ھال سورايلى، ھالسىراتمايلى!
تۇرغۇنجان ئىمىن
يېقىندا بىر دوستۇمنى ئائىلە بويىچە كەچلىك تاماققا تەكلىپ قىلدىم، پۈتۈشكەن ۋاقىت بويىچە تاماقلانماقچى بولغان ئاشخانا ئالدىدا دوستۇمنى ساقلاپ تۇرسام دوستۇم ئوغلى بىلەنلە ماشىنىدىن چۈشۈپ، مەن تەرەپكە كەلدى.
- يەڭگەم ۋە يەنە بىر ئوغلىڭىزنى ئالماي كەلدىڭىزمۇ؟ ئائىلە بويىچە تاماق يىيىشەيلى دىيىشكەن تۇرساق،- دىدىم مەن ئۇنىڭدىن.
-ئۇ سەل ھايال بوپ قالىدىغان بولدى، بىر دوستىمىز ئەتە ئوغلىنىڭ سۈننەت توي مەرىكىسىنى ئۆتكۈزمەكچى ئىكەن، شۇلاردىن ھال سوراشقا كىتىپ قالدى،- دىدى، ئۇ 2-قەۋەتتىكى ئايرىمخانىغا چىقىۋېتىپ ماڭا چۈشەندۈرۈپ.
بىز بىر قانچە تۈرلۈك تاماق بۇيرۇتۇپ قىزىق چاي ئىچكەچ تۇرمۇش، خىزمەت ۋە ئائىلە، جەمئىيەت توغرىسدا پاراڭلاشتۇق. ھايال ئۆتمەي بىز بۇيرۇتقان تاماقلارمۇ جوزا ئۈستىدە پەيدا بولۇپ، بىزنىڭ ئىشتىھا بىلەن ئىستىمال قىلىشىمىزنى تەقەززالىق بىلەن كۈتمەكتە ئىدى. ئارىدىن بىر سائەتتىن ئارتۇق ۋاقىت ئۆتكەن بولسىمۇ دوستۇمنىڭ ئايالى كىلىپ بولالمىدى، بىز سەي ۋە تاماقلارنى بىرەر قۇردىن يىيىشىپ پارىڭىمىزنى داۋاملاشتۇردۇق.
- ئەتە مەرىكە ئۆتكۈزۈدىغان تۇرسىڭىز، سىزدىن ھال سورايمىز، دەپ ئارتۇقچە ئاۋارە قىلمايلى دىسەك، تەييارلىقىم بار، دەپ ئۇنىمىدى، شۇنىڭ بىلەن خىزمەتداش، دوستلار بىلەن يىغىلىپ بىللە بېرىپ ھال سورايمىز، دەپ سەل ھايال بوپقالدۇق، سىلەرنىمۇ كۆپ ساقلىتىپ قويدۇم، ئەيىپكە بۇيرۇماڭلار،- دىدى، دوستۇمنىڭ ئايالى پەلتۇسىنى ئايرىمخانا بولۇڭىدىكى كىيىم ئاسقۇچقا ئېسىۋېتىپ خىجىل بولغىنىچە.
-ھىچقىسى يوق، قانچىڭلار باردىڭلار؟،- دەپ سورىدى، دوستۇم ئايالىدىن.
- بىز ئۆيىگە كىرسەك ئۇزاپ چىققانلارمۇ 15-10دىن ئاشىدۇ، بىزمۇ 17-18دەك دوستلار يىغىلىپتىكەنمىز، ھال سوراپ چىقتۇق،- دىدى ئايالى.
-ئەمىسە سەي- تاماقلاردىن ئېلىڭە، سەل سوۋۇپمۇ قالدى،-دىدىم مەن ئۇنى تاماققا تەكلىپ قىلىپ.
- ئۆيۈمىزدە چاي چەينىكى بار ئىدىغۇ، يەنە يېڭىدىن بىرنى ئاپسىز-دە، - دەپ سورىدى دوستۇم، سەيلەرگە ئانچە-مۇنچە چوكا تەككۈزۈپ، باشقا تاماقلاردىن يىمەي ئولتۇرغان ئايالىدىن.
- ياق، بۇ چاي چەينىكىنى بازاردىن ئالمىدىم، ئەتە توي مەرىكىسى ئۆتكۈزۈدىغان ھېلىقى دوستۇم ھال سوراپ كىرىپسىلە، دەپ قويۇپ قويدى،- دىدى، دوستۇمنىڭ ئايالى چىرايىغا كۈلكە يۈگۈرتۈپ.
- ھال سوراپ كىرگەن ھەممىڭلارنىڭ ئالدىغا مۇشۇنداق «ھال سوراش سوۋغىتى» قويدىمۇ؟- دەپ سورۇدۇم مەن ئۇنىڭدىن.
- شۇنداق، ھەممىمىزگە بىردىن باش ياغلىقى ۋە قەشقەردىن ئەكەلگەن چاي چاينىكى قويدى،- دىدى دوستۇمنىڭ ئايالى ماڭا چۈشەندۈرۈپ.
دوستۇمنىڭ ئايالىنىڭ سۆزلەپ بىرىشىچە، بۈگۈنكى «ھال سوراش سوۋغىتى» تېخى ئاددىي سوۋغاتمىش. ئوغۇل- قىزلىرىنىڭ توي مەرىكىسىنى ئۆتكۈزۈشكە تەييارلىق قىلىۋاتقان بىر قىسىم ئاتا-ئانىلار، بولۇپمۇ ئاياللار تېخى ھارپا كۈنىدىكى ھال سوراپ كىرگەنلەرنىڭ ئالدىغا قويىدىغان «ھال سوراش سوۋغىتى»غا ئالاھىدە تەييارلىق قىلىدىكەن، بەزىلىرى ھەتتا يېزا، ناھىيە بازىرىنى كىچىك كۆرۈپ، ۋىلايەت بازارلىرىدىن، ئۈرۈمچىدىن مەخسۇس «ھال سوراش سوۋغىتى» ئەكەلدۈرۈپ، ئۆزىنىڭ داڭقنى چىقىرىپ، ئابرۇيىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە بار كۈچى بىلەن تەييارلىق قىلىدىكەن.
تۇرۇپ ئويلۇنۇپ قالدىم، بۇ ھال سوراشمۇ، ھالسىرىتىشمۇ؟ ئىلگىرى مەرىكە ئۆتكۈمەكچى بولغان ئائىلىلەرنىڭ خولۇم-خوشنىلىرى، دوست- بۇرادەرلىرى مەرىكە ئىگىسىنىڭ ئۆيىگە ۋاقىت چىقىرىپ بېرىپ، توي مەرىكىسىنىڭ تەييارلىق ئەھۋالىنى بىرمۇ- بىر ئۇقۇشۇپ، كەم ئىشلارنىڭ بار-يوقلىقىنى، يەنە بازاردىن سېتىۋېلىشقا تىگىشلىك جىددىي قانداق لازىمەتلىكلەرنىڭ بارلىقىنى سورايىتتى، ھەر كىم ئۆز ئەھۋالىغا يارىشا يەرلىك مىۋە-چىۋە، ئۆزى تونۇردا ياققان توقاچ نان، پىچىنە- پىرەنىكلەرنى تەييارلاپ مەرىكىنىڭ خاپىلىقسىز خوشال- خوراملىق ئىچىدە تاماملىنىشغا ئاكتىپ ھەم رازىمەنلىك بىلەن كۈچ چىقىراتتى، مەرىكە ئىگىسىمۇ بىرەر قازان تاماق تەييارلاپ ئۇلارنىڭ ھال سوراپ كەلگىنىگە رەھمەت ئېيتىپ، ئەتىكى مەرىكىگە ۋاقتىدا كىلىپ بىرىشىنى ئۆتۈنەتتى، لىكىن، ھال سوراپ كىرگەن ھەر بىر كىشىنىڭ ئالدىغا «ھال سوراش سوۋغىتى» قويمايىتتى، ھىچكىم ھىچكىمدىن رەنجىمەيىتتى، ھىچكىم ھىچكىمگە كۆز-كۆز قىلمايىتتى.
پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ھەر جەھەتتىن قوللىشى، ئەمگەكچان ھەر مىللەت كادىرلار ئاممىسىنىڭ تنىمسىز ئىزدىنىشى نەتىجىسىدە خەلقنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش ۋە خىزمەت شارائىتىدا ئالەمشۇمۇل ئۆزگۈرۈشلەر بارلىققا كىلىپ، ئىلگىرىكى نامراتلىق سەۋەبىدىن تۈتۈنىنى بۇلۇت، يۇندىسىنى ئىت كۆرمەيدىغان زامانلار تارىخقا ئايلاندى. خەلقنىڭ ئىستىمال سەۋىيەسىدىمۇ زور ئۆسۈش بولدى، توي مەرىكىلىرىمۇ زامانغا يارىشا ھەشەمەتلىك ئۆتكۈزۈلىدىغان بولدى؛ 2000-يىللاردا تازا ئەۋجگە چىققان «ۋىچىركا» قىزغىنلىقى سەل پەسەيگەن بولسىمۇ، ئەمدىلىكتە «ھال سوراش سوۋغىتى» دىن ئىبارەت يەنە بىر يېڭى شۇمبۇيا مىللىتىمىزنىڭ ئەنئەنە ئېتىزىدا بىخلىنىشقا باشلىدى. ھال سوراپ بارغانلار بىرەر تاللا بازىرىدىن بىرەر تەخسە پىچىنە- پىرەنىك، كەمپۈت، قارا چاي، ناۋات قاتارلىقلارنى كۆزنى قاماشتۇرىدىغان گۈللۈك سۇلىياۋغا ئوراتقۇزۇپ ھال سوراپ بارىدىغان، يەنە بەزىلەر ئازراق جاپاغا چىداپ، ئائىلىسدە ياغ پۇراتقاچ قۇيماق ياكى ساڭزا پىشۇرۇپ، ئەتە داستىخانغا تىزاسىلەر، دەپ ھال سوراپ بارىدىغان ياخشى ئادەت بارلىققا كەلدى. لىكىن، مەيلى 25-30مىڭ يۈەن خەجلەپ ئوغۇل ئۆيلىگەن، ئارزۇلۇق قىزىنى يادلىق قىلغانلار بولسۇن، توي تەييارلىقلىرىنى تۈگۈتۈپ بولالماي تۇتقان- قويغىنىنى ئۇقالمىغىدەك دەرىجىدە چارچاپ يۈرگەن بىر قىسىم مەرىكە ئىگىلىرى، بولۇپمۇ بىر قىسىم ئاياللار باشقىلاردىن كىيىن قالساق بولمايدۇ، باشقىلار قىلغاننى بىز قىلالمامتۇق دەپ ئابرۇي تالىشىپ، ئارتۇقچە چىقىملارنى قىلمايلى، دەپ گىپىدە چىڭ تۇرىۋاتقان ئەرلىرىنىمۇ يۇمشاق گەپ، تاتلىق قىلىقلىرى بىلەن قايىل قىلىپ، مەرىكە ئاخشىمى ھال سوراپ كىرگەنلەرگە ئالاھىدە « «ھال سوراش سوۋغىتى» تەييارلاشقا كۆندۈرىدىغان، تېشىدا چىرايىغا كۈلكە يۈگۈرتۈپ، ئىچىدە رۇزا تۇتۇپ، بولىۋاتقان چىقىملارغا لىۋىنى چىشلەپ چىدايدىغان، پەقەت مەرىكە ھارپىسىدىلا ھال سوراپ كىرگەنلەرگە ئالاھىدە سوۋغا تەييارلاش ئۈچۈن 20-30مىڭ يۈەن چىقىم قىلىدىغان ئەھۋاللارمۇ مەيدانغا كەلمەكتە.
توي مەرىكىسىنىڭ ھارپا كۈنى مەرىكە ئىگىسىدىن ھال سوراش مىللىتىمىزنىڭ ئىسىل ئەنئەنىسى، بۇ قىممەتلىك ئەنئەنىنى ئەۋلادمۇ-ئەۋلاد داۋاملاشتۇرۇش كېرەك، ئەلۋەتتە. لىكىن، مەرىكە ئىگىلىرى ھال سوراپ بارغانلارنىڭ ئالدىغا ئىللىق چىراي ئېچىپ چىقىپ، قىزىق چاي قۇيۇپ، «بىزدىن ھال سوراپ كەلگىنىڭلارغا كۆپ رەھمەت!» دەپ ئۇلاردىن مىننەتدار بولىشى، ئارتۇقچە « «ھال سوراش سوۋغىتى» تەييارلاپ، چىقىمنى ئاشۇرىۋەتمەسلىكى كېرەك. ھەر كىم ئۆز ئەھۋالىغا يارىشا داستىخان سېلىپ، ھال سوراپ كەلگەنلەرنى ئۇزاتسا، مىنىڭچە ھىچكىم رەنجىمەيدۇ، چۈنكى، ئۇ يەر بۇ يەردە ئۇنداق قىلمىدى، بۇنداق قىلمىدى، دەپ سۆزلەپ يۈرگەنلەر بەلكىم ئوغلىنى ئۆيلەپ، قىزىنى يادلىق قىلىپ باقمىغانلار بولىشى مۈمكىن. ئۇنداقلارنىڭمۇ بېشىغا كەلگەندە ئاندىن چۈشۈنىدۇ، ئۇنداقلارنىڭ يالغان- ياۋىداق، ئۆسەك سۆزلىرىگە قۇلاق سالماسلىق كېرەك، ئەڭ مۇھىمى، توي مەرىكىلىرىنى ئاددا- ساددا،شاد- خوراملىق بىلەن مىللىتىمىزنىڭ ئۆرۈپ-ئادەت، ئەنئەنىلىرىمىز بىلەن تۇيۇنغان ھالەتتە ئۆتكۈزسەك، ھەممە بارىكاللا ئېيتىدۇ، مەرىكىگە تەييارلىنىۋاتقانلار بىزمۇ ئاشۇنداق ئۆتكۈزەيلى، دەپ سۆيۈنىدۇ، ئەلۋەتتە.
قىسقىسى، ھەممىمىز ئۆز ئەھۋالىمىزغا يارىشا ئىش كۆرۈپ، يوتقىنىمىزغا قاراپ پۇت سۇنايلى،قىلسىمۇ بولىدىغان، قىلمىسىمۇ بولىدىغان ئارتۇقچە ئىشلارغا كۈچۈپ كەتمەيلى، ئىقتىسادىي قىيىنچىلىق سەۋەبىدىن ئۆيلىنەلمەيۋاتقان، يادلىق بولالمايۋاتقانلارغا، پەرزەنتلىرىنىڭ مەرىكىسىنى ئۆتكۈزۈشتە بېشى قېتىۋاتقانلارغا ھەمدەم بولايلى، مەرىكە ئۆتكۈزمەكچى بولغانلارنىڭ ئىشىغا يېقىن تۇرۇپ، ئەمەلىي ھەركىتىمىز، مېھرى- مۇھەببىتىمىز ئارقىلىق ئۇلاردىن ھال سورايلى، لىكىن، ھالسىراتمايلى!
مارالبېشى ناھىيەلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىدىن