئىمتىھان سەھىپىسىدە 1 دىن 20 گىچە بولغان سانلاردىن ئىمتىھان ئىلىنىدىغان بۇلۇپ ،
ئۇمۇمى 6بەت ئىمتىھانغا 103 نۇمۇر بىرىلىدۇ. ئوڭ تەرەپتىكى ( نەتىجەمنى كۆرۈپباقاي ) دىگەن كۇنۇپكىنى چىكىپ ، نەتىجىڭىزنى سۈرۈشتىرسىڭىز بولىدۇ.

‹‹ دېھقان ئوغلىنىىڭ ھىساب ئۆگىتىشى›› سەھىپىسى 2 گۇرۇپپىغا ماسكىلىدىغان بۇلۇپ ، 12 مەيدان مۇسابىقە ئېلىپ بېرىلىدۇ . مۇسابىقە ئاياغلاشقاندا قايسى گۇرۇپپىنىىڭ ئالغان نۇمۇرى كۆپ بولسا غەلبەقىلغانلىق ئۇچۇرى بىرىلىدۇ .
قىزىقارلىق ئويۇن سەھىپىسىدە سانلارنى تونۇش ، قۇشۇش ، ئېلىش ، كۆپەيتىش ، بۆلۈش ۋە ئارىلاش ئەمەللەر نى ئاساس قىلغان قىزىقارلىق ماتىماتىكا مەشىق ئويۇنلىرى سىز گە خۇشاللىق ئاتا قىلىش بىلەن بىرگە بىلىم ئاتا قىلىدۇ . بۇ سەھىپىگە قىزىقارلىق ئويۇن، سان زاۋۇتى ، 5قوي ، 2-سان زاۋۇتى ، مۆكۈشمەك ، باي بولۇش ، سۇدىن ئۆتۈش ، سان ئۇلاش ، سان ئېتىش . . . قاتارلىق ئويۇنلار كىرگۈزىلدى .

‹‹سان زاۋۇتى ›› ۋە ‹‹قىزىقارلىق ئويۇن›› دىن بىر كۆرىنىش



دىتال بار مۇندەرىجىگە 125-138 چوڭلۇقتىكى ئۆزىڭىزنىڭ رەسىمىنى dihanogli.jpg نامىدا ساقلاپ قويسىڭىز بولىدۇ .
دىتالغا داۋاملىق يېڭى مەزمۇنلار تولۇقلىنىدۇ. (اللە خالىسا )
تەكلىپ - پىكىر لىرىڭىز بولسا :
دىتالنى چۈشۈرۈش ئادرىسى :
http://down.qiannao.com/space/file/rohlantori/share/2011/11/6/matimatika_1.1.rar/.pageيەنە بۇيەردىن چۈشۈرسىڭىزمۇ بولىدۇ ( بەت ئېچىلغاندىن كىيىن بىرقانچە سېكۇنت ساقلىساق ئاستىدا چۈشۈرۈش كۇنۇپكىسى چىقىدۇ )
http://www.vdisk.cn/down/index/8696050