جەننەتكە ئەڭ يېقىن جاي
ھىمالايا تاغ ئېتىكىدە بۇتان دۆلىتى بار . بۇ دۆلەتنىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان مىللىي ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى ئاران 500 ئامېرىكا دوللىرى بولۇپ ، دۇنيادىكى ئەڭ تەرەققى قىلمىغان دۆلەتلەرنىڭ بىرى . بىراق بۇ دۆلەت كىشىلەر تەرىپىدىن ‹‹جەننەتكە ئەڭ يېقىن جاي ››دەپ تەرىپلىنىدۇ . دۇنيا بانكىسىنىڭ مەسئۇلى مۇنداق دېگەن :‹‹دۇنيادا ماددىي ۋە مەنىۋى بايلىقىنى دۆلەتنىڭ ئىقتىساد تەرەققىيات سىياسىتىنىڭ مەنبەسى قىلغان ، ھەمدە مۇۋەپپەقىيەت قازانغان بىرلا دۆلەت بار ، ئۇ بولسىمۇ بۇتان پادىشاھلىقى ، بۇ دۆلەتنىڭ مەدھىيەلىنىدىغىنى خەلقنىڭ بەختلىك بولۇش ئومۇمىي دەرىجىسى ، مىللىي ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىدىن مۇھىم ئورۇندا تۇرىدىغانلىقىدا . بۇتانغا ساياھەتكە بېرىپ باققان كىشىلەر، بىز خۇددى قايتىپ كەلگەندەك بولدۇق ، دېيىشىدۇ بۇتان پۈتۈن دۇنيادىكىلەرگە نۇرغۇنلىغان سىرلىق ھېكمەتلەرنى نامايان قىلدى ›› دېگەن . ئىقتىسادى ئارقىدا قالغان بۇتان 1988-يىلى بىر ھالقىغان ئۇقۇمنى-‹‹خەلقنىڭ بەختلىك بولۇش ئومۇمىي قىممىتى››نى ئوتتۇرىغا قويغان . بۇتان پادىشاھىمۇ ‹‹ سىياسەت چوقۇم بەختلىك بولۇشقا ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك ، ھەمدە بەختنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى نىشان قىلىشى كېرەك››دەپ قارايدۇ . ئۇلار تەكىتلىگەن خەلقنىڭ بەختلىك بولۇش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ ئاساسىي مەزمۇنى : جەمئىيەتنى تەڭ تەرەققىي قىلدۇرۇش ، ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتنى قوغداش ، مۇھىتنى ئاسراش ، يۈكسەك مەسئۇلىيەتچان ھۆكۈمەت قۇرۇشتىن ئىبارەت . بۇتاننىڭ ئورمان بىلەن قاپلىنىش نىسپىتى % 72 كە يەتكەن بولۇپ ، بۇنىڭ 23-26 پىرسەنتى تەبىئىي قوغدىلىدىغان رايون قىلىپ بېكىتىلگەن ، ئىنسانلار بىلەن تەبىئەت ئۆز ئارا ئىناق ئۆتىدۇ ، كىشىلەر خۇددى خىيالىدىكى جەننەتتە ياشاۋاتقاندەك تۇيغۇدا بولىدۇ.
مەنبەسى بىلىم-كۈچ ژۇرنىلىنىڭ2007-يىل-12سانىدىن ئېلىندى