كۆرۈش: 9775|ئىنكاس: 6

ئۆيىدىن قوغلانغان ئايال [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
مەقسەت ئوغلى
تىللا
560
تۆھپە
251
UID
1425
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-10 12:30:03|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئۆيىدىن قوغلانغان ئايال

   بىر ئائىلدە كەچلىك تاماقتىن كېيىن ئەر ئايالىدىن ئۆينىڭ ئاچقۇچىنى ئېلىۋېلىپ، خېتىڭنى ئال دەپ  ئايالىنى ئۆيدىن قوغلاپ چىقىرىۋەتكەن. ئايالمۇ ئۆيۈڭگە ئىككىنچى كىرمەيمەن دەپ ئاچقۇچنى بېشىغا ئېتىپ تاشلاپ بىرىپ، ئۆيدىن چىقىپ كەتكەن.

         سەۋەب، ئۇلارنىڭ بالىسى ئاپىسىنىڭ يانفۇنىنى ئويناۋېتىپ تۇيۇقسىز يانفۇننىڭ سۆزلىشىش خاتىرىسىنى ئېچىۋەتكەن. بۇنى ئەزەلدىن بىلمەيدىغان ئەر ئىختىيارسىز يانفۇننىڭ سۆزلىشىش خاتىرىسىگە قىزىقىپ قالغان. ئەسلىدە ئايالمۇ يانفۇنىنىڭ سۆزلىشىش خاتىرىسىنى ساقلىۋالىدىغانلىغىنى بىلمەيدىكەن. دۇكان ئېچىپ تىجارەت قىلىدىغان ئايالغا ئېرى تىل-يېزىق ئىقتىدارىدىن ئوبدان پايدىلانسۇن دەپ،‹ قۇتلان› ماركىلىق ئۇيغۇرچە سېستىمىلىق يانفون ئېلىپ بەرگەن ئىكەن. شۇنىڭ بىلەن  ئەر ئايالىنىڭ يانفۇنىنى ئاخشاملىرى رادىيۇ ئاڭلايمەن دەپ ئېلىۋېلىپ ئايرىم ئۆيدە بىر نەچچە كۈن سۆزلىشىش خاتىرىسىنى تولۇق  ئاڭلاپ چىقىپتۇ. بۇنىڭ بىلەن ئەرنىڭ تۇل قالغان ئاپىسىنى يۇرتتىن ئاچىقىپ باقايلى دېگەن تەلىپىگە ئايالنىڭ دۇكان ئېچىپ ھېرىپ كىتىدىكەنمەن، كۈتۈشكە يىتىشىپ بۇلالمايمان دىگەندەك خالىماسلىق بانا-سەۋەپلىرىنى كۆرسۈتۈپ قۇشۇلمىغانلىغىدىن ئىچى ئاچچىق بولۇپ تۇرغاندا، سەۋەپنىڭ نەدە ئىكەنلىگىنى بىلىپ يەتكەن ئەر كەسكىنلىك بىلەن ئايالىنى ئۆيدىن قوغلاپ چىقارغان ئىكەن.

    ئايال ئۆيىدە نېمە ئىش، نېمە گەپ بولسا ھەم ئۆزىنىڭ بارلىق ئوي-خىياللىرىنى ئاپىسى بىلەن ئاچىسىغا ئېقىتماي-تېمىتماي يەتكۈزۈپ تۇرىدىكەن، ئۇلارنىڭ پىكرىنى، مەسلىھەتىنى ئاڭلايدىكەن ھەم ئۇلارنىڭ دىگىنى بويىچە قىلىپ كىلىۋاتقان ئىكەن. ئەرنىڭ ئاپىسىنى كۈتمەسلىكنىمۇ ئەسلىدە ئايالىنىڭ ئاپىسى قىزىغا ، تامىقىڭنى سىرىتتا يەپ كىرىپ كارىڭ بولمىسۇن، ۋاي دەپ كەتسەڭ ئۆلگىچە ساڭا ئۆزىنى كۈتكۈزۈپ سىنى ھارغۇزىۋېتىدۇ دەپ ئاتالمىش ئەقىل ئۆگەتكەن ئىكەن. يەنە ئوغلى بەش ياشقا كىرىپ قالغاندىكىن ئەر ئايالىغا  ئەمدى ئىككىنچى بالىنى ئالايلى دېگەن بولسىمۇ، ئايالىنىڭ تۇغۇتتىن ساقلىنىش ئۈزۈكىنى ئالغۇزىۋەتمەي كەينىگە سۆرەپ يۈرگەن ئىشىنىمۇ  قېيىنئانىسى ، بىرىنچى بالاڭ قىز بولۇپ قالغان بولسىغۇ يەنە بىرنى تۇغۇۋالغان بولساڭ بۇلاتتى، بىر ئوغلۇڭ بولغاچقا ئەمدى تۇغما، بولمىسا جاپا تارتىپ قالىسەن،  مۇشۇ ئوغلۇڭنى ئوبدان باقساڭلا بولىدۇ دەپ ئاتاكاچىلىق بىلەن يول كۆرسەتكەن ئىكەن. تېخى ئايال ئېرىدىن مەخپى ھالدا يۈز مىڭ يۈەن پۇل يىققان بولۇپ،  بۇنىمۇ قېيىنئانىسى ئەركىشىگە ئىشەنگىلى بولمايدۇ، ئايال كىشىگە پۇل لازىم بولۇپ قالغاندا كېرەك بولىدۇ  دەپ ئاقىللارچە ئۆگەتكەن ئىكەن. يەنە ئەرنىڭ ئۇرۇق-تۇققانلىرى توغرۇلۇق، بوزەك ئەتسە ئاجرىشىپ كىتىش توغرۇلۇق ھەم باشقا نۇرغۇن ئۇششاق گەپلەر يانفۇندا ساقلىنىپ قالغان بولۇپ، ئەر بۇلارنى ئاڭلاپ بولغاندىن كېيىن، ئىختىيارسىز ھالدا « قىزىنى بۇزغان ئانىسى، چاقنى بۇزغان تانىسى» دېگەن ماقال-تەمسىلنى ئويلاپ، ئائىلىسىنى مۇھىم بىلمەيدىغان ئايالىدىن قاتتىق ئۈمىتسىزلەنگەن.

    شۇنداق بولسىمۇ ئەر ئاۋۋال ئۆزىنى تۇتىۋېلىپ بىر كۈنى كەچلىك كەچلىك تاماقنى يەپ بولغاندىن، ئايالىغا يانفون سۆزلىشىش خاتىرىسىنىڭ ئىشىنى، ئۇنىڭدىكى توغرا بولمىغان گەپ-سۆزلەرنى ئېيىتقاندا، ئايال خىجىل بولماقتا يوق، خاتالىغىنى ئېتىراپ قىلماقتا يوق، ئەكسىچە سەن ئوغرىلىقچە يانفۇنۇمدىن گەپ ئاڭلاپسەن دەپ، «سەن تاز دەۋالغىچە مەن تاز دەۋالاي» دىگەندەك قىلىپ، ئېرىنى ئەيىپلەپتۇ. ئېرى ئائىلىسىنى مۇھىم بىلىشنى، ئائىلىنىڭ ھەمكارلىق بىلەن كۆڭۈللۈك بۇلىدىغانلىغى توغرىلىق نۇرغۇن گەپلەرنى قىلسىمۇ، ئەمما ئايالى  سەن مىنىڭ يىققان پۇللىرىمغا كۆزىڭنى قىزارتىۋاتىسەن دەپ ئېرىنى كەمسىتىپ ئۇنىڭ ئالدىغا ئۆتىۋېلىپ، خاتالىغىنى تۈزۈتۈشكە يېقىنمۇ كەلمەپتۇ. ئائىلىسىنى بۇزۇشقا، بالىسىنى يىتىم قىلىشقا كۆڭلى ئۇنىمايۋاتقان ئەر ئۆتكەن كۈنلەردىكى ئائىلىدىكى سوغاقچىلىقنى-يىتىپ ئۇخلايدىغان، تاماق يەيدىغان، بالىسىنى ئوينۇتىدىغان، خىزمەتكە بىرىپ كىلىدىغان ھالەتتىن باشقا رومانتىكىلىق، قىزغىنلىق، كۈلكە-چاخچاق قالمىغان بۇرۇختۇملۇقنى ئويلاپ، بۇنىڭغا ھەم ماۋۇ مولمىغۇر قىلىقنى باغلاپ تەھلىل قىلىپ، ئاخىرى قىزىنى بۇزغان ئانىسى ئادەم قىلىۋالسۇن دېگەن يەرگە كېلىپ، ئوغلىنى ئېلىپ قېلىپ ئاپاڭ بىلەن بىللە ئۆي تۇت دەپ ئايالىنى ئۆيدىن چىقىرىۋەتكەن ئىكەن.

      بۇنداق ئەھۋاللارنى كۆرسە ئاتا-ئانىلارنىڭ بالىلىرىنىڭ تويىنى نېمە مەقسەتتىن قىلىپ قويۇدىغانلىغىنى چۈشۈنەلمەي قالىدۇ كىشى. ئەر-ئايال ئۈچۈن ئائىلە ھەممىدىن مۇھىم ئورۇندا تۇرۇشى كېرەك. ئەر-ئايالنىڭ قېرىنداشلىرىمۇ ئۇلارنىڭ ئائىلىسىنىڭ كۆڭۈللۈك-بەختلىك ئۆتۈشى ئۈچۈن، ئۇلارغا ياخشى نىيەتتە نەسىھەت قىلىشى، يول كۆرسۈتۈشى، يەردەم قىلىشى كېرەك.  ئائىلىسىنى مۇھىم بىلەلمەيدىغان ئەر-ئايالنىڭ ئائىلە ئىشىغا باشقىلار ئارىلاشتىمۇ بولدى ئۇلارنىڭ تۇرمۇشى ئوربىتىدىن چىقىپ كىتىدۇ. ئائىلە ئەر-ئايالنىڭ ماكانى. ئەر-ئايال بۇ ماكاننى گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن توي قىلىپ بىر ئۆيگە كىرىپ، ھەمكارلىقنى باشلايدۇ. شۇڭا ھەر بىر توي قىلغان ئەر-ئايالنىڭ مەقسىدى ئېنىق بۇلىشى كېرەك. دىمىسىمۇ توي قىلغان ئەر-ئاياللارنىڭ بىر-بىرسىدىن يۇشۇرغىدەك مەيلى جىسمانى جەھەتتە ۋە باشقا جەھەتلەردە مەخپىيەتلىگى قالمايدۇ. ئۇلار بىر-بىرسىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالىدۇ. كۆڭلىنى چۈشۈنىدۇ. كۈتكەن يېرىدىن چىقىشقا تىرىشىدۇ. ھەر كىم ئۆز مەسئۇلىيىتىنى بىلىدۇ. بىرسى زىرىككەندە يەنە بىرسى خۇشال قىلىدۇ. بىرسى ھېرىپ قالغاندا يەنە بىرسى ھاردۇغىنى چىقىرىدۇ. بىرسىنىڭ كۆڭلى يېرىم بولغاندا يەنە بىرسى كۆڭۈل بۆلۈپ دەردىگە يىتىپ تەسەللى بىرىدۇ. بىرسى ئاغرىپ قالغاندا يەنە بىرسىنىڭ ئىچى ئاغرىپ قىلمىغان قىلىقلىرى قالمايدۇ.     دىمەك، ئائىلە ئەر-ئايال ھەممىدىن كۆپ بىللە تۇرىدىغان ئورۇن. يەنى، ئەر-خوتۇننىڭ بىللە ئۆتىدىغان ۋاقىتلىرى ئاتا-ئانا، قېرىنداشلىرى بىلەن بىللە تۇرغان ۋاقىتتىنمۇ كۆپ بولىدۇ. قىسقىسى، ئۇلار قېرىپ ئۆلۈپ كەتكىچە بىللە ياشايدۇ. مۇشۇنداق بولغاچقا ئۇلار ھەمكارلىقنى تاللاپ توي قىلىشىدۇ. ھەمكارلىق ئۆزئارا ئىشەنچنى، ئۆزئارا يۇشۇرۇشنىڭ بولماسلىغىنى تەلەپ قىلىدۇ. بۇنداق ھەمكارلىققا  ئائىلە ھەمكارلىغىنى چۈشەنمەيدىغان باشقىلار باشقىچە نىيەتتە ئارىلاشسا، ئائىلىسىنى مۇھىم بىلەلمەيدىغانلارنىڭ ھەمكارلىغىنى ئاسانلا يولدىن چىقىرىۋېتىپ، ئۇلارنىڭ ئائىلىسىنى بۇزۇلۇشقا باشلاپ ماڭىدۇ. ئائىلىۋى ھەمكارلىق سەندىن مەن قورقامدىم دەيدىغان ئۈستۈنلۈك تالىشىشنى سىغدۇرالمايدۇ. ئائىلىۋى ھەمكارلىق بىرسى-بىرسىگە ئىشەنمەسلىكنى، بىرسى-بىرسىنىڭ ئىشەنچىنى يەردە قۇيۇشنى قوبۇل قىلالمايدۇ. ئائىلىۋى ھەمكارلىق باشقىلارنى تۇرمۇشىغا ئارىلاشتۇرۇشنى ھەم باشقىلارنىڭ ئۆز تۇرمۇشىغا ئارىلىشىشنى ياخشى كۆرمەيدۇ. ئائىلىۋى ھەمكارلىق خاتالىقنى تۈزۈتۈشنى ھەم خاتالىقنى كۆسۈتۈپ بىرىشنى توغرا تاپىدۇ. ئەگەر خاتالىقنى تۈزەتمىسە، خاتالىقنى كۆرسۈتۈپ بىرىشنى خالىمىسا ئائىلىۋى ھەمكارلىق ياخشى بولمايدۇ. ئائىلىنى مۇھىم بىلىشنىمۇ بىلمىگەن بولىدۇ.

  ئائىلىسىنى مۇھىم بىلمەسلىك بىلەن سۆز-ھەركەتلىرى بىلەن نۆۋەتتە كىشىلەرنىڭ نىكاھتىن ئاجرىشىش ئەھۋاللىرى كۆپىيىپ كىتىۋاتىدۇ. ئائىلىنى مۇھىم بىلگەندە ھەمكارلىق شەكىللىنىدۇ. ھەمكارلىق ئادىللىق ئىچىدە بارلىققا كېلىدۇ ھەم داۋاملىشىدۇ. ئائىلىدىكى ئەر-ئاياللارنىڭ ئادىل ھەمكارلىغى ئۇلارنىڭ  ئۈمىتسىزلىنىش، ئۈمىتسىزلەندۈرۈش ۋە ئۆزگىرىش  سەۋەبىدىن  نىكاھتىن ئاجرىشىشنىڭ ئالدىنى ئالالايدۇ. چۈنكى، ئائىلىنى مۇھىم بىلگەندە «ئۆزىنى سورىغان شەھەر سوراپتۇ» دىگەندەك نىكاھ قانۇنىيىتىگە خىلاپ سۆز-ھەركەتلەر توغرا تېپىلمايدۇ ھەم ئۆز-ئۆزىنى چەكلىيەلەيدۇ. ئائىلىنى مۇھىم بىلگەندە ئائىلە ئۈچۈن قۇربان بىرىش، بەدەل تۆلەش ئىدىيە-روھى ئۈستۈنلىكنى ئىگەللەپ، شەخسىيەتچىلىك بىلەن پۇرسەتپەرەسلىككە ئورۇن قالمايدۇ. قىسقىسى، نىمىنى مۇھىم بىلىش ئادەمنى شۇ تەرەپكە يىتەكلەيدۇ ھەم شۇنىڭغا تىرىشچانلىق كۆرسەتكۈزىدۇ. ئەكسىچە،  نىمىنىڭ  مۇھىملىغىنى  بىلمەيدىغانلارنىڭ مەيدانى ئېنىق بولمايدۇ، شۇڭا ئۇنداقلارنى باشقىلار بۇرنىدىن يىتەكلەپ كېتىۋېرىدۇ.

شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى

Rank: 6Rank: 6

تىللا
515
تۆھپە
256
UID
3999
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-12 13:42:14|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
« قىزىنى بۇزغان ئانىسى، چاقنى بۇزغان تانىسى» ياخشى يېزىپسىز،


Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
قەشقەر ئوغلى
تىللا
2072
تۆھپە
1542
UID
354
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-12 14:08:38|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
     بۇنداق ئاياللارنىڭ كەشىنى بۇرۇنراق توغرىلاپ قويغان تۈزۈك، چۈنكى ئۇ مەڭگۈ ئېرىگە يانتاياق بولمايدۇ.


Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
مەلىكە مەتتوختى
تىللا
1776
تۆھپە
975
UID
684

جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-2-12 18:46:45|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۆز ئېرىنىڭ ئانىسىنى -ئۇرۇق تۇقانلىرىنى ،ئۆز كورمىگەن ئايال ،توي قىلىپ نىمە قىلىدۇ ؟


ھايات ـــ مەن ئۈچۈن بىر سىناق.

Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
بارسېلونا
تىللا
1317
تۆھپە
796
UID
306
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-12 19:13:36|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يۇرتىدىن ئۆز ئاپىسىنى ئەكىلىپ باقالمىغان ئەرنى نېمە دېگۈلۈك .
خوتۇنىغا نىسبەتەن بەك سەمىمىي ، ئاقكۆڭۈل بولۇپ كەتسە ، خوتۇنىنىڭ ئېغىزىغا ، كۆزىگە قاراپ قالىدىغان گەپ . قوغلاپ چىقارغىنى بەك توغرا بوپتۇ .


Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
ئوسمانجان
تىللا
814
تۆھپە
532
UID
4665
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-13 09:12:20|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇنداق ئايالنى ۋاختىدا بىر تەرەپ قىلغان تۈزۈك....


Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
كامال جامال
تىللا
1119
تۆھپە
903
UID
1310

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-2-13 15:20:47|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئايال دېمەك ئانا دېمەكتۇر،ئاياللارنىڭ ساپاسى ئىنسانىيەت ساپاسىدۇر.......


سەكرا
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-6-5 09:55, Processed in 0.077729 second(s), 26 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991