كۆرۈش: 6086|ئىنكاس: 2

دىيابېت كېسىلى ياندىشىپ كەلگەن سېمىز كىشىلەر[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 3Rank: 3

تىللا
171
تۆھپە
68
UID
690
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-7 12:46:11|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

دىيابېت كېسىلى ياندىشىپ كەلگەن سېمىز كىشىلەر قانداق ئورۇقلىشى كېرەك؟



      بۇنداق كىشىلەر ئەڭ ئالدى بىلەن تاماقنى تىزگىنلەش، شۇنداقلا، بەدەن چېنىقتۇرۇشنى قەتئىي داۋاملاشتۇرۇش كېرەك. شۇنىڭ  بىلەن بىرگە دوختۇرنىڭ مەسلىھەتى بىلەن قاندىكى قەنتنىڭ مىقدارىنى چۈشۈرىدىغان دورىلارنى ئىشلىتىش لازىم. قاندىكى قەنتنىڭ مىقدارىنى چۈشۈرمىگەندە، دىيابېت كېسىلى ئېغىرلىشىپ، تۆۋەندىكى يانداشما كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ:
1. چوڭ قان تومۇر كېسەللىكى: مەزكۇر كېسەللىك تەرەققىي قىلسا، مېڭە ئارتېرىيە تومۇرلىرى قېتىش كېسەللىكى، تاجسىمان ئارتېرىيەلىك يۈرەك كېسەللىكى، پۇت- قول ئارتېرىيەلىرى قېتىش كېسەللىكى قاتارلىق كېسەللىكلەر كېلىپ چىقىدۇ.
2. ئۇششاق قان تومۇر كېسەللىكى: مەزكۇر كېسەللىكنىڭ سەۋەبىدىن ئۇششاق قىل قان تومۇرلار قېتىپ، تۆۋەندىكى كېسەللىكلەر كېلىپ چىقىدۇ:
① دىيابېت كېسىلى مەنبەلىك بۆرەك كېسەللىكى: بۇ كېسەللىكنىڭ دەسلەپكى ئىپادىسى سۈيدۈكتە ئاقسىل پەيدا بولىدۇ. بۆرەك ئىقتىدارى ئاستا- ئاستا ئاجىزلىشىپ، زەئىپلىشىش كېلىپ چىقىدۇ؛ ② دىيابېت كېسەللىكى مەنبەلىك كۆرۈش تور پەردە كېسەللىكى: بۇ خىل كېسەللىك تەرەققىي قىلسا، كۆرۈش تور پەردە ئۇششاق قان تومۇر ئۆسمىسىنى پەيدا قىلىدۇ. نەتىجىدە قان تومۇر ئۆسمىسى يېرىلىپ قاناپ، كۆزى كۆرمەس بولۇپ قالىدۇ؛ ③ دىيابېت كېسەللىكى مەنبەلىك يۈرەك مۇسكۇل كېسەللىكى: دىيابېت كېسىلى يۈرەك مۇسكۇلىنىڭ ئۇششاق قىل قان تومۇرلىرىدا قېتىش پەيدا قىلىپ، يۈرەك مۇسكۇللىرى ئومۇميۈزلۈك بۇزۇلۇپ، يۈرەك مۇسكۇل كېسەللىكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن يۈرەك مۇسكۇلى زەئىپلىشىدۇ. يۈرەك رىتىمسىزلىقى كېلىپ چىقىدۇ ھەمدە بەزىدە توساتتىن ئۆلۈپ قېلىش ھادىسىسى پەيدا بولىدۇ.
3. ئەتراپ نېرۋا كېسەللىكى: ئەتراپ نېرۋا كېسەللىكىنىڭ ئاساسلىق ئىپادىسى قول ھەم پۇتتا كۆپ ئۇچرايدۇ. بولۇپمۇ پۇتتا كۆپ ئۇچرايدۇ. بۇ ئورۇنلارنىڭ سېزىمچانلىقى تۆۋەنلەيدۇ. ئۇيۇشىدۇ ياكى ئاغرىيدۇ. ئېغىرلاشقاندىن كېيىن پۇت - قولنىڭ مۇسكۇلى يىگلەپ كېتىدۇ.
4. ياللۇغلىنىش: دىيابېت كېسەللىكىگە گىرىپتار بولغان كىشىلەردە ئاسانلا چىيقان پەيدا بولىدۇ، شۇنداقلا ئاسانلا ئۆپكە تۇبېركولۇز كېسەللىكىگە گىرىپتار بولۇپ قالىدۇ ھەمدە دوۋساق ياللۇغى، بۆرەك جامى بۆرەك ياللۇغى قاتارلىق كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتىمۇ ئىنتايىن يۇقىرى بولىدۇ. شۇڭلاشقا، بۇ خىلدىكى كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولغان سېمىز كىشىلەر بەدەن چېنىقتۇرۇش بىلەن تاماق تىزگىنلەشنى دورا بىلەن داۋالاشقا بىرلەشتۈرۈش لازىم. دىيابېت كېسەللىكىگە گىرىپتار بولغان سېمىز كىشىلەر بىگۋانىد تۈرىدىكى دورىلارنى ئىشلىتىش لازىم. بۇ تۈردىكى دورىلارنىڭ قان قەنتىنى تىزگىنلەشتىن باشقا، بەدەن ئېغىرلىقىنى چۈشۈرۈش رولىمۇ بار. چۈنكى بۇ تۈردىكى دورىلار ئىشتىھانى تىزگىنلەپ، تاماقنىڭ مىقدارىنى ئازايتىدۇ ھەمدە ئۈچەينىڭ قەنتنى، ئاممىياك كىسلاتاسىنى قايتىدىن سۈمۈرۈشىنى توسىدۇ، ماي پەيدا بولۇشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ، نەتىجىدە بەدەن ئېغىرلىقىنى چۈشۈرىدۇ ھەمدە قاندىكى ماينىڭ مىقدارىنى تۆۋەنلىتىدۇ.

ئۆزۈم تاپقان ماتېرىياللاردىن ئېلىندى.(بۇ تېما تەڭرىتاغ تورىغىلا مەنسۇپ)

شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى

Rank: 8Rank: 8

تىللا
1302
تۆھپە
942
UID
3175

ئاۋانگارت ئەزاقىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-2-7 19:38:24|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى يوللانمىكەن


Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
كامال جامال
تىللا
1119
تۆھپە
903
UID
1310

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-2-8 12:03:33|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تىمىڭىزغا رەخمەت............


سەكرا
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-6-5 06:53, Processed in 0.070781 second(s), 26 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991