كۆرۈش: 5797|ئىنكاس: 5

قاتناش ھادىسىدىكى تۆلەم تۈرلىرى توغرىسىدا[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 2

تىللا
102
تۆھپە
31
UID
5354
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-8 21:12:39|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

يول قاتناش ھادىسلىرىدىكى تۆلەم تۈرلىرى ھەققىدە



  يول قاتناش ھادىسلىردىكى تۆلەم تۈرلىرنى بىلىۋىلىش ناھايىتى مۇھىم . قاتناش ۋاستىلىرىنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ قاتناش ۋەقەلىرى كۆپلەپ يۈز بەرمەكتە .لېكىن كۆپلىگەن كىشىلەر قاتناش ھادىسگە يولۇققاندىن كېيىن قانداق بىر تەرەپ قىلىشىنى بىلەلمەي تەمتىرەپ قالىدۇ.قاتناش ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن كېيىن دەرھال قاتناش ساقچىلىرىغا، ۋە شۇ ماشىنىنى سۇغۇرتىلىغان سۇغۇرتا شىركەتلىرگە دەرھال خەۋەر قىلىش كىرەك .ھادىسە توغرىسىدا ئۆز ئارا كېلىشىۋالسىمۇ بولىدۇ،لېكىن كۆپ ھاللاردا تۆلەم توغرىسىدا بىر پىكىرگە كېلەلمەيدۇ. ئاقىۋەت ۋاقىت ئۆتۈپ كېتىپ نەق مەيدان بۇزۇلۇپ قاتناش ساقچىلىرىنىڭ ھادىسە توغرىسىدا ئېتىراپنامە چىقىرىشى تەسكە توختايدۇ. شۇڭا ئامال بار ھادىسە يۈز بەرگەندە قاتناش ساقچىلىرىغا مەلۇم قىلىش كېرەك.تۆلەم مەسئۇلىيىتى ئادەتتە قاتناش ساقچىلىرى چىقارغان قاتناش ھادىسىسى ئىتىراپنامىسدىكى مەسئۇليەت بويىچە بېكىتىلىدۇ .بۇنى زىيانغا ئۇچرىغۇچى مائاشىنى سۇغۇرتىلىغان سۇغۇرتا شىركىتى ؤەقاتناش ھادىسى ئىتىراپنامىسدىكى مەسئۇليىتى بار تەرەپ بىلەن كىڭىشىپ ياكى سوتقا ئەرىز قىلىپ تۆلىتىۋالسا بولىدۇ. قاتناش ھادىسىسىدىكى تۆلەم تۈرلىرى ئادەتتە مۇنداق بولىدۇ.
1.داۋالىنىش چىقىمى .بۇ زىيانغا ئۇچرىغۇچىنىڭ دۇختۇرخانىدا داۋالانغان تالۇنىغا ئاساسەن ھىساپلىنىدۇ. زىيانلانغۇچى ئۇز ئالدىغا دۇختۇرخانىدىن يۇتكىلىشكە بۇلمايدۇ،ئەگەر يۇتكىلىشكە تۇغرا كەلسە شۇ دۇختۇرخانىنىڭ ياكى ئالاقىدار سەھىيە ئۇرۇنلىرنىڭ« دۇختۇرخانىدىن  يۇتكىلىش ئىسپاتى»نى ئىلىش كىرەك .ئۇز ئالدىغا دۇختۇرخانا يۇتكەلسە ئادەتتە قارشى تەرەپتىن تۇلىتىۋىلىش تەسكە تۇختايدۇ.بەزى دۇختۇرخانىلار مەنپەتنى كۇزلەپ ئادەتتە دۇختۇرخانىدىن يۇتكىىلشكە رۇخسەت قىلمايدۇ،بۇنداق چاغدا زىيالانغۇچى دەرھال دۇختۇرخانا مەسئۇلى ۋە  شۇ يەردىكى سەھىيە مەمۇرى تارماقلىرنى ئىزدەپ ئەھۋال ئىنكاس قىىلش كىرەك .ئەگەر مەسئۇليىتى بار تەرەپ داۋالىنىش چىقىمىنى ئالدىن بىرىشنى رەت قىلسا زىيانلانغۇچى ياكى ئۇنىڭ ۋاكالەتچىسى« ھەق تەلەپ دەۋا قانۇنى»نىڭ 97 - ماددىسغا ئاساسەن سوتقا ئىلتىماس سۇنۇپ ئالدىن ئىجرا قىلىپ بىرىشنى تەلەپ قىلىسا بۇلىدۇ.«يۇل قاتنىشى بىخەتەرلىگى قانۇنى»نىڭ 75- ماددىسغا ئاساسەن ۋە «يۇل قاتنىشى بىخەتەرلىگى قانۇنىنى يۇلغا قۇيۇش نىزامى»نىڭ 90 -ماددىسىغا ئاساسەن ماشىننى سۇغۇرتىلىغان سۇغۇرتا شىركىتى مەجبۇرى سۇغۇرتا تۇلەم دائىرسىدە بىرىپ تۇرۇپ تۇرۇشى كىرەك، بۇ ۋاقىتتا قاتناش باشقۇرۇش تارماقلىرى بۇ ئەھۋالنى  سۇغۇرتا شىركىتىگە ئۇقتۇرىدۇ.مەسئۇليىتى بار تەرەپ سۇغۇرتىغا قاتناشمىغان بۇلسا ياكى ماشنا ئىگىسى قىچىپ كەتكەن بۇلسا ،جىددى قۇتقۇزۇش خىراجىتىنى يۇل قاتناش ھادىسى ئىجتىماي سۇغۇرتا فۇندىدىن ئالدىن  چىقىرىپ تۇرۇش كىرەك.زىيانغا ئۇچرىغۇچى دۇختۇرخانىدىن چىققاندا دۇختۇرخانىدىن  چىقىش ئىسپاتى .كىسەللىك دىئاگنۇز ئىسپاتى ،ھەق تۇلەش تالۇنى ،كىسەللىك ئىسپاتى قاتارلىقلارنى تۇلۇق ئىلىشى كەم قالغان، خاتا بۇلۇپ قالغان جايلىرى بۇلسا تۇزۇتۇشنى تەلەپ قىلىشى ، زىيانلانغۇچى ئىسمىنىڭ تۇغرا يىزىلىشىغا دىققەت قىلىش كىرەك.
    2. ئىشتىن قىلىش ھەققى .ئىشتىن قلىش ھەققى زىيانلانغۇچى ھادىسىدە يارلىنىپ دۇختۇرخانىدا يىتىپ ئىشتىن قالغان ۋاقتىدىكى كىرىمىنى كۇرسىتدۇ.ئادەتتە دۇختۇرخانىنىڭ دۇختۇرخانىدىن چىقىش ئىسپاتىدا دۇختۇرخانىدا ياتقان ۋاقىت ۋە ئارام ئىلش ۋاقتى، قاراش ۋاقتى ،دىققەت قىلىدىغان ئىشلار ئىنىق ئەسكەرتىلىدۇ .ئەگەر زىيانلانغۇچنىڭ مۇقىم كىرىمى بۇلمسا شۇ بۇيىنچە ھىساپلىنىدۇ،ئەگەر مۇقىم كىرىمى بۇلمىسا  يىقىنىقى ئۇچ يىللىق ئۇتتۇرچەكىرىمىنى ئىسپاتلاپ بىرەلىسە شۇ بۇيىنچە ھىساپلىنىدۇ .زىيانلانغۇچنىڭ مۇقىم كىرىمىمۇ بۇلماي يىقىنقى ئۇچ يىللق كىرىمىنىمۇ ئىسپاتلاپ بىرەلمىسە ،زىيانلانغۇچى بىلەن يىقىن كەسىپتكى كىشىلەرنىڭ ياكى ئۇخشاش كەسىپتكى ئىشچى خىزمەتچىلەرنىڭ ئالدىنىقى يىللىق ئۇتتۇرچەمائاشى بۇيىنچە ھىساپلنىدۇ.ھەرقايسى ساھە كەسىپلەرنىڭ ئالدىىنقى يىللىق ئۇتتۇرچە مائاشى،كىرىمى ،ئىستىمال چىقىمى  ئۇخشاش بۇلمايدۇ.بۇنى شۇ جايدىكى سىتاسىتكا ئۇرۇنلىرى  يىلدا بىر قىتىم ئاشكارا ئىلان قىلىدۇ.يىزا ئاھالىلرنىڭ ۋە شەھەر- بازار ئاھالىلىرنىڭ  كىرىم پەرقى ئۇخشاش بۇلمىغانلىقتىن ئىشتىن قىلىش ھەققىمۇ پەرىقلىق بۇلىدۇ،يەنى شەھەر -بازار ئاھالىلىرنىڭ يۇقۇرراق بۇلىدۇ. ئەرلەر 60 ياشتىن ئاشقان ئاياللار 55 ياشتىن ئاشقان بۇلسا ئادەتتە ئىشتىن قىلىش ھەققى تۇلەپ بىرىلمەيدۇ،بىراق بۇ تۇغرىسىدا تالاش تارتىش بار بۇلۇپ، بەزى قانۇنشۇناسلار يۇقۇردىكى ياشتىن ئىشىپ كەتكەن تەقدىردىمۇ مۇۋاپىق ئىشتىن قىلش ھەققى بىرىش كىرەك دەپ قارايدۇ،مىنىڭ قارىشىمچىمۇ بۇ ياشتىن  ئىشىپ كەتكەن بۇلسىمۇ يەنىلا ئىشتىن قىلىش ھەققى تۇلەش كىرەك.جەمىيەتتە بەزى  كىشىلەرنىڭ تۇرمۇش كاپالىتى يۇق بۇلۇپ پىنسىيە يىشىغا تۇشسىمۇ يەنىلا ئىشلەيدۇ.بۇنى قارغۇلارچە ھالدا پىنسىيە يىشىغا تۇشۇپتۇ  دەپلا ئىشتىن قىلىش ھەققى بىرىلمەيدۇ دىيىش ئانچە مۇۋاپىق ئەمەس .بۇنى زىيانلانغۇچىنڭ ئەمەلى ئەھۋالىغا قاراپ بىكىتىش كىرەك. 18 ياشتىن تۇۋەنلەرگە ئىشتىن قىلىش ھەققى بىرىلمەيدۇ.«ئالى خەلق سوت مەھكىمىسنىڭ جىسمانى زىيان تۇلەم دىلۇلىرنى سوت قىلىشتا قانۇننى تەدبىقلاشقا ئائىت بەزى مەسىللەر تۇغرىسىدىكى ئىزاھاتى»نىڭ 20-ماددىسغا ئاساسلانغاندا زىيانغا ئۇچرىغۇچى ئەدىلىيىلىك باھالاش ئۇرۇنلىرى تەرىپىدىن  مىيىپ  دەپ باھالانسا ،ئىشتىن قالغان ۋاقتى مىيىپ دەپ بىكىتىلگەن كۇننىڭ ئالدىنقى بىر كۇنىگىچە ھىساپلانسا بۇلىدۇ.
3. تاماق ياردەم پۇلى .دۇختۇرخانىدىن  چىقىش ئىسپاتىدىكى ۋاقىتقا قاراپ ھىساپلىنىدۇ.بۇ زىيانلانغۇچىنىڭ دۇختۇرخانىدا ياتقان مەزگىلدىكى تاماق پۇلىنى كۇرسىتدۇ.بۇ ئادەتتە قاتناش ھادىسى يۇز بەرگەن جايدىكى دۇلەت ئۇرگانلىردىكى ئادەتتكى خادىملارنىڭ سىرىتقا ئىش بىجىرگىلى چىققاندىكى تاماق ياردەم پۇلى ئۇلچىمى بۇيىنچە ھىساپلىنىدۇ.بۇ ئۇلچەم ھەرقايسى ئۇلكە ئاپتۇنۇم رايۇنلارنىڭ ئۇخشاش ئەمەس ،ئادەتتە شۇ رايۇننىڭ ئىقتىسادى ئىجتىمايى تەرەققىياتىغا قاراپ پەرىقلىق بۇلىدۇ.
4.قاراش ھەققى. دۇختۇرخانىدىن چىقىش ئىسپاتىدىكى ۋاقىتقا ،دۇختۇرنىڭ ئەسكەرىتمىسىگە قاراپ ھىساپلىنىدۇ..زىيانغائۇچرىغۇچى  شۇ ھادىسە تۇپەيلى مىيىپ بۇلۇپ قىلىپ تۇرمۇشتا ئۇز ھۇددىسىدىن چىقالمىسا قاراش ۋاقتىنى ئۇزارىتسا بۇلىدۇ،بۇ ۋاقىت زىيانلانغۇچى ئۇز ھاجىتنىڭ ھۇددىسدىن چىقالىغۇدەك بۇلغۇچە ھىساپلىنىدۇ.لىكىن ئەڭ ئۇزاق بۇلغاندا 20 يىلدىن ئاشۇرۋىتىشكە بۇلمايدۇ.بۇ مىيىپ بۇلغۇچىنىڭ يىشى ،مىيىپلىق ئەھۋالىغاقاراپ بىكىتىلىدۇ.ئەگەر ئارلىقتا كىسەللىك ئەھۋالىدا ياخشىلىنىش بۇلسا دۇختۇرخانىغا تەكشۇرتۇپ بەلگىلەنگەن ۋاقىتنى قىسقارىتسا بۇلىدۇ.زىيانلانغۇچى تەكشۇرتۇشنى رەت قىلسا پايدىسىز ئاقىۋەتكە ئۇزى ئىگە بۇلىدۇ. قارىغۇچىنىڭ كىرىمى بۇلسا ئىشتىن قىلىش ھەققىنى ھىساپلىغانغا ئۇخشاش ھىساپلىسا بۇلىدۇ.ئەگەر قاراشقا شۇ جايدىكى قاراش ئىشى بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلارنى ئىشلەتكەن بۇلسا قاراش ئىشى بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلارنىڭ شۇ جايدىكى ئىش ھەققى بۇيىچە ھىساپلانسىمۇ بۇلىدۇ.قارىغۇچى ئادەتتە بىر كىشى بۇلسا بۇلىدۇ،لىكىن دۇختۇرخانىنىڭ ياكى باھالاش ئۇرۇنلىرنىڭ پىكرىدە قارىغۇچى ئادەم سانى باشقىچە بىكىتىلگەن بۇلسا شۇ بۇيىنچە بۇلىدۇ.
5. مىيىپلىق تۇلەم پۇلى .مىيىپلىقنى باھالىتىشتا داۋالىنىش ئاياغلاشقاندىن كىيىن ، قانۇنلۇق باھالاش ئۇرۇنلىرغا ھاۋالە قىلىپ باھالىتىپ مىيىپلىقنى بىكىتىش  كىرەك.باھالاش ئۇرۇنلىرنىڭ دەرىجىسى بۇلمايدۇ، قانۇنلۇقلا بۇلسا قايسىسىدا باھالاتسا بۇلىدۇ.باھالىتىش ئادەتتە  ئۇزى ھاۋالە قىلىش ،ئادۇۋكاتلىق ئۇرۇنلىرى ھاۋالە قىلىش ،سوت مەھكىمىسى ھاۋالە قىلىش دەپ ئايرىلدۇ.تىخى ئەرىز قىلمىغان بۇلسا ئۇزى قانۇنلۇق بۇلغان باھالاش ئۇرۇنلىرغا مىيىپلىقنى باھالاشنى ھاۋالە قىلسا بۇلىدۇ.ئەگەر ئادۇۋكات تەكىلپ قىلغان بۇلسائادۇۋكاتلىق ئۇرنى مىيىپقنى باھالاپ بىرىشنى قانۇنلۇق بۇلغان باھالاش ئۇرۇنلىرغا ھاۋالە قىلسا بۇلىدۇ،ياكى سوت مەھكىمىسگە باھالىتىپ بىرىشنى ھاۋالە قىلسىمۇ بۇلىدۇ.زىيانغا ئۇچرىغۇچى داۋالىنىش تۇگىگەندىن كىيىن ئەدىلىيىىك باھالاش ئۇرۇنلىرى تەرەپىدىن  مىيىپ دەپ باھالانغان بۇلسا مەسئۇليىتى بار تەرەپ مىيىپلىق تۇلەم پۇلى تۇلىشى كىرەك .مىيىپلىق تۇلەم پۇلى 60 ياشتىن تۇۋەن 0ياشتىن يۇقۇرى بۇلسا مۇنداق ھىساپلىنىدۇ :يەنى دىلۇ قۇبۇل قىلىغان سوت مەھكىمىسى تۇرۇشلۇق جاينىڭ ئالدىنقى يىللىق شەھەر بازار ئاھاللىرنىڭ ئۇتتۇرچە كىرىمنى  (يىزا نۇپۇسى بۇلسا يىزا ئاھالىلىرنىڭ ئۇتتۇرچە ساپ كىرىمى ) 20 يىلغا كۇپەيتىپ ھىساپلىنىدۇ.60 ياشتىن يۇقۇرى بۇلسا 60 ياشتىن بىر يىل ئاشقان بۇلسا 20 يىلنى بىر يىل كىمەيتىپ يۇقۇردىكى ئۇسۇل بۇيىنچە ھىساپلىنىدۇ.75 ياشتىن يۇقۇرى بۇلسا  يۇقۇردىكى 20 يىلىنى بەش يىل قىلىپ ھىساپلايمىز .كۇنكىرىت ھىساپلاش ئۇسۇلى مۇنداق : 1-دەرىجىلىك مىيىپنىڭ تۇلەم پۇلى شەھەر ئاھالىلىرنىڭ ئۇتتۇرچە كىرىمىنى  ياكى يىزا ئاھالىلىرنڭ ئۇتتۇرچە ساپ كىرىمىنى20 يىلغا كۇپەيتىپ ھىساپلايمىز .شۇبۇيىنچە بۇلغاندا 2 -دەرىجىلىك مىيىپقا يۇقۇردىكى 1- درىجىلىك مىيىپ تۇلىمىنىڭ   % 90بۇيىنچە تۇلەم ھىساپلىنىدۇ. ئۇخشاش ئۇسۇل بۇيىنچە بۇلغاندا ،3- دەرىجىلىك مىيىپقا يۇقۇرقى تۇلەمنىڭ % 80 بۇيىنچە  ،4 -دەرىجىلىك مىيىپقايۇقۇرقى تۇلەمنىڭ % 70بۇيىنچە ،5-دەرىجىلىك مىيىپقا يۇقۇرقى تۇلەمنىڭ%60 بۇيىنچە،6 -دەرىجىلىك مىيىپقايۇقۇرقى تۇلەمنىڭ%50بۇيىنچە،7-دەرىجىلىك مىيپقا يۇقۇرقى تۇلەمنىڭ%40بۇيىنچە ،8-دەرىجىلىك  مىيىپقايۇقۇرقى تۇلەمنىڭ %30بۇيىنچە ،9-دەرىجىلىك مىيىپقايۇقۇرقى تۇلەمنىڭ  %20بۇيىنچە ،10-دەرىجىلىك مىيىپقايۇقۇرقى تۇلەمنىڭ %10بۇيىنچە تۇلەم بىرىلدۇ ..60 ياشتىن ئاشقانلارنڭ يىشى 60 ياشتىن بىر ياش ئاشسا يۇقۇردىكى 20 يىل بىر يىل كىمەيتىپ ھىساپلىنىدۇ ،ئەگەر 75 ياشتىن يۇقۇرى بۇلسا يۇقۇردىكى 20 يىل 5 يىل قىلىپ ھىساپلىنىدۇ. بۇ يەردىكى يىل مىىيىپ دەپ بىكىتىلگەن كۇندىن باشلاپ ھىساپلىنىدۇ .مىيىپلىق تۇلەم پۇلىدا يىزا ئاھالىلىرنىڭ ۋە شەھەر –بازار ئاھالىلىرنىڭ تۇلەم سۇممىسىدا پەرىق بۇلۇپ ئادەتتە شەھەر –بازار ئاھالىلىرنىڭ يۇقۇرى بۇلىدۇ.يىزا ئاھالىلىرنىڭ ۋە شەھەر بازار ئاھالىلرىنىڭ ساپ كىرىمى ،ئىستىمال چىقىمى قاتارلىقلارنى شۇ جايدىكى سىتاسىتىكا تارماقلىرى ھەر يىلى ئاشكارا ئىلان قىلىدۇ.
   6 .مىيىپلىق سايمانلىرى پۇلى .مىيىپلىق سايمانلىرى دىگەندە زىيانلانغۇچى مۇشۇ ھادىسىدە مىيىپ بۇلۇپ قىلىپ ئىشلىتىشى كىرەك بۇلغان يالغان پۇت،يالغان قۇل قاتارلىق سايمانلارنى كۇرسىتدۇ.بۇ سايمانلارنى ئىلشتا ئادەتتە دۇلىتىمىزدە ئىشلەنگەن سايمانلارنى ئىلىش ئاساس قىلىنىدۇ.يەنە بىر تەرەپتىن زىيانلانغۇچنىڭ يىشى، مىيىپلىق ئەھۋالى، داۋالاش ئۇرۇنلىرنىڭ پىكرى قاتارلىقلارغا دىققەت قىلىش كىرەك . *c ‑9 S
--------------------------------------------------------------------------------
. يالغان سايمانلار ئادەتتە تۇۋەندىكىلەرنى  كۇرسىتىدۇ: يالغان پۇت،يالغان قۇل ،يالغان بۇرۇن ئاڭلاشغا ياردەم بىرىش ئەسۋابى ،كۇرۇشكە ياردەم بىرىش ئەسۋابى ،ساغلاملقنى ئەسلىگە كەلتۇرۇش ئەسۋابى قاتارلىقلار .ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىللىرنى  (ماتۇرسىز ۋىلسىپىت بۇنىڭ سىرتىدا )ئۇز ئىچىگە ئالمايدۇ. .مىيىپلىق سايمانلىرنىڭ پۇلىنى ھىساپلىغاندا  ئادەەتتە مىيىپلىق سايمانلىرنىڭ ئاسراش ،ئالماشتۇرۇش ھەققىنىىمۇ ھىساپلاش كىرەك.
      7. دەپنە پۇلى .زىيانغا ئۇچرىغۇچى ئۇلۇپ كەتكەندىن كىيىن ئۇنىڭ ئائىلە تەۋەلىرى چىقىم قىلغان مىيىتنى يۇتكەش ھەققى ،مىيتنى ساقلاش ھەققى  ۋە  باشقا زۇرۇر چىقملارنى  كۇرسىتىدۇ.دەپنە پۇلى دىلۇنى قۇبۇل قىلغان سوت مەھكىمىسى تۇرۇشلۇق جايدىكى ئالدىنىقى يىللىق ئىشچى خىزمەتچىلەرنىڭ ئۇتتۇرچە مائاشىنى ئۇلچەم قىلىپ ئالتە ئايلىق مائاشى بىرىلدۇ .ئادەتتە ئۇلگۇچىنىڭ ئائىلە تەۋەلىرى قارشى تەرەپ بىلەن كىلىشىپ قالسىمۇ بۇلىدۇ،زىيانلانغۇچى نەق مەيداندا ئۇلگەن بۇلسا  ج خ ئۇرۇنلىردىن ئۇلگەنلىك ئىسپاتى ئىلىش كىرەك ،دۇختۇرخانىدا شۇ قاتناش ۋەقەسى سەۋەبلىك ئۇلگەن بۇلسا دۇختۇرخانىدىن چىقىش قەغىزىگە ئۇلۇش سەۋەبى ئىنىق يىزىلىشى كىرەك .        
8. ئۇلۇم تۇلەم پۇلى.ئۇلۇم تۇلەم پۇلى ھەرگىزمۇ بىر ئادەمىنىڭ تاۋار قىممىتىنى كۇرسەتمەيدۇ .ئۇنى  ئۇلگۇچىنىڭ ئائىلە تەۋەلىرگە بىرىلگەن بىر خىل تەسەللى ۋە رۇھى مەدەت دەپ چۇشۇنۇش كىرەك .«ھۇقۇققا چىقىلىش جاۋاپكارلىقى قانۇنى»نىڭ 16-ماددىسغا ئاساسەن زىيانغا ئۇچرىغۇچى ئۇلۇپ كەتكەن بۇلسا ئۇلۇم تۇلەم پۇلى تۇلەش كىرەك. «ئالى خەلق سوت مەھكىمىسنىڭ جىسمانى زىيان تۇلەم دىلۇلىرنى سوت قىلىشتا قانۇننى تەدبىقلاشقا ئائىت بەزى مەسىللەر تۇغرىسىدىكى ئىزاھاتى»نىڭ 29-ماددىسغا ئاساسەن ئۇلۇم تۇلەم پۇلى مۇنداق ھىساپلىنىدۇ. ئۇلگۇچى 0ياشتىن 60 ياشقىچە بۇلسا ئۇلۇم تۇلەم پۇلى دىلۇنى قۇبۇل قىلغان سوت مەھكىىمىسى تۇرۇشلۇق جايدىكى ئالدىنقى يىللىق شەھەر بازار ئاھالىلىرنىڭ بىر يىللىق ئۇتتۇرچە كىرىمنى ياكى يىز ئاھالىلىرنڭ ئالدىنقى يىللىق بىر يىللىق ساپ كىرىمىنى 20 يىلغا كۇپەيتىپ   ھىساپلىنىدو.ئەگەر ئۇلگۇچى 60  ياشتىن ئاشقان بۇلسا، يەنى  بىر ياش ئاشسا بىز يۇقۇردا دىگەن 20 يىلدىن بىر يىل كىمەيتىمىز .ئۇخشاش ئۇسۇل بۇيىنچە قانچە ياش ئاشقان بۇلسا شۇنچە ياش كىمەيتىمىز .ئۇلگۇچى 75 ياشتىن ئاشقان بۇلسا يۇقۇردىكى 20 يىلنى 5 يىل قىلىپ ھىساپلايمىز . «ھۇقۇققا چىقىلىش جاۋاپكارلىقى قانۇنى»نىڭ 17-ماددىسغا ئاساسەن بىر قاتناش ۋەقەسىدە ئۇلگۇچىلەرنىڭ بىرسى شەھەر بازار ئاھالىسى بۇلسا قالغان ئۇلگۇچىلەرمۇ شەھەر بازار ئاھالىسى بۇيىنچە ھىساپلىنىدۇ.شەھەر بازاردا ئىشلەۋاتقىنغا ،تىجارەت قىلىۋاتقىنىغا  بىر يىلدىن ئاشقانلار شەھەر بازار ئاھالىسى دەپ قارىلدۇ،ئۇلار ئالاقىدار ئۇلتۇراقلىشىش گۇۋاھنامىسنى ۋە ئىشلەۋاتقان ئۇرنىنىڭ چىقىرىپ بەرگەن ئىسپاتىنى  كۇرسىتىپ شەھەر بازار ئاھالىسى ئىگەنلىگىنى ئىسپاتلسىا بۇلىدۇ.شەھەر بازاردا داۋالىنىۋاتقانلار شەھەر بازاردا تۇرغانلار ھىساپلانمايدۇ. . ئۇلۇم تۇلەم پۇلىدا يىزا ئاھالىلىرنىڭ ۋە شەھەر –بازار ئاھالىلىرنىڭ تۇلەم سۇممىسىدا پەرىق بۇلۇپ ئادەتتە شەھەر-بازار ئاھالىلىرنىڭ يۇقۇى بۇلىدۇ. «ئالى خەلق سوت مەھكىمىسنىڭ جىسمانى زىيان تۇلەم دىلۇلىرنى سوت قىلىشتا قانۇننى تەدبىقلاشقا ئائىت بەزى مەسىللەر تۇغرىسىدىكى ئىزاھاتى»نىڭ 29-ماددىسغا ئاساسلانغاندا، زىيانلانغۇچى ئۇزى ئۇلتۇرۇشلۇق جايدىكى ياكى دائىمى تۇرۇشلۇق جايدىكى شەھەر بازار ئاھالىسىنىڭ كىرىمى ياكى يىزا ئاھالىسنىڭ كىرىمىنىڭ دەۋانى قۇبۇل قىلىغان سۇت تۇرۇشلۇق جاينىڭكىدىن يۇقۇرى ئىكەنلىگىنى ئىسپاتلاپ بىرەلىسە، مىيىپلىق تۇلەم پۇلى ياكى ئۇلۇم تۇلەم پۇلى ئۇلتۇرۇشلۇق جاينىڭ  ياكى دائىمى تۇرۇشلۇق جاينىڭ ئۇلچىمى بۇيىنچە ھىساپلانسا بۇلىدۇ.                                                
   9.بىقىلغۇچنىڭ تۇرمۇش پۇلى.بىقىلغۇچىنىڭ باشقا باققۇچىسى يەنى جۇرىسى ،پەرزەتنتى  بۇلسا تۇلەم مەجبۇريىتى بار كىشى زىيانلانغۇچى قانۇنى بۇيىنچە تۇلەيدىغان قىسمىنىلا تۇلەيدۇ.ئىنىق قىلىپ ئىيىتقاندا بىقىلغۇچىنىڭ بىر نەچچە باققۇچىسى بۇلسا بىقىش ھەققىنى ھىساپلاپ چىقىپ شۇ باققۇچىلارغا بۇلۇپ ئاندىن بىر باققۇچىغا (يەنى زىيانغا ئۇچرىغۇچى )تىگىشلىك قىسمىنى مەسئۇليىتى بار تەرەپ تۇلەيدۇ.ئەگەر زىيانغا ئۇچرىغۇچىنىڭ جۇرىسنىڭ ھامىلە بۇلۇپ، ئەگەر ھامىلە تىرىك تۇغۇلسا مەسئۇليىتى بار تەرەپ  زىيانغا ئۇچرىغۇچىنىڭ بالىسغا تىگىشلىك بىقىش ھەققى تۇلەيدۇ. بىقىلغۇچىنىڭ يىشى ۋە ئەمگەك ئىقتىدارىغا قاراپ بىرىلىدىغان ھەق ئۇخشىمايدۇ.بىقىلغۇچى 18 ياشقا كىرمىگەن بۇلسا مەسئۇليىتى بار تەرەپ بىقىلغۇچىغا دىلۇنى قۇبۇل قىلغان سوت مەھكىىمىسى تۇرۇشلۇق جايدىكى ئالدىنقى يىللىق شەھەر بازار ئاھالىلىرنىڭ ئىستىمال چىقىمى ياكى يىز ئاھالىلىرنڭ ئالدىنقى يىللىق ئىستىمال چىقىمى بۇيىنچە 18 ياشقا كىرگۇچە تۇلەيدۇ.بىقىلغۇچى  60 ياشتىن تۇۋەن 18 ياشتىن يۇقۇرى بۇلۇپ ،ئەگەر ھەقىقەتەن ئەمگەك ئىقتىدارى بۇلمىسا ،رۇھى كىسەل بۇلسا ،ئۇز ھاجىتىدىن چىقالمىسا  ،ئۇلگۇچى ھايات ۋاقتىدا باققان بۇلسا ئەمەلى ئەھۋالغا قاراپ بىقىش ھەققى بىرىلدۇ ،ئەڭ ئۇزاق بۇلغاندا 20 يىللىق بىقىش ھەققى بىرىلىدۇ .  ئەگەر بىقىلغۇچى  60  ياشتىن ئاشقان بۇلسا، يەنى  بىر ياش ئاشسا 20 يىلدىن بىر يىل كىمەيتىمىز.ئۇخشاش ئۇسۇل بۇيىنچە قانچە ياش ئاشقان بۇلسا شۇنچە ياش كىمەيتىمىز،ئاندىن كىمىيىپ چىققان يىل سانىنى دىلۇنى قۇبۇل قىلغان سوت مەھكىىمىسى تۇرۇشلۇق جايدىكى ئالدىنقى يىللىق شەھەر بازار ئاھالىلىرنىڭ بىر يىللىق ئۇتتۇرچە كىرىمگە ياكى يىزا ئاھالىلىرنڭ ئالدىنقى يىللىق بىر يىللىق ساپ كىرىمگە كۇپەيتىپ ھىساپلايمىز. بىقىلغۇچى  75 ياشتىن ئاشقان بۇلسا يۇقۇردىكى 20 يىلنى 5 يىل قىلىپ ھىساپلايمىز .بىقىلغۇچىنىڭ تۇرمۇش  پۇلىدا يىزا ئاھالىلىرنىڭ ۋە شەھەر –بازار ئاھالىلىرنىڭ تۇلەم سۇممىسىدا پەرىق بۇلۇپ ئادەتتە شەھەر -بازار ئاھالىلىرنىڭ يۇقۇرى بۇلىدۇ. يىزا ئاھالىلىرنىڭ ۋە شەھەر بازار ئاھالىلرىنىڭ ساپ كىرىمى ،ئىستىمال چىقىمى قاتارلىقلارنى شۇ جايدىكى سىتاسىتىكا تارماقلىرى ھەر يىلى ئاشكارا ئىلان قىلىدۇ.
  10  .قاتناش ھەققى .بۇ زىيانغا ئۇچرىغۇچى داۋالىنىش ئۇچۇن دۇختۇرخانىدىن يۇتكەلگەن ،دۇختۇرخانىغا كەلگەن ،باھالىتىش ئۇچۇن باھالاش ئۇرۇنلىرغا بارغان ،قايىتقان ھەقنى  ،ئەگەر ئالاھىدە يۇتكەشكە تۇغرا كەلسە ئالاھىدە يۇتكەش ھەققى قاتارلىق قاتناش ھەقلىرنى كۇرسىتىدۇ.بۇ ھەقلەر بىرلىككە كەلگەن تالۇنغا ئاساسەن تۇلىنىدۇ . زىيانلانغۇچى داۋالانغاندا قاتناش ھەققى چىقىم قىلسا ئۇلچەملىك تالۇن ئىلش،تالۇندىكى ۋاقىت كىسەل كۇرسەتكەن ۋاقىتقا ،ئادەم سانىغا ،قىتىم سانىغا ماس كىلىشى كىرەك .چىقىم قىلغان قاتناش تالۇنى ئادەتتە دۇلەتنىڭ ئادەتتككى مەمۇرى خادىملىرنىڭ(باشقار باشلىقى دەرىجىلىكتىن تۇۋەن خادىملارنى كۇرسىتىدۇ، ئادەتتە ھەر قايسى رايۇنلارنىڭ ئۇلچىمى ئۇخشاش ئەمەس) سىرىتقا ئىش بىجىرگىلى چىققاندىكى قاتناش چىقىمىنى ئۇلچەم قىلىپ تۇلەپ بەرسە بۇلىدۇ.. دۇختۇرخانىدىن يۇتكەلگەندە ئالاھىدە ئەھۋال بۇلۇپ قىلىپ ئايرۇپىلاندا ،پاراخۇتتا ،پۇيىزدا ،تاكسىدا ،قۇتقۇزۇش ماشىنىسدا يۇتكەشكە تۇغرا كەلسە بۇ چىقىمنىمۇ مەسئۇليىتى بار تەرەپ تۇلىشى كىرەك .  بىمارغا ھەمرا بۇلغۇچىلار ئۇچ ئادەمدىن ئىشىپ كەتسە بۇلمايدۇ.
11. ياتاق ھەققى .زىيانغا ئۇچرىغۇچى داۋالانغاندىن كىيىن شۇ ئىشنى بىر تەرەپ قىلىشقا قاتناشقان يىقىن  تۇققانلىرنىڭ چىقىم قىلغان ياتاق ھەققىنى كۇرسىتىدۇ. چىقىم قىلغان ياتاق  تالۇنى دۇلەتنىڭ ئادەتتككى مەمۇرى خادىملىرنىڭ(باشقارما باشلىقى دەرىجىلىكتىن تۇۋەن خادىملارنى كۇرسىتىدۇ،ئادەتتە ھەر قايسى رايۇنلارنىڭ ئۇلچىمى ئۇخشاش ئەمەس) سىرىتقا ئىش بىجىرگىلى چىققاندىكى ياتاق  چىقىمىنى ئۇلچەم قىلىپ تۇلەپ بەرسىمۇ بۇلىدۇ.ئادەتتە زىيانلانغۇچىلارغا ھەمرا بۇلغۇچىلار سانى ئۇچ ئادەمدىن ئىشىپ كەتمەسلىگى كىرەك .ياتاق ھەققىگە ئۇلچەملىك تالۇن ئىلىش كىرەك .
       12. ئۇزۇقلۇق تۇلۇقلاش ھەققى .ئۇزۇقلۇق تۇلۇقلاش ھەققى زىيانغا ئۇچرىغۇچى زىيانلانغاندىن كىيىن ئالاھىدە ئۇزۇقلۇققا ئىھتىياجلىق بۇلۇپ قىلىپ چىقىم قىلغان ئۇزۇقلۇق ھەققىنى كۇرسىتىدۇ.ئۇزۇقلۇققا ئىھتياجلىق بۇلۇش بۇلماسلىق دۇختۇرخانىنىڭ دۇختۇرخانىدىن چىقىش ئىسپاتىدكى  پىكرى ،باھالاش ئۇرۇنلىرنىڭ باھالاشنامىسىدىكى پىكرىگە  قاراپ بىكىتىلىدۇ.ئادەتتە ھەر قايسى رايۇنلارنىڭ ئۇلچىمى ئۇخشاش ئەمەس .
13. بىۋاستە مۇلۇك زىيىنى .بىۋاستە مۇلۇك زىيىنى ئادەتتە شۇ قاتناش ۋەقەسى يۇز بەرگەندىكى قاتناش قۇراللىرنىڭ بۇزۇلۇش چىقىمى(ماشىنىنى رىمۇنۇت قىلدۇرغاندا ئۇلچەملىك تالۇن ئىلىش كىرەك)،شۇ قاتناش ۋەقەلىرگە مۇناسىۋەتلىك ماشىنا ئەسھەلىرى ،ماشىنا ئۇستىىدكى بۇيۇملار زىىيىنى ،شۇ ماشىنغا بىسلغان ھايۋانلار زىينى قاتارلىقلارنى كۇرسىتدۇ.بىۋاستە مۇلۇك زىيىنىنى ئادەتتە تەرەپلەر كىلىشىپ ھەل قىلسا بۇلىدۇ،كىلىشىپ قالسا نەق مەيداندا مۇلۇك زىيىنىغا قارىتا مەسئۇليىتى بار تەرەپ زىيان تۇلەپ بىرىشى ياكى ھۇججەت يىزىپ بىرىشى كىرەك. ئەگەر كىلىشەلمىسە مۇلۇك قىممىتىنى  قانۇنلۇق مۇلۇك باھالاش ئۇرۇنلىرغا باھالىتىپ ئاندىن ئەرىز قىلسا بۇلىدۇ.
   14. قاتناش ۋەقەسىدىكى ماشىنىڭ قاتناشتىن تۇختاش زىيىنى .قاتناش ۋەقەسىدىكى ماشىنا ئادەتتە يۇك تۇشۇش ماشىنىسى ياكى يۇلۇچى تۇشۇش ماشىنسى بۇلسا مۇشۇ قاتناش ۋەقەسى تۇپەيلى ماشىنا تۇختىغان بۇلسا ماشىنا ئىگىسى، ئالاقىدار قاتناش باشقۇرۇش تارمىقىدىن  ياكى مال باھا سى ئۇرۇنلىردىن ئىسپات ئىلىپ ماشىنا تۇختاش زىيىنىنى ئىسپاتلاپ  زىيان تەلەپ قىلسا بۇلىدۇ.
  15.رۇھى زىيان تۇلىمى .رۇھى زىيان تۇلىمىنىڭ دۇلىتىمزدە بىرلىككە كەلگەن ئۇلچىمى يۇق .رۇھى زىيان تۇلىمى تۇلەشتە بەزىلەر ئۇلۇم تۇلەم پۇلى رۇھى زىيان پۇلى بىلەن ئۇخشاش دەپ قارايدۇ.ھەرقايسى جايلاردىكى سوت مەھكىمىللىرنىڭ قۇللاش ئەھۋالىمۇ ئۇ‍خشىمايدۇ.مىنىڭچە رۇھى زىيان تۇلىمىنى قۇللاش كىرەك .زىيانغا ئۇچرىغۇچى ئۇلۇپ كەتسۇن ياكى مىيىپ بۇلسۇن بۇنىڭلىق بىلەن شۇ كىشىگە ۋە ئائىلە تەۋەلىرگە بىر ئۇمۇرلۇك رۇھى ئازاپ  بۇلىدۇ،پەقەت بۇنىڭ دەرىجىسىلا ئۇخشىمايدۇ.رۇھى زىيان زىيانغا ئۇچرىغۇچىنىڭ تەلىپىگە ،رۇھى زىيانغا ئۇچراش دەرىجىسگە ،تۇرمۇش ،ئۇگۇنۇش ،خىزمەت ئەھۋالىغا تەسىر يەتكەن يەتمىگەنلىگىگە ،زىيانغا ئۇچرىغۇچىنىڭ يىشىغا ،جەمىيەتتىكى نام شۇھرىتگە قاراپ ،ئۇندىن باشقا مەسئۇليتى بار تەرەپنىڭ خاتالىق دەرىجىسگە ،ئىقتىسادى ئەھۋالىغا ،مۇشۇ ۋەقەنىڭ ئاقىۋىتىگە ،شۇ جاينىڭ ئىقتىسادى تەرەققىيات ئەھۋالىغا قاراپ  بەلگىلنىدۇ.
يۇقۇرقىلار قاتناش ۋەقەلىردىكى تۇلەم تۇرلىرى بۇلۇپ زىيانغا ئۇچرىغۇچى  مەسئۇليىتى  بار تەرەپتىن تۇلىتۋىلىش كىرەك .زىيانغا ئۇچرىغۇچى قاتناش ھادىسى ئىتىراپنامسىىنى ئالغاندىن ئىتىراپنامىدىكى  ھازىر قاتناش قۇراللىرنىڭ ھەممىسى مەجبۇرى سۇغۇرتىغا قاتناشتۇرلىدۇ .مەجبۇرى سۇغۇرتا ئادەتتە ماشىنىدا مەسئۇليەت بۇلغان چاغدا بىز يۇقۇردا دىيىلگەن چىقىملارنى 120000 يۇەننى ئەڭ يۇقۇرى چەك قىلىپ تۇلەيدۇ ،ئۇنىڭدىن ئىشىپ كەتكەن قىسمىنى قاتناش ھادىسى ئىتىراپنامىسىدكى مەسئۇليەت بۇيىنچە ئايرىپ تۇلەيدۇ.ماشىندا مەسئۇليەت بۇلمىسا سۇغۇرتا شىركىتى 12100 يۇەننى ئەڭ يۇقۇرى چەك قىلىپ تۇلەيدو .ماشىنلار ئىختىيارى قاتنىشىدىغان ئۇچۇنچى شەخىس سۇغۇرتىسى ،سۇدا سۇغۇرتىسىنىڭ تۇلەم تۇرى سۇممىسى ئادەتتە مەجبۇرى سۇغۇرتىنڭكىگە ئۇخشىمايدۇ. بۇ تۇرلەرنىڭ سۇغۇرتىلارنىڭ  ھىساپلىنىش ئۇسۇلى،تۇلەش شەرىتى  ،مىقدارى قاتارلىقلار ئۇخشاش ئەمەس. بىر قاتناش ھادىسىدە يۇقۇردىكى تۇلەم تۇرلىرنىڭ ھەممىسنىڭ ئۇخشاش  بۇلۇشى،بەزى تۇلەم سۇممىسى ئەمەلى ئەھۋالغا ،شارائىتقا قاراپ ئۇزگىرشى مۇمكىن. شۇڭا دەۋالاشقۇچىلار ئامال بار ئادۇۋكاتتىن مەسلىھەت سۇرىشى ياكى قانۇن ياردىمى مەركەزلىردىن قانۇن ياردىمى بىرىشنى ئىلتىماس قىلسىمۇ بۇلىدۇ.
شىنجاڭ دىنار دەرياسى ئادۇۋكاتلار ئورنىدىن : بەختىيار ئادوۋكات
  قانۇن  ھەققىدە مەسلىھەت سۇراش ئالاقە نۇمۇرى : _13239850499     18299819854     تۇر ئالاقىسى 1471561935
شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى

Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
كامال جامال
تىللا
1119
تۆھپە
903
UID
1310

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-2-9 11:13:35|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىلىۋىلىشقا تىگىشلىق ساۋاتلاركەن...........
سەكرا

Rank: 4

ئىسىمى
قۇربانجان
تىللا
288
تۆھپە
155
UID
4954
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-9 12:01:36|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى ماتىريالكەن، مۇشۇنداق ماتىرياللارنى كۆپرەك يوللاپ تۇرۇڭلار ......!

Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
زەمزەم
تىللا
711
تۆھپە
573
UID
2990
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-9 17:49:11|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئوقۇپ ئاخىرىغا بارغانچە ئەجەپ قورقۇپ قالدىم.
دىمەك، بىرەر قاتناش ھادىسىسىگە چېتىلىپ قالدىڭىز دىگەن گەپ، تۈگىمەس بالاغا قالدىڭىز دىگەن گەپتە. ھەممە يەردە ماشىنا سېتىۋىلىش دولقۇنى بولىۋاتقان مۇشۇ كۈنلەردە، يول- قاتناشقا دائىر يېڭى ئۇچۇر ۋە ئاساسى بىلىملەر بولسا كۆپرەك يوللاپ تۇرارسىز. رەھمەت تېمىڭىزغا! بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   zamzam تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-2-9 17:50  

ئۆزەڭنى بىل، ئۆزگىنى قوي!

Rank: 3Rank: 3

ئىسىمى
مەرھابا.مىجىت
تىللا
153
تۆھپە
59
UID
4844
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-9 20:49:05|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەجەپ ياخشى يوللاپسىز،رەھمەت.مۇشىنىڭغائوخشاش تۇرمۇش بىلەن بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك تىمىلىرىڭىزنىڭ مۇنبەر يۈزىدە يەنىمۇ كۆپلەپ كۆرىلىشىنى ئارزۇقىلىمەن.

Rank: 2

تىللا
102
تۆھپە
31
UID
5354
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-14 22:03:27|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇچۇنچى شەخىس مەجبۇرى سۇغۇرتىسىدا ۋەقە بۇلغان ماشىنىدا مەسئۇليە ت بۇلمىغا ن چاغدا ،ھاراق ئىچىپ ھەيدىگەندە،پىراۋىسىز ھەيدىگەندە سوغۇرتا شىركىتى ئەڭ يۇقۇرى چەكتە تۆلەش تۇلىمەسلىك تۇغرىسىدا قانۇنشۇناسلارنىڭ پىكرى بىردەك ئەمەس .مەن بۇنى ئەسكەرىتمەپتىمەن . يقىندا ئالى سوت مەھكىمىسى قانۇن ئىزاھاتى تۇزۇۋاتىدۇ .ئىلان قىلىنسا مەن بۇ مەسىلە ھەققىدە ئايرىم پىكىر بايان قىلىمەن .
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-6-5 05:29, Processed in 0.086281 second(s), 26 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991